版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/181751389.html

    مۆھتەرەملەر مۇشائىرەسى


    ★★★★★
    كەتمەنباينىڭ بايانى: تور دۇنياسىدا «بارخان» ۋە «كىن» نامى بىلەن مەشھۇر بولۇۋاتقان شائىر مۇھەممەد قادىر «كۆيۈكتاغ ئەدەبىيات مۇنبىرى»دە مۇشائىرە سورۇنى تۈزۈپ، «تۈزچى» نامى بىلەن مەشھۇر بولغان شائىر جۇرئەت نۇرۇللاغا ھەزىل ۋە ھىكمەت گۈللىرىنى سۈنۇپ، دوستلۇق مىھرىنىڭ ھوزۇرىنى ھىس قىلدۇردىلەر. «تۇزچى»مۇ تۇزدەك تېتىملىق تۇيغۇلىرى بىلەن مۇشائىرەنىڭ تۇز تەمىنى تەڭشەپ، ھوزۇرنىڭ ھىكمىتىگە ھوزۇر قوشتىلەر. بۇ چوك گۈزەل مۇشائىرەنىڭ ھوزۇرىدىن دوستلارنى بەھرلەندۈرۈش ئۈچۈن رەتلەپ «كەتمەنباي بلوگى»غا ماكانلاشتۇردۇم.
    ★★★★★



    مۆھتەرەملەر مۇشائىرەسى
    ★★★★★


    كىن:

    بەزمىدە شىرىن-سۇخەن ئەھلى كارامەت مۇھتەرەم،
    ھېكمىتى ئاندىن تىرەن نەقلى كارامەت مۇھتەرەم.

    ساھىبى تىغ بىرلەكىم مەزلۇم، پېقىر ئايۋانىدا،
    ئىشتىراك سورۇنىدا پەزلى كارامەت مۇھتەرەم.

    يوقسىزى ئەلۋەكى ئول، جۈرى-جەم ھەمدەمى-قول،
    كۆز يېشى بىرلەنكى غول، سەكتى كارامەت مۇھتەرەم.

    پاتمىغان تونغا تېنى ئەيبىدە خۇن ئەبگارىلەر؛
    سۆزدە بى ئار ھۆرمەتى ھەجۋى كارامەت مۇھتەرەم.

    ئەپتى تاغ، ئۈستۈن دىماغلەر، شول ئەمەل پىننىچى-چاغ،
    كى ئۇرار داغمالدا داغ قەھرى كارامەت مۇھتەرەم.

    شەرھى ئول ھەييارىدا دەم كۈلكە دەمدەم نى خۇلۇق،
    نۇسخا-تەققاسى تۇرۇق شەكلى كارامەت مۇھتەرەم.

    گاھ خوراز قىچقىرسا قىزغۇچ شەلپەرى دەۋاسىدىن،
    گاھ شاتۇت تەكرارىدا تىلى كارامەت مۇھتەرەم.

    شۇنچە تەڭشەلگەن «تۇزى» گەپتىنكى قالماسلەر نېسى،
    چوڭ-كىچىك ئولپەتدىشى، شەرمى كارامەت مۇھتەرەم.
    ★★★★★


    تۇزچى:

    مەنمۇ بۇ يا مەن ئەمەس، سۆزلەيدۇ ئەمما «ئىللىتىم»،
    ھەي، ئەجەپ كەتتى تاراپ مەخپىي مۇئەمما «ئىللىتىم».

    كونىلار تۇرماس ئۆرە دەپتۇ تاغار بولسا قۇرۇق،
    يالجىماس كۈيچى بولۇپ كۈيلەر تەمەننا «ئىللىتىم».

    ياتمىدى قاپتا بىگىز، سەن بىر سوكال ئارتىس تۇرۇپ،
    ئەل-ئاۋامنىڭ كۆزىچە قويدۇڭ دراما «ئىللىتىم».

    دىل تۇتاشلىق ئەسلىدىن، ئادەم-ھاۋانىڭ نەسلىدىن،
    بەرگىنىڭ دوستلۇق لېكىن، شۈكرە-تەسەننا «ئىللىتىم».
    ★★★★★


    كىن:

    تۈز كۆڭۈل ئازادىدىن سەزدى تالاپەت مۇھتەرەم،
    ئۇز كۆڭۈل بازارىدىن كەتتى بىنايەت مۇھتەرەم.

    زەردىدىن زەربە دىسە، قويماققا جاننى قايدا يەر؟
    بىرلا پەم قاچماق بەدەر؛ بولماس قىيامەت مۇھتەرەم.

    مەن پېقىر ئاشكارا سۆز، ئۈلپەتلىگە ئۆزدىنمۇ ئۆز،
    ۋە لېكىن تەگدىمۇ كۆز؟ قىلغاي ھىدايەت مۇھتەرەم.

    ئات بېشى-ئاسساڭ تۇمار ئۆتكۈر نەزەردە بىئازار،
    باشقىلار ئوينار بازار، كۆرگىن كارامەت مۇھتەرەم.

    يازمىشىم «ھەجۋى» كالام، دوستلارغا خوپ زوقى-ئارام،
    «تۇز»دا ئېتىشقاي يارام، تۇتسا ئاداۋەت مۇھتەرەم.

    كىم ئاداۋەت تۇتسا گەر، دەپقويغۇلۇق: «بوپتۇ...خەير!»
    ۋەزنى ئول شۇ گەپ يىتەر، تاپقايكى نۇسرەت مۇھتەرەم.

    ئول قىياس، ئانداغ تەسەۋۋۇر مەندىكى خام دىت ئەمەس،
    كەتتى سۆز لەۋزىمدە بەس! قىلغاي ئىجابەت مۇھتەرەم.

    ھەددىدىن ئاشسا سۆزۈم گەر ئىھتىيات مۆلچەرىدىن،
    ئارتۇقى شەيتان شەررىدىن، بولما خىجالەت مۇھتەرەم.

    كەلسە گەر قەھرى-غەزەپ تاغنى يارار ۋولقان كەبى،
    ئىتىكاپ ئاچچىق باسار، ئالغاي تاھارەت مۇھتەرەم.

    سەۋرى قىلساڭ غورىدىن ھالۋا ياسايمىز بىز چوقۇم،
    بەلكى بۇ مەۋھۇم ئۇقۇم، سۆزگە ئىجازەت مۇھتەرەم.

    پەسلىدى شىرىن-سۇخەن، ئاگاھىمىز بولسۇن يۈگەن،
    تۇتقىنىم پەتنۇس-لىگەن، سەزگەي ھارارەت مۇھتەرەم.

    يانمىسا ھەرگىز ئەلەم، مەيلىگە قوي يۈرسۇن قەلەم،
    دوست كۆڭۈل باغۇ-ھەرەم، قىلغىن زىيارەت مۇھتەرەم.
    ★★★★★


    تۇزچى:

    چىن سۆزۈم ئىخلاستا پىشتى لەززىتى تۇزدەك، ھالال،
    ھەرقاچان دوستلۇق ئارا سىغماس پەقەت: «قىلدىم مالال».

    مەيلى ھەجۋىي، مەيلى تەنقىد كەلسە ئۇ دوست رەڭگىدە،
    ۋەزنىنى بۇرچۇم مېنىڭ يەلكەمگە ئالماق بىمالال.

    ھالۋا بولغاي غورىمىز بىز ئەيلىگەن پەرۋىش بىلەن،
    بىر كۈنى ۋەسلىنى بەرگەي ئىككىمىز سۈرگەن خىيال.

    «سەن نېمە دەيسەن، نېمە دەيمەن» دېگەن ئەپقاچتى گەپ،
    ھەر باھا مۈلكىمدە مىڭ قاش ئوينىتىپ ئۆتكەن ئايال.

    ياكى چاقماق يا بوران بولماق بەسى مۈشكۈل ھامان،
    شۇ كۇپايە تەرلىگەن دوست باغرىغا بەرسەك شامال.

    ئەرچە لەۋزىم بىرلە تۆككەن دىلدىكى ئارمان، نىيەت،
    شۇ دەقىق يالقۇنلىغان كۆڭلۈڭدە ئەسلى ئېھتىمال.
    ★★★★★


    كىن:

    شۈمشىيىپ تىترەك ئىلەكىم سۈر بېسىپ كەلدى زاۋال،
    بىر پاساھەت بىئەقىلنى ھەر تەرەپ قىلدى قامال.

    تۇغ سېلىپ ئۈلگۈرگىچە كەتتى پايانىم ھالسىراپ،
    شۆھرىتى «دەريايى چاقماق» سۈردى لۆجنى بىھايال.

    ئۆركىشى ھەيۋىتىدىن «ئۈچمىراۋان» بەردى سادا،
    بەشكىرەم داجىپ ئۇيان، تىترىدى«تاغى قۇمال».

    مەن نىچە جانغا بېقىپ ئەل نەرقىچە ئىش تۇتمىدىم،
    سالىۋات، پۇرسەت تېخى دەيمەن ئۆزەمنى: «رۇسلىۋال»،

    مىڭ پۈچەك مىسرا، بوغۇمغا ئۆزرىخا كۆكسۈمدە قول،
    گەر گۇناھتىن كەچمىسە كەلمەستە «تۇزچى» خوش دىۋال.
    ★★★★★


    تۇزچى:

    ياق بۇرادەر، مەندە نە قىلسۇن پاساھەت-ئۇشبۇ ھال،
    قېرىساممۇ دەرمىكىن ئەل: «تۆرگە بىئەپ ئاقساقال».

    كونىلار قىلغان تەۋەررۈك: «نامى يوق ئەردىن كۆرە
    نامى بار دۆڭ ياخشىدۇر» دەپ بىر ھەقىقەت-بىر ماقال.

    نامى يوق مەندەك كىىشىگە ئول «پاساھەت» كەلدى چوڭ،
    تىلدا ئۇستازىم تۇرۇپ بەك كۆپتۈرۈپ قىلما ئوسال.

    كۆر ئەنە، مۇنبەردىكى تورداش، قېرىنداش ھەممىسى،
    «كىن» تىلىدىن دەممۇدەم چاڭقاپ تۇرۇپ ئىچمەكتە بال.

    مەن ئۆزۈمگە پايلىماي ئونبەش بوغۇمنى تىزغىچە،
    جان-جېنىمدىن سىرغىدى، «ئاخماقمۇ سەن؟» دەپ بىر سوئال.

    ئالدىراپ ئەگەشكىنىمگە ئاچقىچە پۇشمان دىدار ،
    بۇ يۈرەككە تىلنى سالماي بولسا ئىتتىك تىغنى سال.
    ★★★★★


    كىن:

    «ئۆزنى بىلسە ئەر سۈپەت،ئۆزگىنى بىلگەي شىر سۈپەت»،
    شول ماقالنى بىلمىگەننىڭ ھالىغا ئاندىن ئۇۋال.

    ھەقتۇ-راس «ساك»لار قېنىدىن تەگ ئارا ئوغلانىدۇر،
    ھەق دەلىل «ئۈچمىراۋان»، ئەجدادىغا «ئۈچ»تۇر مىسال.

    بىرى~«بەيساق»، «ئىككىساق»~ئىككى، «ئۇچا»~ئۈچىنچى «ساك»،
    ئۈستىناتۇش~ «ئۈچ ساك ئاتۇش»، يىلتىزىڭنى يادلىۋال.

    «جەڭگىۋار ساكلار» دىسە تاپقايكى ئەۋلات ئىپتىخار،
    كى «ئوغۇز»: «ساقلاپ» دېگەن؛ ساللاتىدۇر قولدا قۇرال.

    چۈمپۈتەر كىم «تۇزچى»نى نامى- ئەمەلدە يوق دىسە؟
    ئىشتكىنى قىلغاي زىيارەت، دەيدۇلەركى: «قۇتلىۋال».

    «يېڭى مارىپ» پەنىدە «ئۈچساك» يەنە مەشئەل تۇتار،
    جۈرئەتى-باغۋەنىدىن ئەۋلاتمۇ يۇتتى قەنى-بال.
    ★★★★★


    تۇزچى:

    قول بېرەي ئادەم ئېتىپ، بولسۇن سالام ئۇندىن ئاۋال،
    تارتۇقۇم دوستلۇق ساڭا، پەزلىڭ بىلەن كۆڭلۈمدە قال.

    گۈل تىلىڭدا ئەيلىدىڭ تەرىپ گۈزەل يۇرت ھەققىدە،
    شۇ دەقىق مەن دەسسىگەن گۈل يۇرت ماڭا جەننەت مىسال.

    كەل، گۈلۈڭنى تىككىلى باغرىمنى گۈلزارىڭ بىلىپ،
    مەيلى ئوتلاپ تۇرسىمۇ بەزەن ئۇنىڭدا قوي، مارال.

    سېنى ئۆستۈرگەن ئېسىل يۇرتمۇ مېنىڭ، يۇرتۇم_سېنىڭ،
    چىشلە لەۋ يۇرت ھەققىدە گاھ تىلدا دارىيدۇ شامال.

    گۈل تىلەككە مىنگىشىپ ياشنار، ياماننى قاقشىتىپ،
    نەزمىدە بىز ئىككىمىز گۈل ئەيلىگەن ئالتۇن ئارال.
    ★★★★★


    (ئەگەر مۇشائىرە يەنە داۋاملاشسا، داۋامى داۋاملىق ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.koyuktagh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=15187&extra=&page=1
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: