版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/182261706.html

    جياڭ جوشىيغا مەدھىيە


    ئا.ئۆتكۈر


    ★★★★★★★
    كەتمەنباينىڭ بايانى: مۇھتەرەم شائىرىمىز ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ بۇ شېئىرىنى تورغا تەييارلىغۇچى تىلىمىزنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى ئىملاسى بويىچە تەييارلىغان بولۇپ، تورداشلار ۋاقىپ بولغاي.
    ★★★★★★★
    «ئىۋىرغول»نىڭ بايانى:
    كۆپىنچىمىز 40-يىللاردا ئۇيغۇر زىيالىلىرىمىز تەرىفىدىن چىقىرىلغان «ئالتاي»، «تيانشان» قاتارلىق نەشىرىياتلارنىڭ بارلىقىنى كۆپىنچىمىز بىلسەكمۇ ئۇلارنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي كەلگەنىدۇق. يېقىندا بىر قېرىندىشىمىز تەمىنلىگەن ماتېرىياللاردىن ئۇلارنىڭ فوتو نۇسخىسىنى قولغا چۈشۈرگەنىدىم. ھازىرقى چاغلاردا كۆتۈرۈلگەن تارىخمىزغا بولغان قىزىقىشنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە،بۇ ماتېرىياللارنى تورغا يوللاپ قويغانىدىم. ئەپسۇسكى تېخنىكا، شارائىت ۋە باشقا سەۋەپلەرنىڭ توسقۇنلىقى سەۋەبىيلە، مۇكەممەل تەييارلىيالمىدىم. بۇ جەھەتتە ياردەم قىلىشنى خالايدىغان تورداشلارنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىشىنى سورايمەن.
    تۆۋەندە شۇلاردىن بىرى بولغان ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ  ئۆز ۋاقتىدىكى دۆلەت باشقانى (ئەلباشى) جاڭ كەيشىك جانابلىرىغا يازغان قەسىدەسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. ئىنشئاللاھ، باشقىلىرىمۇ داۋاملىق سىزلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى. بۇ شېئىر شۇ چاغدىكى زىيالىلىرىمىزنىڭ ۋەتەن، مىللەت قارىشى ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچە  بېرەلەيدۇ.
    ★★★★★★★


    جياڭ جوشىيغا مەدھىيە


    ئا.ئۆتكۈر



    بۇ مەدھىيە شىڭجاڭ ياش سەنئەتچىلەر ئۆمەكىنىڭ داخىلنى زىيارەتلىرى مۇناسىبىتىيلە ياش شائىرىمىز ئۆتكۈر ئەفەندى تەرىفىدىن دۆلەت باشقانىمىز جياڭ كەيشى جانابلىرىغا باغىشلىنىب يازىلمىشتۇر.


    قەدىردان داھىمىز ئېھتىرام  سىزگە،
    تيانشان باغرىدىن كۆب سالام سىزگە.

    تارىمنىڭ گۈللىرى سىزگە تەشنادۇر،
    تۆت مىليون جان بۈگۈن سىزگە ئاشنادۇر.

    ياب ياشىل ئېتىزدا كەتمەن ئاۋازى،
    چالىنۇر ھەر تاڭدا سەۋگىنىڭ سازى.

    دېھقاننىڭ ئۆنجىدەك ئەمگەك تەرىدىن،
    لالەلەر ئونمىڭدە كۆبتىن بېرىدىن.

    بۇلبۇللار سايرىشىپ بوستاندا كۈلسە،
    دېمەكچى داھىمىز بىزگىمۇ كەلسە.

    شۇ ئارزۇ، شۇ تىلەك ساۋغامىز سىزگە،
    دادىمىز، زارىمىز، قايغۇمىز سىزگە.

    كوب يىللىق تارىخنىڭ زالىم قامچىسى،
    بىزلەرنى ئازابلاب مانجۇ غالچاسى.

    ئىنسانلىق ئىچىدە بى بايان قالدۇق،
    ئورتا چاغ ھالىغا بارىب تاقالدۇق.

    شولا يوق ياڭ، جىڭنىڭ قارا يۈزلىگى،
    جاھالەت كانى بولدى تارىم تۈزلىگى.

    شىڭ شىسەي زالىمنىڭ قانلىق ئىزىدىن،
    قان ئاقتى تارىمنىڭ سۈزۈك سۈيىدىن.

    ئەسلىمىز نەسلىمىز بى بايان قالدى،
    بۇ ئەلنىڭ كۆڭلىدە كۆب ئارمان قالدى.

    نە ئېرفان، نە ھېكمەت ئەسىرى بولسۇن؟
    نە ھۆرلۈك، نە ھەقنىڭ ئىزلىرى قالسۇن؟

    ھەممە جان كۈلفەتدە ئاھ-فىغان ئەيلەر،
    شۇ يوسۇن ئۆتدىلەر كوب ئېغىر يىللار.

    ئۆتمۈشتىن شىكايەت ھەقلىقتۇر بىزگە،
    ئەرزىمىز، نالەمىز، دادىمىز سىزگە.

    مەملىكەت باغىنىڭ بۇ گۈزەل جايى،
    زالىمنىڭ ئورداسى ئاتالدى نامى.

    شۇڭلاشقا كۆپەيدى قاششاقلىق يۇرتتا،
    ئۇلۇسنىڭ بىلىمى قالدىلەر ئارتدا.

    تومۇردا قايناغان ئىسسىق قانىمىز،
    قىينالدى ھەمىشە ئەزىز جانىمىز.

    ھەر تالانت ئىقتىدار بوشقا خورلاندى،
    مەسۇمە قەلبىمىز غەمگە ئورالدى.

    گەرچە بىز تۈنلەردىن قۇتۇلساقمۇ ئاھ،
    ۋەلېكىن سىزدىن تىلەيمىز پاناھ.

    ئېتىزدا يىغىدىن قۇتۇلسۇن كەتمەن،
    ئىنسانى ھەق كۆرسۈن بىچارە چەكمەن.

    گۈللەنۇر مائارىف ئاچىلسا ئېرفان،
    بۇ ئۇلۇغ دۆلەتمۇ تاپۇر كۆب ئەئيان.

    بىزلەرمۇ ئۇچايلى ئاسمان قوينىدا،
    ۋەزىفە ئۆتەرمىز ۋەتەن يولىدا.

    بىلىمىز نەنكىننىڭ ئافتاب تەلەتى.
    ئۇ ئىدى سىزدىكى ئەخلاق خىسلىتى.

    سىز بىلەن يورۇسۇن مېھنەت تاڭىمىز،
    سىز بىلەن گۈللەنسۇن بوستان باغىمىز.

    ئېھتىرام سىزگە كۆب سالام سىزگە،
    ئېھتىرام تارىخلار كۆپ ئېھتىرام سىزگە.

    ★★★★★★★
    http://www.orkhun.com/BBS/read.php?tid=2419
    ★★★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: