• ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگدا Jeck بلوگى ئىككىنچى بولدى Top 10 Blogs of Uyghurs: Jeck Blog is No.2 - [Review نەزەر]

    2009-01-13


    يۈكسەل بلوگى تەشكىللىگەن ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيتى بىر نەچچە ئايلىق نامزات كۆرسىتىش، باھالاش، بىلەت تاشلاش ئارقىلىق بۇ يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى ئاخىرقى خۇلاسىسىنى ئىلان قىلدى. بۇ پائالىيەت بىر قەدەر ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ باھالاش ئادىل بولدى. ھەم ئاخىرقى خۇلاسىسدىن قارىغاندىمۇ ئۇيغۇرلادىكى بلوگلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ياخشى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئاخىرقى نەتىجىدە بىر زات ئەپەندىنىڭ 80 خالتا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك بلوگى بىرىنچى دەرىجىگە، جېك تور خاتىرىسى ئىككىنچىگە، مەرىپەت بلوگى( ئەركىن سىدىق تور خاتىرىسى) ئۈچىنچىگە تىزىلغان. بۇ تىما ئارقىلىق ئاۋال بلوگى قۇرۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ لېكىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا كۈزگە كۈرۈنۇپ تورداشلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالالىغان، پېقىرنىڭ بلوگىدىن ھالقىپ كەتكەن بىر زات ئەپەندىنىڭ تىرىشچانلقىغا ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتجىسىگە ئىھتىرام بىلدۈرىمەن. ئۇندىن باشقا يەنە 10 چوڭ بىلوگ قاتارىغا كىرگەن بارلىق بلوگلارنىمۇ قۇتلۇقلايمەن.

    ئۇيغۇرلاردا بلوگى يېزىش باشلانغىلى ئوزۇن بولمىدى، پېقىر بلوگ يېزىشنى باشلىغاندا بىللە يېزىشنى باشلىغان يەنە بىر مۇنچە بلوگلار بار ئىدى.لېكىن ئۇلاردىن ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كىلەلىگىنى، بولۇپمۇ باشقا يەردىن كۈچۈرۈپ تىما چاپلاپ قويماي ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ كىلەلىگەننى مەن بايقىمىدىم. بۇرۇن بلوگ باشقىلارغا يىڭى نەرسە بولغاچقا تەسىرىمۇ يۇقىرى ئەمەس، كۈرىدىغان ئادەممۇ ئاز ئىدى، 2006-يىلى  يازدا مەن بلوگ يېزىشنى باشلاپ 3 ئايدا ئاندىن زىيارەت مىقدارى 10مىڭغا يەتكەن، تىما يېزىپ تەبرىكلىگەن ئىدىم. يەنە 3 ئايدا 20مىڭگە بارغاندا تىما يېزىپ تەبرىكلىگەن ئىدىم. ئىكىنچى يىلنىڭ بېشىدا 100 مىڭگە يەتكەندە «توۋا، ئۇيغۇرلاردىمۇ بلوگ زىيارەت مىقدارى 100 مىڭگە بارالايدىكەن» دەپ ھەم ھەيران قالغان، ھەم چوقۇم داۋاملاشتۇرۇشنى كۈڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم. بلوگ مۇقىملاشقاندىن كىيىن زىيارەت مىقدارىمۇ كۈندىن كۈنگە ئېشىپ باردى. ئۇ ۋاقىتلاردا مەندىن باشقا مۇقىم، تەسىرى كۈچلۈك بلوگ بولمىغاچقا ئەگەر ئۇيغۇرلاردىن بەك داڭلىق بىرەرسى بلوگ باشلاپ قالمىسلا يەنە كەم دىگەندە ئىككى يىلغىچە مىنىڭ بلوگىمنى باشقىلار بېسىپ چۈشەلمەيدۇ دەپ ئويلىغان. مانا ئىككى يىل بولمايلا بىرزات ئەپەندى بلوگ باشلاپ 6 ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە كۈندىلىك زىيارەت مىقدارى مىنىڭ بلوگىمدىن ئېشىپ كىتىپتۇ ياكى تەڭلىشىپتۇ. ئۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇن خاسلىققا ئىگە، ئۈزى يازىدىغان، مۇقىم يىڭىلىنىپ تۇرىدىغان بلوگلار پەيدا بولۇپ ئوقۇرمەنلەردىمۇ مۇنبەردىن باشقا بلوگلارنىمۇ ئۈزلۈكىدىن زىيارەت قىلىدىغان ئادەت شەكىللىنىپتۇ. ئىشلەتكۈچىلەر كۆنگەندىن كىيىن بۇندىن كىيىن بلوگ يازىدىغانلارغا نىسبەتەن ئوقۇرمەنلەرنى جەلىپ قىلىش قىيىن بولمايدۇ. بۇنىڭدىن يەنە شۇنى كۈرىۋىلىشقا بۇلىدۇكى، مەيلى كىم بولسۇن يىڭىدىن بلوگ باشلاپ ئۈزىنىڭ خاسلىقىغا ئىگە قىلىپ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ بىرەلەيدىغانلا بولسا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەسىرى جەھەتتىن ھازىرقى داڭلىق بلوگلارغا يىتىشىپ ئۇلارنى بېسىپ كىتەلەيدۇ. ئوقۇرمەنلەر ئاللاقاچان كۈنۇپ بولدى، بۇندىن كىيىن تېخىمۇ كۈنىدۇ. شۇڭا سىز بۇ جەھەتتە جاپا تارتمايسىز. مىنىڭ بلوگىمغا ئۈز ۋاختىدا كۈنىگە مۇقىم يۈز ئادەم كۈرىدىغان بولۇشى ئۈچۈن 8 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن. ھازىر باشلاپلا ھەپتىدە بۇ سانغا بارالايسىز.

    بۇ قېتىمقى باھالاشنىڭ نەتىجىسى چىققاندىن كىيىن ئۈزەممۇ ئويلىنىپ باقتىم. بۇ نەتىجە ھازىرقى بلوگلارنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى جەلىپ قىلىشتىكى دەرىجىسىنىمۇ بىر قەدەر ياخشى ئەكىس ئەتتۈرۈپتۇ دەپ قارىدىم.   رىئاللىق نوقتىىسىدىن ئالغاندىمۇ مەن ئىشلىرىم  بۇرۇنقىدىن كۆپ ئالدىراش بولۇپ كەتكەچكە ئۆتكەن يىلى  5- ئايداUighur.cn  بلوگ مۇلازىمىتىنى  ئەمەلدىن قالدۇرۇپ بلوگىم تاقىلىپ قالغاندىن باشلاپ كۆپ ۋاقىت چىقىرالمىدىم. بلوگنى 3 ئاي تاقاپ قويۇپ ئاندىن يۆتكەپ قايتا ئاچتىم، رەتلەشكە بىر ئايدەك ۋاقىت كەتتى. بۇ جەرياندا جىق ئوۇرمەنلەرنى يوقىتىپ قويدۇم. ئاندىن قايتا ئاچقاندىمۇ بۇرۇنقىدەك سىجىللىق بىلەن يىڭى، ئۆز خاسلىقىمغا ئىگە تىمىلارنى يوللىيالمىدىم. بۇ ھالەت تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ ۋاقىتتا بلوگنىڭ باشقىلارنى جەلىپ قىلىش كۈچى تۈۋەنلەپ كىتىشىمۇ نورمال ئەھۋال. بلوگنى يۆتكەپ قايتا ئاچقاندىن بېرى مۇقىم ئوتتۇرىچە زىيارەت مىقدارى  بۇرۇنقىغا تەڭلىشىپ باقمىدى.

    بەزىدە ئويلىنىپ قالىمەن، مەن بلوگنى قاچانغىچە يازىمەن، مەڭگۇ يازامدىم، ياكى بىر كۈنى توختاپ قېلىش كىرەكمۇ. مەڭگۇ يازسام نىمىلەرنى يازىمەن، يازىدىغان نەرسىلەر بارغانىسىرى تۈگەيدۇ. بلوگنى ئاچقاندىكىن ياخشى ماڭغۇزۇش كىرەك، ياخشى ماڭغۇزۇش ئۈچۈن ۋاقىت سەرىپ قىلىش كىرەك. جىق ۋاقىت سەرىپ قىلسىڭىز ئۈزىڭىزنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىغا تەسىر يىتىدۇ، ۋاقىت سەرىپ قىلمىسىڭىز بلوگىڭىز ياخشى ماڭمايدۇ. بلوگ ئۈزىلا يېزىپ ئۈزى كۈرىدىغان كۈندىلىك خاتىرە ئەمەس. ۋاقىت سەرىپ قىلىپ يازغاندىن كىيىن باشقىلار تەرىپىدىن كۆرۇلمىسە، سىزدىمۇ قىزغىنلىق بولمايدۇ. بلوگىڭىزنىڭ زىيارەت مىقدارى يۇقىرى بولۇپ كۈنىگە نەچچە مىڭ ئادەم كىرسە سىزدىكى قىزغىنلىقمۇ بىردەمدە ئېشىپ كىتىدۇ. لېكىن زىيارەت مىقدارىنى ئاشۇرىمەن دەپ يازسىڭىز بلوگىڭىزنىڭ خاسلىقىنى ۋە ئەسلى ئېچىشتىكى مۇددىئايىڭىزنى يۈتۈرۈپ قويىسىز. شۇڭلاشقا بۇلار ئوتتۇرىسىدا مەلۇم تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسى بولۇش كىرەك.

    پېقىرنىڭ بلوگى باشلانغاندىن كىيىن ھازىرغىچە ئىككى يېرىم يىل بوپتۇ. بۇ جەرياندا ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ئېچىلماي، مەن تەتىل قىلىپ بىر يەرلەرگە كىتىپ يازماي دىگەندەك ئىشلار بىلەن  توختاپ قالغان ۋاختى10ئايغا بارىدۇ. . Uighur.cn دىكى كونا بلوگ تاقىلىپ قېلىشتىن بۇرۇن ئومۇمى زىيارەت مىقدارى 440 مىڭدىن ئاشقان ئىدى. ھازىرقىسدىكىنى قوشقاندا 600مىڭدىن ئېشىپتۇ. ئاللا خالىسا بۇ سان بىر مىليۇنغا يەتكەندە ئوقۇرمەنلەر بىلەن  رىئال تۇرمۇشتا بىر يىغىلىش قىلارمىز.

    ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ يىڭى يىلدا يىڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشۇڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.

    قوشۇمچە: ئۇيغۇرلاردىكى10چوڭ بلوگنى باھالاش نەتىجىسى.پېقىر ئۇلارنىڭ نەتىجىسىن قۇتلۇقلاش يۈزىىسىدىن بلوگىمغا ئۇلىنىش بىرىمەن.

    ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 )
    1. بىر زات شىپاخانىسى ( 80 خالتا تورى )
    ئېرىشكەن بېلەت سانى 484 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 26، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 510

    2. جېك تور خاتىرىسى
    ئېرىشكەن بېلەت سانى 464 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 44، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 508

    3. مەرىپەت بلوگى ( ئەركىن سىدىق تورخاتىرىسى )
    ئېرىشكەن بېلەت سانى 332 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 21، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 353

    4. دۇنيا قارا بلوگى
    ئېرىشكەن بېلەت سانى 442 ( بۇنىڭ ئىچىدە ئوخشاش IP دىن تاشلانغان 130 بېلەت ئىناۋەتسىز دەپ قارالدى.) ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 27، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 339

    5. يۈكسەل بلوگى
    ئېرىشكەن بېلەت سانى 282 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 40، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 322

    6. تەكلىماكان بلوگى
    ئېرىشكەن بېلەت سانى 171 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 41، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 212

    7. ئارامگاھ بلوگى
    ئېرىشكەن بېلەت سانى 129 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 45، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 174

    8. تەدبىركار بلوگى
    ئېرىشكەن بېلەت سانى 150 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 4، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى  154

    9. تارىم بلوگى
    ئېرىشكەن بېلەت سانى 114 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 20، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 134

    10. بىزنىڭ بلوگى
    ئېرىشكەن بېلەت سانى 106 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 12، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 118

    2008 - يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ ياخشى ( ئەڭ نادىر ، ئەڭ چوڭ ) بلوگ :  بىر زات شىپاخانىسى ( 80 خالتا تورى )

    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مۇبارەك بولسۇن قېرىندىشىم!
  • شۇنداق ، گەرچە بىز ئەمدىلەتىن ئۆگىنىۋاتقان بولساقمۇ ، داڭلىق 10 بىلوگنىڭ تەجىربىلىرى ۋە باشقا داڭلىق بىلوگلارنىڭ تاۋلىنىش تەجىربىسى ئارقىلىق چوقۇم ياخشى كۈنلەرگە ئۇلىشالايمىز ..
  • مۇبارەك بۇلسۇن ! ئىشلىرڭىزغا ئوتۇق ، سىزگە سالامەتلىك تىلەپ !
    http://tugraq.blogbus.com/
  • مەنمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم ، سىزنى تەبرىكلەيمەن!
  • ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم دوستۇم قانداق ئەھۋالىڭىز بلوگىڭىزنى خىلى ياخشى ياسۋاپسىز ، مۇمكىن بولسا پىقىرنىڭ بلوگىنىمۇ دوستانە ئۇلىنىشقا قۇشۇپ قويسىڭىز ، مەنمۇ سىزنى ئۇلىنىش قىلۋالدىم. ھەممىمىز ئورتاق تەرەققى قىلايلى .
  • سىزنى ئالدىڭىزدا ماختىغانلىق ئەمەس. لېكىن ئۆزىڭىز بىلىسىز، بىزدە سىلەردەك ئادەم ئاز... بىزگە تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىقلار بىلەن تەمىنلىشىڭلارغا تەشنامىز.
  • سىزنىڭ سادىق ئوقۇرمەنلىرىڭىز بولۇش سۈپتىم بىلەن شۇنى دەيكى :
    ئۆزى ياقتۇرغان بلوگنىڭ دەرىجىگە ئېرىشىىشى خۇددى پۇتبول مۇسابىقىسدە ئۆزى ياقتۇرىدىغان پۇتبول چولپىنىڭ توپ سولىغانلىقىنى كۆرگەندەكلا خوشاللىق ئىش .
  • بىلوگىڭىز ئۇيغۇر بلوگگېرلار قانىلىغا قوشۇلدى، ئۇيغۇر بلوگگېرلار قانىلىغا ئۇيغۇرلاردىكى 2008-يىلدىكى 10 چوڭ بلوگ ۋە بىر قىسىم پايدىلىنىش قىممىتى يوقىرى بلوگلارمۇ قوشۇلدى، نۆۋەتتە داۋاملىق قوشۇلىۋاتىدۇ، بىر ئاز ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ قىممەتلىق تەكلىپ پىكىرىڭىزنى بەرگەيسىز!
    ئېھتىرام بىلەن: ئۇيغۇر بلوگگېرلار قانىلى
    ئادىرىسىمىز: http://qanal.u.blogbus.com/
  • تەن ساقلىق زور بايلىق ، تىرىشىڭلار ئەزىز قىرىنداشلار.
  • جېك بلوگىنىڭ 10 چوڭ بلوگنىڭ ئىچىگە شەرتسىز كىرىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. ئەلۋەتتە چوقۇم بىرىنچى بولىدۇ دەپ ئويلايتىم. بىرزات ھەكىم يامان چىقىپ كېتىپ قاپتۇ. بۇمۇ بلوگگېرلارنىڭ ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىجابى تەسىرى كۈچلۈك بىر پائالىيەت دەپ ئويلايمەن. 10 بلوگدىن مېنىڭ بلوگىمنىڭ ئۇلىنىشىنى قالدۇرماپسىز. بولسا ئۇلاپ قويسىڭىز، PR ئاشۇرۇشقا پايدىسى بوپ قالار.
    Jeck回复تەدبىركار说:
    ئۇلىنىش بىرىۋاتقان ۋاختىمدا سىزنىڭ بلوگىڭىز پەقەت ئېچىلمىدى. شۇڭا سىز بىلەن ئالاقىلىشىپ ئاندىن ئۇلىنىش قىلاي دەپ ساقلاپ ئولتۇرغان ئىدى. ھازىر ئوڭشاپ قويدۇم.
    2009-01-24 11:01:42
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ھۆرمەتلىك بلوگىر دوستۇم، يۈكسەل بلوگى بلوگ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ بىر پەللە يۈكسەكلىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، مۇستەقىل بوشلۇق ۋە مۇستەقىل تور ئادرېسى ئالدى ۋە نەشىرىنى يېڭىلىدى. سىزنىڭ يۈكسەل بلوگىنىڭ يېڭى نەشىرىنى زىيارەت قىلىپ، تەكلىپ - پىكىر بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە بلوگىڭىزدىكى يۈكسەل بلوگ ئۇلىنىشىنى ( نۆۋەتتىكى ئادرېسىمىز http://www.yukselblog.cn/ ) تەڭشەپ قويۇشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىماس قىلىمىز!
    كامالىي ئېھترام بىلەن
    يۈكسەل بلوگى
    يۈكسەل
  • مۇبارەك بولسۇن ئاكا ،تېخىمۇ تىرىشىڭ ،سىزنى مەڭگۈ قوللايمەن!!!
  • ياخشىمۇ سىز . ئىنتىرنىت - ئۇيغۇر دىيارىدا ، تۇنجى بولۇپ سىزدەك ئەل سۆيگەن بىر نەچچە مۇھتىرەم ئەزىز قىرىنداشلارنىڭ ئىسىل يازمىلىرى بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى . چوڭ -كىچىك بىلىمگە تەشنا قەلىبلەر سىزدىن مەمنۇن ، مەيلى نەدە بولماڭ ۋاختىڭىز يار بەرسىلا يىزىڭ ، سالامەتلىكىڭىزگە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ .
  • داۋاملىق يىزىپ تۇرۇڭ مۇئەللىم.
  • پەقەت بلوگ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلمىز.ئەگەر بلوگنى تاشلاش كىرەك بولسا چوقوم تاشلاش كىرەك،ئۇ ھەرگىزمۇ سىزگە بېسىم ياكى يۈك بۇلۇپ قالمىسۇن.بىز سىزنىڭ ئامرىكىدا شېركەت قۇرۇشىڭىزنى ۋە تەسىر پەيدا قىلىشىڭىزنى،ئاندىن ۋەتەندىن بارغانلارغا ئوقوش،خىزمەت جەھەتلەردە ياردەمدە بولالايدىغان ھالەتكە كىلىشىڭىزنى،ئاندىن ۋەتەنگە بىر مۇھاجىر سۈپىتىدە قايتىپ،ياردەم قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز.بلوگنىڭ تەسىر دائىرىسى ھەقىقەتەن تار،تەسىر دائىرىسى كەڭرى ۋاستىلەردىن پايدىلىنىشىڭىزنى تېخىمۇ ئۈمۈد قىلىمىز.
  • تۇرسۇنجان ، ئاكا ، ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنى ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز بوپتىكەن ، بولسا كەمىنىنى تۆۋەن كۆرمەي ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز ، ئۇلۇغ خۇدا ھەممە ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن !
  • http://czggfilms.free.fr/news2008en.html

    i strongly recommend this film~~Mr Jeck please put this film on yuor blog~~THX~~
  • مۇبارەك بولسۇن! خاسلىقنى تەكىتلەش تولىمۇ موھىم. سىزنىڭ بلوگىڭىز ھەقىقەتەن داڭدار بلوگلار قاتارىدىن ئۇرۇن ئېلىپ، باشلامچىلىق، سەركىلىك ئورنىڭىزنى جارى قىلدۇرۇشقا مۇناسىپ، غەيرەت قىلىڭ!
  • يېزىڭ جېك ئەپەندى، يازغۇدەك بولسىلا يېزىپ تۇرۇڭ. ۋاڭتىڭىزنى چىقىرالىغاندا يېزىپ تۇرۇڭ. بىز ھەر ۋاقىت كۆرۈشكە مۇھتاجمىز.
  • سىزنى تەبرىكلەيمەن ھەمدە سىزگە داۋاملىق ئامەت ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمەن!