• 2008- يىلدىكى ئامرىكا پرېزىدىنتلىق سايلام مۇنازىرىسى(4) The translated transcript of the 1st presidential debate - [America ئامرىكا]

    2008-10-10


    كۈرۈۋاتقىنڭىز تىمىنىڭ  تۆتىنچى قىسمى. ئاۋال  بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى قىسمىلىرىنى كۈرۈڭ. 
    لەھرىر:روسىيە،سىز سۆزلەڭ، پائە ئوباما،سىز روسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە قانداق قارايسىز؟سىز ئۇلارنى رىقابەتچى دەپ قارامسىز ياكى دۇشمەن دەپ قارامسىز؟ياكى ئۇلارنى كەلگۇسى ھەمكارلاشقۇچى دەپ قارامسىز؟

    ئوباما:خوش،ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتە ۋە ئايدا بولغان ئشلارغا ئاساسەن مىنىڭچە بىز روسىيەگە تۇتقان ئۇسۇلىمىزنى قايتىدىن باھالاپ چىقىشىمىز كىرەك.چۇنكى باش كۆتىرىۋاتقان تاجاۋۇزچى روسىيە رايون مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقى ئۇچۇن زور تەھدىت.ئۇلارنىڭ گىرۇزىيەدە قىلغانلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇلار ئشەنچىسز.بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا كىلەركى نۆۋەتلىك پىرىزىدىنىت چوقۇم شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كىرەككى بىز ئالتە تەرەپ –ئالتە ماددىلىق ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمىگە مۇراجىئەت قىلىشىمىز،روسلار جەنۇبى ئوستىس ۋە ئابغازىيەدىن چىقىپ كىتىشى كىرەك. مۇھىمى شۇكى ،بىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئتتىپاقدىشمىز بار ،بىز روسلارغا شۇنى چۇشەندۇرۇپ قويىشىمىز كىرەككى،:سىلەر 20-ئەسىردىكى خالىغىننى قىلىدىغان دىكتاتورلارغا ئوخشاش21-ئەسىردىكى دەرىجىدىن تاشقىرى كۇچ بولالمايسلەر!!


    بىز يەنە رايوندىكى دىموكراتىيەگە يىڭى قەدەم قويغان ئستونىيە،لىتۋا،لاتۋىيە،چىخ قاتارلىقلار دۆلەتلەرنى قوللىشىمىز كىرەك.ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىنى قەتئى قۇۋۋەتلىشىمىز كىرەك.ئۇلارمۇ ناتو(ش ئا ئە ت)نىڭ ئەزاسى. گىرۇزىيە ۋە ئۇكرائىناغا ئوخشاش دۆلەتلەرگە كەلسەك ،مىنىڭچە بىز ئۇلارنىڭ تەلەپكە ئۇيغۇن كەلسىلا ناتوغا كىرىش يولى بارلىقىدا چىڭ تۇرۇشىمىز كىرەك،ئۇلار ناتوغا كىرىش ھەرىكەت پىلانىنى جىددى باشلىشى كىرەك. بىز روسىيە بىلەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇش ھالىتىگە قايتساق بولمايدۇ،مۇھىمى بىزنىڭ يەنە ئورتاق مەنپەئەت نۇقتىمىز بار،مەسىلەن:‹‹يادرو كىڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى›› ئۇلارنىڭ تەييار 15مىڭ يادرو ئوق بىشى بولۇپلا قالماي،يەنە 40مىڭ ئوق بىشى ياساشقا تەييارلىقى بار،بۇلار ناھايتى ئاسانلا بازا تەشكىلاتىنڭ قولىغا چۇشۇپ قىلىشمۇ مۇمكىن.
    ...........
    ..........
    شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ يىقىندا قىلىۋاتقان ئشلىرىنڭ خەلقئارا جەمىئەت ۋە بىزنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ كەسكىن ئنكاسىغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىشىمىز كىرەك
    .
     
    لەھرىر :روسىيەنى ئىككى مىنۇت سۆزلەڭ،پا ئە ماككايىن

    ماككايىن:خوپ،مەن پائە ئوبامانىڭ روسىيەنىڭ تاجاۋۇزچلىقىغا بىلدۇرگەن ئنكاسىغا قىزىزىقىپ قالدىم.ئۇنىڭ تۇنجى قىتىملىق باياناتتا:‹‹ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنى تۇتۇۋىلىشى كىرەك››دىگەن ئىدى. يەنە دىسەم،بۇ يەنىلا بىر ئش كۆرمىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى.ئۇ روسىيەنىڭ گىرۇزىيەگە قارشى كەچۇرگۇسىز تاجاۋۇزچلىق ئىلىپ بارغانلىقىنى چۇشەنمەيدىكەن.روسىيە ھازىر نىفىتقا تايىنىپ تاپقان دوللار بىلەن كۇچەيگەن،جاسۇسلۇق تەشكىلاتى ‹‹ك گ ب ›› ئاپپاراتچىكلىرى ھۆكۇمرانلىقىدىكى بىر دۆلەت. مەن پۇتىن ئەپەندىنىڭ كۆزىگە قارىدىم.مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ‹‹ك ››‹‹گ››ۋە ‹‹ب››دىگەن خەتلەرنى كۆردۇم.دەپ قوياي،ئۇلارنىڭ گىرۇزىيەگە قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىنى قەتئى كۆتەرگىلى بولمايدۇ(قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ-ئەسلى تىكىست)

    منىڭچە بىز سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا قايتمايۋاتىمىز،سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىمۇ قەتئى يۇز بەرمەيدۇ.بىراق مىنىڭچە بىز دوسىتلىرىمىز ۋە ئتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن مۇنەاسىۋتىمىزنى قايتا كۇچەيتىشىمىز كىرەك.بۇ پەقەت روسىيە ۋە گىرۇزىيە مەسىلىسى سەۋەبىدىنلا ئەمەس.بۇ يەنە ئىنىرگىيە مەسىلىسى ئۇچۇنمۇ شۇنداق.كاسپى دىڭىزىدىن باشلاپ گىرۇزىيە ،تۇركىيەدىن ئۆتۇپ ياۋروپاغا بارىدىغان گاز تۇرۇبىسنى ،ئىنىرگىيە مەنبەسىنى روسلار كونتىرول قىلىپ كىلىۋاتىدۇ. لاتۋىيە ئستونىيە ،پولشا ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پىرىزدىنتلىرىنىڭ گىرۇزىيەگە ئۇچۇپ بىرىشى ،تىبلىسقا ئۇچۇپ بىرىشى تاساددىپىيلا بولغان ئش ئەمەس.تىخى مەن بۇ يەردە گىرۇزىيەنىڭ ياش ھەم ئۇلۇغ پىرىزدىنتى مىشا ساكاشىۋىللى بىلەن مەلۇم ۋاقىتنى بىرگە ئۆتكۇزدۇم.
    ماككايىن:ئۇلار گىرۇزىيەنى قەتئى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۇرۇشتى.ئۇلار روسىيەنىڭ بۇرۇنقى روسىيە ئىمپىرىيەسى دەۋرىدىكى مۇستەملىكە ھالىتىگە قايتىش ئۇچۇن شەكىللەندۇرىۋاتقان تەھدىتلىرىگە تىخىمۇ باش قاتۇرۇشتى. مىنىڭچە روسلار بىزنىڭ –ئامرىكا قوشما  شىتاتلىرىنىڭ - گىرۇزىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئادەتتىكى تەرتىپ بويىچە ناتوغا كىرىشگە قوللايدىغانلىقىمىزنى بىلىشى كىرەك. بىز يەنە شۇنى ئوچۇق دىيشمىز كىرەككى،روسلار ئۇرۇش توختىتىش كىلىشمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى.ئۇلار ئابغازىيە ۋە جەنۇبى ئوستىستا قوشۇمچە ئەسكەر ئورۇنلاشتۇردى.

    دەپ ئۆتەي،مەن ئۇ يەرگە بارغان ۋاقتىمدا ،ماشىنا بىلەن شەھەر ئىچىگە كىردۇق،ناھايتى يوغان پىلاكاتلارنى ئسىپ قويۇشۇپتۇ.ۋە ھالەنكى،بۇ يەر گىرۇزىيە تىرىتورىيەسى تۇرۇپ،شۇ پىلاكاتلارغا ۋىلادىمىر پۇتننىڭ رەسىمىنى ئسشىپتۇ.ھەتتا ‹‹ۋىلادىمىز پۇتىن،بىزنىڭ داھىمىز››دەپ يىزىپ قويۇپتۇ. روسىيەنىڭ گىرۇزىيەگە قارىتا پۇككەن مۇددىئالىرى ناھايتى روشەن،ئۇلار پەقەت پۇرسەت كۇتۇپلا كىلىۋاتىدۇ. شۇڭا ھازىر ۋەزىيەت ناھايتى مۇشكۇل.بىز روسلار بىلەن بىرگە ئشلىشىمىز كىرەك،بىزنىڭ يەنە روسلاردىن خەلىقئارا چىگرالارنى ئىتىراپ قىلىدىغان ،خەلىقئارا ئەھدىلەرگە رىئايە قىلىدىغان بىر دۆلەت بولۇشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىمىز بار. ئۇكرائىناغا قاراپ باقايلى،ئۇكرائىنادا قىلىدىغان ئش ناھايتى كۆپ،روسلارنىڭ سۋاستوپىل شەھرىدە كىرىمىيە ھەربى بازىسى بار.تىموشنكو بىلەن يوشنكو ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇشى ئۇكرائىنادىكى جىددى مەسىللەرنىڭ بىرى. ئۇكرائىناغا قارايلى،بىز ۋە ئۇكرائىنالىقلار شۇنىڭغا ئشىنىشى كىرەككى بىز ئۇلارنىڭ دوسىتى ۋە ئتتىپاقدىشىمىز.


    لەھرىر:سىزنىڭ بۇنىڭغا قوشۇلمايدىغان باشقىچە مۇھىم پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟
    ئوباما: يوق،ئەمەلىيەتتە،ئىككىمىزنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى كۆپىنچە كۆز قارىشمىز ئوخشايدۇ.مەن پەقەت روسلارنىڭ گىرۇزىيەگە بىسىپ كىرگىنىيەگە كۇچلۇك قارشلىق بىلدۇرمىگىمىنىمىزگە قوشۇلالمايمەن.
    .....
    بۇ مەسىلىنى تۇپتىن ھەل قىلىش ئۇچۇن بىز ئىنىرگىيە مەسلىسىدە خەقكە تايىنىپ قالماسلىقىمىز كىرەك. زاپاس ئىنىرگىيەنىڭ مۇھىملىقىدا ئىككىمىز ئورتاق تونۇشقا ئىگە،بىراق پائە ماككايىن شەخسى ئارخپمىزغا قاراشنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئالغانىدى. 26يىلدىن بىرى ،پائە ماككايىن قۇياش ،شامال ۋە بىئو يىقىلغۇ قاتارلىق زاپاس ئىنىرگىيە لايىھىسىگە قارشى 23قىتىم ئاۋاز بەردى. بىز ئەمدى ئىنىرگىيە مۇستەقىللىقى مەسىلىسگە كەلگەندە گەپنى دەۋەرمەي ،ئەمەلى ھەرىكەت قوللىنشىمىز كىرەك.بۇ دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ئۇچۇنمۇ ،ئىنىرگىيە دەردىنى تارتىۋاتقان ئاۋام ئۇچۇنمۇ پايدىلىق.قىش كىلەي دەۋاتىدۇ.ئۆينىڭ ئسسىق بولۇشى (ئىنىرگىيە مەسىلىسى) خۇددى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئوخشاشلا ناھايتى مۇھىم.


    لەھرىر:ئەمدى يىڭى بىر سۇئالغا ئۆتەيلى، تىز ئنكاس قايتۇرغايسىلەر..(گەپ بۆلۇندى)

    ماككايىن:ئارىزونالىق ھىچقانداق ئادەم قۇياش ئىنىرگىيەسى لاھىيەسىگە قارشى ئەمەس،پائە ئوباما يادرو يىقىلغۇسىنى ئشلىتىشكە قوشۇلىمەن دىگەن ،ئەمما ئۇ يادرو يىقىلغۇسى ئشلەپچىقىرىش ۋە ساقلاشقا قارشى چىقتى.
    ئوباما:بۇ راسىت ئەمەس،جون،مىنى كەچۇرۇڭكى،بۇ راسىت ئەمەس.
    ماككايىن:ئۇ يەردىن-بۇ يەردىن يىقىلغۇ ئىزلەش ئاسان ئش ئەمەس،دىڭىز بويلىرىنى بۇرغىلاشمۇ ناھايتى ياخشى كۆۋرۇك. بىزگە مەلۇم، ئەگەر بىز دىڭىز بويىنى قازساق ،ئىچكى زاپىسنى قىدىرىپ چىقساق ،ھىچ بولمىغاندا بىزنىڭ ۋاقىتلىق ئىنىرگىيە تەلىۋىمىزگە ياردىمى بولىدۇ.ئەلۋەتتە بۇنىڭ بىر تۇڭ ماينىڭ باھاسىغا تەسىرى بار.

    ئوباما:مەن پەقەت ناھايتى تىزلا شەخسى ئارخپ ھەققىدە تۇزىتىش بىرىۋىتەي.
    ماككايىن:شۇڭا مەن دەيمەنكى،
    لەھرىر:كەچۇرۇڭ..ماككايىن....
    ئوباما:جون ؟
    ماككايىن:مەن 90-يىللىرىدىلا نۇرغۇن خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئەكسىچە يادرو يىقىلغۇسى لاھيىسنى قوللىغان ئىدىم.ئۇ شۇچاغدىكى ئاچقۇچلۇق قانۇنچىلىق مەسىلىسى بولۇپ قالغان ھەم يادرو چىقىرىندىلىرى ۋە دىققەت چاچىدىغان مەسىللەرنى ھەل قىلىشتىكى تۇنجى قەدەم بولۇپ قالغان.
    ئوباما:مەن شەخسى ئارخپ ھەققىدە تۇزىتىش بىرىۋىتەي،مەن ھىچقاچان يادرو چىقىرىندسىنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھىسگە قارشى ئاۋاز بىرىپ باقمىدىم.مەن پەقەت ئۇنى بىخەتەر ساقلىشىمىز كىرەك دىگەننى تەكىتلىدىم.تىخى پائە ماككايىن ئارىزونا ھەققىدە گەپ باشلاپ كەتتى...
    لەھرىر: ئۇنداقتا ئەمدى.
    ئوباما:مەن بۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىتىشىم كىرەك،جىم.
    لەھرىر:بولىدۇ.
    ئوباما:ئۇ تىخى ...
    ماككايىن:مەن ھەر زامان زاپاس ئىنىرگىيە لايىھسگە ئاۋاز تاشلاپ كىلىۋاتىمەن.
    ئوباما: ئۇ ئۇ قارشى چققان مەسىلە..
    لەھرىر:ئۇ ئىلگىرى قارشى چىققان شۇنداقمۇ؟
    ئوباما :قارشى چىققان
    لەھرىر: بىر قىتىم ؟
    ماككايىن: ھىچكىم زاپاس ئىنىرگىيەگە قارشى تۇرالمايدۇ.
    ئوباما: ماقۇل.تولىمۇ ئوبدان بولدى.لەھرىر،قىنى باشقا تىمىغا ئۆتەيلى،سىزگە يىڭى بىر ئىنىرگىيە لايىھسى تەييارلاندى،سىزنىڭ يەنە بىر سۇئالىڭىز بارغۇ دەيمەن؟

    لەھرىر:بۇ ئاخىرقى سۇئال :ھەر بىرىڭلارنىڭ ئىككى مىنۇت ۋاقتى بار،بۇ سۇئالغا سىز ئاۋال جاۋب بىرىڭ،ماككايىن،سىز ئامرىكا قوشما شىتاتلىرى قۇرۇقلۇقىدا 11-سىنتەبىر ھۇجۇمغا ئوخشاش يەنە بىر تىرورلۇق ئىھتىماللىقى ھەققىدە قانداق قارايسىز؟

    ماككايىن:مىنىڭچە ئۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق دىيەرلىك.چۇنكى بىزنىڭ دۆلىتىمىز ھازىرچە بىخەتەر،گەرچە پۇتۇنلەي بىخەتەر بولۇشتىن يىراق بولسىمۇ.بۇ ھەقتە مەن باشقا خىزمەتداش سىناتورلار بىلەن كۆپ ئىزلەندىم.......
    .....................................................ئاشۇ بىر قاتار تىرىشچانلىقىم بىلەن سىلەرگە شۇنى دىيەلەيمەنكى،مەن ۋە دوسىتلرىم دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى قۇرۇلغاندىن بىرى بۇ سىتىسمىغا ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى كىرگۇزدۇق.مىنىڭچە بىز يىڭىدىن تەشكىللىگەن بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىدا ئشلەۋاتقان ئەر-ئاياللار ناھايتى كاتتا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.


    لەھرىر:ئىككى مىنۇت ئوباما،

    ئوباما:خوش ،ھەممىدىن ئاۋۋال،منىڭچە بىز ئىلگىرىكىدىن مەلۇم جەھەتلەردە بىخەتەر دىسەك بولىدۇ.بىز ئايرودۇرۇم بىخەتەرلىكى ئۇچۇن مىلىيارتلاپ پۇل خەجلىدۇق.يوشۇرۇن ھۇجۇم ئوبىكىتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۇچۇن نۇرغۇن كۇچ سەرىپ قىلدۇق.بىراق بىزنىڭ يولىمىز يەنە ئۇزۇن.....بىزگە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ تەھدىت –يادرو قوراللىرىنىڭ چاۋشىيەن ۋە ئىران ئارقىلىق تىرورچىلار قولىغا ئۆتۇپ كىتىشدۇر.دىققىتىمىزنى يىغىدىغان بىر ئش –بازا تەشكىلاتى،ئۇلار ھازىر 60 دىن ئارتۇق دۆلەتتە ھەرىكەت ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ.بىز پەقەت ئىراققىلا قاراپ قالساق بولمايدۇ،بىز مەسىلىنى يىلتىزدىن ھەل قىلىشىمىز كىرەك،مەسىلىنىڭ يىلتىزى ئافغانستان ۋە پاكىستاندا.
    بۇ (ئامرىكا)-دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ دۆلەت،بىراق بىزنىڭ بەزى خاتالىقىمىز سەۋەبلىك –مەن پا ئە ماككايىننڭ ئەسىرلەرنى خورلىماسلىق لايىھىسنى مەدھىيلەيمەن-بىزنىڭ كىلەر قىتىملىق ھاكىمىيەتتە قىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ئشلىرىمىز بار.ئامرىكنىڭ دۇنياغا نۇر چاچقان ،بەخت –سائادەت بىغىشلايدىغان ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۇچۇن قىلىدىغان نۇرغۇن ئشلىرىمىز بار......................


    ماككايىن: ..يىقىندا بولغان ئنكاستىن ،پائە ئوبامانىڭ زۆرۇر بولغان بىخەتەرلىك تەجرىبىسى ۋەبىلىمنىڭ كەملىكىنى ھىس قىلماق تەس ئەمەس.روسىيە نىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا بەرگەن ئنكاسى بۇنىڭ پاكىتى.


    (تەكرار مەزمۇندىكى تۆت سۇئال –جاۋاب قسقارتىلدى)

    لەھرىر:ئاخىرقى بىرنەچچە سىكۇنىت.

    ماككايىن:لەھرىر،مەن تۇرمىدىن چىقىپ ،ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ،مەن پىشقەدەم ئەسكەرلىرىمىزنىڭ ئنتايىن ۋەھشى مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىغىدىن خەۋەر تاپتىم.كىين مەن پۇتۇن تىرىشچانلىقىم بىلەن بىتەرەپ دىپلوماتىيە ۋاستىسى ئارقىلىق پشقەدەم ئەسكەرلىرىمىزنى قايتۇرۇپ ئەكلىشكە يول ماڭدىم. مەن سىلەرگە كىپل بولىمەنكى،ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ پىرىزدىنتى بولۇش سۇپىتىم بىلەن مەن ئۇرۇشتىن قالغان جاراھەتلەرنى قانداق داۋالاشنى بىلىمەن.دوسىتلىرىمىز بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلىمەن.


    لەھرىر:شۇنىڭ بىلەن بۇگۇنكى مۇنازىرە ئاياقلاشتى.كىلەر ھەپتە 2-ئۆكتەبىر كۇنى شەرقى قىسم ۋاقتى كەچ سائەت 9:00دا ئىككى ئورۇنبارسار پىرىزدىنت نامزاتلىرى سائىنت لۇئىستىكى ۋاشىنگىتون ئۇنىۋىرستىدا مۇنازىرلىشىدۇ.مىنڭ خىزمەتدشىم گىۋىن ئىفىل ماسلاشتۇرغۇچى بولىدۇ.
    مىسسپى شىتاتى ئوكسىفورددىن تارقاتتۇق.ئىككىڭلارغا رەھمەت .مەن جىم لەھررى بولىمەن.كەچلىكىڭلار خەيرلىك بولسۇن.
    تۈگىدى.
     
    بۇ  تىما جەمئى 4 قىسىم بولۇپ بۇ تۆتىنچى قىسمى. يەنە بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى قسىىملىرىمۇ بار. 

    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • دۇنيانىڭ ئىشلىرى نىمۇنداق مۇرەككەپ !~
    تەرجىمانغا كۆپ رەھمەت ، بۇ مۇنازىرە ئارقىلىق خېلى كۆپ بىلىمگە ئىگە بولۇپ قالدىم !~
    ئوباما خېلى سالماق ئادەمدەك قىلامدۇ نىمە !~
  • 你好先生我看了你的新闻。谢谢你 有机会的额话想跟你交谈 可以吗?
  • ۋاھ كارامەت خۇمادىن چىقىتىم دىسە
    jeck ئەپەندىم بۇنداق ياخشى خەۋەرلەرنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ
  • جېك ئەپەندىم ، سىزنى كۆرگىلى كەلدىم !~ ^_^ hehe
    Jeck回复زۆھرە说:
    رەھمەت جۇما. خانقىزنىڭ بۇنداق بلوگنى ياخىشى كۈرىدىغىننى ئۇخماپتىمەن.
    2008-10-16 16:48:55
  • سايلام تازا قىزىىپتۇدە !
  • Yahximusiz! Eger nisip bolsa tor bitidiki makalilarni qongaytkili bolgan bolsa bek yahxi bolarken dep oylap kaldim .