-
ئۇيغۇر قىزى نىگار nokia يانفونىنىڭ فوتو مودېلى بولدى Uighur girl's photo on Nokia - [News خەۋەر]
2007-12-21
ئۇيغۇر قىزى نىگار nokia يانفونىنىڭ فوتو مودېلى بولدى
نىگار 1987-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 2-يىللىقىغا چىققاندا ئائىلىسى بويىچە شىۋېدسىيىگە كۆچۈپ بارغان. نىگار شىۋېدسىيىگە بېرىپ ئىككى يىل تىل تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇغاندىن كېيىن، ستوكھولم شەھىرىگە جايلاشقان سۆدرا لاتىن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ(بۇ مەكتەپ بۇ يىل 6-ئايدىكى ئىستاتىستىكىدا سۋەدەن بويىچە 1-دەرىجىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ باھالانغان) تەبىئىي پەن تولۇق ئوتتۇرا 2-يىللىق سىنىپىغا يۇقىرى نەتىجە بىلەن قوبۇل قىلىنغان.
فوتو مودېللىقى، بولۇپمۇ خەلقئارا كاتتا كارخانىلارنىڭ ئېلان فوتو مودېللىقى ئۇيغۇرلىرىمىز ئۈچۈن بىر يېڭى ساھە دېيىشكە بولىدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، چەتئەلگە چىقىپ ئولتۇراقلاشقىنىغا ئۇزۇن بولمىغان نىگار بۇ يىل 8-ئايدا مەركىزى فىنلاندىيىگە جايلاشقان nokia يانفون شىركىتىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن nokia n82 تىپلىق يانفوننىڭ فوتو مودېلى بولغان. بۇ يانفون بۇ يىل 11-ئايدىن باشلاپ بازارغا سېلىنغان.
ئىشنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق:
نىگارنىڭ مودېللارغا خاس بەدەن قۇرۇلۇشى گەرچە ۋەتەندىكى چاغلىرىدىن باشلاپلا بايقالغان بولسىمۇ، لېكىن ئاتا-ئانىسىنىڭ پىكرى بويىچە دىققىتىنى بۇ ئىشقا قاراتمىغان ئىكەن. چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن نۇرغۇن قېتىم فوتو مودېل شىركەتلىرىنىڭ خادىملىرى مېترو ۋە دۇكانلاردا نىگارنى كۆرگەن ھامان ئىسىم كارتىلىرىنى تەڭلىشىپ شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن نىگار بۇ كىچىك شىركەتلەرگە ئۆزىنى ئاۋارە قىلماسلىق ئۇچۇن ئۇلارنىڭ تەكلىپلىرىنى جاۋابسىز قالدۇرغان ئىكەن. بۇلتۇر 8-ئايلار مەزگىلى نىگار ئاپىسى بىلەن شەھەر مەركىزىدە كەتىپ بارغاندا بىر شىۋىت ئادەم ئۇلارغا سالام بېرىپ، ئۆزىنىڭ ستوكھولمدىكى بىر فوتو مودېل شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئىكەنلىگىنى ئەگەر ۋاقتى يار بەرسە مۇشۇ شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆرۈشىنى ئېيتىپ بىر ئىسىم كارتۇشكىسىنى سۇنغان ئىكەن. نىگارنىڭ ئاپىسى فوتو مودېللىقى ياشلارغا نىسبەتەن سېھرى كۈچى كۈچلۈك بولسىمۇ لېكىن ئالدىنىپ قېلىشتىن شۇنداقلا بىرەر نەتىجە چىقىرالماي قىزىنىڭ كەلگۈسىدە پۇشايمان قىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. نىگار ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىسىم كارتۇشكىسى بويىچە بۇ شىركەتنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئۇنىڭ شىۋېدسىيە پايتەختىدىكى ئەڭ چوڭ فوتو مودېل شىركىتى ئىكەنلىگىنى، بۇ شىركەتنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى چوڭ شىركەتلەرنى فوتو مودېللىرى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، ئالاقە دائىرىسى كەڭ ئىكەنلىگىنى بىلىپتۇ. نىگار شىركەتنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىنىڭ يۇقىرىلىغىنى كۆزدە تۇتۇپ ئاپىسىنى سىناپ بېقىشقا قايىل قىلىپتۇ. ئەمما بىرەر نەتىجىگە ئېرىشمىگىچە دادىسىغا ئېيتماي تۇرۇشنى قارار قىلىشىپتۇ. نىگار بۇ شىركەت بىلەن ئالاقىلەشكەندىن كېيىن، ئۇلار نىگارنى شىركەتنىڭ دائىملىق ئەزاسى قىلىپ قوبۇل قىلىپتۇ. بۇ يىل 8-ئايغا كەلگەندە بۇ شىركەت نىگارنىڭ مەركىزى فىنلاندىيىگە جايلاشقان nokia يانفون شىركىتىگە فوتو مودېللىققا تاللانغانلىقىنىڭ خەۋىرىنى بېرىپتۇ. بۇ تۇنجى قەدەممۇ ئوڭۇشلۇق بولۇپ، نىگارە فوتو مودېللىق ئۈچۈن فىنلاندىيىگە بېرىپتۇ. نەتىجىدە ئۆتكەن ئايدا بازارغا سېلىنغان nokia نىڭ يېڭى مەھسۇلاتى بولغان nokia n82 تىپلىق يانفونغا ئۇيغۇر قىزى نىگار مودېل قىلىنىپتۇ.
بىز سىڭلىمىز نىگارنى فوتو مودېللىق ساھەسىدىكى تۇنجى قەدىمى ئۈچۈن چىن كۆڭلىمىزدىن تەبرىكلەيمىز! يانفونغا فوتو مودېلى ئۇيغۇر قىزى نىگار دەپ ئەسكەرتىلمىگەن بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئېلانچىلىقتا بۇمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ، ئەمما بىز ئۆز قېرىندىشىمىزنى كۆپىنچە ھاللاردا يۈرىكىمىزدىن تونۇيمىز. نىگار يەنىلا ئۆزى قىزىقىدىغان دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇش ئارزۇسىدا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، فوتو مودېللىق بولسا ئۇنىڭ قوشۇمچە ئىشتىن سىرتقى ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىگىنى ئېيتتى. بىز سىڭلىمىز نىگارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھايات سەپىرىگە ئوڭۇشلۇق ۋە بەخت تىلەيمىز.
مۇناسىۋەتلىك قىسقا فىلىم: http://uk.youtube.com/watch?v=zngOrEmjhx8
باشقا رەسىملەر:历史上的今天:
(R)جېكنص تالصشصش 2006-12-21ئۇنتۇغاقلارنىڭ تىل ئۈگىنىش ئۇسۇلى 2006-12-21ئۇنتۇغاقلارنىڭ تىل ئۈگىنىش ئۇسۇلى 2006-12-21
收藏到:Del.icio.us
<< ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنى زىيارەت Interview with Uygur Scientist Shoukhrat Mitalipov | باش بەت | 2007-يىلدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نەزەر >>