• جېك بلوگىنىڭ يىڭى نەشىرىگە مەرھەمەت Address changed for the new Jeck Blog - [Notice ئۇختۇرۇش]

    2010-08-27

     

    جېك بلوگى بلوگباس سوپىسىغا بلوگ ئورنىتىپ بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئىقتىدارى جەھەتتە يۇقىرلىغان بولسىمۇ لېكىن يەنە نۇرغۇن سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بلوگنىڭ ئىقتىدارى جىق چەكلىمىلىككە ئۇچرىدى،مەسىلەن زىيارەتچىلارنىڭ سۈز قالدۇرۇشى چەكلىمىگە ئۇچراش، بلوگ تىمىسنىڭ خەت سانىغا چەك قويۇش، باشقۇرۇش سوپىسىدا خالىغانچە كود ئۈزگەرتكىلى ۋە ئىقتىدارىنى كىڭەيتىكىلى بولماسلىق دىگەندەك. ئۇندىن باشقا يىقىنقى ئىككى يىلدا كودى ئوچۇق بولغان مۇسەقىل بلوگ تەمىنلەش سوپىسى wordpress شىددەت بىلەن كىڭىيىپ بلوگچىلارغا كۆپ قولايلىق تۇغدۇردى. ئۇندىن باشقا بلوگباستىكى بلوگ تور نامى ئىككىنچى دەرىجىلىك تور نامى بولغاچقا زىيارەتچىلەرنىڭ ئىسىدە تۇتۇشىغا قۇلايسىز. مۇستەقىل تور نامى ئىشلەتكەن يىڭى بلوگ سىستىمىسى ئەستە ساقلاشقا كۆپ قۇلايلىق. ئۇندىن باشقا يەنە ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن مۇستەقىل بوشلۇق ئىشلىتىپ مۇستەقىل تورنامى بلەن بلوگ ئېچىش زۈرۈر بولۇپ قالدى.

    يىڭى بلوگنىڭ تور ئىسمى ئوخشاشلا جېك بلوگى،ئادېرسى  http://jeckblog.com ،تەڭشەكلىرىنىڭ ھەممىنى ئاساسەن ئۈزەم بىرتەرەپتىن ئۈگىنىپ بىر تەرەپتىن قىلغان بولغاچقا بلوگ بەزىدە نورمال بولماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا بۇنى سىناق نۇسخا قاتارىدا كۆرۈپ ئىشلىتىپ ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى سۈز قالدۇرۇش سوپىسىغا قالدۇرۇپ قويساڭلار.  سىلەردە، بولۇپمۇ شىنجاڭدا ئۇلىنىش، ئېچىىش تىزلىكى قانداق، تور كۆرگۇدە نورمال كۆرۈندىمۇ يوق مۇشۇ يەردە بولسىمۇ پىكىر بەرسەڭلار. تور بەتلەر ئۇچۇرلىرى خەۋىرى بىرىدىغانلار جېك بلوگىنىڭ ئادېرسى ئۆزگەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلىپ قويساڭلار.
     بلوگ كۆچۈشتىن بۇرۇنقى سىتاتسىكا مەلۇماتلىرىغا قىززىققانلار جېك بلوگى ھەققىدە نى ئوقۇغايسىلەر. ئۇلىنىش بەرگەنلەر ئۇلىنىش ئادېرسىنى ئۆزگەرتىپ قويساڭلار. ھەر ئىھتىمالغا قارشى بلوگباستىكى بۇرۇنقى بىلوگمو ساقلاپ قېلىنىدۇ ۋە يازغان يىڭى تىمىلارمۇ ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن كۆچۈرلۈپ قويىلىدۇ.

    گەرچە پلانلىرىم بەك جىق بولسىمۇ لېكىن ۋاقىت ئاز، قۇربتىم تۈۋەن، تور تېخنىكىسىنى ئۇنچە بىلىپ كەتمەيمەن، تېخنىكلارغا پۇل بىرىپ ئىش قىلغۇزاي دىسەم ئىقتىسادى ئەھۋالىم تېخى يار بەرمەيدىغان بولغاچقا ھەممە ئىشلار پىلان پېتى قېلىپ قالدى.

    ۋاختىنچە يىڭى بلوگقا بىر ئالبۇم قېتىلدى، چوڭ مەقسەت بۇ ئالبومغا ئۇيغۇرلار توغرىلىق رەسىملەرنى يىغماقچى، تاماق، تۇرمۇش، ئۈي،  بىنا، دەرەخلەردىن تارتىپ ئادەملەرگىچە. چۇنكى بۇنداق نەرسىلەر بىز چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا بەك لازىم بۇلىدۇ، سېغىنساق رەسىم كۆرىمىز. ئۇندىن باشقا بۇنداق نەرسىلەر كۈندە ئۇچرىغاندا كارىمىز بولمايدۇ، لازىم بولغاندا تاپقىلى بولمايدۇ.ئەسلى بۇ قىسمىغا تىزىملاتقان ھەممە ئادەم رەسىم يوللىيالايدىغان قىلاي دىگەن، ۋاختىنچە يارىغۇدەك ھەقسىز سىستىما تاپالماي قالدىم. شۇڭا ھازىرچە ئۈزەمدە بارلىرىنى يوللاپ تۇردۇم. تورداشلارمۇ ئۈزىدە بار رەسىملەرنى ئورتاقلىشىمەن دىسە مەن بىلەن ئالاقىلاشقاي،

    ئالدىراشچىلىقتا كۈندە بلوگقا تىما يېزىپ بولغىلى بولمايدۇ، شۇڭا كىرگەنلەرنى زىرىكىپ قالمىسۇن دەپ نەچچە كۈن ئاخشام CSS ئۈگىنىپ« توردىن تەمەچلەر» دەپ بىر بۆلەكنى تەييارلىدىم. بۇنىڭدا ئاساسلىقى توردىكى، بولۇپمۇ بلوگلاردىكى مەن كۆرگەن ياخشى تىمىلارنىڭ ئۇلىنىشنى قويۇپ قويىمەن، ھازىرچە 10 ئەتراپىدا ئۇلىنىش بەرگىلى بۇلىدۇ، ھەم شۇمۇ يىتەرلىك. ياخشى تىما يازغانلار پېقىرغا ئادېرسىنى يوللاپ بەرسەڭلار چىقىرىپ قويىمەن، ھەم شۇنداق قىلىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن، چۇنكى نەدە ياخشى تىما باردۇر دەپ ئىزدەپ يۈرمەكمۇ تەس ئىكەن.

    يەنى بىرسى كۆپ سورايدىغان سۇئاللار. ھازىرغىچە تورلاردا يۈرۈپ نۇرغۇنلىغان ئادەمنىڭ كۆپلىگەن سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەردۇق، لېكىن بۇلار ئىش ئۈتۈپ كەتكەندىن كىيىن تىمىنى ئۇنتۇپ كەتتۇق. كىيىن باشقىلار يەنە سورىغاندا ئۇ تىمىنى تاپقىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى تور ئۈزۈلۇشتىن كىيىن بۇرۇنقى توردىكى بەك جىق نەرسىلەرنى يۈتۈرۋەتتۇق ۋە مۇھىم نەرسىلەرنى يىغىپ ساقلىمىساق بولمايدىغانلىغىنى تۇنۇپ يەتتۇق. تاكى ھازىرمۇ ئۇيغۇر تورلىرىنىڭ ئەھۋالى شۇكى، ھەرقانداق بىر تور بەت، يازما  ھەرقانداق ۋاقىتتا تۇيۇقسىز تاقىلىپ قېلىشى، يۈتۈپ كىتىشى مۇمكىن. جېك بىلوگىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ئۇيغۇرچە تور ئادېرىسلىرىنى bookmark قىلىۋالغان بىلەن، ياخشى يازمىلارغا بەلگە سېلىۋالغان بىلەن ئىشلىمەيدۇ، ئەڭ بىخەتەر ئوسۇل يەنىلا CTRL-C, CTRL-V, CTRL-S.
     
    شۇڭلاشقا يەنە بىر يىڭى قۇشۇلغان مەقسەتكە كەلسەم توردا بىلىم ئېلىش خاراكتىرلىق، ئادەتتە تىمىنى كۆرسەكمۇ بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغاندىكىن ئوقۇماي ئۆتۈپ كىتىدىغان، لېكىن بېشىمىزغا كەلگەندە تورنى نەچچە سائەت ئىزدىمىسەك تاپقىلى بولمايدىغان ئۇچۇر، يول كۆرسىتىش، تەجرىبىسىنى تۇنۇشتۇرۇش خاراكتىرلىك يازمىلار ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ كۆچۇرۇپ توپلىنىدۇ، بولۇپمۇ چەتئەلگە چىقىش توغرىلىق سۇئاللار. بۇنىڭ بىر قىسمىنى مەن ئالدىرماي يازىمەن، قالغانلىرىنى بۇرۇن يېزىلىپ بولغانلارىنى قاتىمەن. شۇنداقلا بۇنىڭدىن كىيىن توردا مۇشۇنداق مەزمۇندىكى يازما ئىلان قىلغانلار توردا ئىلان قىلىش بىلەن بىرگە مەن بىلەنمۇ ئالاقىلاشساڭلار، بىر ھىساۋەت بەرسەم، يازماڭلارنى بلوگدىكى موشۇ ئورۇنغا چاپلاپ قويساڭلار. بۇ قىسمىنى مەن قىلىپ بۇلالمايمەن، قىززىقىدىغان تورداشلار بولسا مۇشۈ تۈرنىڭ باشقۇرغۇچىلىقىىنى بەرسەم ئۈزەڭلار بىر قوللۇق تەرەققى قىلدۇرساڭلار بۇلىدۇ. سانداننى كۈندە ئۈزەم زاپاسلاپ تۇرىمەن، بلوگتىكى مەزمۇنلار بۇندىن كىيىن تاقىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ يوقاپ كەتمەيدۇ.

    ئۇندىن باشقا ھازىرقى بلوگنىڭ كىڭەيتىش ئىقتىدارى ناھايتى يۇقىرى، ئاساسەن نىمە قىلىمىز  دىسەك ۋاقىت ۋە تېخنىكا بولسىلا قىلىپ كەتكىلى بۇلىدۇ. شۇڭا پېقىرنىڭ بىلوگىنى ئىشلىتىپ مەلۇم ئىقتىدارلارنى ئاچىمەن ياكى سىناق قىلىمەن دىگۈچىلەر بولسىمۇ يول قويىلىدۇ، بوشلۇق ۋە bandwidth دىگەنلەرنى چەكلەنمەيدۇ دەپ ئالدىم . ھازىرچە ئۈزىمىزنىڭ ھاجىتىدىن پۈتۈنلەي چىقالايدۇ.

    分享到:

    评论

  • ئۇيغۇر كارخانىچىلار كۇلۇبى (بايلىق تورى )بلوگىنى ئۇلىنىش قىلۋېلىڭ .
    بىلوگ مەنزىلى:http://xjue.blogbus.com http://xjue.blogbus.com/files/12292264650.jpg
  • http://jackblog.com/ نى ئىنكاس قىلىپ ئۇچۇرگەتكۇزۋەتسىڭىز بولغىدەك سەل سەت تۇرامدۇ سىزنىڭ بېكىتىڭىزدىكى e a لا پەرىق قىلىدىكەن
  • tor bet echilmaydigu?