-
2008- يىلدىكى ئامرىكا پرېزىدىنتلىق سايلام مۇنازىرىسى(2) The translated transcript of the 1st presidential debate - [America ئامرىكا]
2008-10-10
كۈرۈۋاتقىنڭىز تىمىنىڭ ئىككىنچى قىسمى. ئاۋال بىرىنچى قىسمىنى كۈرۈڭ.لەھرىر:پا ئە ئوباما،ئىككى مىنۇت.
ئوباما:خوش،پا ئە ماككايىننىڭ ‹‹زەنجىر››نىڭ قالايمىقان ئشلىتىشى ھەققىدە ئىيتقانلىرى تامامەن توغرا.شۇڭا مەن ئۆز شىتاتىمدىن بىر نەرسە تەلەپ قىلىشنى توختاتقان.مەيلى ئۇ بۇرۇنقى مەركەزلەر ئۇچۇن ياكى سىلەر ھازىر ئشلىتىۋاتقىنى بولسۇن،بىز ئۇنى ھىلىھەم تازىلاپ كىلىۋاتىمىز. ئۇنىڭ يەنە بۇ گىپىمۇ توغرا:پارلامىنىتتىكى سۆز يورغىلاتقۇچىلار ۋە ئالاھىدە مەنپەئەت تەرەپدارلىرى مۇشۇنداق راسخوت تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى.گەرچە بۇ مىنڭ ئشىم بولمسىمۇ. بىراق شۇنى ئايدىڭلاشتۇرىشىمىز كىرەككى، ئۆتكەن يىللىق خامچوت 18مىلياردت دوللار بولغان.پا ئە ماككايىن بولسا-بۇ بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى تۇپكى پەرق-ئەڭ باي شىركەت ۋە شەخسلەرگە 300مىلىيارت باج قىسقارتىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ.300مىلىيارت.
ھازىر 18 مىلىيارت مۇھىم پۇل،300 مىلىيارت دوللار بولسا ھەقىقەتەن مۇھىم پۇل.ئۇنىڭ باج پىلانىدا ئەڭ باي بەش يۇز شىركەتنىڭ باش لىدىرلىرى كىمەيتىلگەن باجدىن كەلگەن پۇلدىن ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 700مىڭ دوللارغا ئىرىشىدۇ.باشقا يۇز مىلىيون ئامرىكا خەلقى چەتتە قالىدۇ. شۇڭا مىنىڭ پوزىتسىيەم شۇكى،بىز ئىقتىسادىمىزنى تىگىدىن پۇختىلاپ چىقىشىمىز كىرەك.مىنىڭ چاقىرماقچى بولغىنىم -95پىرسەنت ئشچىلار ئائىلىسگە باجنى كىمەيتىشتۇر. 95 %، بۇ شۇنىڭدىن دىرەك بىرىدۇكى،ھەركۇنى مۇئاش چىكى يۇغلاۋاتقان بارلىق ئادەتتىكى ئامرىكىلىقلار بالىلىرىغا كومپيۇتىر ئىلىپ بىرەلەيدۇ.ئۇلارنىڭ جىنىنى ئىلىۋاتقان گاز تۇڭلرىنى تولۇقلاپ ئشلىتەلەيدۇ.
شۇڭا مەن ،بۇنى جون ماككايىن لازىم دەپ قارىغان پىرىزدىنت بۇشنىڭ سىياسەتلىرىگە قارىغاندا ئىقتىسادى ئشش ئۇچۇن ياخشراق بىر رىتىسپ دەپ ئويلايمەن.
لەھرىر:پا ئە ماككايىن ؟
ماككايىن:منىڭ يەنە گەپنى تەكرارلاپ ياندۇرۇپ يۇرگۇم يوق.
لەھرىر :ياق،ھىچنىمە بولمايدۇ.
(مالىيە ھەققىدىكى باشقا ئوخشاش تەپسىلاتلار بىرىلگەن ئابزاس قىسقارتىلدى)
لەھرىر :ئۇنداقتا بىز يەنە بىر تىمىغا ئۆتەيلى،پا ئە ماككايىن ،ئىككى مىنۇت ۋاقتىڭىز بار،ۋىتنام ئۇرۇشدىن ئالغان نۇرغۇن تەجرىبە-ساۋاقلار ھەققىدە گەپ بولۇندى.سىز ئىراق ئۇرۇشدىن قانداق تەجرىبە-ساۋاق ئىلىش كىرەك دەپ قارايسىز؟
ماككايىن :مىنىڭچە ئىراق ئۇرۇشنىڭ بىزگە بەرگەن مۇنداق ساۋىقى ناھايتى ئىنىق:سىز توقۇنۇشتا دىگۇدەك يىڭىلىشقا سەۋەب بولىدىغان خاتا سىتراتىگىيە قوللانسىڭىز بولمايدۇ.بىز دەسلەپكى ھەربى مۇۋەپپەقىيتىمىز بىلەن باغداتقا كىرگەن،بۇنى ھەممەيلەن تەبرىكلىگەن ئىدى.شۇنىڭدىن كىين ئۇرۇش (جەريانىدىكى ئشلار)-ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىدى.مەن 2003-يىلى ئىراققا بارغان ،قايتىپ كىلىپ ئىراقتىكى سىتراتىگىيمىزنى ئۆزگەرتەيلى دىگەن ئىدىم.بۇ سىتراتىگىيە بىزدىن تىخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتىشنى ،سىتراتىگىيە جەھەتتە تۇپ جەھەتتە ئۆزگىرىش بولۇشنى تەلەپ قىلاتتى.مەن بۇلار ئۇچۇن كۆرەش قىلدىم.ئاخىرىدا بىز (ئىراق ئۇرۇشغا يىتەكچىلىك قىلىشغا) بىر بۇيۇك قوماندانغا ئىگە بولدۇق.ئۇتۇق قازانغان سىتراتىگىيەگە ئىگە بولدۇق. بۇ سىتراتىگىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.مانا ھازىر بىز ئىراق ئۇرۇشىدا غەلبىگە قاراپ يۇزلىنىۋاتىمىز. بىز يەنە ۋەتەنگە غەلبە ۋە ئىززەت-ئىكرام بىلەن قايتىپ كىلىمىز.
بۇ چاغدىكى ئەسكەر چىكىندۇرۇشىمىز-ئۇتۇق قازىنىۋاتقان ھەربىر ھەربى باستۇرۇشنىڭ نەتىجىسى بولغانلىقىدىندۇر.
ماككايىن:مەن سىلەرگە يەنە شۇنى ئىيتايكى،بىز غەلبە قىلىۋاتىمىز،بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىز ۋەتەنگە قايتىپ كىلىدۇ،مەغلۇبيەت بىلەن ئەمەس (غەلبە بىلەن قايتىدۇ)، بىز بۇ رايوندىكى ئتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ مۇقىملىققا ئىرىشكەنلىكىنى،دىموكراتىيە بايرىقىنىڭ لەپىلدىگەنلىكىنى كۆرىمىز.
مەغلۇبىيەتتىن كىينكى نەتىجە ئىراننىڭ تەسىر كۇچنى زورايتىۋىتىدۇ. مەزھەپلەر ئارا زوراۋانلىقنىڭ كۆپىيشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. ئۇرۇشنڭ دائىرسى تىخىمۇ كىڭىيپ كىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئامرىكا يەنە قايتىپ كىلىشى كىرەك بولىدۇ.شۇڭا بۇ يەردە نۇرغۇن ئشلار يەنىلا خەتەر ئىچىدە تۇرىۋاتىدۇ. بۇيۇك گىنرال داۋىت پىترائۇسقا رەھمەت،ئۇنىڭ قوماندانلىقىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرگە رەھمەت،ئۇلار ئۇتۇق قازاندى. بىز ئىراق ئۇرۇشدا غەلبە قازىنىۋاتىمىز.بىز تىخى يەنە ۋەتەنگە قايتىپ كىلىمىز.بىز خۇددى باشقا ئۇرۇشلاردا يىڭىپ قايتىپ كەلگەنگە ئوخشاش بىز يەنە ۋەتەنگە غەلبە بىلەن قايتىپ كىلىمىز.
لەھرىر:ئىككى مىنۇت،ئىراق ئۇرۇشتىن قانداق ساۋاق بار دەپ قارايسىز؟ پا ئە ئوباما ؟
ئوباما:خوش ،بۇ دەل پا ئە ماككايىن بىلەن مىنڭ ئوتتۇرامدا تۇپتىن پەرق بولغان بىر تىما .چۇنكى مىنىڭچە بىز ھەممىدىن ئاۋۋال ‹‹بىز بۇ ئۇرۇشنى قوزغىشىمىز كىرەكمۇ-يوقمۇ؟››دىگەنگە جاۋاب بىرىشىمىز كىرەك. مانا،ئالتە يىل ئىلگىرى، بۇ ئۇرۇشنى قوزغاش سىياسى جەھەتتىن خەتەرلىك بولغان ئەھۋالدا مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ،بۇ ئۇرۇشقا قارشى چىققان ئىدىم. چۇنكى بۇ پەقەت بىزنىڭ بۇ ئۇرۇشنىڭ بىزگە قانداق چىقىملارنى ئىلىپ كىلىدىغانلىقنى، بىز قانداق سىتراتىگىيە بىلەن چىكنىپ چىقىدىغانلىقىمىزنى، ئۇرۇشنىڭ بىزنىڭ دۇنيادىكى مۇناسىۋەت مەزمۇنىمىزغا قانداق تەسىرلەرنى كۆرستىدىغانلىقىنى، بىزنىڭ ئاخبارات ئورۇنلىرىمىزنىڭ يىتەرلىك ئىلغار ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمىگەن بولغانلىقىمىز ئۇچۇنلا ئەمەس،بەلكى يەنە بىز ئافغانستاندىكى ئششىمىزنى تۇگەتمىگەن ئىدۇق.
بىز بىن لادىننى تىخى تۇتمىغان ئىدۇق، بازا تەشكىلاتىنى تىخى جىمىتمىغان ئىدۇق. شۇڭا مەن بۇ ئۇرۇشنى پۇتۇنلەي دىققىتىمىزنى بۆلىدىغان بىر جەريان دەپ قارىغان ئىدىم.مانا ھازىر پا ئە ماككايىن بىلەن پىرىزدىنت بۇشنىڭ ھۆكۇمى قەتئى ئوخشىماي قالدى.
مەن دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئىتى ئۇچۇن ئۆزۇ منىڭ خاتالاشقان، ئۇلارنىڭ توغرا بولۇپ چىقىشنى ئۇمىت قىلدىم. بىراق ئش ئۇنداق بولمىدى.بىز ھازىرغىچە 600 مىلىيارت ئامرىكا دوللىرى،ئاز كەم بىر تىرىلىيون پۇل خەجلىدۇق.تۆت مىڭ كىشىمىزدىن ئايرىلدۇق.30 مىڭ ئادىمىمىز يارىلاندى.تىخىمۇ مۇھىمى،دۆلەت بىخەتەرلىكى سىتراتىگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا بازا تەشكىلاتى يەنە باش كۆتۇرۇپ چىقتى،2001-يىلدىن بۇيانقى ھەرقانداق چاغدىكىدىن تىخىمۇ كۇچلىنىپ كەتتى.
........................................................
بىز تىخى ئاساسى ھۆكۇمەت ئاپپاراتلىرىنى مالىيە بىلەن تەمىنلەش ئۇچۇن چەتئەلدىن قەرز ئىلىۋاتىمىز.شۇڭا مىنىڭچە بۇ ئۇرۇشتىن ئالىدىغان تەجرىبە-ساۋاق شۇكى،بىز ئامرىكا خەلقىنى بىخەتەرلىككە ئىگە قىلىشىمىز ئۇچۇن ھەربى كۇچنى ئشلىتىشتىن ئىككىلەنمەسلىكىمىز كىرەك،ئەلۋەتتە،پىرىزىدىنت بولۇپ قالسام،مەنمۇ شۇنداق قىلىمەن.بىراق بىز ھەربى كۇچىمىزنى ئاقىلانە يوسۇندا ئشقا سىلىشمىز كىرەك.ئىراقتا بىز كۇچىمىزنى ئاقىلانە ئشقا سالمىدۇق.
............................................................
لەھرىر:ئۇنداقتا ،بىز باشقا تىمىغا ئۆتەيلى...
ماككايىن:پا ئە ئوباما ئافغانستاندىكى ناتونىڭ كۇچىنى ئارتۇق مۆلچەرلىۋەتكەن كومىتتىكى باشلامچى شەخس.ئۇ تىخى ھازىرغىچە بىر قىتىممۇ گۇۋاھلىق ئاڭلاپ باقمىدى.
لەھرىر:سىز دىمەكچى بولغان نۇقتا..؟
ماككايىن:مىنىڭچە ،نۇقتا ناھايتى روشەن.
لەھرىر:ياخشى.ئۇنداقتا بۇ نۇقتىغا قانداق قارايسىز،ئوباما؟
ئوباما: قايسى نۇقتىغا؟ئۇ بىر دۆۋە گەپنى تۆكىۋەتسە ؟
لەھرىر:ھە بىلدىم،ئۇنداقتا بىز ئاخىرقى نۇقتىغا نەزەر ئاغدۇرۇپ يەنە قايتىپ كىلەيلى،بۇ نۇقتا بولسا سىزنىڭ تىخى ھازىرغىچە ......
ئوباما:قاراڭ،مەن مۇئاۋىن پىرىزدىنتلىق نامزاتى جوۋ بايدىندىن ناھايتى پەخىرلىنىمەن.ئۇ پارلامنىت تاشقى مۇناسىۋەت كومىتىتىنىڭ رەئىسى ،ئۇ چۇشەندۇرگەندەك،-بۇنى جونمۇ ئوبدان بىلىدۇ-ئافغانستان مەسىلىسى،ئىراق مەسلىسىگە ئوخشاش مۇھىم مەسللەردە مىنىڭ تارماق كومىتىتىمنىڭ گىپى ھىساب ئەمەس،چۇنكى كومىتىت بىر پۇتۇن كومىتىت سۇپىتىدە قارا قىلىدۇ. بىراق ئۇ پارلامىنتنىڭ ئىچىدە ئوينايدىغان كالتەك توپتۇر. بىز يادرولۇق مەسللەرگە قايتىپ كىلەيلى،پا ئە ماككايىن نىڭ بۇ گىپى ئۇزۇل-كىسل توغرا،ئىراقتىكى زوراۋانلىق –ھەقىقەتەنمۇ پەسكويغا چۇشتى.بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىز ۋە ھەربىيلەر ئائىللىرىنىڭ ئاجايىپ زور قوربانلىقلىرىنىڭ نەتىجىسىدە پەسكويغا چۇشتى. ئۇلار ناھايتى قالتىس خىزمەت قىلدى.گىنرال پىترائۇس ناھايتى ئسل خىزمەتلەرنى قىلدى.بىراق چۇشىنىش كىرەككى،بۇ –تۆت يىل خاتا يىتەكلەنگەن مەزكۇرئۇرۇشنىڭ جاراھەتلىرىنى يىپىش ئۇچۇن قوللانغان تاكتىكىدىن ئىبارەت. جون شۇنى ياخشى كۆرىدۇ،جون سىز دائىم بۇ ئۇرۇش خۇددى 2007-يىلى باشلانغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالىسىز،شۇنىڭ بىلەن يىقىنقى بۇرۇلۇشنى تىلغا ئالىسىز،ئۇرۇش 2003-يىلى باشلانغان.ئۇرۇش باشلانغان چاغدا سىز ئۇرۇش ناھايتى ئاسان ۋە تىزلا ئاخىرلىشىدۇ. دىگەن ئىدىڭىز.سىز بىز قىرغىنچىلىقى زور قوراللارنىڭ نەگە يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلىمىز دىگەن ئىدىڭىز.سىز خاتالاشتىڭىز. سىز بىز ئىراقلىقلارنى ئازات قىلغۇچى سۇپىتىدە قارشى ئىلىنىمىز دىگەنىدىڭىز،يەنە خاتالاشتىڭىز،سىز شىئەلەر بىلەن سۇننىيلەر ئوتتۇرسىدا زوراۋانلىق تارىخى يوق دىگەن ئىدىڭىز،يەنە خاتالاشتىڭىز.شۇڭا مىنىڭ سۇئالىم .............
لەھرىر:پا ئە ئوباما ..
ئوباما: مەن شۇنى سورىماقچى ،كىلەركى نۆۋەتلىك پىرىزدىنىت بولۇشقا كىمنىڭ بەك سالاھىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى كىمنڭ ھەربى كۇچىمىزنى توغرا ئشلىتىش قارارى چىقىرالايدىغانلىقى ،يەنە بىر قىتىملىق توقۇنۇشقا تەييارلىقى بار-يوقلۇقى بىلەن ئۆلچەش لازىم بولسا ،بىز ئىككىمىزنىڭ چىقارغان ھۆكۇملىرىمىزگە قاراپ باقايلى.
لەھرىر:شۇتاپتا نۇرغۇن سۇئاللىرىم تۇرۇپتۇ...
ماككايىن:مىنڭچە پائە ئوباما تاكتىكا بىلەن سىتراتىگىيەنىڭ پەرقىنى تىخى چۇشەنمەپتۇ.بىراق سىلەرگە دىمەكچى بولغان بىر مۇھىم ئش،ئىككى قىتىملىق 4-ئىيۇلدىن بۇرۇن (ئىككى قىتىملىق دۆلەت بايرىمى كۇنى دىمەكچى-.ت ) مەن باغداتتا ئىدىم،گىنرال پىترائوس پارلامىنىت ئەزاىسى گىراخام لىندسى بىلەن مىنى 688نەپەر ئامرىكىلىق باتۇر ياشنىڭ تەبرىكلەش پائالىيتىگە تەكلىپ قىلدى.ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقان بولۇپ،ئۇلار ئىراقتا ئىراقلىقلارنىڭ ۋە ئامرىكا خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۇچۇن داۋاملىق تۇرۇپ ئۇرۇش قىلىشقا قايتا تىزىملاتقان ئەسكەرلەر ئىدى. مەن ئۇ يەردە بولۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇم.مەن ئۇ ئەسكەرلەرگە سۆز قىلىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇم.سىلەرگە مەلۇم،كىين بىز ئۇلار بىلەن نۇرغۇن ۋاقىتنى بىرگە ئۆتكۇزدۇق.سىلەر ئۇلارنىڭ بىزگە نىمە دىگەنلىكىنى بىلەمسلەر؟ئۇلار :بىز ئۇرۇشتا چوقۇم ئۇتۇپ چىقىمىز.ئۇلار ماڭا: بىز ئۇرۇشتا ئۇتۇپ چىقايلى ،.بىز بالىلىرىمىزنىڭ بۇ يەرگە قايتا كىلىشنى خالىمايمىز..دىدى. ئەنە شۇ سىتراتىگىيە ،ئەنە شۇ گىنرال ئۇلار غەلبە قىلىۋاتىدۇ.پا ئە ئوباما بىزنىڭ ئىراقتا غەلبە قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئىتىراپ قىلىشنى رەت قىلىۋاتىدۇ.
ئوباما:ئۇنداق ئش يوق.
ماككايىن:ئۇلار ھىلىلا بىر سايلام لايھىسنى ...
ئوباما: ئۇنداق ئش يوق.
ماككايىن:سايلام قانۇن لايىھىسى ئۆتكەن بىر نەچچە كۇن ئىچىدە تەستىقلىنىپ چىقتى.ئەمەلىيەتتە،ئىجتىمائى،ئىقتىسادى ئىلگىرىلەشلەر ۋە سىتراتىگىيە بارلىققا كەلدى.بىر رايونغا ئىلگىرىلەپ كىرىدىغان سىتراتىگىيە بارلىققا كەلدى.شۇ چاغدا مەزكۇر دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى سىز بىلەن ئتتىپاقداش بولىدۇ.ناچار ئەبلەخلەرمۇ بۇنىڭدىن خەۋەردار بولىدۇ.تىنچلىق ۋە تەرەققىيات مەزكۇر دۆلەتكە يار بولىدۇ.ئىراقتا مانا مۇشۇنداق ئشلار بولۇۋاتىدۇ.بۇ تاكتىكا ئەمەس.
لەھرىر:ماڭا قاراڭ....
ئوباما:جىم،جىم بۇ بىر چوڭ...
ماككايىن:ئۇ پەقەت بىر سىتراتىگىيە ،ئاشۇ گىنرال يەنە ئوخشاش سىتراتىگىيەنى ئافغانستاندىمۇ قوللىنىدۇ.پا ئە ئوباما ئەسكەرلەرنىڭ چىقىمىنى قسقارتماسلىققا بىلەت تاشلىماسلىق ۋەدسنى بىرىپ بولغاندىن كىينمۇ ،كىشنىڭ ئشەنگۇسى كەلمەيدىغان بىر ئشنى قىلدى.ئۇ ئىراق ۋە ئافغانستاندىكى ئەسكەرلەرگە خىراجەت تەستىقلاشقا بىلەت تاشلىمىدى.
ئوباما:جىم، بۇ يەردە جاۋاب بىرىشكە تىگىشلىك نۇرغۇن ئشلار بار،ھەممىدىن ئاۋۋال،بىز ئەسكەرلەرگە خىراجەت توپلاش مەسلىسدە توختىلايلى،چۇنكى جون بۇ گەپنى دائىم ئاغزىدىن چۇشۇرمەيدۇ.پا ئە ماككايىن ۋاقىت جەدىۋىلى بولغان خىراجەت توپلاش قانۇن لايىھسىگە قارشى چىقتى.چۇنكى ئۇ ۋاقىت جەدىۋىلىگە ئشەنمىدى. مەن ۋاقىت جەدىۋىلى بولمىغان خىراجەت توپلاش پىلانىغان قارشى چىقتىم.ئاخىرىدا جورجى بۇشقا ئاق چەك تاپشۇردۇم. ۋاقىت جەدىۋىلى مەسىلىسىدە بىزنىڭ ئىختىلاپىمىز بار.ئەسكەرلەرگە خىراجەت توپلاشتا ھىچقانداق ئىختىلاپىمىز يوق. بىزنىڭ قانۇنچىلىق ساھەسىدە ئىختىلاپىمىز بار،مەن تاكتىكا بىلەن سىتراتىگىيەنىڭ پەرقىنى ناھايتى ياخشى بىلىمەن.پىرىزدىنىت بولغان كىشى سوراشقا تىگىشلىك سىتراتىگىيلىك مەسىلە بىزنىڭ ئاللىقاچان بۇ دۆلەتتە يولغا قويغان ئالاھىدە ئۇسۇللارنى يەنە ‹‹يولغا قويدۇقمۇ-ياقمۇ››دەپ سوراش ئەمەس. سورايدىغان سۇئال:بۇ ئاقىلانىلىكمۇ دەپ سوراشتۇر.بىز ئافغانستاندىكى شارائىتنىڭ كۇندىن-كۇنگە ناچارلىشپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.بىز ئافغانستانغا تىخىمۇ كۆپ ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرشىمىز كىرەك.تىخىمۇ كۆپ تەمىناتلارنى يەتكۇزۇپ بىرىشمىز كىرەك.پا ئە ماككايىن،ئىراققا يۇگرەپ بىرىپ ،بىر نىمىلەرنى دەپ كەتتڭىز.سىز نىمىنى بىلىسىز؟ بىز ئافغانستاندا ئۇتۇق قازانغان ئىدۇق.ئۇ يەردە بىزگە تەھدىت پەيدا قىلالىغۇدەك ھىچكىم قالمىغان ئىدى. مانا ھازىر قارىساق،بىن لادىن يەنە قىچىپ يۇرىۋاتىدۇ.تىخى يەنە قۇرۇلۇش ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ.مۇداپىئە مىنىستىرى روبىرىت گەيتىس ئۆزىمۇ ئىتىراپ قىلدى:تىرورىزىمغا قارشى ئۇرۇش –نەدە باشلانغان بولسا ،شۇ يەردە ،يەنى ئافغانستاندا ئاياقلىشىدۇ.
ئەگەر بىز ئىراقنى ئۆز دۆلەت جامائىتىگە تاپشۇرۇپ بىرىشنى خالىمىساق ،بۇ ئششمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايمىز.مىنىڭ دىگىنىم،بىز بۇ ئۇرۇشنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئاياقلاشتۇرۇشىمىز كىرەك.باسقۇچقا بۆلۇپ ئاياقلاشتۇرىشىمىز كىرەك.بىراق كەلگۇسى 16 ئاي ئىچىدە بىز ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەسكەرلىرىمىزنىڭ سانىنى قسقارتىشىمىز كىرەك.ھەربىلەرنىڭ ئائىلە –تاۋابىئاتلىرىغا بىر ئاز تەسەللى بىرىشمىز ،ئافغانستاندىكى كۇچىمىزنى قايتا ئۇرغۇتۇپ ،بىن لادننى تۇتۇپ ۋە ئۆلتۇرۇپ ،بازا تەشكىلاتىنى بىتچىت قىلىشمىز كىرەك.
مانا ھازىر ئافغانستاندىكى كوماندىر جەڭچىلەر ،شۇنداقلا ئادمىرال مۇللىنمۇ بىزنىڭ ئافغانستاندا يىتەرلىك ئەسكىرى كۇچىمىزنىڭ يوقلۇقىنى ئىتىراپ قىلدى.چۇنكى بىزنىڭ ئىراقتكى ئەسكەرلىرىمىزنىڭ سانى ئۇ يەردە ئەھۋال ياخشلىنىشتىن بۇرۇنقى سانىدىن خىلىلا كۆپ.
ماككايىن:ئادمىرال مۇللىن پا ئە ئوبامانىڭ پىلانى ئامرىكىغا خىيم-خەتەر ئىلىپ كىلىدۇ دىگەن.
ئوباما:ئۇنداق ئش يوق
ماككايىن:ئۇ بولسىمۇ...
ئوباما:ئۇنىڭ دىگىنى پەقەت ھىسيات ئارىلاشقان بىر خىل..
ماككايىن:ئادمىرال مۇللىن شۇنداق دىگەن.
ئوباما:‹‹ئەسكەر چىكىندۇرۇش خەتەرلىك بولىدۇ ››دىگەن گەپنى ئۇ دىمىگەن.بۇنداق ئش يوق.
ماككايىن:گىنرال پىترائۇسمۇ ئوخشاش گەپنى قىلغان.ئوساما بىن لادىن بىلەن گىنرال پىترائوسنىڭ بىر ئورتاقلىقى بار،مىنڭ بىلىشىمچە بۇ ئورتاقلىق بولسىمۇ ئۇلار ئىككىلىسى ئىراقنى مەركىزى ئۇرۇش رايونى دىگەنلىكتىن ئىبارەت. ھازىر گىنرال پىترائوس بىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىزنى ماختىدى.ئۇ يەنە بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاسانلا قولدىن كىتىشى مۇمكىن دىدى.ئەگەر بىز چىكنىدىغان ۋاقتنى بەلگىلەپ قويساق،-خۇددى پا ئە ئوباما نىڭ ئەسلى پىلانى بويىچە-قولىمىزدىكى بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر ھىچ ئش ئاياققا چىقماي تۇرۇپ ،پاسسىپ ئەھۋالغا چۇشۇپ قالىمىز. مەن ھازىر پا ئە ئوبامانىڭ نىمە ئۇچۇن ھەيران بولىدىغانلىقىنى چۇشەندىم.ئۇنىڭ نىمەئۇچۇن بۇ داۋالغۇشنى ئۆزىنڭ چەكتىن ئاشقان ئارزۇلىرى بولمىغاندا يەنە داۋاملشدۇ دەپ تۇرىۋىلىشنى چۇشەندىم.
ماككايىن:بۇ ئش مەندىن ئاشمايدۇ.چۇنكى مەن ئۇنىڭ كارغا كىلىدىغان ۋە داۋاملىشالايدىغان سىتراتىگىيە ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.ئەگەر بىز غالىبيەتنىڭ جاۋغايلىرىدىن مەغلۇبىيەتنى قاماللاپ ،پا ئە ئوبامانىڭ پىلانىنى قوللانساق ئۇچاغدا ئۇرۇشنىڭ دائىرسى تىخىمۇ كىڭىيپ كىتىدۇ.ئافغانستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون ۋەزىيتى تىخىمۇ قالايمىقانلىشپ كىتىدۇ.
لەھرىر:ئافغانستان،بىر يىڭى تىما .خوش ،سىلەر ئىراق مەسلىسنى ‹‹ھەل قىلىپ بولدۇڭلار ››،ئەمدى ئافغانستانغا ئۆتەيلى.
ئەمدى سىزگە كەلدى،پا ئە ئوباما، بۇ تىما مۇزاكىرە قىلىنپ بولغان نۇقتىلاردىن تاللانغان.سىزئافغانستانغا تىخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتىش كىرەك دەپ قارامسىز؟ قانچىلىك ئەسكەر ؟ قاچان ئەۋەتىلىشى كىرەك؟
ئوباما:شۇنداق،بىز تىخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتىشىمىز كىرەك.مەن بىر يىلدىن بىرى شۇنداق دەپ كىلىۋاتىمەن. مىنىڭچە بىز قانچە تىز بولسا شۇنچە تىز ھەرىكەت قوللىنىشمىز كىرەك. چۇنكى جەڭ مەيدانىدىكى قوماندانلارنىڭ بىلدۇرۇشىچە بۇ يەردىكى ۋەزىيەت بارغانسىرى ياخشلانماستىن بارغانسىز ناچارلاشماقتا. بىز ئۆتكەن بىر يىلدا 2002-يىلدىن بىرىقى ئەڭ ئىغىر تالاپەتلەرگە يولۇقتۇق.بىز بىر زور قارشىلىق كۇچنىڭ –بازا ۋە تالىباننىڭ- چىگرادىن ئۆتۇپ ئەسكەرلىرىمىزگە بار كۇچى بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.ئۇلار ھازىر خىلىلا پىتلاپ قالدى. بىز يەنە ئافغانستاننى ئىراقتىن ئايرىۋىتەلمەيمىز،چۇنكى بىزنىڭ قوماندانلىرىمىزنىڭ دىيىشچە ،بىزنىڭ ئافغانستاندا ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشقا يىتەرلىك ئەسكىرى كۇچىمىز يوق. شۇڭا مەن ئۇ يەرگە ئىككىدىن-ئۇچكىچە بىرىگادە ئەسكەرنى يۆتكەيمەن. كاللىمىزدا چىڭ تۇرۇشى كىرەككى،بىزنىڭ ئىراقتكى ئەسكەرلىرىمىز ئافغانستاندىكى ئەسكەرلىرىمىزنىڭ تۆت ھەسسگە توغرا كىلىدۇ.ئاشۇ ئىراقنىڭ بىز دۇچ كەلگەن 11-سىنتەبىر ۋەقەسى بىلەن ھىچقانداق ئشى يوق ئىدى.راسىت گەپنى قىلساق،بىز بىرشتىن بۇرۇن ئىراقتا بازا تەشكىلاتىمۇ يوق ئىدى.شۇنداق تۇرۇقلۇق ئىراقتكى ئەسكەرلىرىمىز ئافغانستاندىكى ئەسكەرلىرىمىزنىڭ سانىدىن تۆت ھەسسە كۆپ. مانا بۇ سىتراتىگىيەلىك خاتالىق،چۇنكى ھەرقانداق ئاخبارات ئاگىنىتلىقى ئىتىراپ قىلىدۇكى ،بازا تەشكىلاتى ئامرىكا قوشما شىتاتلىرى دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ تەھدىتتىن ئىبارەت.مۇداپىئە مىنىستىرى گەيتىس ئىتىراپ قىلغانكى،بىز ئاشۇ خەق بىلەن تۇتۇشدىغان مەركىزى فىرونىت ئافغانستان بىلەن پاكىستاندا بولۇشى كىرەك. شۇڭا بۇ يەردە بىز چۇشىنىپ قىلىدىغان ئشلار بار،بۇ پەقەت ئەسكەر مەسلىلسلا ئەمەس،بىز ئافغان ھۆكۇمىتىگە ئۇلارنىڭ ئۆز خەلقى ئۇچۇن ھەقىقى خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى جەزىملەشتۇرۇشكە بىسم ئشلىتىشمىز كىرەك.مەن بۇنى پىرىزدنىت كارزائىيغا ئىيتتىم.
ئىككىنچى-بىز ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بىرى كۇنسىرى يۇقىرى ئشىۋاتقان ئەپيۇن سودىسى مەسلىسنى بىر تەرەپ قىلىشمىز كىرەك.
ئۇچىنچى-بىز‹‹ پاكىستان ››مەسلىسنى بىر تەرەپ قىلىشىمىز كىرەك.چۇنكى پاكىستاننىڭ غەربى شىمالىدىكى چىگرا رايوندا بازا تەشكىلاتى ۋە تالىباننىڭ بىخەتەر جەننىتى بار،شۇنداق تۇرۇقلۇق،سىلەرگە مەلۇملۇق،بىز پا ئە ماككايىننىڭ قوللىشى ،جورجى بۇشنىڭ رەھبەرلىكى بىلەن يەتتە يىلدىن بىرى ئۇلارغا 10 مىلىيارت دوللارتىن ئارتۇق پۇل بەردۇق.شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ ئۇلار ئاشۇ بىخەتەر جەننەتنى بۇزۇپ تاشلاشقا تىگىشلىك ئشنى قىلمىدى.
مانا ھازىر ،ئامرىكىلىقلار ئۆز دۆلىتىدە تۇرۇپمۇ يەنىلا بىخەتەرلىك ھىس قىلالمايۋاتىدۇ.لەھرىر:ئافغانستان،پا ئە ماككايىن؟
ماككايىن:ھەممىدىن ئاۋۋال،منڭ ئىلگىرى قاتتىق پۇشايمان قىلغان خاتالىقنى تەكرارلىغۇم يوق،ئۇ خاتالىق بولسىمۇ ،بىز ئافغان ئەركىنلىك جەڭچىلىرىگە ياردەم بىرىشكە ،روسلارنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىشقا قادىر تۇرغلۇق بۇ رايوندىن ئاساسى جەھەتتىن قولىمىزنى يۇيۇپ چىقىپ كەتكىنمىز ئىدى. نەتىجىدە ئۇ يەردە بىز بۇگۇن دۇچ كىلىۋاتقان نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا تالىغان ،بازا تەشكىلاتلىرىغا دۇچ كىلىپ تۇرۇپتىمىز.شۇڭا بىز تارىخنىڭ بۇ دەرسلىرىگە سەل قارىماسلىقىمىز كىرەك. ھازىر،پاكىستانغا ياردەم بىرىش مەسلىسدە،ئەگەر سىز تاپانچىدا بىراۋنى نىشانلىسىڭىز،-بىر چاغدا بىزنىڭ بۇيۇك دۆلەت ئشلىرى كاتىۋىمىز جورجى شۇلتىز ماڭا شۇنداق دىگەنىدى-سىز تەپكىنى بىسشقا تەييار تۇرۇشىڭىز كىرەك. منىڭ ھازىر مۇشۇ چاغدا پاكىستانغا بىرىلىدىغان ياردەمنى قىسقارتىش تەييارلىقىم يوق.شۇنداقلا پاكىستانغا تەھدىت سىلىش تەييارلىققىممۇ يوق.پا ئە ئوباما شۇنداق قىلغۇسى باردەك قىلىدۇ،ئۇ ھەتتا پاكىستانغا ھەربى ھۇجۇم قوزغايمەن دەيدۇ. بىز پاكىستان خەلقىنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىمىز كىرەك.ئۇ پاكىستانغا ھەربى يۇرۇش ئىلان قىلىمەن دەۋاتىدۇ .ھازىر سىز ئۇنداقمۇ قىلماڭ.بۇ گەپنى تىشڭىزغا چىقارماڭ.ئەگەر بىر ئش قىلماقچى بولسىڭىز ،سىز بىر ئش قىلىشڭىز كىرەك،سىز پاكىستان خەلقى بىلەن بىرگە قىلىشڭىز كىرەك. ھازىر پاكىستاننىڭ يىڭى پىرىزدىنىتىنىڭ قولى قۇرۇق ئەمەس،چىگرا رايون بولسا ئىمپىراتورئسكەندەر دەۋرىدىن بۇيان باشقۇرۇلۇپ باقمىغان جايلاردۇر. مەن ۋەزىرىستان ئۆلكىسىگە بارغان.ئۇيەرنىڭ شارائىتنىڭ نەقەدەر ناچارلىقىنى كۆردۇم.ئۇ يەر ھازىر بىر نەچچە قەبىلە تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. شۇنداق،پا ئە ئوباما تىخىمۇ كۆپ ئەسكەر تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.بىراق ئۇ چۇشەنمەيۋاتىدۇ،بۇ ئاقىۋەتتە ئۇ دەل قارشى تۇرۇپ كىلىۋاتقان ئىراقتىكى يىڭى سىتراتىگىيەگە ئوخشاپ قالىدۇ.بۇ سىتىراتىگىيە ھازىر ئافغانستاندا يولغا قويۇلماقچى.
بىز پاكىستاننىڭ بۇ رايونلارغا بىرىشغا يەرلىك خەلقلەر بىلەن ئتتىپاقلىشغا ياردەم قىلىشىمىز كىرەك.بۇ ھەقىقەتەن مۇشكۇل ئش.چۇنكى ئۇلار تالىبان ۋە بازا تەشكىلاتى ئەزالىرى قۇدا-باجا بولۇشۇپ كەلگەن قەبىللەردۇر.بىراق بىز بۇ رايونلاردىكى خەلقنىڭ ھەمكارلىقىغا ئىرىششمىز كىرەك. پاكىتانلىقلارمۇ شۇنى چۇشىنىپ قىلىشى كىرەككى،ئسلامئابادتىكى ماررىئوت مىھمانخانىسنىڭ پارتىلىتىلىشى –دەل تىرورچىلارنىڭ ھۆكۇمەتنى بىز بىلەن بازا ۋە تالىبانغا قارشى ھەمكارلاشماسلىققا مە جبۇرلاۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر. شۇڭا بىزنىڭ ئافغانستاندا قىلىدىغان ئشلىرىمىز كۆپ.بىراق مىنڭ ئشەنچىم كامىل،ھازىر گىنرال پىترائوس يىڭى رەھبەرلىك ئورنىغا چىقتى.بىز ئەمدى بىر سىتراتىگىيەنى ئشلىتىمىز.ئۇ پەقەت ئەسكەر كۆپەيتىشنىلا تەكىتلەيدىغان سىتراتىگىيە ئەمەس .قوشۇمچە قىلسام،ھازىر 200مىڭ زاپاس ئەسكەر بار،32مىڭدىن 53مىڭغا ياكى تىخىمۇ كۆپ ئەۋەتىشكە بولىدۇ. شۇڭا پەقەت ئەسكەر ئەۋەتىشلا كارغا كەلمەيدۇ.ئەكسىچە سىتىراتىگىيە غەلبە ئىلىپ كىلىدۇ.پاكىستان بۇ سىتراتىگىيەدىكى ناھايتى مۇھىم ئامىلدۇر.مەن گىنرال پىترائۇس بىلەن قانداق ئشلەشنى بىلىمەن.سىلەرگە كىپىل بولالايمەنكى،مەن ھەرگىز پاكىستانغا ھۇجۇم قىلىمەن دەپ ئاشكارا جار سالمايمەن.历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us
<< 2008- يىلدىكى ئامرىكا پرېزىدىنتلىق سايلام مۇنازىرىسى (1) The translated transcript of the 1st presidential debate | باش بەت | 2008- يىلدىكى ئامرىكا پرېزىدىنتلىق سايلام مۇنازىرىسى(3) The translated transcript of the 1st presidential debate >>
يىلدىكى ئامرىكا پرېزىدىنتلىق سايلام مۇنازىرىسى (1) The translated transcript of
Blog:ئىلىم - پەن بىلوگى2008-10-11 10:46:51
引用
下面Blog引用了该文: