版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/88141877.html

    ئامېرىكا ئاسىياچە ناتو قۇرامدۇ؟


    ئاپتورى: رىك روزوۋ


    2010-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئامېرىكا مۇددىتى 4 كۈن بولغان «سۇنماس ئىرادە» ناملىق ئامېرىكا-جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرىنى ئاخىرلاشتۇردى. دەل شۇ كۈنى، تەيۋەن ئاخبارات ۋاستىلىرىدا «ئامېرىكا ئاسىيادا يەنە بىر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) قۇرماقچى بولىۋاتىدۇ» ناملىق ماقالە بېسىلدى. ئالىملار ۋە تەھلىلچىلەر ئاگاھلاندۇرۇپ «ئامېرىكا ئاسىيادا باشقا بىر ش ئا ئە ت قۇرۇپ جۇڭگونى چەكلەش مۇددىئاسى ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئامېرىكا-جەنۇبىي كورىيە كەڭ كۆلەملىك دېڭىز بىرلەشمە مانىۋېرىدا نامايەن بولدى، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى ھەركىتىمۇ ئەڭ ياخشى ئىسپات بولالايدۇ. ئاسىيا ئىشلىرىغا بىۋاستە ئارىلىشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەركەتلەر ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا رايونىدا جۇڭگونىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان كۈچلەر مەۋجۇتلىقىغا تەھدىد سېلىش پىلانىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ» دېيىشتى.

    ھىلارىنىڭ ئالاھىدە زىيارىتى

    ئامېرىكا باش كاتىبى ھىلارى كىلىنتوننىڭ «جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىشىنى خەلقئارا قانۇن مېخانىزىمىغا كىرگۈزۈش ھەمدە ئامېرىكىنىڭ تالاش-تارتىش بولىۋاتقان دېڭىز ساھەسىدىكى مەنپەئەتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك» دېگەن تەكلىپىنى ، جۇڭگولۇق زات شى يوڭنەن «ئامېرىكا شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن پايدىنلىنىپ، جۇڭگوغا قارىتا چەكلەش سېپى ھاسىل قىلماقچى» دەپ چۈشەندۈردى.
    روسىيەنىڭ غەرب جەنۇب ئىككى قانىتىدىكى ئۇكرائىنا، پولشا، ئەزەربەيجان، ئەرمىنىيە ۋە گرۇزىيە قاتارلىق بەش دۆلەتكە بولغان ئىككى ھەپتىلىك زىيارىتىدىن كېيىن، ھىلارى يەنە پاكىستان، ئاڧغانىستان، جەنۇبىي كورىيە ۋە ۋېيتنام قاتارلىق 4 ئاسىيا دۆلىتىگە بولغان 6 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. زىيارەت ئاخىرلاشقاندا، ھىلارى ۋاشىڭتون شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى توپلاپ، شىشا تاقىم ئاراللىرى ۋە نەنشا تاقىم ئاراللىرى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مەسىلىسىدىكى ماجرانى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ دېگەن ئۇچۇرنى بەردى.
    بالتىق دېڭىزىدىن جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىغىچە بولغان 9 دۆلەت زىيارىتى داۋامىدا، بولۇپمۇ گرۇزىيە ۋە ۋېيتنامدىكى ۋاقتىدا، ھىلارى ئىنتايىن ئېنىق قىلىپ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە ئامېرىكا جۇڭگو ۋە روسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەتلەرنىڭ چېگرا رايون ۋە بىۋاستە چېگىرلىنىدىغان قوشنا دۆلەتلەردىكى «تەسىر كۈچ دائىرىسى»نى ئېتراپ قىلمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى، ۋاشىڭتون پۈتكۈل يەر شارى دائىرىسىدە رايونلۇق توقۇنۇشقا ئارىلىشىش ھوقوقىنى ساقلاپ قېلىپ،ئامېرىكا مۇۋاپىق دەپ ھېس قىلغان ۋاقىتتا توقۇنۇش رايونىنى خەلقئارالىق ئىدارە قىلىش ئاستىغا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
    ھىلارى ۋېيتنامدىن ئايرىلىپ ئىككى كۈندىن كېيىن، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ «جورجى ۋاشىڭتون» ناملىق يادرو ھەركەتلەندۈرگۈچلۈك ئاۋىئاماتكىسى ياپون دېڭىزىغا كىرىپ، كەڭ كۆلەملىك دېڭىز بىرلەشمە مانىۋېرىغا تەييارلاندى. بۇ قېتىمقى مانىۋېرغا بىرىنچى قېتىم كورىيە يېرىم ئارىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ ئىلغار F-22 «يىرتقۇچ قۇش» بەشىنچى ئەۋلاد كۆرۈنمەس ئايروپىلانىمۇ قاتناشتى. يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئەڭ ئىلغار ئايروپىلان دەپ قارىلىدىغان ئىككى دانە F-22 كۈرەشچى ئايروپىلانى جەنۇبىي كورىيەدىكى ئامېرىكا ئوسان ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى ھەمدە ئۇرۇشقا تەرييارلىق قىلىپ بولدى».
    ئامېرىكا ئەمەلدارى شىمالىي كورىيەگە «يىرتقۇچ قۇش» F-22 كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ ئىستراتىگىيىلىك نىشانلارغا دەل زەربە بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشنى ئۈمۈد قىلغان. چوقۇم چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى، F-22 كۈرەشچى ئايروپىلانى پيوڭياڭنى ئۇرۇش قىلىش دائىرىسىگە ئاسانلا ئېلىپ قالماي، روسىيەنىڭ تىنىچ ئوكياندىكى ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى ۋىلادىۋىستوكنىمۇ ئۇرۇش دائىرىسىگە ئالالايدۇ.

    ئامېرىكا ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى توپلىدى


    جۇڭگو ئارمىيىسى ھەربىي ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى لو يۈەن بىر ماقالىسىدا «سۇنماس ئىرادە»بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش مانىۋېرىدا، بەش بۇرجەكلىك بىنا يادرولۇق بىر ئاۋىئاماتكىنى ئورۇنلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە زور كۆلەمدە ھەربىي ئايروپىلان، ئۇرۇش پاراخوتى، يادرولۇق سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە Arleigh Burke دەرىجىسىدىكى خيۇستون باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغلىغۇچى پاراخوتنى قاتناشتۇردى. بۇ دېڭىز ئارمىيە مانىۋېرى، سۇ ئاستى پاراخوتى ئۇرۇش قىلىش مانىۋېرى ۋە ھاۋا ئۇرۇشى مانىۋېرلىرىنىڭ ھەممىسى بېيجىڭ بىلەن بولغان ئارىلىقى پەقەت 500 كىلومېتىر بولغان دېڭىز ساھىلىدە ئېلىپ بېرىلدى. «ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ' جورجى ۋاشىڭتون'  ئاۋىئاماتكىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇرۇش قىلىش دائىرىسى 600 كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى، ئاۋىئاماتكىغا سەپلەنگەن كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 1000 كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى ئويلاشقاندا، بۇ بىرلەشمە مانىۋېر ئېلىپ كېلىدىغان خەتەر جۇڭگونىڭ ئويلىشىش چېكىگە يېقىنلاشتى» دەپ يازغان.
    لو يۈەن يەنە بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان، روسىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئوخشاش شۈبھىدە بولىدۇ دېگەن، «باشقا دۆلەتلەر جۇڭگو زېمىنىغا (ياكى ساھىلىغا) يېقىن جايدا ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى نامايەن قىلغاندا، جۇڭگو ھوشيار بولمىسا بولمايدۇ. ئۇنداقتا، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ مېكسىكا قولتۇقى يېنىدىكى ئامېرىكا بىلەن قوشنا دۆلەت بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر قىلىشىغا رۇخسەت قىلامدۇ؟» لويۈەن زىيارەتتە خۇلاسىلەپ: «بۇ ھەربىي مانىۋېرنىڭ نىشانى بار، جۇڭگوغا نىسبەتەن بىر تەھدىد. يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان، ئامېرىكا 'جۇڭگو تەھدىد نەزەرىيىسى' نى ئۇدا دارۋاڭ قىلدى، بۇ ھەربىي مانىۋېر كىشىلەرگە جۇڭگو ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا تەھدىد ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى» دېگەن.
    جەنۇبىي كورىيە ئاخباراتلىرى خەۋەر قىلىپ، ئامېرىكا كورىيە يېرىم ئارىلىغا يېقىن دېڭىز ساھەسىدە ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان دېڭىز ئارمىيە مانىۋېرىغا قاتنىشىدۇ، 8-ئايدىكى ئامېرىكا-جەنۇبىي كورىيە دېڭىز ئارمىيىلىرى بىرلەشمە مانىۋېرى جۇڭگونىڭ دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن بولغان سېرىق دېڭىز ساھىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ دېدى. 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، بەش بىنا بۇرجەكلىك باياناتچىسى مورېل «جورجى ۋاشىڭتون» ناملىق ئاۋىئاماتكا يېقىندا سېرىق دېڭىزدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئامېرىكا-جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرىغا قاتنىشىدۇ دەپ جاكارلىدى. بۇ مانىۋېر باشلىنىشتىن ئىلگىرى، تەسىر كۈچى بولغان «جۇڭگو گېزىتى» بىر پارچە ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئامېرىكاش ئا ئە ت غا ئوخشاپ كېتىدىغان تەشكىلاتتا رەھبەرلىك قىلىشقا تۇتۇش قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگوغا قارىتىلغان سىياسەت تۈزۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئوبزوردا، «ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى توپلاش ئارقىلىق، ئاسىياچە ش ئا ئە ت قۇرۇش مۇساپىسىدا، ئامېرىكىنىڭ ھەركىتى بارغانسېرى ئادەمنى تەشۋىشكە سالىدۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ، ۋاشىڭتوننىڭ ناھايىتى ئېنىق بولغان جۇڭگونى چەكلەشتەك ئىستراتىگىيىلىك مۇددىئاسى بار بولدى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىستراتىگىيىلىك تەسىرى خەلقئارادا تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا. ۋاشىڭتوننىڭ بۇ ھەركىتىنىڭ مەقسىتى تېزلىكتە قەد كۆتۈرگەن دۆلەت بىلەن ئامېرىكا توقۇنۇشسا ئۈستۈنلىكنى ئىگەللەش» دېيىلگەن ئىدى.
    يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ بىر جۇغراپىيىۋى ئىستراتىگىيەشۇناسى ۋە بىر نەپەر ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەمەلدارى ماقالە يېزىپ، ئاسىياچە ش ئا ئە ت قۇرۇپ چىقىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. ماقالىدە قارىشىچە، «ئاسىيانىڭ ش ئا ئە ت سى چوقۇم ئىشەنچىلىك كۈچلەر ئۈستىگە قۇرۇلۇپ، خۇددى ئەينى چاغدا ئامېرىكا ۋە غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرى مۇداپىئە كۈچلىرىدىن تەشكىل تاپقان ش ئا ئە ت سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بىلەن قارشىلاشقىنىدەك، جۇڭگونىڭ تەسىرى ۋە كۈچلىرى بىلەن قارشىلىشى كېرەك» ئىكەن.
    6 يىل ئىگىرى، جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئورگىنىدىكى ليۇ شۆچىڭ پراڧڧىسور ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ: «سوغاق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىلا، ئامېرىكا ئاسىيادا ش ئا ئە ت غا ئوخشاپ كېتىدىغان ھەربىي قۇرۇلمىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە باشلىدى. سابىق پىرىزدېنت بېل كىلىنتون ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 8 يىلدا، ئامېرىكا ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيەنى تىنىچ ئوكيان رايونىدىكى يادرولۇق ئىتتىپاقدىشى قىلدى ھەمدە بۇ ئىككى دۆلەتنى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ئاسىيا بىخەتەرلىك ئىستراتىگىيىسىدىكى جەنۇب ۋە شىمالىدىكى ئىككى تىرىكى قىلدى» دېگەن.

    ئىستراتىگىيە مۇھىم نۇقتىسىنى شەرققە يۆتكەش

    ھەرخىل مانىۋېرلارنى ئۆتكۈزۈش ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېستىمىسى قۇرۇش ئارقىلىق، ئامېرىكا ئاسىيادىكى ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، فىلىپپىن، تايلاند ۋە سېنگاپور بىلەن ئىككى تەرەپلىك ھەربىي ئىشلار تورى مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا قۇرۇپ چىقتى. كوسوۋو ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ش ئا ئە ت ئارقىلىق پۈتۈنلەي كونترول قىلىش ھوقوقىغا ئېرىشتى، ئاسىيا-تىنىچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى بارغانسېرى كۆپلىگەن ئېنىقسىزلىق ۋە مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ئامىللارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتىدۇ، بۇ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىستراتىگىيىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى شەرققە يۆتكىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
    2001-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن ئىبارەت بۇ ئىستراتىگىيىلىك بۇرۇلۇش نۇقتىسىدىن كېيىن، بۇ يۈزلىنىش تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى، بوش ھۆكۈمىتى مۇھىم نۇقتىنى تېرورىزىمغا زەربە بېرىش ۋە كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قاراتتى. بۇ ئىككى بايراق ئاستىدا، ئامېرىكا v شەكىللىك بەلباغدىكى ئىستراتىگىيىلىك كونترول قىلىشنى كۈچەيتتى، بۇ ئۇزراۋاتقان بەلباغ شەرقىي شىمالىي ئاسىيادىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە بولۇپ، جۇڭگو، ھىندىستان، ياپونىيە ۋە روسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېنىرگىيە توشۇش يولى ۋە بوش ھۆكۈمىتى «رەززىل ئوق مەركەز دۆلەتلىرى» دەپ ئاتىغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇ تار يايسىمان بەلباغدا. ئامېرىكا بىرلا ۋاقىتتا ھىندى ئوكيان ھەتتا پارس قولتۇقى رايونىدىكى يېتەكچىلىك ھوقوقىنى باھانە قىلىپ، ئاسىيا-تىنىچ ئوكيان بىخەتەرلىك ئىتتىپاقى تورىنى ئاكىتىپ كېڭەيتىپ، جەنۇبقا كېڭىيىۋاتقان ش ئا ئە ت بىلەن تۇتاشتۇردى.
    بۇ ئىستراتىگىيىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن،ۋاشىڭتون ھۆكۈمىتى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئاكىتىپ قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئامېرىكىنىڭ كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ كېڭىيىشىگە قارشى تۇرۇشىغا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسى قۇرۇشتا ھەمكارلىشىشىنى تېزلەتتى. «جۇڭگو گېزىتى» دىكى ماقالىدە «ئامېرىكا ئاسىيادا ش ئا ئە ت بىلەن ئوخشايدىغان كۆپ تەرەپلىك ھەربىي قۇرۇلما لاھىيلەۋاتىدۇ، مەقسىتى ئۆزىنىڭ ئىستراتىگىيىلىك مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوغداش......ۋاشىڭتون ھىندىستان بىلەن مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگە ھالدا قويۇقلاشتۇردى ھەمدە ئاسىياچە ش ئا ئە ت قۇرۇش، ئاساسلىق نىشانى ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى داۋاملاشتۇرۇش» دەپ يېزىلغان.
    ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان ئامېرىكا-ھىندىستان «مالابار» دېڭىز ئارمىيە بىرلەشمە مانىۋېرى 2007-يىلى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە سېنگاپورنى ئۆزىگە قېتىۋالدى، ھىندىستان ئاخباراتلىرى خەۋەر قىلىپ، «بۇ قېتىمقى مالابار مانىۋېرى ھىندىستان قاتىنىشىپ باققان كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇرەككەپ دېڭىز ئارمىيە مانىۋېرى، ھىندىستان، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە سېنگاپوردىن كەلگەن 25 دانە پاراخوت قاتناشتى. جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھىندىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇستەھكەم ئىتتىپاقى، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە سېنگاپور بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقى، ئەڭ مۇھىمى ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ئاتالمىش ئاسىيادىكى ش ئا ئە ت قۇرۇپ، ئاخىرىدا جۇڭگونى قورشاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» دەپ خەۋەر قىلدى.
    ئامېرىكا پىرىزدېنتى ئوباما نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا تىلغا ئالغىنىدەك، ئامېرىكا بارلىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىنى ش ئا ئە ت غا ئوخشايدىغان ھەربىي گۇرۇھقا قاتناشتۇرۇپلا قالماي، ش ئا ئە ت نى ئۇلتاش قىلىپ، شەرقنى يەر شارىۋى ھەربىي ئىتتىپاققا بىرىكتۈرىدۇ.

    ئافغانىستان-بۆسۈش ئېغىزى بولۇپ قالدى

    سوغاق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا بارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىنى دېگۈدەك ئۆزى كونترول قىلىۋاتقان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) ھەربىي گۇرۇھىغا قاتناشتۇرۇشقا ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئافغانىستان ئۇرۇشىدا، 38 ياۋروپا دۆلىتى خالىغان چاغدا ھەر خىل كۆلەمدىكى قىسىم ئەۋەتەلەيدىغان ھەربىي گۇرۇھقا ئايلاندى. ياۋروپانى بوي سۇندۇرغاندىن كېيىن، ۋاشىڭتون پۇتىنى ئاسىيا، ئوكىئانىيە، ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونى، كارىب دېڭىز رايونى ۋە لاتىن ئامېرىكىسى قىتئەسىگە بىر-بىرلەپ تىقىشقا باشلىدى. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ۋاشىڭتوننىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى يەرشارىدۇر.
    سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ 5 ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيىتى قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستانلار ھازىر ئامېرىكىنىڭ «تىنىچلىق ئەزالىرى» پىلانىنىڭ شېرىك دۆلەتلىرى بولۇپ قالدى. 2001-يىلى ئامېرىكا ئافغانىستان ئۇرۇشىنى باشلىغاندىن بۇيان، ش ئا ئە ت قىسىملىرى ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستانغا جايلاشقان ئامېرىكا ئارمىيىسى بازىلىرىغا كىرىشكە باشلىدى. بەش بۇرجەكلىك بىنا يېقىندا ماناس ترانسىپورت مەركىزىدىن سىرت، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاندىكى مەشىق مەركىزىنى ئېچىۋېتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى. نۆۋەتتە، ھەر ئايدا تەخمىنەن 50 مىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسى ۋە ش ئا ئە ت ئەسكىرى بۇ جايدىن ئافغانىستانغا ئاتلىنىدۇ ياكى ئافغانىستاندىن چېكىنىدۇ.
    يېقىندا، روسىيە دۆلەت دۇماسى خەلقئارا ئىشلار كومىتىتى خادىمى بادىسروڧ ش ئا ئە ت نىڭ مەزكۇر رايوندىكى كېڭىيىش پىلانىغا ئوبزور ئېلان قىلىپ: «ئۇلار 52 نەپەر ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خادىمىنى قىرغىزىستانغا ئەۋەتىشنى پىلانلاۋاتىدۇ، بۇ خادىملار ئېھتىمال قىرغىزىستاندا بىر قىسىم ھەركەتلەرنى تاماملىشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ 52 ئادەم نېمە ئىشلارنى قىلالايدۇ؟ قىرغىزىستان كوسوۋو ئەمەس. ئەگەر بۇ ياۋروپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرىدا بىر قانداق كېلىشمەسلىك يۈز بەرسە، چوقۇم بىرى قوراللىق قىسىملارنى قىرغىزىستانغا ئەۋەتىدۇ. ئۇنداقتا كىم قىرغىزىستانغا قوشۇن ئەۋەتىش مەقسىتىدە بولىۋاتىدۇ؟ ئەلۋەتتە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى. ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ماناستا بىر ھەربىي بازىسى بار، فرانسىيەنىڭ تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسى بار، ش ئا ئە ت نىڭ ئاڧغانىستاندا 154 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بار. بۇلار قانداق مەسىلە پەيدا قىلىدۇ؟ ئەگەر 52 نەپەر بىخەتەرلىك تەشكىلاتى خادىمى راستىنلا ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، ئۇنداقتا بىز ئىنتايىن قىزىقارلىق ئەھۋالنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرىمىز، ئېھتىمال كوسوۋودىكى ئەھۋال بىلەن ناھايىتى ئوخشاش بولىشى مۇمكىن» دەپ يازغان.
    يېقىنقى نەچچە يىلدا، ش ئا ئە ت يېڭى بىر خىل ھەربىي ھەمكارلىق تىپىنى تەرەققىي قىلدۇردى، بۇ ھەربىي ھەمكارلىق تاللاپ چىققان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا جايلاشقان ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، يېڭى زېللاندىيە ۋە جەنۇبىي كورىيەلەردۇر. يېقىندا، ش ئا ئە ت مالايسىيانىڭ ئافغانىستانغا رەسىمىي ئەسكەر ئەۋەتىپ بىرلەشمە ئارمىيىگە قاتناشقان 47 دۆلەت بولغانلىقىنى جاكارلىدى، ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەركەتكە يېڭى قاتناشقان باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىدن يەنە سېنگاپور، موڭغۇلىيە ۋە جەنۇبىي كورىيەلەر بار. ئاۋسترالىيەنىڭ 1550 ئەسكىرى ئافغانىستاندا تۇرۇۋاتىدۇ، يېڭى زېللاندىيەنىڭ 200 دىن كۆپ ئادىم بار ھەمدە بۇ يىل 9-ئايدا ئورۇنلاشتۇرغان ئادىمى تېخىمۇ كۆپەيدى. ئاۋسترالىيە يېڭى زېللاندىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئاۋسترالىيە-يېڭى زېللاندىيە ھەربىي گۇرۇھىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ئۇرۇش مەيدانىدىكى ھەربىي ھەركىتىگە قاتنىشىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ. 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاۋسترالىيەنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىدا تۇنجى قېتىم بىر ئەسكەر ئۆلدى. بۇ ئەسكەر ئۆلىشنىڭ ئالدىنقى ھەپتىسى، ئەنگىلىيە جەنۇبىي تىنىچ ئوكياندىكى تونگا پادىشاھلىقىدىن كەلگەن 275 نەپەر ئەسكەرنى ئافغانىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بارلىق خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

    ئاسىيانىڭ ش ئا ئە ت سى شەكىللەندىمۇ؟

    2010-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە،ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى ۋە سېنگاپور ھۆكۈمىتى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا «2010-يىللىق تىنىچ ئوكياننى چۆرىدىگەن ھاۋا ئارمىيە كۈچلىرى تەتقىقات يىغىنى» ئاچتى، ئاۋسترالىيە، بېنگال، برۇنى، كامبودژا، كانادا، چىلى، ھىندىستان، ھىندونېزىيە، ياپونىيە، لائوس، مالايسىيا، مالدىۋا، موڭغۇلىيە، نېپال، يېڭى كالېدونىيە، يېڭى زېللاندىيە، پاپۇئا يېڭى گېۋىنىيىسى، فلىپپىن، جەنۇبىي كورىيە، سېرلانكا، تايلاند، تونگا ۋە ۋېيتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى.
    2010-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئامېرىكا ھاۋا شىتاتىدا ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان تىنىچ ئوكياننى چۆرىدىگەن ھەربىي مانىۋېرىنى تاماملىدى. بۇ قېتىمقى مانىۋېرنىڭ ۋاقتى بىر ئايغا يېتىپ، دۇنيادا نۆۋەتتە كۆلىمى ئەڭ چوڭ دېڭىز ئارمىيىسى ھەركەتچان مانىۋېرى بولۇپ قالدى. بۇ قېتىمقى مانىۋېرغا 36 پاراخوت، 5 دانە سۇ ئاستى پاراخوتى، 170 دانە ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە 20 مىڭ خادىم قاتناشتى، مانىۋېرغا 14 دۆلەت قاتناشقان بولۇپ ئاۋسترالىيە، كانادا، چىلى، كولۇمبىيە، فرانسىيە، ھىندونېزىيە، ياپونىيە، مالايسىيا، ھونلاندىيە(گوللاندىيە)، پېرۇ، جەنۇبىي كورىيە، سېنگاپور، تايلاند ۋە ئامېرىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھىندىستان ۋە يېڭى زېللاندىيە كۆزەتكۈچى سالاھىيىتىدە قاتناشتى.
    ئامېرىكا 3-فلوتىنىڭ قوماندانى، بۇ قېتىمقى مانىۋېرنىڭ بىرلەشمە ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن قىسىمنىڭ قوماندانى لېيتىنات گېنرال رىچارد خونتېرنىڭ بىلدۈرىشىچە، «بۇ يىل ئۆتكۈزۈلگەن تىنىچ ئوكياننى چۆرىدىگەن ھەربىي مانىۋېر مەزكۇر مانىۋېر تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىقى، ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيە ئەۋەتكەن دېزىل يېقىلغۇلۇق سۇ ئاستى پاراخوتلىرى مانىۋېرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ' رونالد رىگان ' ناملىق يادرولۇق ئاۋىئاماتكىسى بىلەن تىركىشىش مانىۋېرى ئۆتكۈزۈپ، دۈشمەن دۆلەتنىڭ بارغانسېرى زورىيىۋاتقان سۇ ئاستى تەھدىتىگە تەقلىد قىلىنىپ، تىنىچ ئوكياندا يوشۇرۇنۇش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان سۇ ئاستى قىسىمى قۇردى».
    مانىۋېرغا قاتناشقان دۆلەتلەر ئارىسىدا، ش ئا ئە ت نىڭ ئۈچ چوڭ يادرو دۆلىتىنىڭ بىرى بولغان فرانسىيەمۇ تۇنجى قېتىم قاتناشتى، كولۇمبىيەمۇ ئافغانىستان ئۇرۇشى مەيدانىغا ئەسكىرىي ياردەم بەرگەن بىرىنچى لاتىن ئامېرىكىسى دۆلىتى بولۇپ قالدى؛ سېنگاپور بىلەن تايلاند بولسا ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ش ئا ئە ت قۇرۇش پىلانىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەزاسى.
    2010-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى، ھىندىستان ھاۋا ئارمىيە رەھبەرلىرى ئامېرىكا يېڭى مېكسىكا شىتاتىغا جايلاشقان كوتلەند ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تەقلىد قىلغۇچنى قانداق ئىشلىتىپ ئوخشىمىغان ئايروپىلانلاردا ئاساسىي ئۇچۇش مەشىقى قىلىدىغانلىقىنى، تارقىلىشچان ۋەزىپىنى قانداق ئورۇندايدىغانلىقىنى ئۆگەندى، ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسى رەھبەرلىرى كەلگۈسىدە ئۆتكۈزىلىدىغان «قىزىل بايراق» مانىۋېرىغا ناھايىتى قىزىقتى.
    يېقىندا ياپون دېڭىزىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە مانىۋېرىدا، ياپونىيە نەچچە نەپەر دېڭىز قوغدىنىش ئەترىتى خادىمىنى ئەۋەتتى. ھۆكۈمەت گۇرۇپپىسىنىڭ يېقىنقى بىر باياناتىدا «سوغاق ئۇرۇش مەزگىلىدە تۈزۈلگەن، ھازىرمۇ بار بولغان دۆلەت مۇداپىئە پروگىراممىسى ھازىرقى ۋەزىيەتكە ماس كەلمەيۋاتىدۇ، كورىيە يېرىم ئارىلى ۋە تەيۋەن بوغىزىدا پارتىلايدىغان چەكلىك، كىچىك كۆلەمدىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەركىتى ۋە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن كىرزىسكە قارىتا، تەھدىد خاراكتېرىدە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈر» دېيىلگەن ئىدى ھەمدە يەنە «ياپونىيەنىڭ يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىگە بولىشىنى ھەمدە يادرو قورالنى ياپونىيەگە توشۇش چەكلىمىسىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىش كېرەك» ئوتتۇرىغا قويغان.
    ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنىچ ئوكيان دۆلەتلىرىنى يەر شارى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسى پىلانىغا كىرگۈزۈش ھەققىدە بىرلەشمە خەلقئارا ئاگېنتلىقى(UPI) بۇ يىل 8-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىدە : «ياپونىيە ئېھتىمال پاراخوتقا سەپلىنىدىغان ' SM-3' باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېستىمىنى ئېكىسپورت قىلىشى مۇمكىن، ياپونىيەنىڭ نۆۋەتتىكى قورال ئېكىسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ بىر خېلى زور ئۆزگىرىش. بۇلتۇر 10-ئايدا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گايتىس ياپونىيە قوغدىنىش ۋەزىرى توشىمى كىتازاۋاغا تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ھەركىتى ئىنتايىن گەۋدىلەندى. ئامېرىكا بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا جاۋابقا ئېرىشىشكە تەقەززا بولماقتا».
    2010-يىلى 7-ئاينىڭ31-كۈنى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىككى ھەپتىلىك «ئاڭكور قاراۋۇلى 2010» ھەربىي مانىۋېرى( Angkor Sentinel 2010) كامبودژادا ئاخىرلاشتى. بۇ مانىۋېرنىڭ ئاشكارا نىشانى تىنىچلىق ساقلاش خادىملىرىنى مەشىقلەندۈرۈش، دۇنيا مىقياسىدا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىدى. مانىۋېرغا قاتناشقان قوشۇنلار ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، ھىندىستان، ھىندونېزىيە، فىلىپپىن ۋە موڭغۇلىيە ھەمدە ساھىبخان دۆلەت كامبودژا قىسىملىرى ئىدى. يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن تىنىچ ئوكياننى ئايلانغان مانىۋېرغا ئوخشاش، قاتناشقان دۆلەتلەر ش ئا ئە ت نىڭ ئاساسلىق دۆلەتلىرى ۋە ئاسىيا ش ئا ئە ت سىنىڭ ئاساسلىق قاتناشقۇچىلىرى ئىدى.
    ئامېرىكا يەنە «خاقاننى ئىزدەش2010» بۇ قېتىمقى مانىۋېر «خاقاننى ئىزدەش» نامدىكى مانىۋېر تارىخىدا كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىقى بولۇپ قالدى. مەزكۇر مانىۋېر موڭغۇلىيەدە ئۆتكۈزۈلدى، جەنۇبىي كورىيە بىرىنچى قېتىم قاتناشتى. بۇ يىل 8-ئاينىڭ 5-كۈنى، نېپالنىڭ بىر ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ ئاشكارلىشىچە، 8 نەپەر ئامېرىكىلىق ئەسكەردىن تەركىب تاپقان كىچىك گۇرۇپپا نېپالغا يېتىپ بېرىپ، مۇددىتى ئىككى ھەپتە بولغان ھەربىي مانىۋېرغا قاتناشقان......

    نىشان-جۇڭگومۇ؟

    «خەلقئارا پېشۋالار مۇنبىرى گېزىتى» يېقىندا «ۋاشىڭتون ئاسىيادىكى ئىستراتىگىيە كاپىتالىنى كۈچەيتمەكتە» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلدى. بۇ ماقالىنىڭ ئاساسلىق نۇقتىئىنەزەرلىرى تۆۋەندىكىچىە:
    «ئامېرىكا ئىراق ئۇرۇشى ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشى سەۋەبلىك قاتتىق ھالسىراپ قالدى، شۇڭا شەرقىي ئاسىيانىڭ ئىستراتىگىيىلىك مۇھىملىقىغا سەل قارىدى. بىراق، ۋاشىڭتوننىڭ يېقىندىكى ئىككى ھەركىتى: ئامېرىكا-جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە مانىۋېرى ۋە ھىلارىنىڭ جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىغا ئالاقىدار سۆز قىلىشى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە قايتىدىن كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ».
    «يېقىنقى ئامېرىكا-جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە مانىۋېرى جۇڭگوغا ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەزكۇر رايوندا كۈچلۈك دېڭىز ئۈستۈنلىكىگە ئىكەنلىكىنى يەنە ھېس قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 11-ئايدا خانويدا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رايونلۇق مۇنبىرىدا، يىغىنغا قاتناشقانلار 10 شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلىتى ھەمدە ئامېرىكا، جۇڭگونىڭ دېپلوماتىيە مىنىستېرلىرى بولۇپ، ۋېيتنام مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى مەسىلىسىنى خەلقئارالىق يىغىندا مۇزاكىرىگە قويدى» .
    «خانويدا، ئامېرىكا جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى ئەركىن قاتنىشىغا قارىتا خەلقئارالىق قانۇن بويىچە ماجرانى ھەل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ۋېيتنام، فىلىپپىن، مالايسىيا ۋە باشقا ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ سېپىگە ئوڭۇشلۇق كىردى».
    ئېنىقكى، جۇڭگو «ھەممىدىن مۇھىم نىشان» بولۇپ قالدى. جۇڭگونىڭ ش ئا ئە ت بىلەن تۇنجى قېتىم بىۋاستە سۈركىلىشى 1999-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى بولۇپ، ئەينى چاغدا ئامېرىكا پىرىزدېنتى كىلىنتون تەستىقلىغان بىر قېتىملىق ھۇجۇمدا، ش ئا ئە ت نىڭ 5 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى جۇڭگونىڭ يۇگۇسلاۋىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى پارتىلتىۋەتتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ ش ئا ئە ت ئۆتكۈزگەن «ئۇرۇش جىنايىتى»، «ياۋۇزلارچە قىلمىش» دەپ ئەيىبلىدى.
    1999-يىلدىن كېيىنكى 10 يىلدا، ش ئا ئە ت جۇڭگونىڭ چېگرا بەلبېغى بولغان ئافغانىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستانغا يۆتكەلدى، جۇڭگوغا قوشنا دۆلەتلەرمۇ شەرققە كېڭەيگەن بۇ تۇنجى يەر شارىۋى ھەربىي گۇرۇھقا كىرىشكە ئۇرۇنماقتا.(تامام)

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «ھەربىي ئىشلار دۇنياسى»دىن «نەپرەت» تەرجىمە قىلدى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: http://news.okyan.com/
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: