• مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (2) The Last Failure of Successful - [Koltegin كولتىگىن]

    2008-10-16

     مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (2)
    جېك بلوگىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى: كولتىگىن

    (2)  The Last Failure of Successful Man
    by Invited Author: Koltigen

    بۇ تىمىنىڭ ئىككىنچى قىسمى، بۇنى كۆرۈشتىن بۇرۇن ئاۋال بىرىنچى قىسمىنى كۆرۈڭ. 

    خېشېننىڭ شۇ دەۋرگە ،يېشىغا نىسبەتەن مۇۋاپىقىيەت قازانغان ئەردېمەي ھىچ ئامالىمىز يوق.خېشېننىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان تۈپكى ئامىل،بىرىنچىدىن ئۇنىڭ تالانتى ۋە مول بىلىمى.ئىككىنچىدىن چىئەنلۇڭخاننىڭ زور ئىشەنچىسى.ئۈچىنچىدىن خېشېننىڭ مال-دۇنياسى.بۇ ئۈچ ئامىل بىر-بىرىنى شەرت قىلىدۇ.ناۋادا خېشېننىڭ تالانتى بولمىغان بولسا،چىئەنلۇڭخانغا ھەرقايسى تەرەپتىن يېقىپ قېلىشى ناتايىن،دەماللىققا يېقىپ قالغان بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولالمايدۇ.خېشېننىڭ تالانتى، مول بىلىمى،كىچىكىدىن تىرىشىش روھى ۋە كېلىشكەن قەددى قامىتى چىئەنلوڭخاننىڭ قايىللىقىنى قوزغىغان،ئۇزۇن مۇددەت بىرگە تۇرۇش جەريانىدا،ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشكەن.خېشېن قابىلىيىتىگە تايىنىپ دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىرگە يەنە قايغۇسىغا قايغۇ،كۈلكىسىگە كۈلكە بۇلۇپ،چىئەنلۇڭنىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشىشىغا ئايلانغان .خېشېن كىچىكىدىن چىئەنلوڭنى تەتقىق قىلغان بولغاچقا،ئاللا بۇرۇن چىئەنلۇڭنىڭ ئىچىدىكى قۇرۇتقا ئايلانغان.بىز نىمىشقا يەنە خېشېنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىغا مال-دۇنيامۇ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ؟دەپ سورىغىنىمىزدا،چىئەلوڭنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتنى سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.پادىشالىق تۈزۈمدىكى دەۋىردە پادىشاھنىڭ ھوقۇقى چەكسىزلىككە ئىنتىلگەن بۇلۇپ،بىر ئېغىز گەپ بىلەن بىر ئادەمنى ۋە بىر جەمەتىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋاتالايدۇ.شۇڭا بۇرۇنقىلار"پادىشاھقا ھەمرا بولماق،يولۋاسقا ھەمرا بولغانلىقتۇر"دەپ ئېيىتقان.پادىشاھنىڭ ئەتراپىدا،خانىش ئانىسى،نەچچە ئون خانىش-بانولىرى خانزادە مەلىكىلەر،خان تاغىسى خان ئۇكىسى دىگەندەك خان جەمەتىمۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ ھوقۇق مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرگەن بۇلۇپ،بۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى توغرا تەڭشىمىگەندە،ھەرۋاقىت خېشېننىڭ ھوقۇقىغا ۋە ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ.بۇ ئارقا ھويلىدىكى مۇئاۋىن پادىشاھلارنىڭ ھەممىدىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغىنى پارقىراپ تۇرغان ئالتۇن كۈمۈش،شۇنداق بولغان ئىكەن خېشېن بۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى مال-دۇنياغا تايىنىپ تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ.ئاتالمىش مۇئاۋىن پادىشاھلار خېشېننىڭ تالانتىغا،كېلىشكەن قەددى- قامىتىگە ئانچە قىزىقمايدۇ.بۇنى تونۇپ يەتكەن سەزگۈر خېشېنىڭ كىچىك قەلبىگە تېرىلغان مال -دۇنيا توپلاش ئورىقى مۇشۇ ئېھتىياج تۈپەيلى بىخلاشقا باشلايدۇ.
      خېشېنغا ئوردا بېرىدىغان تەمىناتى ئارانلا ئۆزىنى قامداشقا يېتىدىغان بۇلۇپ،ئارقا ھويلىدىكى مۇرەككەپ شەخسلەرگە گۆھەر مەرۋايىت سوۋغا قىلىشقا قۇربى يەتمەيدۇ.قانداق قىلىش كېرەك؟قولىدىكى نازارەتسىز چوڭ ھوقۇققا تايىنىش كېرەك.خېشېن ئەمەلدارلارنى ئۆستۈرۈش قالدۇرۇش ئىشىغا،خاندانلىق مالىيىسىگە مەسئۇل باش ۋەزىر بولغاندىن كىيىن،ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىگە قۇيۇش جەريانىدا پارا ئېلىشقا باشلايدۇ،خاندانلىق مالىيىسىگە مەسئۇل بۇلۇشتەك ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ھەر خىل قۇرۇلۇشلاردا خاندانلىقنىڭ مالىيىسىگە خىيانەت قىلىدۇ.چىڭ خاندانلىقىنىڭ تۈزۈلمىسىدە 3 يىلدا بىر ئەمەلدارلارنى باھالاش ئېلىپ بېرىلىپ لاياقەتسىز بۇلۇپ باھالانغانلىرى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدىغان بولغاچقا،خېشېن ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ تۆۋەندىكىلەرنى قاقتى- سوقتى قىلىدۇ.خېشېننىڭ كىرىم مەنبەسىنىڭ بەرگۈلۈك قىسمىنى تەشكىللەيدىغىنى سودىغا تاينىش.چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سودىگەرلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ھەممىدىن تۆۋەن بۇلۇپ،ھازىرقى يالانما ياكى سائەتلىك قارا خىزمەتچىلەر بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ.شۇ ۋاقىتلاردا سودىگەر دىسە ھەممە ئادەم قاچىدىغان ئەھۋال ئۇمۇمىي يۈزلۈك مەۋجۇت بولغاچقا،ئەمەل تۇتقانلار ئۆزىنىڭ يۈز-ئابرويىنىڭ تۆكۈلۈشىدىن ئەنسىرەپ سودا بىلەن شۇغۇلانمايدۇ.بىراق ئەقىللىق خېشېن ھوقۇق بىلەن سودا بىرلەشسە كېلىدىغان پايدىنىڭ ناھايىتى زورلىغىنى ھېس قىلىپ،مەخپى ھالدا سودا قىلىشقا باشلايدۇ.تارىخچىلارنىڭ دېيىشىچە خېشېننىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە 3000ئېغىزلىق سودىغا قاتناشتۇرغان ئويى،100گە يېقىن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاشقان گۆرۆخانانىسى،نەچچە ئون كۆمۈر كانى،80 نەچچە ھارۋىلىق مال توشۇغۇچى قاتناش ئەترىتى،8000گېكتار تېرىلغۇ يېرى،داڭلىق قەدىمى ئاسارە-ئەتىقە سېتىش دۇكانلىرى قاتارلىق پايدىسى زور سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىپ مال-دۇنيا توپلىغان بۇلۇپ،بۇ زور مال-دۇنيا ئارقىلىق ئارقا ھويلىدىكى مۇرەككەپ شەخسلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ كەلگەن.ئارقا ھويلىدىكى مۇرەككەپ شەخسلەر خېشېننىڭ ئىلتىپاتىدىن تولىمۇ مىننەتدار بولغاچقا،ئاخشام-ئەتلىرى خانغا خېشىننىڭ يامان گېپىنى قىلمىغان ۋە ئۇنىڭ تالانتىغا ئاپرېنلارنى ئوقۇشقان بولغاچقا چىئەنلۇڭخانىڭ تېخىمۇ ئىشەنچىسىگە ئىرىشكەن.
      چىڭ ئوردىسىدا خېشېندىن باشقا،ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى كىشىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق تەڭشىگەندۇ؟ دېگەن سۇئال كېلىدىغىنى تەبى،چۈنكى خېشېن ئەڭ ھالقىلىق ھوقۇقنى تۇتىۋالغاندىن كىيىن باشقىلارنىڭ نارازىلىقى بولمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ-دە.ئەقىللىق خېشېن ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى ئەمەلدارلارنى ئۈچ تۈرگە ئايرىپ مۇئامىلە قىلغان.بىرنچى تۈردىكىلىرى:يەنى ئۆزى بىلەن پىكىرداش كىشىلەر بىلەن بىر قىسىم مال-دۇنيادا ئورتاقلاشقان بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن پىكىرداشلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى كۆرمەسكە سېلىۋالغان.خېشېن بىلەن پىكىرداشلاردىن تىپىك مىسال فۇكاڭئەن.فۇكاڭئەن تۇتۇلغاندا ئۇنىڭ ئۆيىدىنمۇ 500مىليون كۈمۈش تەڭگە ئەتراپىدا مال-دۇنيا چىققان.ئىككىنچى تۈرىدىكىلەر مۆتىدىل كىشىلەر بۇلۇپ،ئۇلارغا بەزىدە يول قۇيۇپ، بەزىدە ئەدەپلەپ، بەزىدە يېقىن تارتىپ بەزىدە چەتكە قېقىپ،ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان. مۆتىدىل ئەمەلدارلارنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقىنى تېپىپ چىقىپ مەخسۇس ئارخىپ تۇرغۇزۇپ،ھەل قىلغۇچ پەيتكە كەلگەندە كۇزۇرنى ئىشقا سېلىپ، دۈشمەنلىرىنى شۇلارنى قۇلى بىلەن يوقاتقان.ئۈچىنچى تۈرىدىكىلەر خېشېن بىلەن قارمۇ-قارشى يول تۇتقانلار بۇلۇپ،خېشېننىڭ پارا ئالغانلىقى خىيانەت قىلغانلىق توغرىسىدا خانغا مەخپى مەلۇمات سۇنغاندا،ئوردىدىكى ئايغاقچىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ مەخپى مەلۇماتنىڭ مەزمۇنىنى بىلىۋالغاندىن كىيىن،دائىم خان ئالدىدا دۈشمىنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ،ئۇنى ماختاپ ئۇچۇرۇپ سىرتتىكى مۇھىم ئىشلارغا مەسئۇل قىلىپ،ئۇلارنىڭ پايتەختتە تۇرۇپ ئۈزىگە كېلىدىغان خەۋىپنىڭ مەۋجۇت بۇلىشىغا يول قويمىغان.مەسىلەن ئالساق:داڭلىق سەركەردە،ئۆلىما ئاگۈي.ئاگۇي بىر نەچچە قېتىم خانغا مەلۇمات سۇنۇپ خېشېننى ئەيىبلىگەندىن كىيىن،خېشېن دائىم ئاگۇينىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ،ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى داڭلاپ ئۇچۇرۇپ،ھېلى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىپ چەت رايونغا بېرىشقا تەۋسىيە قىلسا،ئۇرۇش تۈگىمەي تۇرۇپلا سۇ ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئەۋەتكەن بۇلۇپ،ئاگۇي شۇ ئوردىدىن چىقىپ كەتكەنچە 20يىلغىچە ئوردىغا قەدەم باسالمىغان.ئاخىرىدا 80ياشقا كىرىپ قالغان ئاگۇي سالامەتلىكى يار بەرمەي،خانغا قايتا-قايتا ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق پايتەختكە قايتىپ كېلىۋالغان.مۇشۇنداق ئەپچىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ دۈشمىنىنى خاندىن يىراقلاشتۇرغان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن خانغا دۈشمىنىنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ،خاننىڭ خېشېن كەڭ قۇرساق،دۈشمىنىنى بولسا كۆرەلمەس قىلىپ كۆرسىتىشتەك ئۈنۈمگە ئىرىشكەن.
      خېشېن نەچچە ۋازارەت ۋە مەھكىمىنىڭ ۋەزىرى بولغان بولسا ئۇ خىزمەتلەرنى قانداق يۈرۈشتۈرگەندۇ؟ دېگەن سۇئال كېلىدىغىنى تەبى.ئەقىللىق خېشېن خىزمەتلەرنىڭ يۈرۈشتۈرۈشتە بىلىمدار كىشىلەرنى ئەتىراپىغا توپلاپ،ئۇلارنىڭ بىلىمدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان،ھەمدە ئۇلارغا ئىنتايىن ياخشى ئادىل مۇئامىلە قىلىپ، قەدىرلەپ ئىشلەتكەن.شۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىرىنچىدىن خىزمەتلەر جايىدا يۈرۈشكەندىن بولسا، ئىككىنچىدىن خاننىڭ خېشېننىڭ خىزمەتلىرىدىن ۋە ئادەم باشقۇرۇش تالانتىدىن مەمنۇن بولۇشتەك قوش ئۈنۈمگە ئىرىشكەن.
      خېشېننىڭ پارىخورلۇق قىلمىشىدىن چىئەنلۇڭ ئازراقمۇ بايقىمىغاندىمۇ؟چىئەنلۇڭمۇ ئىنتايىن دانا پادىشا بولغاچ،خېشېننىڭ پارىخورلۇق قىلمىشىدىن خەۋەرسىز قېلىشى ناتايىن.چۈنكى چىئانلۇڭ خان ئەمەلدارلار سورۇندىكى ئىشلاردىن تۇلۇق خەۋەردار شۇنداقلا ئارقا ھويلىنىڭ مۇرەككەپلىكنى بىلىدۇ.شۇڭا بىلمەسكە سېلىۋالغان بۇلىشى مۇمكىن.بىراق چىئەلۇڭخان خېشېننىڭ ئەمەلىيەتتە بۇنچىلىك كۆپ مال-دۇنيا توپلىغىنىدىن خەۋەرسىز بۇلىشى ئېنىق.مىسالىنى ئالساق چىئەنلۇڭ زامانىسىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە يۈز بەرگەن "بەيلەنجاۋ دىنىدىكىلەرنىڭ توپىلىڭى"،"سۇ ئاپىتى"،"قۇرغاقچىلىق ئاپىتى"قاتارلىق ئاپەتلەر ئۈزۈلدۈرمەي بولغاچقا،ئوردا غەزىنىسى قۇرۇقدىلىپ قالغان بۇلۇپ،چىئەنلۇڭنىڭ بېشى ئىنتايىن قاتقان.مەبلەغ توپلاشقا ئامالسىز قالغاندا،ا خېشېن ئويلاپ چىققان"پۇل ئارقىلىق جىنايىتىنى يۇيۇش"تۈزۈمىنى يولغا قويغان.بۇ تۈزۈم قانداق تۈزۈم دېگەندە،چىڭ خاندانلىق تەۋەسىدىكى ئەمەلدارلار ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قۇيۇش ئېھتىمالىقىغا كۆزدە تۇتۇپ، ئوردا مالىيىسىگە ئالدىن پۇل تاپشۇرىدۇ.كىيىن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويغان بولسا،جىنايىتىنى ھېلىقى ئالدىن تاپشۇرغان پۇل بىلەن يۇيىۋېتىدىغان بىر خىل تۈزۈم.ناۋادا خېشېندا ناھايىتى زور بايلىق بارلىقىنى بايقىسا،بۇنداق ئىنتايىن كۈلكىلىك ئەخمىقانە تۈزۈمنى يولغا قۇيۇشقا مەجبۇرلانمىغان بۇلىشى تۇرغانلا گەپ.   
     پەرەزگە تايانغان ئېھتىمالىق:يەنى چىئەنلۇڭخان ئىنتايىن ئابروي پەرەس ئادەم بولغاچقا،تارىختا ئۈزىنىڭ ئىنتايىن ھەشەمخور پادىشا دىگەن يامان ئاتاققا قېلىشتىن قورقۇپ،ئوردا غەزىنىسىدىكى كۈمۈشلەرنى باغچا ساراي سېلىشقا ئىشلەتمەي ئەڭ يېقىن ئادىمى خېشېن ئارقىلىق يەنە بىر غەزىنە قۇرۇشقا قۇشۇلغان بۇلىشى مومكىن.خېشېن مۇشۇ پايدىلىق ئامىدلىن پايدىلىنىپ،كىچىك غەزىنىنى قالتىس چوڭەيتىۋەتكەن بۇلىشىمۇ مومكىن.تارخ يازما پاكىتلارنى ئاساس قىلىدىغان پەرەزگە يول قۇيۇلمايدىغان بۇلغاچقا،ئۇقۇرمەنلەرنىڭ پەرەز دەپ چۈشىنىشىنى ئەمىلىيەت ئەمەسكەن دەپ ئويلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن!


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • قالتىسكەن.
  • بىرسى چۆچەك ئېيتىپ بەرگەندەك قىزىقارلىق ئاڭلىنىدىكەن
  • كولتىگىن ئەپەندىم،بۇ يازمىڭىزگىمۇ 15 قېتىم ئىنكاس يازساڭلار ئاندىن داۋامىنى يازىمەن دىمەيدىغاندسىز؟
  • داۋامىنى يازىمىز كۇلتىگىن ئەپەندىم؟ بەك تەقەززا بۇلۇپ كەتتۇق.
  • ھازىرقى ئۈرۈمچى بالىلىرى بۇنداق ئۇزۇن تارىخى ماتىرىياللارنى كۈرۈشكە قىزىقمايدۇ .ئۇلار پەقەت چەتئەل ناخشا-ئۇسۇللىرىغا قىزز-
  • بۇ ئۇزۇن ماقالىنى سەل قىسقارتسا بولمامدۇ
  • بەك ئۇزۇن ماقالە ئىكەن
  • شۇنداقمۇ