-
2008- يىلدىكى ئامرىكا پرېزىدىنتلىق سايلام مۇنازىرىسى (1) The translated transcript of the 1st presidential debate - [America ئامرىكا]
2008-10-10
ئامرىكا پرېزىدىنتلىق سايلام مۇنازىرىسىFirst Presidential Debate|Barack Obama-John McCainجېك ئىلاۋىسى: ئامرىكا پرېزىدىنتلىق سايلىمى 10 -ئايغا كىرىشى بىلەن ئەڭ جىددى ھالەتكە ئۆتتى. سايلام 11-ئاينىڭ 4-كۈنى پۈتۈن ئامرىكا مىقياسىدا بىلەت تاشلاش ئارقىلىق ئۆتكۈزىلىدۇ. سايلامغا بىر ئاي قالغان ۋاقىت كاندىداتلار ئۈچۈن شۇنداقلا سايلىغۇچىلار ئۆچۈنمۇ ئەڭ مۇھىم ۋاقىت. بۇ يىل ئىككى نامزات باراك ئوباما بىلەن جون مەككېيىننى خەلقنىڭ تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا جەمئى 3 مەيدان، ئاندىن يەنە مۇئاۋىن پرېزىدىنتلىق نامزاتلىرى سارا پېلىن بىلەن جوۋ بايدىن ئۈچۈن بىر مەيدان تېلىۋىزىيە مۇنازىرىسى ئۈتكۈزۈلمەكچى. ھازىرغىچە جەمئي 3 مەيدان مۇنازىرە ئاخىرلىشىپ بولدى. ئەڭ ئاخىرقى مۇنازىرە كىلەر ھەپتە ئۈتكۈزىلىدۇ. مەن ھازىرغىچە 3 قېتىملىق مۇنازىرىنىڭ ھەممىسىنى تېلىۋىزوردىن كۆردۈم. ناھايتى دوستانە، لېكىن ناھايتى بىر بىرىنىڭ يول قويماقچى بولغان سىياسەتلىرىگە نىسبەتەن ھۈجۇم قىلىنغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ مۇنازىرىدىن بەك جىق نەرسىنى ئۈگەنگىلى ۋە ھىس قىلغىلى بۇلىدۇ. قېرىندىشىمىز تاھىر ئىمىننىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بىرىنچى قېتىملىق سايلام مۇنازىرىسى تەرجىمە قىلىنىپ يوللاندى. بىكار قالغاندا تولۇق ئوقۇپ چىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.‹‹ئامېرىكىنى چۇشىنىش››يۇرۇشلۇك تەرجىمە ئەسەرلەردىن ‹‹3››
Oxford, MS, September 26, 2008
ئوباما ۋە ماككايىنلارنىڭ پىرىزىدىنتلىق تۇنجى مۇنازىرسى
مىسسپى،26-سىنتەبىر 2008-يىلى
تەرجىمە قىلغۇچى :تاھىر ئىمىن 1-2-ئۆكتەبىر،ئۇرۇمچى
تەرجىمە قىلغۇچىدىن:‹‹ تىلىۋىزييە مۇنازىرسى ›› ئامرىكا پىرىزدىنتلىق سايلىمنىڭ مۇھىم تەركىۋى قسمى.ئوباما بىلەن ماككايننىڭ نامزاتلىق نۇتۇقىغا ئوخشاش مەزكۇر مۇنازىرىمۇ ئامرىكا سىياسى تۇزۇلمىسنى قسمەن دەرىجىدە كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىدۇ.
مەزكۇر مۇنازىرە 26-سىنتەبىر ئىلىپ بىرىلغان بولۇپ،ئامرىكا ئىقتىسادى ۋەزىيتىدە چوڭ داۋالغۇش بولغان مەزگىلدە ئىلىپ بىرىلغانلىقى ئۇچۇن ئىقتىسات ئاساسى ،دۆلەت مۇداپىئەسى يانداش بولغان .ئوبامانىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغانلىقى سەۋەبلىك مۇنازىرىدىن كىينكى خەلق رايىنى سىناشتا ئۇستۇنلۇكنى ئىگىلىگەن..سايلام تىكىستى كىچىكىپ ئىلان قىلىنغانلىقى ئۇچۇن،دۇنيادا ئنگىلىز تىلىدىن باشقا تىللاردا تەرجىمىسى تىپلمايدىغان بۇ مۇنازىرىنىڭ (ئەمما ھازىر ئۇيغۇر تىلى بۇنىڭدىن مۇستەسنا )ئەسلى تىكستىدىن بىز قىزىزىقىدىغان قىسملىرىنى تاللاپ تەرجىمە قىلدىم.
(ئەگەر ئەمگىكىمىزدىن سۆيۇنسىڭىز ،خەلقىمىزنىڭ ئۆز-ئاراچۇشىنىشى ۋە بىرلىكى ئۇچۇن دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇماڭ )
ماسلاشتۇرغۇچى:جىم لەھرىر
لەھرىر:كەچلىكىڭلار خەيرلىك بولسۇن،ئوكسفور شەھرى ۋاشىڭتون ئۇنۋېرسىتىتى ئورۇنداش سەنئىتى فورد مەركىزىدىن تارقىتىۋاتىمىز.مەن پ ب ئەس تىلىۋىزىيەسى خەۋەرلەر ۋاقتى بۆلۇمىدىن جىم لەھرىر بولىمەن.سىلەرنىڭ ئارىزونا شىتاتى پارلامنىت ئەزاسى جون ماككايىن بىلەن ئىللىنويىس شىتاتى پارلامىنت ئەزاسى باراك ئوباما ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلىدىغان 2008-يىللىق سايلام رىقابىتىنىڭ تۇنجى مۇنازىرسگە دىققەت قىلىشڭلارنى قارشى ئالىمەن.
بۇ پائالىيەتنى پىرىزدىنتلىق مۇنازىرە كومىتىتى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ،باشقا3 مەيدان پىرىزدىنتلىق ۋە مۇئاۋىن پىرىزدىنتلىق مۇنازىرىسى ئۆكتەبىردە ئىلىپ بىرىلىدۇ. بۇگۇن كەچلىك مۇنازىرە دىپلوماتىيە سىياستى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى مەركەز قىلىپ ئىلىپ بىرىلىدۇ.بۇلار ئۆز دائىرسىدە يەنە يەرشارى مالىيە كىرزىسىنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.مۇنازىردە كەسكىن ھالدا 9مىنۇتلۇق ئۆلچەم بويىچە ئايرىلىدۇ. تەڭگە تاشلاش ئارقىلىق قارارقىلىنىدىغان تەرتىپ بويىچە ھەر بىر نامزاتنىڭ نۆۋەتتىكى سۇئالنى جاۋاب بىرىشقا ئىككى مىنۇت ۋاقتى بولىدۇ.ماسلاشتۇرغۇچى بىلەن نامزاتلار ئوتتۇرسدىكى دىئالوگلار نامزاتلار جاۋاب بىرىپ بولغاندىن كىين ئىلىپ بىرىلىدۇ.
جاۋاب بىرىلىدىغان مۇھىم تىما ۋە سۇئاللارنى مەن تاللاپ چىقىمەن.بۇ باشقىلار كۆرۇپ باقمىغان ياكى باشقىلارغا ئشكارىلانمىغان سۇئاللاردۇر. زال ئىچىدىكى كۆرۈرمەنلەر سۇكۇت قىلىشقا ،شاۋقۇن-سۇرەن سالماسلىققا،چاۋاك چالماسلىققا ،ھەرقانداق تۇردىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ چىقارماسلىققا ۋەدە بەرگەن بولۇپ،پەقەت ھازىر بۇنىڭدىن مۇستەسنا،پارلامنت ئەزالىرى ئوباما بىلەن ماككايننى قارشى ئالايلى.
مەن سۆزۇمنى گىنرال ئىزىنخائوئىر 1952-يىلى پىرىزدىنتلىق سايلىمىدا ئىيتقان ‹‹بىز ھەم بىخەتەرلىككە ھەم كۇچ-قۇدرەتكە ئىگە بولۇشىمىز كىرەك،ئەمەلىيەتتە،ھەربى جەھەتتە كۇچلۇك بولۇشنىڭ ئاساسى-ئىقتىسادى جەھەتتە كۇچلۇك بولۇشتۇر ››دىگەن سۆز بىلەن باشلايمەن.بىرىنچى سۇئال مۇشۇ سۆز بىلەن مۇناسۋەتلىك.
ئەپەندىلەر،مانا ھازىرقىدەك ئنتايىن جىددى بىر پەيتتە سىلەرنىڭ مالىيەنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشتە مەيدانىڭلار قانداق؟
تۇنجى ئنكاسنى سىز بەرسىڭىز،پارلامىنىت ئەزاسى –ئوباما،ئىككى مىنۇت ۋاقتىڭىز بار.
ئوباما:خوش،سىزگە كۆپ رەھمەت جىم.كومىتىتقا ،بىزگە ساھبخان بولغان ۋاشىڭتون ئۇنىۋىرستتىغا رەھمەت.مىنىڭچە بىزگە دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۇسى ھەققىدە سۆزلىششتىنمۇ بىر مۇھىم ئش بولمىسا كىرەك. سىلەرگە مەلۇم،بىز ھازىر تارىخىمىزدىكى ئنتايىن ھالقىلىق بىر دەۋىردە تۇرىۋاتىمىز.دۆلىتىمىز ئىككى مەيدان ئۇرۇش سىپىدە تۇرۇپتۇ.‹‹كاتتا ئىقتىسادى كىرزس››تىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق بىر مالىيە كىرزسىغا دۇچ كىلىپ تۇرۇپتۇق. گەرچە بىز ‹‹ۋول سىترىت كوچىسى››(بايلارغا قارىتىلغان)ھەققىدە نۇرغۇن ئشلارنى ئاڭلىساقمۇ،مىنىڭچە ‹‹مايىن سترىت كوچىسى››(ئاۋام پۇقراغا قارىتىلغان-ت)دىكى سىلەر خىلى ئۇزۇندىن بىرى قاتتىق تىرىشپ كەلدىڭلار.سىلەر بۇنىڭ ئىقتىسادنىڭ ھەممە تارماقلىرىغا قەدەر تەسىر كۆرستىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىڭلار. سىلەر ئەندىشە قىلىۋاتىسلەر:بۇ كىرزسنىڭ ماڭا قانداق تەسىرى بولار؟منىڭ خىزمىتىمگە قانداق تەسىرى بولار؟مىنڭ ئۆيۇمگە قانداق تەسىرى بولار؟مىنڭ ياشانغاندا بىقىنىشمغا ياكى بالىلارنى ئوقۇتۇشۇمغا قانداق تەسىرى بولار دەپ ئەندىشە قىلىۋاتسىلەر. شۇڭا بىز تىزراق ھەرىكەتكە كىلىشىمىز كىرەك،بىز ئاقىلانە تەدبىرلەرنى قوللىنىشمىز كىرەك.مەن بۇنىڭ ئۇچۇن بىر يۇرۇش چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.بۇ چارىلەر بىز مەزكۇر مۇھىم قۇتقۇزۇش پىلانىنى يولغا قويغاندا باج تۆلىگۇچى پۇقرالارنىڭ مەنپەئىتىنى جەزمەن قوغدىيالايدۇ.
بىرىنچى:بىز شۇنى جەزىملەشتۇرىشىمىز كىرەككى،بىز مەزكۇر پۇتۇن جەرياننى ھەددىدىن ئارتۇق مۆلچەرلەپ قويدۇق.700مىليارت ئامرىكا دوللىرى،بۇ ئىھتمالەم،ناھايتى كۆپ پۇل.
ئىككىنچى:بىز شۇنى جەزىملەشتۇرۇشىمىز كىرەككى،باج تۆلىگۇچى پۇقرالار پۇللىرنى خەتەر ئىچىگە قويغان بولسا،ئۇلار نىڭ يەنە ئەگەر بازار ئەسلىگە كەلسە،بازار ئەسلىگە كەلگەندە پۇللىرىنى ئۆسۇمى بىلەن قايتۇرۋىلىش ئھتىماللىقى بار.
ئۇچىنچى:بىز شۇنى جەزىملەشتۇرۇشىمىز كىرەككى،بۇ پۇللاردىن بىر پۇڭمۇ شىركەت باش لىدىرلىرنىڭ بانكا ھىساباتىغا قوشۇلۇپ كەتمەسلىكى،ياكى ئالتۇن پاراشۇت ياساشقا ئشلىتىلمەسلىكى كىرەك.
تۆتىنچى:بىز شۇنى جەزىملەشتۇرىشمىز كىرەككى،بىز ئۆي ئىگىلىرىگە ياردەم قىلىۋاتىمىز،چۇنكى بۇ يەردىكى يىلتىزلىق مەسلە،پۇتۇن مەملىكەت بويلاپ قانات يىيۋاتقان ئۆي ئىگىلىرىدىن قەرزگە ھىسابلاپ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى قايتۇرۋىلىش مەسلىسىدۇر.
بىز ھازىر يەنە شۇنى تونۇپ يىتىشمىز كىرەككى،بۇ –سەككىز يىلدىن بىرى جورجى بۇش ئوتتۇرىغا قويغان،جون ماككايىن قوللىغان مەغلۇبىيەتلىك ئىقتىسادى سىياسەتلەر ھەققىدە چىقارغان ئاخىرقى قاراردۇر. بۇلار(بۇ مەغلۇبىيەتلىك ئىقتىسادى سىياسەتلەر )ئاساسى جەھەتتىن بىز قانۇن-تۇزۇملەرنى ،ئسىتىمالچىلارنىڭ ھوقۇقنى قوغداش بەلگىلىمىرىنى كىسپ-چاپلاپ ئۆتۇپ كىتەلەيمىز،بايلارغا تىخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىرىمىز،شۇنىڭ بىلەن پاراۋان جەمئىيەت رىئاللىققا ئايلىنىدۇ دىگەننى سۆزلەپ كەلدى. مانا كارغا كەلمىدى. مىنىڭچە، ئىقتىساتنىڭ ئاساسى ئوتتۇرا تەبىقە مۇۋاپىق كاپالەتكە ئىگە بولغان-بولمىغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىشى كىرەك.مەن دەل مۇشۇ مەقسەت ئۇچۇن پىرىزدىنتلىق رىقابىتىگە قاتنىشۋاتىمەن.شۇنداقلا بۇگۇنكى بىزنىڭ دەل مۇشۇ تىمىدا سۆزلشىۋاتقان بولۇشىمىزنى ئۇمىت قىلىمەن.
لەھرىر:پارلامىنت ئەزاسى ماككايىن،ئىككى مىنۇت.
ماككايىن:خوش،رەھمەت سىزگە جىم،ھەممىڭلارغا رەھمەت. مىنىڭ سىلەرگە يەتكۇزىدىغان بىر قايغۇلۇق ئەسكەرتىشم بار. پارلامىنت ئەزاسى كننەدى ھازىر دوختۇرخانىدا.ئۇ ھەممىمىز ئۇچۇن قەدىرلىك ،سۆيۇملۇك كىشدۇر.بىزنىڭ ئويلىرىمىز ۋە ئىلتىجالىرىمىز پارلامىنتڭ بۇ شىرمىتىگە يىتىپ بارغاي! مەن يەنە ۋاشىڭتون ئۇنىۋرستىنىڭ بۇگۇن كەچ بىزگە ساھىبخانلىق قىلغانلىقى ئۇچۇن تەشەككۇر ئىيتىمەن.
ھە،جىم، يىقىندا يۇز بەرگەن ئشلاردىن ھەقىقەتەن كۆڭلۇم يىرىم.شۇنچە كۆپ ئامرىكا پۇقراسى كىرزىستقا دۇچ كىلىۋاتىدۇ.بىراق بۇگۇن كەچ كەيپىم سەل ياخشراق،سەۋەبىنى سۆزلەپ بىرەي. چۇنكى ، بۇگۇن كەچ بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ مۇنازىرىلىشپ ئولتۇرۇپتىمىز، جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دىموكراتلار ئۇزۇن يىللاردىن بىرى تۇنجى قىتىم دۆلەت مالىيسى دۇچ كەلگەن كىرزسنى ھەل قىلىشقا چارە ئىزلەش ئۇچۇن باش قوشۇپ تۇرۇپتىمىز. بۇ كىرزىسنىڭ مۇرەككەپلىكى ھەققىدە ھىچقانداق شەك يوق.شۇنداقلا بىز ۋول سىترىت كوچىسىدىكى ئاپپاراتلارنىڭ مەغلۇبىيتى ھەققىدىمۇ سۆزلەشمەيۋاتىمىز.بىز مايىن سىترىت كوچىسدىكى مەغلۇبىيەت ھەققىدە سۆزلىشۋاتىمىز.خىزمىتىنى ، ئامانەت قەرزلىرىنى،ئۆيلىرىنى يوقتىش ئالدىدا تۇرغان كىشلەر ھەققىدە سۆزلىشۋاتىمىز. مۇشۇ دەۋىردە ،ئىنىقكى مۇشۇ دەۋىردە ھەل قىلمىساق بولمايدىغان ،مەنمۇ بىر مەزگىل ئەتراپىدا چۆگىلەپ قالغان ئەڭ چوڭ دۆلەت مالىيسى ئىقتىسادى كىرزىسنى ھەل قىلىش ھەققىدە سۆزلىشۋاتىمىز.بىراق دىمەكچى بولغىنىم؛بىز ئاخىرى جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دىموكراتلارنىڭ بىللە ئولتۇرۇپ سۆھبەتلەشكەنلىكىنى،شۇنداقلا بىر پايدىلىق يەكۇنگە كىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بۇ يەكۇن ئنتايىن روشەن بولۇپ،ئۇ ھەم ئشەنچىلىك ھەم ئارتۇق مۆلچەرلەنگەن بولۇشى كىرەك.ئۇنىڭ ھۆكۇمەت بىر تەرەپ قىلىشتىن كۆرە مەغلۇب بولغان سودىگەرلەرگە قەرز بىرىشنى تاللاش ھوقۇقى بولۇشى كىرەك.
شۇنداقلا بۇ يەكۇن باشقا بىر تۇركۇم ماھىيەتلىك ئىلمىنىتلانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى كىرەك.
شۇنداق،مەن ۋاشنگىتونغا قايتىپ ،ئاۋام پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلىرىم بىلەن كۆرۇشتۇم.ئۇلار سۆھبەتنىڭ قاتناشقۇچىلىرى ئەمەس،مەن بۇنى بىلىمەن.پالاتا جۇمھۇرىيە تچىلىرى ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى بىر قاتناشقۇچى بولۇش سالاھىيتنى بەلگىلەيتتى. بىراق مىنڭ بارلىق ئامرىكىقلارغا بىر مەسىلىنى تەكىتلىگۇم بار،بۇ –مەزكۇر كىرزىسنىڭ ئاياقلاشقانلىقىنىڭ باشلىنىشى ئەمەس.بۇ-كىرزسنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ ئاياقلىششدۇر،ئەگەر بىز مۇشۇ ئاپپاراتلارنىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالىساق. بىز نۇرغۇن ئشلارنى قىلىشىمىز كىرەك،بىز خىزمەت ئورنى يارتىشىمىز كىرەك.بۇنىڭ ئۇچۇن مۇھىم بىر ساھە،ئەلۋەتتە چەتئەلنىڭ نىفىتىغا بولغان تايىنشنى تۇگىتىشتۇر.
لەھرىر:ناھايتى ياخشى،بىز منڭ سۇئالىمغا قايتىپ كىلەيلى،سىلەر ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش پىلانىغا قانداق قارايسلەر؟
بۇ ھەقتە ئۆز-ئارا سۆزلەشسەڭلار بولىدۇ،بىزنىڭ بەش مىنۇت ۋاقتىمىز بار،بىز دەل مۇشۇ يەردە بىر سۆھبەت قۇرايلى.بىراق دىمەكچى بولغىنىم،سىز پارلامىنىت ئەزاسى ئوباما ،بۇ پىلاننى قوللامسىز؟ پارلامىنىت ئەزاسى ماككايىن سىز بۇ پىلاننى قوللامسىز ياقمۇ؟
ئوباما:بىز تىخى بۇ پىلاننىڭ تولۇق ئىيتىلمىسنى كۆرمىدۇق.مىنىڭچە ئۇ چوقۇم قۇرۇلۇش خاراكتىرلىك خىزمەت بولۇشنى مۇمكىن.شۇڭا مەن بارلىق كۆرۈرمەنلەر ئۇچۇن ،بىزنىڭ بىرلىكتە بىر پىلاننى ئوتتۇرىغا چىقىرالايدىغانلىقىمىزدىن ئۇمۇتۋارمەن. مىنڭچە بىز ئۆزىمىزدىن سورشىمىز لازىم بولغان سۇئال ھەممىدىن ئاۋۋال :‹‹بىز قانداق قىلىپ بۇ كۇنگە قالدۇق››دىگەن سۇئالدۇر.ئىككى يىل ئىلگىرى مەن بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرغان . يۇقىرى-تۆۋەن قالايمىقان قەرز بىرىش ، بوش قائىدە-تۇزۇملەر سەۋەبىدىن بىز يوشۇرۇن يۇزلىنىۋاتقان مەسللەردىن ئاگاھلاندۇرغان .شۇ چاغدا مانا ھازىر يەر ئىلىۋاتقان رەنىلەرنى تۇتۇپ قىلىشنى قالايمىقان ئشلىتىشتىن توسۇشقا ئۇرۇنغان ئىدىم. ئۆتكەن يىلى مەن مالىيە مىنىستىرىغا خەت يىزىپ ،مەزكۇر ئىقتىسادى مەسلىنىڭ ناھايتى ئىغىرلىقىنى قەتئى تونۇپ يىتىشكە ۋە بارلىق پايچەك ئىگىلىرىنى بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئۇچۇن ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان ئىدىم. بۇ مەسلىگە كەلسەك،مىنىڭچە بىز ئۆزىمىزدىن سوراپ بىقىشىمىز كىرەك،شۇنداق،بىز بۇ مەسلىنى ناھايتى قىسقا مۇددەتتە ھەل قىلىشمىز كىرەك.بىز بۇنىڭغا ئارلىششمىز كىرەك.بۇنىڭدا شەك يوق. بىراق بىز يەنە ،بىز شۇنچە نۇرغۇن تۇزۇملەرنى قايرىپ ئۆتۇپ كەتسەك،ئشلارنىڭ نىمە بولۇپ كىتدىغانلىقىغا قاراپ بىقىشىمىز كىرەك. بىز بۇ مەسىللەرنى ھەل قىلىش ئۇچۇن 21-ئەسىردىكى تۇزۇم رامكىسى تۇزۇپ چىقمىدۇق.ئۇ دەل‹‹تۇزۇم ھەمىشە كىرەككە كەلمەيدۇ››دەيدىغان ئىقتىساد پەلسەپىسنى ‹‹ئوڭشايدىغان ››تۇزۇلمە بولۇشى كىرەك.
لەھرىر:سىز بۇ پىلانغا ئاۋاز قوشامسىز،پارلامنىت ئەزاسى ماككايىن؟
ماككايىن:مەن،مەن شۇنداق بولۇشنى ئۇمىت قىلىمەن.مەن يەنە..
لەھرىر:ئامرىكا قوشما شىتاتلىرى پارلامنىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۇپىتىڭىز بىلەن...
ماككايىن:ئەلۋەتتە.
لەھرىر:سىز بۇ پىلانغا ئاۋاز قوشىسز ؟
ماككايىن:شۇنداق،بىراق،مەن،مەن نۇقتىلىق كۆرستىپ ئۆتەي،مەنمۇ فاننى مائى ۋە فىرىېدى ماك شىركەتلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.شىركەتلەرنىڭ ئاچكۆزلۇكى ۋە ئاشۇرۋەتكەنلىكى،باش لىدىرلارنىڭ مۇئاشى ۋە باشقىلار ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.ھەممىز كۆردۇق،مانا بۇ ئەبجەق پويىز سۆرىلىپ كەلدى.بىراق بۇ يەردە يەنە مەسئۇلىيەت مەسلىسى بار،سىز باياتىن پىرىزدىنت دۋىت داۋىت ئىزىنخائوئىر نى تىلغا ئىلىپ ئۆتتىڭىز،پىرىزدىنت ئىزىخائوئىر نورماندىيەنى ئشغال قىلىشتن بىر كىچە بۇرۇن ئۆيىگە كىرىپ ئىككى پارچە خەت يازغان.بۇ خەتنىڭ بىر پارچىسى –ئتتىپاقداش ئارمىيە قوشۇنى بۇيۇك ئەزالىرىنىڭ تارىختىن بىرىقى ھەتتا ھازىرغىچە ئەڭ كاتتا ھىسابلانغان ئشغالىيەتنى روياپقا چىقارغانلىقنى تەبرىكلەش خىتى ئىدى.ئۇ يەنە بىر پارچە خەت يازغان ،بۇ نورماندىيەدە قۇرۇقلۇققا چىقىش ھەرىكىتنڭ مەغلۇبىيتى ئۇچۇن ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى گىنراللىق ۋەزىپىسىدىن ئستىپا سوراش خىتى ئىدى. بىز نىمىشقىدۇ، ئشەنچىتن مەھرۇم قالدۇق.مەن ناھايتى كەسكىن تەنقىت قىلىنىپ كەلدىم.چۇنكى مەن ئاكسىيە بازىرى ۋە ئالماشتۇرۇش كومىتىتنىڭ رەئىسنىڭ ئسىتىپا بىرىشنى تەلەپ قىلدىم.بىز كىشلەرنى ئشەنچلىك بولۇشقا دەۋەت قىلىشىمىز ،ئۇتۇق قازانغانلارنى تەقدىرلىشمىز كىرەك. بىراق ،نىمىشقىدۇ بۇگۇن ۋاشنگىتوندا –مىنىڭچە ۋول سىترىتتا- ئاچكۆزلۇك تەقدىرلىنىدۇ.ئاشۇرۋىتىش تەقدىرلىنىدۇ.چىرىكلىك-ياكى ئىنىقراقى بىزنىڭ مەسئۇلىيتىمىزنىڭ ئادا قىلالماسلىقىمىز تەقدىرلىنىدۇ.ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ پىرىزدىنتى بولسام،كىشلەرنى مىنڭ ھۆكۇمتىمگە ئشنش بىلەن ئتتىپاقلىششقا چاقىرىمەن.مەن سىلەرگە بۇنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى بىلەن ۋەدە بىرىمەن.
لەھرىر:پا ئە ئوباما سىزنىڭ پا ئە ماككايىن نىڭ باياتىن ئىتقانلىرى ھەققىدە پا ئە ماككايىنغا بىۋاستە دەيدىغان سۆزلىرىڭىز بارمۇ؟
ئوباما:مىنڭچە،پا ئە ماككايىننىڭ بىزنىڭ تىخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئىلىشىمىز كىرەكلىكى ھەققىدە ئىيتقانلىرى مۇتلەق توغرا.بىراق بىز مەسئۇلىيەتنى پەقەت كىرزىس بولغاندىلا ئۇستىگە ئىلىشىمىز كىرەك ئەمەس.دىمەكچىمەنكى،بىز يىللاردىن بىرى دەۋىر سۇرۇپ كەلگەن ئىقتىسادى ئىدىئولوگىيەنىڭ مايىن سىترىت ئۇچۇن ئەمەس،پەقەت ۋول سىترىت كوچىسىغا پايدىلىق بولۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرۇپ كەلدۇق. بۇ كىرزىسلەر ئوتتۇرىغا چىقىشتىن بۇرۇنمۇ ئىقتىسادى كىرزىسقا پاتقان ئامما بار ئىدى.شۇڭا بىز بۇ قىسقا مۇددەتلىك مەسلىنى ھەل قىلغاندا ،ئادەتتىكى ئامرىكىلىقلارنىڭ مۇئاشى ۋە كىرىمىنڭ چىكىنىشگە سەۋەب بولغان كۆز ئالدىمىزدىكى مەسللەرگە قارشىمىز ناھايتى مۇھىم.مەسىلەن:پالەچ ھالغا چۇشۇپ قالغان سالامەتلىك پاراۋانلىقى،كارغا كەلمەيۋاتقان ئىنىرگىيە سىياستى قاتارلىقلار.چۇنكى سىزگە مەلۇم،ئون كۇن ئىلگىرىلا جون بىزگە ئىقتىسادنىڭ ئاساسى ناھايتى پۇختا دىدى.
لەھرىر:بۇنى ئۇنىڭ ئۆزىگە بىۋاستە دەڭ !
ئوباما: مەن ئاساسنى پۇختا دەپ ئويلىمايمەن.
لەھرىر:ئۇنىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرۇپ دەڭ !
ئوباما:خوش،جون ئون كۇن ئىلگىرى سىز ئىقتىسادىمىزنىڭ ئاساسى ناھايتى پۇختا دىگەنىدىڭىز.
ماككايىن:مىنى ئوبامانىڭ سۆزنى ئاڭلىيالمايدۇ دەپ ئەنسرەپسىز دە؟
لەھرىر:مەن پەقەت ئىككىڭلارنى ئۆز-ئارا بىۋاستە سۆزلششكە دەۋەت قىلىمەن.قىنى ئۇرۇنۇپ باقاي!
ئوباما:مەن بۇلارغا تۇپ جەھەتتىن قوشۇلالمايمەن.تاكى بىز ئۆزىمىزنى كىچەمۇ-كۇندۇز پەقەت قولىدا ھوقۇق تەسىرى كۇچى بار،ئاۋاز بەرگۇچىلەرنى ياللىيالايدىغان كىشلەر ئۇچۇن ئشەنچىلىك قىلغۇچە ئەمەس،بەلكى سىستىرا،ئوقۇتقۇچى،ساقچى،ۋە باشقا –ئوچۇقىنى ئىيتقاندا، ئاي ئاخىرىدا قولىدا بار پۇلى يەتمەي قالىدىغانلارغا ئشەنچىلىك بولمىغۇچە قوشۇلالمايمەن.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۆۋەن ئۆسۇملۇك قەرزىنى تۆلەش ئۇچۇن يەنە ئارتۇق قەرز ئىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ.بىز بۇلارغا دىققەت قىلماي كەلدۇق.ئەگەر سىز بىزنىڭ باج سىياسىتىمىزغا قارىسىڭىز،بۇ بىر كىلاسسك مىسال بولۇپقالىدۇ.
لەھرىر:ئۇنداقتا،پا ئە ماككايىن،سىز پا ئە ئوبامانىڭ باياتىن ئىيتقانلىرىغا قوشۇلامسىز؟ئەگەر قوشۇلمىسڭىز ،نىمىگە قوشۇلمىغانلىقىڭىزنى ئۇنىڭغا ئىيتىپ بىرىڭ!
ماككايىن:ياق،مەن-،قاراڭ،بىز بۇ پۇتۇن سىستىمىنى تەڭششىمىز كىرەك.بىزنىڭ سىستىمىز دا تۇپ جەھەتتىن مەسللەر ساقلانغان.شۇڭا مايىن سىترىت كوچىسى ۋاشىنگىتون ئالاھىدە رايونى ۋە ۋول سىترىت كوچىسىدىكى ھەددىدىن ئاشۇرۋىتىش ۋە ئاچكۆزلۇككە جازا يۇرگۇزىۋاتىدۇ.
شۇڭا بىزنىڭ يەنە ماڭىدىغان يولىمىزنىڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىدە گەپ يوق.روشەنكى،ئۆز خىزمىتىنى قىلالمىغان تۇرلۇك قائىدە-تۇزۇم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ جاھىللىقى ۋە كەسكىن شەرھىيلىشى بۇ كىرزىسقا سەۋەب بولغان.بىراق مەن ئامرىكا ئشچىلار سىنىپنىڭ ئىلغارلىقى ۋە كۇچ-قۇدرىتىگە تۇپ جەھەتتىن ئشنىمەن.ئامرىكا ئشچىلار سىنىپى ئەڭ مول ھوسۇللۇك،ئەڭ ئىجاتچاندۇر .ئامرىكا يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا ئشلەپچىقارغۇچى ،ئىكىسپورت ۋە ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەتتۇر.بىراق بىز بۇ مەزگىلدىن ئۆتۇپ كىتىشىمىز كىرەك،ئەمما مەن ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىغا تۇپ جەھەتتىن ئشنىمەن.مەن يەنىلا ئشنىمەنكى،بىزنىڭ توغرا رەھبەرلىكىمىز ئاستىدا بىزنىڭ ياخشى كۇنلىرىمىز تىخى ئالدىمىزدا كەلگۇسى.لەھرىر:ئۇنداقتا بىز كىلەركى سۇئالىمىزغا ئۆتەيلى،بۇ سۇئال ئاساسى جەھەتتن يۇقىرىدىكى تىما بىلەن ياندىشپ كىلىدۇ.پا ئە ماككايىن،سىزنىڭ ئىككى مىنۇت ۋاقتىڭىز بار،سىزنىڭ ‹‹تۇپ جەھەتتىن ››دىگەن سۆزىڭىزنى ئشلىتىپ تۇرايلى،ئەگەر سىز پىرىزدىنىت بولۇپ قالسىڭىز ،دۆلەتنى مالىيە كىرزسدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشتا پا ئە ئوباما نىڭ ئۇسۇلى بىلەن سىزنىڭ ئۇسۇلىڭىز ئوتتۇرسىدا ‹‹تۇپ جەھەتتىن›› قانداق پەرقلەر بار؟
ماككايىن:خوش ،ھەممىدىن بۇرۇن بىز ۋاشىنگىتوندىكى بارلىق چىقىمنى كونتىرول قىلىشىمىز كىرەك.ئۇ ھازىر پۇتۇنلەي كونتىروللۇقىنى يوقاتقان.زادى شۇنداق.بىز ھازىرقى پىرىزدىنتىمىزنىڭ ‹‹بۇيۇك جەمىئەت››دىن بىرىقى كۆلىمى ناھايتى چوڭ بولغان ھۆكۇمەت تەشكىلى بولۇپ كەلدى. بىز جۇمھۇرىيەتچىلەر ھۆكۇمەتنى ئۆزگەرتىش ئۇچۇن ھوقۇق تۇتقانمىز.ئەمما ھازىر ھۆكۇمەت بىزنى ئۆزگەرتتى. بۇ كىسەللىكتىكى ئەڭ ناچار ئالامەت –دوستۇم توم كوبۇرىن ئىيتقان ‹‹ئشىك ئالدىغا قويۇلغان زەھەر››زەنجىرى بولۇپ،دىمىسمۇ ئۇ ئشىك ئالدىغا قويۇلغانىدى.كونتىروللۇقنى يوقاتقان ئىقتىسادى چىقىم ۋە چىرىكلىكتىن ئىبارەت ئشىك ئالدىغا قويۇلغان زەھەر ئىدى.
دۆلەت مەجلىسنىڭ سابىق ئەزالىرى ھازىر فىدراتسىيە تۇرمىسىدىن ئورۇن ئالدى.پەقەت ئاشۇ زەھەر ۋە چوشقا كاساڭلىرىدەك خەجلەشلىرى ئۇچۇن .
سىلەرگە مەلۇم،بىز مونتانا دا ئىيىق نىڭ DNA سنى تەتقىق قىلىش ئۇچۇن ئۇچ مىلىيون دوللار خەجلىدۇق.مەن بۇنىڭ بىر جىنايەتچىنى ئىنىقلاش ئۇچۇنمۇ ياكى بىرەر تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋىتىنى تەكشۇرۇش ئۇچۇنلىكىنىمۇ بىلمىدىم .بىراق پاكىت شۇنداقكى،بۇ ئۇچ مىلىيون بىزگە باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ پۇلى.شۇڭا ئۇنى چوقۇم كونتىرول ئاستىغا ئىلىش كىرەك.ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ پىرىزدىنتى بولۇپقالسام،سىلەرگە شۇ ھەقتە كاپالەت بىرىمەنكى،مىنىڭ بىر قەلىمىم بار،بۇ قەلىمىم ھازىر سەل كونىراپ قالدى.مىنىڭ بۇ قەلىمىم بىلەن ئۇستىلىمگە كەلگەن ھەر بىر چىقىم لايىھسىگە قارشى ھوقۇقۇمنى يۇرگۇزىمەن.ئۇلارنى سىلەرگە بىلدۇرۋىتىمەن.سىلەر ئۇلارنىڭ ئسمىنى بىلىپ كىتىسلەر!
ھازىر ،پا ئە ئوباماغا كىلەيلى،سىلەر پەرقنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەكچى، ئۇ 932مىلىيون‹‹ چوشكا كاسڭى›› زەنجىرى چىقىمىنى سورىدى. بۇ خۇددى ئۇ ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ پارلامىنىت ئەزاسى بولۇپ ياشاپ كىلىۋاتقان ھەر بىر كۇنىگە دىگۇدەك بىر مىلىيون دوللاردىن سورىغان بىلەن باراۋەر. مىنىڭچە كىشلەر پۇقرالارنىڭ ھۆكۇمەتنىڭ ئسراپخورلۇقىغا قارشى ئىچىلغان تور بەتلەرنى ئىچىپ ئاشۇ پىروگىراممىلارنى كۆرۇپ باقسا بولىدۇ. بۇنداق نەرسىلەر ۋاشىنگىتون ئالاھىدە رايونىدىكى زىيادە ئۇزاپ كەتكەن چىقىمنڭ يولىنى توسۇشقا كار قىلمايدۇ.مانا بۇ پا ئە ئوباما ۋە مىنىڭ ئۇسۇللىرىمىز ئوتتۇرسىدىكى تۇپ جەھەتتىكى ئوخشىماسلىقتىن ئىبارەت.历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us
<< ئامرىكىدا دوختۇرغا كۈرۈنۈش، داۋالنىش، سوغۇرتا ۋە ئۇيغۇرلار Medical treatment, Medical Insurance in USA | باش بەت | 2008- يىلدىكى ئامرىكا پرېزىدىنتلىق سايلام مۇنازىرىسى(2) The translated transcript of the 1st presidential debate >>
评论
توختاپ قالماي يوللاپ تۇرۇڭ مەن كۈندە سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى زىيارەت قىلىمەن