-
مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (1) The Last Failure of Successful Man - [Koltegin كولتىگىن]
2008-10-15
مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (1)
جېك بلوگىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى: كولتىگىن
(1) The Last Failure of Successful Man
by Invited Author: Koltigen
Key Words: Qing Dynasty, Xinjiang, Hexin, Palace, TV Series[كىرىش سۆز:يېقىندىن بۇيان كىنو تېلۋۇزورلاردا،چىڭ سۇلالىسى ھەققىدىكى تېلېۋزىيە تىياتىرى ئاينىپ قالدى.مەسىلەن"دوك ۋەزىر لىۇيوڭ"،"چىئەنلۇڭ خاندانلىقى"،"تەدبىركار جىشاۋلەن"قاتارلىقلار.بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا،تارىخى شەخسلەرنىڭ ئىسمىلا ھەقىقى بۇلۇپ،ۋەقەلىك پۈتۈنلەي ئويدۇرۇلۇپ چىققان.ھەتتاكى 360گىرادۇس بۇرىۋەتكەن.مەسىلەن ئالساق،دوك ۋەزىر لىۇيوڭ دېگەن فىلىمدە،"يېزىق ماجىراسىنى"لىۇ يوڭ ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ،بۇ ماجرانى تۈزەيدۇ.ئەمەلىيەتتىكى تارىختا بولسا،لىۇيۇڭ جىئاڭسۇدىكى ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقىتتا،ئارقىمۇ-ئارقا "يېزىق ماجراسى"نى پەيدا قىلىپ خانغا مەلۇم قىلىپ،تۆھپە كۆرسىتىپ،ئەمىلى ئۆسىدۇ.لىۇيوڭ "تەشرىپدارلىق"تىن ئۆتكەن ۋاقىتتا،خېشېن ئاران بىرياشقا كىرگەن بۇلۇپ،خېشېندىن 30ياش چوڭ.ھەمدە لىۇيوڭ خېشېنىڭ قول ئاستىدىكى بىر كىچىك ئەمەلدار.
بۇنداق تارىخ بۇرمىلانغان كىنولارنى كۆرگەن،بىراق ھەقىقى تارىخى كىتابلارنى ئۇقمىغان كىشىلەر،ھەقىقى تارخ مۇشۇ بۇلىشى مۇمكىن دېگەن قاراشقا كېلىدۇ.شۇڭا مەن مۇشۇ نۇقتىنى تۇتقا قىلىپ،داڭلىق تارىخچى جوڭگۇ پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى،مانجۇلار تەتقىقاتچىسى يۇئەن زوڭنىئەن ئەپەندىنىڭ،بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتى قارمىقىدىكى 2-ئوتتۇرا مەكتەپ تارخ ئوقۇتقۇچىسى جى لىئەنخەي ئەپەندىلەرنىڭ يازغان كىتابى ۋە سۆزلىگەن نۇتىقىغا ئاساسلىنىپ،مۇنۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.ئەمەلىيەتتە خېشېن مىللى ئىشلارغا مەسئۇل كىشى بولغاچقا،شىنجاڭنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ چوڭ رەھبىرى.لىۇ يوڭنىڭ دادىسى لىۇ توڭشۈن ئۈرۈمچىدىكى ئامۇرسانا توپىلىڭىنى بېسىقتۇرۇش جەريانىدا،خاتا تەدبىر قوللانغاچقا لىۇيوڭ ۋە ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ۋەزىپىسىنى پۈتۈنلەي قالدۇرۇپ،ئىككى يىل تۈرمىگە قامىلىدۇ.جىشاۋلەن بولسا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ ئۈرۈمچىگە پالىنىدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ شىنجاڭ بىلەن ئازدۇر كۆپتۇر باغلىنىش بار.شىنجاڭ تارىخىغا قىزىققۇچىلار مۇشۇ تەرەپلەردىكى تارىخى يازما ماتېرىيالدىن ئانچە-مۇنچە خام ماتېرىيال توپلىۋالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن ئۈمۈدۈممۇ بار].
جۇڭگونىڭ ئىككى مىڭ يىلىق پېۋادالىزىملىق پادىشالىق تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇش تارىخىدا،پۈتۈن ھاياتى سىرغا تولغان،ھايات سەرگۈزەشتىسى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان بىر داڭلىق شەخىس ياشاپ ئۆتكەن بۇلۇپ،ئۇنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش جەريانى كىشىنى ھەيران قالدۇرسا، مەغلۇبىيىتىمۇ كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ.گەرچە بۇ تارىخى شەخىسنىڭ ھاياتى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ،ئۇ ھايات مۇساپىسىدا قازانغان مۇۋاپىقىيىتىنىڭ سىرى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا مەغلۇپ بۇلۇش سىرىنى بىلىشكە قىزىقتۇرىدۇ.تارىختا سەلبىي ئوبرازنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە خاتىرە قالدۇرۇلغان بولسىمۇ،بۇ تارىخى شەخىس بىزلەرگە نۇرغۇنلىغان "ئەڭ" لەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن بۇلۇپ،جوڭەونىڭ يېقىنقى زامان تارىخدىكى بۇ كاتتا شەخس، چىڭ سۇلالىسى چىئەنلۇڭ زامانىسىدىكى باش ۋەزىر خېشېن.
جۇڭگودىكى ئىككى مىڭ يىلىق پېۋدالىق پادىشالىق تۈزۈم تارىخىدا،باش ۋەزىر خېشىننىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن "ئەڭ"لەر تۆۋەندىكىچە.
1- خېشېن ئەمەل تۇتقان قىسقىغىنە 20نەچچە يىلدا،توپلىغان مال-مۈلكى1مىليارد100مىليون كۆمۈشكە باراۋەر بۇلۇپ، چىڭ خاندانلىقى چىئەنلۇڭ زامانىسىدىكى دۆلەت مالىيەسىنىڭ15يىلىق كىرىمى بىلەن باراۋەر.ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيان باش ۋەزىرلەر ئىچىدە توپلىغان مال-مۈلكى ئەڭ كۆپ بولغان باش ۋەزىر.
2-خېشېنىڭ 3يېشىدا ئانىسى،9يېشىدا دادىسى تۈگەپ كەتكەن بۇلۇپ، يۆلەنچۈكسىز بىر يېتىمنىڭ،بىلىم ئېلىش جەريانى ۋە كىشىنى تاڭ قالدۇرىدىغان يېراقنى كۆرەلەيدىغان تالانتى.
3-ئۇ 26ياشتا ھەربى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ ۋەزىرى،32 يېشىدا،"ئالتە ۋازارەت،ئۈچ مەھكىمە"نىڭ ئالتىسىنىڭ بېشى بۇلۇپ بولغان،ھەمدە جوڭگۇ تارىخىدىكى مەشھۇر قامۇس "تۆت غەزىنە،بەش قامۇس"نى تۈزەش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان بۇلۇپ،دۆلەتنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقنى كونترول قىلغان ياش ۋەزىردۇر.
4-ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيان،ھوقۇقى ئەڭ تېز ئۆسكەن ۋە ئەڭ ياش تۇرۇپ ھوقۇقى چېكىگە يەتكەن ۋەزىردۇر.
5-ھوقۇق،كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىنتايىن مۇرەككەپ پېۋادىلىزىم جەمئىيىتىدە،يۇقۇرى تۆۋەنلىك ھوقۇق مۇناسىۋەتنى ئوڭۇشلۇق تەڭشەپ،خاندانلىقنىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرىنى مۇۋپپەقىيەتلىك ئايلاندۇرالىغان باش ۋەزىردۇر.
6-چىئەنلۇڭ پادىشالىق ھوقۇقىنى ئوغلىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كىيىن پادىشاھ ۋە شاھىلشاققا تەڭ خىزمەت قىلغان باش ۋەزىردۇر.)ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيان تۇنجى بۇلۇپ ئۆز رازىلىقى بىلەن پادىشالىق ئورنىنى ئوغلىغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن پادىشاھ چىئەنلۇڭ(
7-خېشېن تۇتۇلغاندىن كىيىن،20 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغاندىن كىيىن،پەقەت ۋە پەقەت خېشېننىلا ئۆلتۈرۈلگەن بۇلۇپ،توققۇز ئەۋلادى قېرىلمىغان بىردىن بىر ئەڭ چوڭ پارىخور ۋەزىردۇر.
بىر باش ۋەزىرنىڭ 20نەچچە يىلدا،دۆلەتنىڭ 15يىلىق مالىيە كىرىمىگە باراۋەر بايلىقنى چىنئەلۇڭ پادىشاھىغا بىلدۈرمەي قانداق توپلىغاندۇ؟بايلىق توپلاشتا زادى قانداق ئۇسۇل قولانغاندۇ؟قانداق شەرت-شارائىت ھازىرلىغاندا،مۇشۇنچىلىك كۆپ بايلىقنى 20يىلدىن كۆپەرەك ۋاقىتتا چاندۇرماي توپلىغىلى بولىدۇ؟خېشېن بىر يىتىم بالا تۇرۇپ،قانداق قىلىپ 26 ياشقا كىرگەندە ھەربى ئىشلار ۋازىرى،32ياشقا كىرگەندە ئالتە ۋازارەت ۋە مەھكىمىنىڭ مەھكىمە باشلىقى بولغاندۇ؟ئۇنىڭ ھوقۇقى قانداق قىلىپ شۇنچە تېز ئۆسكەندۇ؟خېشېن قانداق بۇلۇپ تۇتۇلغاندۇ؟شۇنچە چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەن خېشېنغىلا جازا بېرىپ،ئۇرۇق-ئەۋلادى جازالانمىغاندۇ؟)پېۋدالىق پادىشالىق تۈزۈمدە،بىر ئائىلىدە بىرسى ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزسە،توققۇز ئەۋلادى قىرىپ تاشلىنىدۇ(دىگەندەك نۇرغۇن سۇئال ئادەمنى تولىمۇ قىزىقتۇرىدۇ.
سىر ھامان يېشىلىدۇ،ئۇنداق بولسا ئاڭلاڭ.
خېشېن(1750--1799)،ئەسلى ئىسمى شەنباۋ،مىللىتى مانجۇ،بېيجىڭدا تۇغۇلغان.خېشېن ئۈچ ياشقا كىرگەندە،ئانىسى ئۇكىسى خېلىننى تۇغۇش جەريانىدا،تۇغۇت قىيىنلىشىش سەۋەپلىك ئۆلۈپ كەتكەن.دادىسى فۇجەننىڭ ھەربى ئەمەلدارى بۇلۇپ،خېشېن 9ياشقا كىرگەندە بىر تاسادپىي ۋەقە)ئوي ئۆرۈلۈپ چۈشۈش سەۋەپلىك ئۆلۈپ كەتكەن دىيىلىدۇ(دە ئۆلۈپ كەتكەن.
ئەمدىلا 9ياشقا كىرگەن خېشېن 6ياشقا كىرگەن ئۇكىسى خېلىن بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ يولەنچۈگىدىن ئايرىلىپ،باشقىلارنىڭ كۆزىگە قاراپ ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ.گەرچە ئاتىسى چوڭ ئەمەلدار بۇلۇپ مەلۇم نىسبەتتە بايلىق توپلىغان بولسىمۇ،ئائىلىسىنىڭ مال-مۈلكى باشقا تۇغقانلىرى بۆلۈشۈپ كېتىپ، ئۆسمۈر خېشېن ۋە خېلىنغا مىراس تىگىلمەيدۇ.بىراق پەلەكنىڭ چاقى كېلىشمەسلىك كەلگەنلەرگە تەتۈر چۆرگۈلەرۋەمىگەندەك،خېشېننىڭ دادىسى ئۆلۈپ كېتىشتىن سەل بۇرۇنلا،بېيجىڭ زىجىنچېڭ ئىچىدە قۇرۇلغان دۆلەتلىك كاتتا مەكتەپ شىئەنگوڭغا ئۇقۇشقا بەرگەن.بۇ كاتتا مەكتەپتە چىڭ خاندانلىقىنىڭ كاتتا ۋەزىر-ۋۇزرالىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ئوقۇيدىغان مەكتەپ بۇلۇپ،دەرس بېرىدىغان مۇئەلىملەرمۇ شۇ دەۋىردىكى ئەڭ بىلىملىك كىشىلەر ئىدى.9ياشلىق خېشېنغا پەقەت مۇشۇ مەكتەپتە ئۇقۇش پۇرسىتىدىن باشقا ھېچقانداق پۇرسەت يوق ئىدى.گەرچە بۇ مەكتەپنىڭ ھەرقايسى شەرت-شارائىتلىرى تۇلۇق بولغان بىلەن،بۇ يەردە ئوقۇيدىغان ئۇقۇغۇچىلار كاتتا ھوقۇقدار،پۇلدار ئائىلىنىڭ پەرزەنتى بولغاچقا،يۆلەنچۈكسىز خېشېن ئۇلارنىڭ ئات قىلىپ مىنىدىغان،ئۇرۇندى-سۇقۇندى قىلىپ ئانى تاپىدىغان ئۈبۈكتى ئىدى.مەكتەپتىكى بالانىڭ قايسىنىڭ دادىسىنىڭ ھوقۇقى چوڭ بولسا،قالغانلىرى شۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان،ئۇنىڭدىن قورقىدىغان بولغاچقا، ئۆسمۈر خېشېننىڭ قەلبىگە ھوقۇقنىڭ ئەڭ چوڭىنى تۇتۇش،كۆپلەپ بايلىق توپلاش كېرەككەن دېگەن ئىستەكنىڭ ئۇرۇقى تېرىلىدۇ.ئۆسمۈر خېشېن بىر تەرەپتىن ياخشى ئۆگىنىپ مۇئەللىمنىڭ ماختىشىنى،مايىللىقىنى ۋە قايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ داۋاملىق ئانى تېپىشىنىڭ ئالدىنى ۋاسىتىلىك ئالسا،ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۇرسىمۇ،تىللىسىمۇ،ئات قىلىپ مىنسىمۇ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ،ئىچىدىكى ئۆچمەنلىكىنى زور دەرىجىدە يۈشۈرۈپ قالالايدىغان بولغان.ھەمدە ساۋاقداشلىرىنىڭ مىجەز خۇلقىنى،ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلىرىنى كۆزىتىپ،ئۇلارنىڭ چىشىغا تەگمەي،ئۇلار خوش بولىدىغان سۆز ۋە قىلىقلارنى قىلىپ داۋاملىق ئۆزىنىڭ ئانى بۇلۇپ تۇرۇش ھالىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگەنگەن.
ئۆسمۈر خېشېن كىچىكىدىن مۇستەقىل ياشاش،مۇستەقىل پىكىر قىلىش يولىدا كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولغان بولسا،ئۆزىنىڭ ھازىرقى تەقدىرىنى تۇلۇق ئۆزگەرتەلەيدىغان ئادەم پەقەت بىر ئۇ بولسىمۇ زاماننىڭ خاقانى چىئەنلۇڭ دەپ قاراپ،چىئەنلۇڭنى بىلىشكە ئۇنى چۈشىنىشكە تىرىشقان،خېشېننىڭ چىئەنلۇڭ بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا،كىچىكىدىن ۋاسىتىلىك ھالدا چۈشىنىشكە كىرىشكەن يەنى چىئەنلۇڭنىڭ خەت شەكلىنى دوراپ يېزىشنى ئۆگەنگەن ھەمدە چىئەنلۇڭ يازغان ھەر بىر ئەسەرنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنۈپ يادا ئېلىش بىلەن بىرگە،پادىشاھنىڭ زادى نېمىنى ياخشى كۆرۈپ نىمىدىن ئەڭ بىزارلىقىنى بىلىپ يەتكەن.مۇشۇ جەرياندا، خېشېن چىئەنلۇڭ خاننى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنى خېلى چوڭقۇر چۈشەنگەن.
خېشېن مانجۇ خەلقىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن پىششىق تۇنۇشۇپلا قالماي،خەنزۇ خەلقىنىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرى بىلەنمۇ پىششىق تۇتۇشقان،ھەمدە موڭغۇلچە زاڭزۇچە تىلنىمۇ پىششىق ئىگىلىگەن.ئۇ قىلىچۋازلىق،چېلىشىش،ئوقيا ئېتىش قاتارلىق جەھەتتىنمۇ خېلى كامالەتكە يەتكەن.
دېمەك ئۆسمۈر خېشېن ئۆزىگە قالدۇرۇلغان بىردىن بىر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ،كەلگۈسىدە چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا تامامەن ئاساس سېلىپ بولغان.
خېشېننىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ئۇ ناھايىتىمۇ كېلىشكەن ئادەم بۇلۇپ،شۇ دەۋىردىكى ئەڭ كېلىشكەن ئادەم دەپ قارىلىدىكەن.ئۇنىڭ بىلىمىنىڭ موللۇقى ۋە بەدەن قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىچە بۇلىشى.شۇ ۋاقىتتىكى بېيجىڭ،خۇبېي،تيەنجىننىڭ باش تۇتۇقىنىڭ كۆزىگە ئالاھىدە چېلىققان بۇلۇپ،بۇ باش تۇتۇقنىڭ بۇ دۇنيالىقتىكى بىرلا نەۋرە قىزىغا خېشېن ئەڭ لايىق دەپ قاراپ،خېشېننى ئۆزىگە كۈيئوغۇل قىلىۋالغان.
خېشېن 18ياشقا كىرگەن يىلى"كېجۇ" ئىمتىھاننىسىغا قاتنىشىپ،ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن.كېجۇ ئىمتىھانى توغرىسىدا كىيىنكى يازمىلىرىمدا يېزىپ قېلىشىم مۇمكىن.بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتۈش قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە رىقابەت ئىنتايىن كۈچلۈك بۇلۇپ،كىنولاردا تەسۋىرلەنگەن جىشاۋلەن، لىۇيوڭ قاتارلىق كىشىلەرمۇ نەچچە قېتىم ئىمتىھان بېرىپ 30 ياشقا كىرگەندە ئاران ئۆتكەن.
مانجۇلارنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى،مانجۇلارنىڭ ئەمەل تۇتۇشى ۋە خىزمەتكە قاتنىشىش جەريانى ئىككى خىل بولىدۇ.بىرى "كېجۇ"ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ئەمەل تۇتۇش ياكى خىزمەتچى بۇلۇش،يەنە بىرى مانجۇلارنىڭ ئاتا بوۋىلىرى ئۇرۇشتا زور تۆھپە قوشقان بولسا ئوخشاشلا ئەمەل تۇتۇش ياكى خىزمەتكە قاتنىشىش يول قۇيىلىدۇ.شۇڭا خېشېن ئۈچ يىلدا بىر بېرىدىغان "كېجۇ"ئىمتاھانىغا قاتنىشىشتىن ۋاز كېچىپ،ئەجدادلىرىنىڭ ئۇرۇش تۆھپىسىگە تايىنىپ ئوردا ياساۋۇللۇق خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ.ئوردا ياساۋۇللۇق خىزمەت ئورنىدا خان بلەن كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتى بولغاچقا،خېشېن بۇ خىزمەتنى تالايدۇ.خېشېن ئويلىغاندەك چىئەنلوڭنىڭ بىر قېتىملىق ئوۋغا چىقىش سەپىرىدە،خېشېنىڭ تالانتىنى نامايان قىلىدىغان پۇرسەت كېلىدۇ.)چىئەنلۇڭ خان ئوۋ ئوۋىلاپ بۇلۇپ تەختىراۋان بىلەن قايتىۋاتقاندا،يۈنەندىن كەلگەن بىر جىددى مەلۇمات خانغا مەلۇم قىلىنىدۇ.بۇ مەلۇماتتا:بىر چوڭ جىنايەتچى تۈرمىدىن قېچىپ چىقىپ، بېرمىغا قېچىپ كىرىۋالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر بۇلۇپ،خەۋەر خانغا مەلۇم قىلىنغاندىن كىيىن،خان قاتتىق غەزەپلىنىپ بىر مۇشائىرە ئوقۇيدۇ.لېكىن ھېچكىم بۇ مۇشائىرىنى داۋامىنى چۈشۈرۈلمەيدۇ.مۇشۇ ۋاقىتتا خاننى قوغداشقا چىققان ياساۋۇل خېشېن خاننىڭ مۇشائىرسىنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈرۈپ بېرىدۇ.بۇنداق پاساھەتلىك چۈشۈرۈلگەن مۇشائىرنىڭ كىم ئوقۇغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنى يېنىغا چاقىرتىپ كېلىدۇ.خېشېن كەلگەندىن كىيىن چىئەنلۇڭ خان ھەيران بۇلۇپ بىر ياساۋۇلنىڭ بۇنداق تالانتىغا ھەيران قالغان بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن بۇنداق كېلىشكەن ياش مانجۇ يىگىتىگە ئالاھىدە قىزىقىپ قالىدۇ.ۋە ئۇنىڭدىن نۇرغۇن سوئاللار سورالغاندا، كىچىكىدىن چىئەنلۇڭنى تەتقىق قىلغان خېشېن خاننىڭ كۆڭلىدىكىدەك جاۋاپلارنى بېرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن خان خېشېننى خاننى مەخسۇس قوغدايدىغان ياساۋۇل قىلىپ تەيىنلىنىدۇ.چىئەنلۇڭخان تۇقىغان مۇشائىرىنىڭ مەزمۇنى بولسا:كىم بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ جاۋاپكارى دىگەن مەزمۇندا بۇلۇپ،خېشېن چۈشۈرگەن مۇشائىرىنىڭ مەزمۇنى،جىنايەتچىلەرنى ساقلاۋاتقان كىشىلەر دەپ چۈشۈرگەن ئىكەن( خېشېن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆزىنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرغاندىن كىيىن،خاننىڭ مەخسۇس قوغدىغۇچىسى بۇلۇپ كىيىنكى كۈنلەردە، قالغان تالانتىنى جارى قىلدۇرۇشقا پۇرسەت تامامەن تۇغۇلىدۇ.چىئەنلۇڭ خان خېشېننىڭ تېگى تەكتىنى،ئۇنىڭ ئۈسۈپ يېتىلىش جەريانىنى،ئۇنىڭ نۇرغۇن تىللارنى بىلىپلا قالماي،چانباشلىقتىمۇ ئالاھىدە ماھارىتىنىڭ بارلىقىنى،ئۆزىگە ئوخشاش خەت يازالايدىغانلىقىنى،ھەم ياش ھەم كېلىشكەن بۇ يىگىتكە چوڭقۇر قايىل بولغاندىن كىيىن،ئۇنى ئەتىۋارلاپ مۇھىم ئىشلارغا قويىدۇ.دەرىجىسى بالداقمۇ بالداق ناھايىتى تېز ئۈسۈپ 26ياشقا كىرگەندە،ھەربى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ ۋازىرى بولىدۇ.بىر دۆلەتنىڭ ھەربى ئىشلىرىنى شۇ دەۋىردە ئەڭ ئىشەنگەن كىشىگە ۋە ئەڭ تالانتلىق كىشىگە بېرىلىدۇ.مۇشۇ ۋاقىتتا كىنولاردا سۆزلەنگەن لىۇيوڭ 56ياشقا كىرگەن بۇلۇپ،خېشېنىڭ قول ئاستىدىكى بىر كىچىك ئەمەلدار ئىدى.خېشېن 32 ياشقا كىرگۈچە بولغان 6 يىل جەريانىدا،ھازىرقى ئەمەل بىلەن سۆزلىگەندە"دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى،كادىرلار مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى،تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مىنىستىرى،مالىيە مىنىستىرىنىڭ مىنىستىرى،دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى،مىللى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى،جوڭياڭ بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى" قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ.ھەمدە قۇشۇمچە "تۆت غەزىنە،بەش قامۇس"نى تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولىدۇ. خېشېن 32ياشقا كىرگەندە،ئكسمۈر چاغلىرىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرى تۇلۇق ئەمەلگە ئاشىدۇ ۋە ئۈزىگە كەلگەن كىچىكىنە پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي چىڭ تۇتۇپ،زور مۇۋەپىقىيەت قازىنىدۇ.
بىلوگنىڭ سىغىمچانلىقى كىچىك بولغاچقا مۇشۇنچىلىك يولاندى.ئاخىرى 2 3 4 قىلىپ يولىنىدۇ.
收藏到:Del.icio.us
评论