-
تويغا تەكلىپ Open invitation to my Wedding
2009-06-03
ئائالدى بىلەن مىنى ۋە بلوگىمنى قوللاپ كىلىۋاتقان بارلىق تورداشلارغا كۆپ رەھمەت.
ئۈتكەندە ئىزدىنىش تورىدا دىيىلگەندەك مەن مۇشۇ شەنبە يەنە 6-ئاينىڭ 6-كۈنى خوتەن شەھىرىدىكى ئاۋام رىستورانىدا توي قىلماقچى. ۋاقىت قىسقا بولغاچقا سەل جىددىچىلىك بولۇپ قالدى. شۇڭا بۇرۇن خەۋەر بىرىشكە ئۈلگۈرەلمەي قالدىم. قۇربىتى يىتىدىغان يىراق يىقىندىكى تورداشلارنىڭ تويغا قاتنىشىپ بىرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ۋاقىتى يىتىدىغان تورداشلارنىڭ بۇرۇنراق كىلىپ تۇرۇپ بىرىشىنى قارشى ئالىمەن. يىراقتىن كىلىدىغان تورداشلار بولسا ياردەم لازىم بولسا، ئايرۇدۇرۇم، بىكەتتىن ئېلىۋالىدىغان، ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئىشلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشقايسىلەر. بىلمەي قالغان دوستلارغا يەتكۈزۈپ قويغايسىلەر. ئالاقە نۇمۇرى: 13239809898
پېقىر توي ئىشى ۋە باشقا ئىشلار سەۋەپلىك بىر مەزگىل بلوگنى يىڭىلىيالمايمەن ۋە خەتلەرگە جاۋاپ قايتۇرالمايمەن. تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن.
You are cordially invited to celebrate my wedding on Saturday 11am,June the 6th at Awam Restaurant in Hotan. For assistance including airport pickup, hotel reservation etc., please call 13239809898.
评论
ئىگىمىز ئاللا بەختىڭلارنى بەرسۇن ! <بېشىڭلار باش ، ئايىقىڭلار تاش > بۇلۇپ كەتسۇن . نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ۋاقتىم يەتمەي تورغا چىقالماي قالغان ئىدىم . بۈگۈن بىلگەندەكلا تورغا چىقىپلا تور بېتىڭىزنى ئاچقان ئىدىم ، بۈگۈنكى كۈندە تويىڭىز بولغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايتى ھاياجانلاندىم . شۇ تاپتا تويۇڭلار قاتتىق قىزىۋاتقاندۇ ؟
ئاللاغا ئامانەت !
گەرچە تويىڭىزغا بارالمىغان بولساممۇ ناھايتى قىزىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم، تېخى سىزنى ئامېرىكىدىلا توي قىلىۋالامىكىن دەپتىكەنمەن، ئەسلى كېلىنچەك خوتەن دىيارىدىن ئوخشىمامدۇ؟
كىيىنكى تۇرمۇشىڭىزنىڭ تېخىمۇ بەىت ئىچىدە ئۆتىشىنى تىلەيمەن، بېشىڭلار باش ئايىقىڭلار تاش، پەرزەنتىڭلار قەلەم قاش بولۇپ كەتسۇن!
بۈگۈن توي بولىۋاتىدۇ،دەيلى....
ئاللاھ يېڭى ئائىلىڭىزگە بەركەت،خاتىرجەملىك بەرگەي~~~
خۇدايىم پات ئارىدا تېخىمۇ چوڭ شادلىقتىن بەھرىمەن قىلغاي~~~
بلوگ ئادېرسىمىز:
http://uyxah.blogbus.com/
ئاللا ئىگەم تويۇڭلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولىشىغا مەدەت بەرسۇن!
بىشىڭلار باش،ئايىغىڭلار تاش بولغاي....
قۇتلۇق توي مەرىكىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
مەڭگۈ بەخىتلىك بولۇڭ!
مەن ھازىر جىددي ئوقۇش بىلەن ئالدىراش بوپ كەتتىم،شارائىت بولغان بولسا چوقۇم قاتنىشاتتىم.ئامال قانچە؟ مەن پەقەت ۋەتەندىن تولىمۇ يىراق جايدا تۇرۇپ سىزگە بەخىت تىلىيەلەيدىكەنمەن.تويىڭىز خوشاللىقلار ئىچىدە ئۆتكەي!
جېك ئاغىنە ، قورقماي قىلىۋېرىڭلار تۇيۇڭلىنى ، توي قىلىپ بالىلىق بولمىغىچە راۋرۇس پىشقان ئەر ھىساپلانمايسىلەر.
ئاخىرىدا ، توردا بولسىمۇ تويۇڭلىنى قۇتلۇقلايمەن !!!