•  
    بۇ تىمىنى كانادادا ئوقۇۋاتقان ئابدۈشۈكۈر ئۈزىنىڭ تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن مەخسۇس چەتئەلگە چىقپ ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلار ئۈچۈن يېقىندا يازغان. ئابدۈشۇكۇر بۇرۇنمۇ جېك بلوگىدا كاناداغا ئوقۇشقا چىقىىش ۋە ۋىزا ئېلىش توغرىسىدە تەپسىلى تىما يازغان ئىدى. ئابدۈشۈكۈرنىڭ بۇ قىممەتلىك ئەمگىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۈپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
    مەزمۇنىنى تىما ئىچىگە كىرىپ ئوقۇڭ. .
  • ئامرىكا يۇقىرى ۋە تۈۋەن ۋەكىللەر كىڭىشى 700 مىليارد ئامرىكا دوللىرىلىق بازار قۇتقۇزۇش پىلانى [Bailout Plan] نى تەستىقلىغاندىن كىيىن ئامرىكا مالىيە مىنىستىرى خەنك پالسون  [Treasury Secretary Hank Paulson] بۇ 700 مىليارد دوللارلىق پۇلغا ئىگە بولۇپ باشقۇرىدىغان بىر دىرىكتور تەيىنلىدى. مۇشۇنداق بىر پەيتتە بۇ ئىنتايىن بىر مۇھىم ئورۇن بولۇپ 700 مىليارد دوللارلىق پۇلنىڭ ئەمەلى ئىشلىتىلىش جەريانىغا بۇندىن كىيىن مۇشۇ ئادەم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، ئامرىكا ئىقتىسادىنىڭ قۇتقۇزۇش پىلانىنى بىۋاستە مۇشۇ ئادەم قول تۇتۇپ ئىشلەيدۇ.