-
2007 - يىللىق شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىگە نەزەر Review back to Xinjiang and Uyghurs of 2007 - [Review نەزەر]
2007-12-27
2007 -يىللىق شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىگە نەزەر
بىز بۇ قىسىمدا، خەلقئارادىكى ۋە جۇڭگۇدىكى ئوخشاش تۈردىكى باھالاش شەرتلىرى ۋە ئوسۇلىدىن پايدىلىنىپ،سىناق تەرەقىسىدە ئىقدارىمىزنىڭ يىتىشىچە شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىنى كۈزەتتۇق . باھالاش باسقۇچىدا ئىمكان قەدەر ئادىل بۇلىشىغا كۈچەپ جامائەت پىكىرىنى گەۋىلەندۈرۈشكە تىرىشتۇق. نامزاتلىققا كىرگەنلەر ئاساسەن تېلىۋىزور، ئىنتېرنىتتا بىر قەدەر كۈپ كۈرۈلگەن ئاممىۋى شەخىسلەر قاتارىدىن نامزات تاللىدۇق، مۇشۇ يوللار بىلەن ئىرىشكەن ماتىريالنى بىر قانچە تۈرگە ئايرىپ باھالاپ، ئەڭ ياخشى دەپ قارالغان نامزاتنى بېكىتتوق. باھالىشىمىزنىڭ نەتىجىسى كوپ قىسىم ئۇيغۇرلارغا ۋەكىلىك قلسىكەن دىگەن پىرىنسىپ نىشان قىلىندى، نىشانغا يېتەلىدۇقمۇ يۇق يەنىلا كەڭ جامائەتنىڭ ئېتراپ قىلىشى ئەڭ مۇھىم . ئەلۋەتتە بىز بۇ پائالىيەتنى پۇقراۋىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئېلىپ بارغاچقا ھىچقانداق نۇپۇزلۇق ئۇرۇنغا ۋەكىلىك قىلمايمىز،كوڭۈل ئېچىش مەقسىدى ئاساسى سالماقنى ئېگەلىگەشكە تورداشلارنىڭ ئەمگىگىمىزنى ھۆرمەتلىگەن ئاساستا بىزنى توغرا چۈشىنىشىنى ۋە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز!
باھالاشلار تۈۋەندىكىچە:
( تۆۋەندىكى تۈرلەرنىڭ ھەممىسى-2007يىلىغا تەۋە بولغاچقا ھەربىر تۈرنىڭ ئالدىغا 2007-يىلى دىگەن يىلنامە قېتىلمىدى)
1. يىللىق شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىدىكى 10 چوڭ ئىش.( بۇ مەزمۇن ئېلان قىلىنىپ بولدى)
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۈرۈڭ:
more.asp?name=Jeck&id=120102. ئۈمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتى : غازى ئەمەت.
ئىزاھات: بۇ مۇكاپاتتا ھەر يىلى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئۈز كەسپىدە نەتىجە قازىنىپ ئۈزىنىڭ ئىسمى بىلەن كەسىپنى بىرلەشتۈرەلىگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ كەسىپتىكى يۇقىرى سەۋىيسگە ۋەكىللىق قىلالىغان ياكى شۇ كەسىپتە ئۈزىگە خاس ئۇسلۇپ يارىتىپ ئىسمى شۇ كەسىپكە ۋەكىللىق قىلالىغان ھايات بۇلغان پىشقەدەم ئۇستازلار خاتىرلىنىدۇ، ئۈمۈر بويى كەسىپ ئۈچۈن چەككەن ئەمگىكى ۋە ئىرىشكەن نەتىجىلىرى مۇئەييەنلەشتۈرلىدۇ. ئۇستازنىڭ ئەمگىكى مۇشۇ يىل ئىچىدە بۇلۇشى كىرەك دەپ تەلەپ يوق .3. يىللىق تۈھپىكار ئاتا ئانا : ئۇيغۇر ئالىمى شۈھرەت مۇتەللىپنىڭ ئاتا ئانىسى( مۇزەپپەر ئاخۇن بىلەن جەننەتخان)
4. يىللىق خالىس خەيىر ساخاۋەتچى: شىنجاڭ ئۈرۈمچى ماھىرجان سودا شىركىتىنىڭ باش لىدىرى : ماھىرجان ( تاجىك )
ماھىرجاننىڭ ھازىرغىچە جەميەتكە ئىئانە قىلغان پۇلى 30 مىليۇندىن ئاشىدۇ. -2007يىلى ئىئانە قىلغان خەيىر ساخاۋەت سوممىسى20مىليۇن بۇلۇپ، جوڭگودا ئېلان قىلىنغان" خۇرۈن 2007 - يىللىق خەير ساخاۋەت تاختىسى" ( 胡润2007慈善榜 ) دا 77 - ئورۇنغا تىزىلغان.
مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىشلار تۈۋەندىكىچە:
http://www.cnr.cn/xjfw/xjr/200607/t20060718_504246237.html
http://www.hurun.net/detailcn60,people81.aspx
http://jj.xjnews.cn/report/mr/mayierjiang/art2.asp5.يىللىق ئەڭ ياخشى كارخانا ۋە كارخانىچى : ئارمان شېركىتى ۋە رادىل ئابلا.
گەرچە ئارمان شىركىتىنى 2007 - يىلى ئالاھىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى دىيەلمىسەكمۇ، جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە باشلامچى پوخراۋى كارخانا بۇلۇپ قالغانلىقىنىڭ ئۈزىلا رادىل ئابلا ۋە ئارمان شېركىتى خەلق قەلبىنىڭ تۈرىدىن ئورۇن ئالغانلىغىنى ئىپادىلەشكە يىتىدۇ.
6. يىللىق مۇنەۋەر ئوقۇغۇچى : شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىدىن ئابدۇۋەلى تۇنىياز.
http://stu.people.com.cn/GB/1006/8216/87460/88507/6569215.html7. يىللىق زەپەر قۇچقان ئۈمىدلىك ياش : خارۋارد ئۇنۋېرسىتىدىن قۇدرەت ياقۇپ
more.asp?name=Jeck&id=5485#162308. بۇ يىلدىكى يىڭى چىراي ، يىڭى ئىىسم : شىۋىتسىيەدىن نىگار
more.asp?name=Jeck&id=11910
ئىزاھات: بۇ تۈردە ھەر يىلى تۇنجى قىتىم ئىسمى جامائەتچىلىككە ئاڭلانغان، بۇندىن كىيىن دائىم ئىسمى كۈرۈلۈپ تۇرۇش ئىھتىماللىقى بۇلغان يىڭى ئادەملەر باھالىنىدۇ.9 . بۇ يىلدىكى چوڭ يوقىتىش :
1) قازاقىستانلىق ياش ئۇيغۇر سەنئەتكارى مۇرات ناسىروۋ
ئەلۋىدە مۇرات ناسىروۋ: http://www.izdinix.com/munbar/ShowPost.asp?ThreadID=25663
2) داۋۇت ئۇبۇلقاسىم
ئۇلىنىش: http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=4655
3) گىنرال مايۇر ساۋدانوۋ زاھىر
ئۇلىنىش: http://politics.people.com.cn/GB/77065/6465660.html
ئىزاھات: بۇ تۈردە ھەر يىلى قۇربان بۇلغان مەشھۇر ئۇيغۇر شەخىسلىرى خاتىرلىنىدۇ. بۇ يىل ئۇيغۇرلار ئىچىدە بىز دەماللىقا ئەسلىيەلىگەن ياكى ئەسلىيەلمىگەن نۇرغۇنلىغان مەشھۇر ئادەملىرىمىز ۋاپات بولدى. ھەممىنى تىزىپ چىقىشقا ئىمكانىيەت بۇلمىغاچقا ۋەكىللىك خاراكتېردە 3 نى تىزىپ چىقتۇق. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ ئۈلۈمى بەك ئېچىنىشلىق بولدى. مۇرات ناسىروۋنى بىنادىن سەكرەپ ئۈزىنى ئۆلتۈرۋالدى دىيىشتى. ئۈلۈم سەۋەبى تېخىچە ئىنىق ئەمەس. يازغۇچى باتۇر روزى 10 نەچچە يىللىق جاپا مۇشەققەتلەردىن كىيىن ئەمدىلا بىر مۇقىمراق خىزمەت تاپقاندا كوچىدا كىتىپ بارغاندا تۇيۇقسىز كىسىلى تۇتۇپ تاكسىغا ئولتۇرغۇدەك پۇلى يوق كوچا ئاپتۇۋۇزىغا ساقلاۋاتقان يەردە يىقىلىپ يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ياتقان بۇلسىمۇ كوچىدا ھىچكىم كارى بۇلماي بېشىدا كىچىك بالىلار ئويناپ ئاخىر بىر خەنزۇ موماي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرىپ دوختۇرخانا خادىملىرىنى چاقىردى...
بىز بۇ تىمىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بارلىقىنى بېقىشلاپ بۇ يىل ۋاپات بۇلغان بارلىق ئەزىز قىرىنداشلىرىمىزغا ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.10.يىللىق ئەڭ ياخشى كىتاپ:ئۆمەرجان ئىمىن يازغان "تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت" ناملىق ئەدەبى ئاخبارات
بۇ كىتاپتا يازغۇچىنىڭ ئەمەلى نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيسى مىڭ نەچچە نۇپۇسلىق دەريا بويى يېزىسىدىكى تۇرمۇشى، ئۈزگىچە ئۆرپ-ئادىتى، مائارىپ ئىشلىرى،توي ۋە توي ئويناش ئۇسۇلى، يىقىنقى تەرەققىياتنىڭ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا كۈرسەتكەن تەسىرى ،بۇ يەردىكى خەلىقنىڭ تەبىئەت بىلەن بىرىكىپ كەتكەنلىگى، يىقىنقى مەزگىللەردە نامۇۋاپىق پىلان قىلىنىش سەۋەبىدىن دەرەخلەرنىڭ قالايمىقان كىسىلگەنلىگى قاتارلىق ئەمەلى ئەھۋاللار يېزىلغان بولۇپ نۇرغۇنلىغان بىرىنچى قول رەسىمنلەر بىرىلگەن. كىتاپ مەيلى ئەدىبى جەھەتتىن بۇلسۇن، مەيلى ماتىرىيال توپلاش جەھەتتىن بۇلسۇن ياكى سىڭدۈرگەن ئەمگەك جەھەتتىن بولسۇن ماختاشقا ئەرزىيدۇ. بىزمۇ ئەدىبى ئاخبارات يازغۇچىلىرىنى مۇشۇنىڭغا ئۇخشاش ئەمەلى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ سىتاتىسكىلىق سان سفىرلار بىلەن ئەسەر يېزىشقا رىغبەتلەندۈرىمىز.11.يىللىق ئەڭ ياخشى كىنو :يوق
ئىزاھات: ئۈلچەمگە چۈشىدىغان ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن ياكى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بۇلغان كىنولار بۇ يىل مەيدانغا كەلمىگەن.12. يىللىق مۇنەۋەر رىژىسسور: يوق
ئىزاھات:ياخشى كىنو بولمىغاندىن كىيىن ياخشى رېجىسورمۇ باھالانمىدى13. يىللىق مۇنەۋەر نۇمۇر ، سەھىپە، مەخسۇس تۈر: شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ "ناۋا" پىروگراممىسى
ئۇلىنىش: http://www.uighur.cn/xjtv214. يىللىق مۇنەۋەر سەنئەتچى: ئەرەفات
http://blog.fenbei.com/55957315. يىللىق ياخشى ئىلان: ئىخلاس بىر يۈرۈش بالىلار پىرەنكلىرى
بۇ ئېلاندا يوقاپ كىتىش ئالدىدا تۇرغان بالىلار ناخشىسى ئىشلىتىلگەن بۇلۇپ،نۇرغۇن كىچىك بالارنى جەلۇپ قىلغان ۋە بۇ ئېللاننى ئىشلەش جەرياندا بەلگۈلۈك كومپىيوتۇر تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن.16.يىللىق ئەڭ ياخشى ناخشا - مۇزىكا پلاستىنكىسى: باھالانمىدى
17. ئەڭ ياخشى MTV : مۆمىنجاننىڭ "گۈزەللىك سەندە" دىگەن ناخشىغا كىرىشتۈرۈلگەن MTV
ئۇلىنىش: http://uk.youtube.com/watch?v=hDKOTJkdC7Q18. يىللىق رىياسەتچى : نىغمەت
ئۇلىنىش: http://www.cctv.com/anchor/compere/0197/index.shtml19. يىللىق ئەڭ جەلىپكار ئەر : رادىل ئابلا
ئەرلەرنىڭ جەلىپكارلىقى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيتىدە.20.يىللىق ئەڭ جەلىپكار ئايال: مۇنىرە غۇپۇر
مۇنىرە غۇپۇرنىڭ يىقىملىق ئاۋازى ۋە ئۈزى ئۇيغۇرلارغا 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ھەمرا بۇلۇپ كەلدى، ھېلىھەم جەلىپكارلىقىن تېخى يوقاتمىغان. ئىشەنمىسىڭىز تېلىۋىزورنى ئېچىپ قاراپ بېقىڭ.21 . يىللىق جەلىپكار قىز: ماھىرە ئەمەتجان
ماھىرەنىڭ ئىلچىنىڭ ئەتلەس كۈينەكلىرىدىكى ئۇبرازى يىگىتلەرنى بۇ كىمدۇ دىگۇزسە، گۇليارۇ دىگەن پىلاستىنكىدىكى جەلپكار قىياپىتى ئوغۇللارنى ئۈزىگە مەھلىيا قىلىدۇ.22. يىللىق كىلىشكەن يىگىت: پولات تۇرسۇن
نامزات بەرگەنلەر ۋە ئاخىرقى باھالاشقا قاتناشقانلار ئىچىدە ئوغۇللاردىن 0 ئاۋازغا، قىزلاردىن 90% ئاۋازغا ئىرىشىپ قىزلارنىڭ تاللىشغا ھۆرمەت قىلىندى.23. يىلدىكى ئەڭ ياخشى تور بىكىتى:
http://www.uighurbiz.cn
ئۇيغۇر توردا تورى خەنزۇ تىلىدىكى تور بكىتى بولغاچقا بەلكىم كۈپ قىسىم قېرىنداشلار دائىم كىرىپ كەتمەسلىگى ھەم بىلمەسلىكى مۇمكىن. بۇ توربەتتە ئۇچۇرنىڭ كوپ خىللىقى،مەزمۇنىڭ موللىقى، ئەزالىرىنىڭ بىر قەدەر ساپالىق ۋە ئۈتكۆر پىكىرلىك ئىكەنلىگى بىلەن ئادەمنى ئۈزىگە جەلۇپ قىلىدۇ. بىكەت باش تىمىسى ئوچۇق، تەرەققى قىلىش نىشانى ئىنىق بولۇپ ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئارىسىدا، خەنزۇ تىلىدا ئالاقىنى ياخشى كۈرىدىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يىتەكچىلىك ۋە كۈۋرۈكلۈك رولىنى ئويناۋاتىدۇ، بىكەت باشلىقىمۇ ئۈزىنىڭ ئىجتىمائى پائالىيەتلىرى ئارقىلىق تورىنىڭ جەلىپكارلىقىنى ئاشۇرۇپ تۇرىدۇ.
ئىزاھات: بۇ تۈرنى باھالىغاندا ھەقىقى تور بىكىتى مەنىسىدىكى تور بىكەتلەر ( يالغۇز مۇنبەر ياكى ناخشا مۇزىكىلا بولۇپ باشقا مەزمۇنلار يىڭىلانمايدىغان تور بەتلەر ئەمەس) ياكى شۇ نىشانغا تەرەققى قىلىۋاتقان تور بىكەتلەر، ھازىر تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بۇلۇۋاتقان تور بەتلەر، ئۇيغۇر تور بەتلىرننىڭ دۇنيادىكى دەرىجىسىدە ئالدىنقى 30 نىڭ ئىچىگە كىرگەن بىكەتلەر ئاۋال ئويلىشىلدى.24. يىللىق ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى ئەڭ ياخشى يازما:بابۇر ئىسىملىك تورداش يازغان "بېيجىڭدىكى زەھەر چىكىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى".
ئادىرىس: http://www.uighurbiz.cn/society/dcyj/newsinfo.jsp?uid=4177
http://www.uighurbiz.cn/society/dcyj/newsinfo.jsp?uid=418925. يىللىق تور چولپىنى: ئىزدىنىش تورىدىكىJeck (جېك تور مەھەللىسى)
blog.asp?name=Jeck26.ئىجتىما قىززىق نوقتا ( سورۇن پاراڭلىرى)
-1ئىخلاس شىركىتىنىڭ سۈت پاراشۇكىنىڭ سۈپەتسز دەپ ئىلان قىلىنغانلىغى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى تالاش تارتىش
-2 مال باھاسىنىڭ ئۈسكەنلىگى
-3 دەم ئېلىشنىڭ تەڭشەلگەنلىگى27. يىللىق مودا :
-1پاي-چەك، فۇند، تاشقى پىرۇۋۇت ئويناش
-2 ماشىنا ھەيدەشنى ئۈگىنىش
-3 ينمەكلىك بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش
يۇقارقى باھالاشلارغا قىستۇرما سۆز: ئالدىدا تەكىتلەپ ئۆتكەندەك نامزاتلىققا كىرگەنلەر ئاساسەن تېلىۋىزور، ئىنتېرنىتتا بىر قەدەر كۈپ كۈرۈلگەن ئاممىۋى شەخىسلەر قاتارىدىن تاللاندى. باھالاشلاردا بىز بۇ ئادەملەرنى پەقەت تېلىۋىزوردىگەندەك ئاممىۋى ۋاستىلەردىن بىلىمىز دەپلا پەرەز قىلدۇق. ئۇلار بىلەن يىقىن ئۈتىدىغان كىشلەر بەلكىم ئۇلارنىڭ ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق كەمچىلىكلىرىنى بىلىىشى مۇمكىن ياكى ئىتراپ قىلماسلىقى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ بىز كەمچىلىكلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ تۇرۇپ يېنىمىزدىكى ئادەملەرنى مەلۇم جەھەتتىن ئىتراپ قىلىشنى ئۈگىنىشمىز كىرەك. يەنە بىر جەھەتتىن باھالاش دائىرىسى جەھەتتە، خەلقارادىمۇ "يەر شارى گۈزىلى" دەپ باھالانغانلار پۈتۈن يەرشارى بۇيىچە ئەڭ گۈزەل دىگەننى كۈرسەتمەيدۇ ياكى ئۇلار پۈتۈن يەرشارى ئىچىدىكى ھەممە ئادەملەرنى سېلىشتۇرۇپ باھالىمايدۇ، "دۇنيادىكى 50 جەلىپكار ئەر، ئايال" دىگەنلەرنى باھالىغاندىمۇ دۇنيادىكى ھەممە ئەر ئايال ئىچىدىن باھالىمايدۇ بەلكى بىر قىسىم سىياسى، ئىجتىمائى شەخىسلەر، بولۇپمۇ كىنو، تېلىۋىزىيە، مودىللىق، تەنتەربىيە، سەنئەت ساھەلىرىدىكى داڭلىقراقلىرى ئىچىدىن باھالايدۇ. بۇلار پەقەت كۈڭۈل ئېچىش خاراكتىرى بار خالاس. شۇڭا بىزنىڭ باھالاشىمىزمۇ شۇنىڭغا تەقلىد قىلىندى. تورداشلارنىڭ ئويۇن قائىدىسى بويىچە توغرا چۈشىنىشىنى سورايمىز
ئاخىرقى سۆز: شۇنداق قىلىپ 2007 -يىلغا نەزەر سېلىپ 4 چوڭ تۈر 28 كىچىك تۈر بويىچە باھالاش ئېلىپ باردۇق. تەجرىبمىز كەمچىل بولغاچقا ياخشى قىلىپ كىتەلمىدۇق. شۇنداقتىمۇ بۇنى بىر باشلىنىش بۇلۇپ قالسا، بۇندىن كىيىن بىز قىلساق ياكى باشقىلار قىلسىمۇ بۇ قېتىمقىسى بىر تەجرىبە بۇلۇپ قالغۇسى. كىلەر يىلى ئاخىرىدا يەنە ئۈتۈپ كەتكەن يىلغا بىللە نەزەر سالساق دىگەن ئۈمىتتە بولغان، ھەم ئۈزى مەلۇم ساھەدە كۈزەتكۈچىلىك رولىنى ئوينىيالايدىغانلار بولسا گۇرۇپپىمىزغا قاتنىشىشىنى ئۈمىت قىلىمىز. كەسپى تور بەتلەر بۇلسا تېخى ياخشى. بۇندىن كىيىن قىلغاندا مەلۇم نۇپۇزغا ئىگە بولغان ھالەتتە، باھالىشىمىزنىمۇ جەميەت مەلۇم دەرىجىدە قۇبۇل قىلسا دىگەن ئۈمىتتىمىز.
يەنە توردىن ماتىرىيال ئاختۇرۇش داۋامىدا ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى ماتىرىياللارنىڭ نەقەدەر كەمچىل ئىكەنلىگىنى، تور بەتلەردە ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتنىڭ ناھايتى كەمچىل ئىكەنلىگىنى بايقىدۇق. گەرچە مۇنبەرلەردە مەلۇم مەزمۇنلار بۇرۇن ئىلان قىلىنغان بولسىمۇ مۇنبەرلەر دائىم ساندان ئالماشتۇرغان بۇلغاچقا بۇرۇنقى ماتىرىياللارنى ئىزدەش تەس. مۇنبەرلەرنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارى ئاساسەن يوق ياكى ياخشى ئىشلىمەيدۇ.ئۇيغۇرچە ئاچقۇچلۇق سۆز بىلەن ئىزدەش ئىقتىدارى بار مۇكەممەل ماتىرىيال تېپىپ بىرەلەيدىغان تور بەتلەر يوق. نۇرغۇنلىغان تور بەتلەردە مۇنبەردىكى تىمىلاردىن باشقىسى ئاساسەن كۈپ يىڭىلانمايدىكەن. بەزى كونا تىمىلارنى گەرچە ئىزدەپ تاپقىلى بۇلسىمۇ لېكىن ئىشلىتىلگەن سۈرەتلەرنىڭ ئۇلىنىشى ئەمەلدىن قالغان. قىسقىسى ئۇيغۇرچە تور بەتلەرىكى ماتىرىىياللارنىڭ كۆپچىلىكى ياخشى ساقلانمىغان، توردا بۇلۇۋاتقان قىززىقچىلىق قۇمغا سۇ سەپكەندەك بىر دەملىق خوشاللىق ئۈچۈن بۇلۇۋاتقاندەك ھىس قىلدۇق. بۇندىن كىيىن ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنىڭ ماتىرىياللارنى ياخشى ساقلاشقا كۈچىشىنى، يالغۇز مۇنبەر بىلەنلا چەكلنىپ قالماسلىغىنى، تور بېتىنى يىڭىلاپ تۇرۇشىنى ئۈمىت ، ھەقىقى مەنىدىكى كەسىپلەشكەن تور بەت يۈنۈلىشىگە قاراپ تەرەققى قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز." 2007 -يىلدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىگە نەزەر" پائالىيتينىڭ چۈشەندۇرۇشى:
more.asp?name=Jeck&id=11987بۇ پىلاندا ئىلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى باشقا تور بەتلەر كۈچۈرۈپ تارقاتسا بۇلىدۇ ، لېكىن چوقۇم مەنبەنى ئەسكەرتىشى كىرەك. مەنبە ئەسكەرتىلمەي كۈچۈرۈلگەن ياكى ئۈزگەرتىلگەن چاپلانمىلار سۈرۈشتە قىلىدۇ. مۇنبەرگە چاپلاپ ئەمەس باش بەتكە قويۇشنى خالايدىغان تور بىكەت باشلىقلىرى ئالاقىلاشسا ئەسلى تەشۋىقات رەسىمنى تەمىنلەپ بىرىمىز.
باشقا جايغا كۈچۈرگەنلەر ئەسلىدىكى شىنجاڭدىكى 10 چوڭ خەۋەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بىللە بىر تىما قىلىپ چىقارغايسىلەر. ئىلاجى بۇلسا رەسىم كىرىشتۈرلۇشىمۇ بىللە بولسۇن.
" 2007 -يىلدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىگە نەزەر" نى تۈزۈش Jeck گۇرۇپپىسى
2007 -يىلى 12-ئاينىڭ 28 -كۈنى
(جېك تور خاتىرىسىگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا ۋە بۇ تىمىنى ئوقۇغۇنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. تور خاتىرىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوللاش يۈزىسىدىن خاتىرىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كۈرۈنۇپ تۇرغان ئىلاندىكى ئولىنىشنى چىكىپ قويۇڭ. لېكىن كۈندە بىر قېتىمدىن ئارتۇق بولمىسۇن. تۇنجى قېتىم ئىلان قويۇلغاچقا بۇ ئەسكەرتىش بىرىلدى. تورداشلارغا ئۇختۇرۇپ بۇلغاندىن كىيىن بۇ ئەسكەرتىش ئۈچۈرۋېتىلىدۇ)