版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/180569182.html

    بۈگۈن «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى»دۇر


    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(10.12.2011) خەۋىرى:
    بۈگۈن، يەنى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، 63-قېتىملىق «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى»دۇر.
    ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى خەلق ھەرىكەتلىرى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 63-يىلىنى خاتىرىلەش كۈنىدە ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالدى.
    10-دېكابىر «كىشىلىك ھوقۇق كۈنى»، بولۇپمۇ شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ نامايىشلارنى ئۆتكۈزگەن ۋە يىللار بويىچە ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن دېكتاتورلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان خەلقلەر ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭقۇر مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.
    2011-يىل، كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن ئادەتتىن تاشقىرى بىر يىل بولدى.
    خۇسۇسەن شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى مىليونلارچە ئىنسان، ھەق-ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كوچىلارغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
    ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ياشلىرى سادالىرىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم ئىنتېرنت ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن ئۆنۈملۈك پايدىلاندى.
    تۇنىس ۋە مىسىردا باشلىغان خەلق ھەرىكەتلىرىنىڭ تەسىرى مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ چېگرالىرىدىن ھالقىپ كەتتى.
    ئەرەب باھارىنىڭ تەسىرلىرى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە «ئىشغال قىلىڭلار» پائالىيەتلىرى نامى ئاستىدا باشقا دۆلەتلەرگىمۇ كېڭەيدى.
    بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئالىي كومېسسارى ناۋى پىللاي، كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بەرگەن باياناتىدا، 2011-يىلىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكلىرىنى تەكىتلەپ، «كىشىلىك ھوقۇق باراۋەر شەكىلدە ھەممىمىزگە ئائىتتۇر ۋە ئۇ بىزنى، دۇنيا خەلقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئوخشاش پىكىرلەر ئاستىدا بىرلەشتۈرىدۇ» دېدى.
    ئەرەب باھارىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا بۇ يىلنىڭ سەپەرۋەرلىك دولقۇنلىرىنى ئىجتىمائىي مېديا ئارقىلىق ئېلىپ بارغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بارلىق كىشىلەرنى كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى تەبرىكلەشكە چاقىردى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭




    تەرەققىيات ھوقۇقى قەغەز يۈزىدىلا بولۇپ قالماسلىقى كېرەك



    تەرەققىيات ھوقۇقىنىڭ ئوتتۇرىغا قويىلىشى مۇرەككەپ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشكە ئىگە. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىلگىرى مۇستەملىكىچىلىك، ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋە ئىرقچىلىقنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان. يەر-زېمىنى ئىشغال قىلىۋېلىنغان، خەلقى قۇل قىلىنغان ۋە بايلىقى تارتىۋېلىنغانلىقتىن، ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۇزاق مۇددەت ئالغا باسماي بىز ئىزدا توختاپ قالدى، ئاممىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە بولدى. مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر جەزمەن ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى. 1972–يىلى سېنگاللىق سابىق سوتچى كابا مۇبايې تۇنجى قېتىم تەرەققىيات ھوقۇقى نۇقتىئىنەزىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھوقۇققا بىنائەن بۇنى تەتقىق قىلدى.
    1986-يىلى 4-دېكابىر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ قارارىدا «تەرەققىيات ھوقۇقى خىتابنامىسى» ماقۇللىنىپ، تەرەققىيات ھوقۇقى تارتىۋېلىشقا بولمايدىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى، ھەمدە تەرەققىيات ھوقۇقىنىڭ مەزمۇنى، ئاساسىي گەۋدىسى، ئورنى ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش يوللىرى قاتارلىق مەزمۇنلار ئومۇميۈزلۈك شەرھىلەندى، كوللېكتىپ كىشىلىك ھوقۇقى سۈپىتىدىكى تەرەققىيات ھوقۇقى تۇنجى قېتىم بېكىتىلدى، بۇ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق تارىخىدىكى نامايەندە ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش، بۇ ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى. 1992-يىلىدىكى «رىئوردى ژانېيرو خىتابنامىسى»، 1993-يىلىدىكى «ۋىنا خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى» ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يۈرۈشلۈك قارارلىرىدا تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قايتا-قايتا تەكىتلىنىپ ئۇنىڭ مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىلدى.
    25 يىللىق مۇساپە، بىر مايسىنىڭ بۈك-باراقسان بولۇپ يېتىلىشىگە يېتەرلىك ۋاقىت، شۇنداقلا بىر خىل ئىدىيەنىڭ بىر مەھەل دولقۇن كۈتۈرۈشىگىمۇ يېتەرلىك، ھالبۇكى، 25 يىل ئەگرى توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن تەرەققىيات ھوقۇقى نەزىرىيە جەھەتتىن ئەمەلىيەتكە قەدەم تاشلاپ يەنىلا ئۇزۇن سەپەرنى باسماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بانكېمون ئېيتقاندەك « تەرەققىيات ھوقۇقى خىتابنامىسى قەغەز يۈزىدە يەنىلا مەۋجۇت، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇ قۇرۇپ كەتتى.»
    بەزى «كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى روھانىيلار» ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھۆججەتلىرىدىكى تەرەققىيات ھوقۇقىنىڭ مەزمۇنى، يولغا قويۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ئېنىق بەلگىلىمە ۋە دۇنيادىكى %90 دىن كۆپرەك دۆلەتلەر بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان پاكىتقا سەل قاراپ، تەرەققىيات ھوقۇقىنىڭ بىر ئاساسىي ھوقۇق ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رامكىسى ئىچىدە تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە چەكلەش خاراكتېرلىك ۋەدە بېرىشنى تېخىمۇ خالىمىدى. بۇ نۇقتئىنەزەردىكى دۆلەتلەر گەرچە ئىنتايىن ئاز، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىمۇ ئىنتايىن ئاز ساندا بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى گەۋدىلىك توسالغۇ بولماقتا.
    نۆۋەتتە، يەر شارىدا مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللار كۈنسېرى كۆپەيدى، تەرەققىيات دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. نامراتلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئاممىسىنىڭ ئەڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىنى چەكلىمەكتە. خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى يەر شارىدا نامرات نوپۇسنىڭ يېڭىدىن 64 مىليون كۆپىيىشى، ئاچارچىلىقتا قالغان نوپۇسنىڭ بىر مىلياردقا يېقىنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ئىشسىزلىق، قۇراللىق توقۇنۇش قاتارلىقلار ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەت خەلقىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقى قاتارلىق تۈرلۈك ھوقۇقلىرىغا تەھدىت پەيدا قىلماقتا. خەلق تۇرمۇشى مۈشكۈل ئەھۋالدا قېلىش، تەرەققىيات ئارقىدا قېلىش غەربىي ئاسىيا شىمالى ئافرىقا رايونلىرى ۋەزىيىتىنىڭ تەۋرىنىشىنى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقاردى. پۇقرالارنى يەيدىغان تامىقى، ئولتۇرىدىغان ئۆيى، قىلىدىغان ئىشى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى.
    تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرمۇ نۇرغۇن تەرەققىيات خىرىسلىرىغا دۇچ كەلمەكتە. يېقىندا غەرب دۆلەتلىرى قەرز كىرىزىسىگە پېتىپ قالدى، ئامما كەينى-كەينىدىن كوچىغا چىقىپ ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، جەمئىيەت بايلىقىنىڭ ئادىل تەقسىملىنىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق تەلەپلىرىنى بىلدۈردى. شۇنداق دېيىشكە بولۇدىكى، نۆۋەتتە دۇنيا تەۋەسىدە تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ مۇھىم، تېخىمۇ جىددىي بولماقتا.
    تەرەققىيات ھوقۇقى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق كىشىلىك ھوقۇقى، ئۇ جەنۇب شىمال دەپ بۆلۈنمەيدۇ. بەزى دۆلەتلەر ئاڭدىكى بىر تەرەپلىمىلىكتىن قۇتۇلۇپ، تەرەققىيات ھوقۇقىنى مۇزاكىرە قىلىشنى سىياسىيلاشتۇرۇشتىن ساقلىنىپ، تەرەققىيات ھوقۇقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاسلىقى ۋە ئورنىنى بېكىتىشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ھەر قايسى دۆلەتلەر تەرەققىيات ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، مۇۋاپىق دۆلەت تەرەققىيات سىياسىتى ۋە خەلقئارا ياردەم بېرىش ھەمكارلىق سىياسىتىنى تۈزۈپ، مۇقىم مەملىكەت ئىچى سىياسىي ئىجتىمائىي مۇھىتى ۋە تىنچ ئىناق خەلقئارا مۇھىتىنى يارىتىپ، ئۆز دۆلەت خەلقى ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بەخت سائادەت يارىتىشى كېرەك. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ھۆكۈمەتنىڭ تەرەققىياتقا ياردەم بېرىش ۋەدىسىنى ھەقىقى نەقلەشتۈرۈپ، بازارنى ئېچىۋېتىپ، قەرزنى ئازايتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، يەر شارىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مىڭ يىللىق تەرەققىيات پىلانىنى ئۆز مۇددىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىشى كېرەك. تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ھەرىكەت قىلىشتا.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-12-10)
    (تەھرىر: ئېلنۇرە رەھىمبەگ)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.uycnr.com/xwzx/lwsj/201112/t20111205_167971.html
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: