• 2008- يىللىق شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىگە نەزەر Xinjiang 2008 - [Review نەزەر]

    2009-02-01


    بىز بۇ يىلمۇ ئۈتكەن يىلدىكىگە ئوخشاشلا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر جەميىتىنى يۈزەكى ھالەتتە بولسىمۇ كۈزىتىپ چىقتۇق. كۈزىتىش ئۇسۇلىمىز ئۈتكەن يىلى يېزىلغان تىمىلاردا تەپسىلى چۈشەندۈرۈش بىرىلگەن بولغاچقا بۇ يىل يەنە قايتىلانمىدى.بىر قىسىم تۈرلەرنى قىسقارتتۇق ياكى ئۈزگەرتتۇق. كىلەر يەنە قىلىپ قالساق يەنىمۇ چوڭ ئۈزگىرىش بۇلىدۇ.  ئۇندىن باشقا يەنە ئەسكەرتىمىزكى بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت بىر قىسىم تورداشلارنىڭ كۈز قارىشى. پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ

    ۋەقەلەر قىسمى
     2008-يىلدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىدىكى 10 چوڭ ئىش (خەۋەر)
    ئىلان قىلىنىپ بولۇندى. تەپسىلى مەزمۇنىنى بۇ يەردىن كۈرۈڭ.

    ئادەملەر قىسمى
    1. ئۈمۈرلۈك مۇۋەپپەققىيەت مۇكاپاتى:  ھىسام قۇربان

     

     

    داڭلىق خەلىق چاخچاقچىسى ھىسام ئاكىنىڭ 80 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلەيمىز ۋە بۇ ئاددى تىمىمىز ئارقىلىق ھىسام ئاكىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى خاتىرلەيمىز.
    ئۇلىنىش: ئابرال بلوگىدا   ھۆرىيەت تورىدا
     
    2. يىللىق تۈھپىكار ئاتا ئانا: ئالىم ئەركىن سىدىقنىڭ دادىسى سىدىق مەمەت ۋە ئانىسى پاتەمخان.
    ئۇلىنىش: مەرىپەت بلوگىدا

    3. يىللىق خالىس خەير ساخاۋەتچى: بىر سوم پىلانى پائالىيتىنىڭ باشلامچىسى ئەيساجان( ئىزدىنىش تورىدىكى ۋاپادارىم)
    ئۇلىنىش: بىر سوم پىلانى تور بېتىدە

    4. يىللىق كارخانا ۋە كارخانىچى: ئاتلان تىل تەربىيلەش مەركىزى ۋە ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى قاسىمجان
    .

    ئۇلىنىش: ئاتلان شىركىتى   دىيارىم بېتىدە.

    5. يىللىق زەپەر قۇچقان ئۈمىتلىك ياش: ئۇيغۇر سوفت شىركىتىدىن ئالىم ئەھەت.

    ئۇلىنىش: دىيارىم تورىدا   ئۇيغۇر سوفت شىركىتى تورىدا

    6. بۇ يىلدىكى يىڭى ئىسىم، يىڭى چىراي: ياسىن  جېكسۇن.
    ئۇلىنىش: ئىزدىنىشتە

    7. بۇ يىل ئىچىدىكى چوڭ يۇقىتىش:
    كومپوزىتور ھېكىم ھەسەن

     

    ھۈرىيەت تورىدا، بىلىك تورىدا، نۇرقۇت تورىدا

    جەميەت، ئۇچۇر تېخنىكىسى،  تاراتقۇلار قىسمى
    1. بۇ يىللىق ئەڭ ياخشى كىتاپ: يازغۇچى مۇھەممەت ئەمەت چوپانى يازغان «سەمەندەر» رومانى.

    ئۇلىنىش: بەرقى  بوستان كىتاپ مەركىزى  بىلىك

    2. يىللىق ئەڭ ياخشى ئۇچۇر تېخنىكىسى مەھسۇلاتى: ئىرپان ئېلېكتېرونلۇق لوغىتى IRPAN 2008

    ئۇلىنىش: ئىرپان تورى  بەرقى تورىدا

    3. بۇ يىللىق ياخشى تور بىكەت: ئۇرخۇن ئۇيغۇر تارىخى تورى

    4. يىللىق ئەڭ ياخشى بلوگ: 80 خالتا بلوگى
    ( يۈكسەل بلوگى باھالاپ چىققان)

    5. يىللىق تور دۇنياسىدىكى ئەڭ ياخشى يازما:
    Erturk نىڭ «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز».
    ئۇلىنىش: دىيارىمدا  بىلىقۇت تورىدا( ئاۋازلىق)

    6. يىللىق تور چولپىنى: بىرزاد (ئىزدىنش تورى ئەزاسى، 80 خالتا بلوگى يازغۇچىسى)

    7. يىللىق ئىجتىمائى قىززىق نوقتىلار
    ئۇلىمپىك، مۇقىملىق، ۋېنچۋەندىكى يەر تەۋرەش، ئىقتىسادى كىرزىس، ئوباما، ئۈز ئانىسىنى خۇرلىغان ئايال، سۈت پاراشۇكى

    8. بۇ يىلدىكى مودا، يۈزلىنىش:
    توردا بلوگ يېزىش، ئىقتىسادچان بۇلۇش، ناۋا پروگراممىسىغا چىقىش

    كۈڭۈل ئېچىش قىسمى
    1. يىللىق ئەڭ ياخشى كىنو، رىژىسسور:
    مەمەتنىڭ 2008 - يىلى، شىرزات ياقۇپ

    2. يىللىق مۇنەۋەر سەھىپە\تۈر: مەدىنىيەت بوستانى

    3. يىللىق مۇنەۋەر سەنئەتچى: ئابدۇكېرىم ئابلىز


    4. يىللىق مۇنەۋەر رىياسەتچى: ئۈمىد غەنى


    5. بۇ يىللىق جەلىپكار ئايال( قىز): تۇرسۇنئاي ئىبراھىم (ئۇسۇلچى)


    6. بۇ يللىق جەلىپكار ئەر (يىگىت) : ئادىلجان ( 1-ئاۋغۇست كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى)

    تۈگىدى باشقا يەرگە كۈچۈرگەندە ئۇلىنىشى ۋە رەسىمى بىلەن كۈچۈرگەيسىزلەر. .

    分享到:

    评论

  • بەك ياخشى بوپتۇ.رەھمەت سىزگە، ئۇيغۇر سوفت شىركىتىدىن ئالىم ئەھەت، ئىرپان ئېلېكتېرونلۇق لوغىتى IRPAN 2008
  • 2008- يىلى تەرەققىياتى ھەممىدىن تىز ئۇيغۇر تور بېكىتى << باس باس>> نى قوشۇپ قويماپسىز.

    Http://Www.Basbas.Cn
  • ھەر قايسى ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن،خېلى ئەتراپلىق بوپتۇ.
  • جىكۋاي ،بولسا ئامرىكىنىڭ مائارىپى ھەققىدىكى تىمىلارنى كۆپرەك يوللىغان بولسىڭىز ،مىنىڭ بىلوگۇم بۇ ھەقتىكى ماتىرىياللارنى ئاساس قىلىدۇ .
  • ياخشى بۇپتۇ . ماڭا بەك يارىدى .
  • يوقاپلا كەتتىڭىزغۇ ؟
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ئەگەر سىز مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز، يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى سىزنىڭ ئۇلىنىش قىلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا!
    http://www.yukselblog.cn/bloglar/
  • يىللىق تور چولپىنى: بىرزاد (ئىزدىنش تورى ئەزاسى، 86 خالتا بلوگى يازغۇچىسى)

    86 خالتا ئەمەس ، 80 خالتا ئىدىغۇ ..
  • 6. يىللىق تور چولپىنى: بىرزاد (ئىزدىنش تورى ئەزاسى، 86 خالتا بلوگى يازغۇچىسى)
    ---------------------------------------------------
    بىرزاد ھەكىمنىڭ خالتىسى جىق بوپ كىتىپتۇ.
  • ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تورىنىڭ يىللىق ئەڭ ياخشى تور بېكەت بولغانلىقىدىن تولىمۇ خۇشاللاندىم، خۇددى ھۆكۈمەتتىن كاتتا مۇكاپات بەرگەندەك
    Jeck回复ياۋۇز说:
    سىزنىڭمۇ بىزنى قوللىغىنڭىزغا ۋە ئىتراپ قىلغىنڭىزغا رەھمەت. تور بېتىڭىزنىڭ بۇندىن كىيىن تېخىمۇ روناق تېپىشىنى تىلەيمەن. ھازىرچە قۇرۇق بولۇپ قالدى. كىيىنچە تەرەققى قىلىپ قالساق بىرەر مىدال ياكى خاتىرە بۇيۇم سوغا قىلىشنى ئويلايمىز.
    2009-02-05 12:21:44
  • ئەيساجاننىڭ ئىسمىنى كۆرۇپ بەك خوش بولدۇم.
  • 4. يىللىق مۇنەۋەر رىياسەتچى: ئۈمىد غەنى

    مېنىڭ نەزىرىمدە "قانۇن ۋە پۇخرا" نىڭ رىياسەتچىسى مەھمۇد ئىسرئىل
  • ئىزدىنىشقا يوللىۋەتتىم ،چاتاق يوقتۇ ؟