-
ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگدا Jeck بلوگى ئىككىنچى بولدى Top 10 Blogs of Uyghurs: Jeck Blog is No.2 - [Review نەزەر]
2009-01-13
بەزىدە ئويلىنىپ قالىمەن، مەن بلوگنى قاچانغىچە يازىمەن، مەڭگۇ يازامدىم، ياكى بىر كۈنى توختاپ قېلىش كىرەكمۇ. مەڭگۇ يازسام نىمىلەرنى يازىمەن، يازىدىغان نەرسىلەر بارغانىسىرى تۈگەيدۇ. بلوگنى ئاچقاندىكىن ياخشى ماڭغۇزۇش كىرەك، ياخشى ماڭغۇزۇش ئۈچۈن ۋاقىت سەرىپ قىلىش كىرەك. جىق ۋاقىت سەرىپ قىلسىڭىز ئۈزىڭىزنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىغا تەسىر يىتىدۇ، ۋاقىت سەرىپ قىلمىسىڭىز بلوگىڭىز ياخشى ماڭمايدۇ. بلوگ ئۈزىلا يېزىپ ئۈزى كۈرىدىغان كۈندىلىك خاتىرە ئەمەس. ۋاقىت سەرىپ قىلىپ يازغاندىن كىيىن باشقىلار تەرىپىدىن كۆرۇلمىسە، سىزدىمۇ قىزغىنلىق بولمايدۇ. بلوگىڭىزنىڭ زىيارەت مىقدارى يۇقىرى بولۇپ كۈنىگە نەچچە مىڭ ئادەم كىرسە سىزدىكى قىزغىنلىقمۇ بىردەمدە ئېشىپ كىتىدۇ. لېكىن زىيارەت مىقدارىنى ئاشۇرىمەن دەپ يازسىڭىز بلوگىڭىزنىڭ خاسلىقىنى ۋە ئەسلى ئېچىشتىكى مۇددىئايىڭىزنى يۈتۈرۈپ قويىسىز. شۇڭلاشقا بۇلار ئوتتۇرىسىدا مەلۇم تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسى بولۇش كىرەك. -
ئامرىكىدا دوختۇرغا كۈرۈنۈش، داۋالنىش، سوغۇرتا ۋە ئۇيغۇرلار Medical treatment, Medical Insurance in USA - [America ئامرىكا]
2008-10-07
ئامرىكىدا ئوقۇيدىغان كەسىپلەرنىڭ ئىچىدە دوختۇر ۋە ئادۇۋكات بولماق ئەڭ قىيىنغۇ دەيمەن.دوختۇر بولۇش ئۈچۈن ئاۋال ئىككىنچى بىر مۇناسىۋەتلىك كەسىپتە (مەسىلەن بىئولوگىيە، خېمىيە دىگەندەك) باكلاۋۇر ئوقۇش كىرەك. شىنجاڭدىكىدەك تولۇق ئوتتۇردىنلار يشۆيەنگە كىرىپ كىتىدىغان ئىش يوق. باكلاۋوردىن كىيىن ئاندىن دوختۇرلۇق ئوقۇشقا كىرسە بۇلىدۇ. تاللىغاندا بەك قاتتىق تاللارمىش. مەن دوختۇر بۇلىمەن دەپ ئوقۇۋاتقان بىر نەچچەيلەننى تۇنۇيمەن
共1页 1