• يىقىندا بىر تۇنۇشۇم تۈۋەندىكى ئۇچۇرنى ئەۋەتىپتىكەن، قىزىقىدىغانلار بوپ قالسا ئىلتىماس قىلىپ بېقىڭلار. بۇ مەكتەپنىڭ ئىسمى WoodStock ئىكەن، ئىزدەپ كۆرگەن ئوچۇرلارغا قارىغاند بۇ مەكتەپ بۇنىڭدىن يۈز نەچچە يىللار بۇرۇن قۇرۇلغان بولۇپ ياتاقلاشقان ۋە كۆلەملەشكەن خەلقارالىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىكەن، ھىندىستان ۋە جەنۇبى ئاسىيادا داڭلىق مەكتەپ ھىساپلىنىدىكەن. ئۇلار مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئېتنىڭ مەنبەسىنىڭ ھەرخىللىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ يىل ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرىق، جەنۇبى ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلار ئائىلىسىدىن كەلگەن ئىككى قىز ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش مۇكاپاتى بەرمەكچى بوپتۇ، 9- ياكى 10 سىنىپقا ئوقۇيدىغانلار بولسا بۇلىدىكەن، ئىنگىلىز تىلىدا راۋانراق بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىكەن. قىززىقىدىغانلار ئۇچۇرنى تەپسىلى كۆرۇڭلار. ئىلتىماس قىلىش ۋاختىنىڭ ئاخىرقى چېكى 8-ئاي.  ئىلتىماس قىلىدىغانلار بىۋاستە ئىلتىماس قىلساڭلار بۇلىدۇ

  •  
    بۇ تىمىنى كانادادا ئوقۇۋاتقان ئابدۈشۈكۈر ئۈزىنىڭ تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن مەخسۇس چەتئەلگە چىقپ ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلار ئۈچۈن يېقىندا يازغان. ئابدۈشۇكۇر بۇرۇنمۇ جېك بلوگىدا كاناداغا ئوقۇشقا چىقىىش ۋە ۋىزا ئېلىش توغرىسىدە تەپسىلى تىما يازغان ئىدى. ئابدۈشۈكۈرنىڭ بۇ قىممەتلىك ئەمگىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۈپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
    مەزمۇنىنى تىما ئىچىگە كىرىپ ئوقۇڭ. .
  •  


    ئامرىكىدا ئوقۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئوقۇش ۋە تۇرمۇش خىراجىتىنى ھەل قىلىش ئەڭ ئاساسلىق ئىش. ئامرىكىنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش خىراجىتى ئۇيغۇرلارنىڭ
    تۇرمۇش سەۋىيسىگە نىسبەتەن بەك قىممەت بولغاچقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزى ئوقۇش خىراجىتىنى چىقىرىپ ئوقۇش ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتتىكى مىليۇنىرلىرىنىمۇ خېلى ئويلاندۇرىدۇ. ئادەتتىكى پۇقرالار بۇلسا ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ. شۇڭىمۇ ھەم چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئامرىكىغا كەلگىنى ئەڭ ئاز. ئۇنداقتا ئاشۇ بىر قىسىم ئوقۇشقا كەلگەن ئۇيغۇرلار