• بصز توردا نصمة قصلالايمصز(2) - [Think it ئويلانمىلار]

    2007-03-18


    (ھا ھا، جېك بالاڭزا، مةن سصنص تېپصۋالدصم !!!)

    يەنە ئەسلى تىمىغا قايتايلى.
     6. ئۇنداقتا بىز توردا يەنە قىلىشىمىز كىرەك.
    توردا قىلىدىغان ئىشلىرىمىز بەك كۈپ. ناخشا-مۇزىكا كىنو تور بەتلىرىمىز كۈپ بۇلغان بىلەن ھىچقايسىسى تېخى كەسىپلەشمىدى. كىرىپ ناخشا ئاڭلايسىز چىقىپ كىتىسىز. قايسى تور بەتكە كىرىپ ئاڭلىسىڭىز بۇلىۋىرىدۇ. ئىككىنچى قېتىم سىز ياقتۇرغان ناخشىنى قەيەردىن ئاڭلىغاننى ئۇنتۇپ قالىسىز. بىزدە تېخى كىنو، ناخشى مۇزىكىلارنى مەخسۇس چۈشەندۈرۈدىغان، باھا بىرىدىغان Review  تىپىدىكى  电影评论 قىلىدىغان، ھەر بىر كىنو ، چولپان ئۈچۈن مەخسۇس بەت ئاجرىتىپ ماتىرىيال قىلىدىغان تور بەتلەردىن بىرسىمۇ چىقىپ باقمىدى. ئادەتتە ئەنە شۇنداق تور بەتلەرگە ئادەم جىق كىرىدۇ. مۇنبەرلەرىمىز جىق بۇلغان ھەم كەسىپلەشمىدى. 4-بۈلەكتە دىيىلگەن نەرسىلەر ھەممىسى مۇنبەرلەردە قىلىدىغان ئىشلار. نۇرغۇنلىغان ئۇلۇغلىرىمىز ئۈتتى. باشقىسىنى قىلالمىساقمۇ ئۈتكەن ئەسىردىن تارتىپ ياشاپ ئۈتكەن ئەدىبلىرىمىز، ئىنقىلاپچىلىرىمىز، ئالىملىرىمىز، پىشۋالىرىمىزنىڭ  تۇغۇلغان كۈنى ياكى ۋاپات بۇلغان كۈنلىرىنى ئەسلەپ بىرەر ھەپتە بۇلسىمۇ مەخسۇس تىما قىلىپ تۇرساق تامامەن بۇلىدىغان ئىشلار.ئەلۋەتتە بۇلار مەلۇم تەشكىللەش بىلەن بۇلۇدىغان ئىشلار. تور بەت قۇرغۇچىلار، باشقۇرغۇچىلار ئەزالارغا، تۇنۇش بىلىشلەرگە ھاۋالە قىلىپ ئىشنى ئۈلەشتۈرۈپ بەرسە ھەممىنى قىلغىلى بۇلمىسىمۇ بىر قىسمىنى قىلغىلى بۇلىدۇ.  ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن تېخى تور بەتلەر يوق. مەخسۇس ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن تور بەتلەر يوق. شۇنداق قىلسىمۇ ئۇنىڭغا ماتىرىيال يازىدىغان ئادەم يوق. ئىشقىلىپ قىلاي دىسە ئىش جىق. ھەممە نەرسىنى پۇلغا تاقاپ، باشقىلاردا پۇل بۇلغاچقا قىلدى، بىزدە پۇل بۇلمىغاچقا قىلالمىدۇق دەپ ئۈزىمىزگە بانا تېپىپ مۇشۇ يەرگىچە كەلدۇق. پۇلى يوق بىزدىن ياخشى قىلىۋاتقانلارنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالدۇق.
      7.  مىنىڭچە ئۇيغۇر تور بازىرى تېخى ئچىلمىغان بازار، گەرچە بەك كۈپ پۇل تاپقىلى بۇلمىسىمۇ لېكىن ياخشى قىلسا تاپقىلى بۇلمايدۇ ئەمەس تامامەن تاپقىلى بۇلىدۇ. بەك چونە نەرسىگە ئېسلىۋېلىپ شىنلاڭ دەك بەت ياساي دىمەي مەلۇم بىر نەرسىنى تۇتۇپ شۇنى كەسىپلەشتۈرۈپ ياخشى قىلسا باشقىلار پۇل خەجلەشنى خالايدۇ. ئىچكىردە، چەتئەلدە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر بار، ۋەتەندىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشنى خالايدۇ، لېكىن ئۇنداق نەرسىلەرنى ساتىدىغان بىرەر تور بەت تېخى چقىپ باقمىدى. چىققانلىرىمۇ يېرىم يولدا توختاپ قالدى. سىزگە بىرەر نەرسە لازىم بۇلغاندا پۇلنىڭ كۈزىگىمۇ بەك قاراپ كەتمەيسىز.
    8. تو رئارقىلىق جىق پائالىيەتلەرنى ئويۇشتۇرۇشقا، تەشۋىقات قىلىشقا بۇلىدۇ. كۈپ ئادەمنىڭ بىلىشى كۈپ. ئىچكىردە توردا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ ئىزدىگەن ئادەمنى تاپتى ۋە تىگىشلىك قانۇنىڭ جازاسىغا تاپشۇردى. بىزمۇ ئۈتكەندە  پالۋان ۋەقەسى بۇلغاندا ناھايتى ياخشى ئويۇشۇپ تەشكىللىنىپ ئاخىرى ئەركىن بىلەن پىكىر بىردەكلىگى ھاسىل قىلدۇق. تىل يېزىق كومىتىتىغا ئۇيغۇر نامىنىڭ لاتىنچە يېزىلىشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش توغرىسىدا تەكلىنامە يېزىلىپ ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشتى ۋە شۇ توغرىلىق مەخسۇس ھۈججەت تارقىتىلدى. ئۇيغۇر تىل يېزىقىنى ئۇچۇر ساھەسىدە قۇللىنىش ۋە قوش تىللىق مائارىپتا ئۇيغۇر تىلىغا سەل قارىماسلىق توغرىسدا ئىمزا توپلىنىپ ئارزۇ-تىلەكلىرىمىزنى ھۈكۈمەتكە بىلدۇردۇق. ئىككى يىغىن داۋامىدا تورداشلاردىن بىرىلگەن پىكىر تەلەپلەر 100مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. قانۇنلۇق، يوللۇق تەكلىپ پىكىرلەرنىڭ توغرا يول بىلەن ھۈكۈمەتكە سۇنۇلۇشى بىر مەسىلە. ھىچ بۇلمىسا ھۈكۈمەت ياكى باشقىلار خەقنىڭ قانداق قارايدىغانلىغىنى بىلدى. توغرا دەپ قارىسا ياكى شارائىتى يار بەرسە قىلىدۇ. ئەركىننىڭ شارائىتى يار بىرىپتىكەن قىلدى، تىل يېزىق كومىتىتى قىلدى. قىلمسىمۇ تەكلىپ يوللىغۇچىلار ئۈزىنىڭ ئارزۇ تىلەكلىرىنى  مەسىلە ئىگىسىگە بىلدۇرۋالدى. بۇنىڭ ئۈزىمۇ چوڭ ئىش.

    9. ئەمدى يەنە تەپسىلىرەك سۈزلىسەم، يەنە ئەمەلى ئىش قىلغۇسى بارلار بۇلسا تۈۋەندىكىلەرنى ئويلىىشپ باقسا بۇلىدۇ. بەزىلىرىنى ئۈزەمنىڭ قىلغۇم بار، لېكىن ۋاقىت يوق، يول كۈرسەتسەم ئەمەلى ئىشنى سوزماي قىلىشىپ  بىرىدىغان ھەمكارلاشقۇچىمۇ يوق. شۇڭا قىلالايدىغانلار ئويلىشىپ كۈرۈپ بېقىڭلار. ياكى مەندە چاتاق يوق، بىللە قىلايلى دىگۇچىلەر بۇلسا، ئارىسىدىكى بىرەر ئىككى تۈرگە مەلۇم مەبلەغ سېلىشنىمۇ خالايمەن.
    (1 ئىككى ئۈچەيلەن بىرلىشىپ توردا چىقىۋاتقان ياخشى مەزمۇنلارنى يىغىپ PDF شەكلىدا ژورنال قىلىپ تارقىتىشنى ئويلىشىپ باقساڭلار بۇلىدۇ. ئۈزى يازمىغاندىكىن جىق ئىش كەتمەيدۇ. ياخشى نەرسىلەرنى قەرەللىك توپلاپ قەرەللىك ھالدا تارقاتساڭلار بۇلىدۇ. ژورنال قىلغاندىمۇ ئۇنى شۇنداقلا قويۇپ قويماي ، ئۇنى چىرايلىق ژورنالدەك مۇقاۋىسى، مۇندەرجىسى بار قىلىپ، ياخشى رەسىملەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ژورنالغا ئوخشاش قىلىپ ئىشلىسەڭلار مىنىڭچە چوقۇم قارشى ئېلىنشىقا ئىرىشىدۇ. شۇ بانىدا ژورنال تەھرىرلەش سەۋىيەڭلارمۇ ئۈسۈپ قالىدۇ. بۇنى بۇلۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار قىلسا مۇۋاپىق. كۈرگەندىن كىيىن بېسىش بۇيرۇقىنى بەرسىلا شۇ پېتى بېسىپ چىقرىلىدىغان بۇلسۇن، چۇنكى جىق نەرسىلەر بۇلسا ئادەم كومپۇتېردا ئوقۇسا زىرىكىپ قالىدۇ. بېسىپ چىقىرىپ ئاپتاپقا قاقلىنىپ ئوقۇغانغا يەتمەيدۇ.
    (2 ئۈستىدىكى پىلاننى ھەر خىل تىمىلارغا قىززىقىدىغانلار دىيىشىپ ئىككى ئۈچتىن بولۇپ ھەر خىل مەزمۇندىكى ژورنالنى چىقارساڭلار بۇلىدۇ. مەسىلەن، ئەدىبىات سەنئەت، كومپۇتېر تېخنىكىلىرى، جەميەت پاراڭلىرى، پەن تېخنىكا... ئۇنىڭ ئۈستىگە خەنزۇچە تورلاردا بەك ئىسىل ماقالىلەر بار، ئۇلارنىمۇ كىرگۇزۈپ ئايرىم ژورنال قىلساڭلارمۇ بۇلىدۇ. بارا-بارا خەق كۈنگەندە 4-5 كويدىن ساتساڭلارمۇ خەق ئالىدۇ.  يەنە ئىنگىلىسچە ياخشى بالىلار بۇلسا ئامرىكىدا چىقىدىغان قەرەللىك ژورناللاردىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىپ تارقاتسىمۇ مىنىڭچىمۇ خېلى بازىرى بۇلىدۇ.
    (3 مەن ئوزۇن بۇلدى بىر ئۇيغۇر پەن تېخنىكا تورى قىلىپ مەخسۇس تور قۇرسام دەپ ئويلايمەن. لېكىن ئۈزەم تەشكىللەش ۋە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنىلا قىلالايمەن، تور بەت تۈزۈش، تەرجىمە قىلىش، تورنى رەتلەش ئىشلىرىغا جىق كۈچ چىقىرالمايمەن. ئۇنىڭدا پۈتۈنلەي پەن تېخنىكىغا ئائىت يىڭى ئۇچۇرلارنى بىرىمىز، ئامرىكىدا چىقىۋاتقان scientific america دىگەندەك ژورناللاردىن تەرجىمە قىلىپ قويۇپ قويىمىز، يەنە قىلايلى دىسەك ئىشلىرى خېلى بار. بولۇپمۇ ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەر كۈرۈپ چۈشىنەلەيدىغان، ئاتا ئانىلار بالىلىرىنىڭ پەن تېخنىكىغا بۇلغان قىززىقىشىنى يىتىلدۈرۈشىگە ياردەم بىرىدىغان نەرسىلەرنى قويساق ئاتا ئانىلار ياخشى كۈرىدۇ دەپ ئويلايمەن.
    (4 ئۇيغۇرلاردا تېخى مەخسۇس چەتئەل تىلى ئۈگىنىشنى مەخسەت قىلغان تور بەتلەر قۇرۇلمىدى. قۇراي دىسە توردا ماتىريىال دىگەن قۇمدەك تولا. يىغىپ ئەكىلىپ قويۇپ قويساڭلار، بەزىلىرىنى ساتساڭلارمۇ بۇلىدۇ.
    (5 مەلۇم رايون ئىچىدە، مەسىلەن ئۈرۈمچىدە تورداشلار ئىشلەتكەن نەرسىلىرىنى ساتىدىغان تور بەت قىلساڭلا ئاقىدۇ، ھەممە ئادەمدە ئىشلەتمەيدىغان نەرسىلەر جىق. تورغا چىقىرىپ قويسا سېتلىپ قالسا سىزمۇ پۇل تېپىۋالىسىز. ئامرىكىدا ئەڭ پۇل تېپىۋاتقان تور بەتنىڭ بىز ئۇيغۇرلاردا تېخى پەيدا بولمىغىنىغا ھەيرانمەن. كىيىن پۈتۈن شىنجاڭغا كىڭەيتسەڭلار بۇلىدۇ. تەشۋىقاتنى ياخشى قىلساڭلار ئېقىپ قالار.
    (6 يەنە بىكار قالغانلار بولسا، سودىگەر تونۇشلىرى كۈپلەر بۇلسا بۇنى قىلىپ باقساڭلار ئاقسا پايدا بار، ئاقمىسا بىر پۇڭچەنلىك زىيان يوق.
     ئاۋال توردا دوكان قۇرىسىز.  يەنى سىز ئۈرۈمچىدىكى ئشەنجىلىك چوڭ سودا سارايلىرى، كىتاپخانىلار، ئىشقىلىپ ئۈزىڭىز ئىشەنچ قىلالىغان دوكانلارنى ئارىلاپ، تونۇشلىرىڭىز بۇلسا ماللارنىڭ رەسىمىنى تارتىپ ئەكىلىپ دوكىنڭىزغا قويۇپ ئالىدىغان پايدىڭىزنى قېتىپ باھاسىنى چىقىرىپ قويىسىز. ئىچكىردىكىلەر ئېلىشى مۇمكىن، چەتئەلدىكىلەر ئېلىشى مۇمكىن. يەنە شىنجاڭنىڭ ئىچىدىمۇ ئېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىرەرسى مالنى ئالىمەن دىسە سىزگە ئاۋال پۇلنى سالىدۇ. سىز پۇلنى ئېلىپ دۇكانغا بېرىپ شۇ مالنى ئېلىپ ئالغۇچىغا سېلىپ بىرىسز. پايدىسى سىزگە قالىدۇ. بىر نەرسە ساتمىسىڭىز كەتكەن ۋاختىڭىزدىن باشقا زىيان چىقمايدۇ، خەق بىر نەرسە ئالسا سىزگىمۇ پايدا بار. خىزمەت تاپالماي قالغان 3-4 ئادەم بىرلىشىپ دوكانغا 4-5 مىڭ تۈرلۈك نەرسە سېلىۋىتىپ بازارغا سالسىڭىز ئاقماسلىغىغا مەن ئىشەنمەيمەن. كىتاپ سالسىڭىزمۇ شىنجاڭ ھەر يەرلىرىدىن ئالىدىغان ئادەم چىقىدۇ. لېكىن بۇنى ياخشى قىلىمەن دىسىڭىز كۈندە مەخسۇس ئادەم قۇيۇپ بازار چۈرگىلەپ بازاردا يوق مالنى چىقىرۋىتىپ يىڭى مالنى چىقىرىپ تۇرۇشىڭىز كىرەك. شۇڭا بۇنىڭغا ئەڭ ياخشىسى سودا سارايلاردىن مال كۈرسىڭىز بىر قەدەر ئىشەنچلىكراق. ئامرىكىدا توردا دوكان جىق بۇلغان بىلەن مۇشۇنداق دوكانلارمۇ بەك جىق. ھېچقايسىسى ئۈزىنىڭ نەرسىسىنى ساتمايدۇ، خەقتىن ئېلىپ سىزگە ئەۋەتىپ بىرىپ پايدا ئالىدۇ.
    ياكى بۇلمىسا تورغا تۇنۇشلىرىڭىزنىڭ ماللىرىنى چىقىرىپ قويۇپ ، خەق ئالسا مەن مانچە پىرسەنت پايدىسىنى ئالىمەن دەپ تۇنۇشلىرڭىزنىڭ نەرسىسىنى ساتسڭىزمۇ بۇلىدۇ. ئىشتىن سىرت ئىشلەيسىز. پۇل تېپىش ئىھتىماللىقى بار.
    (7 ئۈرۈمچىمۇ جىق چوڭ بۇلۇپ كەتتى، ھەر ھەپتە ئاخىرى جىق يەرلەردە ھەر خىل مەزمۇندىكى باھاسىنى چۈشۈرۈپ ساتقان پائالىيەتلەر بۇلىدۇ. بۇنىڭ ۋاختى بار. بىرەر ئىككى ئادەم بۇلۇپ شۇنداق يەرلەرنى چۈرگىلەپ شۇنداق ئوچۇرلارنى بىرىپ، كىيىن ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ پۇلغا ساتسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. ياكى بۇلمىسا بازار تەكشۈرۈپ قانداق نەرسە قەيەردە ئەڭ ئەرزان ، مەسىلەن، كىنو كۈرسىڭىز قەيەردە ئەڭ ئەرزان، ياكى ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ باھاسى قانچە، دىباغا بارسڭىز قەيەردە ئىستىمال ئەڭ تۈۋەن، قەيەردە مۇلازىمەت ياخشى، قايسى دوختۇرخانا ئەرزان، قەيەردە گوش ئەرزان.. دىگەندەك ھەرخىل ئۇچۇرلارنى بەرسىڭىزمۇ، ئەزالارنى ئايلىق پۇل تۈلەيدىغان قىلسىڭىزمۇ ياكى مەخسۇس ئۇچۇرنى مەخسۇس ساتسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.
    (8 رەسساملار  ھەر خىل ھەر خىل ياڭزا لاھىيەلەرنى ئويلاپ T- كۈينەك قىلىپ كىچىك رەسىمىنى چىقىرىپ قويىسىلەر. باشقىلار كۈرۈپ ياقتۇرسا سىزگە ھاۋالە قىلىدۇ، سىز  باستۇرۇپ ئەۋەتىپ بىرىسىز. ياكى لاھىيىڭىز ئۈچۈن پۇل ئالىسىز ياكى پايدىڭىزنى باھاغا كىرگۈزىۋىتىسز. تازا مودا ياكى قىزىقارلىق قىلىپ لاھىيلىسىڭىز ياشلار جىق ئالىدۇ. مەن تېخى ئامرىكىنىڭ بىر تور بېتىدىن قايسى كۈنى شۇنداق بىر كۈينەك ئالغانتىم تۈنۈگۈن كەلدى. چوڭ كىچىكلىكى بىلەن لاھىيە نۇمۇرىنى دەپ بەرسەم بىر ھەپتىدە كەپتۇ. دەل كەلدى. بەلكىم سەل قىممەتراق بۇلۇشى مۇمكىن، لېكىن لاھىيە ۋە رەخىت ياخشى بۇلسا يەنە جىق ئادەملەر باھا بىلەنمۇ بەك ھىساپلىشىپ كەتمەيدۇ.
    (9  يەنە كۈپراق پۇلى بارلار بۇلسا ئويۇن تور بىكىتىدىن بىرنى قۇرۇڭلار، دەسلەپتە 3-4 مۇلازىمەتچى ماشىنا كىتەر، ئەرزانراق ئويۇننى قۇيۇسىلەر، خەق كۈنگەندە، يەنە پۇلغا يىتىشكەندە ياخشى ئويۇنلارنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋېلىپ قىلساڭلار بۇلىدۇ، ھازىر ھەممىنى شېڭدا شىركىتى مۇنۇپۇل قىلىۋالغان بىلەن يەنە ئادەملەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئويناپ باققۇسى كىلىدۇ.
    (10 تېخى مەخسۇس ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن تور بەت قۇرۇلمىدى. بەلكىم پۇل تاپقىلى بۇلماس. لېكىن قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.
    (11 پۇل تاپاي دىسەڭ  ئۈچنى چەنلە دىگەن گەپ بار، يەنى  قىز- ئاياللارنى، قۇساقنى، بالىلارنى.  قۇساقنى بەلكىم توردا بەك چەنلەپ كەتكىلى بۇلماس. لېكىن ئاياللارنى ۋە بالىلارنى چەنلەپ باقاي دىسە يەنە ھەر خىل خىياللار چىقىشى مۇمكىن. بالىلار قىزىقىدىغان، ئاتا ئانىلار قىزىقىدىغان بىرەر تۈر ئويلاپ تاپساڭلار مىنىڭچە پۇل تاپقىلى بۇلىدۇ. ئەنگىلىيەدە  بىر 12 ياشلىق شۇم كىچىك بالىلارنىڭ بىر تور بىتىنى قۇرۇپتىكەن، ھازىر 8 مىليۇن فوند سىتىرلىڭغا ساتماپتۇ.
    (12 يەنە ئۇنۋېرسىتىت ئوقۇغۇچىلىرى گۇرۇپپىلىشىپ ئۈي تازىلايدىغان، ئۈي كۈچۈشۈپ بىرىدىغان، بالىلارغا قارىشىپ بىرىدىغان ، مىھمان كەلسە تاماق ئىتىشىپ بىرىدىغان  بولۇپ توردا ئىلان بىرىپ قويساڭلار لازىم ئادەملەر ئىزدەپ كىلىدۇ. مەن شىندادا ئىشلەيدىغان ۋاختىمدا شۇنداق ئادەمگە لازىملىقلار ماڭا جىق تېلفۇن قىلىدىغان. مەن ئوقۇغۇچىلاردىن چىقىرىپ بىرەتتىم. ئەگەر شۇنداق ئىلان بىرىدىغان يەر بۇلسا ئۇلار مىنىمۇ ئىزدەپ ئاۋارە بۇلۇپ يۈرمەيتتى.

    ھازىرچە خىيالىمغا كەلگەنلەر مۇشۇلار. ئەسلى خېلى بارتى. دەماللىققا ئەسلىيەلمىدىم. 
    مۇشۇلارنى قىلىپ پۇل ياكى يۈز تېپىپ قالساڭلار مىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار جۇمۇ.


    (ياق ياق، جېك يالغان ئېيتصۋاتصدۇ، ھةرگصز ئصشةنمةڭلار!!!)

    يەنە ئۇنىڭدىن باشقا تېخىمۇ چوڭ پىلانلىرىڭلار بولسا ھازىر جۇڭگۇدىمۇ تەۋەككۈل مەغلەغ سېلىش شىركەتلىرى جىق بۇلۇپ كەتتى. 2001-يىلى، مەن ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئۇلار بىلەن نەچچە قېتىم ئالاقىلاشقان. ھەم مىنىڭ پىلانىمغىمۇ نەچچە مىليۇن مەغلەغ سالماقچىمۇ بۇلغان. كىيىن ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن ئۇنى قىلمىدىم. تەۋەككۈل مەبلەغ دىگىنىمىز سىزدە بىر ياخشى پىلان بولسا، ھەم سىزدە شۇنى قىلالىغۇدەك ئىشەنچ بىلەن ئۇلارنى ئىشەندۈرەلىسڭىز ئۇلار پۇل چىقىرىدۇ سىز پىلانىڭىزنى قىلىسىڭز. سەن ئەقىل چىقىرىسەن مەن پۇل دىگەن شۇ. پىلان ئاقسا تاپقان پايدىنى تەڭ ياكى مەلۇم نىسبەتتە بۈلۈشىسىز، ئاقماي زىيان تارتىپ قالسىڭىز ئۈزىڭىزنىڭ يولىغا ماڭىسىز، ئۇلار زىياننى تۈلەپ بەر دىمەيدۇ. ناھايتى ياخشى بىر ئىش. جۇڭگۇدىكى چوڭ تور بەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇنداق مەبلەغقە تايىنىپ ھازىرقى ھالەتكەن كەلگەن. ئۇلار مىللەت ئايرىمايدۇ، پەقەت ياخشى پىلاننىلا ئايرىيدۇ. ياخشى پىلانى بارلار شۇلارنى ئىزدەپ باقساڭلار بۇلىدۇ. توردىن  风险投资 دەپ ئىزدەپ باقساڭلار جىق.  ئەلۋەتتە بۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتى مەن دىگەندەك ئاددىلا ئەمەس. جەريانلىرى خېلى مۇرەككەپ. ماتىرىياللارنى ئىزدەپ كۈرۈپ بېقىڭلار. كومپۇتېر، تور ساھەسىدە ئۇيغۇر دەپلا تۇرۇۋالماي جۇڭگۇ، دۇنيا دەپ ئويلاپ خەق نىمىگە ئىھتىياجلىق، بازاردا قانداق نەرسە يوق، مۇنداق نەرسە قىلسام پۈتۈن جۇڭگۇدا ئاقامدۇ دەپ ئاقىدۇ دەپ خۇلاسە چىقىرالىساڭلار تىرىشىپ باقساڭلار بۇلىدۇ.  پۈتۈن دۇنيا تور بازىرىغا چۈشىدىغان ئەگەر شۇنداق ياخشى پىلان بۇلۇپ ئىشلىتەلمەي قالساڭلار ماڭا بەرسەڭلار مەن ئۈزەم بۇ پىلاندىن ئامرىكىدىكى شىركەتلەردىن پۇل ئېلىشقا تىرىشپ باقىمەن. ھەممەيلەن كەڭ قۇرساق بۇلۇپ، مەن قىلالمىسام سەن قىل دەپ بىر بىرىمىزگە ئەقىل، ياردەم ئۈگىتىپ تۇرساق تەرەققى قىلىمىز.  تور دىسە مۇنبەر، چايخانا، ياكى مۇزىكا ئاڭلاش  دەپلا ئەتىدىن كەچكىچە بىر مۇنبەر قۇرسام، مانچە ئادەم يىغسام دەپ ئويلىماي كەڭرى ئويلاڭلار. ھەممەيلەن  بىر پېتىققا كىرىۋالماي باشقىلار قىلمىغان ئىشلارنى قىلىڭلار.  تور بەتلىرىمىز خىلللاشسۇن، سەرىپ قىلغان ۋاقىتقا چۈشلۈق ئانچە مۇنچە ئىقتىسادى پايدىمۇ بۇلسۇن.

    (ئۇھ، دەم ئىلىش بۇلغاچقا يېزىپ قويدۇم،ئەمدى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرى ئىمتاھان تۈگىگىچە مۇھىم نەرسە يازالمايمەن. رەسىم، پارچە پۇرات گەپلەر چىقىپ تۇرىدۇ. كەچۇرگەيسىلەر.
    بۇ يازمىنى مەھەللەمگە قويۇلغان ۋاقىتقا بىر ھەپتە بۇلغاندا بىرىنچىسى بىلەن قۇشۇپ مەنبەنى ئەسكەرتىپ باشقا مۇنبەرلەرگە چاپلاپ قويساڭلار بۇلىدۇ، بۇلسا رةسصملةر بصلةن چصقصرصپ قويارسصلةر، قصززصق بۇلصدۇ)


    ( بصز جېكقا ئصشصنصمصز!!)

    (جېك تور خاتىرىسىگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا ۋە بۇ تىمىنى ئوقۇغۇنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. تور خاتىرىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن  قوللاش يۈزىسىدىن خاتىرىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كۈرۈنۇپ تۇرغان ئىلاندىكى ئولىنىشنى چىكىپ قويۇڭ. لېكىن كۈندە بىر قېتىمدىن ئارتۇق بولمىسۇن. تۇنجى قېتىم ئىلان قويۇلغاچقا بۇ ئەسكەرتىش بىرىلدى. تورداشلارغا ئۇختۇرۇپ بۇلغاندىن كىيىن بۇ ئەسكەرتىش ئۈچۈرۋېتىلىدۇ)

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • jeck ئاكا، (ئاكا تۇتىۋالاي دەپ "ئاكا"لا دەۋەتتىمغۇ) بولسا ئېلخەت ئادىرىسىڭىزنى دەپ بېرىڭە ، ما يازمىنى 2007-يازسىڭىز مەن بۈگۈن (2008-10) كۆرۈپتىمەن. كۆپتىن بېرى ئوقۇش، ئۆزۈمنىڭ خىياللىرى بىلەن بولۇپ تورغا چىقالماپتىمەن. يازمىڭىزدىن خىياللىرىمنىڭ سىز بىلەن ئوخشاش چىققانلىقىنى بىلىپ ھاياجانلىنىپ قالدىم، بولسا ئېلخەت ئادىرسىڭىزنىڭ قالدۇرسىڭىز مۇشۇ توغرىدا ئويلىغانلىرىمنى سىزگە مەسلىھەت سېلىپ باقسام بولغۇدەك بولغىدەك ramizan0996@gmail.com بىرەر پارچە خەت يېزىۋەتسىڭىز تەپسىلىي گەپلەرنى ئېلخەتتە دەي.
  • jeck ئاكا، (ئاكا تۇتىۋالاي دەپ "ئاكا"لا دەۋەتتىمغۇ) بولسا ئېلخەت ئادىرىسىڭىزنى دەپ بېرىڭە ، ما يازمىنى 2007-يازسىڭىز مەن بۈگۈن (2008-10) كۆرۈپتىمەن. كۆپتىن بېرى ئوقۇش، ئۆزۈمنىڭ خىياللىرى بىلەن بولۇپ تورغا چىقالماپتىمەن. يازمىڭىزدىن خىياللىرىمنىڭ سىز بىلەن ئوخشاش چىققانلىقىنى بىلىپ ھاياجانلىنىپ قالدىم، بولسا ئېلخەت ئادىرسىڭىزنىڭ قالدۇرسىڭىز مۇشۇ توغرىدا ئويلىغانلىرىمنى سىزگە مەسلىھەت سېلىپ باقسام بولغۇدەك بولغىدەك ramizan0996@gmail.com بىرەر پارچە خەت يېزىۋەتسىڭىز تەپسىلىي گەپلەرنى ئېلخەتتە دەي.
  • رەىمەت سىزگە