版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/187404368.html

    «سىياسەتنامە»دىكى بىدئەتچىلەرگە ئائىت بايانلار(1)


    ئاپتورى:  ئەبۇ ئەلى ھۈسەيىن(نىزامۇل مۈلك)
    تەرجىمە قىلغۇچى: قۇربان تۇران



    قىرىق تۆتىنچى باب:
    مەزدەك ئىسيانى، ئۇنىڭ ئەقىدىسى، نوشىرۋان ئادىلنىڭ ئۇنى ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسىلىرىنى قانداق تارمار قىلغانلىقى قاتارلىقلارنىڭ بايانى


    دۇنيادا دىنسىزلىقنى تۇنجى بولۇپ تەشۋىق قىلغان كىشى پېرسىيە تۇپرىقىدا ياشىغان كەيقۇباد ئىبنى فىرۇز ۋە نوشىرۋان ئادىل زامانىدا ياشىغان مەجۇسىي (زورروئاستېر دىنى) ئەۋلىياسى مەزدەك بامبادان ئىدى (6- ئەسىردە ئۆتكەن). ئۇ مەجۇسىي ئەقىدىسىنى چىرىتىش كويىدا بولۇپ مۇرتلارنىڭ ئارىىسىغا نىزا ئۇرۇقلىرىنى چاچتى ۋە يېڭى خىياللارنى تەرغىپ قىلدى . ئۇ زاماندا بۇ ئىشلار مۇنۇ تەرىقىدە يۈز بەردى: مەزدەك ئىلمىي نۇجۇمغا كامىل زات بولغاچقا يۇلتۇزلار ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى بىر قەرنەدە مەلۇم بىر زاتنىڭ دۇنياغا كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئالدىن بىشارەت بەردى. ئۇ مەجۇسىي، يەھۇدىي، ناسارا ۋە بۇتپەرەستلەر دىنلىرىنىڭ ئىزىغا دەسسىتىدىغان بىر تۈرلۈك يېڭى دىننى تەرغىپ قىلىپ، مۆجىزىلەر ۋە كۈچ كۆرستىىش ئارقىلىق بۇنى ئىنسانلارغا تاڭدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ دىن قىيامەتكىچە داۋام قىلاركەن. مەزدەك خىيالىي توقۇلما ئارقىلىق ئۆزىنى كەلگۈسى دۇنيادا ۋۇجۇدقا كەلگۈسى ئاشۇ داھىي دەپ ئاتىدى؛ يەنە كىشىلەرنى يېڭى ئىبادەت يوسۇنىغا قانداق قىلسا مايىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى كېچە-كۈندۈز خىيالىدىن نېرى قىلالمىدى. شاھ ئوردىسىدا ئۆزىنىڭ ئالى ھۆرمەتكە ۋە يۈكسەك مەرتىۋىگە مۇيەسسەر ئىكەنلىكى، ئۆز سۆزىنىڭمۇ بەگ-تۆرىلەر ئارىسىدا تەڭداشسىز قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، ئوردا ئەھلى ھەرقاچان ئۇنىڭ ئەھمىيەتلىك سۆز قىلىدىغانلىقىغا شەك قىلمايدىغانلىقى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى. ئەمما ئۆزىنى ئالدىن بىلگۈچى ئەۋلىيا-پەيغەمبەر دېسە كىشىلەرنىڭ قانداق ئويلايدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى شەپقەت قىلغان مۇرتلىرىغا بىر لەخمە قېزىشنى بۇيرۇدى. ئۇلار شەپىسىز بىر لەخمە قېزىپ بىر ئۇچىنى ئاتاشپەرەستلەر ئىبادەتخانىسىدىكى لاۋىلداپ ئوت كۆيىدىغان جايغا ئۇلىدى ۋە ئېغىز ئاچتى. ئاندىن پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن مەجۇسىي ئەقىدىسىنى يېڭىۋاشتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئەۋەتىلدىم. ئىنسانلار ھازىر ‹ئاۋىستا› بىلەن ‹زەند› نى ئۇنتۇپ مەجۇسىينىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى قىلماس بولۇۋالدى. ئەينى ۋاقىتتا بەنى ئىسرائىل ئاشۇنداق قىلغاندى. ئۇلار مۇسا پەيغەمبەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ‹تەۋرات›قا ئىتائەت قىلىش ۋە ئەمەل قىلىشنى رەت قىلدى. ئۇ پەيغەمبەردىن بىرنى («تەۋرات» سۈپىتى ئېتىراپ قىلىنغان) ئەۋەتىپ قارشى چىققۇچىلارنى بەنى ئىسرائى قەۋمى ئارىسىدىن قوغلاپ چىقاردى. ئۇ پەيغەمبەر «تەۋرات» نىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ كىشىلەرنى توغرا يولغا يېتەكلىدى. ھازىر بولسا مەن مەجۇسىي ئەقىدىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە، ئىنسانلارنى توغرا يولغا يېتەكلەشكە ئەۋەتىلدىم». بۇ سۆزلەر ئايلىنىپ بېرىپ پادىشاھ كەيقۇبادنىڭ (مىلادىيە 487-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان ساسانىيلارنىڭ 11-شاھى) قۇلىقىغا يەتتى.
    ئەتىسى كەيقۇباد بەگ-تۆرىلەرنى چاقىرتىپ خاتالىقنى توغرىلاش مەقىسىتىدە قوبۇل ئۆتكۈزدى. ئۇ مەزدەكنى چاقىرتىپ كېلىپ: «سەن پەيغەمبەرمۇ؟» دەپ سورىدى. مەزدەك: «شۇنداق، بەندىلىرىمىز مەجۇسىي ئەقىدىسىنى ۋە ئۇنىڭ نۇرانە سىماسىنى شۈبھىگە ۋە قاراڭغۇ زۇلمەتكە ئەسىر قىلىپ قويغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەسلى شەۋكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئەۋەتىلگەنمەن. ئىنسانلار ‹ئاۋىستا› بىلەن ‹زەند› نى ئۆز تىلىغا ئاغدۇرغاندا خاتالاشقان. كەمىنە ئاشۇ خاتالارنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ئۇلارغا كۆرسەتمەكچىمەن» دېدى. كەيقۇباد: «سۆزلىرىڭنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە بىرەر مۆجىزە كۆرسىتەلەمسەن؟» دەپ سورىغاندا مەزدەك: «ئوتنى سۆزلىتەلەيمەن، بۇ ئوتنى سەن جەننەت ۋە قىبلە تەرەپتىكى ئوت دەپ چۈشەنگىن. تەڭداشسىز قۇدرەتلىك خۇدا مېنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلاشنى بۇيرۇيدۇ. بۇنى خەلقىئالەمنىڭ ھەممىسى ئاڭلايدۇ» دېدى. كەي قۇباد: «ئەي ئەجەم بەگلىرى، مەزدەكنىڭ بۇ گېپىگە نېمە دەيسىلەر؟» دەپ سوئال قويدى. كەي قۇبادنىڭ دىندارلىرى: «ئۇ بىزنى ئۆز ئېتىقادىمىزدىن ۋە مۇقەددەس دەستۇرىمىزدىن ۋاز كەچمەسلىككە چاقىرىۋاتىدۇ، ئۇ مەجۇسىي دىنىغا قارشى ئەمەس. ئەمىلىيەتتە ‹ئاۋىستا› بىلەن ‹زەند› نىڭ بەزى ئابزاسلىرىدىن مەنىسى ئوخشاشمايدىغان ئون جاينى كۆرسىتىپ بېرەلەيمىز. ھالبۇكى بۇ بۆلەكلەرنىڭ مەنىسى ھەققىدە ۋە تەرجىمىسى ھەققىدە كاھىن دىندارلار ئۆز گېپىنى يورغىلىتىدۇ. ئۇ بەلكىم مۇشۇنداق بۆلەكلەرنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل تەرجىمىسىنى بىلەر، ئۇنىڭ ئوتنى زۇۋانغا كەلتۈرىمەن دېيىشى بىر مۆجىزە. بۇ ھەقتە پادىشاھ ئالىيلىرى ئەڭ دانادۇر» دېيىشتى. كەي قۇباد مەزدەككە بۇرۇلۇپ: «ناۋادا سەن ئوتنى سۆزلىتەلىسەڭ سېنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىڭنى ۋە ئېيتقان ۋەزلىرىڭنى قوبۇل كۆرىمەن» دېدى. مەزدەك: «پادىشاھ ئالىيلىرى بىر ۋاقىتنى بەلگىلەي، شۇ چاغدا ئالىيلىرى ۋە بارچە بەگ-كاھىنلار ئوت ئىبادەتخانىسىغا كېلىپ مېنىڭ تەلىپىمگە بىنائەن شەرەپلىك ۋە تەڭداشسىز ئوتنى سۆزلەتكىنىنى كۆرسۇن. خۇدا مۇۋاپىق كۆرسە پادىشاھ بەلگىلىگەن ئاشۇ كۈن، ئاشۇ دەقىقىدە ئوت زۇۋانغا كىرىدۇ» دېدى. كەي قۇباد: «ئەمىسە ئەتىلا ئوت ئىبادەتخانىسىغا بارايلى» دېدى. ئەتىسى مەزدەك مۇرتلىرىدىن بىرنى ھېلىقى لەخمىگە كىرگۈزۈپ مۇنداق دېدى: «مەن ھەر قېتىم كۆككە قاراپ گۈلدۈرلىگەن ئاۋازدا نىدا قىلغىنىمدا سەن لەخمىدە تۇرۇپ : ‹ئەجەم دىيارىدىكى يورۇقلۇققا بەيئەت قىلغۇچى ئىنسانلار، مەزدەكنىڭ سۆزىنى تىڭشاڭلار، شۇندىلا ئىككىلا ئالەمدە ئوخشاشلا روناق تاپىسىلەر› دېگىن».
    دېيىشكەن ۋاقىتتا كەي قۇباد ۋە بەگ-كاھىنلار ئوت ئىبادەتخانىسىغا قاراپ يىغىلىشتى. مەزدەك چاقىرىلىپ ئوتنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلدى. ئۇ ئوتقا قاراپ ئەپسۇن ئوقۇپ كارنىيى يىرتۇلغۇدەك ئاۋازدا كۆككە قاراپ مەجۇسىيغا ھەمدۇ-سانا ئوقۇدى ۋە جىمىپ قالدى. شۇ چاغدا ئوت سىرتىدىن بىز يۇقۇرىدا بايان ئەيلىگەن مەزمۇن ئاڭلاندى. پادىشاھ ۋە بارلىق بەگ-كاھىنلار ھەيرانۇ ھەس بولۇشتى. كەي قۇباد مەزدەككە قول بېرىپ ئوت ئىبادەتخانىسىدىن ياندى. شۇنىڭدىن تارتىپ كەي قۇباد ھەر كۈنى مەزدەكنى يېنىغا چاقىرىپ سۆھبەتلەردە بولدى ۋە ئاخىرقى يوسۇندا ئۇنىڭغا ئىشەندى. ئۇ مەزدەككە لەئىل-ياقۇتتىن كۆزلەر قويۇلغان ئالتۇن تاج ئىنئام قىلىپ، بۇ تاجنى قوبۇلخانىدىكى مېھرابقا قويۇپ قويۇشنى ئەمىر قىلدى. قوبۇلخانىدا كەي قۇباد مېھرابقا چىقسا مەزدەك تەختكە چىقىپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئورنى كەي قۇبادتىنمۇ يۇقۇرى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر مەزدەكنىڭ دىنىغا كىرىشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ بەزىسى خوشاللىق بىلەن كىرسە بەزىلىرى پادىشاھقا بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىن كىرگەندى. ئۇنىڭدىن سىرت، ھەرقايسى ئۆلكە ۋە ۋىلايەتلەردىن تۈركۈم-تۈركۈم كىشىلەر ئاستانىگە كېلىپ ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن رەۋشتە مەزدەكنىڭ دىنىغا كىرىشكە باشلىدى. كۆپ سانلىق تۆرىلەر، دېھقانلار ۋە لەشكىرىي خادىملار بۇ دىنغا ئۇنچىۋالا سەكپارە بولۇپ كەتمىدى. ئەمما پادىشاھقا بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئۇلار ئارتۇقچە بىر نەرسە دېيىشكە ئاجىز ئىدى. كاھىنلاردىن ھېچكىممۇ مەزدەكنىڭ دىنىغا ئەگەشمىدى. ئۇلار: «قېنى ئۇ ‹ئاۋىستا› بىلەن ‹زەند› تىن ئۆز دەلىلىنى كۆرسەتسۇن دېيىشتى.
    مەزدەك پادىشاھنىڭ ئۆزىگە شەكسىز ئەقىدە قىلغانلىقىنى، يىراق-يېقىن جايلاردىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە مۇرىت بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن مال-دۇنيانىڭ گېپىگە ئۆتۈپ مۇنداق دېدى: «بايلىق جەزمەن كىشىلەر ئارىسىغا تەقسىملىنىشى كېرەك. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ قۇللىرى ۋە ئادەم ئاتىنىڭ بالىلىرى. بەندىلەر ھەرقانداق نەرسىگە مۇھتاج بولسا ئەل جۇغلانمىسىدىن ئالسۇن، شۇنداق بولغاندا ھېچكىممۇ ئازاب-ئوقۇبەت چەكمەيدۇ. ھەممىلا ئادەم باراۋەر بولىدۇ». ئۇ كەيقۇباد ۋە ئۇنىڭ ھەقەمسايىلىرىنى بۇ پىكىرگە قايىل قىلغاندىن كېيىن ئۇلارمۇ بايلىقنى تەڭ تەقسىملەشكە قوشۇلۇشتى. ئاندىن ئۇ كەيقۇبادقا: «سېنىڭ ئاياللىرىڭمۇ بايلىققا ئوخشاشتۇر. شۇڭا ئۇلارمۇ رەئىيەتنىڭ ئورتاق مۈلكى دەپ قارىلىشى كېرەك. بىر ئەركەك ئايال زاتىغا تەشنا بولغاندا ئۇلار بىرگە بولسۇن. دىنىمىزدا رەشىك ۋە ئاداۋەتكە ئورۇن يوق. ھېچكىمنىڭمۇ شادلىق ۋە شەھۋىتى چەكلەنمەيدۇ. شۇڭا ئۈمىد ۋە قانائەت ئىشىكى ھەممىلا كىشىگە ئوچۇقتۇر» دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئاياللاردىن بەھرىمەن بولۇش سەۋەبىدىن كىشىلەر ئۇنىڭ دىنىغا تېخىمۇ ئىشتىياق بىلەن كىرىشكە باشلىدى. نامرات-كەمبەغەللەر تېخىمۇ شۇنداق قىلدى. مەزدەكنىڭ يوسۇنى بويىچە ناۋادا بىراۋ 20 كىشىنى ئۆيىگە چاقىرسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا نان، مەي-شاراب، گۆش تىزىپ ناخشا-ئۇسۇل بىلەن كۆڭلىنى ئاچاتتى. بارلىق مېھمانلار يەنە بىر-بىرلەپ ئۇنىڭ ئايالىدىن بەھرىمەن بولسا بولاتتى. ئۇلارچە بۇنىڭ ھېچ خاتاسى يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە ھەرقانداق ۋاقىتتا ئەرلەر ھوجرىغا كرىىپ ئاياللار بىلەن بىرگە بولغاندا بۆكىنى ئىشىك ئالدىغا ئىلىپ قوياتتى. ناۋادا شۇ ۋاقىتتا باشقا بىر ئەركەك شۇ ھوجرىنى ئىستىلا ئەتمەكنى ئەيلەپ كەلگەن بولسا، ئىشىك ئالدىدا ئىلىقلىق تۇرغان بۆكنى كۆرۈپلا ئۆزلۈكىدىن ئارقىغا ياناتتى.
    كېين نوشىرۋان ئادىل (مىلادىيە 531-يىلىدىن 579-يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان ساسانىيلار شاھى) كاھىنلارنىڭ يېنىغا يوشۇرۇنچە كىشى ئەۋەتىپ: «نېمە ۋەجىدىن بۇنچە سۈكۈت قىلىسىلەر؟ نېمە ۋەجىدىن مەزدەك توغرىسىدا ئاتامغا نەسىھەت قىلىپ ئۇنىڭ يالغان ياۋىداقلىرىغا چىنپۈتمەسلىكنى ئېيتمايسىلەر؟ ئاتامغا ئۇ قانداق قىلىپ كىشىلەرنىڭ كۆزىنى بويىيالىدى؟ بۇ ئىت مۇناپىق قانداقلارچە بەندىلەرنىڭ مال دۇنياسىنى توزۇتۇپ، ئاياللارنىڭ روماللىرىنى يىرتىپ تاشلاپ پۇقرالارنى ھەممە نەرسىگە خوجايىن قىلىپ قويدى؟ دەپ سوئال قويمايسىلەر؟ ئاندىن ئاتامدىن سەلتەنەت دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ كىمنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بويىچە مۇشۇنداق ئەخمىقانىلىكلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ چىقىڭلار. سۈكۈتتە تۇرىۋەرسەڭلار مال-مۈلكۈڭلاردىن ۋە ئاياللارىڭلاردىن جۇدا بولىسىلەر، سەلتەنەتمۇ جەمەتىمىزنىڭ قولىدىن چىقىپ ئۈچۈپ كېتىدۇ. ئاتامنىڭ ئالدىغا بېرىپ بۇ ھەقتە ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىڭلار. ئاندىن بېرىپ مەزدەك بىلەن مۇنازىرىلىشىڭلار، قېنى ئۇنىڭ قانداق دەلىلى باركىن» دېدى. ئارقىدىنلا ئۇ بەگ-تۆرىلەرگە مەكتۇپ كىرگۈزۈپ: «ئاتامنىڭ كۆزىنى ئەندىشە تۇمانلىرى قاپلىۋالدى، دانالىقى زەخمە يىدى ۋە ياخشى-ياماننى ئايرىيالمايدىغان چەككە يەتتى. بۇنىڭ بىر ئىلاجىنى قىلىڭلار. مەزدەكنىڭ گېپىگە كىرىپ ئاتامدەك ئالدانماڭلار. بۇ دېگەن ئالدامچىلىق. كاززاپلىقنىڭ ئۆمرى ھېچقانچە ئەمەس، بۇ سىلەرنىڭ كەلگۈسىڭلارغىمۇ زىيانلىق» دېدى.
    بەگلەر نوشىرۋان ئادىلنىڭ مەكتۇپىنى كۆرۈپ ۋەھىمىگە پاتتى. ئۇلارنىڭ بەزىسى مەزدەكنىڭ دىنىغا مايىل بولسىمۇ نوشىرۋاننىڭ مەكتۇپىنى كۆرگەندىن كېيىن ھوش-كاللىسىنى يىغىۋېلىشتى ۋە: «مەزدەكنىڭ باشلىغان ئىشى قاياققا ماڭاركىن دەپ سىناق نەزەرىمىزدە قاراپ باققاندۇق. نوشىرۋاننىڭ ھۆكۈمىنىڭ ئاساسىنى بىلىپ باققۇمىز بار» دېيىشتى. شۇ چاغدا نوشىرۋان 18 ياشتا ئىدى.
    كاھىنلار باش قوشقاندىن كېيىن كەي قۇبادنىڭ ھوزۇرىغا باردى ۋە: «ئادەم ئاتىدىن زامانىمىزغىچە ھېچبىر تارىخنامىلەردىن مەزدەك تەرغىپ قىلغاندەك ئادالەتسىزلىكنى كۆرگەن ئەمەسمىز. شام زىمىنىدا ياشاپ ئۆتكەن پەيغەمبەرلەردىنمۇ بۇ توغرىسىدا ئاڭلىغان ئەمەسمىز. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بىز ئۈچۈن كۆڭۈل ئاينىيدىغان ئىش بولدى» دېدى. كەي قۇباد: «بېرىپ مەزدەككە ئېيتىڭلار، ئۇ نېمە دەيدىكىن؟» دېدى. ئۇلار مەزدەكنىڭ يېنىغا بېرىپ: «ئېيتقانلىرىڭنىڭ دەلىلى بولسا كۆرسەتكىن» دېيىشتى. مەزدەك: «مەجۇسىينىڭ پەرمانى شۇنداق، شۇڭا ئۇلار ‹ئاۋىستا› ۋە ‹زەند› كە پۈتۈلگەن. ئەمما ئىنسانلار بۇنى ئۆز تىلىغا ئاغدۇرۇشنىڭ يولىنى بىلمەيۋاتىدۇ. ناۋادا سۆزۈمدىن شۈبھىلەنسەڭلار بېرىپ ئوتتىن سوراپ كۆرۈڭلار» دېدى. ئۇلار يېنىپ ئوت ئىبادەتخانىىسىغا بېرىپ يۇقىرىقى ئېيتمىشلىرىنى ئوت ئىلاھىغا بايان ئەيلىۋىدى ئوت ئىچىدىن: «مەزدەكنىڭ ئېيتقانلىرى بەرھەق، سىلەر يالغان دىندىسىلەر» دېگەن نىدا ئاڭلاندى. كاھىنلار رەڭگى-روھىدىن قان دىدارى قېچىپ قايتىشتى. ئەتىسى ئۇلار نوشىرۋاننىڭ يېنىغا بېرىپ بولغان ئىشنى بايان قىلدى. نوشىرۋان: «مەزدەك ئاتەش دىنىغا ۋارىسلىق قىلغان ئۇنىڭ دىنى ئىككى نەرسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئاتەش دىنىغا ئوپمۇ ئوخشاش» دېدى.
    بۇ ئىشلارغا ھېچكىممۇ ئېتىبار بەرمىدى. شۇ تەرىقىدە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى. بىر كۈنى كەيقۇباد مەزدەك بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرۇپ: «كىشىلەر دىنىمىزغا خوشاللىق بىلەن كىرىۋاتامدۇ؟» دەپ سورىدى . مەزدەك: «نوشىرۋان ئىجازەت قىلغان بولسا ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىرەتتى. ئەپسۇس، ئۇ تولىمۇ جاھىل ئىكەن. دىنىمىزنى زادىلا قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ» دېدى. كەي قۇباد: «سېنىڭچە ئۇ دىنىمىزنى قوبۇل قىلمىدىمۇ؟» دەپ سورىغاندا مەزدەك: «شۇنداق» دېدى. شۇنىڭ بىلەن كەيقۇباد نوشىرۋاننى ئېلىپ كېلىشكە ئەمىر قىلدى. ئۇ كەلگەندە كەي قۇباد: «سەن مەزدەكنىڭ دىنىغا مۇرت بولمىدىڭمۇ؟» دەپ سورىدى. نوشىرۋان: «شۇنداق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقىلا خاستۇر» دېدى. كەي قۇباد: «نېمە ۋەجىدىن» دەپ سورىۋىدى، نوشىرۋان: «ئۇ بىر كاززاپ» دېدى. كەيقۇباد: «كاززاپ دېگىنىڭ نىمىسى؟ ئۇ ئوتنى سۆزلەتتى» دېدى. نوشىرۋان: «تۆت نەرسە ئۆزئارا زىت. بۇلار رەڭسىز سۇ، ئوت، تۇپراق ۋە شامالدۇر. قېنى ئۇ ئوتنى سۆزلەتكەندەك سۇ، تۇپراق ۋە شامالنى سۆزلىتىپ باقسۇن. شۇ چاغدا مەن ئۇنىڭغا قول بېرىمەن» دېدى. كەي قۇباد: «ئەمما ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى ‹ئاۋىستا› بىلەن ‹زەند›نىڭ ئاغدۇرمىسى» دېدى. نوشىرۋان ‹ئاۋىستا› بىلەن ‹زەند›نى پۈتكەن پەيغەمبەرلەر بايلىق ۋە ئاياللارنىڭ خالىغانچە بەھرىمەن بولىدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئەمەس. شۇنچە يىللاردىن بۇيانمۇ ھېچقانداق ئۆلىما بۇنداق ھۆكۈمنى ئاغزىدىن چىقارغان ئەمەس. دىننىڭ مەۋجۇت بولۇشى بايلىق بىلەن ئاياللارنى قوغداش ئۈچۈندۇر. ناۋادا بۇ ئىككىسىگە چەك قويۇلمىسا ئىنسان بىلەن ھايۋاننىڭ نېمە پەرقى بولسۇن؟ ھايۋانلار يېمەكلىكتىن ۋە جۈپتىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ. ئەقىل ئىگىسى بولغان ئىنسان ئۇنداق قىلمايدۇ» دېدى. كەيقۇباد: «شۇنداقمۇ دەيلى، نېمە ۋەجىدىن ئاتاڭغا قارشى چىقىسەن؟» دەپ سوئال قويدى. نوشىرۋان: «مەن ئۇ يوسۇنلارنى سېنىڭدىن ئاڭلىدىم، ئەمما ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇلار يوسۇن ھېسابلانمايتتى. سېنىڭ ئاتاڭغا قارشى چىققىنىڭنى كۆرگەندىن كېيىن مەنمۇ ئاتامغا قارشى چىقتىم. ناۋادا ئاشۇ دىندىن ۋاز كەچسەڭ يېنىڭغا قايتىپ بارىمەن» دېدى. كەيقۇباد ۋە مەزدەك نوشىرۋان بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئاخىرقى ھېسابتا ئاز-تولا كېلىشىپ قالدى ۋە ئۇنىڭغا: «مەزدەك دىنىنى خاتا دىسەڭ دەلىلىڭنى كۆرسەت ياكى مەزدەكنى بېسىپ چۈشكۈدەك ۋەزنى بار سۆز قىلالايدىغان بىرەرىنى ئېلىپ كەل. ئۇنداق قىلالمىساڭ باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن ساڭا جازا بېرىمىز» دېدى. نوشىرۋان: «ئەمىسە ماڭا 40 كۈنلۈك مۆھلەت بېرىڭلار. مەن سىلەرگە دەلىلىمنى كۆرسىتىمەن ياكى بىراۋنى باشلاپ كېلىپ مەزدەكنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىمەن» دېدى. ئۇلار ماقۇل بولۇشتى. شۇنىڭ بىلەن نوشىرۋان قايتىپ چىقتى.
    ئاتىسىنىڭ ئوردىسىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن نوشىرۋان بولغان ئەھۋالنى مەكتۇپقا يېزىپ چاپارمەندىن جۇرجان شەھىرىنىڭ پارس ئاۋۇلىدىكى مەلۇم دانىشمەنگە ماڭدۇردى ۋە ئۇنىڭ تېزدىن يېتىپ كېلىشىنى ئۇقتۇردى.
    40 كۈنلۈك سۈرۈك توشقاندا پادىشاھ قوبۇلغا چاقىردى. ئۇ مېھرابقا چىقىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن مەزدەك شاھلىق تەختىگە چىقىپ جايلاشتى. كەيقۇباد نوشىرۋاننى ئېلىپ كىرىشنى بۇيرۇدى. مەزدەك قۇبادقا: «ئۇنىڭدىن قانداق دەلىل تاپقانلىقىنى سوراپ كۆرەيلى» دېدى. كەي قۇباد: «قېنى دەلىلىڭنى كۆرسەت!» دېۋىدى نوشىرۋان: «تەييارلىماقتىمەن» دېدى. مەزدەك: «تەييارلىققا بېرىلگەن سۈرۈك ۋاقتى ئاللىقاچان توشقان، ئۇنى قاتتىق جازالىماي بولمايدۇ» دېدى. كەيقۇباد بولسا سۈكۈت قىلىپ زۇاۋان سۈرمىدى. مەزدەك ئىككى ياندا تۇرغان ياساۋۇللارغا نوشىرۋاننى ئېلىپ مېڭىشقا كۆز ئىشارىسى قىلدى. ئۇلار نوشىرۋانغا قاراپ ماڭغاندا ئۇ قولىنى ئىشىك كېشىكىنىڭ بىر بۇرجىكىگە قويۇپ تۇرۇپ: «ئوغلۇڭنى خاراپ قىلىشقا نىمىشقا شۇنچە ئالدىراپ كەتتىڭ؟ سۈرۈك ۋاقتى تېخى توشمىغاندىغۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «بۇ نېمە دېگىنىڭ؟» دەپ سورىۋىدى ئۇ: «مەن 40 كۈنلۈك مۆھلەت تەلەپ قىلغانىدىم. ئۇنىڭ ئىچىدە بۈگۈنمۇ بار. شۇنىڭدىن كېيىن نېمە قىلساڭلار ئىختىيار ئۆزۈڭلاردا» دېدى. سانغۇنلار ۋە دىندارلار: «ئۇنى ئيېتقىنى ھەقىقەت، مۆھلەت ۋاقتى 40 كۈن، بىر كۈنمۇ كەم بولمىسۇن» دەپ توۋلاشتى. كەيقۇباد: «بۈگۈنچە ئۇنى قويۇۋېتىڭلار» دېدى. ياساۋۇللار ئۇنى قويۇۋەتكەندىن كېيىن نوشىرۋان مەزدەكنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ چىقتى.
    كەيقۇباد قوبۇلخانىدىن قايتقاندىن كېيىن كىشىلەرمۇ تارقىلىشتى. مەزدەك بىلەن نوشىرۋانمۇ ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى. شۇ چاغدا نوشىرۋان پارس دىيارىدىن چىللىغان ئۆلىما يۈگۈرۈك تۆگىدە يېتىپ كەلگەنىدى. ئۇ توختىماي نوشىرۋان ئادىلنىڭ ئوردىسىنى سوراشتۇرۇپ تۆگىسىدىن چۈشتى ۋە ئوردىغا قاراپ ئوقتەك ئېتىلدى. ئۇ چاكارلارغا: «بېرىپ نوشىرۋانغا پارستىن كەلگەن ئۆلىما كەلدى، دەپ مەلۇم قىل» دېدى. قۇل ئۇچقاندەك كىرىپ مەلۇم قىلىۋىدى نوشىرۋان يۈگۈرۈپ دېگۈدەك چىقىپ ئۇنى قۇچاقلىغىنىچە: «ئەي ئۇستاز، پېقىر ھازىرلا باشقا بىر دۇنيادىن قايتىپ كەلدىم» دېدى. ئاندىن ئۇ ئۆلىماغا بولغان ئىشلارنى تەپسىلى دەپ بەردى. ئۆلىما: «ئالدىراش ھاجەتسىز، ئىشلار سەن دېگەندەكلا بولسا سەن توغرا قىپسەن، مەن سېنىڭ ۋەكىلىڭ بولۇپ مەزدەككە جاۋاپ قىلىمەن، كەيقۇبادمۇ قىلغانلىرىغا پۇشايمەن يەيدۇ ۋە توغرا يولغا قايتىدۇ. ئەمما قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىمنى مەزدەك بىلمەستە كەيقۇبادنىڭ يېنىغا بىر بېرىپ كېلەيلى» دېدى. نوشىرۋان: «بۇ ئاسان، بۈگۈن كەچتە يالغۇز مۇلاقەتتە بولسەن» دېدى. ئەسىر ۋاقتى بولغاندا نوشىرۋان ئاتىسىنىڭ ئوردىسغا بېرىپ قوبۇلغا ئىجازەت سورىدى. ئاتىسى بىلەن ئايرىم قالغاندا: «پارستىن بىر ئۆلىما كەلدى، ئۇ مەزدەك بىلەن جاۋابلاشماقچى. ئەمما ئۇ پادىشاھ بىلەن ئايرىم دىدار مۇلاقەتتە بولۇپ سۆزلىشىشتە چىڭ تۇرۇۋالدى. قېنى ئۇنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىنى كۆرۈپ باقمامدۇق» دېدى. كەي قۇباد: «ئوبدان گەپ بولدى، ئۇنى باشلاپ كەل» دېدى.
    نوشىرۋان ئۆز قەسرىگە قايتىپ قاراڭغۇ چۈشكەندە ئۆلىمانى باشلاپ پادىشاھنىڭ ھوزۇرىغا باردى. ئۆلىما پادىشاھقا ئالقىش سۆزلەرنى ياغدۇرۇپ ئاتا-بوۋىلىرىغا مەدھىيە ئوقۇدى. ئاندىن پادىشاھقا قاراپ: «مەزدەك مەھكۇملۇققا پاتتى، بۇ خىزمەت ئۇنىڭغا تالىق ئەمەس ئىدى» دېدى. كەي قۇباد: «قانداق بىلدىڭىز؟» دەپ سورىدى. ئۆلىما مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئۇنى بەش قولدەك بىلىمەن، ئىلمىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىدىنمۇ خەۋىرىم بار. ئىلمى نۇجۇمدىن ئاز-تولا خەۋىرى بولسىمۇ يۇلتۇزلارنىڭ بۇيرۇقى ھەققىدىكى بايانلىرى خىيالىغا كەلگەنچە توقۇلغان. بىشارەتلەردىن مەلۇمكى، يۈز بەرگەن بىر قاتار ئىشلار پەيغەمبەر بولىدىغان بىر زاتنىڭ دۇنياغا كېلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا بىر يېڭى كىتاب بېرىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ كارامەتلىك مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، كۆكتىكى ئاينىڭ يېرىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ئۇ پەيغەمبەر كىشىلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ نۇرلۇق يولىغا باشلايدۇ ۋە بىر تۈرلۈك مۇقەددەس دىننى بەرپا قىلىدۇ. مەجۇسىي دىنى ۋە باشقا بارلىق دىنلارنى يوقىتىدۇ. ئىنسانلارنىڭ جەننەتكە كىرىشىدىن خۇش خەۋەر بېرىپ دوزاخقا چۈشۈشىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ بايلىقى ۋە ئاياللىرىنى قوغدايدۇ، شەيتاندىن نېرى بولۇپ پەرىشتىلەر بىلەن بىر بولىدۇ. ئوت ئىبادەتخانىلىرى ۋە بۇتخانىلارنى چېقىپ تاشلايدۇ. ئۇنىڭ دىنى پۈتۈن جاھانغا تارقىلىپ تا قىيامەتكىچە داۋام قىلىدۇ. ئاسمان ۋە زىمىن ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ. ھازىر مەزدەك ساددا كىشىلەرنى كولدۇرلىتىپ ئۆزىنى ئاشۇ پەيغەمبەر مەن، دەۋاپتۇ. ئەمما ئۇ ئەجەملىك، كەلمەكچى بولغان پەيغەمبەر بولسا ئەرەپ ئۇرۇقىدىن. ئۇ كىشىلەرنى ئوتقا چوقۇنۇشتىن توسۇپ مەجۇسىي دىنىنى ئىنكار قىلىدۇ. مەزدەك بولسا، مەجۇسىي ئەقىدىسىنى قوغلىشىپ كىشىلەرنى ئوتقا چوقۇنۇشقا يېتەكلەيدۇ. پەيغەمبەر بولغۇسى ئۇ زات بىر ئەركەكنىڭ يەنە بىر ئەركەكنىڭ ئايالىغا كۆز قىرىنى سېلىشىنى، باشقىلارنىڭ يىڭنە چاغلىق مۈلكىنى ئىگىلىۋېلىشىنى چەكلەپ بىر دىنار چاغلىق نەرسىسىنىمۇ قاقتى-سوقتى قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ. خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئىككى قولىنى كېسىشكە ئەمىر بېرىدۇ. مەزدەك بولسا بايلىقنى ۋە ئاياللارنى ئومۇمنىڭ قىلىۋېلىشىنى تەرغىپ قىلىدۇ. پەيغەمبەرگە پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كېلىدۇ ۋە پەرىشتىلەرنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن سۆز قىلىدۇ. پەيغەمبەر بىر يېڭى كىتاب ئەپكېلىدۇ. مەزدەك بولسا، ‹ئاۋىستا› بىلەن ‹زەند›تىن باشقىنى بىلمەيدۇ. مەزدەكنىڭ دىنىدا ئاساس كەمچىل. ئەتە مەن ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ رەسۋاسىنى چىقىرىپ خاتالاشقانلىقىنى دەلىللەيمەن. شۇنداقلا ئۇنىڭ شاھلىقنى ئالىيلىرىنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىشنى قەستلەپ بايلىقلىرىنى توزۇتىۋاتقانلىقىنى، ئالىيلىرىنى قۇللار بىلەن بىر قاتارغا مەھكۈم قىلىپ قويغانلىقىنى دەلىللەيمەن». ئۇنىڭ سۆزلىرى پادىشاھنى تولىمۇ مەمنۇن قىلدى. كەيقۇباد ئەتىسى قوبۇلخانىغا كىردى. مەزدەك شاھلىق تەختىگە چىقىپ جايلاشتى. نوشىرۋان مېھرابنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆرە تۇردى. كاھىنلار، ئۆلىمالار ۋە بەگلەرمۇ تېگىشلىك جايدىن ئورۇن ئېلىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن پارستىن كەلگەن ئۆلىما مەزدەككە قاراپ: «سەن ئاۋال سوئال قويامسەن ياكى مەن ئاۋۋال سوئال قويامدىم؟» دەپ سۆز باشلىدى. مەزدەك: «ئاۋۋال مەن سوراي» دېدى. پارسلىق ئۆلىما: «ناۋادا سەن سوئال سورىغۇچى مەن جاۋاب بەرگۈچى بولسام سەن مەيەرگە كېلىپ مېنىڭ ئورنۇمدا تۇر، مەن سېنىڭ ئورنۇڭدا ئولتۇراي» دېدى. مەزدەك بەكلا ئۇيالدى ۋە : «مېنى بۇ يەرگە پادىشاھ ئولتۇرغۇزغان، سەن سورا، مەن جاۋاب بېرەي» دېدى. ئۆلىما: «سەن بايلىقنى ئومۇمنىڭ قىلدىڭ، ئۆتەڭ-ساراي سېلىش، يول-كۆۋرۈك ياساش قاتارلىق ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار كەلگۈسىدە بۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ دىدىڭ، شۇنداقمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «شۇنداق» دېدى. ئۆلىما: «ناۋادا بايلىق باشقا كىشىلەر بىلەن تەڭ بۆلۈشىۋېلىنسا كىشىلەر ياخشى ئىش قىلغاندا ئۇنىڭ مۇكاپاتى كىمگە بولىدۇ؟» دەپ سوئال قويدى. مەزدەك زۇۋان سۈرەلمەي قالدى. ئۆلىما گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «سەن ئاياللارنى ئورتاق پايدىلىنىدىغان بايلىققا ئايلاندۇرۇپسەن، مىسالەن 20 ئەر بىر ئايال بىلەن بىللە بولۇپ بۇ ئايالنى ھامىلدار قىلىپ قويسا، ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان بالا كەلگۈسىدا كىمنىڭ بولىدۇ؟» دېدى. مەزدەك غىققىدە بولۇپ تۇرۇپلا قالدى. ئۆلما: «سېنىڭ مۇددىئايىڭ نەسەبىنى ۋە كىشىلەرنىڭ بايلىقىنى توزۇتىۋېتىش. پادىشاھ دېگەن بىزنىڭ ھۆكۈمرانىمىز بولغىنى ئۈچۈن تەختتە ئولتۇرىدۇ. ئۇ فىرۇزنىڭ ئوغلى بولغاچقا شاھلىق تەختى ئاتىسىدىن مىراس قالغان. خۇددى فىرۇزغىمۇ ئاتىسىدىن قالغاندەك. ناۋادا ئوخشاشمىغان ئون ئادەم پادىشاھنىڭ ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلسا، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن كىمنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى قانداق بېكىتكۈلۈك؟ بۇ نەسەبنى بۇزغانلىق ئەمەسمۇ؟ بۇنداق ئىشلار داۋام قىلىۋەرسە شاھ جەمەتى ئۆز نەسەبىنى ساقلاپ قالالمايدىغۇ؟ يۇقۇرى-تۆۋەن مەنسەپلەر باي-كەمبەغەللىككە قاراپ بولىدۇ. بىر ئادەم تولىمۇ كەمبەغەل بولسا، مۇقەررەر بايلارغا ياللىنىدۇ ۋە قۇل سالاھىيىتىدە بولىدۇ. ھەممە بايلىق تەڭ تەقسىملەنسە ئەمەل دەرىجە پەرقى يەر يۈزىدىن يوقىلىدۇ، ئەڭ پەسكەش كىشىلەرمۇ پادىشاھ بىلەن باراۋەر بولالايدۇ. بۇ شاھلىقنىڭ بىكار قىلىنغىنىغا ئوخشايدۇ. سەن مۇشۇنداق قىلىپ ئەجەم شاھلىرىنىڭ بايلىقى ۋە سەلتەنىتىنى ئاستا-ئاستا يوقاتماقچىسەن» دېدى. مەزدەك ھېچنەرسە دىيەلمەي سۈكۈت قىلغىنىچە تۇرىۋەردى. كەيقۇباد: «جاۋاب بەرگىن» دېدى. مەزدەك: «بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، ئۇنىڭ بېشىنى چېپىشقا يارلىق چۈشۈرگىن» دېدى. كەيقۇباد بىراۋنىڭ كاللىسىنى سەۋەبسىز چېپىشقا بولمايدۇ» دېدى. مەزدەك: «مەن بېرىپ ئوتتىن سوراپ كۆرەي، چۈنكى، مېنىڭ ئېيتقانلىرىمنىڭ ھەممىسى ئوت ئارقىلىق كەلگەن ۋەھىيلەردۇر» دېدى. نوشىرۋاننىڭ سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا چېتىلىپ قالغاندى. ئەمدىلىكتە بولسا، ئۇلار ئۆلۈم دەھشىتىدىن خالاس بولغىنىغا كۆپ خۇرسەن بولۇشتى. مەزدەك كەيقۇبادنىڭ ھېلىقى ئۆلىما بىلەن نوشىرۋاننى ئۆلتۈرۈشنى رەت قىلغانلىقىدىن تولىمۇ خاپا بولدى. مەزدەك ئۆز-ئۆزىگە شىۋىرلاپ: «دېھقانلار ئارىسدا ۋە لەشكەرلىكتە كۆپلىگەن مۇرتلىرىم بار، كەيقۇبادنىڭ تەختنى بىكار قىلىشقا تەييارلىق كۆرەي، ئاندىن نوشىرۋاننى ۋە ئۆكتە قوپقانلارنى تامام قىرىپ تاشلاي» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوت ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ ئوتنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلاپ بېقىشقا كېلىشىپ تارقاشتى. گۈگۈم پەردىسى چۈشكەندە مەزدەك ئۆزىنىڭ ئىشەنچلىك ئىككى مۇرىتىنى چاقىرتىپ ئۇلارغا پۇل-پۈچەك ئىنئام قىلدى ۋە ئۇلارغا كەلگۈسىدە سانغۇنلۇق مەنسىپىنى ئاتا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. ئاندىن ئۇلارنى ھېچكىمگە تىنماسلىققا قەسەم قىلدۇرۇپ، ئىككى خەنجەرنى تەڭلىدى ۋە: «ئەتە كەيقۇباد ۋە ئۇنىڭ تۆرىلىرى ئوت ئىبادەتخانىسىغا بارغاندا ئوت كەيقۇبادنى ئۆلتۈرۈشكە ئەمىر قىلسا خەنجىرىڭلارنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ ئۇنىڭ جېنىنى ئېلىڭلار. دەرۋەقە، ھېچكىم ئوت ئىبادەتخانىسىغا ياراق كۆتۈرۈپ كىرمەيدۇ» دېدى. ئۇلار: «خوپ» دېيىشتى. ئەتىسى بەگلەر، تۆرىلەر، ئۆلىمالار ئىبادەتخانىغا باردى، كەيقۇبادمۇ كەلدى. پارس ئۆلىماسى نوشىرۋانغا: «ياساۋۇللاردىن ئونى خەنجەرلىرىنى قوينىغا تىقىپ بارسۇن. مەزدەكنىڭ ئاسىيلىق قىلىشىدىن ھوشيار بولماق زۆرۈر» دەپ ئەسكەرتكەن بولغاچقا نوشىرۋان تولۇق تەييارلىق بىلەن ئىبادەتخانىغا باردى. مەزدەك ئىبادەتخانىغا بېرىشتىن ئاۋۋال ھەرقاچان ھېلىقى لەخمىدىكى مۇرىتىغا نېمە دېيش كېرەكلىكىنى ئۈگۈتۈپ قوياتتى. بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولدى. ئۇ پارس ئۆلىماسىغا: «ئوتنى زۇۋانغا كەلتۈرۈپ باققىن» دېدى. ئۆلىما ئوتقا بىرقانچە سوئاللارنى قويغان بولسىمۇ ئوتتىن زۇۋان چىقمىدى. ئارقىدىن مەزدەك ئوتقا قاراپ: «بىزگە ھۆكۈم چىقارغىن، ھەقلىقىم توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگىن» دېۋىدى ئوت ئىچىدىن: «تۈنۈگۈندىن باشلاپ مەن بەكمۇ ئاجىزلاپ كەتتىم، ئاۋۋال كەيقۇبادنىڭ يۈرىكى ۋە جىگىرىنى يەپ ماغدۇرۇمغا كېلىۋالاي، ئاندىن نېمە قىلىشنى ئېيتىپ بېرەي. مەزدەك مەڭگۈلۈك سائادەتكە يېتەكلىگۈچى زات» دېگەن ئاۋاز چىقتى. مەزدەك: «ئوتنى كۈچلەندۈرۈڭلار» دېۋىدى ھېلىقى ئىككەيلەن خەنجەرلىرىنى سۇغۇرۇپ كەي قۇبادقا تاشلاندى. ئۆلىما نوشىرۋانغا قاراپ: «ئۇنى قۇتقۇز» دېدى. نوشىرۋان ۋە ئۇنىڭ ئون چاكىرى خەنجەرلىرىنى سۇغۇرۇپ بۇ ئىككەيلەننى توسۇۋالدى. مەزدەك بولسا، توختىماستىن: «ئوت نۇرلۇق پەرۋەردىگارىغا پەرمانى بويىچە سۆزلەۋاتىدۇ» دەپ توۋلىدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈندى . بىر گۇرۇھ: «كەيقۇبادنى ئوتقا تاشلايلى» دەپ چوقان كۆتۈرسە، يەنە بىر تەرەپ: «ھەقىقەتنى كۆرگۈچە ئېھتىياتچان بولايلى» دېيشىتى. تۈن تەڭگە يېقىن ئۇلار تارقاشتى، كەيقۇباد: «بەلكىم گۇناھلىرىم باردۇر. شۇڭا ئوت ئىلاھى مېنى يېمەكچى بولغان ئوخشايدۇ. پانى ئالەمدىكى ئوتتا چۇچۇلا بولۇپ كېتىشكە رازىمەنكى كەلگۈسىدىكى ئوتنىڭ ئازابىغا تاقەت قىلغۇچىلىكىم يوق» دېدى.
    پارسلىق ئۆلىما كەيقۇباد بىلەن ئىككىنچى قېتىم خاس مۇلاقەتتە بولغىنىدا ئۆتمۈشتىكى ئۆلىمالار ۋە پادىشاھلار ھەققىدە سۆزلىدى. باشقا دىنلاردىن دەلىللەر كەلتۈردى. شۇنداقلا مەزدەكنىڭ پەيغەمبەر ئەمەس پادىشاھلىقنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە مەزدەكنىڭ ئاۋۋال نوشىرۋاننى ئۆلتۈرمەكچى بولغىنىنى، بۇ ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كېيىن كەيقۇبادنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ نېمە ۋەجىدىن ئوتنى سۆزلىتىش خىيالىغا كەلگەنلىكىنى، ھېچقاچان زۇۋان سۈرمەيدىغان ئوتنىڭ نىمىشقا سۆزلىگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ جەزمەن بۇ كاززاپلىقنى پادىشاھقا ئاشكارا قىلىدىغانلىقىنى، زادى سۆزلىگۈچىنىڭ ئوت ياكى ئادەم ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ پادىشاھنى قايىل قىلىپ ئۆز قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغۇزدى. ئارقىسىدا قوشۇمچە قىلىپ: «نوشىرۋاننى بالا دەپ كىچىك چاغلىماڭ، ئۇ دېگەن دۇنيانىڭ ئەمىرى. ئۇ قايسىلا يولغا ماڭسا ئۇنىڭدىن يىراقلىماڭ، شاھلىق تەختى ئۆز جەمەتىمىزدىن ياتلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمىسۇن دېسىڭىز تېخىمۇ شۇنداق قىلىڭ، ئۆز سىرلىرىڭىزنى مەزدەككە ئېيتماڭ» دېدى.
    شۇنىڭدىن كېيىن ئۆلىما نوشىرۋانغا: «مەن بىر ئامال قىلىپ مەزدەكنىڭ بىرەر چاكىرىنى ئىندەككە كەلتۈرەي ۋە ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئوت ھەققىدىكى ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى سوراپ كۆرەي. شۇنداق قىلساق ئاتاڭنىڭ كاللىسىدىكى شۈبھە تولۇق تۈگەيدۇ» دېدى. نوشىرۋان مېڭىپ يۈرۈپ مەزدەكنىڭ بىر يېقىنىنى قولغا كەلتۈردى ۋە خانىسىغا يوشۇرۇن باشلاپ كەلدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىغا مىڭ دىنارنى قويۇپ: «سەندىن بەزى ئىشلارنى سوراپ كۆرمەكچىمەن، راستىنى ئېيتساڭ مۇنۇ مىڭ دىنار سېنىڭ بولىدۇ، سەن مېنىڭ يېقىنىم بولىسەن، مەنسىپىڭمۇ ئۆستۈرىلىدۇ. ناۋادا يالغان سۆزلىسەڭ ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا كاللاڭدىن جۇدا بولىسەن» دېدى. ئۇ ئادەم قورققىنىدىن: «راست سۆزلىسەم ۋەدەڭدە تۇرامسەن؟» دەپ قايتۇرۇپ سورىدى. نوشىرۋان: «شۇنداق، سەن تېخىمۇ كۆپ ئىنئام ئالىسەن» دېدى. ئۇنىڭ رازى بولغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن نوشىرۋان: «مەزدەك قانداق ھىيلە ئىشلىتپ ئوتنى سۆزلىتىۋاتىدۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «راستىنى ئېيتسام مېنى ساقلاپ قالالامسەن؟ مەزدەكتىن سىر تۇتالامسەن؟» دېدى. نوشىرۋان ئۇنىڭغا خاتىرجەم بولۇشنى ئېيتقاندىن كېيىن ئۇ: «ئوت ئىبادەتخانىسىنىڭ يېنىدا بىر پارچە يەر بار، بۇ يەرنى مەزدەك پۇلغا ئالغان ۋە چۆرۈلدۈرۈپ تام سوقتۇرغان، ئۇ ئاشۇ يەردىن ئوت ئىبادەتخانىسىغا تۇتىشىدىغان بىر لەخمە قازدۇردى. لەخمىنىڭ ئۇچى ئوتنىڭ ئوتتۇرىسىغا تۇتىىشىدۇ. ئۇنىڭ ئادەملىرى دائىم بۇيرۇققا بىنائەن لەخمىگە كىرىپ ئوتنىڭ ئوتتۇرىسىغا تۇتىشىدىغان لەخمە ئاغزىدا تۇرۇپ مەزدەكنىڭ ئۆگەتكەنلىرىنى تەكرارلايدۇ. بۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئوتنى سۆز قىلدى، دەپ ئويلاپ قالىدۇ» دېدى. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان نوشىرۋان ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ راست ئىكەنلىكىگە ئىشەندى ۋە خوشال بولۇپ مىڭ دىنارنى ئۇنىڭغا ئىنئام قىلدى.
    شۇ كېچىسى ئۇ بۇ ئادەمنى ئاتىسىنىڭ يېنىغا باشلاپ باردى. ئۇ ئادەم بىلگەنلىرىنى يەنە بىر قېتىم بايان قىلدى. كەيقۇباد مەزدەكنىڭ نەيرەڭۋازلىقىدىن ۋە قاپ يۈرەكلىكىدىن ھەيرانۇ-ھەس بولدى. كاللىسىدىكى شۈبھە تۇمانلىرى تامام تارقىدى. كەيقۇباد پارىسلىق ئۆلىمانى چاقىرىپ ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلدى. ئۆلىما: «مەن ئۇنى بىر كاززاپ دېمىگەنمىدىم» دېدى. كەي قۇباد: «ئەمدى ھەممە ئىش ئايان بولدى، ئۇنى بەربات قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى نېمە؟» دەپ سورىۋىدى ئۆلىما: «ئۇ ھازىر شاھ ئالىيلىرىنىڭ ھەممىنى بىلىپ بولغانلىقىدىن خەۋەرسىز. ئىشنىڭ ئەۋزىلى شۇكى، سىز بىر قېتىم مەجلىس ئۆتكۈزۈڭ، مەن ئۇنىڭ بىلەن دەتالاش قىلاي، ئاخىرىدا يالغاندىن يېڭىلگەن بولۇۋېلىپ پارسقا قايتىپ كېتەي، ئاندىن سىز نوشىرۋان مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئىشنى قىلىڭ ۋە بۇ ئاپەتنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىڭ» دېدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، كەيقۇباد بارلىق كاتتىلارنى يىغىپ ئوردىدا مەجلىس ئۆتكۈزدى ۋە پارسلىق ئۆلىما بىلەن مەزدەكنى مۇنازىرىگە سېلىپ قويۇپ مەزدەكنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى.
    ئۆلىما: «مېنى ھەيرەتتە قالدۇرغىنى ئوتنىڭ سۆز قىلىشى بولدى» دېدى. مەزدەك: «تەڭرىنىڭ مۆجىزىلىرى ئالدىدا ئۇنى مۆجىزە دېگىنى بولمايدۇ. مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ياغاچ پارچىسى ئىچىدىن يىلان چىقارغانلىقى ۋە تاشتىن 12 بۇلاق چىقارغىنى يادىڭدىمۇ؟ ئۇ مۇنداق دېگەن: ‹مەن قوشۇن بىلەن فىرئەۋىننى سۇغا غەرق قىلىمەن› دېگىنىنى قىلدىغۇ؟ تەڭرى يەنە زىمىننى مۇساغا بويسۇندۇرۇپ بەردى. شۇڭا مۇسا: ‹ئەي زىمىن، قارۇننى يۇتقىن› دېۋىدى ئۇنى يەر يۇتتى. ئەيسا پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئىزىنى ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بەندىلەرنىڭ قادىر-قابىلىيىتىدىن ھالقىپ كەتسىمۇ تەڭرىنىڭ قۇدرەت دائىرىسىدىن چىقىپ كېتەلمەيتتى. مەن ئۇنىڭ بەندىسى، شۇڭا ماڭا ئوتنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئەگەر سەن مېنىڭ ئېيتقانلىرىم ۋە ئوتنىڭ ئېيتقانلىرى بويىچە قىلساڭ ئىككىلا دۇنيا نىجاتلىق تاپالايسەن، ماڭا ئىتائەت قىلمىساڭ تەڭرىنىڭ غەزىپى سېنى كۈكۈم-تالقان قىلىدۇ» دېدى. پارسلىق ئۆلىما ئورنىدىن دەس تۇرۇپ: «تەڭرىنىڭ ۋە ئوتنىڭ ھىدايىتىگە مۇيەسسەر بولغان كىشىگە نېمىمۇ دەي؟ ئوتمۇ ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۆزۈم قىلالمايدىغان بىر ئىشنى قىلالايدىغان زات تۇرغان يەردە مەن مۇنازىرىگە قانداقمۇ جۈرئەت قىلاي، مەن كېتەي، ئۆز خىيالىمدىن ۋەز كەچتىم» دېدى ۋە شۇ زامانلا پارس يولىغا ئاتلاندى. كەيقۇبادمۇ قوبۇلخانىدىن ئايرىلدى. مەزدەك ئوت ئىبادەتخانىسىدىكى ھەپتىلىك ئىبادەتكە كەتتى، قالغانلارمۇ تارقاشتى. مەزدەكنىڭ دىنىغا كىرگەنلەر ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئەقىدە باغلاشتى.
    شۇ كېچىسى كەيقۇباد نوشىرۋاننى چاقىرتىپ كېلىپ: «ئۆلىما كەتتى، ئۇ مېنى سېنىڭ ئىختىيارىڭغا تاپشۇرغان، ئەمدى قانداق قىلماقچى بولۇۋاتىسەن؟» دەپ سورىدى. نوشىرۋان: «ناۋادا بۇ ۋەزىپىنى ماڭا تاپشۇرۇشنى ئىختىيار قىلساڭ ئۇنى ھېچكىمگە تىنمايمەن. ئاز-تولا تەييارلىق كۆرۈۋالغاندىن كېيىن مەزدەكنىڭ ئۆزىنى ۋە دىنىنى يەر يۈزىدىن تۈگەل يوقۇتىمەن» دېدى. كەي قۇباد: «بۇ سىرنى سېنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىنسانغا تىنمايمەن. بۇ سىر ئىككىمىزنىڭ يۈرىكىدە قالسۇن» دېدى. نوشىرۋان: «يادىڭدا بولسۇنكى، پارس ئۆلىماسى ئۆزىنىڭ يېڭىلگەنلىكىنى ئاشكارا تەن ئېلىپ پارسقا كەتتى. مەزدەك ۋە ئۇنىڭ مۇرتلىرى بولسا، خوشاللىقىدىن تېرىسىگە سىغماي قېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھېچقانداق بىر كۈچنىڭ توساپ قالالمايدىغانلىقى توغرىسىدا جار سېلىۋاتىدۇ. ھازىرقى پەيتتە مەزدەكنىڭ كاللىسىنى كېسىۋېلىش تولىمۇ ئوڭاي، ئەمما ئۇنىڭ مۇرتلىرى جاھاننىڭ ھەممە يېرىگە پىتىراپ كەتسە ئۇلار بارغانلىكى جايدا بىر ئاماللار بىلەن كىشىلەرنى ئۆز دىنىغا مۇرت قىلىۋالىدۇ. تاغلارنى قورغان قىلىپ بىزگە ۋە سەلتەنەتىمىزگە ئاپەت بولىدۇ. شۇڭا بۇ ئىشنى شۇنداق پۈتتۈرەيلىكى، ئۇلارنى بىراقلا قاپقانغا دەسسىتەيلى، قىلىچىمىزنىڭ تىغىدىن بىرىمۇ قېچىپ قۇتۇلمىسۇن» دېدى. كەيقۇباد: «سېنىڭچە ئىشنىڭ ئەۋزىلى قايسى؟» دەپ سورىۋىدى نوشىرۋان: «مەزدەك ئوت ئىبادەتخانىسىدىن قايتىپ سەن بىلەن مۇلاقەتتە بولغاندا ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تېخىمۇ زور ھۆرمەت كۆرسەت. ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم سۆھبەتتە بولغاندا پارسلىق ئۆلىما يېڭىلگەنلىكىگە تەن بېرىپ مۇنازىرىدىن چېكىنگەندىن ئېتىبارەن ئۆز ئىخلاسىڭنىڭ ھەسسىلەپ ئاشقانلىقىنى، مېنىڭمۇ پۇشايمەن قىلىپ ئۇنىڭغا مۇرت بولۇش خىيالىدا بولۇۋاتقانلىقىمنى ئېىيتقىن، قېنى ئۇ نېمە دەيدىكىن» دېدى.
    كېيىنكى ھەپتىسى مەزدەك كەيقۇبادنىڭ ھوزۇرىغا كىرگەندە كەي قۇباد ئۇنىڭغا كەمتەرلىك بىلەن ئالىي ھۆرمەت كۆرسەتتى. ئۇ نوشىرۋاننىڭ گېپىنى قىلىپ بېرىۋىدى مەزدەك بۇنىڭغا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە: «خەلقىئالەم نوشىرۋاننىڭ دېگەن ئەتكىنىگە قاراپ ئىش قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ دىنىمىزغا مۇرت بولسا پۈتۈن جاھان دىنىمىزغا ئەگىشىدۇ. مەن ئوتتىن بىزنى ياراشتۇرۇپ قويۇشنى ئۆتۈنەي، يورۇقلۇق تەڭرىسىگە نوشىرۋاننىڭ دىلىغا دىنىمىزنى سېلىش توغرىسىدا ئىلتىجا قىلاي دېدى. كەي قۇباد: «توغرا دەيسەن، ئۇ مېنىڭ پۇشتۇم بولغاچقا قوشۇندىكىلەر ۋە دېھقانلار ئۇنى ھېمايە قىلىدۇ. ئۇ دىنىمىغا كىرگەندە جاھاندا ھېچكىم بۇ دىننى قوبۇل قىلماسلىققا بانا تاپالمايدۇ. نوشىرۋان دىنىمىزغا كىرسىلا يورۇقلۇق تەڭرىسىنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، گۇستەسىب مەجۇسىي شەرىپىگە كىشىمارغا ئالتۇن راۋاق ياساتقاندەك مەنمۇ سېنىڭ شەرىپىڭگە دەجلە دەريا بويىغا تاش مۇنار سالىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇياشتىنمۇ يورۇق بولغان ئالتۇن راۋاق بىنا قىلىمەن» دېدى. مەزدەك: «سەن ئوغلۇڭغا نەسىھەت قىل، مەن تەڭرىگە ئىلتىجا قىلاي، ئىشەنچىم كامىلكى، تەڭرى دۇئالىرىمنى ئىجابەت قىلىدۇ» دېدى.
    گۇگۇم چۈشكەندە، كەيقۇباد نوشىرۋانغا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بەردى. نوشىرۋان: «بىر ھەپتىدىن كېيىن مەزدەك بىلەن سۆھبەتتە بولغىنىڭدا مۇنداق دېگىن: «تۈنۈگۈن كېچە نوشىرۋان بىر چۈش كۆرۈپتۇ ۋە بەكلا قورقۇپ كېتىپتۇ. بۈگۈن قاق سەھەردە يېنىمغا كېلىپ چۈشىدە غايەت زور بىر پارچە ئوتنىڭ ئۆزىگە قاراپ كەلگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بىر يانغا داجىغانلىقىنى، شۇ چاغدا تولىمۇ سۇمباتلىق بىر كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا زاھىر بولغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن ئوتنىڭ مۇددىئاسى نېمە ئىكەنلىكىنى سورىسا بۇ ئادەم ئوتنىڭ نوشىرۋاندىن بەكمۇ كۆڭلى قالغانلىقى، چۈنكى نوشىرۋان ئوتنى كاززاپ دەپ ھاقارەتلىگەنلىكىنى بايان قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ چۈشىدىكى ھېلىقى ئەۋلىيا سۈپەت كىشىدىن بۇ ئىشلارنى قانداق بىلگەنلىكىنى سورىسا ئۇ ئادەم بۇ ئىشلاردىن پەرشتىلەر تولۇق خەۋەردار، دەپتۇ. كېيىن ئۇ چۆچۈپ ئويغىنىپتۇ. ھازىر جىقلا ئىپار-ئەنبەرنى كۆتۈرۈپ ئوت ئىبادەتخانىسىغا تاۋاپقا كەتتى. ئۈچ كېچە-كۈندۈزدىن بېرى ئوتۇن تاشلاپ ئوت ئىلاھىغا ساداقەتمەنلىك كۆرسىتىۋاتىدۇ دېدى. مەزدەك بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بەكلا خۇرسەن بولدى.
    شۇ ئىشلار بولۇپ بىر ھەپتە ئۆتكەندە نوشىرۋان ئاتىسى ئارقىلىق مەزدەككە مۇنداق دېدى: «شۇنىسى ئايان بولدىكى، بۇ تولىمۇ توغرا دىن ئىكەن. مەزدەك يورۇقلۇق ئىلاھىنىڭ ئەلچىسى ئىكەن. مەن خوشاللىق بىلەن ئۇنىڭغا ئەگىشىمەن، ئەمما كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنىڭ دىنىغا قارشى تۇرۇۋاتقان بولغاچقا مۇرىت بولۇشتىن قورقۇۋاتىمەن. ئاشۇ ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىسيان قىلىشى ۋە دار سەلتەنىتىنى قىلىچ كۈچى ئارقىلىق تارتىپ كىتىشىگە ھەرگىزمۇ قاراپ تۇرالمايمىز. شۇڭا قانچىلىك كىشىلەرنىڭ دىنىمىزغا ئەگىشىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ باققۇم بار. ئۇلارنىڭ سانى كۆپ ۋە كۈچلۈك بولسا بىزنىڭ تەلىيىمىز، ئۇنداق بولمىسا مۇرتلار ۋە مۇخلىسلارنىڭ سانى كۆپىيىپ قۇدرەت تاپقاندا ئاندىن بۇ دىنغا كىرمەكچىمەن. مەن ئۇلارغا قورال-ياراغ ۋە ئاشلىق بىلەن ياردەم قىلماقچىمەن. بىز كۈچ جەھەتتە ھەممىنى بېسىپ چۈشكىدەك بولغاندا دىنىمىزنى تەرغىپ قىلساق ھەممىلا ئادەم ئۇنى قوبۇل قىلىدۇ». نوشىرۋان ئاتىسىغا مۇنداق دېدى: «ئەگەر مەزدەك ئۆز مۇخلىسلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى ئېيتسا ئۇنىڭغا بىر تىزىملىك پۈتۈشنى بۇيرۇغىن. ئۇنىڭغا پارچە-پۇرات مۇخلىسلارنىڭ ئىسمى يېزىلسۇن. بۇنى نوشىرۋانغا كۆرسىتىپ ئۇنىڭ غەيرىتىگە غەيرەت قوشىمەن، دېگىن. شۇنداق قىلساق مەزدەكنىڭ ئادەملىرى بىزگە تامام مەلۇم بولىدۇ». كەيقۇباد نوشىرۋاننىڭ ئيېتقانلىرىنى مەزدەككە بىر-بىرلەپ يەتكۈزدى. دېگەندەك رويخەتتىن بىرنى تۈزۈپ كەيقۇبادقا يەتكۈزۈپ بەردى. قارىسا ئۇنىڭدا شەھەر پۇقرالىرى، دېھقانلار ۋە لەشكەرلەر بولۇپ 12 مىڭ كىشىنىڭ ئىسمى يېزىلغانكەن. كەيقۇباد: «بۈگۈن كېچە نوشىرۋان بىلەن مۇلاقەتتە بولغاندا رويخەتنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ قوياي. ناۋادا ئۇ دىنىمىزغا كىرسە ناغرا چېلىپ بەلگە بېرەي ۋە بىر ئوغلۇمنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ئەلگە جاكارلاي، سەن ناغرا ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان نوشىرۋاننىڭ دىنىمىزغا كىرگەنلىكىنى جەزمىلەشتۈرگىن» دېدى.

    (داۋامى بار)
    ★★★★★
    بۇ ماقالىنى «ئىزدىنىش مۇنبىرى»گە يوللىغۇچى: turkzad
    ★★★★★
    http://bbs.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=44836
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: