• تويغا تەكلىپ Open invitation to my Wedding

    2009-06-03

    ئائالدى بىلەن مىنى ۋە بلوگىمنى قوللاپ كىلىۋاتقان بارلىق تورداشلارغا كۆپ رەھمەت.

    ئۈتكەندە ئىزدىنىش تورىدا دىيىلگەندەك مەن  مۇشۇ شەنبە يەنە 6-ئاينىڭ 6-كۈنى خوتەن شەھىرىدىكى ئاۋام رىستورانىدا توي قىلماقچى. ۋاقىت قىسقا بولغاچقا سەل جىددىچىلىك بولۇپ قالدى. شۇڭا بۇرۇن خەۋەر بىرىشكە ئۈلگۈرەلمەي قالدىم. قۇربىتى يىتىدىغان يىراق يىقىندىكى تورداشلارنىڭ تويغا قاتنىشىپ بىرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ۋاقىتى يىتىدىغان تورداشلارنىڭ بۇرۇنراق كىلىپ تۇرۇپ بىرىشىنى قارشى ئالىمەن. يىراقتىن كىلىدىغان تورداشلار بولسا ياردەم لازىم بولسا، ئايرۇدۇرۇم، بىكەتتىن ئېلىۋالىدىغان، ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئىشلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشقايسىلەر. بىلمەي قالغان دوستلارغا يەتكۈزۈپ قويغايسىلەر.  ئالاقە نۇمۇرى: 13239809898

    پېقىر توي ئىشى ۋە باشقا ئىشلار سەۋەپلىك بىر مەزگىل بلوگنى يىڭىلىيالمايمەن ۋە خەتلەرگە جاۋاپ قايتۇرالمايمەن. تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن.

    You are cordially invited to celebrate my wedding on Saturday 11am,June the 6th at Awam Restaurant in Hotan. For assistance including airport pickup, hotel reservation etc., please call 13239809898.  

    历史上的今天:

    收藏到:Del.icio.us

    评论

  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم جېك ئەپەندى ! بولغۇسى تۇيۇڭىزغا موبارەك بولسۇن! بەخىت سىزلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن! ھەي .... ئىتاھان بىلەن دۇقرۇپ قالمىغان بولسا چۇقۇم بېرىپ قاتتىشاتتىم! ئەپسۇس..........
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپنى كۆرگەن ئۇلۇغ ئاتىلار،كۆپنى سۆيۈندۈرگەن مېھرىبان ئانىلار!
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاغ ئاتىلاپ،كۆڭۈل ئىزلەپ كەلگەن ئۇرۇق-تۇققان،خولۇم قوشنىلار!
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارچە توي ئەھلى،ھەممىڭىزلارنىڭ قەدىمىگە،كۆڭلىگە ئالىي ئېھتىرام!

    بۈگۈن مىلادىي 2009-يىلى سەپەرئېيىنىڭ 6- كۈنى.بىز، قۇتلۇق بىر شەنبە،قۇتلۇق بىر مەشرەپ،قۇتلۇق بىر تەنتەنە ئىچىدە تۇرماقتىمىز.بۈگۈنكىدەك مۇبارەك بىر كۈندە ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئىنىمىزتۇرسۇنجان(جىك ئاخۇن)ۋە سىڭلىمىز xxxxx گۇلنىڭ نىڭ نىكاھ رىسقى باغلانغان،مۇھەببىتى ۋىسال تاپقان خاسىيەتلىك بىر كۈن!

    دوستلار،بۇرۇتلىرىمىز خەت تارتىپ چوپ-چوڭ يىگىت بولغىنىمىزدا،قىزلار بويىغا يىتىپ ھەممىنى بىلگۈدەك بولغىنىدا يەنىلا بىزنى «بالام! بالام! جىنىم بالام!» دەپ باغرىغا باسىدىغان،بىر ئۆمۈر پەرزەنت يولىدا ھارغان قەدىمى يەنە بىز ئۈچۈن بىسىلىدىغان،يۈرۈكى بىر ئۆمۈر بىز ئۈچۈن سوقىدىغان ئاشۇ مۇقەددەس ئاتىلىرىمىز،جاپاكەش ئانىلىرىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ ھۆرمەتلىك،ئەڭ قەدىرلىك،ئەڭ مۇقەددەستۇر!شۇڭا مەنبۇ ئىككى ياشقا ۋاكالىتەن بۈگۈنكى خوشاللىق،تەنتەنە،توي مەشرىپىنىڭ ئەڭ ئالىي ئېھتىرامىنى ئاتا-ئانىلىرىمىزغا يوللايمەن،سىلەرگە رەھمەت!سىلەرگە ئىككى ئالەملىك رەھمەتلەر يار بولغاي!!

    يەنە بۇگۈنكى قۇتلۇق توي مەشرىپىگە ئۆزىنىڭ ئوتلۇق يۈرىكىنى ئىلىپ كەلگەن بارچە مېھمانلارغا يەنە بىر قىتىم تەشەككۈر ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن!

    دوستلار،توي-مۇھەببەتنىڭ داۋامى،گۈزەل باغچىسى،ئائىلە-مۇھەببەت تاۋلىنىدىغان،يېڭىچە ھايات ئاپىرىدە بولىدىغان مۇقەددەس زىمىن.ئۇنىڭ گۈللىنىشى،راۋاجى،گۈزەللىكى يەنىلا مۇھەببەتتە،ساداقەتتە.ئىنساندا مېھرى-مۇھەببەت ئاۋال ئائىلىدە يىلتىز تارتىدۇ،جەمىيەتتە بېخلىنىدۇ،ئائىلىدىكى مېھىر ئۆزئارا ماسلىشىپ بەرسە مۇھەببەت راۋۇرۇس كۆكلەيدۇ.ھايا مۆمىنلەرگە خاس سۈپەتدۇر،ئىنسانغا نىسبەتەن گويا تاماقنىڭ تۇزىغا ئوخشاش مۇھىمدۇر،شۇ ڭا بىز بۇ ئىككى ياشنىڭ ئىمانلىق،شەرمىي-ھايالىق،لاياقەتلىك ئەر-ئايال بولۇپ،ئۆز ئائىلىسىنى مۇھەببەتنىڭ خۇشپۇراقلىرىغا تولدۇرىشىغا تىلەكداشمىز!

    ھۆرمەتلىك ئىنىم،ئۇماق سىڭلىم..ھەرقانداق شەخس ئائىلىنىڭ،جەمىيەتنىڭ،شۇنداقلا بىر مىللەتنىڭ ئاددىي ۋەكىلى ھەم ئەزاسىدۇر.ئۆزىنى ئۇنتۇغان كىشى ئائىلىنى،مىللەتنى،ۋەتەننى ئۇنتۇيدۇ.مىللەت، ئاتا-ئانا،قوۋمى قېرىنداش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنتۇش بىر ئالىيجاناپلىق،ئەگەر ئۆز نەپسى ئۈچۈن ھەممىنى ئۇنتۇش نومۇستۇر! شۇڭا سىلەرنىڭ ياشلىقىڭلاردا ئاتا-ئانىغا،بىر-بىرىڭلارغا،دوسىت-قېرىنداشلارغا كۆيۈنۈپ،تېرىشىپ ئىلىم ئىلىپ،ئەدەب- ئەخلاقلىق،ۋىجدانلىق بىلەن ياشاپ ئەلگە ياراملىق ياشلاردىن بولۇشىڭلارغا،كەلگۈسى ئەۋلادلارغا دۇرۇس باسقۇدەك ئىزلارنى قالدۇرىشىڭلارغا تىلەكداشمىز!

  • بىشىڭلار باش ئايىغىڭلار تاش بولسۇن!
  • مۇبارەك بولسۇن، بېشىڭلار باش ، ئايىغىڭلار تاش بۇلۇپ كەتسۇن! سىلەرگەبەخت تىلەيمەن.
    تويغا تەكلىپ قىلىپسىز، رەخمەت! پۇرسەت بولسا بېرىپ كۈرۈشۈپ، مۇبارەكلىسەك !!!! توي كۈنى مۇبارەكلەپ يانغۇن قىسقا ئۇچۇرى ئەۋەتەي!!
  • مۇبارەك بولسۇن،ئاللا بەختىڭلارنى بەرسۇن.
  • مۇبارەك بولسۇن ، قۇتلۇق كۈنگە !
  • مۇبارەك بولسۇن. خۇدا نسىپ قىلسا بارامىز!
  • ۋاي،قۇتلۇق بولسۇن !مەڭگۇ بەخىتلىك بۇلۇڭ
  • مۇبارەك بولسۇن، تۇرمۇشىڭىزغا خاتىرجەملىك، ئىناقلىق بەخت يار بولسۇن، بېشىڭلار باش، ئايىغىڭلار تاش بولسۇن!
  • ئالدى بىلەن تويىڭىزنى مۇبارەكلەيمەن.شۇنداقلا تويۇڭلارنى خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈشىنى،ھەمدە بىر ئۆمۈر ئىناق ،خاتىرجەم ئۆتۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزدىن رەنجىپ قالغانلىقىمنى ئېيتىپ قويماقچى.مۇشۇنداق مۇھىم خەۋەرنىمۇ كېچىكىپ يوللىغان بارمۇ؟بالدۇرراق چىقارغان بولسىڭىز بولماسمىدى؟بىر ئايلىق ئىشلارنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇۋېتىپتىمەن ئەمەسمۇ؟ ھېچبولمىغاندا ئاي ئاخىرىدا چىقارغان بولسىڭىزمۇ؟ ھەي...!!!!!!!!!!!!!!!
  • ۋاي ۋاي ۋاي ~~~ ئەسلى تويتى دەڭە مۇنداق ~~ ھەي ئىسىت ~~ئوقۇشتا بولماي ئۆيدە بولغان بولسام <غىڭ> ڭىدىلا باراكەنمەن خوتەنگە ، ھىچ بولمىسا مەيداندىن چۈشمەي سورۇننى بىر كىشلىك قىزىتىپ قوياتتىم ~~ ھى ھى ~ مۇبارەك بولسۇن،يۈز تۇرانە دىيەلمىگەن بولساقمۇ ~~
  • ۋاي مۇبارەك بولسۇن! بەخىتلىك بولۇڭ!
评论分页:共2页 第一页 上一页 1 2