• 2007-يىلدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نەزەر

    2007-12-23

     

    2007-يىلدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نەزەر

    ھەر يىلى ئۆزى تۇرۇۋاتقان رايون ۋە ياشاۋاتقان خەلق توپى دائىرىسىدە ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلنى ئەسلەپ ۋە ئۇنىڭغا مۇۋاپىق باھالارنى  بېرىپ ئۆتۈش يېقىندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەۋج ئالغان بىر خىل پائالىيەت. ئادەتتە بۇ ئىشنى جەمئىيەتتىكى تەسىرى بار نوپۇزلۇق مەتبۇئات، تور بېكىتى ، ژۇرنال دىگەندەك ئاخبارات ۋاستىلىرى ئېلىپ بارىدۇ. لېكىن بىزدە تېخىچە بىرەر قېتىممۇ ئېلىپ بېرىلىپ باقمىدى.  شۇڭلاشقا بىز بۇ يىل ئاخىرىدا  تۈرداشلار ۋە دوستلاردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا ئادەم جۇڭگو ۋە  خەلقئارادىكى   ئوخشاش شەكىلدىكى باھالاش، رەتكە تىزىش ئۆلچىمىگە تەقلىد قىلىپ، 2007-يىلدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قايتىدىن بىر  نەزەر سېلىپ  كۈچىمىز يەتكەن دائىرىدە كۈزىتىش، تەھلىل ئېلىپ باردۇق. گۇرۇپپىدىكى دوستلار ئاساسەن ياشلاردىن تەشكىللەنگەن (ئەزالارنىڭ يېشى 25-35ئەتىراپىدا)  بۇلۇپ ھەر ساھە، ھەركەسىپ، ھەر يەردىن تەركىپ تاپتى. ئەلۋەتتە، بىز شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ تۇلۇق ھوقۇقلۇق باھالىغۇچىسى ئەمەس. لېكىن  شۇنداقتىمۇ كۈزىتىشىمىز ۋە كۈز قارىشىمىز مۇشۇ ياش ئەتراپىدىكى جەمئىيەتتىكى بىر بۈلۈك كىشىلەرنىڭ  كۈز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ دەپ ئويلايمىز ياكى شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشتۇق. ھېچ بولمىغاندا بىز كۈزىتىشكە قاتناشقان بىر گۇرۇپپا ئادەمگە ۋەكىللىك قىلىمىز.  بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش بولغاچقا بەلكىم ئوخشىمىغان قاراشتىكى دوستلار،بىزنىڭ باھالاش نەتىجىسىنى قۇبۇل قىلالماسلىقى مۇمكىن. شۇنداقلا بىز  قۇبۇل قىلىشىڭ كېرەك دېمەيمىز. چۈنكى بىز ھەممەيلەنگە ۋەكىللىك قىلالمايمىز. بىز پەقەت بۇ پائالىيىتىمىز ئارقىلىق،  مۇشۇنداق بىر ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىپ  باقماقچى خالاس!

     "2007 - يىلىدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نەزەر " تېمىدىكى بۇ باھالىشىمىز 4 چوڭ تۈر، 28 كىچىك تۈرگە ئايرىلدى. ھەر بىر تۈر ئۈچۈن مەلۇم شەرتلەرنى بېكىتتۇق. ھەممە تۈرگە ئورتاق بۇلغان شەرتلىرىدىن، باھالاش ئۈلچىمىمىزگە كىرمەكچى بۇلغان ھەر بىر تۈردىكى نامزات چوقۇم دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايوننىڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان، خەلققە تەشۋىق قىلىنغان،كېلىش مەنبەسى ئېنىق بۇلۇپ ئىزدىسە  تاپقىلى بولىدىغان بۇلىشى كېرەك. شۇڭلاشقا گەرچە ئۇيغۇرلاردا 10 مىليونغا يېقىن نۇپۇس بار بولغان بولسىمۇ لېكىن نوپۇزلۇق تېلېۋىزىيە، ژۇرناللاردا كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بۇلغان، تەشۋىق قىلىش ماتېرىيالى قالدۇرۇلغان، ئىسمىنى دىسە كۈپ قىسىم ئادەملەر بىلىدىغان ئادەم ۋە ۋەقەلەرنىڭ ئىسمى كۈپ ئەمەس. شۇڭا بىزنىڭ كۈزىتىش ۋە باھالاش ئۈلچىمىمىزگە نامزات بۇلۇپ كىرگەن نامزات ئىنتايىن ئاز ساندا. لېكىن مۇشۇ شەرت يەنە خەلقارا ۋە جۇڭگودا ئورتاق قوللىنىلىپ كەلگەن شەرتلەردۇر. باھالاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شۇ نامراتنىڭ كېلىش مەنبەسى كېڭىشى كېرەك. يەنە بىر شەرتىمىز، بىز ھېچقانداق خەۋەر ۋە ئۇچۇر يازمايمىز ياكى ئىجاد قىلمايمىز. پەقەت بوپ بۇلغان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئاخبارات، تەشۋىقات ۋاستىلىرى خەۋەر قىلغان، مەنبەسى ئىشەنچلىك. ئادەملەر بىرەر قۇر ئاڭلىغان  ئىش ۋە ۋەقەلەردىن مۇھىمراق تەسىر قالدۇرغانلىرىنى تىزىپ چىقىمىز خالاس.
      ئۇيغۇر جەميىتى دېگەندە شىنجاڭدا، ئىچكىرىدە، ۋە دۆلەت  سىرتىدا ياشاۋاتقان ( مەلۇم جەھەتتىن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا باغلانغان، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ شۇ كىشىنىڭ مەلۇم ئەمگىكى يىتىپ كېلىپ كەڭ ئۇيغۇر جامائىتى بىلىدىغان)  كەڭ دائىرىدىكى ئۇيغۇر جەميىتى كۈزدە تۇتۇلدى.  ئۇچۇر مەنبەسى ئېنىق بۇلىمىغان، ياكى گەرچە مەلۇم كىشىلەر ئۇيغۇر دەپ بىلسىمۇ لېكىن يەنىلا مەلۇم دە تالاشتا بولغان، ياكى گەرچە ئۇيغۇر بولسىمۇ مەدەنىيەت , تۇرمۇش ۋە ھېسيات جەھەتتىن ئۇيغۇرلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولماي، ئۇيغۇر جەميىتى ئۇقمىغان نامزاتلار شۇنداقلا جوڭگۇ قانۇنىغا خىلاپ ھەركەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بولسا نامزات قاتارىغا كىرگۈزۈلمىدى. ئۇيغۇر بولمىسىمۇ لېكىن كەڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىلەن بىللە ياشاپ ئۇيغۇرلارغا تەسىر كۆرسەتكەن ،ياكى ئۇيغۇرلار ئۇلارغا تەسىر كۆرسەتكەن بولسا بۇ نامزاتلار كىرگۈزۈلدى. ئادەمگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس تۈرلەردە شىنجاڭ ۋە شۇ يەردە ياشاۋاتقان خەلق كۈزدە تۇتۇلدى. 
    2007-يىلى دېگەندە بىر قىسىم تۈرلەردە پەقەت 2007-يىلى يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئاساسلىق  كۆزدە تۇتۇلدى. يەنە بەزى بىر قىسم تۈرلەردە بۇ ئىش بۇرۇن بولغان بولسىمۇ لېكىن شۇ ئىش ياكى ئادەمنىڭ تەسىرى ھازىرمۇ بار، شۇنى خاتىرىلەش كېرەك دەپ  قارالدى. قىسقىسى ھەر بىر كىچىك تۈرگە نامزات  شۇ تۈرنىڭ ئۈز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تاللاندى

    بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن 12-ئاينىڭ بېشىدا  بىر نەچچە تورداش ئالدى بىلەن  بىر پىكىرگە كەلدۇق ۋە شۇندىن كىيىن جىددى لېكىن تەس بۇلغان تەكشۈرۈش ۋە باھالاش ئېلىپ باردۇق. بىز مۇشۇ ئىشقا مەلۇم كۈز قارىشى بار، ئۆزى ۋە ئۈز ئەتراپىدىكى بىر تۈركۈم ئادەملەرگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ دەپ قارىغان، ئالاقە ئادىرسىنى ئاسان تاپقىلى بولىدىغان كىشىلەردىن نامزات بېرىشنى تەلەپ قىلدۇق، شۇنداقلا ئۆزىمىزمۇ كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ باردۇق. گۇرۇپپا ئەزالىرى ۋە نامزات بەرگەنلەرنىڭ  كۆپىنچىسى شىنجاڭدىكى مۇتەخەسسىس دەپ قارالغان ئادەملەر ئەمەس. لېكىن شۇنداقتىمۇ نەچچە يىل جەريانىدا تور ياكى باشقا مەتبۇئاتلار ئارقىلىق مەلۇم ئۆزىدە كۈز قاراش بارلىقىنى ئىپادە قىلغان بولۇپ  كەسىپ جەھەتتىن ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى،تەتقىقاتچى، ئەدەبىياتچى،  سەنئەتچى، مۇخبىر، دۆلەت مەمۇرى، تور بەت قۇرغۇچىسى قاتارلىقلارنى ، تورۇۋاتقان يىرى جەھەتتىن  شىنجاڭ ئىچى، ئىچكىرى ئۈلكە ۋە چەتئەلدىكىلەرنى ئۈز ئىچىگە ئالىدۇ. (شىنجاڭ 80%، ئىچكىرى 15%، چەتئەل 5% ) ۋە  سودىگەر  دىگەندەك ھەر ساھە ھەر كەسىپتىن تەركىپ تاپتى.   ئاخىرقى خۇلاسىنى يىغىلغان نامزاتلار ئارىسىدىن تاللاپ چىقتۇق.

    ۋاقىت ئىنتايىن قىس،تەجرىبىمىز كەمچىل، ماتېرىياللار يېتەرسىز دىگەندەك ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىزنىڭ بۇ قېتىمقى كۆزىتىپ باھالىشىمىزدا  كەمچىلىك، يىتەرسىزلىكلەردىن خالى بولالمىدۇق. شۇڭا دوستلارنىڭ ئىجابىي  پۇزىتسىيدىلا بولۇشىنى،سىزلەرگە ھەرقايسى تەرەپتىن مۇكەممەل بولغان باھالاشنى سۇنالمىغىنىمىزدىن كۆپ خىجىل، ساقلانغان سەۋەنلىكىمىزنى ئەپۇ قىلىشىڭلارنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز! ئەگەر بۇ قېتىم سىناق ھالدا قىلىپ باققان باھالاش پائالىيتىمىز دوستلارنىڭ  مەلۇم جەھەتتە قۇبۇل قىلىشىغا ئېرىشەلىسە، بۇندىن كىيىن  ھەر ساھەدىن تەشكىل تاپقان بىلىملىك كىشىلەرنى يىغىپ، تېخىمۇ كۈپ ئۇچۇر ۋە ماتېرىيال توپلاپ تېخىمۇ ياخشى قىلىپ چىقىشقا تىرىشىمىز. كىلەر يىلى قىلغاندا كەسپى خاراكتىردىكى تور بەتلەر بىلەن ھۈمكارلىشىشنى خالايمىز. يەنە ئۈزىنى مۇشۇ ساھەدە مۇتەخەسسىس دەپ بىلىدىغان ياكى  كۈپ ئۇچۇرلارنى بىلىدىغان كىشىلەر بولسىمۇ ھەمكارلىشىشنى خالايمىز. ئەگەر كارخانا ياكى شىركەتلەر مەبلەغ بىلەن تەمىنلىسە شۇ شىركەتنىڭ نامىنى پائالىيەتنىڭ باش نامىغا (冠名权) ئېلىپ ئىشلىتىمىز.

    نەتىجىنى ئىلان قىلغاندىن كىيىن كىلىپ چىقىش ئھتىمالى بۇلغان ھەر خىل قايىل بۇلماسلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدىغان جىدەل ماجرادىن ساقلىنىش ئۈچۈن  باھالاشقا تاپشۇرۋېلىنغان نامزاتلار تىزىملىگى، نامزات بەرگەن ۋە باشقا بۇ ئىشقا قاتناشقانلارنىڭ تىزىملىگىمۇ زۈرۈر بۇلمىغاندا ئىلان قىلىنمايدۇ،  مەخپى ساقلىنىدۇ. توردا بولۇنغان مۇنازىرە ۋە دە -تالاشقا گۇرۇپپا ئەزالىرى قاتنىشىپ قالسىمۇ ئۈزىنىڭ بۇ ئىشقا قاتناشقانلىغىنى ئاشكارىلىۋەتمەسلىگى كىرەك.

    بۇ قېتىمقى كۈزىتىش ۋە باھالاشنىڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى " 2007-يىلىدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نەزەر"  نى تۈزۈش Jeckگۇرۇپپىسىغا تەۋە. مۇشۇگۇرۇپپا نامىدىن تارقىتىلمىغان ھەر قانداق چۈشەندۈرۈش ۋە مەسئۇلىيەتكە بىز مەسئۇل بولمايمىز. ھەم باشقىلارنىڭ بۇ نامنى كۆچۈرۈپ قوللانماسلىقىنى سورايمىز!
    توردا بولۇنغان مۇنازىرە، دە تالاشقا جاۋاپ بىرىشكە توغرا كەلسە گۇرۇپپا ئەزالىرى مەسلەھەتلىشىپ مۇشۇ نام  بىلەن ئىنكاس قايتۇرىدۇ.
    ئالاقىلاشقۇچىلار Jeck217@gmail.com  ئارقىلىق ئالاقىلىشىڭ.

    باھالاش نەتىجىسىنى جېكنىڭ تور خاتىرىسى ئارقىلىق 26-چىسلادىن باشلاپ تارقىتىمىز. باشقا تور بەتلەر كۈچۈرۈپ تارقاتسا بۇلىدۇ ، لېكىن چوقۇم مەنبەنى ئەسكەرتىشى كىرەك.  مەنبە ئەسكەرتىلمەي كۈچۈرۈلگەن ياكى ئۈزگەرتىلگەن چاپلانمىلار سۈرۈشتە قىلىدۇ. مۇنبەرگە چاپلاپ ئەمەس باش بەتكە قويۇشنى خالايدىغان تور بىكەت باشلىقلىرى ئالاقىلاشسا ئەسلى تەشۋىقات رەسىمنى تەمىنلەپ بىرىمىز. 
     " 2007-يىلىدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نەزەر"  نى تۈزۈش Jeckگۇرۇپپىسى

    2007-12-24
    more.asp?name=Jeck&id=11987

     

    分享到:

    评论

  • تور ئادرىسىم:478929489
    鄯善中内医院 <478929489@qq.com>
  • جاۋابىڭىزنى ساقلايمەن!ماڭا خەت قالدۇرۇڭ.
  • مەن سىزنىڭ تور بېتىڭىزنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرىمەن.سىزنى مىللىتىمىزنىڭ پەخرى دەپ قارايمەن!سىز بەك قالتىسكەنسىز!مەن سىزگە تىلفون نومىرىنى بەرگەن قىزمۇ ئاجايىپ قالتىس!چوقۇم ئالاقىلىشىڭ ھە!ئۇ ھازىر مالايسىيەدە ئوقىۋاتىدۇ.ئۆزى تېخى19ياشتا ئوغۇل دوستى يوق.سىزگە سەمىيمىلىك بىلەن تونۇشتۇردۇم ھە !ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن!ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ!
  • مەن سىزنىڭ تور بېتىڭىزنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرىمەن.سىزنى مىللىتىمىزنىڭ پەخرى دەپ قارايمەن!سىز بەك قالتىسكەنسىز!مەن سىزگە تىلفون نومىرىنى بەرگەن قىزمۇ ئاجايىپ قالتىس!چوقۇم ئالاقىلىشىڭ ھە!ئۇ ھازىر مالايسىيەدە ئوقىۋاتىدۇ.ئۆزى تېخى19ياشتا ئوغۇل دوستى يوق.سىزگە سەمىيمىلىك بىلەن تونۇشتۇردۇم ھە !ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن!ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ!
  • 我给你介绍一个美女她也在马来西亚上学
    她叫شەكىلە ئۆزى بەك چىرايلىق تىلفۇن نومىرى:0060176383614