• مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى (3) The Last Failure of Successful - [Koltegin كولتىگىن]

    2008-10-24

    خېشېنننىڭ خىيانەت قىلىپ غايەت زور مال-مۈلۈك توپلاپ جەريانىنى مۇلاھىزە قىلغاندا،سەۋەبنى خېشېننىڭ ئۆزىدىن سەۋەپ ئىزدىگەندىن باشقا،پېۋدالىزىملىق پادىشالىق تۈزۈمىدىن ۋە چىئەنلۇڭخاندىنمۇ سەۋەپ ئىزدەش كېرەك.پادىشالىق تۈزۈمدە،خان بولغۇچى تەڭرىنىڭ ئوغلى،بارلىق زىمىن خانغا تەۋە،بارلىق چىڭ پۇقرالىرى پادىشاھنىڭ پەرزەنتلىرى دەپ قارىلىدۇ.گەرچە خان بولغۇچىنىڭ ھەرىكىتى ئائىلە نەسەپنامىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان بولسىمۇ،ۋاقتى قارانى كەلگەندە رىئايە قىلمىسا ھېچكىمنىڭ ئامالى يوق بۇلۇپ،ھەرقانداق ئادەم زۇۋان سۈرەلمەيدۇ.ھوقۇق نازارەتسىز قالغاندا،ئۈنۈملۈك چەكلىمىگە ئۇچۇرمىغاندا،ئەڭ چوڭ ھوقۇقدار بولغان كىشى ئۆزىنىڭ سۈبىكتىپ ئارزۇسى بۇيىچە مەلۇم بىر پەرماننى چۈشۈرگەندە،بۇ پەرمان ئىجرا بۇلۇش جەريانىدا غايەت زور ئادالەتسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.مەسىلەن ئالساق:چىئەنلۇڭخانغا خېشېن شۇنداق ياراپ كەتكەن بولغاچقا ئۆزىنىڭ سۈبىكتىپ ئارزۇسى بۇيىچە،خېشېننى قىسقىغىنە ۋاقىتتا نەچچە دەرىجە ئاتلاپ ئۆستۈرگەن. ھەمدە بىر ئادەمگە مالىيە ھوقۇقى،ھەربى ھوقۇق،ئەمەلدارلارنى ئۆستۈرۈش قالدۇرۇش ھوقۇقى قاتارلىق ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى نازارەت قىلىپ تۇرمىسا ئوڭاي چاتاق چىقىدىغان ھوقۇقنى بىر ئادەمگە بېرىپ،غايەت زور خىيانەتكە شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.
      چىئەنلۇڭخان ئۇ بىر ئادەم بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئادەتتىكى ئادەملەردە بولىدىغان خۇسۇسىيەتلەر مەۋجۇت بولغاچقا،ئاچىقى كەلگەندە ياكى خوش بولغاندا، سۈبۈكتىپ ئارزۇسى بۇيىچە ئىش كۆرۈشتىن خالى بولغىلى بولمايدۇ،ھەمدە ئۇ ئالاھىدە بىر ئورۇندا ئولتۇرغاچقا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر كۈندە دېگۈدەك ماختاپ، يالغان-ياۋداق سۆزلەرنى قىلىپ،بىر ئادەمنى نۇقسانسىز ئەۋلىيا قىلىۋېتىدۇ. شۇنداقلا تارىختا ئۆتكەن ھەرقانداق پادىشاھلار ئىچىدىكى ئەڭ داناسى قىلىپ تەرىپلەنگەچكە ماختىنىش سۆزلىرىدىن مەستخۇش بۇلۇپ،ئۆزى ئۆتكۈزۈپ قويغان خاتالىقنى كىيىن بايقىسىمۇ ئېتىراپ قىلماي ۋە تۈزەتمەي شۆھرەت-پەرەس،ياسالما بۇلۇپ قېلىشقا ئۇرۇن بېرىدۇ.بۇنىڭ ھەممىسى تۈزۈلمە ۋە خان بولغۇچىنىڭ ئادىمىيلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇلۇپ، پادىشاھنىڭ ھوقۇقى چەكسىزلىككە ئىگە قىلغان تۈزۈلمىدىن ئىبارەتتۇر.
      خېشېن پارىخورلۇق،خىيانەت قىلىپ شۇنچە كۆپ مال-دۇنيا توپلىغان بولسا،مال-دۇنيا توپلاشنىڭ ئارقىسىغا قانداق ئادالەتسىزلىك يوشۇرۇنىدۇ؟دېگەن سوئالنى كېلىدىغىنى تەبى.
      مىسالىنى ئالساق:پارا ئېلىش يولى بىلەن بىر ھاكىمنى ئۆستۈرۈش جەريانىدا، ئۇنىڭدىن يۈزمىڭ سەر كۈمۈش پارا ئالغان بولسا،ئۇ ھاكىم ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىيىن،ئۆزى خەجلىگەن يۈز مىڭ سەر كۈمۈشنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن خەلقنى شۈلۈشكە باشلايدۇ ۋە ئوردىنىڭ پۇلىغا خىيانەت قىلىدۇ.سالغان دەسمايىسىنى قايتۇرۇپ كەلگەندىن كىيىن ئۆزى ئۈچۈن بايلىق توپلايدۇ، شۇنداقلا يۇقىرىدىكىلەرگە پار بېرىدۇ.مۇشۇنداق نورمال بولمىغان يول بىلەن ئەمەلدار ئۆستۈرۈش جەرياندا شۇ ناھىيىدە، جاھانغا پاتقۇسىز ئادالەتسىزلىك يۈز بېرىدىغان بۇلۇپ،ناھەقچىلىققا چىدىمىغان كىشىلەر ناھىيە ھاكىمىنى ئەرز قىلغاندىن كىيىن،مەنپەئەتى بىر-بىرى بىلەن جىپسىلىشىپ كەتكەن يۇقىرى تۆۋەن ئەمەلدارلار بىر-بىرىگە چاپان يېپىشىپ ئادالەتسىزلىككە،ناھەقچىلىككە يول قويىدۇ.مۇشۇ يول بىلەن تەرەققى قىلغاندا،بىر خاندانلىقتا ئەمەل سېتىش،سېتىۋېلىش ئومۇمى يۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالىدۇ-دە،ۋەتەنپەرۋەر،خەلقپەرۋەر،بىلىملىك بىراق پۇلى يوق كىشىلەر چەتكە قېقىلىدۇ.ھاكىمىيەت سىستېمىسىدىكى چىرىكلىك،پۈتۈن خاندانلىقتا ئالدى بىلەن ئادالەتسىزلىككە يول قۇيغان بولسا،ئارقىدىن بۇ ئادالەتسىزلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان قارشىلىق كۈندىن كۈنگە كۈچىيىپ ئەڭ ئاخىرىدا ھالاكەت گىردابىغا ئاپىرىپ قويىدۇ.
      خېشېن، سۇ ئىنشائات قۇرلىشى قاتارلىق چوڭ قۇرۇلۇشلارغا ئاجرىتىلغان كۈمۈشلەر خىيانەت قىلىنغاندىن كىيىن،بىۋاستە ھالدا قۇرۇلۇشنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىپ،خەلقنىڭ مال-مۈلكى ۋە بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىدۇ،ئىشلەپ چىقىرىشقا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ، ئوردا مالىيە كىرىمى كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ.
      خېشېن،چوڭ سودىنى كونترول قىلىۋالغان بۇلۇپ باشقا سودىگەرلەرنىڭ تىجارىتىگە بىۋاستە ۋە ۋاسىتىلىك تەسىر يەتكۈزۈپ،ئۇلارنى ۋەيران بۇلۇش گىردابىغا ئاپىرىپ قويغان بۇلۇپ،خېشېن ھوقۇقنىڭ چوڭىنى تۇتقاچقا ئۆزى قاتناشقان سودا ساھەسىدىن باج تۆلىمىگەن، تۆلىگەن بولسىمۇ ئىنتايىن ئاز تۆلىگەن.باشقا سودىگەرلەرنىڭ سودىسى ناچارلاشقان ۋە ۋەيران بولغاندىن كىيىن، ئوردا مالىيىسىنىڭ سودىدىن كىرىدىغان باج كىرىمىگە تەسىر يەتكەن.غوللۇق سودا كونترول قىلىنغاندىن كىيىن باھانى ئۆز ئالدىغا چىقارغان بولغاچقا،مال باھاسى تۇراقسىزلىشىپ خەلقنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتكەن.ھوقۇق بىلەن سودا بىرلەشكەندە كېلىدىغان غايەت زور پايدا،خاندانلىقنىڭ پۈتۈن ئىشلەپچىقىرىش،سېتىش،ئىستېمالدىن ئىبارەت ھەر بىر ھالقىسىغا تەسىر يەتكۈزۈپ،پۈتۈن ئىگىلىكنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
      خېشېننىڭ ئەمەل سېتىش جەريانىدىكى پارىخورلۇق قىلمىشى، پۈتۈن خاندانلىقتا ھوقۇق سودىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ناھەقچىلىق كۈچىيىپ كەتكەن بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن خەلقنىڭ بېسىمى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ كەتكەن.شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ چىڭ خانىدانلىقىغا بولغان نارازىلىق كەيپىيات كۈندىن -كۈنگە كۈچىيىپ كېتىشكە سەۋەبكار بولغان.
      1796-يىلى چىئەنلۇڭخان پادىشالىق ئورنىنى ئوغلى جىئاچىڭ خانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كىيىن،بىر خاندانلىقتا ئىككى پادىشا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشتەك ھالەت شەكىللەنگەن.پادىشالىق ئۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىلەن ئەمىلى ھوقۇق ئۆتكۈزۈلمىگەندىن كىيىن جىئاچىڭخان بىلەن خېشېننىڭ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كەسكىنلىشىشىگە باشلىغان.زىددىيەت قانداق كەسكىنلىشىپ كەتكەندۇ؟ دەيدىغان سوئالنىڭ كېلىشى تەبى.
      چىئەنلۇڭخان بوۋىسى كاڭشى 60يىل سەلتەنەت سۈرگەن بولغاچقا،چىئەنلۇڭ تەخىتتە ئولتۇرغان ۋاقتىم 60يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىك ھەمدە تارىختا ياخشى نام قالدۇرۇشۇم كېرەك دېگەنلەرنى مەقسەت قىلىپ،ئۆز رازىلىقى بىلەن پادىشالىق ئورنىنى 15-ئوغلى يىنيەنگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.بىراق ئۆزىنى شاھىنشاھ يەنى پادىشاھنىڭ پادىشاھى دەپ ئاتاپ ئۆلۈپ كەتكىچە بولغان تۆت يىل جەريانىدا ھاكىمىيەتنى پەردە ئارقىسىدا باشقۇرۇپ كېلىدۇ.شاھنىشاھ ھايات بۇلۇپ تۇرغان مۇشۇ تۆت يىل جەريانىدا،جىئاچىڭخاننىڭ ئاساسى جەھەتتىن ھېچقانداق رولى بولمىغان،يەنىلا بۇرۇنقى چىئەنلۇڭ-خېشېن ئاساسى ھوقۇقنى تۇتۇپ تۇرغان بۇلۇپ،جىئاچىڭخاننىڭ ھوقۇقى بىلەن خېشېننىڭ مەنپەئىتى تۇقۇنىشىپ قالىدۇ.
      ناۋادا شاھىنشاھ قازا قىلغاندىن كىيىن،پۈتۈن خاندانلىقتا ھوقۇق ۋە مەنپەت تۇرى شەكىللىنىپ كەتكەن تورنى توقۇغۇچى خېشېننى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا،جىئاچىڭنىڭ ھوقۇقى ۋە ئىمتىيازىغا بىۋاستە تەھدىت چۈشەتتى.چۈنكى جىئاچىڭخان ياش ھەم دۆلەت باشقۇرۇش تەجرىبىسى يوق،بىراق خېشېننىڭ ھوقۇق تەسىر كۈچى ۋە ئىنتايىن زور مال-دۇنياسى بار ئەھۋال ئاستىدا،جىئاچىڭخان مۇرەككەپ ھوقۇق- مەنپەت مەسىلىسىنى توغرا بىرتەرەپ قىلمىغاندا،پۈتۈن خاندانلىق تەۋرىنىش ئىچىدە قېلىشى ھەتتاكى جىئاچىڭخان پادىشالىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.بۇ ۋاقىتلاردا خېشېننىڭ ھوقۇقى ۋە ئوردىدىكى تەسىرى كۈچى ئاللا بۇرۇن بىر باش ۋەزىردە بولۇشقا تېگىشلىك چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى.
      دەل مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە خېشېن ئەجەللىك خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ،يەنى ئۇ قولىدىكى ھوقۇقىغا، ئوردىدىكى كۈچلۈك تەسىرىگە،توپلىغان مال-دۇنياسىغا ۋە پۈتۈن چىڭ خاندانلىقىدىكى ئۆزى بىر قوللۇق ئۆستۈرگەن كىشىلەرگە ئىشىنىپ كېتىپ،جائاچىڭخاننىڭ ياش،تەجرىبىسى يوق دەپ قاراپ،ئۇ ھاكىمىيەتنى رەسمى قولغا ئالسىمۇ مەندىن ئايرىلالمايدۇ.مېنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ دەپ ھېسابنىڭ خاتاسىنى سوقىدۇ.ھەمدە،خېشېن چىئەنلۇڭ خان بىلەن بولغان ئالاھىدە مۇناسىۋىتىنى چىقىش قىلىپ، چىئەنلۇڭخان ئۈلۈشتىن بۇرۇن چوقۇم ماڭا"ئۆلۈمدىن كەچۈرۈم قىلىش تاختىسى"بېرىدۇ دەپ پەرزنىڭ خاتاسىنى قىلىدۇ.خېشېن شۇنى ھېس قىلمىدىكى نېمىلا بولمىسۇن،جىئاچىڭ چىئەنلۇڭنىڭ ئوغلى ئەيسېنگىرو جەمەتىنىڭ پۇشتى بۇلۇپ،چوڭ ھوقۇقنى تۇتقان خېشېنغا ئالاھىدە كەچۈرۈم ھوقۇقىنى بېرىپ كەلگۈسىگە چوڭ ئاپەت قالدۇرۇپ كەتمەيدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.چىئەنلۇڭخان چىڭ خاندانلىقى جىئاچىڭنىڭ قولىدا ۋەيران بولسا رازىكى، ھەرگىزمۇ خېشېنغا بۇنداق ئىمتىياز بەرمەيتتى.بۇ چىئەنلۇڭنىڭ دانالىقى ھېسابلىنىدۇ.
      خېشېن سوققان ھېساب خاتا بولغاچقا جىئاچىڭخان تەخىتكە چىققاندىن كىيىن،بىر نەچچە رەت خېشېن بىلەن تۇتۇشۇپ خېشېننىڭ تەسىر كۈچى ۋە ھوقۇقىنىڭ ناھايىتىمۇ زورىيىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ،ئۆزىنىڭ ھوقۇقىغا ۋە ئورنىغا خىرىس دەپ بىلگەنلىكى ئۈچۈن بىرىنچى قىلىدىغان ئىشى خېشېننى يوقۇتۇش بولدى.جىئاچىڭخان خېشېن بىلەن بىۋاستە قارشىلىشىتىن،يۇشۇرۇن ھەركەت قىلىشقا قاراپ ئۆتۈپ پۇرسەت كۈتۈپ ياتتى ۋە خېشېننى غەپلەتتە قالدۇردى.1799-يىلى 8-ئاينىڭ13-كۈنى89ياشقا كىرگەن،تارىختا ئەڭ ئۇزۇن پادىشالىق ئورۇندا ئولتۇرغان چىنئەنلۇڭخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن،جىئاچىڭخان ئۇزۇندىن بۇيان خېشېننى يوقۇتۇش پىلانىنى تۈزۈپ قويغان بولغاچقا بىرىنچى بۇلۇپ پەرمان چۈشۈرۈپ،خېشېن چىئەنلۇڭ خاننىڭ ئەڭ سادىق ئەڭ يېقىن ۋەزىرى بولغانلىقى ئۈچۈن چىئەنلۇڭخاننىڭ مېيىتىنى ساقلاپ دۇئا تىلاۋەت قىلىشقا قويۇپ،خېشېنىڭ سېرىت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلايدۇ ۋە ھەركەت قىلىشقا پۇرسەت بەرمەيدۇ.ئەتىسى يەنە پەرمان چۈشۈرۈپ خېشېننىڭ بارلىق ئەمىلىنى ئېلىپ تاشلايدۇ.ئۈچىنچى كۈنى تۈرمىگە قاماپ،ئۆيىنى ئاختۇرۇپ پۈتۈن مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ۋە 20تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشقا بۇيرۇيدۇ.جائاچىڭخان 25 يىل ھاكىمىيەت سۈرۈش جەريانىدا،قىلغان ئەڭ چوڭ ئىشى ۋە ئەڭ دانىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلغان ئىشى خېشېننى ئەپچىللىك بىلەن جازالىغانلىقى ھېسابلانسا كېرەك.
      شۇنىڭ بىلەن 49ياشقا كىرگەن،ھوقۇقى ناھايىتى تېز ئۆسۈپ چېكىگە يەتكەن،ھەددى- ھېسابسىز مال-دۇنيا توپلىغان خېشېن، تۇتۇلۇپ 10-كۈنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش جازاسى بېرىپ ھاياتىغا چىكىت ئۇرۇلدى.
      جىئاچىڭخان نېمە ئۈچۈن خېشېننلا ئۆلتۈرۈپ قالغانلىرىنى سۈرۈشتە قىلمايدۇ؟دېگەن سۇئال كېلىدىغىنى تەبى.
    جىئاچىڭخان تۆت يىل سىمۋوللۇق پادىشاھ بۇلۇش جەريانىدا شۇنى تونۇپ يېتىدۇكى، خېشېننىڭ چىڭ خاندانلىقىدىكى تەسىرىنى تازىلاشقا ئۇرۇنسا چىڭ خاندانلىقىنىڭ ئۇلى مىدارلايدىغانلىقى،پارائېلىش ۋە پارا بېرىش ئارقىلىق تەشكىللەنگەن بۇ ھاكىمىيەت سىستېمىسىنى تۈزەشكە قۇربى يەتمەيدىغانلىقى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ.شۇڭا خىيانەتچىنىڭ بېشى بولغان ئۆزىنىڭ ھوقۇقىغا بىۋاستە تەھدىت سالغان خېشېننى يوقۇتۇش ئارقىلىقلا ھاكىمىيەتنى داۋام ئىتىش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ.    خېشېننى جازالاش ئارقىلىق، جاھاننىڭ خوجىسى خېشېن ئەمەس جىئاچىڭخان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قۇيۇش مەقسىتىدە خېشېننىلا جازالاپ قالغىنى سۈرۈشتە قىلمايدۇ.
      خېشېننىلا جازالاپ باشقىلارنى جازالىمىغاندا،تۆۋەندىكىدەك ئۈنۈمگە يەتكىلى بولىدۇ. 
     بىرىنچىدىن،جىئاچىڭخان خېشېن توپلىغان مال-دۇنيانى مۇسادىرە قىلىش يولى بىلەن قۇرۇقدىلىپ قالغان ئوردا غەزىنىسىنى تۇلۇقلىۋالغىلى بولىدۇ.ئىككىنچىدىن، خېشېن تۇتۇلغاندىن كىيىن خېشېننىلا جازالاپ خېشېن يېتىشتۈرگەن كىشىلەرنى جازالىماي ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزۇپ، ئوردا ھاكىمىيىتىنىڭ خېشېن سەۋەپلىك داۋالغۇش بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
      خېشېن شۇنچە چوڭ گۇنا ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ،خېشېن ئائىلە تاۋاۋابەتلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىكتىكى مۇھىم سەۋەپ،خېشېننىڭ چوڭ ئوغلى فېڭشەن يىڭدې چىئەنلوڭنىڭ 10-مەلىكىسى خېشو مەلىكە بىلەن توي قىلغان بۇلۇپ،خېشو مەلىكىنىڭ سالاھىيىتى خېشېن ئائىلىسىنى قىرىپ تاشلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ قالغان.
      ناۋادا خېشېن جىئاچىڭخان بىلەن تىركەشمەي،ئۆزىنىڭ كۈچىنى بەك چوڭ مۆلچەرلىمەي،جاھاننىڭ خوجىسى ئالمىشىۋاتقان مەزگىلدە،ئۆزىنىڭ ھوقۇقىدىن قەدەممۇ -قەدەم ۋاز كەچكەن بولسا ئامان قېلىشى مۇمكىن ئىدى.بىراق ھەرقانداق ئادەم شۇنداق بىر ئورۇنغا چىققاندىن كىيىن ۋاز كېچەلمەسلىك ئادەم تەبىئىتىدىكى شەخسىيەتچىلىك،ئابرۇي-پەرەزلىك بۇلىشى مۇمكىن.
     گۇمان قىلىنغان يەنە بىر تەرىپى بولسا، جىئاچىڭخان خېشېننىڭ ھوقۇق تەسىرىنىڭ ناھايىتىمۇ كۈچىيىپ كەتكەنلىكى،توپلىغان مال-مۈلكىنى ھەددى- ھېسابسىز ئىكەنلىكىنى دادىسى چىئەنلوڭخانغا مەخپى مەلۇمات بەرگەندىن كىيىن، خېشېننى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا مەخپى كېلىشكەن بۇلىشى مۇمكىن.گۇمان قىلىشنىڭ سەۋەبى بولسا، بۇ ئىككىسى ئاتا-بال.ئەيسېنگىرو جەمەتىنىڭ ئەۋلادلىرى.
     تۈگىدى.

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     


     

     

     

     

     

     

     

     

    بۇ كولتىگېن بولىدۇ

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • كۆلتېگىن ئاكىمىز بىلەن دىدارلىشىپ ھەمسۆھبەت بولغىنىمىزغىمۇ ھەش پەش دېگۈچە 2 يىللار بولۇپ قاپتۇ. سۈرىتىڭىزنى كۆرۈپ، سىز بىلەن ئۈلپەت بولغان دەملەر ئېسىمدىن كەچتى ... ئامان بولۇڭ ئاكا!
  • كۆلتېگىننىڭ سۈرىتى ئىنىق چىقماپتۇ، چىئەنلۇڭخاننىڭ دەۋرىدە سىزىلغان رەسىمدەكلا كۆرنىۋاتىدۇ كۆزۈمگە..ھى ھى..چاخچاق.
  • خۇداغا شۈكرى، ھېلىمۇ يازدىڭىز ئاخىرىنى. 15 قېتىملىق ئىنكاسنى قاچانمۇ يېزىپ بۇلامەن دەپ بېشىم قېتىپ ئولتۇراتتىم.
  • رەھمەت نىيازدېخان ئەپەندى.ئەسلى1799-يىلى ئىدى.جېك بولسا 1779-يىلىنى 1799-يىلغائۆزگەرتىپ قويغان بولسىڭىز
  • چيەنلوڭنىڭ ئۆلگەن ۋاقتى خاتا بوپ قالغاندەك قىلىدىغۇ ، قاراپ بېقىڭ .