• ئەسسالام ھۆرمەتلىك جېك بلوگىنى ئوقۇرمەنلىرى، سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار نەتىجىسىدە جېك بلوگى تەرەققى قىلىپ ھازىرغا كەلدى. شۇنداقلا بلوگباستىكى بو بلوگ مىنىڭ بارغانسىرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىھتىياجىمنى قاندۇرالمىغانلىغى سەۋەپلىك بىر ئاي بۇرۇن بلوگنى ئىشلىتىشتىن توختاتتىم، بۇندىن كىيىن بلوگباستىكى بۇ بلوگ پەقەت مەزمۇنلارنى  زاپاسلاش ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ، بۇندىن كىيىن بۇ يەرگە يىڭى تىما يېزىلمايدۇ. يەنى بلوگنى ئىككى قىلىپ بۇنى زاپاس ساقلاش ئۈچۈن،يىڭىسىنى داۋاملىق تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىمەن. گەرچە يىڭى بلوگ ئېچىلىپ بىر ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ لېكىن يىڭى بلوگنىڭ زىيارەت مىقدارى ئۆرلىمەي، بۇ بلوگنىڭ زىيارىتى يەنە كۈندە 500-600 دىن چۈشمەۋاتىدۇ. شۇڭا بارلىق بۇ بلوگنى زىيارەت قىلىۋاتقان تورداشلارنىڭ بۇندىن كىيىن يىڭى بلوگنىزىيارەت قىلىشنى ئۈمىت قىلىمەن. يىڭى بلوگنى ئادېرسىمۇ ئەستە ساقلاشقا ئۇڭاي. ئىشلىتىشمۇ قۇلايلىق. ئىقتىدارلىرىمۇ يۇقىرى. 

    گەرچە يىڭى بلوگ ئىقتىدارى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن مۇستەقىل  ئىسىم، مۇستەقىل بوشلۇق بىلەن ئىشلىتىپ تېخنىكىلىق ئىشلىرىنى ھەممىسىنى ئۈزەم قىلىدىغان بولغاچ بەزىدە نورمالسىزلىق كۆرۇلۇپ تاقىلىىپ قالىدىغان ئىشلار بولدى. ئەگەر يىڭى بلوگ ئۇزۇنراق ۋاقىت ئېچىلماي قالسا مەن مۇشۇ بلوگ ئارقىلىق ئوختۇرۇش بىرىمەن. شۇڭا يىڭى بلوگدا نورمالسىزلىق كۆرۈنگەندە نىمە بۇلۇۋاتقانلىغىنى مۇشۇ يەر ئارقىلىق ئوقۇپ تۇرغايسىلەر. 

    مىنىڭ بلوگىمنى ئۇلىنىش بەرگەنلەر بولسا ئۇلىنىشتىكى تور بەت ئادېرسىنى يىڭى ئادېرىسقا ئۈزگەرتىپ قويساڭلار

  • يىڭى بلوگنىڭ تور ئىسمى ئوخشاشلا جېك بلوگى،ئادېرسى  http://jeckblog.com ،تەڭشەكلىرىنىڭ ھەممىنى ئاساسەن ئۈزەم بىرتەرەپتىن ئۈگىنىپ بىر تەرەپتىن قىلغان بولغاچقا بلوگ بەزىدە نورمال بولماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا بۇنى سىناق نۇسخا قاتارىدا كۆرۈپ ئىشلىتىپ ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى سۈز قالدۇرۇش سوپىسىغا قالدۇرۇپ قويساڭلار.  سىلەردە، بولۇپمۇ شىنجاڭدا ئۇلىنىش، ئېچىىش تىزلىكى قانداق، تور كۆرگۇدە نورمال كۆرۈندىمۇ يوق مۇشۇ يەردە بولسىمۇ پىكىر بەرسەڭلار. تور بەتلەر ئۇچۇرلىرى خەۋىرى بىرىدىغانلار جېك بلوگىنىڭ ئادېرسى ئۆزگەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلىپ قويساڭلار.

  • يۈكسەل بلوگىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ شىنجاڭ يېزائىگىلىك ئۇنۋېرسىتىتى ئوقۇغۇچىسى ئىلھامجاننىڭ بۇرۇنراق ھۇشىغا كىلىشىنى، كىسەل ئاۋازىدىن قۇتۇلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىت قىلىپ Jeck بلوگىمۇ تورداشلارنى ئىلھامجان ئۈچۈن ياردەمگە چاقىرىدۇ. بۇ تىمىنى كۆرگەن ھەر بىر تورداشنىڭ ئىرىنمەي يۈكسەل بىلوگىدىكى ئىلھامجان توغرىسىدىكى بۇ چاقىرىقنى ئوقۇپ باققايسىزلەر.

  • ئۇسۇل ھىچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بىر ئۇيغۇر ئەنئەنىسى. ھەرقانداق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى، مەيلى دىنى ياكى باشقا مۇراسىملار بولسۇن ئۇسۇل ۋە يۇقىرى ئاۋازدىكى مۇزىكىسز ئۈتكۈزۈلمەيدۇ. بۇلار قولىقىڭىز پاڭ بۇلۇپ قالغان تەقدىردىمۇ كۈزگە ئارام بىرىدۇ. مەن كۈزىڭىزنى زىرىكىپ قالمىسۇن دەپ ئازراق قىسقا فىلىم يوللاپ قويدۇم.

  • يىقىندا توردا ئىلمى ماقالە ئىزدەۋېتىپ ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار يازغان بىر نەچچە ماقالىگە كۆزۈم چۇشۇم قالدى ۋە ئۇلاردا i.e. ۋە e.g. قىسقارتىلما سۈزلىرىنىڭ خاتا ئىشلىتىلگەنلىكىنى ياكى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىلگەنلىكىنى بايقاپ قالدىم. بۇ ئىككى سۈز ئادەتتە كۆپ ئۇچرىمايدۇ، لېكىن ئىلمى ماقالىلاردا بەك جىق ئىشلىتىلىدۇ. بۇرۇن مەنمۇ دىققەت قىلماي خاتا ئىشلىتىپ قوياتتىم. كىيىن ئامرىكىدا ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن دىسىرتاسىيە يېزىۋاتقان ۋاختىمدا ئاندىن بۇ ئىككى سۈزنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بۇلغان ئىشلىتىش ئورنى بارلىقىنى بايقىدىم. ۋەتەندە ئاسپرانىت ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يازمىنى ئوقۇپ قويۇشىنى ياكى توردىن ئاختۇرۇپ قويۇشىنى سورايمەن، ماقالە يازغان ۋاختىڭلاردا ئالدىڭلارغا كىلىدۇ

  • يىقىندا توردا شىنجاڭ تېلىۋىزىيسىنىڭ بىر پىروگراممىسىنى كۆرۈپ قالدىم، ئۇنىڭدا مەلۇم بىر تەتقىقاتچىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئىسمىنى ئاتىغاندا دوكتور ئاشتى پالانچى، دوكتور يىتەكچىسى پالانچى دەپ نەچچە يەردە ئاتاپتۇ. بۇنداق ئاتاش دائىم تورلاردىمۇ، گىزىتلەردىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ توغرىلىق چۈشەنچە بىرىپ تېلىۋىزىيە، گىزىت ژورناللاردا ئىشلەۋاتقان ئاخبارات خادىملىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خاتا چۈشەنچىسىنى ئۈزگەرتىۋالسا دىگەن ئۈمىتتىمەن.

  • چەتكە چىقىشتا پاسپورت بىجىرىشتىن باشقا ھالقىلار ھەممىسى ئۈزى قىلالايدىغان ئىش ھەم ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان چەتكە چىقىپ  ئوقۇۋاتقانلار ۋە ياكى باشقا سەۋەپ بىلەن چىققانلار ھەممىسى ئۈزى قىلىپ كىلىۋاتىدۇ. ھازىرقى شارائىتتا تور بولسا، توردىن ئىزدىيەلىسە ۋە شۇنداقلا ئازراق ئىنگىلىز تىلى ( ۋە ياكى ئۈزى چىقماقچى بولغان دۆلەتنىڭ تىلى) نى بىلسىلا ھەممە ئادەم ئۈزى قىلىپ كىتەلەيدۇ. ئوتتۇرىدا مەسىلىلەرگە ئۇچرىسا ماڭا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان  بۇ جەھەتتە تەجرىبىسى بارلار مەسلەھەت بىرىپ يول كۈرسىتىپ كىلىۋاتىدۇ.

  • يىقىندا بىر تۇنۇشۇم تۈۋەندىكى ئۇچۇرنى ئەۋەتىپتىكەن، قىزىقىدىغانلار بوپ قالسا ئىلتىماس قىلىپ بېقىڭلار. بۇ مەكتەپنىڭ ئىسمى WoodStock ئىكەن، ئىزدەپ كۆرگەن ئوچۇرلارغا قارىغاند بۇ مەكتەپ بۇنىڭدىن يۈز نەچچە يىللار بۇرۇن قۇرۇلغان بولۇپ ياتاقلاشقان ۋە كۆلەملەشكەن خەلقارالىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىكەن، ھىندىستان ۋە جەنۇبى ئاسىيادا داڭلىق مەكتەپ ھىساپلىنىدىكەن. ئۇلار مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئېتنىڭ مەنبەسىنىڭ ھەرخىللىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ يىل ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرىق، جەنۇبى ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلار ئائىلىسىدىن كەلگەن ئىككى قىز ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش مۇكاپاتى بەرمەكچى بوپتۇ، 9- ياكى 10 سىنىپقا ئوقۇيدىغانلار بولسا بۇلىدىكەن، ئىنگىلىز تىلىدا راۋانراق بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىكەن. قىززىقىدىغانلار ئۇچۇرنى تەپسىلى كۆرۇڭلار. ئىلتىماس قىلىش ۋاختىنىڭ ئاخىرقى چېكى 8-ئاي.  ئىلتىماس قىلىدىغانلار بىۋاستە ئىلتىماس قىلساڭلار بۇلىدۇ

  • ئامرىكىنىڭ چوڭ كىچىك قانۇنلىرىنىڭ كۆپلىگىدىن ئادەم ئاران تۇرىدۇ قانۇن بىلەن ئوينىشىپ قالغىلى، مەسىلەن، ئادەم يا خوتۇننى ئۇرغىلى بولمىغان يا بالىسىنى. ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئۈزەمنى دىمىدىم، مەنغۇ ئۈزەمنى دەڭسەپ باقسام ھىچ خوتۇننى ئۇرالايدىغاندەك ئەمەس، ھەم بۇ كەمنىڭ خوتۇنلىرىنى ئۇرۇپ قۇتۇلغىلى بۇلامدۇ دىسە، بۇلوپمۇ ئامرىكىدا

  • بلوگ ئەسلىگە كەلدى. 

    ۋاقىت دىگەن ئەجەپ تىز ئۆتىدىكەن، ھەش پەش دىگۈچە مانا بلوگ يازمىغىلى بىر يىل بۇلاپ قاپتۇ. گەرچە بلوگ بىر يىل يىڭىلانمىغان بولسىمۇ بلوگنى يۇقلاپ تۇرىدىغانلار بىر كۈنمۇ ئۈزۈلمىدى، تور ئېچىلغاندىن كىيىنلا ئەمەس تور يوق ۋاقىتلاردىمۇ  چەتئەلدىن كىرىپ، تام ئاتلاپ كىرىپ، يەنە بىر نىمىلەرنى قىلىپ كىرىپ زىيارەت مىقدارى ئاز بوپ كەتمىدى، ھەتتا كىرگەن تورداشلار ئىلاننى چىكىپ قويۇشنىمۇ ئۇنۇتمىدى.

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار، ئالدى بىلەن كىچىكىپ بولسىمۇ ھەممىڭلارنىڭ يىڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. ئەسلى بۇ مۇبارەكنى يىڭى يازما بىلەن يىڭى يىلنىڭ باشلىنىشىدىلا بەرمەكچى ئىدىم، لېكىن يىڭى يىل ئالدى كەينىدە شەخسى ئىشلار بىلەن سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم، ئىككى ئۈچ كۈننى ئۆتكۇزۇۋېتىپ قارىسام بۇ تور خاتىرىسىنىڭ مۇلازىمىتىنى تەمىنلىگۇچى چوڭ تور بەت بلوگباس تاقىلىپ قاپتۇ. جۇڭگۇدا زور كۈچ بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنتېرنىتنى تازىلاش ھەركىتى گۇگۇل، BTchina دىگەندەك چوڭ تور بەتلەر بىلەن ئۆتەمدىكى دىسەم بىزدەك كىچىك تور بەتلەرگىمۇ تەسىرگە ئۇچراپتۇق.

  • بۇ ئۇچۇرنى ئامرىكىدا ئوقۇۋاتقان بىر قېرىندىشىمىز تەمىنلىگەن. كەسىپكە ماس كىلىدىغانلار بىۋاستە قالدۇرۇلغان ئالاقەئادېرسى ئارقىلىق ئالاقىلاشقايسىلەر. 

    Here is an important information about an open phd position in  university for fall 2010. I hope you can post this imformation on your blog and any Uyghur websites. Thanks!

    Ph.D. Position in Comparative Structural Genomics

    A PhD student position in structural bioinformatics in the Siltberg-Liberles Research Group in the Department of Molecular Biology at University of Wyoming is available

  • تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر. پېقىر 6-ئايدا توي قىلغاندىن كىيىن بىر مەزگىل شىنجاڭدا بولدۇم ۋە توينىڭ ئالدىراشچىلىقى بىلەن بلوگقا قارىيالمىدىم. كىيىنچە 7-ئايدا چىققان ئىشلارنىڭ سەۋەبى بىلەن تور ئۈزۈلۈپ كەتتى. ۋەقەدىن كىيىن ئىچكىرگە كىلىپ بىر مەزگىل تۇردۇم، قايتىپ كىلىش ئۈچۈن ۋىزا ئېلىشمغا سەل توختاشقا توغرا كەلدى، بىرئايدىن ئارتۇق ۋىزا ساقلاپ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بىرەر ھەپتىلەر بۇرۇن ئوڭۇشلۇق ھالدا مەكتىۋىمگە يېنىپ كەلدىم. ھازىر مەكتەپتە.

  •  ئائالدى بىلەن مىنى ۋە بلوگىمنى قوللاپ كىلىۋاتقان بارلىق تورداشلارغا كۆپ رەھمەت.

    ئۈتكەندە ئىزدىنىش تورىدا دىيىلگەندەك مەن  مۇشۇ شەنبە يەنە 6-ئاينىڭ 6-كۈنى خوتەن شەھىرىدىكى ئاۋام رىستورانىدا توي قىلماقچى. ۋاقىت قىسقا بولغاچقا سەل جىددىچىلىك بولۇپ قالدى. شۇڭا بۇرۇن خەۋەر بىرىشكە ئۈلگۈرەلمەي قالدىم. قۇربىتى يىتىدىغان يىراق يىقىندىكى تورداشلارنىڭ تويغا قاتنىشىپ بىرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ۋاقىتى يىتىدىغان تورداشلارنىڭ بۇرۇنراق كىلىپ تۇرۇپ بىرىشىنى قارشى ئالىمەن. يىراقتىن كىلىدىغان تورداشلار بولسا ياردەم لازىم بولسا، ئايرۇدۇرۇم، بىكەتتىن ئېلىۋالىدىغان، ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئىشلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشقايسىلەر. بىلمەي قالغان دوستلارغا يەتكۈزۈپ قويغايسىلەر.  ئالاقە نۇمۇرى: 13239809898

    پېقىر توي ئىشى ۋە باشقا ئىشلار سەۋەپلىك بىر مەزگىل بلوگنى يىڭىلىيالمايمەن ۋە خەتلەرگە جاۋاپ قايتۇرالمايمەن. تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن.

    You are cordially invited to celebrate my wedding on Saturday 11am,June the 6th at Awam Restaurant in Hotan. For assistance including airport pickup, hotel reservation etc., please call 13239809898.  

  • مەن 2000-يىلى  شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىنىڭ قانون-ئقتىساد ئىنىستىتوتىغا قوبۇل قىلىنىپ،بەش يللىق ئوقۇشنى ئەلانەتىجە بىلەن تاماملاپ،2005-يىلى7-ئايدائوقۇش پۈتتۈردۇم،شۇنىڭدىن كېيىن جەمىيەتكە قەدەم قويدۇم.مەكتەپ پۇتتۇردىغان يىلى ئاسپىراتلىق ئوقۇشقا ئىمتىھان بەرگەن ئىدىم،بىراق تەلىيىم كاج بولسا كېرەك ، 1 نۇمۇر كەملەپ قېلىپ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدىم،قالداق قىلىش كېرەك؟


  • بۇ تىمىنى شەبنەمدە كۆرۈپ بەك قىززىق تۇيۇلۇپ كەتتى. خوتەنچە گەپلەر سۈزلىگەندە باشقىچە تۇيۇلمىغان بىلەن يازغاندا قىززىق تۇيۇلىدىكەن. ئوقۇۋاتقاندا خۇددى ئۈزەمنى شۇ بازاردا كۆرۇپ تۇرغاندەك ھىس قىلدىم. شۇڭا بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ قويدۇم.

    كــام بـــۇلا ...( ھەقىقى خوتەن شىۋىسى )


  • ئۆتكەندە بىر نەچچە ۋەتەندە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان قېرىنداشلار ماڭا خەت يېزىپ 国家留学委员会 نىڭ تاللىشىدىن ئۆتكەنلىگىنى، ئامرىكىدىن ئوقۇتقۇچى ئىزدەشتە قىينىلىپ قالغانلىغىنى ئېيتىپ خەت يېزىپتىكەن، تۇنۇشلىرىم جىق بولمىغاچقا ئۇنچە بەك ياردەم قىلالمىغانتىم. بۈگۈن بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ قېلىپ كۈچۈرۈپ قويدۇم.  پايدىسى بولسا ئالاقە قىلىپ كۆرگەيسىلەر. شۇنداق تۇنۇشلىرىڭلار بولسا يەتكۈزۈپ قويساڭلار بۇلىدۇ.

    公派研究生(联合培养博士生)at Pennsylvania State University (USA)

  • دۇنيادا بلوگ يېزىش باشلانغاندىن تارتىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بلوگ يازغۇچىلار دۇنيادىكى مۇھىم بولغان مېدىيا( تاراتقۇ) ۋاستىسىگە ئايلىنىپ جەميەتنىڭ مۇھىم بىر ئۇچۇر مەنبەسىگە ئايلاندى. بۇرۇن جەميەتتە ئۇچۇر تەمىنلىگۈچىلەر مۇنتىزىملاشقان شىركەتلەر بولغان بولسا بلوگنىڭ بۇ قاتارغا قۇشۇلىشى بىلەن شەخىسلەرمۇ ئۈزىنىڭ كۈز قاراش، بىلىم ۋە ھىسياتلىرىنى ئۈزىگە ۋەكىللىق قىلىدىغان بلوگى ئارقىلىق جەميەتكە تارقتىشقا باشلاپ بلوگچىلار جەميەتكە شىددەت بىلەن تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى

  • ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە يەنە ئويلاپ قالدىم، مەن نىمىشقا بلوگ توغرىلىق ئويلايدىغاندىمەن. ئويلايدىغان ئىش جىق ئىدىغۇ. كىسەل بۇلاپ قالدىممۇ يا؟  بورۇن ھاۋا بېسىمى، قان بېسىمى، خان بېسىمى، ئۈي بېسىمى، ماشىنا بېسىمى، خوتۇن بېسىمى، توي بېسىمى، قاتارلىق ھەر خىل بېسىملارنى ئاڭلىغان. ئەھۋالدىن قارىغاندا مەن بلوگ بېسىمى بولۇپ قاپتىمەن

  • ئالدىنقى تىمىدا دىيىلگەندەك، قوغدىلىش رايونلىرى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ ئۇلار ئۈزىنى ئۈزى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن. ھەر قايسى قەبىلە رايونلىرىدا چوقۇم بىر ھۈكۈمەت بولۇشى كىرەك ئىكەن. بۇنى قەبىلە ھۈكۈمىتى ياكى قەبىلى كىڭىشى دەپ ئاتاپ بۇنى فىدىراتسىيە ھۈكۈمەتكە تىزىمغا ئالدۇرىدىكەن ۋە ئۈز ئەزالىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن.  ھۈكۈمەتنىڭ چوڭلۇقى ئەزا ۋە زىمىنىغا قاراپ چوڭ كىچىك بولىدىكەن. بۇلار يەرنى قانداق تەقسىم قىلىش، قانداق تۈزۈم قوللىنىپ باشقۇرۇش دىگەندەك بىر قاتار ھوقۇقلارغا ئىگە ئىكەن. بۇلارنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتى، سوت مەھكىمىسى، ساقچىسى، تەپتىش مەھكىمىسى، مەكتەپ، پاراۋانلىق، داۋالاش قاتارلىق بىر قاتار فونكىسىيەلىك ئورۇنلىرى بولۇپ ئۈزىنىڭ قانۇنى بۇلىدىكەن

  • شۇنداق قىلىپ ھازىر ئامرىكىدا 560 تىن ئارتۇق ھۈكۈمەت تىزىملىغان ھىندىيان قەبلىسى بار بولۇپ، بۇلار 310 ئەتراپىدىكى قوغدىلىىش رايونلىرىدا ياشايدۇ. قوغدىلىش رايونلىرى ئامرىكىنىڭ ئوخشىمىغان شىتاتلىرىغا ناھايتى  تەكشىسىز ھالەتتە جايلاشقان. مۇتلەق كۈپ ساندىكىسى غەربى قىسىم رايۇنلاردا.  بەزى قەبىلىلەرنىڭ بىردىن ئارتۇق قوغدىلىش رايونلىرى بار. نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقى ئوخشىمىغان سىياسەت تۈپەيلى ئۇندىن باشقا بەزى رايونلاردا يەككە ھىندىيانلار ئىگىدارچىلىقىدىكى نەچچە مىڭ مو كىلدىغان زىمىنلارمۇ باركەن.  ئامرىكىدىكى ھىندىيانلارغا تەۋە قوغدىلىش رايونلىرىنىڭ ئومۇمى يەر كۈلىمى 55 مىليون مو، يەنى 225مىڭ كۇۋادىرات كىلومىتېر بولۇپ ئامرىكا يەر مەيدانىنىڭ 2.3% تىنى ئىگەللەيدۇ. توققۇز قوغدىلىش رايونىنىڭ زىمىنى دىلاۋىر شىتاتىدىن چوڭ.

  • مۇشۇ ئىككى ئىش مىنى ھەقىقەتەن بەك تەسىرلەندۈردى.گەرچە ئۇنىڭ قىلغانلىرى بەك ئاددىي ئىشلار بولسىمۇ،بىراق پەرىزەنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئەمدى بىر ياشقا كىرگەن قىز ئىكەنلىكىنى ئىسىڭىزدىن چىقىرىپ قويماسلىقىڭىز كىرەك! ئامېرىكادا بىر ياشقا كىرگەن بالىلار بەك شەخسىيەتچى بولۇپ،پەقەن «مەن»نىلا ئويلايدۇ.بىراق ئۇيغۇر ئۆرۈپ-ئادىتىدە بالىلار ئىنتايىن كۈچلۈك ئەنئەنىۋىلىك ئىچىگە كۆز ئاچىدىكەن،كىچىكىدىن باشلاپلا ھەرخىل ئائىلە مۇناسىۋىتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدىكەن.ماڭا، ئۇيغۇر بالىلىرى ھەتتاكى بىر ياشقا كىرسىمۇ ئۆزىدە ھەق-ناھەق تۇيغۇسى،سىخىيلىق-كەڭ قورساقلىق ۋە ئۇيغۇر قىممەت قارىشىنىڭ بولىدىغانلىقىنى،مۇشۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ باشقىلار بىلەن ئېلىپ بارغان مۇناسىۋىتىدە ئىناقلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ ئاساسى بولىدىغانلىقىنى ئۆگەتتى.

  • ئامرىكىنىڭ يىڭى دۈلەت باشى ئوباما ئۈتكەن ئايدىكى نۇرۇزدا ئىران خەلقىگە قارىتىپ توردا نۇرۇز تەبرىكنامىسى يوللىغان ئىدى. بىلىكتىكى تورداشلار ھەمكارلىشىپ بۇ نۇتۇقنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدى ۋە تەرجىمىنى فېلىمگە كىرگۇزدى. چۈشۈرۈش ئادېرسى ئەسلى تىمىدا تەملىنگەن. مەن بۇ نۇتۇقنى Youtube قا چىقىرىپ قويدۇم. بوشلۇق بولمىغانلىغى ئۈچۈن چۈشۈرۈش ئادېرسى مەندە يوق. جىددى لازىملار بولسا دىسەڭلار مەن چ چ دا ياكى ئىلخەتتە يوللاپ بىرەي.

  • web 2.0 دىگەن ئوقۇم 2000-يىللاردىكى ئىنتېرنېت ماغزىپىدىن (internet bubble) كىيىن پەيدا بولغان. بولۇپمۇ 2003 يىللاردىن كىيىن ئىشلىتىلىشكە باشلىغان بولۇپ قىسغىنە 5 يىلللىىق تەرەققىيات ئارقىلىق ھازىر ئىنتېرنىت دۇنياسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر ئۇقۇم بۇلۇپ قالدى. Facebook, Myspace, Digg, Twitter, Flickr قاتارلىق ۋەكىل خاراكتىرلىق تور بەتلەر ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلىرىنى يىڭى بىر دۇنياغا باشلاپ كىردى.ھازىر web2.0 تېخنىكىسى ئىشلىتىلمىگەن تور بەتلەر ئۇنچە ئىلغار تور بەتلەر بولۇپمۇ ھىساپلانمايدۇ

  • ئامرىكىدا نۇرغۇنلىغان كىچىك تىپتىكى ئۇنۋېرستىتلار بار. بۇلارنىڭ گەرچە بەك داڭقى بولمىسىمۇ لېكىن ئۇلار بىر ياكى ئىككى پروگرامغىلا كۈچەپ باشقىلارغا ھەم ئۈزىگە بىۋاستە پايدا ئەكىلەلەيدىغان يۇنۇلۇشتە ماڭدۇرغان بولغاچقا مۇشۇنداق ئۇنۋېرسىتىتقا كىرىدىغانلارمۇ نۇرغۇن. بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش چەتئەللىكلەر ئۈچۈن. بىر نەچچە ئاي بۇرۇن كىرىمنى جىلغىسىدا ئىشلەۋاتقان بىر ياش ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالدۇق ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئارلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ ئامرىكىغا كىلىپلا 8 ئايدىن كىيىن خىزمەت تېپىپ ئىشلەۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم.

  • مەن تۈركىيەگە بېرىشنىڭ ئالدىدا بەزىبىر گەپلەرنى ئاڭلاپ قالدىم. بىر قانچە تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇش ئازۇسى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ ئۆزىنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر مۇنچە پۇللارنى ئورۇنسىز خەجلىگەنلىكىنى ،ئۇ ئادەملەر ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىيەگە ئەكىلىپ قويۇپ ھچقانداق رەسىمىيەتلىرى بىلەن كارى بولمغانلىقى،ئۆزىنىڭ شۇنچىلىك پۇل خەجلەپ تۈركىيەگە چىقىپ،ئۆزىنىڭ ئوڭ-سولىنى بىلمەي قالغانلىقى توغرىسىدا گەپلەرنى ئاڭلاپ قالدىم.

  • پاسپورتنى مەن بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا بىجىرىپ قويغان ئىدىم. پاسپورت ھەل قىلىش ئۈچۈن 200يۈەن ،رەسىم ئۈچۈن 70يۈەن تۆلىدىم. مەن يەنە پاسپورتنىڭ ئەسكەرتىش دېگەن بېتىگە ئەسكەرتىش قىلىپ ئىسمىمنى خەنزۇچە پىنيىن يېزىقىدىن نورمال لاتىنچىگە ئۆزگەرتىشكە بىر ئىلتىماس قىلدىم ۋە بۇنىڭ ئۈچەن 40 يۈەن تاپشۇردۇم. پاسپورت 2 ھەپتىدە چىقتى.ئەسكەرتىش يېزىش ئۈچۈن 3كۈن كەتتى.


  • ئوقۇش، ئوقۇش دەۋەرسەم ،مېنى تاڭسىڭمىكىن دەپ قالماڭلار ( چاقچاق!!!)،،، بۇرۇندىنلا مۇۋاپىق بىرى چىقىسا ياخىشى ئائىلە قۇرغۇم بار ئىدى،،، مەن مەلۇم بىر مەكتەپتە ئۇقۇيدىغان بىر ئۇيغۇر قىزىنى تونۇيتتۇم،،، ئۆزىمۇ خېلى چىرايلىق، ئەدەپ - ئەخلاقى ياخشى، دىيانەتلىك قىز ئىدى،، ئۇنى ھەر قېتىم ئۇچراتقىنىمدا ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارالمايتتىم،،، ھېيىت-بايراملاردا، يىغىلىشلاردا ئۇ قىزنى دائىم ئۇچرىتاتتىم،،،، دېمىسىمۇ بۇ كەمسۆز قىز مېنى جەلىپ قىلىۋالغانىدى،، لېكىن مېنى رەت قېلىۋېتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم.....ئۆتمەس دەپ نامىم چىقىپ قېلىشىدىن قورقاتتىم...

  • Jeck ئىلاۋىسى:مالايسىياغا چىقىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ ماقالىنى ھازىر مالايسىيادا تۇرۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ئالاھىدە تەييارلىدى. ئۈزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقانلىغى ئۈچۈن بۇ قېرىندىشىمىزغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.

    ئالدىمدا پەقەت بىرلا بىنا،، ئاستىنقى قەۋىتى تاللا بازىرى ئىدى... پەقەت 2-3 قەۋەتلا ئوقۇتۇش رايونى ئىدى... تەسەۋۇرۇمدىكى مەكتەپ بىلەن ئاسمان-زېمىن پەرقلىنەتتى.... ئۇ ئاكاش مېنى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپلا، كېتىپ قالدى..( خەقنىڭ يامان گېپىنى قىلغۇم يوق).... بۇنى بىر مەكتەپ دەپ ئىقرار قىلغۇم كەلمەيتتى،،، پەقەت بىر تۆۋەن دەرىجىدىكى تىل تەربىلەش مەركىزى ئىدى.... ئۇرۇمچىدىكى تىل تەربىلەش مەركەزلىرى بۇنىڭدىن كۆپ ياخشى،،،،، ئامال قانچە چىداش كېرەك،

  • بىز بۇ يىلمۇ ئۈتكەن يىلدىكىگە ئوخشاشلا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر جەميىتىنى يۈزەكى ھالەتتە بولسىمۇ كۈزىتىپ چىقتۇق. كۈزىتىش ئۇسۇلىمىز ئۈتكەن يىلى يېزىلغان تىمىلاردا تەپسىلى چۈشەندۈرۈش بىرىلگەن بولغاچقا بۇ يىل يەنە قايتىلانمىدى.بىر قىسىم تۈرلەرنى قىسقارتتۇق ياكى ئۈزگەرتتۇق. كىلەر يەنە قىلىپ قالساق يەنىمۇ چوڭ ئۈزگىرىش بۇلىدۇ.  ئۇندىن باشقا يەنە ئەسكەرتىمىزكى بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت بىر قىسىم تورداشلارنىڭ كۈز قارىشى. پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ

    ۋەقەلەر قىسمى