• مةن تۇنۇيدصغان ئۇيغۇر دوكتۇرلصرص(2) - [Inspire ئىلھام]

    2007-03-13

    بۇنصڭ بېشصنص بصرصنچصسصدصن كۈرۈڭ.

    خۇلاسە كالام، شۇنداق قىلىپ مەن بەلكىم خاتا دەپ قۇيۇش ئىھتىمالى بۇلغان 2-3 دوكتور بىلەن تورداشلار قېتىپ قويغان دوكتۇرلارنىڭ سانىنى يىيىشتۇرۋەتسەم مەن توپ توغرا 50 دوكتۇر تۇغرىلىق ئۇچۇر بەردىم. يەنە بىرەي دىسەم ، قىزىپ چىقسام يەنە 50 ئۇيغۇر دوكتۇرنىڭ ئۇچۇرىنى بىرەلشىم مۇمكىن. ئادەم بىكار قالغاندا كاللىسدا يۇرگەن نەرسىلەر يازاي دىسە ئۇيلاپ بۇلغىلى بۇلمايدىكەن. مەن ئۇچۇر بەرگەن دوكتۇرلار ئاساسەن مەن بىر قەدەر تۇنۇيدىغان ئاغىنە دوس بۇرادەرلىرىم، ش ج ئۇ دىكى خىزمەتداشلىرىم، ۋە ياكى دوسلىرىمدىم ئاڭلىۋالغانلىرىم. ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى دىگەن كىتاپتا يېزىلغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار بۇ تىزىملىككە كىرگۇزۇلمىدى. يەنە بىر قىسمى ئامرىكىدا دوكتۇرلۇك ئالغانلار. ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى مەركەزلىك توپلاشقان ياپۇنىيەگە تېخى تىل تەككۇزمىدىم. ياۋروپاغا قول تىقمىدىم، . ئاۋستىرالىيەنى ئۇنتۇپ قالدىم. تۈركىيەگە دىن خەۋەر ئالامىدىم. روسىيە تېخى ئېچىلمىغان يىڭى قۇرۇقلۇق. ئۇتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار توغرىلىق بىر نىمە بىلمەيمىز. كۇلەملەشمىگەن بۇلسىمۇ باشقا دۇلەتلەردە ئىككى-ئۇچتىن بۇلسىمۇ دوكتۇرلۇق ئېلىۋاتقانلارنى تېخى تۇنۇمايمەن. جۇڭگۇنىڭ ئۇزىدىن دوكتۇرلۇق ئالغان ۋە ئېلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلارمۇ كۆپ، بۇلارنىمۇ تېخى تۇنۇمايمەن. ئەڭ ئاددىسى ش ج ئۇ نىڭ ئۇزىدىمۇ باشقا فاكۇلتىت، ئىنستۇتلاردىكى دوكتۇرلارنى تۇنۇپ كەتمەيمەن. ش ج ئۇ شىمالى رايۇن (بۇرۇنكى گوڭشۆيۈەن) دىن جىق بىلمەيمەن. ئەركىن سىدىقنىڭ تور بېتىدا ئامرىكىدىكى 35دوكتۇرنىڭ تىزىملىگىنى بىرىپتۇ، مەن 6 دوكتۇرنى تىلغا ئاپتىمەن. شىۋىتساريىدىكى ئابدۈشۇكۇر توغرىلىق توردىشىمىزنىڭ بەرگەن بايانىدا ئابدۇشۇكۇر قورقماي " بىر ئۇلتۇرۇشۇمدا بارمىقىىم بىلەن 200 ئۇيغۇر دوكتۇرنى ساناپ بىرىمەن"دەپتۇ. ئابدۈشۈكۈرنىڭ قورسىقىدا بىرەر سان بۇلمىسا بۇنداق دىيەلمەيدۇ.
    2 يىللار بۇرۇن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قۇمدەك ئۇيغۇر تۇنۇشلىرى بار بىر يىقىنىم بۇلىدىغان. ئۇ ماڭا مۇنداق دىدى. ئۇنىڭ بىر ياپۇنىيەدە ماتىماتىكىدا دوكتۇرلۇق ئۇقۇۋاتقان تۇنۇشى بۇلۇپ ئۇ تۇنۇشى دۇنيادا ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى قانچىلىق باردۇر دەپ بىر نۇرغۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، بىر نەچچە ھەقەمسايىلىرىنى سەپەرۋر قىلىپ ئىنتىرنىت، ئاشكارا ئىلان قىلىنغان مەتبۇئات، بىر نەچچە ئىلىمى ماقالىلەر سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، ئۇزىنىڭ ئاڭلىغانلىرى، تۇنۇشىنىڭ ئاڭلىغانلىرى، يەنە تۇنۇشىنىڭ تۇنۇشى ئاڭىلغانلىرى، شىنجادىكى ھەر قايسى ئۇنۋېرسىسىتىتلاردا ئىشلەۋەتقان دوكتۇرلار دىگەندەك بارلىم مەنبەلارنى توپلاپ ئۇيغۇر دوكتۇرلىرىنى خالىس سىتاتسكا قىىلىپ بېقىپتۇ، شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ چىقارغان خۇلاسىسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى ئەڭ كەم دىگەندىمۇ 500دىن ئاشىدۇ!!! بىز مۇشۇ گەپنى راس دەپ پەرەز قىلايلى. ئۇنىڭ سانىغانلىرى ئىچىدە ئابدۇشۇكۇر ساناپ بەرمەكچى بۇلغان 200 دوكتۇرمۇ بار دىسەك ( چۇنكى پەرىزىمچە بىزگە مەلۇمات بەرگەن تۇردىشىمىزنىڭ ئابدۇشۇكۇر بىلەن بۇلغان سۇھبىتى 2001-يىللاردا ئېلىپ بىرىلغان. چۇنكى ئۇ ئابدۇشۇكۇر بىلەن ماكانىم چايخانىسىدا تۇنۇشتىم دەپتۇ) ، يەنە ئۇمۇ خاتا ساناپ قالغاندۇ دەپ، خاتا ساناپ قالغان قىسمى بىلەن 2 يىلدىن بۇيان دوكتۇر بۇلغانلارنى يېيېشتۇرۋەتسەك، ھىچ بۇلمىغاندا ھازىر بۇلسىمۇ دۇنيادىكى ئۇيغۇر دۇكتۇرلىرىنىڭ سانى 500 دىن ئاشىدۇ (شۇنداقتىمۇ تۇلۇقسىز مەلۇمات دەپ ئېلىڭ) . مانا بۇ مىنىڭ مانچە كىچە ئۇخلىماي ھېجىلاپ ئۇلتۇرۇپ بۇ تىمىنى يېزىپ تورداشلارغا دىمەكچى بۇلغان بىرىنچى گىپىم.
    ئۇزى دوكتۇر بۇلمىسىمۇ، لېكىن دوكتۇرلاردىن قېلىشماي، ھەتتا بەزىلىرىدىن ئاشۇرۇپ جۇڭگۇنىڭ ، شىنجاڭنىڭ پەن-تىخنىكا، تەرەققىيات ئىشلىرىغا ئۇچمەس تۇھپىلەرنى قۇشۇپ كىلىۋاتقان ئالىم ، مۇتەخەسسىس، ئىنجىنىرلىرىمزمۇ كۆپ. ئاددىسى مىسال ئالساق ھۇشۇر ئىسلام. بۇنى تۇنۇشتۇرۇش كەتمەيدۇ. ئازات سۇلتان، ئۇزى دوكتۇر تەربىيلەيدۇ، ئابدۇللا ئابباس، دوكتۇر تەربىيلەيدۇ ( بۇلار نەچچە دوكتۇرغا تەڭ كىلەر؟) ، قايسى كۇنى جەۋلان گىپىنى قىلغان قارىمايدىكى ئۇيغۇر ئىنجىنىىرلار.....مەن تۇنۇمايدىغان ، ئاڭلىمىغان نۇرغۇنلار. بۇلارنى كىم ساناپ بۇلاركىن. مەن بىزنىڭ مەتبۇئات، تېلىۋىييزىيە خادىملىرىمىزدىن شۇنداق رازى ئەمەس. نىمە قىلىدىكى ئۇقۇپ بۇلغىلى بۇلمايدۇ. XJTV نى شىنجاڭدىكى ئەڭ يارىماس ، چىرىك ئۇرگانلارنىڭ بىرى دەپ قاخشاپ كىتىشىمدىمۇ مۇشۇنداق بەزى سەۋەپلەر بار. ئىشەنمىسىڭىز شۇلاردا ئاشۇلارنىڭ كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى پۇتتۇرگەنلەردىن قانچىلىق باردۇر دەپ ئىزدىنپ بىقىڭ. ئۇسۇل، ناخشا، تېخى تەنتەربىيە دىگەندەك كەسىپلەرنى پۇتتۇرگەنلەر مانچىلىق نىسبەتنى ئىگەللمىمسە مانا مەن. ئۇلار ئېچىپ قىزىپ بۇلالمىغان سەنئەت، ناخشا، شائىر لارغا مۇناسىۋەتلىك سەھىپىلەر ئاز قالدى. بۇنڭغىغىۇ مەن قارشىمۇ ئەمەس. لېىن شۇنىڭغا سىڭدۇرگەن، كۇچ، مەبلەغ، زىھنىغا تەڭ بۇلغان نەرسىنى يۇرتىمىزنىىڭ پەن تېخنىكا ، ئىقتىساد ، مائارپىغىمۇ سىڭدۇرشى كىرەك ئىدى. پەن تېخنىكغا ئائىت نەرسىمىزدىن ئاران "پەن -تېخنىكا "دۇنياسى دەپ بىر سەھىپىسى بار. ئۇنى تېخى مانچە تىمىغا بۇلۇۋەتكەن. كىچكىمىزدا چىغىمىزدا دۇنيادىكى ئالىملار توغرىلىق تولا بىر نىمە بىرەتتى. "مىم"دەپ بىر نىمە بۇلىدىغان ، شۇنداق ئامراقتىم، دۇنيا ئىېلىم پەن تارىخى، ئالىملار توغرىلىق كارتۇن فىلىم ئىدى، شۇ بىرنىمە مىنىڭ قەلبىمگە ئىلىم پەنگە قىززقىىش ئۇرۇغىنى چاچقان. كىتاپخانىغا كىرسەم ئالىملار توغرىلىق، كەشپىيات توغرىلىق، ئېلىم پەن توغرىلىق نۇرغۇنلىغان كىتاپ بار ئىدى. مانچە ئاي پۇل يىغىپ ئاشۇ كىتاپلارنى سېتىۋىلىپ ئۇقۇيتتى. مانا ئەمدى، بازارغا يۇزلەندۇق دەپلا بۇنداق كىتاپلارنى چىقىرىش ئاساسەن يوقىدى. كىتاپخانىغا كىرسىڭىز مەن ئىزدىگەندەك كىتاپلارىنى بىرنىمى تاپالمايسىز. مەنغۇ شىئىر ، ھىكايە دىگەنلەرنى ئاساسەن ئۇقۇمايمەن، لېكىن ئاشۇنداق كىتاپلارمۇ ئۇنچا سېتىلماسمىش ھازىر. بۇنداق نەرسىلەرنىڭ بازىرى يوق دەپ ئۇلتۇرماي مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلار مەبلەغ سېلىپ مەخسۇس يىتەكلىشى كىرەك ئىدى. چۇنكى سىز شۇنداق نەرسىلەرنى دىمىسڭىز باللىرىمىز ئۇقمايدۇ. كېچىكىدىن، دىيەنشىدە كۇندە ناخشا ئۇسۇل كۇرۇپ چوڭ بۇلغان بالنىڭ چوڭ بۇلغاندا ناخشىچى بۇلغۇسى كىلدۇ. ھىكايە ، رومان ئۇقۇپ چوڭ بۇلغان بالنىڭ شائىر، يازغۇچى بۇلغۇس كىلىدۇ. ئەگەر ئاشۇ بالا پەن تېخنكا، ئىلىم پەن توغرىلىق كىتاپلارنى كۇرۇپ، ئاشۇندا نەرسىلەرنىڭ تيېلىۋىېزوردا ماختىلىۋاتقانلىغى توغرىلىق نىمىلەرنى كۈرۈپ چوڭ بۇلسا ئەلۋەتتە ئالىم، مۇتەخەسسىس، ئىقتىسادشۇناس بۇلغۇسى كىلىدۇ. مۇشۇنداق بىر يىتەكچىلىك روھىنى جەميىتىمىز، مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلار ئۇستىگە ئېلىشى كىرەك ئىدى. ناخشىچى مىللەتنىڭ تەرەققى قىلغانلىقىنى كىم كۈرۈپتۇ دەيمىزيۇ ، جەميىتىمىزدە ئاشۇنداق بىر ساغلام بۇلغان مۇھىت بەرپا قىلىش ئۇچۇن تىرىشمايمىز. ناخشىچى ، ئۇسۇلچى دىگەنمۇ ئازراق بۇلسا، سازراق بۇلسا، بىزمۇ ئاتالمىش چولپانلىرىمىزنى كوچىدا كۇرۇپ قالساق "ۋاي، ئاۋۇ پالانچىكەنغۇ" دەپ بېرىپ يۇگۇرۇپ ئىمزا قويدۇرۋالساق، شۇ چولپانلىرمىز بىلەن بىر ئاشخانىدا تاماق يەپ قالغىنىميزغا پەخىرلىنىپ يۇرسەك ، چولپانمۇ مىنىڭ مۇشۇنداق چۇقۇنغۇچىلىرىم بار دەپ غادىيىپ يۇرسە نىمىسى زىيان. بىزنىڭ خەلىقنىىڭ ئىديسىنى ، كۇز قارىشىنى يىتەكلەپ ماڭىدىغان مەتبۇئات، تېلىۋىزىيە ئۇۇنلىرىمىز مۇشۇنداق كىتىۋەرسە، بىزدىن ناخشىچى تېخىمۇ جىق چىقىدۇ. ئۇسۇلچى تېخمى جىق چىقىدۇ. رايۇنىمىزدىكى سەنئەت ئۇمەكلىرى ئاللقاچان تۇشۇپ بۇلغان. ئۇنداقتا ئاشۇ ئەڭ چىرايلىق قىزلىرىمىز ئىچكىرگە بىېرىپ يالىڭاچ ئۇسۇل ئۇيناپ جېنىنى باقماي نىمە قىلىدۇ. ئەتىدىن كىچكىچە ئۇلارنى تىللىىدۇق، شۇ ئىشنىڭ سەۋەبى توغرىلىق ئۇيلىنپ باقتىقمۇ يوقمۇ. بۇ ئىشتا ساغلام بۇلمىغان بىر جەميەتنى بەرپا قىپ بۇلالمىغان سىز بىزنىڭ ، ھەممەيلەننىڭ مەسئۇليتىمىز بارمۇ يوقمۇ.
    (داۋامى بار)

    ئىتالىيەدىكى ئابدۇسالام نەزىريۋېى فىزىكىسى تەتقىقات ئۇرنى. بۇ تەتقىقات ئۇرنى(http://www.ictp.it) پاكىستانلىق مەشھۇر فىزىكا ئالىمى ئابدۇسالام تەشەببۇس قىلىپ قۇرۇلغان . ئابدۇۇسالام ئۇ 1979 -يىلى ئۇزىنىڭ تەبىئەتتىكى ئاجىز تەسىرى كۇچ توغرىسدىكى دەۋىر بۆلگۇچ نەزىريسى بىلەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. تەپسىلى چۇشۇنىشنى خالايدىغانلار ئىزدەش بىكەتلىرىدىن ئىزدەپ كۇرۇڭلار. بۇ تەتقىقات ئۇرنىنىڭ ئاساسلىق نىشانى فىزىكا ئاساسى نەزىرىيەلىرى جەھەتتىن تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، يەنە بىر نىشانى ئۇچىنچى دۇنيا ئەللىرى ئۇچۇن فىزىكا ئالىملىرى تەربىيلەش. بۇ ئۇرۇننىڭ بىر قىسىم خىراجىتىنى ب د ت بىۋاستە بىرىدىكەن، قالغىنىنى ئىتالىيە ھۇكۇمىتى بىرىدىكەن، يەنە بىر قسىمىنى دۇنيادىكى بىر قسىىم فىزىكا جەميەتلىرى ۋە شىركەتلەر، بايلار بىرىدىكەن.بۇ ئۇرۇننىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان ئەڭ بىۋاستە ياردىمى بىزگە بىرمۇنچە ئۇيغۇر دۇكتۇرلىرىنىڭ يىتىشىپ چىقىشىقا تۇرتكە بۇلدى. ئىلگىرى كىين بۇلۇپ ئابدۇشۇكۇر، سايىپجامال. مەدىنە، ئالىم، ئابدۇرەھىم، مەمەت رىشات، ھۇرنىسا قاتارلىقلار مۇشۇ يەردە ئۇقۇپ ئۇزىنىڭ بىلىمىنى كۇچەيتىۋالغاندىن كيىن، چەتئەلدە ئۇقۇسا قانداق بۇلىدىكەن ،قاندا ئۇقۇيدىكەن شۇنى كۇرگەندىن كىيىن ناھايتى تىزلا باشقا دۇلەت ئۇنۋېرسىتىتلىرى تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىندى ۋە ئۇلارنىڭ تولۇق مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشتى. چۇنكى سىز بۇ يەردە ئۇقۇيالىدىڭز دىگەن گەپ باشقا يەرلەردىمۇ ئۇقۇيالايسىز دىگەن گەپ.
    مەن بۇرۇن بۇ ئىشلارنى چۇشىنىشتىن بۇرۇن شۇ يەردىن ش ج ئۇ پىزىكا فاكۇلتىتىغا ھەر يىلى سان كىلىدىكەن، ئاشۇ سان بۇيىچە چىقىرىلىدىكەن دەپ چۇشىنەتتىم. ھەم راس گەپنى دىگەندە مەن دەسلەپ فىزىكا ئۇقۇشنى تاللىغاندا شۇسان بىلەن ئىتالىيگە بارغىلى بۇلىدىكەن ، ماڭىمۇ ئۇمىت بار دىگەن تۇيغۇلاردا بۇلمىغانمۇ دىيەلمەيمەن. لېكىن كىين چەتكە چىقىپ ئۇقۇش توغرلىق ئىزدىنىشكە باشلىغاندىن كىيىن چۇشەندىمكى ئەسلى ئۇنداق ئىش يوقكەن. ئۇ يەر ھەر يىلى فىزىكىنىڭ ئۈچ تارمىقى بۇيىچە ئۇچىنچى دونيا ئەللىردىن ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ، ئۇزى بىۋاستە ماستېرلىق ياكى دوكتۇرلۇج پروگراممنىنى ناھايتى ئاز تەشكىللەيدۇ. سىز قىززىقىشڭىزغا ئاساسەن ئاشۇ ئۇچ تارماقنىڭ بىرى بويىچە شۇ لارنىڭ تەلىۋى بويىچە ئۇقۇش ئىلتىماسى تاپشۇرىسىز، ئۇلار بارلىق ئىلتىماسلارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن شۇلارنىڭ ئىچىدىن شاللاش ئېلىپ بېرىپ ئەڭ ئاخىرقى ئىشىپ قالغانلار ئۇقۇش پۇرسىتگە ئىرىشىدۇ. تاللانغانلارنىڭ ئايرۇپىلان بىلىتىدىن تارتىپ ھەممە چىقىمىنى شۇ يەر بىرىدۇ. ئۇقۇش بىر يىل بۇلىدۇ. بىزدىن چىققانلار ئەنە شۇنداق ئىلتىماس قىلىپ چىققانلار، ئۇ يەرنىڭ ھىچيەرگە بىرىدىغان سانى يوق. يەنى ئىچكىردە يا باشقا ئۇرۇنلاردا فىزىكا ئۇقۇۋاتقانلارمۇ ئىلتىماس قىلساڭلار بۇلىدۇ. ئۇ يەردىن يىلدا بىرلا ئۇيغۇر ئالاتتۇق دەيديغان تۈزۈمى بۇلمىغاندىكىن شۇلارنىڭ تەلىۋىگە چۇشۇپ باشقا رىقابەتچىلىرىڭىزنى يىڭەلىسڭزلا بۇلىدۇ. يەنە بىرى ئادەتتە چەتئەلدە ئۇقۇش ئىلتىماس قىلغاندا چوقۇم بىر نەچچە پىروفىىسسورلار سىزنى ئۇلارغا تەۋسىيە قىلىپ تۇنۇشتۇرۇش خېتى يېزىپ بىرىشى كىرەك. ئادەتتە ئۇلار ناچار ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىپ قالماسلىق ئۇچۇن ئۇزىنىڭ ئىشىنىدىغان ، شۇ يەدە بۇرۇن تۇرۇپ باققان پروفىىسورلىرىنىڭ خېتىنى ئالدىن ئۇيلىشىدۇ. بىزدە ھازىر بۇ رولنى ساھىپجامال دوكتۇر ئۈتەۋاتىدۇ. سىزنىڭ شۇنداق ئويىڭىز بۇلسا بېرىپ ساھىپجامال دوكتۇرغا بېرىپ دەڭ، ئۇ سىزدىن ئىمتاھان ئالىدۇ، شۇ ئىمتاھاندىن ئۇتەلىسڭىز ئاندىن ئۇ سىزگە خەت يېزىپ بىرىدۇ، شۇ خەتنى ئالالىسڭىزلا قۇبۇل قىلنىش ئىھتىماللىقىڭىز ناھايتى يوقىرى. ئىككىنچسى ئۇ يەرنىڭ ياش چەكلىمىسى بار. يەنە 28 ياشتىن تۇۋەن بۇلۇشى كىرەك. ئۇ يەر چەتئەلنىڭ ياخشى ئۇنۋېرسىتىتلىرىغا كىرىشتىكى ئەڭ ياخشى سەكرەش تاختىسىنىڭ بىرسى.

    ئاخرقى سۆز
    مىنىڭ بۇ دوكتۇرلار توغرىلىق يازمىنى يېزىپ يۈرۇشتىكى مەقسىتىم قانداقتۇر ئۇزەمنىڭ ئۇلاربىلەن تۇنۇشلۇغۇنى پەش قىلىشمۇ ئەمەس. بۇ مەۋھۇم دۇنيادا قانداقتۇر "يۇز"، "ئابرۇي" تاپماقچىمۇ ئەمەس. بۇنداق ئابرۇي لازىم بۇلغانلاردىن ئايلانسۇن.مىنىڭ مەقسىتىم پەقەت بىرلا، يەنى بىر قېسىم مىللىتىمىز توغرلىق، يا ئۇزى توغرىلىق ئۇمىتسىزلىنىپ قالغانلارغا "ئۈمىتسىزلەنمەڭ،سىزدىن ناچارشارائىتتىكى ئاشۇلارمۇ شۇنداق قىلالىدى ، بۇ كۆز ئالدىمىزدىكى پاكىت ، سىزمۇ قىلالايسىز، ھەممەيلەن تەڭ تىرىشايلى، مىللەتنىڭ كەلگۇسى غۇۋا ئەمەس" دىمەكچىمەن.
    سىز ئۇلارنىڭ شارائىتىنى ئۇزىىڭزنىڭ ھازىرقى شارائىتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ. سىزنىڭ ئۇلاردىن نەرىڭىز كەم. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى چوڭ شەھەرلەردىن ئەمەس، يىراق يېزىدىكى توپىلاڭ سەھرادىن. مەن ھەر قېتىم خوتەنگە قايتقىنىمدا تەكلاماكان تاشيولىدىن چىقىپ خوتەن ۋىلايىتى ئىچىگە كىرگەندىن چىرا ناھىيسىدىن ئۆتىمىز. "ھە، ماۋۇ چىرا"ئىكەن دەپ بۇلغۇچە قۇيۇندەك ئۇ يەردىن چىقىپ كىتىپ قالىمىز، بەلكىم، يېزىلىىرىنى قاتسا چوڭدۇ. ئىشقىلىپ بىز ئاپتۇۋۇزدا مانچە مىنۇتتا ئۇتۇپ كىتىمىز. ساھىپجامال دوكتۇر ئەنە شۇنداق يەردە چوڭ بۇلغان. بۇرۇنقى رەئىسىمىز ئىسمايىل ئەمەتمۇ ئەنە شۇ يەردە چوڭ بۇلغان. ئۇدوكتۇرلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى چەتئەللەردە ئۇقۇپتۇ، مەنمۇ ھەم شۇنداق ھازىر ئۇقۇۋاتىمەن. لېكىن ئۇلارنىڭ ھىچقايسىنىڭ ئۇيىدىكىلەرنىڭ مىليۇنىر، يا چوڭ باشلىق ئىكەنلىگىنى بىلمەيمەن. مىنىڭ ئاناممۇ خوتەننىڭ بىر نامرات يېزا ئۇتتۇرا مەكتىۋىدە ئۇقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ.. داداممۇ شۇنداق ئۇقۇتقۇچى. ئۆيىمىز باشقىلارغا ھاجىتىمىز چۈشمىسىمۇ، لېكىن تېخى مىنىڭ 6ئايلىق خىراجىتىمگە كىتىدىغان پۇلنى چىقىرالىشى ناتايىن. شۇ زور كۇپچىلىك دوكتۇرلارنىڭ چەتئەلدە ئۇقۇشى ئۇچۇن كىتىدىغان بىر يىللىق خىراجىتىنى شۇلارنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ بىز ئۆمۇر ئىشلەپ تاپقان پۇلىنى جەملىسىمۇ يەتمەسلىگى مۇمكىن. شۇڭا سىز بۇ جەھەتتىن ئۆزىڭىزگە سەۋەپ ئىزدەيمەن دەپ ئاۋارە بۇلماڭ. بەلكىم 80-يىللارنىڭ بېشىدا چەتكە چىققان بىر قىسىملىرى دۇلەت خىراجىتى بىلەن دەسلەپ چەتكە چىققان بۇلسىمۇ، قالغىنى شۇ ئۇزى تۇرۋاتقان دۇلەتنىڭ، ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئۇقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشىپ تۇگەتكەن. قالغان زور كۇپچىلىك دوكتۇرلار ئۇزىنىڭ تىرىشچانلىغى ئارقىلىق چەت دۆلەتنىڭ بىۋاستە ئىتراپ قىلىشىغا ، مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشىپ ئۇقىغان. تېخى ئۇلارنىڭ زور كۇپچىلىگى شىنجاڭدا ئۇقۇغان. ئانا تىلدا مائارىپ تەربىيسى ئالغانلار. 80-يىللاردا ئۇيغۇرنىڭ خەنزۇچە سەۋىيسى قانداق ئىدى بۇنى ئۇبدان چۇشىنىسز، ئىنگىلىس تىلى، ياپۇن تىلىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىم ئەمەس. بۇلارنى ھازىرقى بىزنىڭ شارائىتىمىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقىلى. 95-يىلدىكى ش ج ئۇ بىلەن 2005-يىلدىكى ش ج ئۇ ئاسمان زىمىن پەرق قىلىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ش ج ئۇ دا ئاران 8000دەك ئۇقۇغۇچى بار ئىدى، ھازىر 40،000 دەك ئۇقۇغۇچى بار. ئۇ چاغدا دوكتۇر دىگەن گەپ بىزگە يېڭى تۇيۇلاتتى، ھازىر ھەر قانداق فاكۇلتىتقا قارىسڭىز بىر مۇنچە دوكتۇر بار. يەنە 5-6 يىلغا قالماي بارلىق 40 ياشتىن تۇۋەن ئۇقۇتقۇچىلار دوكتۇر بۇلماي تۇرۇپ مۇنبەرگە چىقىمەن دەپ خام خىيال ئەيلىمىسۇن. ئۇ ۋاقىتلاردا تيخى قانداق بۇلار. ئەركىن سىدىق مەدىنيەت ئىنقىلاۋى ئاخىرلىشىپلا ش ج ئۇ فىزىكا فاكۇلتىتقا كىرىپتىكەن، شۇ ۋاقىتتكى ش ج ئۇ نى سىز تەسەۋۇر قىلىب بېقىڭ. شۇلارنى ئۇزىمىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقايلى. سىز ھازىر داشۇگە كىرىپ ئۇقۇتقۇچىمىز ئۇندا بۇندا دەپ قاخشايسىز، شۇلارنىڭ زامانىىسىدكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ھازىرقىدىن ياخشى ئىكەنلىگىگە ئىشەنمەيمەن. شۇلارنىڭ زامانىسىدىكى كۇتۇپخانىنىڭ ھازىرقىدىن ياخشى ئىكەنلىگىگە ئىشەنمەيمەن. ئاشۇلارنىڭ كىتاپ، ماتىريياللىرىنىڭ ھازىرقىدىن كۆپ ۋە ياخشى ئىكەنلىگىگە ئىشەنمەيمەن. بىزدە ھازىر نىمە دىسەك ئېشىپ تېشىپ تۇرۇپتۇ. سىز ھازىر ئىچكىرگە بېرىپلا ۋاي ئانام، ۋاي دادام ، پولو سېغىندىم، لەغمەن سېغىندىم دەپ يىغلايسىز، يالغۇزچىلىق تارتتىم دەپ يىغلايسىز، سىزچە ئاشۇلارنىڭ ئاتا ئانىسى ئىچكىرگە بىللە بېرىپ . كۇندا پۇلۇ ، لەغمەن ئىتىپ بىرىپ، كۇندە ئاتا -ئانا، ئۇرۇق تۇققان مۇھەببىتىنى ئۇزىگە ھىس قىلغۇزۇپ شۇ يەردە ئۆي تۇتۇپ ئۇلتۇرغانمىدۇ. ئاشۇ زامانلاردىكى سىز تۇرۋاتقان يەردىكى ئۇيغۇر، خۇيزۇ ئاشخانىلىرى ھازىرقىدىن كۆپمىدۇ.ئاشۇ چاغلاردىكى سىز تۇرۋاتقان يەردىكى ئۇيغۇرلار ھازىرقىدىن كۇپمىدۇ. ئەجبا ئۇلار شۇلارنىڭ ھىچقايسىنى ئۇزىگە سەۋەپ قىلماي تىرىشىپ ئۇقۇپتۇ. سىزنىڭ تىرىشمايدىغانغا، قاخشايدىغانغا نىمە سەۋەبىڭىز بار.
    ھەپتىلەر بۇرۇن ، خارۋارد ئۇنۋېىرسىتىتىدكى بىر ئۇيغۇر يىگىتى توغرىلىق بەرگەن يازمىدا بەزى دۇستلار ، "ئۇ ئاشۇنداق پۇرسەتكە ئىرىشىپتۇ، ھەر قانداق ئۇيغۇر ئاشۇنداق پۇرسەتكە ئىرىشسە ئۇمۇ شۇنداق قىلالايدۇ "دەپ ئىنكاس بەردى. توغرا، ئۇ ئاشۇنداق پۇرسەتكە ئىرىشتى، ئاشۇنداق پۇرسەتكە يەنە باشقا ئۇيغۇرلارمۇ ئىرىشسە ئۇنىڭمۇ شۇنداق قىلالايدىغانلىغىغا مەنمۇ ئىشىنىمەن. چاتىغى، ئاشۇنداق پۇرسەتنىڭ شۇنداق دەيدىغانلارغا مەڭگۇ نىسىپ بۇلمايدىغانلىغىغىمۇ ئىشىنىمەن. پۇرسەت دىسە، لاتارىيە بىلىتىنىدىن 5 مىليۇن چىقىپ قالغاننىلا پۇرسەت دەپ چۈشىنىۋالماڭ. پۇرسەت دىگەننى يۇلۇپ ئالىدىغان گەپ. پۇرسېەت كەلسە ئۇنى قىلىمەن ، بۇنى قىلىمەن دىيىش قۇرۇڭ گەپ. ئاشۇلار ئاشۇنداق پۇرسەتلەرگە ئىرىشىىش ئۇچۇن ، قانچە كىچە-كۇندۇزلەرنى ، زىھنىنى، قۇۋىتىنى سەرىپ قىلغانلىغىنى نەزەردىن ساقىت قىلماڭ. چەتئەل ئۇنۋېرسىتىتلىرىنىڭ تولۇق ئۇقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشىشنى دىمەيلا قويايلى. جوڭگۇدە يىلدا بىر ئالىدىغان ئاسپىرانتلىقتىن ئۈتۇش ئىماھانى ئۇچۇن ئىچكىردىكى خەنزۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قانچىلىك ئۈگىنىدىغىنى ئىچكىردە ئۇقۇۋاتقانلار كۆرۇۋاتىدۇ. شىنجاڭدىمۇ ئۇخشاش. بىرسى بۇ يىل ئاسپىرانتلىق ئىمتاھانىدىن ئۆتتۇم دىسە، سىز ئۇنىڭ شۇ نەتىجىسىدىنلا ئۇنىڭ قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرگەنلىگىنى ئۇيلاپ يىتەلىشڭىز كىرەك. بىرسىنى چىڭخۇاغا ، بېيداغا ئۇتۇپتۇ دىسە، ئۇلارنىڭ چۇقۇم شىنجاڭ بۇيىۋە مانچىنچى بۇلغۇدەك نۇمۇر ئاپتۇ دەپ ئۇيلاپ ، ئۇ ئاشۇ نۇمۇرلارنى ئېلىش ئۈچۈن قانچىلىق جاپا سىڭدۇرگەنلىگىنى بىلىشىڭىىز كىرەك. ئۇ نۇمۇرلار ، نەتىجىلەر ئاسماندىن پوككىدە پۇرسەت دەپ چۇشۇپ قالمايدۇ. باشقىلارغا پۇرسەتكە ئىرىشپ شۇڭا مۇنداق بۇلالاپتۇ، ماڭا پۈرسەت يوق، شۇڭا قىلالمايمەن دەپ ئۇزىگە تەسەللى بىرىش، تەرەققياتتىن بارغانسىرى يىراقلىشىۋاتقانلىغىمىزنىڭ ئىپادىسى. ھۇكۇمەت خىراجىتى بىلەن چەتكە چىققانلارنىڭ يېشى، ئۇنۋانى شۇ شەرتكە چۇشۇپلا چەتكە چىقىپ قالغاندۇ، دەپ ئۇيلىماڭ. قانداق شەرتلەر بۇلسا ئاندىن دۇلەتنىڭ ئاشۇ بىر سانىغا ئىرىشەلەيدىغاننى ئۇيلاپ بېقىڭ. يەنە ، دۇلەت يىلدا قانچىلىك ئادەمنى چەتكە چىقارتتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىنن ھازىرغىچە قانچىلىىك دوكتۇر، مۇتەخەسسىس چىقتى، قانچىسى بىكار ئۇيناپ ، كىرىپ ئۇقۇغۇچىلرىغا "ۋاي . ئۇ يەر دىگەن ئۇنداقكەن، بۇنداقكەن، بىز ئۇيغۇر دىگەن مۇنداقكەنمىز" دەپ ئىككى سائەت ۋاقىتنى توشقۇزۇپ چقىۋاتقانلار قانچىلىق. دىمەكچى ، سىزدە ئاشۇنداق بىر ئىنتىلىش، داۋاملىق تىرىشىش روھى بۇلمىسا ، ئاشۇنداق پۇرسەتكە ئەڭ يىقىنلاشقان ۋاقىتتىمۇ سىز پۇرسەتنى تۇتالمايسىز.

    (داۋامى بار)
    دەيدىغانلىرىم يەنە كۆپ، پىكرىم چېچىلىپ كىتىۋاتىدۇ.
    بىز بىر مىليارد 300مىليۇن نۇپۇس، بىر مىليارد 300مىليۇن ئېغىز كىچكككىنە بىر يەردە قىستىلىشپ ياشاۋاتىمىز.
    بۇرۇن ئۇنچە ئۇيلاپ يىتەلمەپتىكەنمەن، يىڭى زىمىنغا كىلىپ تېخىمۇ بۇنىڭ تىگىگە چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن. مەنغۇ بەك ۋاي دىگۇدەك ئۇقۇپ كىتەلمىدىم، لېكىن نۇرغۇنلىغان خەنزۇلار ھېچقانچە كۈچىمەيلا بۇ يەردىكى ئامرىكىلىقلارنى "ماي گود " دىگۇزىۋىتىدىكەن. جۇڭگۇدا ياشاش رىقابىتى ئىنتايىن كەسكىن بۇلىدىكەن. بىزمۇ شۇندا رىقابەت ئىچىدە ياشاۋاتىمىز. بۇنى بۇرۇن ھۈكۇمەتنىڭ مەجبۇرى ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى بىلەن ئۇنچە چۈشىنىپ يەتمىگەن ئىدۇق. مانا ئەمدى "قايسىڭ يامان بۇلساڭ شۇ خىزمەت تاپ: دەپ بازارغا قويۇپ بىرىۋىدى كۆرىدىغان كۈنىمىز تېخى ئالدىمىزدا. شىنجاڭدا ئۇقۇۋاتقانلار ئىچكىردە ئۇقۇغان بۇلسام ئۇنى قىلىتتىم، بۇنى قىلىتتىم دەيدۇ، ئىچكىردە ئۇقۇۋاتقانلار ۋاي بۇ يەردە دادام يوق، ئانام يوق، پولو يوق ، لەغمەن يۇق دەيدۇ. ئاۋۇ ئۇرۇمچىدىن ئىككى سائەتلىك يول ئاران كىلىدىغان تۇرپاندىن بىرسى ئۈرۈمچىگە ئۇقۇشقا كىلىپ بىر ھەپتە بۇلا بۇلا بۇلمايلا "ۋاي ئانام ۋاي دادام، كۇنەلمىدىمەي، تاماق يىيەلمىدىمەي" دەپ تېلفۇن ئۇرۇپ يىغلايدۇ. شۇنداق دەپ سورىمىسا بۇلمايدۇ، نىمىڭزگە نىمە يەتمىدى !!!.. بىز ئۇيغۇر دىگەن ئانداق نوچى، مۇنداق نوچى، تېخى 10،000 يىلدىن ئارتۇق تارىخىمىز بار دەپ ئاز قالىمىز ئۇيغۇرنىڭ تارىخىنى سامان يولىنىڭ تارىخىغا تۇتاشتۇرۋاتقىلى. لېكىن گەپ ئۇزمىزگە كەلگەندە مەسىلە دىگەن يەتكۇچە بار. بىزنىڭ ماسلىشىشچانلىغىمىز بەكلا ئاجىزمىكىن دىگۇم كىلىدۇ بەزىدە. شىنجاڭدىن ئايرىلغان ھەر قانداق ئۇيغۇر قايتىپ كىلىپ بىرىنچى دەيدىغان گىپى ۋاي تاماقتا ئۇنداق قىينالدىم، مانداق قىينالدىم دەپ. لېكىن ھازىرغىچە بىرەر ئۇيغۇرنىڭ ئىچكىردە يەيدىغان تاماق تېپىلماي ئۆلەپ قاپتۇ دىگەن گەپنى ئاڭلاپ باقمىدۇق. ئۇيغۇر يوق يەرگە بارغاننى ئىنىق بىلىپ تۇرغاندىكىن يەنە نىمە قاخشاش. كۇندا ئۇيغۇرچە تاماق يىمىگەنگە ئۆلەپ قالمايدۇ ئادەم. ئۇيغۇرچە تاماق تېپىلمىسا خۇيزۇلارنىڭكىنى يەڭ. ماگزىنغا كىرىپ تەييار چۇپ ئېلىپ يەڭ. تاللا بازارغا كىرسىڭىز، يەنە ئىزدەپ كۆرسىڭىز بىز يىگىلى بۇلىدىغان نەرسە نۇرغۇن. يەنە بۇلالمىسڭىز ئۇزىڭىز ئىتىپ يەڭ. پولىڭز يەتمىسە ئىشلەپ پۇل تېپىپ يەڭ. ياكى ياخشى ئۇقۇپ ئۇقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىىپ شۇنى خەجلەڭ. مەن ھازىر بىر ھىندىستانلىق بىلەن بىر ئۇيدە تۇرۇۋاتىمەن، شۇنىڭ بانىسدا ھىنىدىستان توغرىلىق جىق چۇشەنچىلەرگە ئىگە بوپ قالدىم. بۇ ئاغىنەنىڭ مىللىتنىڭ ئۆرىپ_ئادىتى بويىچە بۇلار ھېچقانداق گۇش ئەۋلادى يمەيدىكەن، تېخى توخۇممۇ يىمەيدىكەن. بۇرۇن شۇندا گەپلەرنى ئاڭلسام "توۋا، شۇندامۇ ئادەملار باركىنا" دەپ ھەيران قالاتتىم. لېكىن كۈندە كۈرۇپ تۇرغاچقا ئىشەنمەي ئامالىم يوق. بەزىدە مىنىڭ كالا گوشى توغرىغان پىچىقىم ئىسىمدە يوق، ئۇنىڭ سەي توغرايدىغان تاختىسىغا قۇيۇلۇپ قالدىمۇ، تاس قالىدۇ ئۈلۈپ بەرگىلى. ئەنە شۇمۇ ، ھېچقانداق گوش يىمەي، توخۇم يىمەي، بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئۇزۇقلىق قىممىتى بار بىر نەرسە يىمەي شۇندا ئۇبدان ياشاۋاتىدۇ. كۇندىن كۇنگە سەمىرىپ كىتىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ديىشىچە ھىندىستاندا شۇنڭغا ئۇخشاش ئادەملەردىن 300مىليۇندىن ئارتۇق ئادەم باركەن، شۇلار ئۇمۇر بۇيى ئاشۇ نەرسىلەرنى يىمەي . يەنە تېخى شۇندا ئۇزۇن ئۇمۇر كۇرىدىكەن. بىزمۇ ئىچكىردە قوي گوشىنى ئاز يىگەنگە، پولو لەغمەن يىيەلمىگەنگە بىر نىمە بۇلۇپ قالماسمىز. خۇداغا شۈكرى،پارتىينىڭ مىللى سيياسىتى ئىچكىردە شۇنداق ئەمىلىلىشىدۇ. ئىچكىردە ھەر قانداق ئۇيغۇر ئەۋلادى بار مەكتەپنىڭ مۇسۇلمانچە ئاشخانىسى بار. مەن يوقىرىدا گىپنى قىلغان دوكتۇر ئەسقەر ھەمدۇللا 93-يىلى چىڭدۇدىكى ھىلىقى مەكتەپكە بارغاندا ئۇ مەكتەپتە تېخى مۇسۇلمانچە ئاشخانىسى يوق ئىكەندۇق. ئۇلار جەمئى ئۈچ ئادەم بارغان بۇلۇپ ئۇ مەكتەپنىڭ تۇنجى بۇلۇپ ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىپ بېقىشى ئىكەندۇق. ئۇلار دەرھال مەكتەپكە ئىلتىماس قىلغاندىن كىيىن، مەكتەپ رەھبەرلىرى بۇ ئىشقا جىددى قاراپ، ئالدى بلەن ئۇلارنىڭ قولىغا پۇل بىرىپ، نەدىن سىلەر يەيدىغان تاماق تاپالىساڭلار شۇنى يەپ تۇرۇڭلار ، ئاڭغىچە بىز سىلەرگە مۇسۇلمانچە ئاشخانا سېلىپ بىرەيلى دەپتۇ. ۋە شۇنداق قىىلىپتۇ. ئۇتتۇرىدا پاراڭ ئارلىقىدا ئۇيغۇر ئاشخانىسى سەل يىراقكەن، شۇڭا سەل ۋاختىمىز كىتىپ بارىدۇ دەپ ساپتىكەن، ئۇلار دەرھال بىر يەرلەردىن ۋېلىسىپت تېپىپ بىرىپ، ئاشخانىمىز پۇتكىچە ئىشلىتىپ تۇرۇڭلار دەپتۇ. بېيجىڭ، شاڭخەي، ۋۇخەن، داليەن، شىئەن، لەنجۇ ، تيەنجىن، شەندۇڭدىكى مەكتەپلەرنىڭ مۇسۇلمانچە ئاشخانىسى ئىشقىكىلىپ چىڭدۇدىكى ئاشۇ مەكتەپنىڭ ئاشخانسىىدىن كۆپ ياخشى. بىر قىسمىنى ئۇزەم كۆرگەن، يەنە بىر قسمىنى شۇ يەرگە بېرىپ تۇرۇپ كەلگەن دوسلىرىم كۇرگەن، ۋاي ۋوخەننىڭ مۇسۇلمانچە ئاشخانىسى ئۇنداقكەن، شىئەننىڭ ئۇنداقكەن دەپ كەلسە شالۇكىمىزنى ئېقىتىپ تۇرۇپ ئاڭلىغانتۇق. لېكىن شۇ يەردىكى باللاردىن ئاڭلايدىغىنىمىز ۋاي تاماق ئۇنداق ناچار، مۇنداق ناچار. ئاشۇ باللا ۋاي شىنجاڭ دەپ شىندا نىڭ ئاشخانىسىغا كىرىپ تاماقلىرى ئالامەت پەيزىكەن دەپ چىقسا ، شىندا نىڭ باللىرى تاماق "ئۇنداق ناچار، مۇنداق ناچار". ماڭىغۇ خۇدايىم بىلىپ مۈڭگۇز بەرمىگەن. ئەگەر ئاشۇ مەكتەپلارنىڭ مۇدىرى بوپ قالسام، "5 يۇلتۇزلۇق مىھمانخانىنىڭ تامقىنى چىقىرىپ بەرسەم بۇلامتى؟ يەنە ياخشى يەيمەن دىسەڭ ئىشلەپ پۇل تېپىپ ئاشۇنداق يەرلەرگە بېرىپ يە، قولۇڭنى باغلاپ قويمىدىم " دەيتتىم.
    ئىشقىلىپ مەن دىمەكچى، ئىچكىردىكى بىر قىسىم باللار بارغاندىن تارتىپ ۋاي بىز دىگەن مۇساپىر، ئانامدىن ئايرىلدىم، دادامدىن ئايرىلدىم، ئۇ يوق، بۇ يوق ، ئۇندا بۇلسا بۇندا قىلاتتىم،بۇندا بۇلسدا مۇندا قىلاتتىم دەپ بىر قاتار سەۋەپلەرنى ئىزدەپ چۇشكۇنلۇك پاتقىقىغا پېتىپ ھاراق ئىچىشنى باشلىسا، ئۇقۇش پۇتتۇرگىلى قوپقان 4-يىلى قارىسڭىز يەنە بىز دىگەن مۇساپىر، خەقنىىڭ يىرىدە ئانىمىز يوق دادىمىز يوق، دەپ يىغلاشقىلى تۇرىدۇ. يا ئۇقۇغىنىنىڭ تايىنى يوق، تېخى شىنجاڭغا كەلسە مەن دىگەن پالانى يەردە ئۇقۇيمەن دەپ ھالى چوڭ. ئىچكىردە بىز دىگەن خەقنىڭ يىرىدە مۇساپىر دەپ سەۋەپ قىلىپ بانا ئىزدىشىدۇ، شىنجاڭغا كەلسە تېخى بېيجىڭلىق، داليەنلىك ، ۋۇخەنلىك دەپ ئاتىشىدۇ. ئۇزەڭنى شۇندا دەپ ئاتىغانىكەنسەن، ئۇنداقتا سەنمۇ ئۇ يەرە ئۇزەڭنى مۇساپىر دىمە. ئۇگەنگىنىڭ تايىنى يوق، ھالىنى مانچە ئات تارتالمايدۇ، شىنجاڭدىن چىقمىغان باللاررنىڭ ئالدىدا "پالانى يەردە ئۇندا ئۇينىدۇق، پالانى يەردە مۇندا ئۇينىدۇق "دەپ كۆز -كۆز قىلىشدۇ.لېكىن "4-دەرىجىدىن ئۆتتۇڭمۇ ؟ ياق"، "كومپىيۇتىردا قانچىلىك بىىلىسەن'ماۋۇ تىلدا پروگرامما تۇزەلەمسەن؟ ئانچە مۇنچە".ئىمتاھان ئېلىپ كۇرۇپ باقسىڭىز چ چ دا پاراڭ قىلىپ قىزلارنى يالغان ياۋىداق گەپلەرنى قىلىپ كەلتۇرۇشتىن باشقىنى بىلمىگەن. پو دىگەننى ئالامەت ئۇخشىتىپ ئاتىدۇ. ئىچكىرنىڭ ئاندايەي، شىنجاڭ دىگەن مۇندايەي دەپ قاخشاپ كەتكەن. بەلكىم باشقا نەرسىلەرنى ئۇگەنگەندۇ دەپ ئۇيلاپ 1 يىلدىن كىيىن ئۇچرىشپ قارىسڭز تېخىچە خىزمەت يوق. نىمە قىلىۋاتىسەن دەپ سورىسڭىز، "ئاتا ئانام يول مېڭىۋاتىدۇ، ھازىر قابىىلىيەت بۇلغان بىلەن يول، پۇل بۇلمىسا خىزمەت خەنزۇلاردىن ئاشمايدىكەن، ۋاي تۇنۇگۇن شەندۇڭنىڭ باللىرى كەپتىكەن، ئاندا ئىچىشىتۇق". شۇندا قىلىپ قارىسڭىز  بىر لاتا قاسقاسنىڭ ئۈزى. يا بىر ئۇزى ئۇدۇللۇق بۇلسىمۇ بىرەر ئىش تىپىپ قىلالمىغان. دىيىشلىرى تېخى "ھە، چىڭخۇادىكى تۇرسۇنجان زىگۇاڭدە ئىشلەپتىما، ئامىتى كەپتۇ ئۇ گۇينىڭ، لېكىن ئۇلارنىڭ مائاشى ۋەي چى لاردەك يۇقىرى ئەمەس".ھەي، دەيمەن، بۇ لاتا گۇيلارنى نىمە قىلساق بۇلار.
    شىئەندە بۇ يىل 7-ئايدا ئۇقۇش پۇتتۇرىدىغان مۇناسىۋىتىم ياخشى بىر قىز بۇلىدىغان. بىر كۇنى تېلفۇن قىلىپ نىمە قىلىۋاتىسىز دىسەم ، HSK ئىمتاھان بىرىپ كەلدىم دەيدۇ. ۋوي سىز 8-دەرىجىدىىن ئۆتۈپ بۇلغىلى نەۋاخ دىسەم، ئۇنىڭ دىيىشىچە باشقا مەكتەپتىكى بىر ساۋاقدىشى تېخىچە ئۇنىڭدىن ئۇتەلمەپتۇ. بۇ قېتىم بەرسىمۇ ئۈتەلىشى ناتايىنكەن. شۇڭا ئۇ مەخسۇس مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ئاتايەن-يالغاندىن كىملىك ياسىتىپ، شۇنىڭغا ئاساسەن كىنىشكا ئىشلىتىپ ئىمتاھاننى ئۇنىڭ ئۇرنىغا بىرىپتۇ. يەنە ئىچكىرلەپ سورىسام ئۇنداقلار خېلى باركەن. چىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۇ مەكتەپتىكىلەر بۇ مەكتەپتىكىلەرگە قاتنىشىپ بىرىدىكەن. بۇ قاندا ئىش بوپكەتتى دەپ ئۇ قىزنى بىرمۇنچە ئەيىپلىسەم ئۇ "ساۋاقدىشىم تۇرسا، ئۇقۇش پۈتتۇرەلمىسە، خىزمەت تاپالمىسا بۇلمايدۇ-دە " دەپ ئۈزىنى ئاقلاپ كەتتى. ئاچچقىىقىمدا خاپا بۇلۇپ ئەيىپلەپ كىتىپتىكەنمەن، مانچە كۇن ماي تارتىپ يۇردى. دىمىسىمۇ دەيمەن،بەزىلەرنىڭ ئىچكىردە 4 يىل ئۇقۇپ، ئەمدى خەنزۇچىدىن 8-دەرىجىدىن ئۈتەلمەي مۇشۇنداق يالغانچىلىقلارنى قىلىپ يۇرگىنىگە زادى چىدىمىدىم. تېخى مۇشۇنداقلار ئىچكىردە خېلى بارمىش. ئاشۇنداقلارنىڭ ئۇزىنىڭ كەسپىدىىمۇ بىر نىمە ئۈگەنىگىنىدىن گۇمانلىنىمەن. ئۇلار يا بىر بۇلسا دىپلوم ئالالمايدۇ، يا مەكتەپ بۇ ئۇيغۇر بۇلغاندىكىن بىرىۋىتىلى، كىيىن ئۇلەمدۇ تىرىلەمدۇ نىمە كارىمىز، مۇشۇ نىمىلەردىن بىر قۇتۇلىلى دەپ دىپلۇم بەرگەن گەپ. تاس تاس قالدىم، سۇرۇشتۇرۇپ چېقىپ قويغىلى. شىنجاڭدىمۇ تېخى خېلى يىقىن تۇنۇشلۇرۇم ۋاي جىددى ئىش بارتى، دەپ ئىزدەپ ئاشخانىلارغا باشلاپ كەتكەن، نىمە ئىشتى دىسىڭىز "مۇشۇ شىندانىڭ دىپلومىدىن بىرەرنى يالغاندىن ياساتقىلى بۇلارمۇ. مەن دىمەكچى،سىرتتىكى خەنزۇلارمۇ ياسايدىكەن، لېكىن مەن ئىنىتېرنىتتىن ئىزدىسىمۇ تاپقىلى بۇلىدىغان جىڭدىن ياساتماقچىتىم، 10مىڭ يۇەن كەتسىمۇ مەيلى، سەن دىگەن مۇشۇ يەردە ئىشلەيسەن، چوقۇم بىرەر يوچۇقنى بىلىسەن، بۇ ئىشنى پۇتتۇرمىسەڭ بۇلمايدۇ، ئاچام خىزمەت تاپمىسا بۇلمايدۇ" مۇشۇندا گەپلەرنى ئاڭلىسام چېچېم تىك تۇرۇپ كىتىدۇ. ئۇنىڭ گىپىنىڭ ئىچىدىكى " خەنزۇلارمۇ ياسايدىكەن" دىگەندىكى "مۇ" قۇشۇمچىسىنى كۇرۇڭ تېخى. خۇددى ش ج ئۇ مۇ يالغان دىپلۇم ياساپ ساتىدىغان يەردەك. مىنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرىم 5 يىل جاپا تارتىپ، تىللارنى ئىشتىپ، خوشال بۇلۇپ. قايغۇرۇپ يۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئىچدىكى بىر مۇنچىسى ئۇقۇيالماي مەكتەپتىن چىكىنىپ ئاران ئالسۇن ئۇ دىپلومنى، سىز 10مىڭكوي بىلەن بىردەمدىلا دىپلوم ئېلىڭ. ئۇقۇغۇچىلىرىمنىڭ شۇ جاپالىرىنى كۇرمىگەن بۇلسامغۇ كاشكى. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە شىندادىن ئاشۇنداق دىپلۇم ئالغانلار بارمىش. ئاغىنىدارچىلىقىمىزنىڭ يۈزىنى قىلىپ قاتتىق تەگكىلى تېخى بۇلمايدۇ. ۋاي بۇنداق ئىش يوق، قىلغىلى بۇلمايدۇ دىسەم، ۋاي بۇلىدۇ، سۇرۇشتۇرۇپ باقماي نىمە ئۇنداق دەيسەن دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھە دەپ قۇيۇپ ھەپىتنى ئۈتكۇزىۋىتىپ مەن ئۇنداقلارنى تاپالمىدىم،،باشقىلاردىن سۇرۇشتە قىپ با دەپ قويىمەن. راس دىگەندە شۇنداقلارنىمۇ ئىزدەپ باقتىم، ئەگەر تاپالىغان بۇلسام چوقۇم ساقچىغا مەلۇم قىلاتتىم

    مۇشۇ ئىشلارنى ئۇيلىسام ئۇيلاپ قالىمەن، نىمە دىگەن زور ئىسراپچىلىق. ھازىر ئىچكىرگە يىلىغا مىڭلاپ باللار كىرىۋاتىدۇ. ياخشى ئۇقۇسڭىزلا سىزدىن ھۈكۈمەتمۇ، جەميەتمۇ، ئاتا -ئانىڭىزمۇ رازى. ھىچقايسىسى سىڭدۇرگەن مىھنىگە، خەجلىگەن پۇلىغا مىھنەت قىلمايدۇ. لېكىن ھىساپلاپ باقايلى. شۇ ئۇقۇغۇچىلارغا قانچىلىق ئىقتىساد، زىھىن، ئەجىر كەتكەندۇ. شۇ باللار پۇتتۇرۇپ كەلگەندە ئىنگىلىس تىلىدىن قورقماي 4 ئادەمنىڭ ئالدىدا ئېغىز ئاچالايدىغىنى قانچىلىك،ئاشۇ 1000ئۇقۇغۇچىنىڭ ئارىسىدىن 4-دەرىجىدىن ئۈتۇپ كەلگەنلەر 10%گە بارامدۇ يوق. تېخى قارىغاندا مانچە پېرسەنتى خەنزۇچە 8-دەرىجىدىنمۇ ئۈتەلمەي كىلىدىغان ئۇخشايدۇ. بىرەر شىركەت كومپىيۇتېردىكى office مەشغۇلاتىدىن سىناق ئىمتاھان ئېپ باقسا ، كەسپى كومپىيۇتېر بۇلغانلارمۇ بىر A4 چوڭلىقىدىكى قەغەزگە رەسىم كىرگۇزۇپ، جەدۋەل كىرگۇزۇپ، ئۇنى تەھرىرلەپ بېسىپ چىقىرالمىغان. نىمە بۇلدى دىسىڭىز،" بىز مەكتەپتە دايىنجى بىلەن ھەپىلىشىپ باقمىغان". "ماڭا ئاران بىر سائەت ۋاقىت بەردى، ۋاختىم يەتمىدى ، بىر كۈن بەرسە قىلالايتتىم." ، ھالىمىز شۇنداق تۇرسا يەنە خەنزۇلارنى ئالدى مىنى ئالمىدى، كەمسىتتى دەپ بىر تالاي قورساق كۈپۈگىمىز بار. ھەر يىلى ئىختىساسلىقلار بازىرى دەپ بازار ئاچىمىز. نۇرغۇنلىغان شىركەتلەر كىلىدۇ. كەلگىلى ئۇنىمىسا مەكتەپمۇ، يالۋۇرۇپ ، ئالداپ يۇرۇپ بۇلسىۇ بىر نىمە قىىلىپ ئەكىلىدۇ. ئۇزىنىڭ باللىرىغا كۇيۇنەيدىغان كىم بار. شۇ ۋاقىتلاردا شۇ ئىشنى قىلىدىغان ئىشخانىدىكى خىزمەتچىلارنىڭ ئالدىراشچىلىغىدىن تاماقمۇ يىمەيدۇ. شۇنداق تەستە بىرەر مىڭدەك شىركەت كىلىدۇ. لېكىن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر باللار تاماشا كۇرۇش ئۇچۇن كىلىدۇ. بىرەر شىركەت بۇنداق كەسىپ ئالمايمىز، ياكى ئۇچۇقتىن ئۇچۇقلا ئۇيغۇر ئالمايمىز دەپ قالدىمۇ، بۇلدى ئۇنىڭ ئاتالمىش غۇرۇرى يەنە بۇنداق يەردە چۇرگىلەپ يۇرۇشكە قويماي، بىرىنچى قەۋەتتىكى، ئېشىپ كەتسە ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئۇرۇنلارنى كۇرۇپلا ياتاققا قايتىپ ئۈزئارا تىللاشمىغان ھۇكۇمەت، مەكتەپ ، ئىش ئۇرنىنى تارتىۋالغان خەنزۇ قالمايدۇ. لېكىن خەنزۇلارغا قارىسڭىز 10 شىركەت ئالمايمىز دەپ چىقىرىۋەتسە يەنە 100 شىركەتنىڭ ئالدىغا بارىدۇ. ھەتتا ئۇيغۇر ئالىمىز دەپ كەلگەن شىركەتلەرنىڭ ئالىدىغىمۇ كىلىۋالىدۇ. ياخشى ئۇقۇمىغان ، ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوقلارنى دىمەيلا قويايلى، ياخشى ئۇقۇغان، بىر نىمە بىلىدىغان، كۇرسەتسە بىر چىقىرالايدىغان گۇۋانامىلىرى بار بالىلارمۇ بىرەر شىركەت بۇلمايدىكەنسەن دەپ قالسا، خاپا بۇلۇپ ، قېيداپ دەرھال يېنىپ چىقىدۇ. ھەممىسى ئىككىنچىلەپ ئۇنداق يەرگە قەدەم باسمايدۇ. دەيمەن، سىزنىڭ ئۇلارغا ئۇتكۇزۇپ قويغان بىر نىمىڭىز بارمىتى ئۇلاردىن قييدايدىغان. بۇلسىغۇ ياخشى ئۇقۇغانلىقىڭىز ئۇچۇن خوڭچى ماركىلىق پىكاپقا ئۇلتۇرغۇزۇپ، شەھەرنى مانچە چۇرگىلىتپ ، ئاپتۇنۇپ رايۇنلۇق ھۇكۇمەتكە ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويساق بۇلاتتى. ئەپسۇس ... قەلەندەر قېيدىسا خورجۇنغا زىيان. يەنە تېخى نۇرغۇنلىغان بالىلىرىمىز ئۇنداق شىركەتكەن، مۇنداق شىركەتكەن، ئۇنداق ئىدارىكەن، مۇنداق ئىدارىكەن دەپ كىتىشلىرى. ۋوي بۇنىڭ خېلى بېڭسى بار ئۇخشايدۇ دەپ قارىسڭىز ئۇقۇش پۈتتۇرۇپ يەنە مانچە يىلغىچە خىزمەت تاپالمەي مانچە پۇل بىرىپ تۇرە دەپ سۇقۇلۇپ يۇرگەن. ئالدى بىلەن قۇرساق مەسىلىسىنى ھەل قىلماي يەنە نىمە تاللاش.
    قۇرۇق سۇلەتچىلىك قىلىپ شۇنداق ھالغا كەلدىكى بەزىلەر، بىرەرسىنىڭ ئالدىدا مانداق يەردە ئىشلەيمەن دەيدىغان يەرنى بىر ئامالىنى قىلىپ ئاتا ئانىسىنى قۇرۇتۇپ شۇ ئۇرۇنغا كىرگۇچە بۇلسىمۇ شىركەتلەردە ئىشلەپ تۇرۇشنى خالىمايدۇ.
    قىسقىسى مىنىڭ كۇز قارىشىم، رىقابەتتە بىر كىشىلىك ئۇرۇنغا دەسسەپ تۇرىمەن دەيدىكەنمىز، شۇنىڭغا چۇشلۇق تىرىشىشىمىز كىرەك. خەنزۇلار بىر ھەسسە تىرىشسا بىز 10 ھەسسە تىرىششىمىز كىرەك. شۇنداق قىلماي تۇرۇپ يەنە نىمە خەنزۇ ئۇنداق قىلدى، مۇنداق قىلدى. ئىتىبار بىرىىش سىياسەتلىرىنى ھۇكۇمەت يەتكۇچە بىرىپ كەلدى، ئىچكىرلەردە ئۇقۇتۇش ئۇچۇن شۇنداق جىق پۇللارنى بىرىۋاتىدۇ، سەرىپ قىلىۋاتىد. يىلدا، ئايدا بىرىدىغان پۇلىمىز بار. باشقا ئىش قىلىشقا يارىمايمىز، ئەگەر شۇ پۇلنى توختىتىپ قويسا تاس قالىمىز مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارنىڭ ئالدىغا يىغىلىۋىلىپ دەرۋازىسىنى چېقىۋەتكىلى.شۇنىڭغا چۇشلىق ئۇقۇساق نىمە بۇلىدۇ. ئاشۇ ئۇرۇنلارنىڭ ئەمەلدارلىرى چىقىپ قانچىلىق ئۇقۇشتۇق ئەكىلە بىر كۇرۇپ بېقىپ ئاندىن بىر نىمە دەيلى دىسە ، دىگىلى گەپ تاپالماي ئىچىمىز دىمىمىزگە چۇشۇپ كىتەر بۇلغيدى. شۇنىڭغا چۇشىلۇق، بىز ئىچكىردە ئىچىپ، لەيلەپ، ھىچنىمىگە يارىماس بىر نىمە بۇلۇپ كىلىۋاتىمىز. بىزدە پۇل ئېشىپ تېشىپ تۇرۋاتقاندىمۇ، جەنۇبى شىجاڭدا ھەممە ئۇقۇشقا ئىنتىزار بالىلار ئۇقۇيالغانمىدۇ، داشۇگە ئۇتكەن ھەممە بالىلار ئۇقۇشقا ئىچكىرگە، ئۇرۇمچىگە كىلەلىگەنمىدۇ. ؟ شۇ مەبلەخنى ئاشۇ بىچارە باللارغا سالسىمۇ بۇلىدۇغۇ. شۇنى ئۇنتۇپ قالماڭ، سىزنىڭ ئىچكىردە "كۇاڭكى داۋاڭ" "جيۇ ۋاڭ" دىگەندەك ناملارنىڭ ئېلىشڭىزنىڭ بەدىلىگە، شىنجاڭدىكى بىرمۇنچە دىھقانلىرىمىز ئاچ قالدى، بالىلىرمىز ئۇقۇشسىز قالدى. شۇلارنى بۇلسىمۇ ئۇيلاپ قۇيۇش كىرەك. بەزى گەپلەرنى ئۇچۇق دىمەي بۇلمايدۇ. ھۇكۇمەت ھېلىمۇ بىزگە شۇنچىلىك قىلىۋاتىدۇ، ياڭزىڭشىن دەك ھىچنىمە قىلمىغان بۇلسا نىمە قىلالايتتۇق. ئاجىزلار بىلەن كۇچلۇكلار تارىختا ئەزەلدىن تەڭ بۇلۇپ باققان ئەمەس. شۇنىچىلىىك ئاددى ھەقىقەتنى بۇلسىمۇ چۈشۈنۈڭ. خەنزۇلار دىگەن ئىنگلىسچنى باشلانغۇچتىن تارتىپ ئۇقۇغان. مەن داشۇگە كىلىپ ئۇقۇدۇم، ئىنگىلىسچە 4-دەرىجدىن ئۇتەلمىسەم نىمە بوپتۇ دەپ سەۋەپ ئىزدىمەڭ. نىمە بۇپتۇ دىسىڭىز ھىچنىمە بۇلمايدۇ،شۇ ئىشسىز قالىسىز.ھىلىمۇ بۇرۇن ھۇكۇمەت مەجبۇرى بۇلسىمۇ بىزنى ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇپتىكەن. شۇنداق قىلمىغان بۇلسا نىمە بوپ كىتەر بۇلغىتتى. ئاسپىرانىتلىق ئىمتانىسىدا ماڭا ئۇتتۇرا مەكتەپتە ئىنگىلىسچە ئۇتمىگەن،ئەمدى كىلىپ مەندىن ئىمتاھان ئالساڭ قانداق بۇلىدۇ. مەندىن شۇ بىر نىمىنى ئىنتاھان ئالماي ئۇتكۇزۇسەن دىسەك بەلكىم ئېقىپ قالار. ئاچچىقىمىز تۇتۇپ كەتسە، يەنە بىز دىگەن ئاز سانلىق مىللەت، ماتىماتىكا ئۈلچىمىڭنى تۇۋەنلەت، يەنە بىر نىمەڭنى يوك قىل دىسەك، ماڭا شۇنداق قىل دىسەك بەلكىم ھۇكۇمىتىمىز بۇنىمۇ قىلدى دەيلى، يەنە شۇن ئۇلچەم بىلەن سىزگە، دوكتۇرلۇقنى بەردى دەيلى.شۇنىڭ بىلەن تاماشا ئالدىمىزدا، شۇنىڭدىن كىيىن دوكتورلىرىمىزمۇ خىزمەت تاپالماي مەن دوكتۇر تۇرسام ئالمىدى دەپ ھۇكۇمەتنى تىللاپ ئۇلتۇرىدىغان گەپ. ھېىلمۇ ھۇكۇمەت شۇنچە ئىتىبارلار بىلەن ئۇنۋېرسىتىتلارغا ئەكىرىپ قۇيۇۋاتىدۇ. بىز ئۇچۇن شۇنچە پۇللارنى خەجلەۋاتىدۇ. بىز يەنە ياخشى ئۇقۇماي ، يەنە بار سەۋەپنى خەنزۇدىن كۈرۈپ، خەنزۇ بوپ قالمىغىنىمىزدىن پۇشايمەن يەپ ئۇلتۇرىمىز. بىزدە پۇرسەت يوق ئەمەس، گەپ ئۇزىمىزدە.
    ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىز ، ئۇزىمىز تۇغرىلىقمۇ ئۇيلاپ باقايلى. مىللەت دىسە ئۇتىدا كۇيۇپ بىرىمىز. لېكىن ئۇزىمىز قانچىلىق قىلدۇق. ئەڭ چىرايلىىق قىزلىرىمىز ئىچكىردە لوبەنلەرنىڭ قوينىدا. ئىچكىرنىڭ ھەرقانداق چوڭراق شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر خىنىملىرى بارمىش. ھازىر ئىچكىردە ۋە شىنجاڭدا چىرايلىقراق دىسەك"ئۇيغۇر خىنىملىرى" سەتراق دىسەك " ئۇيغۇر جالاپلىرى" دىگەن بىر يىڭى ئاتالغى چىقتى، بۇنىڭدىن شۇنى كۇرۇۋېىلشقا بۇلىدۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇيىڭى ئىشلەپچىقىرىش كەسپى بىزنىڭ ئىچكىردىكى ئۇغۇرلۇق كەسپىمىزدىن باشقا يەنە بىر كەسپىمىز بوپ قالغان ئۇخشايدۇ. چۇنكى ئىككى توك توك خىنىملىرىمىز بۇلغانغا بۇنداق گەپ ئاتالغى چىقمايدۇ. بۇلارنى ھارغىچە تىللىدۇق، ئۇچرىغانلىرىنى مىللەت سۇيەر يىگىتلىرىمىز ئۇردى. بۇلسا ھەممىنى تۇتۇپ ئەكىلىپ كۇيدۇرىدىغانلارمۇ چىقتى. سىلەرچە ئىشلار شۇنداق ئاددىمىدۇ. ئاشۇ خنىملىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ئەكىلىپ كۇيدۇرۋەتسەك ، بىز يەنە مۇشۇنداق ماڭساق ئاشۇ خنىملىرىمىز تۇگەرمۇ. 3-4يىل ئۈتۈپ ئۇلار يەنە پەيدا بۇلماسمۇ. چوڭقۇرراق ئۇيلاپ باقايلى. قىزلىرمىزنىڭ ئاشۇنداق ئىچكىرگە قېچىپ پاھىشە بۇلۇشىغا بىز يىگىتلەرنىڭ مەسئۇلىيتىمىز بارمۇ يوق. ئۇلارنى تۇتۇپ ئەكىلىپ كۇيدۇرۇپ، قۇرئاندىن، ھەدىىستىن، ئەخلاقتىن، ئۇيغۇر مەدىنيىتىدىن سۇزلەپ تۈگەتكىلى بۇلماس. چۇنكى بۇلارنى شۇنداق يولغا ئەكىرىپ قويغانلار دەل ئۇزىمىز يىگىتلەرمىز. بىزمۇ ئاشۇ خەنزۇلاردەك تېرىشساق، مىڭلاپ مىڭلاپ شىركەتلەرنى قورساق، مەمەت لاۋزۇڭ، ئەركىن جىڭلى، قەييۇم چاڭجاڭ دەپ ئاتىشىپ يۇرسەك، ئاشۇ قىزلىرىمىزنى مىليونىر قىلىۋىتەلمىسەكمۇ خۇدايىم بەرگەن، دۇنيا مودىللار مۇسابىقىسغا قاتناشسا بىرىنچى بۇلالىغۇدەك چىرايىغا، بەدەن قىياپىتىگە ماس كەلگۇدەك يارىشىملىق كىيىملەرنى ئېلىپ بىرەلىسەك، ئۇقىزلىرمىز ئىچكىرگە بېرىپ تىنىنى سېتىشقا خۇمار بوپ قالمىغاندۇ. يانچۇقىمىزدىن قورقماي مىڭ كوي پۇل چىقمايدۇ. ئىككى قىز بالىنى باشلاپ يۇقىرى دەرىجىلىكراق ئىستىمال سەۋىيسى بار يەرگە كىرىپ قورقماي 500كوي خەجلىيەلمەيمىز. شۇ قىزلار بىلەن دىباغا بېرىپ قالساق خيالىمىز قاندا قىلىپ ئۇلارغىمۇ چاندۇرۇپ قويمىغۇدەك بىرەر ئۇسۇلدا ئەرزانراق پۇل خەجلەش. تۇيۇقىسىز ئۇ قىز بالىنىىڭ ئىككى ئۇچ دوستى كىلىپ قالدىمۇ بۇلدى، يانجۇقتا پۇل يوق ئۇنىڭغا بۇنىڭغا تېلپۇن قىلىپ پۇل ئەكەلدۇرۇدىغان گەپ. ئەتىسى ۋاي مۇنچە پۇل خەجلەپتىمەن دەپ ئىچىمىزدىن ئوت كىتىدۇ. ھەممەيلەن پو ئېتىپ مىللىتىم ، يەنە بىر نىمەم دەپ پو ئاتقان بىلەن ھالىمىز تايىنلىق. قىزلىرىمىزغا ئىگە بۇلالمايمىز. دۇنيانىڭ ئاياللىرى منىڭچە ھەممىسى ئۇخشاش. ھەممىسىنىڭ چىرايلىق كەيگۇسى كىلىدۇ، ياخشى يىگۇسى كىلىدۇ، ئاستىدىكى داڭلىك ماركىلىق ماشىىنىنى دوستلىرىغا كۆز-كۆز قىلغۇسى كىلىدۇ. ئۇلارنىڭ xv rong xin دىگەن نەرسىسى شۇنداق كۇچلۇق. بىز قىزلىرىمىزغا شۇنداق نەرسىلەرنى تېپىپ بەرمەي، ئۇلارنى ياخشى تۇرمۇشقا ئىرىشتۇرمەي، تېخى مابىتىنىڭ پۇلىنى خەجلەپ يەنە قىزلىرىمىز ئۇنداق بۇپ كەتتى بۇندا بوپ كەتتى دەپ تىللايدىغانغا نىمە ھەققىمىز بار. ئۇلارغا قورقماي، مانچە كۇن ھىساپ قىلماي بىر تال ئالتۇن زەنجىر ئېلىپ بىرەلمەيمىز.

    مەن ئىسىمگە كەلسەم بىزنىڭ ئۇيدە تولا ماجرا بۇلىدىكەندۇق. ئانام بىلەن دادام تولا ئۇرۇشىدىكەندۇق. نىمىلەرنى تالىشىپ سۇقۇشقىنىنى ئۇخمايتتىم. كىيىن ئۇلارنىڭ مائاشى ئۇستى، داداممۇ ئىشتىن سىرت تىجارەت قىلىپ ئانچا مۇنچە پۇل تاپتى. شۇنىڭ بىلەن نىمە بۇلدى ئۆيدە جىدەل ماجرا بېسىقىپ قالدى، شۇنىڭدىن كىيىن دادام بىلەن ئانامنىڭ ئۇنداق ئۇرۇشۇپ، سۇقۇشۇپ يۇرگەنلىگىنى ئۇخمايمەن. كىيىن بىلسەم ئۇلار ئاشۇ "ماينى جىق ئىشلەتتىىڭ."، " بۇ بىزنىڭ ئۇيمىزگە بى ھاجەت تۇرسا نىمە دەپ ئالىسەن"، "جا نەرسىنى ئېلىپسەن ، كۇزۇڭ نەگە كەتتى " دىگەنگە ئۇخشاش ئىشلار ئىكەندۇق. بىر ئۇينىڭ تنىچ ، خاتىرجەم بۇلۇشى ئۈچۇن يەنىلا ئالدى بىلەن قۇرساق، كىيىم مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كىرەك ئىكەن.
    بۇلاردىن مەن شۇنداق دىمەكچى، بىز ئۇيغۇر ياشلىرى جېنىمىز چىقىپ كەتسىمۇ بىر چىداپ ئىشلەپ يول تاپساق، پۇل تاپساق، ئۇزىمىزنىڭمۇ يۇزى يۇرۇق بۇلاتتى، قىزلىرمىزمۇ قېشىمىزدىن ئەگىپ كىتەلمەيتتى. ئۇلارنى تىللاپمۇ يۇرمەيتتۇق. قىزلىرمىزنىڭ ئىچكىردىكى ئاشۇنداق قىلمىشلىرى قاچان بىز ئۇيغۇر يىگىتلىرى ئەقلىمىزنى تېىپىپ، مەسلىنى ھادىسىدىن ئىزدىمەي ماھىيەتتىن ئىزدەپ قىزلىرمىزغا ئىگە بۇلالىغان ۋاختىمىزدا تۇگەيدۇ. بىز يەنە مۇشۇنداق ئۇزىمىزنى بىلمەي لاتا قاسقاسلىق قىلىىپ ئۇ يەردە بۇ يەردە ھىجىيىپ، ئۈزىمىزنىڭ قىزلىرىنى ئەرزان يوللار بىلەن باپلاشنىڭ كويىدا يۇرسەك قىزلىرىمىز ئىچكىرگىلا ئەمەس ، يەنە تېخى چەتئەلگىمۇ تارايدۇ. يەنە ئۇيلاپ بېقىڭ. بىر يىللىرى روسىيە پارچىلىنىپ ئىقتىسادى شىددەت بىلەن چىكىنگەندە روسىيە قىزلىرىنڭ باھاسى پاخال بوپتىكەن. شۇ يەرگە چىققان سودىگەرلىرىمىز ئازراقلا روبلى خەجلەپ مانچە خوتۇننى ئېپ قويۇپ ياشايدىكەندۇق. شىىياڭگاڭ، لوندۇن دىگەندەك يەرلەردە چيراي بەدەن جەھەتتە ھوللوۋىد نىڭ چولپانلىرغا ئوخشايدىكەن قىزلار ئەڭ ئەرزان باھالىق خنىملارغا ئايلىنىپتىكەن. شۇ ۋاقىتتا دۇنيادا ئىشلەنگەن جىق سېرىق فىلىملەرمۇ ئاشۇ قىزلار تەرىپىدىن ئىشلىنىپتىكەن. خۇدا ساقلىسۇن بىز تېخى ئۇ كۈنلەرنى كۇرمىدۇق. يەنە دىققەت قىلساق يىقىنقى يىللار مابەينىدە بىزنىڭ ئىقتىسادىىمىزمۇ ئۇتتۇر


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • 谢谢你。