-
(مىھمان يازمىسىى) پولشاغا كېلشتە ماڭغان يوللىرىم Greetings From Poland - [America ئامرىكا]
2009-05-20
بۇ مىھمان يازمىسى( Guest Post) بۇنىڭدىن ئىككى ئاي بۇرۇن پولشاغا كىلىپ ئوقۇشنى باشلىغان بىر توردىشىمىز تەرىپىدىن تەكلىپكە ئاساسەن يېزىلدى. توردىشىمىز تېخى پولشاغا بارغىنىغا ئوزۇن بولمىغاچقا بۇ تىمىدا پولشاغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىقلىرى يېزىلدى. مەن بۇ يازمىغا بىرلەشتۈرۈپ بىر نەچچە سۇئال سوراپ ئەۋەتتىم. يازمىنىڭ ئاخىرى داۋاملىق يېزىلىدۇ. تورداشلارنىڭ سۇئالى بولسىمۇ ئىنكاس سۈپىتىدە قالدۇرۇپ قويساڭلار بۇلىدۇ.
مەن 2000-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىنىڭ قانون-ئقتىساد ئىنىستىتوتىغا قوبۇل قىلىنىپ،بەش يللىق ئوقۇشنى ئەلانەتىجە بىلەن تاماملاپ،2005-يىلى7-ئايدائوقۇش پۈتتۈردۇم،شۇنىڭدىن كېيىن جەمىيەتكە قەدەم قويدۇم.مەكتەپ پۇتتۇردىغان يىلى ئاسپىراتلىق ئوقۇشقا ئىمتىھان بەرگەن ئىدىم،بىراق تەلىيىم كاج بولسا كېرەك ، 1 نۇمۇر كەملەپ قېلىپ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدىم،قالداق قىلىش كېرەك؟ جىددى ئويلىنىشلار ئارقىلىق ھەم ئۆيدىكىلەرنىڭ پىكىرى بويچە ئاسپىراتلىق ئىمتىھانغا قايتا تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم،ئەسلىدە بىر تەرەپتىن خزمەت قىلغاچ يەنە بىر تەرەپتىن ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش ئويۇم بار بار ئىدى،بىراق ئاتا ئانام مېنى "بىر تەرەپتىن خزمەت قىلغاچ يەنە بىر تەرەپتىن ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلساڭ ئىمتىھانغا ياخشى تەييارلىق قىلالمايسەن"دەپ خىزمەت قىلىش ئارۇزيۇمنى قوللاپ كەتمىدى.مەنمۇ ئارتۇقچە گەپ قىلماي كىتاپلىرىمنى قايتىدىن قولۇمغا ئالدىم.يېرىم يىللىق جاپالىق تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق ئاخىر ئىمتىھاننىمۇ ياخشى بېرىپ تۇگەتتىم،بۇ جەرياندا مەن بىر شېركەتتە قوغداش خادىمى بولۇپ ئىشلىگەچ ئىمتىھان نەتىجەمنى تەققەزالىق بىلەن كۈتمەكتە ئىدىم.مانا 4-ئايمۇ كېلىپ ئاخىر ئىمتىھان نەتىجىسى چىقتى.مەن كوزلىگەن نۇمۇرغا ئېرىشكەن ئىدىم.ئېرىشكەن نەتىجەم گەرچە بەك يۇقۇرى بولمىسىمۇ بىراق ئوتكەن يىلىدىكى نۇمۇر سىزىغىدىن خېلى ئاشقان ئىدى. بىراق ئويلىمىغان يەردىن شۇ يىلى نۇمۇر سىزىغى يۇقۇرى ئۆرلەپ ،يۇقۇرى ئۆرلىگەن نۇمۇر سىزىغىغا يەنە 4 نۇمۇر كەملەپ قالدى.
ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ مەن راسلا زادى نىمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قالغان ئىدىم.بۇ ئىش ماڭا قاتتىق ھار كەلگەن ئىدى.مەن شۇ چاغدا ئۆز ئۆزەمگە "ئەمدى ئالدى بىلەن خزمەتكە ئورۇنلىشىپ ئاندىن كېيىن ئاسپىراتلىقتا ئوقۇشنى ئويلىشاي"دىگەن قارارغا كەلدىم.شۇنىڭ بىلەن مەن يەنە قايتىدىن بەل باغلاپ،بارلىق ماتىرياللىرىمنى قايتىدىن تەييارلاپ ،خىزمەت ئىزدەشكە كىرىشىپ كەتتىم،ئۈرۈمچى شەھىردىكى نۇرغۇن باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە باردىم،بۇ مەكتەپلەرگە ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەپ تۇرۇش ئويۇم بارلىقىنى ئېيتقان بولساممۇ ،بىراق ھېچقانداق مەكتەپتىن خەۋەر ئالالمىدىم.ئۆز ئۆزەمگە " توۋا ،ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرۇپ ،ئۇنىڭدىن كېيىن ئىمتىھان بېرىش ئارقىلىق رەسمىي ئوقۇتقۇچى بولارمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم،بىراق ئويلىماپتىمەن،مەن باش تىقىپ كىرىپ ئىشلەپ تۇرغۇدەك بىرەر ئورۇننىڭ چىقمىغانلىقىغا راسلا ھەيران قالدىم،ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك ؟ "دەپ ئۆز ئۆزەمگە سۇئال قويدۇم.
مەن كۆپ ئويلانمايلا شەھەردىكى چوڭ كىچىك گېزىت ۋە ژورناللار ۋە تىلۋىزىيە رادىئو ئىسىتانسى ئېلان فىلىم ئىشىلەش مەركەزلىرى نەشىرىيات ئاخپارات ئورۇنلارغا باردىم.ئەپسوس ، بۇ جايلاردىنمۇ يەنىلا خىزمەت تاپالمىدىم.شۇنىڭ بىلەن 7-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەمور خادىم قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىپ ،ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلدىم. مەن ئۆزەمنىڭ ئوقۇغان كەسپىمگە ئاساسەن ،67- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىدىيىۋى-سىياسى ئوقۇتقۇچىلىقىغا تىزىملىتىپ ئىمتىھان بەرىم،قايتا قايتا ئىمتىھان بېرىپ تاللنىنىشلار ئارقىلىق ئاخىر يۇز تۇرانە ئىمتىھانغا مەن ۋە يەنە ئىككى نەپەر قىز قالغان ئىدى،ئالدىغان ئادەم سانى بىر ئىدى،دىمەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كەلگەن ئىدى.ئاخىر سانىيە ئىسىملىك قازاق قىز تاللىنىپتۇ.مەن مەسئول ئوقۇتقۇچىدىن "نىمىشقا بۇنداق بولدۇ؟ مەن سىناق دەرسنى شۇنداق ياخشى ئۆتكەن تۇرسام،نىمىشقا تاللىنالمايمەن؟"دەپ سۇئال قويدۇم.مەسئول ئوقۇتقۇچى ماڭا : سىلەرنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەڭلەر سانىيەدەك ياخشى ئەمەسكەن دەپ جاۋاپ بەردى.سانىيەنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى ئەلىۋەتتە ياخشى بولىدۇ،چۈنكى بۇ قىز مىنكاۋخەن بولۇپ ، ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنىمۇ ياخشى سۆزلىيەلمەيتتى.مەن ئېغىر تىنىپ قويۇپ،قايتىپ كەلدىم.
شۇنداق قىلىپ مەن ئۈرۈمچىدە تۇرغان مەزگىلدە تاكى بۇلتۇر 2008-يلى كۈز پەسلىگىچە توختىماي ئىمتىھان بېرىپ تۇردۇم،بىراق ھەر قېتىمقى يېزىقچە ئىمتىھاندا يۇقۇرى نۇمۇر بىلەن ئۆتۈپ ئاخىردا يۇزتۇرانە ئىمتىھاندا ئۆتەلمەي قالاتتىم،2005-يىلدىن تاكى 2008-يلنىڭ ئاخىرغىچە مەن بىر تەرەپتىن ئىشلىگەچ يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇغاچ يۈردۇم،بۇ 3 يىل جەريانىدا نۇرغۇن شېركەتلەردە ۋە نۇرغۇن جايلاردا ئىشلەپتىمەن. بېشىمدىن نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقلار ئۆتۈپتۇ.
2006-يىلنىڭ ئاخىردا مېنىڭ روس تىلى ئوقۇتقۇچۇم ماڭا قىرغىزىستاندا ئوقۇش ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىدى،شۇنداق قىلىپ مېنىڭ تۇنجى قېتىم چەتئەلدە ئوقۇشۇم ئۈچۈن قەتئىي قارارغا كەلدىم.باشتا ئۆيدىكىلەر قەتئئي قارشى تۇردى.بىراق كېيىن مەن چىڭ تۇرغاچقا قوشۇلغانمۇ بولدى.مەن قىرغىسىتان دولەتلىك ئۇنۋېرسىتنىڭ روس تىلى فاكولتىتىنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىغا ئېلىپ بېرىپ پاسپورت ئىشلەتمەكچى بولدۇم،بىراق ساقچى ئىدارىسىدىكىلەر ماڭا :سېنىڭ نوپوسۇڭ ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كەلگىلى ئۇزۇن بولمەپتۇ،چوقۇم 5 يىل ساقلىشىڭ كېرەك دىدى،مەن بەك تىت تىت بولدۇم.مەن ھەرگىزمۇ 5 يىل ساقلىيالمايتتىم. ئەقلى ھوشى جايىدا ئادەم بەش يىلنىڭ ھەرگىزمۇ قىسقا بىر يىل ئەمەسلىكىنى بىلەتتى،مەسىلەن سىز نىڭ ئاكىڭىز ياكى ئاچىڭىز بىر بالىلىق بولغان بولسا ،ئۇ بالا سىز بەش يلدىن كېيىن كەلگىنىڭىزدە سىزنى "ئاكا ياكى ئاچا دەپ چاقىرالايدۇ. 5 يلدا سىز يەنە بىر قېتىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇيالايسىز.بەش يىلدا سىز يەنە............
ئىشقىلىپ بۇ يېڭى سىياسەت مېنى خېلىلا قىينىدى.مەن پاسپورت ئالالمىغاندىن كېييىن ،بىكار تۇرغىچە ئوقۇپ تۇراي دەپ شوپۇرلۇق پىراۋىسى ئېلىشى ئۈچۈن ئوقۇدۇم،ۋە كىنىشكىنى ئالدىم،يەنە داۋاملىق تىل ئوقۇغاچ ھەر تەرەپكە چېپىپ ،ئۈرۈمچىدىكى ساياھەت شېركەتلىرى.چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىرىش شېرركەتلىرى بىلەن ئالاقىلاشتىم،بۇ جەرياندىمۇ بارمىغان جايلار ئاز قالدى.بىراق شۇ ھەممىسى پاسپورتقا ئامال قىلالمىدى.
كېيىن بىر ۋاستىچى شېركەتنىڭ ياردىمى بىلەن پاسپرتنى ھەل قىلدىم، ۋە شۇ شېركەتنىڭ بېجىرىىشى بىلەن2009-يىلى3-ئايدا پولشاغا كېلىپ ئوقۇۋاتىمەن. بۇ جەرياندا ھېس قىلغىنىم :
1.ئەگەر سىز راسلا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولسىڭىز ،چوقۇم نىمە ئۈچۈن ئوقۇيمەن؟ نىمە كەسپتە قايسى دولەتتە ئوقۇيمەن؟ قايسى دۆلەت مېنىڭ ئوقۇشۇمغا ماس كېلىدۇ؟ ئوقۇپ بولغاندىن كېيىنكى نىشان نىمە ؟ ئالدى بىلەن چوقۇم بۇلارنى ئايدڭلاشتۇرۋېلىشىڭىز كېرەك ئىكەن.
نوۋەتتە شىنجاڭدىن چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولىۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردا قارغۇلارچە چىقىش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت.سىز چوقۇم ئالدى بىلەن ئوزىڭزىنڭ بارماقچى بولغان دولەتنىڭ ئەھۋالنىڭ ياخشى ئىگەللىشىڭىز كېرەك.بىز دە كۆپ پۇل يوق.ئەگەر سىز بارغان مەكتەپ كۆڭلىڭىز گە ياقماي قالسا دەرھال قايتىپ كېتىدىغان ئاسان جاي ئەمەس، بىزدە ئۇنچە كوپ پۇل يوق، قايتىپ كەتسىڭىز نۇرغۇن پۇلغا زىيان بولىدۇ.شۇڭا چىقىشتىن بۇرۇن كۆپ ئويلىشىڭ.ھەرگىز يېنىكلىك قىلماڭ. چىقماقچى بولغان دۆلەتنى ۋە مەكتەپنى ياخشى سۈرۈشتۈرۈڭ، ياكى شۇ دولەتتە تۇرۋاتقان ئۇيغۇر بالىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەھۋال ئگەللەڭ، ئىنتىرنېتتىن مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى كۆرۇڭ.ئىشقىلىپ ئىزدىنەي دىسىڭىز يول جىق.
2.چەتئەلگە چىقىشتىن بۇرۇن ماتىرىيالللارنى چوقۇم تولۇق تەييارلاڭ. كۆپ دولەتلەر نىڭ تەلەپ قىلدىغىنى : پاسپورت ،ئوۇشن پۈتتۈرش دىپلومى،ئۇنۋان كىنىشكىسى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلومى،نوپوس دەپتەر ، كىملىك، دىگەندەك نەرسىلەر، ئۇنىڭدىن باشقا سىز گە تەۋسىيە قىلدىغىنىم ، خەنزۇتىلى، كومپىيۇتېر ،ئېنگىلىز تىلى ،ماشىنا پىراۋىسى ،شۇنڭىغا ئوخشاش كىنىشكىلىرىڭىز قانچە كوپ بولسا ، شۇنچە ياخشى، مېڭىشىتىن بۇرۇن ،بىر نۇسخدىن كۆپەيتىپ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۇزۋېلىڭ.ماتىرىيال تەييارلاشتا چوقۇم ئەستايدىل بولۇڭ، كېيىن ماتىريالدىن چاتاق چىقىپ قالسا ،ياخشى ئەمەس. ماتىرىيال كام بولسا ۋاقتىدا تەييارلاڭ.،پاسپورت رەسىمىنى كۆپرەك يۇغۇزۇپ ئېلىۋېلىڭ،لازىم بولىدۇ.
3.پاسپورت مەسىلىسى.نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ باش ئاغرىقىنىڭ پاسپورت ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن. بىراق "سەۋەپ قىلساڭ سىۋەتتە سۇ توختايدۇ" دەپ ، مېنىڭچە بۇ يولدا بوشاشماي تىرىششىڭىزلا چوقۇم پاسپورت ئالالايسىز،ئەگەر ئالالمىغان بولسىڭىز ھەرگىز ئۈمۈدسىزلانمەڭ.پاسپورتنى قانداق بېجىرىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈچۈن نىمە ئىشلارنى قىلىشىمىز زۆرۆر؟ بۇلارنى ئالدى بىلەن ئايدڭلاشتۇرۋېلىڭ. قارغۇلارچە يول ماڭماڭ،ئۇنىڭ ھەممىسى ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.ئەگەر بۇجەھەتتە تېخىمۇ كوپ ئىشلارنى سورىماقچى بولسڭىز بىۋاستە مېنىڭ ئېلخەت ساندۇقۇمغا خەت يېزىڭ. ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سىزگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بېرىشكە تىرىشىمەن.
4.چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا تەۋسىيەم سىز قايسى دۆلەتكە بېرىڭ چوقۇم ئالدى بىلەن ئېنگىلىزتىلىنى ياخشى ئۆگىنىڭ، ئالغۇدەك كىنىشكىلاردىن ئىمتىھان بېرىپ ئېلىۋېلىڭ، ئېنگىلىزتىلدىن ھېچ بولمىغاندا تۇرمىۇش ھاجتىڭىزدىن بىمالال چىقالىغۇدك سەۋىيىگە يېتىڭ. بۇ بەك مۇھىم.ئېنگىلىزتىلدىن ۋەتەن ئىچىدە بەلگىلىك ئاساس سېلىۋېلىش تولىمۇ زۆرۆر.ئەگەر ئېنگىلىزتىلنى ياخشى بىلمەي چەتئەلگە چقسىڭىز ،بەك كوپ ئاۋارىچىلىققا ئۇچىرىشىڭىز مۇمكىن.شۇڭا تىلدىن پۇختا ئاساس سېلىش ئەڭ مۇھىم.
5.چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىشتا چوقۇم ئۆزىڭىز ئىشلارنى بېجىرىڭ،توغرا ئازراق ئاۋارە بولسىز، بىراق ،كۆپ پۇل يېنىڭىزدا قالىدۇ،ئۇچاغدا ئاتا ئانىڭىزغىمۇ زىيادە بېسىم بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا ياخشى تىل ئاساسىڭىز بولۇشى كېرەك.ئىمكانقەدەر ۋاستىچى شېركەت ئىشلەتمەڭ.ئوتتۇرىدىن پايدا يەيدىغان كىشىلەر بەك كوپ.يەنىلا ئۆزىڭىز قىلغانغا يەتمەيدۇ.چەتئەلەە ئوقۇشقا كېلىپ بولغاندىن كېيىن ، ۋاي ئېسىت ،ئەسلىدە ئۆزەم قىلساممۇ قىلىپ كېتەلەيدىكەنمەن،بىكار بىرمۇنچە پۇلنى ۋاستىچى شېركەتكە تۆلەپتىمەن" دىسڭىز ئورنىغا كەلمەيدۇ.
6.ئەلچىخانىغا بارغاندا دىققەت قىلدىغان ئىشلار: ماتىريالدىن چاتاق چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ماتىرىيالنى ئەلچىخانىنىڭ تەلىپى بويىچە تولۇق تەييارلاپ بېرىڭ. بېرىلگەن جەۋىۋەللەرنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن توشقۇزۇڭ. سورالغان سۇئاللارغا ھودۇقماي جاۋاپ بېرىڭ.سۇئاللار كۆپىنچە ئېنگىلىزتىلدا سورىلىدۇ،سۇئاللار مۇرەككەپ سۇئاللار ئەمەس،شۇڭا ئارتۇقچە جىددىيلەشمەسلىك كېرەك،جاۋاپ بەرگەندە تەمكىن بولۇڭ.
7.ئاخىرىدا قوشۇمچە قىلىپ قوشۇپ قويدىغىنىم، سىز باردىغان دولەتكە كۆپ ئاۋىئاتسىيە شېركەتلىرىنىڭ ئايرۇپىلانلىرى بار، چوقۇم ياخشى سۈرۈشتۈرۈپ ، ئىشەنچىلىك ۋە ئەرزان ئايرۇپىلان بېلىتىنى زاكاس قىلىڭ،مېڭىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئالدىغان نەرسىلەرنى تولۇق ئېلىڭ، كىيم كېچەكلەرنى ئككى قۇردىن پەسىلگە قارىتا ئېلىۋېلىڭ، بەك جىق ئېلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق.تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىدىن كوپ ئېلىۋېلىڭ. ئاندىن چوڭ چامداننى 30 كىلو ئەتراپىدا ئېلىۋاسىڭىز بولىدۇ، مۈرىڭىزگە ئېسىۋالدىغان سومكىنى جڭلىمايدۇ،شۇڭا بەك ئېغىر نەرسىلەرنى شۇنىڭغا سېلىۋېلىڭ.پاسپورت بىلەن بېلەتنى چىڭ ساقلاڭ، ئاسان ئېلىپ سالغىلى بولدىغان يانچۇقىڭىزغا سېلىۋېلىڭ.
مېنىڭ پولشاغا ئوقۇشقا كەلگىنىمگە تېخى ئۇزۇن بولمىغاچقا مەن پولشانىڭ ئۇمۇمىي ئەھۋالى ،ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئەھۋالى،مەكتەپلەرنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا قويغان تەلەپلىرى ھەم باشقا تەپسلاتلىرى توغۇرسىدا كېيىنكى ماقالەمدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتىمەن.
كۆپچىلىكنىڭ سورايدىغان سۇئاللرى بولسا مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشسا بولىدۇ.كۆپچىللككە ئازراق بولسىمۇ ياردىمىم تەگسە بۇ مېننىڭ خوشاللىقىم.
ئالاقىلىشىش نۇمۇرۇم:0048426798766
e-mail: parwaz721@126.com
Skype number:jasur721
QQ : 821985099داۋامى يەنە يېزىلىدۇ.
评论
بېكتىمزىدىكى كىنو-فىلىم ،mtv,mp3قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئېلان ئورۇنى بېكار بولۇپ (بۇرۇن بۇ ئورۇنلارغا Googleۋە alimama)نىڭ ئېلانلىرى قويۇلغان ھازىر ئۇئېلانى بۇ ئورۇنغا قويۇشنى توغرا كۆرمگەچكە شۇنداقلا باشقا خەنزۇچە بېكەتلەرنىڭ بېكىتىنىڭ ئېلانى قويۇپ ھېرىپ قالغاچقا بىلوگ ياسىغۇچىلار بىلەن ئېلان ھەمكارلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى توغرا كۆردۇق...شۇ سەۋەبتىن بۇ ئېلان پائالىيەت ئوتكۇزۇلىدى ...بىلوگ بار تۈرداشلار بولسا شۇنداقلا تۆۋەندىكى شەرتنى قوبۇل قىلالالىسا مۇنبەرگە كېرىپ ياكى مۇنبەر توپنى قوشۇش ئارقىلىق بىزبىلەن ئالاقىلاسسا بولىدۇ ..
mp3بەتنىڭ كۆرۈش ئادرېسى:بۇ يەردىن كۆرۇڭ
mtvبەتنىڭ كۆرۈش ئادرېسى:بۇ يەردىن كۆرۇڭ
كىنو-فىلىم بەتنىڭ كۆرۇش ئادىرسى:بۇ يەردىن كۆرۇڭ
بىز تەرەپتىن قويۇپ بىرلىدىغان ئېلان ئورۇنى :
سىز بىزنىڭ بېكەتتكى كىنو-فىلىم ،mtv,mp3,قاتارلىق ئورۇنلاردىن بىر ئورۇننى تاللايسىز ..سۇرەتلك ئېلان قىلنپ بىرىلدۇ .سۇرەتنىڭ چوڭ كېچكلكى 200*60بولسا بولىدۇ ..پەقەت بىرىلا ئورۇننى تاللايسىز ،ئېشلگەن سۇرەت ئېناق كۆركەم ئېشلەنگە بولۇشى كېرەك ..
ئەسكەرتىش:قويغۇچ قىسمغا ئېلان قويۇشتا بىلوگىڭىزىغا ئالاھىدە تەلەپ قويۇلىدۇ ..مەسلەن :بىلوگىنىڭزنى خارەكترى دېگەندەك ---------------------------------
بىلوگ ياسىغۇچىلارنىڭ بىزىگە:
سزنىڭ قىلدىغىنىڭز سەل ئاۋار چېلىق بولۇشى مۇمكىن بېراق بىر قېتىم قىلۋالسىڭز قالغنى بەك ئاسان توختايدۇ ..
سىز پەقەت ھەرقېتىم يازما يولىغاندا يازمنىڭ ئاستغا ياكى ئۇستگە بىزنىڭ بىكەتنىڭ ئۇلنىش ئادىرسنى يېزىپ قويسىڭىزىلا بولىدۇ ..
تۆۋەندىكدىن تالسىڭز بولىدۇ ..-------------------------------------------------
ئەڭ يېڭى ئەسلى كود مۇنبرى(بىرلەشمە كۇلۇب)
Www.UyCluB.Net
UyCluB.Net
2.بىلوگ ھەققىدە بىلملەر بىرلەشمە كۇلۇبتا
Www.UyCluB.Net
UyCluB.Net
تۆۋەندىكى ئېككى تۈردىن بىرنى تالسىڭز بولىدۇ ..ھەرقېتىم يازما يۇلغاندا يازمىنىڭ رەڭگىدىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى كېرەك ...
ھازىر بېكەتتە بار بولغان خەنزۇلانىڭ ئېلان ئورۇننى تالسىڭزىمۇ بولىۋىرىدۇ...
ھۆرمەت بىلەن:بىرلەشمە كۇلۇب
مەن سىزنىڭ يوللىغان تېمىللىرىڭىزنى ئىزچىل كۆرۇپ كېلۋاتمەن `~~~~~
ۋاقتىم قىس بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپ ئىنكاسلارنى يوللاپ كېتەلمىدىم .......
بىلوگدىكى ئېلانلارنى چەككەندە شۇ ئېلان بار بەت تۇلۇق ئېچىلىپ بولغاندىكىن تاقايمىزمۇ ؟ ياكى ئېلاننى چكىپ شۇ بەت يېرىم ئچىپ بولغاندا تاقىۋەتسەكمۇ بۇلامدۇ؟ ( ئىقتىسادى جەھەتتكى كىرمىنى دېمەكچى)
......... ۋاقتىم بەكلا قىس بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق ئەخمىقانە سۇئال سوراپ قويدۇم ......
جاۋابىڭىزنى كۈتمەن~~~~~ ئۇلۇغ ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلغاي.
ئېلخەت:weyrani@gmail.com
ئەگەر مۇمكىن بولسا ،ئاشۇ دۆلەتتىكى ئوقۇش راسخۇتى ۋە تۇرمۇش خىراجىتىنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا بىر توختۇلۇپ باققان بولسىڭىز.
مەن ئىنگىلىز تىلىنى ئانچە ياخشى بىلمەيمەن، لېكىن ھازىر داۋاملىق ئۈگۈنىۋاتىمەن.
روس تىلىغا خېلى پۇختا ئىدىم. مۈمكىن بولسا روس تىلى ئىشىلتىدىغان دۆلەتلەرگە بىرىپ ھەقسىز ئوقۇش ئۇسۇلى توغۇرسىدا چۇشەنچە بەرگەن بولسىڭىز. ^_^
ئىشلىلىڭىزغا ئۇتۇق،نەتىجە تىلەيمەن!!!
چاقچاق