-
Jeck ساق سالامەت، بلوگ شىنجاڭدا تور ئېچىلىشىنى ساقلايدۇ. Jeck Returned to USA, Safe
2009-10-31
تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر. پېقىر 6-ئايدا توي قىلغاندىن كىيىن بىر مەزگىل شىنجاڭدا بولدۇم ۋە توينىڭ ئالدىراشچىلىقى بىلەن بلوگقا قارىيالمىدىم. كىيىنچە 7-ئايدا چىققان ئىشلارنىڭ سەۋەبى بىلەن تور ئۈزۈلۈپ كەتتى. ۋەقەدىن كىيىن ئىچكىرگە كىلىپ بىر مەزگىل تۇردۇم، قايتىپ كىلىش ئۈچۈن ۋىزا ئېلىشمغا سەل توختاشقا توغرا كەلدى، بىرئايدىن ئارتۇق ۋىزا ساقلاپ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بىرەر ھەپتىلەر بۇرۇن ئوڭۇشلۇق ھالدا مەكتىۋىمگە يېنىپ كەلدىم. ھازىر مەكتەپتە.
توي قىلغاندىن كىيىن توردا بىرىنچى قېتىم توينىڭ رەسىملىرىدىن بىرقىسمى تارقىتىلغاندىن كىيىنلا تور تاقىلىپ قىلىپ تويغا بارالمىغان نۇرغۇنلىغان تورداشلار توينىڭ ئەھۋالىنى كۆرەلمەي قالغان ئىدى. پېقىر كىيىنراق شۇ رەسىملەرنى ۋە باشقا رەسىملەرنى تورداشلارغا سۇنىمەن.
شىنجاڭدا تور ئۈزۈلۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ تور بەتلىرى تور دۇنياسىدىن يوقاپ كەتكەندىن بىرى تۇرمۇشۇمدا بىر نەرسە كەم يۈرۈۋاتىمەن. گەرچە ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنى تېخنىكا يوق دىيەرلىك، تىما دائىرىسى تار دىگەندەك نۇرغۇنلىغان سەۋەپلەر بىلەن ئۈزلۇكسىز تەنقىد قىلىپ كىلىۋاتقان بىرسى بولساممۇ لېكىن شۇ توربەتلەرنىڭ تۇرۇمۇشۇمنىڭ بىرقىسمى بولۇپ قالغانلىغىنى ناھايتى كۈچلۈك ھىس قىلدىم. ئارلىقتا بىر مەزگىل ئىچكىردە تۇردۇم، تورغا چىقىش شارائىتىم بار ئىدى. لېكىن شىنجاڭدىكى تورداشلارنى ساقلاپ ئۈز قېرىنداشلىرىمىز تورغا چىقىش شارائىتىغا ئىرىشكەندە ئاندىن بلوگنى داۋاملاشتۇرسام بۇلامدىكىن دەپ ئويلاپ ساقلاپ ئولتۇردۇم. بۇندىن كىيىن ئۇچۇر خاراكتىرلىق نەرسىلەر بولسا يوللاپ تۇرىمەن. ئەگەر شىنجاڭدىكى تور كىلەر يىلى بېشىغىچە ئەسلىگە كەلمىسە شۇ ۋاقىتتا قاراپ باقارمىز.
چەتئەلدىكى ۋە ئىچكىردىكى دوستلار، سىلەرمۇ ياخشى تۇرۇۋاتامسىلەر، قانداق يىڭىلىقلار بار.
评论
مەنمۇ بلوگىڭىزنىڭ بىر ئوقۇرمىنى.
ھېلىھەم سىزدىن ئۈمۈت قىلىدىغىنىم گەرچە شىنجاڭدا تور توختاپ كەتكەن بولدسىمۇ ، سىزنىڭ يەنىلا بۇ بىلوگىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.چۈنكى ئىچكىردىكى بىزلەرمۇ سىزنىڭ مۇشۇنداق ئۇچۇرلىرىڭىزغا مۇھتاج!!!
بىز ھەم سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزدىن خەۋەردار بولالايمىز ھەم شىنجاڭدىكى بالىلارغا يەتكۈزۈپ قويالايمىز!!!
بىز سىزنى بار كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز!!!!
http://www.blogbus.com/jeck-logs/52530433.html
بولسا بۇ يازمىنى سىزنىڭ بلوگىڭىزدا ئېلان قىلساق،باشقا قېرىنداشلىرىمىزمۇ بىلىپ قالسا!خەيىر،ئامان بولۇڭ!
ئەركىن سىدىق ئەپەندىمنىڭ بلوگى مەخفىي شىفىر تەلەپ قىلىدىغان بولۇۋاپتۇ....بىرەرسىڭلار يوللاپ قويغان بولساڭلار ياخشى بولاتتى
مەن بۇ بلوگنى ئاچقان ئىدىم. ئىنكاس كۆزنىكى ياخشى ئىشلىمەۋاتىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك تېخنىكلىق ياردەملەرنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز.
سورايدىغانغا باشقا كىشى تاپالمىدىم.
http://kurkumguli.blogspot.com
كۆپ رەھمەت.
قانداق دىدىم؟...
توردا بولسىمۇ ساق سالامەت كۆرۈشكىنىمىزدىن خوشالمەن.
ئامانلىق ۋە ساق سالامەتلىك تىلەيمەن.
سىزنىڭ بلوگىڭىز ئۇزۇن زاماندىن بىرى يېڭىلانماي بىزلەرمۇ ئىچىمىز پۇشۇپ تۇرغان ئىدۇق. ئەمدىغۇ يېڭىلارسىز بۇ بلوگنى؟
سالامەت تۇرغانلىقىڭىزدىن خۇش بولدۇم.خەپ،سىزنىڭ قېشىڭىزغا كەلگەندە...
تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن سالام!