-
ئامرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر ئۇسۇلى Uyghur Dance in American's Eye. - [America ئامرىكا]
2010-08-09
ئۇيغۇر ئۇسۇلى سەھىنىدە ئوينالسا نەپىس، چىرايلىق ئوينىلىدىغان، ئادەتتە ئوينالسا ھەممە ئادەم ئۈزىنىڭ بىلگىنىچە ئۇينىغىلى بۇلىدىغان ئۇسۇل. تويلاردا ياكى يىغىلىشلاردا بىرەر يۈز ئادەمنىڭ ئارىسىدىن بىر قاراپلا كىمنىڭ كەسپى ئۇسۇلچى ياكى مەخسۇس تەربىيەلەنگەنلىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بۇلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇنيادا ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇسۇل يوق بولسا كىرەك. ھەم ئۇسۇل دىگەن سۈزنىڭ كاللىمىزدىكى ئەكىس ئىتىشىمۇ ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، .ئادەتتتە نور مال ئادەملەر ئۈچۈن، ئامرىكىلىقلار ئۇسۇل دىسە قولىنى ئىككى ياققا سېلىپ، بەدىنىنى چىڭ تۇتۇپ، كاسىسىنى لىڭشىتشش يەنى دىسكو ھەرىكەتلىرى كۆز ئالدىغا كىلىدۇ، ئۇيغۇرلار ئۇسۇل دىسە ئوغۇللارنىڭ قولىنى كۈتىرىپ چۈرۈپ، ئۇ ياققا بۇ ياققا ماڭغان ھەركەت كۆز ئالدىمىزغا كىلىدۇ. بىزنىڭ رايۇنلاردا تۇرۇپ باققان ئامرىكىلىقلار ئۈچۈن ئۇيغۇر ئۇسۇللىرى قانداق تۇيۇلىدىغاندۇ.
غەرىپلىكلەر خەقنىڭ ياقمىغان تەرىپىنى بەك ئاسان كۆرىدۇ، لېكىن دىمەيدۇ ھەم دىگىلى ئۇنىمايدۇ، ئۇچۇق يۇرۇق سۈزلەشمەيدۇ، ھەم يازمايدۇ، پەقەت ئالاھىدە ئەھۋاللار ئاستىدىلا دەپ قالىدۇ. بىزمۇ ھەم ياخشى گەپلەرنىلا ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىمىز، لېكىن بۇنداق گەپلەرنىڭ قايسى راست قايسى يالغان ئۇقۇپ بۇلغىلى بولمايدۇ. شىنجاڭغا ساياھەتكە بىرىپ 10-20 كۈن چۆرگىلەپ كەلگەنلەر بىلەن ئۇ يەردە ئىككى - ئۈچ يىل تۇرۇپ كەلگەنلەرنىڭ تەسراتى تۈپتىن ئۇخشىمايدۇ. بەزىلەر ئىپتىدائى تۇرمۇشتىن سەللا تەرەققى قىلغان ئادەملەركەن دەپ كەلسە يەنە بەزىلەر دۇنيادىكى ئەڭ ساپ ئادەملەر بىلەن ئارلىشىپ دوست بۇلۇپ كەلدىم، بۇنداق ئادەملەردىن ھازىرقى دۇنيادا بەلكىم شۇلارلا بولسا كىرەك دەپ كىلىدۇ. ئىشقىلىپ تەسراتلىرى ئۈزگىچە. بەزى تەسراتلار ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ بەزىلىرى ئادەمنى ئاچچىق كۈلدۈرىدۇ. ئىشقىلىپ مەنمۇ ئۇيغۇرلار توغرىلىق يېزىلغان ماقالىلار بولسا ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن. تۈۋەندىكىىسى شىنجاڭدا 4 يىلدەك تۇرغان بىر ئامرىكىلىقنىڭ ئۇيغۇر ئۇسۇلى توغرىسىدىكى يازمىسى، مەن ئۇنى سەل ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تەرجىمە قىلىپ قويدۇم.
ئەسلى ماۋزۇسى: ئۇيغۇر ئۇسۇلىنىڭ مېخانىزىمى، The Mechanics of the Uyghur Dance
ئۇسۇل ھىچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بىر ئۇيغۇر ئەنئەنىسى. ھەرقانداق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى، مەيلى دىنى ياكى باشقا مۇراسىملار بولسۇن ئۇسۇل ۋە يۇقىرى ئاۋازدىكى مۇزىكىسز ئۈتكۈزۈلمەيدۇ. بۇلار قولىقىڭىز پاڭ بۇلۇپ قالغان تەقدىردىمۇ كۈزگە ئارام بىرىدۇ. مەن كۈزىڭىزنى زىرىكىپ قالمىسۇن دەپ ئازراق قىسقا فىلىم يوللاپ قويدۇم.
بۇ قىسقا فىلىمنى كۆرسىڭىز تىزلا ئىككى نەرسىگە دىققەت قىلماي تۇرالمايسىز.
بىرىنچى، ئەرلەر بىلەن ئەرلەرنىڭ، ئاياللار بىلەن ئاياللارنىڭ ئۇسۇل ئوينىشى ناھايتى نورمال ئىش. لېكىن ياخشى يىرى بۇلاردا بەدەن بىر بىرىگە تىگىشمەيدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ مەن ھەر قېتىم مەيدانغا چۈشكەندە باشقا ئەرلەر ماڭا قاراپ كۈزلىرىنى ئوينىتىپ، قوللىرىدا پاس كەلتۈرۈپ ناخشىغا غىڭشىپ يېنىمدە ئايلانغىلى تۇرسا ئۈزەمنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ كىتىمەن. بۇنداق ئىشقا تۇنجى قېتىم يۇلۇققانلار بولسا ناھايتى ئوڭايسىزلىنىدۇ.
ئىككىنچى، ئوسۇل ئويناش ناھايتى ئاسانكەن، شۇنداقمۇ؟ پۇتلىرىڭىزنى مۇزىكا كەلتۈرۈپ ئۇياق بۇ ياققا ماڭسىڭىز، قولىڭىزنى توختىماي ئالدى كەينىگە چۈرۈپ بەرسىڭىزلا بۇلىدۇ. شۇنداقمۇ؟ ياق ،بۇ بەك تەس بەك تەس. ئەگەر ئىشەنمىسىڭىز، ئوتتۇرىدا ئۇسۇل ئويناۋاتقان بىر چەتئەللىكنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى دوراپ قىلغان ھەركەتلىرى ۋە ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىپ باقسىڭىزلا بۇلىدۇ، ئاندىن ئازراق سىپتىلىق بولمىسا بولمايدىغانلىغىنى بىلىسىز. ئاياللارنىڭ ھەركىتى تېخىمۇ تەس (خوتۇنۇم شۇنداق دەيدۇ)، چۇنكى ئۇلار باش ۋە بەدەننى ماسلاشتۇرۇپ يۆتكىلىش بىلەن بىللە بەدەننىڭ قىياپىتىنى تۈز ساقلىشى كىرەك ھەم بۇ جەرياندا قەدەم ئېلىش توختىماي ئۈزگىرىپ تۇرىدۇ.
سىز كۆرگەن قىسقا فىلىمدا ئىككى خىلدىكى تەبرىكلەش مۇراسىمىنى كۆرىسىىز. ئۇنىڭ بىرسى دىنى مۇراسىم يەنە بىرسى توي مۇراسىمى. بېشىدىكى قىسمى قەشقەردىكى ھىيتگاھنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا روزا ھىيت نامىزىدىن كىيىنكى مۇراسىم. بۇ ئەنئەنە بويىچە نامازدىن يانغان ھەممە ئەرلەر مەيداندا يىغىلىپ ناخشا ئۇسۇل بىلەن تەبرىكلەيدۇ. قالغانلار شەھەردىكى مەن بارغان تويلاردىن تارتىۋالغانلار. ئۇنىڭ ئىچىدە مىنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم، فىلىمنىڭ ئاخرىغا يىقىن يەردىكى ياشتا چوڭراق كىشىنىڭ ئوسۇلى، ئۇ قارىماققا سەل مەستەك كۆرىنىدۇ، مەيداننىڭ يېرىمىنى ئىگەللەپ ياۋايى ھەرىكەت بىلەن يىقىملىق كۆلۈمسىرەپ ئوينايدۇ. كۈرۈپ ھوزۇرلانغايسىز.
评论
http://www.intil.biz/home/thread-613-1-1.html