• 2008-يىللىق شىنجاڭدىكى 10 چوڭ ئىش Top 10 News of Xinjiang in 2008

    2009-01-17

    بىز ئۈتكەن يىلى بىر قىسىم تورداشلار بىرلىكتە 2007-يىلىدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىگە نەزەر نامىدا بىزنىڭ نەزەرىمىزدىكى 2007-يىلىدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىدىكى 10 چوڭ ئىش ۋە 2007-يىلدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىگە نەزەرنى ئىلان قىلغان ئىدۇق. گەرچە تەسىرى بەك چوڭ بۇلۇپ كەتمىسىمۇ، بىز ئۈزىمىز ھەم بەك كەسپى قىلىپ كىتەلمىسەقمۇ بۇ يىلمۇ يەنە قىلىشنى ئويلاشتۇق. مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشلەر ئۆتكەن يىلى تەپسىلى بىرىلگەن بولغاچقا بۇ يىل تەپسىلى چۈشەندۈرۈش بىرىلمىدى. قىززىقىدىغانلار ئۆتكەن يىلدىكى تىمىنى ئوقۇپ ئۈتكەي. بۇ يەردە تەكىتلەپ قويىدىغىنىم بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت بىز بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ كۈز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

    2008-يىلدىكى شىنجاڭدىكى 10 چوڭ ئىش (خەۋەر)

    1. نۇر بەكرى شىنجاڭنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.
    2008-يىلى بىرىنچى ئاينىڭ 22-كۈنى ئېچىلغان شىنجاڭ 11 نۆۋەتلىك 1-ئومۇمى يىغىندا نۇر بەكرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. بۇنىڭ بىلەن نۇر بەكرى ئازاتلىقتىن كىيىن شىنجاڭدىكى ئەڭ ياش رەئىس، شۇنداقلا جۇڭگۇ سىياسى سەھنىسىدىكى 60-يىلدىن كىيىن تۇغۇلغان بىر نەچچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى رەئىس نۇر بەكرىدىن چوڭ ئۈمىتلەرنى كۈتىدۇ.

    ئۈلىنىش: http://www.xjnews.cn/newsshow.asp?id=50983&ntitle=3e2f2101ba4ab7c79ceb393c957ada29

    2. ئۇلىمپىك ھارپىسىدا قەشقەرۋە كۇچادا تىرورچىلىق ۋەقەلىرى يۈز بەردى.
    8-ئاينىڭ 4-كۈنى يەنى ئۇلىمپىك ئۈتكۈزۈشكە 4 كۈن قالغاندا قەشقەردە ئىككەيلەن ئەتىگەندە چىنىقىشقا چىققان قەشقەر چىگرا ئامانلىقىنى ساقلاش قۇراللىق قىسىملىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ 16 ئادەم ئۈلگەن، 16 ئادەم يارىلانغان بولۇپ بۇ شىنجاڭ يىقىنقى يىللاردىكى بۈلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش داۋامىدا يۈز بەرگەن  چوڭ ۋەقە بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتىگەندە كۇچادا تىرورچىلار قۇراللىق ھالدا ھۈكۈمەت ئورگانلىرى ۋە خەلىق ئەسلىھەلىرىگە ئۈزىنى ئۈلتۈرۋېلىش خاراكتىردىكى ھۇجۇم قىلغان بولۇپ 17 ئورۇندا پارتلىتىش ئېلىپ بارغان. بۇ ئىشلار شىنجاڭدىكى بۈلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىگىنى ئەسلىتىدۇ.

     



    ئۇلىنىش:
    http://www.xjnews.cn/newsshow.asp?id=57089&ntitle=366bd5f5c022e11edccbc745b1f23a41
    http://news.sina.com.cn/c/2008-08-04/125616058130.shtml
    http://www.caijing.com.cn/2008-08-11/110004465.html

    3. ئۈرۈمچى دېخۇي خەلقارا سارىيىغا ئوت كەتتى
    1-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچى چاڭجىياڭ يولىغا جايلاشقان دېخۇي خەلقارا بىناسىغا تۇيۇقسىز ئوت كەتكەن بولۇپ بىنادىكى توپ تارقىتىش دوكانلىرىدىكى ماللار ئاساسەن كۆيۈپ كەتكەن. بىناغا ئوت كىتىپ ئوت ئۈچۈرۈش خادىملىرى ناھايتى تىزلا يىتىپ كەلگەن بولسىمۇ ئوت ئۇلۇغ بولغاچقا بۇ ئوت 33 سائەتتىن ئارتۇق كۆيگەن.

    ئۇلىنىش: http://www.xjnews.cn/newsshow.asp?id=50352&ntitle=8a88c9ec40f7491e3f4fea006d59f88d

    4. شىنجاڭدا مال باھاسى ئۈرلەپ كەتتى.
    خەلقارادا يۈز بەرگەن ئىقتىسادى كىرىزس،  شىنجاڭدىكى تەمىنلەش ۋە ئىھتىياج مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزگىرىشى ۋە باشقا ئىقتىسادى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن شىنجاڭدىكى مال باھاسى بولۇپمۇ خەلىقنىڭ كۈندىلىق تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۇن، ماي، گوش، يىقىلغۇ دىگەندەك تاۋارلارنىڭ باھاسى تۇيۇقسىز ئۈرلەپ كەتتى. بۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا خەلىقنىڭ كۈندىلىك ئىستىمال ۋە پائالىيتىگە تەسىر قىلدى،

    5. 21-ئەسىردىكى تۇنجى قېتىملىق كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلىشىدا شىنجاڭ ئەڭ ياخشى كۈزىتىش ئورنى بولدى.
    8-ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى يۈز بەرگەن بۇ ئەسىردىكى كۈننىڭ تۇنجى قېتىملىق تۇلۇق تۇتۇلىشىدا قۇمۇل بۇ ھادىسىنى كۈزىتىدىغان ئەڭ ياخشى ئورۇن ھىساپلىنىپ خەلقارا ۋە جۇڭگۇدىكى نۇرغۇنلىغان ئاستىرنومىيە تەتقىقاتچىلىرى، ھەۋەسكارلار ۋە مۇخبىرلار قۇمۇلغا يىغىلىپ بۇ ھادىسىنى كۈزەتتى. نۇرغۇنلىغان خەلقارا ۋە جۇڭگۇدىكى ئاخبارات ئورۇنلىرى نەخ مەيدان خەۋىرى بەردى.

    ئۇلىنىش:
    http://www.xjnews.cn/newsshow.asp?id=56577&ntitle=be6fab74b40be7651a1c8be1ee906f6c
    http://www.tianshannet.com.cn/news/content/2008-08/01/content_2759407.htm

    6. مەھمۇد قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىغا نەخ 1000 يىل بولدى.
    بۇ يىل ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرى تۇغۇلغانلىغىنىغا 1000 يىل بولغان يىل بولۇپ خەلقارادىمۇ بۇ يىلنى مەھمۇد قەشقىرى يىلى قىلىپ بىكىتكەن ئىدى. 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە بېيجىڭدا مەركىزى مىللەتلەر ئىنىستىتوتىدا خەلقارادىكى تىل تەتقىقاتچىلىرى يىغىلىپ داغدۇغىلىق ھالدا ئولۇغ ئالىم تەۋەللۇتىنىڭ 1000 يىللىغىنى تەبرىكلىدى.

    ئۇلىنىش:
    http://www.uighurbiz.cn/news/2008/1201/article_8193.html

    7. ئانىسىنى خۇرلىغان ئايال سوتقا تارتىلدى.
    بۇ يىل يازدا توردا ئوغۇرلۇقچە تارتىلغان بىر ئوتتۇرا ياش ئايالنىڭ  يەنە بىر ياشانغان ئايالنى ئورۇپ خۇرلاۋاتقان قىسقا كۈرۈنۇشى تۇيۇقسىز توردا پەيدا بولۇپ بۇنى كۈرگۈچىلەرنىڭ غەزەپ نەپرىتىنى قۇزغىدى. بۇ ئايال كىم، نىمىشقا ئۇ ئايالنى ئۇرىدۇ، نىمىشقا مۇنچىۋالا قىينايدۇ، نىمىشقا بۇنى سۈرەتكە تارتقۇچى ئۇ ئايالنى توختاتمايدۇ دىگەن سۇئاللارنى تورداشلار سوراشتى. كىيىن بۇ ئايال تورپاندا سوتقا تارتىلىپ ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىندى.  توردىكى ئىشلارنىڭ رىئال تۇرمۇشقا تەسىر كۈرسىتىشى يەنمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلەندى.

    8. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى سىچۋەندىكى ئاپەت رايونىغا 100 مىليۇن يۈۋەندىن ئارتۇق ياردەم قىلدى.
    بۇ يىل ئەتىيازدا يۈز بەرگەن سىچەندىكى يەر تەۋرەشتىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايۇن ۋە خەلىقنى قۇتقۇزۇش چاقىرىقىغا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قۇشۇپ نۇرغۇنلىغان تەسىرلىك ھىكايىلەر بارلىققا كەلدى. شىنجاڭدا ياردەمگە ئاتىلىپ ئىئانە قىلىنغان پۇل ۋە ماددى بويۇم قىممىتى 100 مىليۇندىن ئېشىپ شىنجاڭ خەلقىنىڭ خالىسانە روھىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدى.

    ئۇلىنىش: 
    http://www.xjnews.cn/newsshow.asp?id=54472&ntitle=7855c3c8bd32e1ebcdabc642b6e54986

    9. كاۋاپ يىسە ئەيدىز كىسىلى يۇقىدۇ دىگەن ئۈسەك سۈز تارقىلىپ زىيان سالدى.
    بۇ يىل ئىچكىرنىڭ بىر قىسىم رايۇنلىرىدا ۋە شىنجاڭدا «كاۋاپ يىسە ئەيدىز كىسىلى يۇقىدۇ» دىگەن ئۈسەك سۈز تارقىلىپ ناھايتى يامان تەسىر پەيدا قىلدى. شىنجاڭ كاۋاپلىرىنىڭ ئىچكىردە ۋە شىنجاڭدا نامى بار ۋە بۇ كەسىپ نۇرغۇنلىغان شىنجاڭلىقلارنىڭ ئىقتىسادى كىرىم مەنبەسى بولغاچقا بۇ ئۈسەك سۈزنىڭ چىقىشى شىنجاڭلىق ۋە شىنجاڭنىڭ كاۋىپىنىڭ ئوبرازىغا ناھايتى يامان تەسىر پەيدا قىلدى. 4-ئايدا ھۈكۈمەت ئالاھىدە مۇخبىرلارنى چاقىرىپ بۇ ئۈسەك سۈزگە رەددىيە بەردى.

    ئۇلىنىش:
    http://www.xjnews.cn/newsshow.asp?id=53738&ntitle=eaa5f646f76f45905d21f6dc3cae2ca8

    10. ئىككىنچى قېتىملىق تىرورچىلار تىزىملىكى ئىلان قىلىندى.
    شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ۋە ھەر دەرىجىلىك ھۈكۈمىتى ئالاھىدە كۈڭۈل بۇلىدىغان ئىش. شۇڭلاشقا شىنجاڭدىكى مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك بولغان خەۋەرلەرمۇ شىنجاڭدىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىدۇ. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا ۋە دۈلەت بىخەتەرلىكگە زادى كىملەر بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ دىگەننى ھەممەيلەننىڭ بىلگۈسى كىلىدۇ. 2003-يىلى 12-ئايدا دۈلەت جامائەت خەۋپىسىزلىك مىنىستىرلىكى تۇنجى بۇلۇپ بىرىنچى تۈركۈمدىكى تىرورچىلار تىزىملىكىنى ئىلان قىلغان ئىدى. بۇ يىل 10-ئاينىڭ 21-كۈنى جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى خەۋەر بىرىپ بۈلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىكىنچى تۈركۈمدىكى تىرورچىلار تىزىملىكىنى ئىلان قىلدى.

    ئۇلىنىش:
    http://www.xjnews.cn/newsshow.asp?id=60321&ntitle=6d6c299926ad330445f1dc1dc739a5c7

    http://egov.xinjiang.gov.cn/10013/10031/10003/2008/47536.htm

    تۈگىدى.

    باشقا يەرگە كۈچۈرگۈچىلەر ئۇلىنىش بىلەن بىللە كۈچۈرگەيسىزلەر.

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ياخشىمۇسىز !؟
    مەن يازمىڭىزنى ياقتۇرۇپ قالغاچقا بىلوگىمغا يوللىۋالدىم ، باشقىچە بۇلۇپ قالماس ....
  • -ئاينىڭ 4-كۈنى يەنى ئۇلىمپىك ئۈتكۈزۈشكە 4 كۈن قالغاندا قەشقەردە ئىككەيلەن ئەتىگەندە چىنىقىشقا چىققان قەشقەر چىگرا ئامانلىقىنى ساقلاش قۇراللىق قىسىملىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ 16 ئادەم ئۈلگەن، 16 ئادەم يارىلانغان بولۇپ بۇ شىنجاڭ يىقىنقى يىللاردىكى بۈلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش داۋامىدا يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقە بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتىگەندە كۇچادا تىرورچىلار قۇراللىق ھالدا ھۈكۈمەت ئورگانلىرى ۋە خەلىق ئەسلىھەلىرىگە ئۈزىنى ئۈلتۈرۋېلىش خاراكتىردىكى ھۇجۇم قىلغان بولۇپ 17 ئورۇندا پارتلىتىش ئېلىپ بارغان. بۇ ئىشلار شىنجاڭدىكى بۈلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىگىنى ئەسلىتىدۇ.
    +++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++
    بۇ تىرورلۇق ۋەقەسى ئەمەس سىز بولسىڭىزمۇ توغىرا يىزىڭە، بۇ ئىشتا ئاشۇلارنىڭ سەۋەنلىكى بار كىم ئۇلارنى 5 ياشلىق بالىنى بىكاردىن بىكار ئۇرۇپ پالاچ قىپ قويسۇن دەپتىكەن . ھۆكىمەتمۇ بىلىدۇ . خەلىق ئالاممۇ بىلىدۇ .بۇ ئىشنى .
  • ئەگەر ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى خەۋەر بەرگەن تەسىرى چوڭ ئىشلارنى باھالايدىغان ئىش بولسا، ئۇنداقتا سىزنىڭ بلوگىڭىز جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدىن قېلىشمىغىدەك. يەنە مۇشۇنداقلا توختىماي تىرىشسىڭىز، ئۇلۇغ پارتىيە سىزگە بىرەر مۇكاپات بېرەر!
    Jeck回复قاملاشمىغان说:
    ھېچكىم قولىڭىزنى باغلاپ قويمىدى. بىز قىلالمىغان بولساق سىز قىلىۋىرىڭ، يول سىزگىمۇ ئوچۇق.
    2009-02-24 17:10:54
  • ئەگەر باھالاش مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، يەنە نەچچە يىللاردىن كېيىن، بۇ باھالاشمۇ ھۆكۈمەتنىڭ باھالىشىدىن ھېچ پەرقلەنمىگۈدەك.
  • مەن بەزەنلىرىنى راستىنلا ئاڭلىماپتىكەنمەن. كۆرۈۋالدىم.
  • < سەرخىل > قىرىندىشىمىزنىڭ ئىنكاسىنى ...، ھى ھى ، قازاننىڭ قۇلىقى ھەممە يەردە تۆت جۇمۇ ، < جىك > قىرىندىشىمىز ۋاختىڭىز يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا جاۋاپ بىرىڭە. ئۇنداق ئەمەسمۇيا .
  • بەك ئامراق جۇمۇ مەن مۇشۇ جېككامنىڭ بىلوگىغا ...ھې ھې ... لېكىن ئەڭ قىزىقتۇردىغىنى ئۆزلىرى ئامرېكىدا ..

    خۇدايىم بۇيرىسا چوقۇم بارىمەن .... ئاشۇنداق دېمىكۇراتىك دۆلەتتە ياشاپ كوچىدا ئوق تىگىپ ئۆلۈپ كەتسەممۇ رازى ئىدىم ...
  • كۆپ تەشەككۈر !
    كاۋاپنىڭ خەۋىرى ئاڭلاپ باقمىغان خەۋەركەن.
  • ياخشىمۇسىز؟ مەن ئۆزەم كۇچاردىن كۇچادا بولغان ئىش ھەقىقەتەن شىنجاڭدا راۋرۇس غۇل-غۇل پەيدا قىلدى.
  • 6. ئىش بەك خەيرىلىك ئىش بولدى . دېمەك ئالىمىمىز 1000 يىلدىن كېيىن دۇنيا يىلىغا ئىگە بولدى . بىزدە شۇنداق ئىش بار ئىكەن . تۇرغۇن ئالماس دېگەن بىر ئالىمىمىزنىڭ يازغان كىتابى چەكلىنىشتىن بۇرۇنمۇ يەنە شۇ كىتاپ ئىكەنتۇق . كىتاپ چەكلەنگەندىن كىيىن ئاندىن ئۇ كىتاپنىڭ غۇلغۇلىسى بىلەن تۇرغۇن ئالماس دېگەن بىر ئىنساننىڭ نامىمى كىشلەر قەلبىگە ئورناشقان . ئەمما ، بىز ئۈچۈن ، تۈركىي مىللەتلەر ئۈچۈن بىر خەيرىلىك ئىش بولدى . بىزدىن يەنە مۇشۇنداق ،ھەتتا كىلاسسىك ئالىملىرىمىزنى بېسىپ چۈشكىدەك ئالىملىرىمىز چىقىشى كېرەك !
  • كاۋاپنىڭ خەۋىرى ئاڭلاپ باقمىغان خەۋەركەن.
  • بىلوگىڭىزدىكى سۆرىتىڭىزنى بىلوگۇمنىڭ باش بەت رەسىمىگە ئىشلەتسەم قانداق دەيسىز ؟
    Jeck回复ھىكمەت说:
    مىنىڭ سۆرىتىمنى سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ باش بەت رەسىمى قىلىۋالسىڭىز ياخشى بولماسمىكى.
    2009-01-24 12:24:30
  • كاۋاپ ۋەقەسى ، تىغ ئۇچى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان نومۇسسىز بىر ئىش.
  • < كاۋاپ يىسە ئەيدىز كىسىلى يۇقۇدۇ > بۇ ئاڭلاپ باقمىغان كۈلكىلىك خەۋەركەن .
  • ئۇلىنپىك مەشئىلىنىڭ ئۇرۇمچى ۋە قەشقەرگە يەتكۇزىلىشىمۇ بۇ يىلقى چوڭ خەۋەرلەرنىڭ بىرى،
  • 2008-يىلى بىرىنچى ئاينىڭ 22-كۈنى ئېچىلغان شىنجاڭ 11 نۆۋەتلىك 1-ئومۇمى يىغىندا نۇر بەكرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.9-ئايدىن باشلاپ
    باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش %100كە يەتكۈزۈلدى.
  • مۇشۇ تىمىنى قاچان يازاركىن دەپ ھەركۈنى بۇ بلوگقا قاراۋاتقان ،راست گەپنى دىسەم ئەرزىمىدى . خاسلىق يوق ،شىنجاڭ گىزىتىنىڭ خەۋىرىدەك تۇيۇلدى .
    Jeck回复ئىزباسار说:
    مۇشۇنچىلىك قىلالىدۇق. توغرا چۈشەنگەيسىزلەر. كەم قالغان يەرلەر بولسا باشقىلار مۇشۇ تىمىنىڭ ئاخىرىغا ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويساڭلار يەنە باشقىلار كۈرىدۇ. نىمىلەر كەم قاپتۇ بىزمۇ بىلىۋالايلى. ئۈتكەن يىلىمۇ شۇنداق بۇلغان. لېكىن تەلەپ شۇكى بۇ خەۋەرلەرنىڭ چوقۇم ھۈكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بەرگەن خەۋەر ئۇلىنىشى بۇلىشى كىرەك.
    2009-01-18 09:17:30
  • جېك تور خاتىرىسىنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنى تەشكىللىگەنلىكىگە كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز! بەزى نۇقتىلاردا ئورتاقلىققا ئىگە بولساقمۇ، ئايرىم جايلاردا قارىشىمىز ئوتتۇرىسىدا پەرق باركەن. بەزى ئىجتىمائىي تەسىرى چوڭ ئىشلاردىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىپ قېلىنغاندەك تۇيۇلدى. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، مۇشۇنداق باھالاشنىڭ بولغانلىقىنىڭ ئۆزى كاتتا ئىش بولدى. ئۈمىدىمىز شۇكى، بۇ پائالىيەت ھەر يىلى ئۈزىلىپ قالمىسا !
    Jeck回复يۈكسەل بلوگى说:
    رەھمەت. تىزىملىككە كىرمەي قالغان، ئىجتىمائى تەسىرى چوڭ ئىشلاردىن ھۈكۈمەت ئورۇنلىرى خەۋەر بەرگەن بولسا ئۇلىنىشنى قالدۇرۇپ قويۇڭ، كۈرۈپ باقايلى.
    2009-01-18 09:21:52