• مەڭگۇنۇر: مەن تۈركىيەدە قانداق ئوقۇدۇم(2) . How I came to study in Turkey,by Mengunur

    2009-03-18

    (بۇ ماقالىنىڭ ئالدىنى ئاۋال بۇ يەردىن ئوقۇڭ)
    تۈركىيەدە ئوقۇش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەسكەن.نۇرغۇنلىغان ئىمتىھانلار بار،ئۇنداق ياردەم پۇللىرى ھەممە ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلمەيدۇ،تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇش بەك ئاسان ھەم پۇل بېرىپ ئوقۇتىدۇ دېگەن گەپلەرگە ئىشىنىپ قالماسلىقنى ئۈمۈد قىلىمەن.تۈركىيەنىڭ مائارىپ سېستىمىسى جوڭگونىڭكىگە ئوخشىمايدىكەن.ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسىڭىز مەملىكەتكە قايتۇرىدۇ.ئۇۋېرسىتىتىلارنىڭ كۆپىنچىسى دەرسنى ئېنگىلىز ۋە تۈركىي تىلىدا ئۆتىدۇ،ئېنگىلىزچىڭىز ۋە تۈركچىڭىز ياخشى بولمىسا دەرستە قىينىلىپ قالىدىكەنسىز. گەرچە تۈركچە بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى بىلەن ناھايىتى يېقىندەك بىلىنسىمۇ ئەمما كەسىپ تىللاردا ناھايىتى زور پەرىقلەر بار ئىكەن. نۇرغۇنلىغان ئوخشىماسلىقلار بار.نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەگە چىقىپ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلارمۇ ناھايىتى كۆپ..

    بەزى تەجرىبە ساۋاقلار
    مەن تۈركىيەگە بېرىشنىڭ ئالدىدا بەزىبىر گەپلەرنى ئاڭلاپ قالدىم. بىر قانچە تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇش ئازۇسى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ ئۆزىنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر مۇنچە پۇللارنى ئورۇنسىز خەجلىگەنلىكىنى ،ئۇ ئادەملەر ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىيەگە ئەكىلىپ قويۇپ ھچقانداق رەسىمىيەتلىرى بىلەن كارى بولمغانلىقى،ئۆزىنىڭ شۇنچىلىك پۇل خەجلەپ تۈركىيەگە چىقىپ،ئۆزىنىڭ ئوڭ-سولىنى بىلمەي قالغانلىقى توغرىسىدا گەپلەرنى ئاڭلاپ قالدىم. بۇ ئىشقا ھەيران قىلىپ ئولتۇرسام،مەن تونۇيدىغان ھەمدە مېنىڭ بېيجىڭدىكى مەكتىپىمدە ئوقۇغان ئىنىمىزنىڭ بۇ ئىشقا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىدىم،ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى ھاۋالە قىلىپ 1000دوللار بەرمەكچى بولغان ئادىمى بىلەن تېلفوندا سۆزلەشتىم،ئىنسان قېلىپىدىن چىقىپ كەتكەن بۇنداق ئىشلارنى قىلغان ئادەممۇ ئۇيغۇر ئىكەن.ئۇ ئادەمنىڭ ئۇ ئىنىمىزغا دېيىشىچە ئۆزىمۇ باشقىلارغا پۇل بېرىپ تۈركىيەگە چىقىپتۇمىش.شۇڭا ئۇ ئادەم ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلغانلارغا شۇ پۇلنى بېرىپ بۇ ئوقۇغۇچىنى ئەكەلمەكچىمىش،پۇلنى بەرمىسە تۈركىيەگە كېلىشنىڭ ئامالى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. تېلىفوندا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۆزۈمنىڭ دېيىشكە تېگىشلىك گەپلىرىنى دېدىم. بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشىنى بۇنداقلا تاشلاپ قويغۇم كەلمىدى. ئاندىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە مەكتەپلەرگە بېرىپ بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ماتېرياللىرىنى بەردىم ۋە بۇ يىل 10-ئايغىچە تۈركىيەگە كېلىش رەسىمىيىتىنى بېجىردىم. خۇدايىم بۇيرىسا 10-ئايدا تۈركىيەدە ئوقۇيدۇ. بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم ھەرگىز ئۇنداق ئالدانماڭلار،ھاۋالە قىلغان ئادەملەرگە شۇنچىلىك پۇلنى بېرىپ قويۇپ،ئۇ ئادەمنى تۈركىيەدە تاپالماي قالىسىلەر. توغرا بولغان يول،ئۇسۇللار بىلەن چىقىڭلار. جوڭگودا يالغان دېپلومنى ياساپ ياكى پۇلغا سېتىۋىلىپ ،يەنە كۆز بويامچىلىق قىلساڭلارمۇ تۈركىيەگە كەلگەندىن كىيىن ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ. بۇ يىل 1-ئايدا تۈركىيە مائارىپى يېڭى تۈزۈم چىقاردى.چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىق دېپلوملىرىنى بىرمۇ-بىر ئېنىق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىدىكەن ۋە يالغانچىلىق قىلىپ يالغان دېپلوم بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۋېتىش ۋە كىيىن تۈركىيەگە كېلىش ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلايدىكەن. تۈركىيەگە كېلىش نىيىتى بار ئوقۇغۇچىلار ياخشى ئويلىنىپكېلىڭلار. بۇ يەردە ھەممە ئادەمنىڭ ساياھەت قىلغۇسى كېلىدۇ.ئىستانبۇلمۇ شۇنداق چىرايلىق يەر. ئەتراپىمدا. ئاۋال ئوقۇشقا كىلىپ ئوقۇيالماي لاغايلاپ يۈرگەن بالىلار خېلى بار. شۇڭا بۇ يەرگە ئوقۇش نىيتىڭىز بولسا ئاندىن چىقىڭ. بولمىسا ۋەتىنىڭىزنى ۋە پۇلىڭىزنى ئاۋارە قىلماڭ. پۇلىڭىز ئېشىپ-تېشىپ كەتسە ،خەجلەيدىغان يەر تاپالمىسىڭىز يىراق يېزا-قىشلاقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى ۋە دەپتەر قەلىمىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىڭ. بۇ يەردە جوڭگوغا ئوخشاش ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسىڭىز ،بىر قانچە قېتىم ئىمتىھان بەرگىلى بولمايدىكەن. ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسىڭىز نەدىن كەلگەن بولسىڭىز ئۇدۇل شۇ يەرگە قايتۇرۋېتىدۇ. .بۇنداق دېسەم ھەيران قالماڭلار،بۇ يەرگە ئوقۇيالمايدىغان بالىلار ئوقۇيمەن دەپ كېلىپ 2ئايدىن كېيىنلا زېرىكىدۇ.مەكتەپكە كىرىپ ئىمتىھانلاردىن قېلىپ ئوقۇيالمايدۇ.بۇنداق بولسا ئوقۇيالمايدىغانلار ،ياخشى ئوقۇيدىغان ،جىق ئوقۇش نىيىتى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇش ئورنىنى ئالىدۇ. بىر ساننى بىكار قىلىدۇ.مەكتەپتە ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي سۆرىلىپ يۈرۈپ،ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە مۇئەللىملەرنىڭ ئالدىدا يۈزىنى تۆكىدۇ.بۇنداق بولسا بىزدىن كېيىن قالغان ئوقۇغۇچىلارغا تۈركىيەدىكى ۋە مەكتەپتىكى تەسىرى ياخشى بولمايدۇ.

    تورداشلارغا قانداق ئۇچۇرلار ئەڭ لازىم مەن بىلمىگەچكەئاۋال  Jeck نىڭ تەكلىپ بەرگەن تۈرلىرى بويىچە ئىلاجى بار ياخشىراق ئوچۇر بىرىشكە تىرىشتىم. ئەگەر يەنە كەم قالغان تورداشلارغا لازىم بولغان ئۇچۇرلار بولسا ئىنكاس سۈپىتىدە قالدۇرۇپ قويساڭلار مەن يەنە تەييارلاپ بىرىمەن.

    يىڭىلاندى( 4-ئاينىڭ 23-كۈنى):
     قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر ۋە تۇركىيىدە ئوقۇش ئارزۇسى بار بولغان ئوقۇغۇچىلار:
    تۇركىيىدە ئوقۇش ئارزۇسى بار بولغان ئوقۇغۇچىلارنىنڭ قالايمىقان ئىنسانلارغا ئالدىنىپ قىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ،مەن بۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرىدىكى مۇئەللىم بىلەن پاراڭلاشتىم ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس بىر ئېلخەت ئاددرىس ئاچتۇق.ئوقۇغۇچىلارنىنڭ ماتېرىياللارنى بۇ ئېلخەتكە ئەۋەتىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.uygurokux@hotmail.com
    تەييارلايدىغان ماتىرىياللار:
    1.پاسپور8ت.
    2.دىپلوم.*(گوڭجىڭ نۇسقىسى)
    3.نەتىجە.*(گوڭجىڭ نۇسقىسى)
    4.بىر تۇركىيەدە ئوقۇش ئىلتىماسى.
    5.تۇركىيەدە بىرىنجى يىل ئوقۇش پۇلىنى ئۆزى چىقىرىشىدىكى ئىسپات.
    6.ئاتا-ئانىسىنىنڭ ئوقۇشقا بىرىشىگە رۇخسەت قىلىشى ۋە رىغبەت قىلىشىدىكى بىر پارچە ئسپىات.
    7.ئۆزىنىڭ تەرجىمالى.

    تۈۋەندىكىلەر مەڭگۇنۇر تەمىنلىگەن بىر قىسىم رەسىملەر

    ئىستانبۇل ئۇنۋېرسىتىتى دەرۋازىسى

     




















    تۈركىيەدىكى داڭلىق سۇلتان مەمەت مەسچىتى ۋە ئەتراپى








     

     





    بازارلار

    تۈركىيە پۇتبۇل مۇسابىقىسى ۋە مەستانىلىرى


    تۈركىيە دېڭىز ساھىلىدا

    ئىشلىگەن ۋاقىتلار

    تۈگىدى.

    جېك ئىلاۋىسى: مەڭگۇنۇرنىڭ يازمىسىدىن شۇنى تورداشلارغا تەكىتلەپ قويۇشنى ئويلىدىم. ئىچكىردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار كىيىنچە چەتكە چىقىپ قېلىش ئىھتىماللىقى بولغانلار چوقۇم مەكتەپتىكى ۋاختىڭلاردىلا پاسپورت بىجىرۋىلىڭلار. ھازىر پاسپورت 10 يىللىق چىقىدۇ. شۇڭا ھامان لازىم بۇلىدۇ.
    مەڭگۇنۇرغا كۆپ رەھمەت. بۇ يازمىغا ئىنكاس سۈپىتىدە خەت قالدۇرساڭلار يازغۇچى كۈرۈ پ تۇرىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىدۇ.

    ئۇندىن باشقا يەنە چەتئەلدە تۇرۋاتقان تورداشلارنىڭ ئۈزىنىڭ چەتئەلگە چىقىش جەريانىدىكى يوللىرىنى، بولۇپمۇ ئوچۇر خاراكتىرلىق مەزمۇنلارنى تورداشلارغا يەتكۈزۇشنى خالىسا  Jeck بىلەن ئالاقىلاشقايسىلەر

    分享到:

    评论

  • ياخشىمۇ سىز ! مىنىڭمۇ تۈكىيەگە چىقىش ، ھەم ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى بىراق شارائىت يار بەرمىدى . ئۇيەر قانداقتۇ؟ بىر كۆرگۈم بار ....
  • ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم
    مەڭگىنۇر ھەدە سىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئوقۇشىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن
  • ياخشىمۇ .ئالىمجان ئۇكام مەن مەڭگۈنۇر.ئىلخەت ئادىرېسىم maggie_zoya@yahoo.com
  • مۇمكىن بولسا شۇ ھەدەمنىڭ ئىلخەت ئادىرىسىنى بەرسەڭلار ...