• بەزىدە ئويلىنىپ قالىمەن، مەن بلوگنى قاچانغىچە يازىمەن، مەڭگۇ يازامدىم، ياكى بىر كۈنى توختاپ قېلىش كىرەكمۇ. مەڭگۇ يازسام نىمىلەرنى يازىمەن، يازىدىغان نەرسىلەر بارغانىسىرى تۈگەيدۇ. بلوگنى ئاچقاندىكىن ياخشى ماڭغۇزۇش كىرەك، ياخشى ماڭغۇزۇش ئۈچۈن ۋاقىت سەرىپ قىلىش كىرەك. جىق ۋاقىت سەرىپ قىلسىڭىز ئۈزىڭىزنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىغا تەسىر يىتىدۇ، ۋاقىت سەرىپ قىلمىسىڭىز بلوگىڭىز ياخشى ماڭمايدۇ. بلوگ ئۈزىلا يېزىپ ئۈزى كۈرىدىغان كۈندىلىك خاتىرە ئەمەس. ۋاقىت سەرىپ قىلىپ يازغاندىن كىيىن باشقىلار تەرىپىدىن كۆرۇلمىسە، سىزدىمۇ قىزغىنلىق بولمايدۇ. بلوگىڭىزنىڭ زىيارەت مىقدارى يۇقىرى بولۇپ كۈنىگە نەچچە مىڭ ئادەم كىرسە سىزدىكى قىزغىنلىقمۇ بىردەمدە ئېشىپ كىتىدۇ. لېكىن زىيارەت مىقدارىنى ئاشۇرىمەن دەپ يازسىڭىز بلوگىڭىزنىڭ خاسلىقىنى ۋە ئەسلى ئېچىشتىكى مۇددىئايىڭىزنى يۈتۈرۈپ قويىسىز. شۇڭلاشقا بۇلار ئوتتۇرىسىدا مەلۇم تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسى بولۇش كىرەك.