• ئامرىكىدا سوقۇشۇش، ساقچى، زەھەرلىك چىكىملىك Do Americans fight sometimes? - [America ئامرىكا]

    2008-10-01

     
    بۇ ئالدىنقى ئامرىكىدا كۈندىلىك خىراجەت، كومپيۇتېر دىگەن تىمىنىڭ ئاخىرى. ئوخشاشلا بىلىكتىكى ئامرىكىلىقلار بىلەن سۆھبەت تە چۈشكەن بىر قىسىم سۇئاللارغا جاۋاپ تەرىقىسىدە يېزىلغان. ئاخىرى يەنە يېزىلىدۇ. سۇئالنىڭ ئۈزىنى شۇ تىمىدىن كۆرۈڭ.
     
    ئامرىكىدا چوڭ تىپتىكى تاللا بازىرى مەسىلەن Wall Mart نىڭ ئىچىدىلا قورال ياراق ساتىدىغان پۇكىيى بار. ئەينەكتىن قوراللارنى كۆرۈپ باققان. ئۇندىن باشقا يەنە مەخسۇس قورال ياراق سېتىش دوكانلىرى بار. ئۇنداق يەرگە مەن كىرىپ باقماپتىمەن. لېكىن ھازىر كۆپىنچە شىىتاتلاردا كىرىپلا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. كىرىپ تاللاپ بولغاندىن كىيىن دوكان سىزنى تىزىملاپ قويۇپ ئاۋال ھۈكۈمەت ئورۇنلىرى سىزنىڭ ئارقا كۈرۈنۈشىڭىز، جىنايەت ئۆتكۈزۇش تارىخى ياكى مۇمكىنچىلىگى دىگەندەك نەرسىلەرنى تەكشۈرەپ تەستىقلارمىش. ئىنىق ئەھۋالىنى مەنمۇ ئۇخمىدىم. لېكىن نورمال ئادەملەر ئۈچۈن سېتىۋېلىش تەس ئەمەس. 

    بۇ يەردە ھازىرغىچە كوچىدا يا مەكتەپتە سوقۇشۇپ كەتكەنلەرنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئادەتتىكى گەپ تالىشىپ ئورۇشۇپ قالىدىغانلار يوق دىيەرلىك. سوقۇشىدىغانلار ياكى ئېىتىشپ كىتىدىغانلار ئاساسەن قار جەميەت كۈرۈنۇشى بارلار، بىر بىرى بىلەن مەنپەئەت ئىشلىرى بىلەن ئېتىشارمىش. ئۇندىن باشقا جەميەتكە نارازىلىق ئىشلىرى بىلەن قورالنى كۆتۈرۈپ چىقىپ باشقىلارنى ئېتىپ قويىدىغان ئەھۋاللارنىمۇ بەزىدە خەۋەردە كۆرۈپ قالىمىز. مەسىلەن ۋىرگىنيەدىكى قاتىللىق. مەن تۇرۋاتقان يەردە ئۆتكەن يىلى بىرسى چىركاۋغا كىرىپ بىر مۇنچە ئادەمنى ئېتىۋىتىپتىكەن. ئۈزىمۇ شۇ چىركاۋغا بارىدىغاندىن ئىكەندۇق. بۇ يەردە كىچىك جىدەللەر، سوقۇشلار ئاز چىقىدىكەن. ئادەم بەك جىق كىرىدىغان كۇلۇبلاردا بەزىدە سوقۇشلار بۇلىدىكەن، خەۋەرلەردە كۆرۈپ قالىمەن. مەنمۇ بىر قېتىم كۆردۇم. ئۇلار سوقۇشۇپ بىر بىرىنى ئىتتىرىپ دەسسىشىپ بولغىچە كۇلۇبنىڭ ئادەملىرى يۇپۇرلۇپ كىلىپ ئۇلارنى تىزگىنلەپ ، تالاغا ياكى باشقا يەرگە ئاچىقىپ ساقچى كەلگىچە تۇتۇپ تۇرىدىكەن. قالغاننى ساقچى بىر تەرەپ قىلىدىكەن. بەلكىم سوقۇش باشلىنىپ، كۇلۇب ئادەملىرى كىلىپ بولغىچە 10-30 سىكونت ئەتراپىدا كىتىشى مۇمكىن، لېكىن شۇ ۋاقىتنىڭ ئىچىدە بىر نەچچەيلەن دەسسىلىپ، ئۇرۇندۇقلارسۇنۇپ پارچە بۇلۇشۇپ، بىر كىملەر يەردە يېتىپ بۇلىدىكەن. يەنى مەن ۋە ياتاقداشلىرىمنىڭ كۇلۇبتا كۆرگەنلىرىگە قارىغاندا، بۇلار سوقۇشۇشتىن بۇرۇن بەك گەپ بىلەن تىللىشىپ، بىر بىرىگە ھۈركىرەشمەيدىكەن. يەنى تالاش تارتىش باشلانغان ھامانلا پالاق پۇلۇقلا تۇتۇشۇپ كىتىدىكەن. ئاغىنىسىنىڭ سوقۇشقىنىنى كۈرسە ئاداشلىرىمۇ ئۇقتەك يۈگرەپ كىلىپ سوقۇشقا كىرىپ كىتىدىكەن، شۇ جەريان لېكىن ئېشىپ كەتسە بىرەر-ئىككى مىنۇت داۋاملىشىدىغان ئوخشايدۇ. كوچىلاردا سوقۇش بولۇپ قالسىمۇ ئۇزۇن داۋاملىشىشى مۇمكىن ئەمەس، چۇنكى باشقىلار ساقچىغا مەلۇم قلىپ بۇلىدۇ. ساقچىلار 2-3 مىنۇتقىچە ئۈنۈپ بۇلىدۇ. ساقچىلارغا بەك كەڭرى ھوقۇق بىرىلگەنكەن، 7-8 ساقچى قۇراللىق كىلىپ سىزگە بۇيرۇق بىرىدۇ، ئاڭلىمىسىڭىلا ئاتىدۇ. باشقا ئىشلار بولسىمۇ ھەر قانداق شارائىت ئاستىدا ساقچىغا داۋلى سۈزلەشكە، قارشىلىشىقا، ساقچىغا يىقىنلىشىشقا بولمايدۇ ( بۇ گەپلەر يىڭى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەش قوللانمىسىغا ئىنىق يېزىلغان). ئەگەر پىكرىڭىز بولسا ئىشتىن كىيىن سوتقا دەپ شۇ يەردە دىسڭىز بۇلىدۇ. 

    ئادەتتە ئادەم كۈپ يىغىلىدىغان يەرلەرگە مۇھىم ۋاقىتتا ئىش بولسۇن بولمىسۇن ساقچى ۋە ئوت ئۈچۈرۈش، دوختۇر ماشىنىسى كىلىپ قاراپ تۇرىدۇ. مەن تۇرۋاتقان بۇ شەھەردە ئىككى كۇلۇب (دىبا) بار. ھەر جۈمە، شەنبە كۈنىلا ئېچىلىدۇ. مەن بىر يىقىن تۇنۇشۇم criminal justice (بۇنى ئۇيغۇرچە نىمە دەيمىز؟) ئوقۇيدىغان بولۇپ ئۇ ئوقۇشنىڭ تەلىۋى بويىچە ساقچىدا ھەر ھەپتىدە 15 سائەت ئىشلەيدۇ. ئۇلار ھەر جۈمە، شەنبە كۈنى كەچتە ئىككى گۇرۇپپىغا بۈلۈنۈپ ئىككى كۇلۇبنىڭ ئالدىدا جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن ھىچ ئىش بولمىسىمۇ ئادەم تارقىغىچە تۇرىدۇ. زىرىكىپ قالسا كىرىپ خەقلەرنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈپ 21 ياشتىن تۈۋەنلەرنى كىرىپ قالدىمۇ يوق تەكشۈرۈپ باقىدۇ. بولمىسا تالادا ماشنىسىدا ئولتۈرىدۇ. كۇلۇبنىڭ ئىشىك ئالدىدا مەخسۇس ئىككى ئادەم ھەر بىر ئادەمنىڭ كىملىكىنى ۋە يېشىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ كىرگۈزىدۇ. ئۇندىن باشقا مەسلەر كەلسە كىرگۈزمەيدۇ. ئىچىگە كىرىپ بولغاندىن كىيىنمۇ بىرەرسىنىڭ جىق ئىچىۋىلىپ نورمال ئەمەسلىگىنى بايقىسا چىقىرۋىتىدۇ. پوكەيدىكىلەرمۇ بىرەرسىنىڭ تەڭشىلىپ قالغانلىغىنى بايقىسا ئۇنىڭغا ساتمايدۇ. كۇلۇبنىڭ ئىچىدە تاماكا چىكىشكە بولمايدۇ. مىنىڭ تولۇق كورستىكى تونۇشلىرىم ئاساسەن ھەر ھەپتە ئاخىرى كۇلۇبقا بارىدۇ. بىر تۇنۇشۇم ئا ز دىگەندە 5 قېتىم كۇلۇبتىن قوغلىۋىتىلگەن. 5 قېتىم ئىشىكتىن كىرگۈزۈلمىگەن. بىرقېتىم قوغلىۋىتىلسە شۇ كۈنى يەنە كىرگۈزۈلمەيدىكەن. مىنىڭ ئاڭلىغانلىرىم شۇنچىلىك. باشقا ھەر يەرنىڭ يەنە ھەر تۈرلۈك بەلگىلىمىسى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئاساسى تۈزۈملەر مەسىلەن كىملىكتىكى يېشىنى تەكشۈرۈپ كىرگۈزۈش، كىملىك بولمىسا كىرگۈزمەسلىك، تەڭشىلىپ قالغانلارغا ھاراق ساتماسلىق دىگەندەكلەر ئاساسەن ئوخشاش. كۇلۇبلار قانۇن بويىچە ھەممىسى 2 دە تاقىلىدۇ. 2 دىن كىيىن سىرتتىكى كىچىدە ئاچىدىغان دوكانلارمۇ پىۋا سېتىشنى توختىدۇ. ( باشقا ھاراق سېتىشنى كۈندۈز سائەت 7 دە توختىتىدۇ، شۇنىڭدىن كىيىن قاۋاقخانلار ياكى كۇلۇبلاردىن باشقا يەردە سېتىلمايدۇ) شۇڭا ئامرىكىلىقلارنىڭ ئۈيىگە بارسىڭىز توڭلاتقۇسىدا پىۋىلار يەشىكلەپ بار، جەۋىنىدە ئىچىملىكلەر بار. ئۇلارغا جىددى لازىم بولغاندا ئالالمايدىغان بولغاچقا شۇنداق يەشىكلەپ ئەكىلىپ ساقلاپ قويۇپ ئىچىدۇ. 

    تولۇق كورستىكى بالىلارنىڭ دىيىشىچە ئۇلارنىڭ ياتاق بىنالىرىدىمۇ، بالىلار ئارىسىدىمۇ بەزى 'لاۋدا' لار بۇلۇپ ئانچە مۇنچە بۇزەك ئىتىدىكەن، ئاچچىقىنى كەلتۈرگەنلەرنى ئاغىنىلىرى بىلەن بېرىپ ئورۇپ قويىدىكەن. بولۇپمۇ تەنتەربىيەنىڭ، مەكتەپ كوماندىسىنىڭ بالىلىرى شۇنداقمىش. بىرسى بىر دوستلار يىغىلىشىدا ماڭا شۇندا دەپ "مەن مەكتەپتىكى تەنتەربىينىڭ بالىلىرى ياخشى ئارلىشىمەن، پالانچى پالانچى مىنىڭ ئاغىنەم، سەن بىلەن ياخشى ئاغىنە بولاپ قالدۇق، ئەگەر بىرسى سىنى بۇزەك قىلسا ماڭا دە، بىز بېرىپ ياساپ قويىمىز" دىگەنتى بۇ يەردىمۇ مۇشۇندا ئىشلار باركەندە دەپ ئويلاپ قالغانتىم. خۇداغا شۈكرى، بىرسى بۇزەك قىلىپ باقمىدى، ئۇنىمۇ ئىككىنچى قېتىم كۈرۈپ باقمىدىم. 

    لېكىن بۇ يەردە مەكتەپ ۋاسكىتبول، ۋە ئامرىكىچە پۇتبۇل كوماندىسىنىڭ بالىلىرى بەك چوڭ چولپان. گىزىتكە قارىسا مەخسۇس سىتوندا كۈندە شۇلارنىڭ خەۋىرى. پۇلنىمۇ بەك تاپىدۇ. بىزنىڭ بۇ كىچىك شەھەردە يىلدا پەقەت مەكتەپ ئامرىكىچە پۇتبۇل كوماندىسنىڭ ساھىپخان مۇسابىقىسى بولغاندىلا شەھەردە قاتناش كونتىرول قىلىنىپ قىستاڭچىلىق بۇلىدۇ. شۇڭا مۇسابىقە بۇلىدۇ دىگەن كۈنى يەرلىكلەر ماشىنا ھەيدەپ سىرتقا چىقمايدۇ، ئەتراپتىكى دىخانلار، ئىشچى خىزمەتچىلەر، مەكتەپتداشلار، ئاتا ئانىلار قوشنا شەھەر، شىتاتلاردىكىلەر 10-20 مىڭدەك ئادەم كىلەرمىش سىتاتسكىدا. مەكتەپمۇ بىر بايرامدەك قاينام تاشقىنلىق بولۇپ قالىدۇ.

    مەن كەلگەن بىرىنچى يىلى تولۇق كۇرستىكى بىرسى بىلەن ياتقان.قوشنىلىرىممۇ ھەممىسى تولۇق كورسنىڭ بالىلىرى ئىدى. شۇڭا ئويناشقا ۋاختىم چىقسا شۇلار بىلەن بىللە ئوينايتتىم. قوشنىلرىمنىڭ ئاغىنىلىرى بەك جىق. كۈزىتىشىمچە ياش بالىلار ئارىسىدا زەھەرلىك چىكىملىك چىكىش، بولۇپمۇ نەشە چىكىشلەر خېلى ئومۇملاشقان. دەسلەپتىكى ۋاقىتلاردا دىققەت قىلمىغان. بەزىدە قوشنىلارنىڭ ئۈيىگە 20-30 ئادەم كىلىپ قىززىق party بوپ كىتىدۇ. بەزىدە ھەپتە ئاخىرىدا زىرىككەندە كىرىپ چۈرگىلەپ گەپ سېتىشىپ قويۇپ يېنىپ چىقىمەن. نەچچە قېتىم ئۇلارنىڭ مەرىۋانا چىكىلى دىگەندەك گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم ۋە بۇ يەردە تاماكىنىڭ تۈرلىرى بەك كۆپ بولغاچقا شۇنىڭ بىر خىل ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن. كىيىن بەك جىق ئاڭلىغاندىن كىيىن توردىن ئىزدەپ باقسام marijuana ، ئەسلى نەشە دىگەن گەپكەن. شۇنىڭ بىلەن ياتاقدىشىمدىن سوراپ باقسام جىق بالىلار چىكىدۇ، بەزىدە شۇ سورۇننىڭ ئۈزىدىلا بەزىدە ياندىكى ئۈيگە كىرىپ چىكىدۇ، خۇددى تاماكا چەككەنگە ئوخشاش ئىش دىدى، شۇنىڭ بىلەن كىيىن دىققەت قىلىپ باقسام راسلا شۇنداقكەن. ئوغۇللار، قىزلار جىقلىرى چىكىدىكەن ياكى غەيرىلىك ھىس قىلمايدىكەن. كىلىدىغانلىرى ئېلىپ كىلىدىكەن ياكى بىردەمدىلا تاپىدىغان ئوخشايدۇ. ئامرىكا قانونىدا ئۇنى چىكىش، سېتىش چەكلەنگەن. ئۇندىن باشقا كوكايىن چىكىدىغانلارمۇ خېلى بار دەپ ئاڭلىدىم. ئىشقىلىپ ياشلار ئارىسىدا زەھەرلىك چىكىملىك چىكىش ئىشى بىر مەسىلە. ئوبامانىڭمۇ ياش ۋاقىتلىرىدا كوكايىن چەككەن ۋاقىتلىرى بوپتىكەن
     
     
     
     
     

     
     
     
     

    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مەن سىزنى توردا كورگەن
  • siz azaldin korup bakmiganma xinjiangdiki gar kaysi uniwersititlardda bundak ixlar adatikudakla , uyardimu mahsus qikix uqun yataklar bar qikidigan balilarning hamisi ukidu , daim xu yarga toplixip qikip koyidu .
    siz kulup dapsiz
    xinjiangdiki waktingizda anglimiganma yaki korup bakmiganma xinjiangdimu zhongguo diki 01 nomurluk millat aqkan kuluplarga kirip beking 20 kawattin igiz ninani salhan baywatqa axu pullarni kandak kayturup kilidu
    ktv larha kirip beking pakat nahxa eytip kaytip qikamdu
    togra manmu kirip bakkan qunki man yazguqi amas amma turmuxning ak serik hamma sorunini korgum kelidu man yazhuqikardak qatalga qikip ularning guzal manzirilirini tasirlaydihanlardin amasman amiricida saat ikida kulup takalgan bolsa buyarda urumqi wakti on ikkidin kiyin eqilip atgan baxta takildu xungga siz igiz binaning iqidiki harkatlarni koqalmaysiz kirip qikkan kixlarnimu koralmaysiz kanqilik kixi kiridu tehimu korolmaysiz paraz kilip beking kanqilk kixi kirar kanqisi uyghrdu alwatta hae kilalmaysiz yalingaq usulqi uyghur kizlar
    alwatta siz undak yarga kirgan adam hisiyatingizni besiwelhxingiz kerak bazi kixlardak alahida kilip sozlaxning hajiti yok qunki biz bir adam amas bir putun millat 21 asrdiki har kaysi asirning rayon we milltlarga kaldurgan yaman illatliri bolidu buni kobul kilix kerak aldinki asirlarda amirika yawropalarda moda bolgan yaman adatlar buasirda bida bolidu bu hayran kalhiqiliki yok qunki amirika yawropa aldinki asirda ularning tarakiyati xunqilik idi biz hazir xularning tarakkiyat baskuqida
    najip mahbus apandim arp dunyasini tohra korsatkan siz kormigan anglimihan bilan irak iran saudi misir katarlik arap dunyasida bolmihur harkatlar yok diyalmaysiz
    alwatta sadam olgandin kiyin namaz okuxtin baxka heq nir ix kilixni bilmaydihan irajkiklar kuramiha yatmigan kiqik balilirini bekix uqun axlikka ehtiyajlik boldi amma kaysi bir musulman ularha bardi
    tehi bizning uyghurlar kaxkarda yar tawrisa karap turup hanzu lar olsa tumanlap iiana kilhan tursa
    hazir irak ayalliri nima ix kiliwatkandu bilamsiz namazdin baxkini bilmigan adamni kimu ixlitidu amal yok parzantlirini tamha karitip oz tenini balisining aldida setiwatidu yaki parzantilirini yawropalik ozi bala tapmay bekiwalidihanlarha towini on tuman yawrodin setiwatidu esingizda bolsun oz ata anisi kiliwatidu
    man azaldin yurtum din qikip baknihan likin intayin arzu kiliman
    qunki man yazhuqilardak yawropaning guzal koqisini amas ang razil taripi kormakqi we ularni dunyaha hoja kilhan ang ilhar pan tehnikisini kormakqi

    zadi tanka ayropilanlarning kudirit yaki iktisadning kudiriti dolattiki baylarning kop bolixi ilim panning tiz suratta almixixi baxkilar
    man qokum bariman kurax kilix uqun bariman
    kaqurung okuxingizha awariqilik tuhdurup koydu m
    tarim722@yahoo.com
  • ئەمدى ئامىرىكىنىڭ قىزچاقلىرى ھەققىدە بىر توختالمامسىز jeck ئەپەندى ، تېلىۋىزورلاردا كۆرۈپ تۇرىمىز ، راستىنلا شۇنداق بەك open مۇ؟ قېنى پۇرسەت بولسا مۇشۇ ھەقتە بىر توختىلىپ باقسىڭىز بوپتىكەن.
  • كۆك ئەپەندى كەسپىڭىز قانۇن ئوخشىمامدۇ؟
  • criminal justice بىلەن جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى ئوخشىمايدۇ. ئۇنى جىنايى ئىشلار ئەدلىيىسى دېسەك بولغۇدەك، Google تىلماچ 刑事司法 دەپ ئۆرىدى، قارىغاندا ( مەخسۇس) ساقچىلارنىڭ قىلىدىغان ئەمەلىدەك ئوخشايدۇ. لېكىن جىنايى ئىشلار دەۋاسىنى ( قانۇنى) Criminal Procedure دەيمىز. بۇ نوقۇل ساقچىلارنىڭلا ئىشى بولۇپ قالماستىن يەنە سوت، ئادۋۇكات، تەپتىش( جۇڭگۇدا) قاتارلىق ساھەلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۇڭگۇ ۋە ئامېىرىكىنىڭ قانۇنى كۆپ پەرقلىنىدۇ، چۈنكى ئىككىسى ئىككى خىل قانۇن سىېستمىسى 法系 غا تەۋە.
    -----------------------
    جېك ئاغا! ماۋۇ ئۇسلۇب كودىدا ئازراق مەسىلە بار ئىكەن، بىر margin-right نى margin-left كە ئۆزگەرتسەك بولغۇدەك، بولمىسا ئاۋۇ خەتلەر قېلىپتىن چىقىپ تۇرىۋالىدىكەن!
  • ۋەتەننى سىغىنىپسىزدە !!!مەنمۇ پاكىستاندا تۇرغىلى بىر يىل بولدى،
  • ھې ھې ھې ! ئامېرىكىدىمۇ شۇنداقكەندە !
  • criminal justiceنى جىنايى ئىشلار ئەدىلىيەسى دىسەك قانداق بۇلار، سۆز مەنىسىگە قارىغاندا بۇ كەسىپ بىزنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى كەسپىگە ئوخشايدىكەن،
    ئامىركىدىكى نۇرغۇن شىتاتلارنىڭ قانۇنىدا جىنايەتچى قارشىلاسسا ساقچىلاتنىڭ ئوق چىقىرىش ھوقۇقى بۇلىدۇ،
  • بىزنىڭ بۇ يەرلەردە ساقچىلار بىلەن زاكۇنلىشىدىغان، گەپ تالىشىپ مۇنازىرىلىشىدىغانلارنى پات-پات ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداقلار ئامېرىكىدا بولۇپ قالسا ئاللىقاچان جېنىدىن جۇدا بولاركەنتۇق. يەنىلا بىزنىڭ ساقچىلار ئېغىر بېسىقكەن.
    ئۈستىدىن 5-رەسىمنى سەل كىچىكلىتىپ قويسىڭىز بولغىدەك، ئوڭ تەرەپتىكى Sidebar بۆلىكى پەسكە چۈشۈۋاپتۇ.
  • روزى ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن جېك ئاغا!!
    ھېيتنى كۆڭۈللۈك خۇشال ئۆتكۈزگەيسىز گەرچە شىنجاڭدا بولمىسڭىزمۇ ....
    رەسىم يوللىغىلى بولمايدىكەن بولمىسا سىز ياقتۇرىدىغان يۇرتنىڭ سېغىنغان ئادەملىرىنىڭ رەسىملىرى باتتى ،ئەۋەتىپ قۇياركەنمە ...
    شۇندا بولسىمۇ خۇشۋاق بولاڭ ھە ئاغا !!!