-
ئامرىكىدا دوختۇرغا كۈرۈنۈش، داۋالنىش، سوغۇرتا ۋە ئۇيغۇرلار Medical treatment, Medical Insurance in USA - [America ئامرىكا]
2008-10-07
ئامرىكىدا ئوقۇيدىغان كەسىپلەرنىڭ ئىچىدە دوختۇر ۋە ئادۇۋكات بولماق ئەڭ قىيىنغۇ دەيمەن.دوختۇر بولۇش ئۈچۈن ئاۋال ئىككىنچى بىر مۇناسىۋەتلىك كەسىپتە (مەسىلەن بىئولوگىيە، خېمىيە دىگەندەك) باكلاۋۇر ئوقۇش كىرەك. شىنجاڭدىكىدەك تولۇق ئوتتۇردىنلار يشۆيەنگە كىرىپ كىتىدىغان ئىش يوق. باكلاۋوردىن كىيىن ئاندىن دوختۇرلۇق ئوقۇشقا كىرسە بۇلىدۇ. تاللىغاندا بەك قاتتىق تاللارمىش. مەن دوختۇر بۇلىمەن دەپ ئوقۇۋاتقان بىر نەچچەيلەننى تۇنۇيمەن، GPA سى 3.9( يەنى ئوتتۇرىچە نۇمۇرى 85-90 ) دىن چغۈپ كەتسە مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغىلى بولماسمىش. ئۇيەردە خېلى بىر مەزگىل ئوقۇيدۇ، ئۇندىن كىيىن دۆلەتلىك ئالىدىغان 3 مۇ، 4مۇ دەرىجە ئىمتاھانلىرى بار. ھەممىدىن ئۆتكەندىن كىيىن يەنە 4 يىل دوختۇرخانىدا ياردەمچى بولۇپ ئىشلەش كىرەك. مۇشۇ بىر قاتار تەلەپلەرنى تۈگەتكەندىن كىيىن ئاندىن دوختۇر بولۇپ ئادەم داۋالىيالايدۇ. رەسمى دوختۇر بولغاندىن كىيىنمۇ بىر مەزگىل يەنە چوڭلارنىڭ قولىدا ئىشلەيدىغۇ دەيمەن. دوختۇر بولالىغان ئادەملەر بەك چوڭ ئادەملەر، جەميەتتە ھۆرمىتى چوڭ، دوختۇر تۇنۇشى بارلارمۇ مىنىڭ يىقىن تۇنۇشۇم دوختۇر دەپ دەپ قويىدۇ بەزىدە. ئۇلارنىڭ مۇئاشىمۇ ئامرىكىدا يۇقىرى ھىساپلىنىدۇ. ياردەمچى پراكتىكا ۋاختىنى پۈتتۈرۈپ رەسمۇ دوختۇر بۇلالىسىلا مۇئاشى يىلىغا 120 مىڭ دوللاردىن باشلىنارمىش، 2-3 يىل ئىچىدىلا 200مىڭگە چىقارمىش. چىش دوختۇرلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن يۇقىرىراق ئوخشايدۇ. چۇنكى ئادەملەر ئاغرىسا ئاغرىمىسا قەرەللىك ھالدا كەلگەندىكىن. سىستىرالارنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشراق بۇلىدۇ، لېكىن ۋاختى سەل ئازراق كىتىدۇ. بىر تۇنۇشۇم سىسىتىرا بۇلۇش ئۈچۈن ئوقۇپ يۈرۈپ 6 يىلدەك بولدى. مۇش يازدا سىستىرا بولۇپ بىريەرگە ئورۇنلىشىپتۇ، بىر يىللىق مۇكاپات پۇللىرىمنى(Bonus) يىغساممۇ مېرسىدىس بىنىزدىن بىرنى ئالالايدىكەنمەن دەپ ئولتۇرىدۇ. ئامرىكىدا سىسىتىرا يىتىشمەيدۇ. جۇڭگۇدا 5-6 يىللىق ياخشى سىستىرالار TOEFL ۋە يەنە باشقا بىر ئىككى ئىمتاھانى بارمىش، شۇنىڭدىن ئامرىكىدا يېشىل كارتا ئېلىپ تۇرۇپ ئىشلىيەلەيدۇ.
ئۈستىدە دىيىلگەندەك سەل قارايدىغان ئىشلار مىنىڭچە يوققۇ دەيمەن. ھازىرغىچە ئاڭلاپ باقمىدىم ھەم ئۇچراپ باقمىدىم. ئامرىكىنىڭ قانۇن تۈزۈمىدە ۋە ئادەملەرنىڭ ئاڭ سەۋىيسىدە بىردەمدە ئۇلارنى سوتقا تارتىپ چىقىپ بىر مۇنچە تۆلەمگە قويىدىغىنى ئىنىق. بىر ئىككى قېتىم سوتقا تارتىلغاندىن كىيىنلا ئۇ دوختۇرنى بەلكىم ھىچكىم ئىزدەپ بارمايدۇ. ئۇمۇ خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئەگەر قەستەن بىخەستەلىك قىلسا تۇرمىغا كىرىشىمۇ مۇمكىن. قارىغاندا خاتا داۋالاپ قويۇش، سوتقا چىقىش ئىشلىرىمۇ ئانچە مۇنچە بار ئوخشايدۇ. چۇنكى دوختۇرلار ئادەم داۋالاش ئۈچۈن چوقۇم ئۇلارمۇ مەجبۇرى داۋالاش سۇغۇرتىسى ئىلىش كىرەككەن، ھەم بۇ بەك قممەتمىش( مائاشىنىڭ مانچە پىرسەنتى دەمدۇ) . دەۋاغا قېلىپ ئوتتۇرۇپ قويسا پۇل تۈلەيدىغان ئىش بولسا شۇ سۇغۇرتا تۈلەيدىكەن، دوختۇرخانا ياكى ئۆزى تۈلىمەيدىكەن.
لېكىن ئامرىكىدا پارچە پۇرات كىسەللەرگە دورا ۋە ئوكۇلنى بەك ئاز ئىشلىتىدۇ. تەلەپ قىلساڭمۇ بەرمەيدىكەن. شۇڭا زۇكام دىگەندەك ئاغرىپ قالسا ئادەم بەك جاپا تارتىپ كىتىدىكەن. بىر قېتىم شۇنداق ئېغىر زوكام بولۇپ قېلىپ ئاۋازىممۇ ئۈزگىرىپ كەتتى، بېشىممۇ ئاغرىيدۇ، دوختۇرخانىغا باردىم، 2 سائەتتەك ھەممە يەرگە ئەكىرپ تەكشۈردى. ئاخىرى ھىچنىمە بەرمەي مۇنداق تاماق يىمە، مۇندا ئىشلارنى قىلما، ياخشى ئارام ئال دىگەندەك گەپلەر بىلەن دورىمۇ بەرمەي چىقىرۋەتتى. بىرەر ھەپتىگىچە قاراپ باقىلى دەيدۇ. ئەتىسى بەك ئەدەپ كىتىپ چىدىيالماي يەنە بىرىپ ئاسما ئوكۇلدىن بىرنى سېلىپ قويساڭ دىسەم مۇمكىن ئەمەس دەپ يەنە چىقىرۋەتتى. ئاچچىغىم كىلىپ تورلاردىن ئىزدەپ يۈرۈپ تۇنۇشلارغا تېلپۇن قىلىپ يۈرۈپ شورپىلارنى ئىچىپ يۈرۈپ ئۆزەم ساقايدىم. لېكىن ئۇنىڭ كاتىۋى كۈندە تېلپۇن قىلىپ تۇرىدۇ. كىچىك بالىسى بارلار مۇشۇ توغرىلىق ھەم بەك دادلايدۇ. كىچىك بالا پارچە پۇرات ئاغرىقلار بىلەن تولا دوختۇرغا بارمىسا بولماسمىش، لىكىن قىززىپ قىلىش، زۇكام دىگەندەك ئىشلارنى ئۇكۇل سېلىپ داۋالىمايدىكەن. بالا يىغلاپ بىر نەچچە كۈن بەك ئاۋارە بۇلىدىكەن. مۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت ئادەمنىڭ ئىممونىت ئىقتىدارىن تۈۋەنلىتىۋەتمەسلىك ئىكەن. ئۇ ئۇكۇللارنى تولا سالسا كىيىن ئادەمگە ئۇ ئۇكۇلمۇ ئىشلىمەس بولۇپ قالارمىش.
ئامرىكىدىمۇ دوختۇرغا كۆرۈنۇش زەھەردەك قىممەت. شۇڭا ھۈكۈمەت ھەممە ئادەمنى سۇغۇرتىغا قاتنىىشىشقا دەۋەت قىلىدۇ. خىزمىتى بارلارنىڭكىنى خىزمەت ئورنى ئېلىپ بىرىشى كىرەك. ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلار تىزىملىتىش ئۈچۈن چوقۇم داۋالنىش سۇغۇرتىسى بۇلۇشى كىرەك ( پۈتۈن ئامرىكىدا شۇنداقمۇ ئۇخمىدىم). ھىچ يەردە ئىشلىمەيدىغانلار ئۆزى ئالىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئامرىكىدا بىر قىسىم نامراتلارنىڭ سوغۇرتىسى يوق. سوغۇرتىسى يوقلار كىچىدە جىددى قۇتقۇزۇشقا بارارمىش، جىددى قۇتقۇزۇشقا بارسا ھەقسىزمىش. ئۇندىن كىيىن تۈۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغانلار، ھۈكۈمەت تىزىملىغان نامراتلار، خىزمىتى بار بولسىمۇ بالىس جىق نامراتلار دىگەندەك بۇلار داۋالىنىپ بولغاندىن كىيىن ھۆكۈمەت كۈتۈرەرمىش، ياكى دوختۇرخانا كەچۈرۈپ قىلىپ ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلارمىش. ئامرىكىدائاۋال داۋالاپ ئاندىن كىيىن پۇل تۈلەيدۇ ( مىنىڭچە ھەممە يىرىدە شۇنداق). ئاۋال بىمار دوختۇرخانىغا بارىدۇ، چوڭ زالدا كۈتۈۋېلىش ئورنى بار، ئۇلار ئەھۋال سوراپ، بىر مۇنچە ئىسمى، ئادىرسى، بۇرۇنقى كىسەللىك خاتىرسى ، قايسى سۇغۇرتا دىگەندەك جەدۋەللەرنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن دوختۇردىن بىرسىگە ئەۋەتىدۇ. ئۇلار كۈرۈپ داۋالايدۇ ۋە يېنىپ چىققان ۋاختڭىزدا پۇلنى ھىساپلاپ مانچە پۇل بولدى، بۇلاردىن مانچىلىكى سىنىڭ، مانچىلىكى سۇغۇرتىنىڭ دەيدۇ ۋە سىنىڭ تۈلەشكە تىگىشلىكنى ھىساۋىڭىزغا پۈتۈپ قويىدۇ. 4-5 كۈندىن پوچتىدىن داۋالىنىش پۇلى مانچىلىك، تۆلەش مۇھلىتى مانچىلىك ( نورمال بولسا 1-2 ئاي ئەتراپىدۇ)، مۈھلەتتىن ئېشىپ كەتسە مانچە كۆنىگە مانچە پىرسەت قوشۇلىدۇ دەپ خەت كىلىدۇ. شۇ بويىچە تۈلەيدىغان گەپ. تۈلىمىسە بۇ خەت كىلىۋىرىدۇ، پېرسەنتىمۇ ئېشىپ بارىدۇ، ئېشىپ بىر يەرگە بارغاندا يەنە تۆلىمىسە بۇلار پۈل سۈيلەش شىركەتلىرىگە ئەۋەتىپ بىرىدۇ شۇنىڭ بىلەن تەڭ سىزنىڭ كىرىدىت خاتىرىڭزنى ساقلايدىغان يەرگە مەلۇم قىلىپ ئارخىپ ساقلاپ قويىدۇ. شۇنداق ناچار خاتىرىدىن بىرەر - ئىككىسى بولغاندىن كىيىنلا ئامرىكىدا خىزمەت تېپىشڭىز، ئالمىشىشىڭز، بانكىدىن كارتا بىجىرىشڭىز، ئۆي، ماشىنا ئالغاندا بانكىدىن مۇددەتكە بۆلۈپ تۈلەيدىغان قەرىز ئېلىشىڭىز ھەتتا ئۈي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىشىڭىز ( بىر ساۋاقدىشىم تەتىلدە لوس ئانجىلىسقا بېرىپ 3 ئاي تۇرماقچى بولۇپتۇ، ئۈزى ياقتۇرغان ئىككى - ئۈچ شىركەتلەرنىڭ ئۆيىنى ئىجارە ئېلىش ئۈچۈن بارسائۇلار كرېدىت تەكشۈرۈيدىكەن، تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ھەممىسى بەرمەپتۇ، چۇنكى ئۇنىڭ ئارخىۋىدا شۇندا ناچار خاتىرىدىن بىرسى باركەندۇق، ئاخىرى بۇلالماي ئوقۇغۇچىلار تۇرىدىغان رايۇندا بىرسىنىڭ بىر ئېغىز ئۆيىگە ئۈچ ئايلىق ئىجارىنى ھەممىنى ئالدىن بىرىپ ئاندىن كىرىپتۇ) تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر يەنە تۆلىمىسىڭىز دوختۇرخانا يا بولدى قىلىپ كارى بولمايدۇ يا سوتقا سۇنۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سوتتىن بىر تەرەپ قىلىدۇ. بۇئارلىقتا ھەقىقەتەن تۈلەش ئىقتىدارىڭىز بولمىسا دوختۇرخانىنىڭ ياكى ھۈكۈمەتنىڭ شۇنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئورۇنلىرى بارمىش، شۇ يەرگە ئىلتىماس قىلسا تەكشۈرۈپ كۆرۈپ راس بولسا بىكار قىلارمىش.
مەن ئۈتكەن يىلى چىش داۋالاتقان، داۋالىتىپ بولۇپ ۋەتەنگە كەتكەنىدىم، يېنىپ كەلسە دوختۇرخانىدىن 2000 دوللاردەك ھەق ھىساپلاپ ھەر ھەپتىدە بىر ئەۋەتىۋىرىپتۇ، خەت ساندۇغۇم شۇلار ئەۋەتكەن خەت بىلەن توشۇپ كىتىپتۇ. قارىسام مەلۇم ھەقلەرنى سۇغۇرتا تۆلىگىلى ئۇنىماي مىنىڭ ھىساۋىمغا يېزىپ قويۇپتىكەن، سۇغۇرتىغا تېلپۇن قىلدىم، ئۇلار 1200 دوللاردەك تۆلىدى. ئاشقان پۇلنى قاندا قىلارمەن دەپ ئولتۇرسام ئۈزلىرى يەنە بىر نىمىلەرنى قىلىپ ئاخىرى مەن 180 دوللار تۆلەپ قۇتۇلدىم.
يەنى دوختۇرغا بارسىڭىز ئۈزىڭىزنى كۆتۈرۈپلا بارىسىز، بېرىپ ئىسمىڭىزنى ۋە سۇغۇرتىڭىزنى دەپ بەرسىڭىزلا بۇلىدۇ. سۇغۇرتىغىمۇ ئۇلار ئۈزلىرى يوللاپ پۇلنى ئۈزى ئېلىۋالىدۇ.سىز ئاخىرىدا ئېشىپ قالغان پۇلنى كىيىن بىرەر ئىككى ئايغىچە تۆلىسىڭىز بۇلىدۇ. ئۇ تۈلەيدىغان پۇلنى يەنە شۇ ۋاقىتتىلا بىراقلا تۈلىمەي 1-5 يىلغا بۆلۇپ تۈلىسىڭزمۇ بۇلىدۇ، ئۇلار شۇ نەرسىنىمۇ بىللە ئەۋەتىدۇ. ماشىنىنى يىڭى ھەيدەشنى ئۈگەنگەن ۋاختىمدا توختاتقان يەردىن كىچىك يولغا چىقىپلا بىر سولغا قايرىلىمەن دەپ بەك قاراپ كىتىپ ئوڭدىن كىلىۋاتقان ماشىنىنى كۆرمەي قاپتىمەن، چىقىشىمغا بىرماشىنا كىلىپلا يانداپ ئۈتتى، ماشىنا كىچىككنە سۈركىشىپ ئۆتۈپ كەتتى ۋە ئۇ ياققا بېرىپلا توختاپ ماشىنىدىن چۈشۈپ ئىككىنى قارىۋىتىپ ساقچى چاقىردى. ساقچى 2-3 مىنۇتقىچە كىلىپ ئۇ يەر بۇ يەرنى تەكشۈرۈپ ھىچ ئىش يوقكەن، سۇغۇرتىغا مەلۇم قىلىڭلار،ئىش بولسا مىنى ئىزدەڭلار دەپ نۇمۇرىنى بىرىپ كىتىپ قالدى. قارشى تەرەپمۇ مەن ئالدىرايتتىم، مەن كىيىن سىنى ئىزدەپ دەپ سۇغۇرتامنى ۋە تېلپۇن نۇمۇرىمنى ئىزدەپ كىتىپ قالدى. 3 كۈندىن كىيىن مىنىڭ سۇغۇرتامدىن تېلپۇن كىلىپ مۇشۇنداق بىر جەدۋەل تاپشۇرۋالدۇق، مۇشۇنداق ئىش بولغانمۇ دىدى ھە بولغان دىدىم. شۇنىڭدىن كىيىن بۇلاردىن ھىچقانداق خەۋەر ئالمىدىم ھەم مىنىمۇ ئىزدىمىدى. بىر يىلدىن كىيىن ئۇ بالا بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ قاندا بولدى، مىنى ئىزدىمىدىڭغۇ دىسەم، ئىزدەيدىغان ئىشمۇ يوقكەن، مەلۇم قىلسا مۇنداق رىمۇنىتخانىغا ئاپار دىدى، رىمونخانىدىن 10 كۈندە چىقتى، بۇ ئارلىقتا سۇغۇرتىدىن 10 كۈنلۇك يىڭى ماشىنىدىن بىرنى ئىجارە ئلىپ بەردى، شۇنى ھەيدەپ تۇردۇم، كىيىن ماشىنامنى ئوڭشالغانتى يېنىپ كەلدىم دەيدۇ. سۇغۇرتىنىڭ ئىشىنى شۇ رىمونىتخانا قىلىۋالىدىكەن دەيدۇ.
دورىلارمۇ ھەم زەھەردەك قىممەت، ئامرىكىدا ئەڭ پايدىنى جىق ئالىدىغانلار شۇلار. دورىنى مەخسۇس دورا دۇكانلىرى ياكى تاللا بازارلىرىنىڭ دورا بۈلۈملىرى ساتىدۇ. دورا ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم دوختۇر چىقىرىپ بەرگەن رىتسىپ بولۇشى كىرەك. بۇنى ئالمىسا ئۇلار دورا ساتمايدۇ. سۇغۇرتا بولمىسا دورىنى ئېلىشمۇ بىر مەسىلە. مۇنداقلا بىر دورا ئالسىڭىز 2000 دوللار چىقىشى ئادەتتىكى مەسىلە. مىنىڭ سۇغۇرتام يىلىغان 1700 دوللار، مەكتەپ ئېلىپ بىرىدۇ.
ئامرىكىدا يەنە 20 مىليۇندەك ئادەمنىڭ سۇغۇرتىسى يوق ( ئىنىق قانچە پىرسەنت ئىسىمدە قالماپتۇ) ، شۇڭا بۇلار ھۆكەمەتكە ۋە دوختۇرخانىلارغا، شۇ ئادەملەرنىڭ ئۈزىگىمۇ بېسىم ئېلىپ كىلىدۇ. پۇلى يۇققەن دەپ داۋالمىسا بولمايدۇ، داۋالىسا دوختۇرخانا كۆپىنچىسىنىڭ پۇلىنى ئالالمايدۇ. بۇ ئادەملەرمۇ سۇغۇرتىسى بولمىغاچقا كىنىشكىسى يوق دوختۇرلارنى ئىزدەپ خاتا داۋالىنىپ قالىدۇ. دوختۇرخانا، سۇغۇرتا، دورا ھەممىسى قىممەت. ئۇندىن باشقا جىق نارازىلىقلار باركەن. بۇ مەسىلە ھازىر ئامرىكا سىياسىيدىكى ئەڭ قىززىق نوقتا مەسىلىسى. مەيلى ھىلارى بولسۇن، ياكى ئوباما، مەككېىن بولسۇن ئۈزلىرىنىڭ بىر قاتار بۇلارنى تۈپتىن ياخشىلاش تەدبىرلەرنى قوللانماقچى.
دوختۇرخانىلاردا ۋاراڭ چۇرۇڭ يوق.لېكىن بالىلار داۋالايدىغان يەرلەردە بالىلار تولا يىغلاپ ئانچە مۇنچە ۋاراڭ چۇرۇڭ بار. كۈتۈپخانىدىمۇ بەزىدە باشقىلارنىڭ تېلپۇن قۇبۇل قىلىۋاتقانغلىنى كۈرىمەن. لېكىن ئۇنچە يۇقىرى ئاۋازدا ئەمەس. مۇھىتقا ھەممە ئادەم ئاساسەن دىققەت قىلىدۇ ۋە ئاسرايدۇ. لېكىن يوللاردا تاماكا قالدۇقلىرى دىگەندەك نەرسىلەرنى كۆرگىلى بۇلىدۇ، كەچ تەرەپتە بەزىدە مەسلەرنىڭ بىر بۈرجەكلەردە ،ھەتتا يولنىڭ ياقىسىدا سىيىۋاتقانلىغىنى 3-4 قېتىم كۈردۇم. پارچە پۇرات ئەخلەتلەرنىمۇ بەزىدە تاشلايدۇ. ئەڭ مۇھىمى كۆپ قسىىم ئادەملەر ئەتراپىدىكى مۇھىتنى بەك ئاسرايدۇ، بىر قىسىم ئادەملەر رىئايە قىلمىسا تازىلايدىغانلار ئۇلارنى ۋاختى ۋاختىدا تازىلاپ تۇرغاچقا يەنە پاكىز تۇرىدۇ. سىز ھەر قانچە پاكىز ئولتۇرسىڭىزمۇ يەنە بىر مۇنچە مۇھىت تازىلاش ھەققى تاپشۇرىسىز. ھۈكۈمەتمۇ ئەڭ مۇھىمى شۇ پۇللارنى جايىغا ئىشلىتپ تازىلاپ تۇرىدىكەن. بىر نەچچە قېتىم كەچتە مەسلەرنىڭ كوچىدا يېتىپ قالغانلىغىنى كۈردۈم، ئۇلارنى ساقچىلار كىلىپ ئەكىتىدۇ. بىر قېتىم قىشتا يېرىم كىچىدە سوغۇقتا ماشىنىدا كىتىپ بارسام ئۆيۈمدە كىتىپ بارسام ئۆيگە يىقىنراق يەردە بىر مەس ئۈزىگە ئۈزى سۈزلەپ يەردە يېتىپتۇ. ساقچىغا تېلپۇن قىلسام بىز بارغۇچە ساقلاپ تۇرساڭ دىدى. ساقچىلار كىلىشى بىلەن ئۇ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ مەن مەس ئەمەس دەپ تۇرۋالدى. ساقچىلار ئۇنىمىسا ئۇنىماي ئۇنى ئۆيۈڭ قەيەردە دەپ ماشىنىغا سۇلاپ ئەكەتتى.
ئاممىۋى سورۇنلاردا سۆيۈشۈش ئىشلىرىمۇ بار، ئاشخانىدا، كۈتۈپخانىدا، يوللاردا دىگەندەك. لېكىن بۇ سۈيۈشۈش مۇنداقلا سۈيۈپ قويۇشى. شەھۋانىلارچە نەچچە مىنۇتقا سوزۇلغان سۆيۇشۇش ئەمەس.
تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ، ئۈزلۈگىدىن ئوقۇپ باكلاۋور دىپلومى ئالغانلار ئامرىكىدا ماگىستېر ئوقۇيالامدۇ ۋە تولۇق مۇكاپات پۇلى ئېلىشقا بۇلامدۇ دىگەندە، نەزىرىيە جەھەتتىن بۇلىدۇ، دىپلومىڭىزنى ئىتراپ قىلىدۇ. قالغىنى قانچىلىك ئىقتىدارىڭىز بارلىقىغا باغلىق. تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىنى نىمە ئۈچۈن بىر مۇنچە ئادەمنى تاشلاپ قويۇپ سىزگە بىرىشى كىرەك. شۇ سۇئالغا ئۇلارنى قايىل قىلالىسىڭىز چوقۇم بىرىدۇ. گەپ شۇلارنى نىمە ئارقىلىق قايىل قىلىشتا. يالغۇز دىپلۇم بولغانغىلا بولمايدۇ.
مۇشۇنداق سۇئاللار بەك جىق سورالدى. نۇرغۇن مەسىلىلەرگە مەيلى مەن، مەيلى بۈركۈت ياكى ئەركىن سىدىق ئەپەندىم بولسۇن بۇلىدۇ ياكى بۇلمايدۇ دەپ ئىنىق بىر نىمە دىيەلمەيمىز. چۇنكى بىز ئۈزىمىز ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلمايمىز ياكى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەرمەيمىز.
شۇڭا بىز بۇلىدۇ دىگەن بىلەن مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلسىڭىز بولماسلىقى، ياكى بولمايدۇ دىگەن بىلەن يەنى بەزى يەرلەردە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. قالغىنى ھەممىسى شۇندا سۇئالنى سورىغان ئادەمنىڭ ئۈزىنىڭ تىرىشچانلىغى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قاتتىق تەلەپلەرنى ئورۇنداپ ئۈزىگە ماس كىلدىغان مەكتەپ، مۇئەللىم تاپالىشىغا باغلىق. شۇلار بۇلىدۇ دىسە بۇلىدۇ، بولمايدۇ دىسە بولمايدۇ.
شۇ نىيەتكە كەلگەن ئادەم كۈندە مۇناسىۋەتلىك قاتتىق تەلەپلەرنى ئورۇنداپ بولغاندىن كىيىن ئۈزىنىڭ نىشانى ئۈچۈن 3-4 سائەتتىن ۋاقىت چىقىرىپ توردا ئولتۇرۇپ بىرمۇ بىر ئىزدەپ بېقىپ خەتلەرنى يازغىلى تۇرسا، ئىلتىماس قىلغىلى تۇرسا بىر يەردىن ياخشى جاۋاپ كىلىدۇ.
مەن نەچچە قېتىم شۇنداق ئۇچۇق دىدىم. تا ھازىرغىچە ئۈرۈمچىدە چەتكە چىقىمەن دەپ خىيال قىلىپ ( ياخشىسىمۇ، ناچارلىرىمۇ بار) TOEFL, GRE, IELTS دىگەندەك ئىمتاھانلاردىن ئۈتۈپ بولغانلاردىن چەتكە چىقالماي قالغانلارنى ئۇچرىتىپ ياكى ئاڭلاپ باقمىدىم، ياكى ئۇنداق ياكى بۇنداق ئۇسۇللار بىلەن بىر يەرلەرگە چىقتى. ئەڭ مۇھىمى ھەرىكەت قوللىنىش كىرەك. ئىزدىنىش كىرەك. شۇ ئىمتاھانلاردىن ئۆتۈپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن چەتكە چىكىش ئۈچۈن تىز بولغاندا 8 ئايدىن 2 يىلغىچە ۋاقىت كىتىدۇ.
ئۈستىدە دىگەندەك بۇلامدۇ بۇلمامدۇ دىگەندەك سۇئاللارنى سورىمىساڭلار. بىز بۇلىدۇ بولمايدۇ دىگەن بىلەن بىزنىڭ گىپىمىز كۈچكە ئىگە ئەمەس.
ئامرىكىدا تىل ئۈگىنىش ئۈچۈن ۋىزا بەرمەيدۇ دىگەن گەپلەرنى ھەممە يەردە ئاڭلاپ كەلدۇق. لېكىن بۇ يىل شۇنداق كەلگەن ئىككى ئۇيغۇرنى ئاڭلىدىم. جايىنى تېپىپ ئىلتىماس قىلىپ ۋىزىغا ياخشى تەييارلىق بىلەن كىردسە يەنە بىرىدىكەن.
ئۈرۈمچىدىن بىر كارخانىچى ئامرىكىغا كىلىپ بازارنى كۆرۈپ باقسام دەپ ئويلاپ ئامرىكىدىكى بىر نەچچە ئادەمگە تېلپۇن قىلسا بىكاردىن بىكار كۈرۈپ كىتىمەن دىسەڭ ئەلچىخانىدىن ساڭا تامغا بېسىپ بەرمەيدۇ، بولمايدۇ دەپتىكەن. ئومۇ بولۇپ ئامرىكىغا كىلىپ كىتىپ بولدى.
بىر شەھەردە بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان بىر ئۇيغۇر ئۇسۇلچى ئايال نەچچە يىل بۇرۇن كەلگەن، ھازىر ئۆيىدە كىچىك بالىلارغا ئۇسۇل ئۈگىتىدىغان مەكتەپ ئېچىۋاپتۇ، ئالدىراشچىلىقىدىن تېلپۇن بەرسىمۇ مەن كىيىن قايتۇراي دەپ 5-6 سەئەتتىن كىيىن قايتۇرىدۇ.
قەشقەردە ئادەتتىكى بىر خىزمەت قىلىپ يۈرگەن بالا ئورۇن تۇققانلرىدىن قەرىز قىلىپ يۈرۈپ 6-7 ئايغا يەتكۈدەك پۇل بىلەن كەپتىكەن، ئاۋال شۇنى خەجلەپ، ئاندىن مالىمىنى قايىل قىلى پۇل تېپىپ دىگەندەك قىلىپ ئاسپىرانىت پۈتتۈرۈپ بىر مۇنچە مۇئاش ئېلىپ بولدى.
كەم دىگەندە ئۈچ ئۇيغۇر باللا ( ئارىسىدا تېخى ئىككىسى قىز ) بۇيىل 7- ئايدا بېجىڭدا ۋە شاڭخەيدە مەكتىۋىنى پۈتتۈرۈپ 8- ئايدا تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىپ ئامرىكىغا كىلىپ ئوقۇش باشلاپ بولدى.
ئۈتكەن يىلى مەن بىلپ 6 بالا كەلگەن. مەن بىلمەيدىغىنى قانچىلىك ئۇنى ئۇخمايمەن.
مەن ئاڭلىغىنىم ئىچىدە ئۇيغۇرلاردىن ئامرىكىغا ئوقۇش بىلەن تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ كەلگەنلەرمۇ، يېرىم، ياكى بىرەر ئىككى مىڭ دوللار مۇكاپات بىلەن كەلگەنلەرمۇ، ئۈزى پۇل تېپىپ ئوقۇش پۇلىنى ئۈزى تۆلەپ كەلگەنلەرمۇ، ھۈكۈمەتنىڭ ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ ھۆكۈمەت پۇل تۈلەپ ئوقۇشقا ئەۋەتكەنلەرمۇ، مەكتىۋىدىكى چەتئەلدىكى ئۇنۋېرسىتىتلار بىلەن ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پروگراممىسىغا قاتنىشىپ كەلگەنلەرمۇ بار.
ئۇندىن باشقا يەنە قېچىپ كەلگەنلەرمۇ، ئىچكىردىكى ئادەم سودىگەرلىرىگە پۇل بېرىپ كىمىنىڭ تىگىدە يېتىپ ئوغۇرلۇقچە كەلگەنلەرمۇ، دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدە سەرسان سەرگەردان بولۇپ يۈرۈپ ئامرىكىغا كەپ قالغانلارمۇ، ئاشخانا ئاچقان خەنزۇلار ئاشپەزلىككە ئەكەلگەنلەرمۇ، ئويۇن قويغىلى كەلگەنلەرمۇ، ئويۇن قويۇش شىركەتلىرى ئەكەلگەنلەرمۇ، ئامرىكىلىققا تىگىپ ياكى ئۇلارنى ئېلىپ كەلگەنلەرمۇ، شاڭخەي، شېنجىنلاردا بەزمىخانىلاردا ئۇسۇل ئويناپ جان باققان ئوسۇلچى قىزلارمۇ، ئاۋغانىستاندا ئورۇشقا قاتنىشىپ ئامرىكا تۇتۇپ ئەكىلىپ تۇرمىغا سۇلاپ قويغانلارمۇ، قانۇنسىز ئىش قىلىدىغان سودىگەرلەرگە پۇل بىرىپ يالغاندىن توي قىلغان بولۇپ ئامرىكىغا كەلگەنلەرمۇ، بورۇنقى ئىشلەۋاتقان ئورنىدا تۇرۇپ بىۋاستە ئامرىكىدىن خىزمەت تېپىپ كىلىپ ئىشلەۋاتقانلارمۇ، جۇڭگۇدا باشلانغۇچتىن دوكتۇرلۇققىچە ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتكەن يىلىلا ( بىر قېتىممۇ چەتكە چىقىپ باقماي تۇرۇپ ) ئامرىكىدىن ئۇنۋېرسىتىتتىن خىزمەت تېپىپ كىلىپ ئىشلەپ ئۈز ئالدىغا تەجرىبىخانا قۇرۇپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىۋاتقانلارمۇ، ئىچكىرلەردە ئىشلەپ يۈرۈپ شىركەت يولى ئارقىلى كەلگەنلەرمۇ، تۇققان يوقلاش، ئاغرىق كۆرسىتىش، ئاغىنىسنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىش، ساياھەتكە كىلىش ئارقىلىق كەلگەنلەرمۇ، توردىن يىلدا كۈرمىڭ قېتىم ئېچىلىدىغان ھەر خىل كۈرگەزمە، ئۇندا مۇندا يىغىن، پائالىيەت دىگەنلەرنى تېپىپ شۇنىڭغا تىزىملىتىپ كەلگەنلەرمۇ بار.
ئوقۇش تارىخى جەھەتتىن بېيدا، چىڭخۇانى پۈتتۈرگەنلەرمۇ، ئۈزلۈكىدىن ئوقۇپ دىپلۇم ئالغانلارمۇ بار.
كىلىپ قسىقا مەزگىل تۇرغان ياكى ئۇزۇن تۇرىدىغانلاردىن ئوقۇۋاتقانلارمۇ، ئىلىم تەتقىقات ئورۇنلىدا ئىشلەۋاتقانلارمۇ، شىتاتلىق ھۈكۈمەتلەردەكادىر بولغانلارمۇ، دوختۇر سىسىتىرا بولغانلارمۇ، دۇنيا بانكىسىدەك ئورۇنلاردا ئىشلىگەنلەرمۇ، ئاتۇشتىن مال ئەكىلىپ خوتەندە ساتقاندەك بىر توچىيى بار ماشىنىغا پارچە پۇرات نەرسىلەرنى سېتىۋىلىپ بازارمۇ بازار بېرىپ نەرسە كىرەك سېتىپ مانچە بالىنى بېقىۋاتقانلارمۇ، شوپۇر بولۇپ ئامرىكىنىڭ ئۇ قىرغىدىن بۇ قىرغىغىچە يۈك تۇشۇيدىغانلارمۇ، ساياھەتچىلىك شىركەتلىرىدە يول يىتەكچىسى بولىدىغانلارمۇ ، ئاشخانىدا قازان قۇمۇچ يۇيۇپ جان بېقىۋاتقانلارمۇ، ئايرۇدۇرۇمدا خىزمەتچى بولغانلارمۇ، ئامرىكىنىڭ ھۈكۈمىتىگە تەرجىمان بولۇپ گۇۋانتانامۇغا بېرىپ تۇتقۇن ئۇيغۇرلارنى سوراق قىلغانلارمۇ، تىررورچىلىقا قارشى ئورۇنلاردا ئاخبارات خىزمىتى قىلىدىغانلارمۇ، بۇلاڭچىلىق قىلىپ تورمىغا كىرگەنلەرمۇ ( ئاڭلىسام تۇرمىدىن قېچىپ چىققانلارمۇ بارمىش، بەك ئىشىنىپ كەتمىدىم) بار.
بىللە توي قىلىپ كەلگەنلەرمۇ، بېرىپ قالغان ئامرىكىلىققا توي قىلىپ كەلگەنلەرمۇ، ئامرىكىغا كىلىپ بولۇپ يەنە يۇرتتتىن قىز ئاچىقىپ توي قىلغانلارمۇ، نىكاھىنى تېلپۇندا ئوقۇغانلارمۇ، ئامرىكىدا تېپىشىپ توي قىلغانلارمۇ، تۈرك، ئىرانلىق، پاكىستانلىق، ئامرىكىلىق، ياۋرۇپالىق، قارا تەنلىك، خەنزۇ، ياپۇنلۇققە تەگكەن ياكى ئۇلارنى ئالغانلار بار.
كىلىپ ئايالى ياكى ئىرى باشقىلار بىلەن تېپىشىۋېلىپ ئاجراشقانلارمۇ، مانچە قېتىم توي قىلغانلارمۇ، ئۈزى كىلىپ ئۈيىدىكىلەرنى ئەكىلەلمەي ئامرىكىدا ئۇزۇن يىل تۇرۇپ كەتكەنلەرمۇ، كىلىپلا ئايالى 1-2 ئايدىن كىيىن كەلگەنلەرمۇ، يىلدا مانچە قېتىم بېرىپ كىلىدىغانلارمۇ، بىر كەلگەنچە كىتەلمەي مەڭگۇ تۇرۇپ قالىدىغانلارمۇ، قانۇنلۇق كىلىپ قانۇنلۇق تۇرغانلارمۇ، كىلىپلا كەتكىلى ئۇنىماي تۇرغانلارمۇ، قانۇنسىز بىلدۈرمەي تۇرۇۋاتقانلارمۇ بار.
ئۇيغۇر جەميىتىدە 5 ۋاخ نامازنى چۈشۈرمەي ئوقۇپ مۇسۇلمانچىلىق پەرزىنى بىرنى قالدۇرماي ئادا قىلىدىغانلارمۇ، ئۈرۈمچىدىكى كۆپ قىسىم ئادەملەرگە ئوخشاش مۇسۇلمان لېكىن ناماز ئوقۇپ بۇلالمايدىغانلارمۇ، ئۈزىنى ئاشكارا خىرىستىيان دەپ چىركاۋغا بارىدىغانلارمۇ، ئۇيغۇرلار بىلەنلا ئارلىشىپ ئۆتۈپ ئامرىكىدا تۇرغىلى 7-8 يىل بولغان بولسىمۇ تېلپۇن قىلىپ تاكسى چاقىرالمايدىغانلارمۇ، بىرمۇ ئۇيغۇر بىلەن ئارلاشمايدىغان، ھەم ئۇنداق ئادەمنىڭ بارلىغىنى ھىچكىم ئۇخمايدىغانلارمۇ، ئۇيغۇر بىلەنمۇ، ئامرىكىلىق بىلەنمۇ ئارلاشماي خەنزۇلار بىلەنلار ئارلىشىدىغانلارمۇ، سىياسى جىنايەتچىلەرمۇ، مەكتىۋىدە جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسنىڭ رەئىسى بولغانلارمۇ بار.
收藏到:Del.icio.us
<< ئامرىكىدا سوقۇشۇش، ساقچى، زەھەرلىك چىكىملىك Do Americans fight sometimes? | باش بەت | 2008- يىلدىكى ئامرىكا پرېزىدىنتلىق سايلام مۇنازىرىسى (1) The translated transcript of the 1st presidential debate >>
评论
بۇ يازلىق تەتىلدە مىنىڭ بىر ساۋاقدىشىم ئامرىكىغا چىقىپ پاراكتىكا قلىپ كەلدى،لاگىرغا ئوخشاشقۇ دەيمەن.ئىچكىردىكى پىشكە ئالى مەكتەپلەر بېرلىشىپ ئويۇشتۇرغان ئوخشايدۇ.10نەچچە ئۇيغۇر باللار بار ئىكەن.
سوئال بلوگ
soal.blogbus.com