-
ئامرىكىلىق قەشقەرلىق The American Kashkari - [America ئامرىكا]
2008-10-15
ئامرىكا يۇقىرى ۋە تۈۋەن ۋەكىللەر كىڭىشى 700 مىليارد ئامرىكا دوللىرىلىق بازار قۇتقۇزۇش پىلانى [Bailout Plan] نى تەستىقلىغاندىن كىيىن ئامرىكا مالىيە مىنىستىرى خەنك پالسون [Treasury Secretary Hank Paulson] بۇ 700 مىليارد دوللارلىق پۇلغا ئىگە بولۇپ باشقۇرىدىغان بىر دىرىكتور تەيىنلىدى. مۇشۇنداق بىر پەيتتە بۇ ئىنتايىن بىر مۇھىم ئورۇن بولۇپ 700 مىليارد دوللارلىق پۇلنىڭ ئەمەلى ئىشلىتىلىش جەريانىغا بۇندىن كىيىن مۇشۇ ئادەم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، ئامرىكا ئىقتىسادىنىڭ قۇتقۇزۇش پىلانىنى بىۋاستە مۇشۇ ئادەم قول تۇتۇپ ئىشلەيدۇ. نەچچە سوقۇشۇپ يۈرۈپ، كىچە كىچە خىزمەت ئىشلەپ يۈرۈپ، ئەسلى ئۈچ بەت يوللانغان پىلاننى 400 بەتكە يەتكۈزۈپ ئاران ئۈتكۈزگەن بۇ پۇلنى كىمنىڭ باشقۇرۇشى ئەلۋەتتە مېدىيا ۋە خەۋەرلەرنىڭ قىززىق نوقتىسى. بىزلەرغۇ ئادەتتە بۇ ئورۇنغا كىم چىقسا ھە شۇ بۇلىدىكەن دەپ بەك ئىنچىكىلەپ سۈرۈشتۈرۈپمۇ كەتمەيمىز . لېكىن بۇ يىڭى تەيىنلەنگەن ئاداش ( ئۈزى ياشلا گۇيكەن، شۇڭا ئاداش دەۋىرەيلى) نىڭ ئىسمى Neel Kashkari ئىكەن.ياخشىراق ئوقۇڭ. بۇ 700 مىليارد پۇلنىڭ غەزىنە باشقۇرغۇچىسنىڭ ئىسمى نىل قەشقىرى، يەنى يەنى مەھمۇت قەشقىرى دىگەنگە ئوخشاش قەشقەرى دىگەن بىر تەگئاتى باركەن.
تۇنجى قېتىم ئامرىكا تېلىۋىزورلىرىدا ۋە چوڭ گىزىتنىڭ باش بېتىدە قەشقەرى دەپ بىر ئىسمنى ئاڭلاپ كۈزۈم كاماردەك ئېچىلىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتى.ئاپتۇماتىك ھالدا بۇ ئۇيغۇر دەپ ئويلىدىم. لېكىن كەينىدىنلا يەنە بۇ مۇمكىن ئەمەس ەپ ئويلىدىم. بۇ مۇمكىن ئەمەس دىگەنلىكىم ئۇيغۇرلار بۇندىن ئورۇنغا چىقسا بولمايدۇ ياكى چىقالمايدۇ دىگەنلىكىم ئەمەس بەلكى ئامرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى تەرەققى قىلىپ تېخى ئامرىكا مالىيەسىنىڭ بۇنداق مۇھىم ئۇرۇندا ھۇقۇق تۇتالىغۇدەك دەرىجىگە بارمىدى ھەم ئۇندا ئادەم بولغان بولسا بۇرۇنلا خېلى داڭقى چىقىپ پاراڭلىرىنى ئاڭلىغان بۇلاتتۇق.
شۇنىڭ بىلەن دەرھال گۇگۇللاشقا كىرىشتىم. ئىسمىنى كىرگۈزۈپ بولغۇچە نىيۇيورك ۋاقتى، ۋاشىڭتون پوچتىسى دىگەندەك گىزىتلەرنى تىزىۋەتتى. خۇددى ماڭا ئوخشاشلا تۇيۇقسىز چوڭ ھوقۇققا ئىگە بولۇپ قالغان بۇ ئادەمنى كىم بۇلىدۇ سۈرۈشتۈرگەنلەر جىققەن. تەرجىمھالىنى جىق يېزىپ قويۇپتۇ، لېكىن ئۇلار ئەلۋەتتە قەشقەرى دىگەن ئىسم بىلەن كارى بولمايدۇ.
ئىزدەپ بېقىشىمدا بۇ قەشقەرىلەر ئائىلىسى كەشمىرنىڭ ھىندىستانغا قاراشلىق رايونىدىن ئكەن. نىلنىڭ ئاتا ئانىسى كەشمىردىن ئامرىكىغا كۈچمەن بولۇپ كىلىپ 73-يىلى نىلنى ئامرىكىدا تۇغقانكەن. نىل ئامرىكىدا تۇغۇلۇپ ئۈسۈپ چوڭ بۇلۇپتۇ. ياتاقدىشىمدىن سوراپ باقسام نىل دىگەن ھىندىستاندىكى كۈپ قوللىنىلىدىغان ئىسملارنىڭ بىرسىكەن. يەنى ھىندۇلار كۈپ قوللنىدىكەن. ئاندىن قەشقەرى دىگەن تەگئات كەشمىرنىڭ بىر رايونىدا ناھايتى كەڭ قوللىنىلغان تەگئات ئىكەن. شۇ رايوندىكىلەر ئۈزىنى قەشقەرىلەر دەپ ئاتايدىكەن. يەنە ئىزدەپ باقسام ئامرىكىدا قەشقەرى Kashkari ياكى قەشقەرىيانKashkarian تەگئاتىدىكىلەردىن ئانچە مۇنچە باركەن. ئەنگىلىيەدە سەل جىقراقكەن. ئاندىن پاكىستان ۋە ھىندىستانلاردىمۇ ئازراق باركەن. لېكىن بۇ «قەشقەرلىكلەر» ھەممىسى كەشمىردىكى قەشقەرلىقلەر مەھەللىسىدىن چىققان قەشقەرلىكلەركەن. كۈڭلۈم يېرىم بولغىنى شۇكى توردا قەشقەرى دىگەن بۇ ئىسىمنى باشقىلار مۇلاھىزە قىلىشقىنىدا بىزنىڭ قەشقەر توغرىلىق ھىچكىم بىلمەيدىكەن. ھەممىسى بۇلارنىڭ تىگىنى كەشمىردىن كەلگەن قەشقەرلىقلەر دەپتۇ. ئەمدى بۇ كەشمىردىكى قەشقەرلىكلەر قاندا پەيدا بۇلۇپ قالغان، قاچانلاردا قەشقەرلىك دەپ ئاتىلىپ قالغان بۇنى بىزنىڭ تارىخچىلىرىمىز بىر تورنى ئىزدەپ بېقىپ ئىشەنچلىك ماتىرىياللار بىلەن تەمىن ئەتسە دىگەن ئۈمىتتىمەن. ماڭىغۇ قەشقەرى دىگەن ئىسىمنى ئاڭلاپلا قەشقەردىن بىللە چىققان ئۇيغۇردەكلا بلىنىپ كەتتى. لېكىن نىل توغرىلىق ماتىرىياللار تالاش تارتىشلاردا بىرەر قېتىممۇ بىرەرسى شىنجاڭ، ئۇيغۇر قەشقەر توغرىلىق گەپ سۈزلەر بولۇنمىغان. يەنى ھىچكىم بىلمەيدۇ. نىلمۇ ئۈزىنىڭ قەشقەرى دىگەن ئىسمىنىڭ بىزنىڭ قەشقەر بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىغىنى بىلەمدۇ بىلمەمدۇ بۇنى ئۇخمىدىم.
ئۇندىن باشقا ئامرىكىدا يەنە چەنك ئۇيغۇر [ Cenk Uygur] دەپ ئۇيغۇر ئاتىلىق يەنە بىر داڭلىق گۇي بار.تېلىۋىزوردا پات پات چىقىدۇ، ئۇ پروگرامما رىياسەتچىسى، كومىدىيەلىك چاخچاقلىرى جىق، ئاندىن يەنە كىلىپ سىياسى پىكىرچى [political commentator], ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى تۈ ركىيەدىن كەلگەنكەن. ئۇنى ئادەتتە ئۇيغۇر ئەپەندى [ Mr. Uygur ] دەپ چاقىرىدۇ. مىنىڭچە ئۇنىڭ ئاتا-بۇۋىلىرى بىز تەرەپلەردىن كۆچۈپ بارغانلار بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئومۇ بەلكىم ئامرىكىنىڭ ئاساسى ئېقىمدىكى يۇقىرى قاتلاملاردا ياشايدۇ. ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىدە بۇلۇپ باققاننى ياكى ئۇيغۇر سۆزىنى بىرەر قېتىم تىلغا ئېلىپ باققىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ئەلۋەتتە بىز ئۇلارغا تىلغا ئالساڭ دىمەيمىز.
ئىشقلىپ ئامرىكىنىڭ ئاساسلىق ئېقىملىرىدا ئۇيغۇر،قەشقەرى دىگەن سۈزلەرنى ئاڭلىساق ياكى كۈرسەك بىر خىل يىقىنچىلىق تۇيغۇسى برىدىكەن.
بۇ توغرىلىق گۇگۇللاپ باقىدىغانلار ياخشى ئۇچۇرلارنى تاپساڭلار ئۇلىنىشنى بلوگتىكى مۇشۇ تىمىنىڭ چاپلاپ قويارسىلەر. ساقلىنىپ قالسۇن.
تۈۋەندىكىلەر قەشقەرى توغرىلىق ئامرىكىدىكى بەزى تور بەتلەردىكى ئىنكاسلار:
--------------------------------------------------------
Neel Kashkari is an ABD, and his parents hail from Jammu and Kashmir
نىل قەشقەرى ئامرىكىدا تۇغۇلغان ھىندىستانلىق، ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى جاممۇ ۋە كەشمىردىن.
I also wondered why Bush put someone who looks like an Al Qaeda terrorist in charge of our financial system. Maybe it’s part of that “restore confidence” plan.
Just kidding. Besides, Mr Kashkari’s an Indian-American.
مەنمۇ بۇشنىڭ نىمىشقا بىر بازا تەشكىلاتىنىڭ تىرورچىسىغا ئوخشايدىغان بىرسىنى بىزنىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستىمىمىزغا مەسئۇل قىلغانلىغىغا ئەجەپلەندىم. بەلكىم بۇ «ئىشەنچى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولسا كىرەك.
چاخچاق قىلىپ قويدۇم. قەشقەرى ئەپەندى بولسا ئامرىكىلىق ھىندى.
But maybe he is Jewish
بەلكىم ئۇ يەھۇدى بۇلۇشى مۇمكىن
btw, i think kashkari’s family are kashmiri pandits. like nehru. not indian jews
مىنىڭچە قەشقەرىلەرنىڭ ئائىلىسى كەشمىردىكى پاندىتلاردىندىن، نىھرۇغا ئوخشاش. ھىندۇ يەھۇدىلىرى ئەمەس.
From a brief google search it looks like “Kashkari” is the name of a small ethnicity in Pakistan-occupied Kashmir, some of whom also live in India. So he’s probably a Kashmiri, I would think. “Neel” is a Hindu name though, and most Kashmiris are Muslim.
قىسقىچە گۇگۇللاپ ئىزدەپ باقسام قەشقەرى دىگەن پاكىستانغا تەۋە كەشمىر زىمىنىدىكى بىر مىللەتنىڭ ئىسمى ئىكەن، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ھىندىستاندىمۇ ياشايدىكەن. شۇڭا مىنىڭچە ئۇ كەشمىرلىق. نىل دىگەن ھىندۇچە ئىسىم. ئاندىن كەشمىرلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇسۇلمان.
Kashkari is a Kashmiri Hindu surname like Kapoor is a Punjabi Hindu surname. Most Kashmiris are Muslim, but there are Hindu and Sikh minorities in the Indian part of Kashmir.
BTW, there are much Kashmiri Indians than there are Kashmiri Pakistanis.
قەشقەرى دىگەن كەشمىرلىقلار ھىندۇلارنىڭ تەگئاتى، خۇددى پەنجاپ ھىندۇلۇىرىنىڭ كاپۇر دىگەنگە ئوخشاش. كۈپ ساندىكى كەشمىرىلار مۇسۇلمانلار، لېكىن ئاز ساندىكى ھىندۇلار ۋە سىك ئازسانلىقلىرىمۇ بار
------------------------------------------------------------
يۇقارقىلاردىن شۇنى كۈرۈۋىلىشقا بۇلىدۇكى قەشقەرى كىم دەپ ئىزدىگەنلەر ھەممىسى گۇگۇللايدۇ. ئامرىكىدا ئوچۇر ئىزدىمەكچى بولغان ھەممە ئادەمنىڭ بىرىنچى قېتىم قېلىدىغىنى گۇگۇللاش. مەن ئۇيغۇر ئاتلىرىنى ئىنگىلىسچە يېزىشتا كۈپ قېتىم تەكىتلەپ ئەگەر بۇ ئىسىم ئاللىبۇرۇن غەرىپ ئەللىرى تەرىپىدىن قۇبۇل قىلنىپ ئومۇملىشىپ بولغان بولسا بىز ئىنگىلىسچىدە يازغاندا ئۈزىمىز بىكىتىۋالماي شۇ پېتى ئىشلىتىش، ئۈزگەرتمەسلىك ، شۇ پېتى ساقلاشنى تەشەببۇس قىلىپ قارشىلىقلارغا ئۇچراپ، ئۈلچەمگە بويسۇنمىغان، ئۈلچەملەشتۈرۈشكە قارشى دەپ قالپاق كىيىلىپ كەلدىم. ئەگەر بىزنىڭ ماتىرىياللىرىمىزدىمۇ قەشقەر دىگەن سۈز مۇشۇ ئومۇملاشقان Kashkar دەپ يېزىلغان بولسا باشقىلار Kashkari دەپ ئىزدىسە بىزنىمۇ قۇشۇپ چىقىرىپ بىرەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە قەشقەر دىگەن بۇ يەردىكەندۇق دەپ بىلەتتى.Youtube:تۈۋەندىكىلىرى قەشقەرى ئەپەندىگە مۇناسىۋەتلىك بىر بىر قىسىم ئۇلىنىشلار.
ئامرىكا مالىيە مىنىستېرلىگى تور بېتىدىكى قەشقەرى ئەپەندىنىڭ تەرجىمھالى历史上的今天:
<< مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (1) The Last Failure of Successful Man | باش بەت | مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (2) The Last Failure of Successful >>
评论
تۈركىيەدە ئۇمۇملاشقان ئۇيغۇر تەگئاتى توغرۇلۇق سۆزلىگىم كېلىپ قالدى.ئۇيغۇر تەگئاتى تۈركىيىدە قاچان ئۇمۇملاشقانلىقىنى بىلمەيمەن،بىراق تۈرك دوستلىرىمنىڭ بايانىدا كامال تۈرك قوزغىغان تۈركچە ساپ تەگئات قۇيۇش-تۈرك تىلىنى ساپلاپتۇرۇش دولقۇنىدا مەدەنىيەت سۆزىنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر(ئۇيغار)سۆزى دەسسىتىلگەنىكەن...مەنمۇ ئىستانبۇلدا نىجاد ئۇيغۇر ئىستانبۇل دىگەن داڭلىق شەخىسنى ئاڭلاڭ كۆزلىرىم ئېتىلىپ كىتەي دىگەن....يەنە دىيارىمىزدىكىلەر تەرىپىدىن ئۇيغۇر دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان تۈركىيە قۇماندانىمۇ ئەمەلىيەتتە ساپ تۈرك ئىدى...پەقەت تەگئاتى ئۇيغۇر بوپ قالغان گۇناھى بار!
ھۆرمەت بىلەن
يۈكسەل
http://www.yukselblog.com/
ئۇيغۇرلاردا تۇراقلىق مەنادىكى تەگئات قوللىنىش ئىشى تېزرەك روياپقا چىقسا بولاتتى. شۇنداق بولغاندا، كىشىلىرىمىز ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى، كىندىك قېنىمىز تامغان شەھەر - قىشلاقلىرىمىزنىڭ گۈزەل ناملىرىنى تەگئات قىلىپ قوللانساق، يەنە مىڭ يىللاردىن كېيىنمۇ ئەۋلادلىرىمىزنىڭ مىللىي كىملىكى قەشقەرى، ئىدىقۇتلۇق، بارچۇقى، تارىمى، ئۇدۇن ... غا ئوخشاش تەگئاتلىرى بىلەن جۇلالاپ تۇرسا ! ...
http://www.izdinix.com/ShowPost.asp?ThreadID=33947
http://www.izdinix.com/ShowPost.asp?ThreadID=33947
http://en.wikipedia.org/wiki/Neel_Kashkari
Turkiyede hekiketen Uyghur familsini kollanghanlar koprek ,tekshurushumche ularng mutlek kop kismi yukri katlam ish ademleri ve senetchler ve siyasetchler ....meslen Necat uygur dgendek ...belkm ata buwliri bzdn kelgendu
"مەن ئۇيغۇر ئاتلىرىنى ئىنگىلىسچە يېزىشتا كۈپ قېتىم تەكىتلەپ ئەگەر بۇ ئىسىم ئاللىبۇرۇن غەرىپ ئەللىرى تەرىپىدىن قۇبۇل قىلنىپ ئومۇملىشىپ بولغان بولسا بىز ئىنگىلىسچىدە يازغاندا ئۈزىمىز بىكىتىۋالماي شۇ پېتى ئىشلىتىش، ئۈزگەرتمەسلىك ، شۇ پېتى ساقلاشنى تەشەببۇس ..."
بۇ تەشەببۇسىڭىز بەكمۇ ئورۇنلۇق بوپتۇ ، uly ئىشلىتىش بىلەن بىر ئىشمۇ؟ ئەپسۇس ھازىر بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىمۇ خېلى يىراق مۇساپىلىق جەرياندىن كېيىن بولىدىغان ئوخشايدۇ...
خەلچىگۈل 2008-يىل10-ئاينىڭ 16-كۈنى
土耳其Amasya维吾尔区
http://www.uighurbiz.cn/view/2008/1013/article_7109.html