• مةن تۇنۇيدصغان ئۇيغۇر دوكتۇرلصرص(1) - [Inspire ئىلھام]

    2007-03-13

    ئةسكةرتصش: بۇ تصما 2005-يصلص 12-ئايدا قصشلصق تةتصل مةزگصلصمدة بصر ھةپتة كۈندة كةچلصك ۋاختصمنص سةرصپ قصلصپ يېزصپ ئصزدصنصشتا قصلغان ھةم زور تةسصر قۇزغصغان. كصيصن ئصزدصنصش يصڭص سصستصمصغا كۈچكةندصن كصيصن كونا مۇنبةر كۈپ ۋاقصتلاردا ئچصلمايدصغان بۇلۇپ قاپتۇ. ئةسلص نۇسخصسصنص ئۈزةممۇ ساقلصۋالماپتصكةنمةن. بۈگۈن ئصزدصنصشتصن سوراپ ئېلصپ، كوددصنص يۇنصكودقا ئۈزگةرتصپ  شۇ پېتص بۇ يةرگة چاپلاپ قويدۇم. ئةسلص نۇسخصسصدا بصر قصسصم ئۇچۇرلار خاتا بۇلۇپ قاپتصكةن قايتا تةھرصرلةپ قويدۇم ۋة كصيصن ئۈزگةرگةن بصر قصسصم يةرنص ئاستصغا تصرناق ئېچصپ ئصزاھ بصرصپ قويدۇم. بۇ مةن ئۇيغۇر مۇنبةرلصرصگة كصرگةندصن كصيصن ئةڭ زصھصن سةرصپ قصلصپ يازغان تصمام.


     

    مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى

    ئۇنى بۇنى دەپ بىر مەۋسۇمنى توشقۇزۇپ تەتىل قىلىۋالدىم. ئىككى ئۇچ كۇنگىچە دەم ئالغاچ ئىزدىنىشكە بىر نەرسە يازغاچ ئۇلتۇراي دەيمەن. مۇنبەردە ھەرخىل نەرسىلەرنى تولا تارتىش قىلىپ كەتتۇق. ئەمدى ئۇز ئەتراپىمىزدىكى ئادەملەر توغرىسىدا سۇزلەپ باقىلى.بىزگە يېنىمزدىكى ئادەملەر بىزدىن ئايرىلغاندىن كىيىن ئاندىن ئۇنى ئەسلەپ ماقالە يازىدىغان ئىش ئۇدۇم بۇلمىغاندىكىن.ئالدى بىلەن ھاياتلارنى ماختايلى، تەشۋىق قىلايلى. مەن ئالدى بىلەن ئۇزەم ئارىلاشقان، بىللە ئىشلىگەن، ئاڭلىغان، بىلىدىغان بىر قىسىم دوكتۇرلار توغرىسىدا سۇزلەپ باقاي. قالغانلىرىنى دۇستلار تولۇقلىغاي.
    مەن بۇ دۇكتۇرلارنىڭ تەرجىمھالىنى يازمايمەن، يازاي دىسەممۇ ئىنىق يازالمايمەن.ئۇتتۇرىدا ئۇزەمنىىڭ بەزى ئويلىرىنى ۋە كەچۇرمىشلىرىنى قىستۇرۇشۇم مۇمكىن. پەقەت نىمىنى يازالىسام شۇنى يازىمەن. يازمامنىڭ رەت تەرتىۋى يوق.

    1 .پەرھات مىجىت. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى(تۇۋەندە ش ج ئو دەپ ئېلىنىدۇ) فىزىكا فاكۇلتىتىنىڭ ياردەمچى پىروفىسسورى، دوكتۇر، ئاسپىرانىت يىتەكچىسى . ھازىر 45 لەردىن سەل ئاشتىغۇ دەيمەن. مەدىنيەت ئىنقىلاۋىدىن كىيىن ئۇقۇپ، مەكتەپتە قېىلىپ خىزمەت قىلغان. 93-94يىللار ئەتراپىدا ئالدى بىلەن ئۇزبىكىستانغا چىقىپ بىر يىل بىلىم ئاشۇرغاندىن كىيىن ئىككىنچى يىلى بىلۇرۇسىيە دۇلەت ئۇنۋېرسىتىتى لازىر نۇرى تەتقىقات مەركىزىگە دوكتۇر ئاسپرانت بولۇپ كىرگەن. 99-2000يىللار ئەتراپىدا ئوقۇش پۇتتۇرۇپ قايتىپ كەلگەن. ئاساسلىق تەتقىقات يۇنۇلۇشى لازىر نۇرىنىڭ ئىمپۇلس پىرىنسىپلىرى. بۇ توغرىسىدا جىق سۇزلىمەي.
    مەن پەرھات مۇئەللىم بىلەن 2001-يىلى خىزمەتكە چۇشكەندىن كىيىن تۇنۇشقان. ئىچكىردىن ئۇقۇش پۇتتۇرۇپ يېنىپ كىلىپ فىزىكا فاكۇلتىتىغا ئۇزەمنى مەلۇم قىلغىلى كەلگەن ۋاختىمدا شۇ ۋاقىتتا فاكۇلتىتتا بار ئۇقۇتقۇچىلار بىلەن ھەممىسى بىلەن كۇرۇشتۇم. شۇ قاتاردا پەرھات مۇئەللىم بىلەنمۇ بىر قاتار پاراڭلاشتىم. پەرھات مۇئەللىم مىنىڭ ئۇزەمنى تۇنۇشتۇرۇشۇمنى كۇتۇپ ئۇلتۇرمايلا"سىز توغرىلىىق ئاڭلىغىلى ئۇزۇن بوپ قالدى، ئەمدى بىللە ئىشلەيدىغان بوپتىمىز. كەسپىمىزمۇ ئۇخشاپ قالىدىكەن. بۇندىن كىين ھەمكارلىشىپ ئۇتەيلى"دىدى. مەن ھە بۇلىدۇ دىدىم، ئارقىدىنلا باشقا گەپكە چۇشۇپ كەتتۇق. مەن ئۇۋاقىتتا پەرھات مۇئەللىمنىڭ بۇ گىپىنىڭ راست گەپ ئىكەنلىگىنى سەزمەپتىمەن. مىنىڭ ئۇقۇغان كەسپىم ئوپتىكا ۋە ئېلېكتىرتېخنىكىسنىڭ بىرلەشمىسى. لازىر نۇرىمۇ ئوپتىكا ساھەسىگە كىرىدۇ. ھەم بىز لازىر نۇرنى ئاساس قىلىپ ئۇگەنگەن. لېكىن ئۇ بىز ئۇقۇغاندا ئىمتاھاندىن ئۇتۇش ئۇچۇنلا ، ئىمتاھان ئاز قالغاندا كىچىلەپ كىتاپ كۇرۇپ ئۇقۇغان نىمىلەر بىلەن قانداقمۇ مەن بىر دوكتۇر بىلەن ھەمكارلىشالاي. مەن مۇشۇ خىيال بىلەن پەرھات مۇئەللىمنىڭ بۇ گىپىنى تىزلا ئۇنتۇپ كەتتىم. 2-3 ئاي ئۇتكەندىن كىيىن يەنە يولدائۇچراپ شۇ توغرىلىق ئېغىز ئېچىپ مىنى تىزراق ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلىشىمنى سورىدى. مەن ئاساسلىقى نىمە ئىش قىلىمىز دىسەم،ئاشۇ يولدىلا سومكىسىدىن قەغەز قەلەم چىقىرىپ، يىقىنراق يەردىكى تامنى ئۇستەل قىلىپ چۇشەندۇرۇپ كەتتى،ئالاھەزەل 30 مىنۇتتەك چۇشەندۇردى، مەن ئازراق بىر نىمە ھىس قىلغاندەك بۇلدۇم ۋە بۇلىدۇ دەپ جاۋاپ بەردىم، لېكىن يەنىلا كۇڭلۇمدە بىر خىل يوقىردىكى خىيال بىەن بەك قىززىقىپ كەتمىدىم. ئۇزۇن ئۇتمەي ئۇ چىڭخۇا داشۇگە تەتقىقاتقا كەتتى. مەنمۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىشنى ئۇنتۇدۇم. يەنە بىرسى ، مەن ئۇنداق نەزەرىيۋى نەرسىلەرگە قىززىقمايتتىم. ئەمەلى، تېخنىكىلىق بىر نىمە ئۇگەنگۇم بار ئىدى.
    ئۇ ۋاقىتلاردىكى يەنە بىر سەۋەپ، 6يىل داشۇدە ئۇقۇپ، مەن خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن ئۇزەمنى شۇنداق ينىكلەپ كەتكەندەك ھىس قىلدىم. توۋا، داشۇگە ئۇتكەنلىك چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۇندىن تارتىپ تا ئۇقۇش پۇتتۇرگىچە مەيلى تەتىل بۇلسۇن، مەيلى ئۇقۇش ۋاختى بۇلسۇن، ئۇنداق ئۇزەمنى روھى بېسىم يوق،ئازادە ھىس قىپ باققان ئەمەسمەن. خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن ئۇنداق بىسىم يوق. ھەر مەۋسۇمدا بىر ياكى ئىككى دەرىسنى ئۇتۇش مەن ئۇچۇن بىر مەۋسۇمدە بىر مۇنچە دەرىسلەرنى ئۇقۇشتىن كۇپ ئاسان كەلدى. بۇرۇنقى تىرىشچانلىقلىرىمنىڭ يېرىمىنى ئىشلىتىپ قويساملا ھەممە خىزمەتلەرنىڭ ھۇددىسىدىن تەل تۇكۇس چىقىپ كىتەلەيدىكەنمەن. بۇنداق دىگىنىم بىرسى، ئۇ دەرىسلەرنى مەن بۇرۇن خېلىلا ياخشى بىر ياكى بىر نەچچە قېتىم قايتا قايتا ئۇقۇغان. دەرىسنىمۇ ئاستا ئاستا ئىزىپ سۇزلەيسىز، بىر مەۋسۇمدىكى پۇتۇن زىھنىڭز ئاشۇ دەرىستىلا بۇلىدۇ، ئىمتاھان بارتى دەپ قورقۇشنىڭ ئۇرنى يوق، ئىمتاھاننى ئۇزەم ئالىمەن.يەنە بىر مۇھىم سەۋەپ، مەكتەپ تېخى بىزدەك ئەمدى خىزمەتكە چىققانلارغا غۇللۇق، ئۇتمەك، چۇشەندۇرمەك تەس دەرىسلەرنى ئۇرۇنلاشتۇرمايدۇ.خىزمەتتىن چۇشسەم كۇندە كىتاپ كۇرىمەن دەپ كۇتۇپخانىغا يۇگرەيدىغان ئىش يوق. شۇنداق ئازادە. ئىشقىلىپ شۇنداق قىلىپ 6يىللىق ئۇقۇشنىڭ ھاردۇقى بىراقلا چىققاندەك قىلدى، ئۇزەمچە مۇشۇنداق بىرەر مەزگىل يۈرۈپ باققۇم كەلدى. دىبا، يەنە بىر نىمە با دىگەنلەرگە ئۈمرۇمدە كىرىپ باقماپتىكەنمەن، كىرىپ شۇنداق قىززىق، قايناق تۇيۇلدى. بىر يىلغىچە دەم ئېلىش ۋاختىمدا ئاساسەن قانغۇدەك ئۇخلاپتىمەن، تاماقنى ئالدىرماي يەپ، يەپ بۇلغاندىن كىيىن دۇڭكۈرۈك، يەنئەن يولى دىگەنلەرنى چۇگىلەپتىمەن. توي، مەسلەھەت چايلارغا بېرىپتىمەن، بۇرۇنقى ئىچكىردا يۇرۇپ qqدا تۇنۇشپ قالغان بىرمۇنچە قىزلار بىلەن يۆخۇي(؟) قىپتىمەن.....، ئۇنى بۇنى دەپ بىر يېرىم يىل ئۇتۇپ كەتتى. مەنمۇ ئاستا ئاستا ئۇيۇنغا قاندىم بۇلغاي، ئەمدى ئاستا ئاستا قانداق قىلىش تۇغرىلىق ئۇيلىنىشىقا باشلىدىم. ئاسپىرانتلىق ئىمتاھان بىرىش كىرەكمۇ، ياكى چەتكە چىقىش ئىرادەم بۇيىچە شۇ يولدا چىڭ تۇرۇش كىرەكمۇ، يا مۇشۇ بۇيىچە ئىشلەۋىرەمدىم دىگەندەك. ئاخىرى چەتكە چىقىش ئارزۇيۇمدىن ۋاز كەچمەي شۇنى نىشان قىلاي دىگەن قارارغا كەلدىم.دەل شۇ پەيتلەردە پەرھات مۇئەللىم بېيجىڭدىن قايتىپ كەلدى ۋە ئۇزۇن ئۇتمەيلا يەنە مىنى ئۇزى بىلەن بىللە ئىشلەشكە ئۇندىدى.، بۇ ۋاقىتتا مەن ئارتۇق گەپ قىلمايلا شۇنداق قىلايلى زادى دەپ بىر ھەپتىگە قالمايلا ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كۇچۇپ كىردىم.
    پەرھات مۇئەللىم 2001-يىلى دۇلەتلىك تەبىئى پەنلەر تەتقىقات ئۇرنىدىن بىر تىما ئالغان بۇلۇپ ئاساسلىقى لازىر نۇرىنىڭ چىقىرىش قۇۋىتىنى يۇقىرى كۇتۇرۇش، سازلاش، ئىشلەش مىخانىزىمنى تېخمۇ مۇقىملاشتۇرۇش دىگەنلەرنى مەقسەت قىلغانىكەن. تەبئى پەنلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار بىلىدۇ، دۇلەتلىق تەتقىقات تىمىسىغا ئىرىشىش دىگەن ئاسان گەپ ئەمەس. شىنجاڭدىلا قىيىن بۇلۇپ قالماي ئىچكىردىمۇ قىيىن. مەن ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىغا كىرگەندىن، پەرھات مۇئەللىم مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ زادى نىمە قىلىدىغانلىغىمىزنى، قانداق قىلىدىغانلىغىمىزنى ئىنتايىن تەپسىلى چۇشەندۇردى. پۇتۇن ماتىرىياللارنى بىرىپ مىنى كۇرۇشكە بۇيرۇدى، توردىن ئىزدىدىم، شۇنداق قىلىپ ئالاھەزەل بىرەر ئىككى ئايلاردا ئاساسى جەھەتتىن ئۇقۇم كاللامدا ئايدىڭلاشتى.پۇتۇن ماتىرىياللار ئاساسى جەھەتتىن روسچە ياكى ئىنگىلزچە.ئۇۋاقىتتا تېخى مەن فىزىكىلق ئۇقۇملارنى ۋە جۇملىلەرنى ئىنگىلىسچە قانداق دەيدۇ ئۇخمايتتىم. ئالدى بىلەن شۇنىڭدىن باشلىدىم، لوغەت ئاختۇرماي، مەزمۇنى نىسبەتەن ئۇخشاش بۇلغان ئىنگىلسچە ۋە خەنزۇچە ماقالىلارنى بىر دۇۋە تېپىپ سېلىشتۇرۇپ ئۇلتۇرۇپ ئىنگىلىسچىسىنى ئۇگەندىم. تىزلا ئىشلىرىمىزغا كىرىشىپ كەتتۇق، ھەر كەچلىك ۋاقىت، شەنبە يەكشەنبە كۇنلىرى پەرھاد مۇئەللىمنىڭ ئىشلەپ كەتكەنلىرىنى كۇرۇپ مەن خىجىل بوپ قالاتتىم، شۇنداق قىلىپ مەنمۇ كۇندە ئاساسەن ئىشخانىدىن چىقمايدىغان بۇلدۇم. بىزنىڭ قىلىدىغىنىمز ئاساسەن كومپىيۇتېردا نەزەرىيۋى ھىساپلاش، ئۇنى دەلىللەش، باشقىلارنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇش، ئەڭ ياخشى چىققانلىرنى پەرھاد مۇئەللىمنىڭ بۇرۇنقى دوكتۇر يىتەكچى ئۇقۇتقۇچىسغا ئەۋەتىپ بىرىپ، شۇلارغا تەجرىبە ئىشلەتكۇزۇپ نەتىجىسىنى سېلىشتۇرۇش، ئۇنى ماقالە قىلىپ يېزىش دىگەندەك ئىشلار . كومپىيۇتېردا بىر قېتىم تەجرىبە ئىشلەشكە 30 سائەتتەك ۋاقىت كىتىدۇ. بۇنداق تەجرىبىدىن 20-30 قېتىم ئىشلىسەك بىر يۇرۇش سانلىق مەلۇمات بۇلىدۇ، ئۇندىن كىين بۇ سانلارنى تەھلىل قىلىمىز....، پەرھاد مۇئەللىم بىلەن ھەمكارلىقىمىز ناھايتى كۈڭۇللۇك بۇلدى. دۇلەتلىك تەتقىقات تىمىسى ئۇڭۇشلۇق ھالدا تۈگىدى. بىرەر يىل ئۇتكەندىن كىيىن مىۋىسى ئاستا ئاستا كۇرۇلدى، SCI,EI, دۇلەتلىك ، خەلقارالىق ئىلمى يىغىنلارغا ماقالىمىز قۇبۇل قىلىندى، بېرىپ ماقالىمىزنى ئۇقۇپ كەلدۇق، پەرھاد مۇئەللىم بىر قېتىم روسىيەگە چىقىپ كىردى، مەن 2003يىلى ئامرىكىغا بىر ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنغا ماقالە ئۇقۇغىلى بارىمەن دەپ ۋىزا ئىلتىماس قىلىشقا كىچىكىپ قېلىپ بارالمىدىم. مەملىكەت ئىچىدىكى نۇپۇزلۇق ژورناللاردا ماقالىمىز ئىلان قىلىندى..، ئەنە شۇ ماقالىلارنىڭ كۇچى بىلەن مەن بۇيىل ئامرىكا داشۇسىدىن تۇلۇق ئۇقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشىپ ئۇقۇغىلى كەلدىم....، شۇڭا مەن پەرھات مۇئەللىمگە ئالاھىدە رەھمەت ئىيتىمەن.
    مەن بۇ جەرياندا پەرھاد مۇئەللىمدىن جىق نەرسىلەرنى ئۇگەندىم. كەسپى نەرسىلەردىن باشقىمۇ بەك جىق نەرسىلەرنى ئۇگەندىم. بەزىدە بىر ئۇلتۇرۇپ پاراڭغا چۇشۇپ كەتسەك كەچتە بىنانىڭ ئىشكىنى تاقايدىغان ئادەم كىرىپ ئالدىراتقاندىلا ئاندىن ۋوي كەچ بوپ كىتىپتىغۇ دەپ قالىمىز. ئۇ بېشىدىن ئىسسىق سۇغۇقلار جىق ئۇتكەن.ئۇزىنىڭ قاتتىق ياشاش پىرىنسىپى بار ئادەم. گەپنى قورقماي، ئۇدۇل ئۇدۇل دىيەلەيدۇ. باشقىلارغا ياردەم بىرىشكە ئامراق. پۇلۇم قالمىسا پۇل ئېلىپ تۇرىمەن، ئۇي تاماقلىرى سېغىنسام ئۇيىگە بېرىپ تاماق يەپ كىلىمەن.ئۇ سىزنى ھەر ۋاقىت خەۋىپ تۇيغۇسى ئىچىدە ھىس قىلىپ تىرىشىشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ. بىزدە بار بۇلغان ناچار ئىللەتلەرنى دائىم سۇزلەپ سىزگە سىڭدۇرۋىتىدۇ. ھەم ئۇزىدىن باشلاپ دىققەت قىلىدۇ. توي باغىقىغا 6 دەپ يازسا ئۇ 6 تىدە بارسا بۇرۇن بۇلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ 6تىدە بارىدۇ. (لېكىن مەن ھازىرغىچە بىكار بۇلساممۇ لاغايلاپ سۆرۈلۈپ يۈرۈپ ، 7:30، 8:00لەردە ئارا ن بارىمەن).

    2. ئاسىمە نىياز. ش ج ئۇ ئاخبارات فاكۇلتىتىنىڭ پروفىېسسورى، دوكتۇر. ئاسپىرانىت يىتەكچىسى. پەرھات مۇئەللىمنىڭ ئايالى. مىنىڭچە ئۇيغۇرلاردا تېخى ئەر ئايال ئىككى تەرەپ ئىككىلىسىلا دوكتۇر بۇلغانلاردىن تېخى بەك ساناقلىقمىكىن دەيمەن. ئاسىمە مۇئەللىمنىڭ ئۇقۇش تارىخى پەرھاد مۇئەللىمنىڭ تارىخىغا ئۇخشاش. ئۇمۇ بىلۇروسىيە دۇلەتلىك داشۇېسىدە ئىرى بىلەن بىللە ئۇقۇپ دوكتۇرلۇقنى ئالغان. دۇلەتلىك ئىجتىمائى پەنلەر فوندىدىن ئالغان تەتقىقات تىمىسى بار.ئاخبارات فاكۇلتىتى تېخى يىڭى قۇرۇلدى، ئۇ ھازىرچە شۇ فاكۇلتىتتىكى بىردىنبىر رەسمى پىروفىسسور ۋە دوكتور.ئىرىدىن بۇرۇنراق رەسمى پىروفىسسور بۇلدى تېخى. كۇزىتىشىمچە ئۇي ئىشىغىمۇ پىششىق.تامىقى بەك ئۇخشايدۇ.

    3. ساھىپجامال دۆلەت، ش ج ئۇ فىزىكا فاكۇلتىتى پىروفىسسورى، 70يىللارنىىڭ بېشىدا توغۇلغان، ھازىر 34-35 لەر ئەتراپىدا باردۇر. مەن خىزمەتكە چۇشكەن ۋاختىمدا ئۇ تېخى يېنىپ كەلمەپتىكەن. بىرەر يىللاردىن كىين كەلدىغۇ دەيمەن، كەلگەندىن كىيىنمۇ ئۇزاق تۇرماي يەنە ئۇ دۇلەت بۇ دۇلەتتە ئايلىنىپلا يۇردى، رەسمى بېسىپ ئىشلىگەن ۋاقىتلىرى 2003 -يىللارنىڭ ئاخىرىغۇ دەيمەن. ساھىپجامال مۇئەللىم توغرىلىق مەتبۇئاتلاردا خېلى جىق تۇنۇشتۇرۇشلار بۇلغان،. شىنجاڭ مەدىنىيتى ژۇرنىلىمۇ مەخسۇس تۇنۇشتۇرغان. شۇڭا مەن بۇ يەردە تەپسىلى توختالماي. توختىلىدىغىنىم ، ساھىپجامال مۇئەللىمنىڭ تەتقىقات نەتىجىسنىڭ سەۋىيسىنىڭ يۇقۇرلىقى. ئىككىمىزنىڭ ئىشخانىسى قوشنا، كۇندە مانچە قېتىم ئۇچرىشىپ ، پاراڭلىشىپ تۇرىمىز، لېكىن كەسپى جەھەتتە بەك بىر بىرىمىزنى بىلىشپ كەتمەيمىز. ئۇمۇ بىزنىڭ كەسپى جەھەتتە نىمە قىلىۋاتقىنىمىز نى بەك چۇشىنىپ كەتمەيدۇ. مەنمۇ ئۇنىڭ تەتقىقاتىنى ئىنچىكە چۇشىنىپ كەتمەيمەن. بىلىشىمچە، ئۇنىڭ تەتقىقات يۇنۇلۇشى ئاساسەن، زەررىچىلەر فىزىكىسى، مەيدان نەزەريىسى دىگەنلەردىن ئىبارەت.ماددىلار زەررىچىدىن تۇزۇلىدۇ. ھازىر بىزگە مەلۇم بۇلغان ئاساسى زەررىچە 47 خىل، ئۇلاردىن بىرىككەنلىرىنى قوشقاندا 100 نەچچە خىلغا بارىدۇ.لېكىن نۇرغۇنلىغان زەررىچىلەر تەبئەتتىكى نورمال شارائىتتا مەۋجۇت بۇلالمايدۇ ياكى يەككە ھالەتتە ھاسىل بۇلمايدۇ. شۇڭلاشقا بىز زەررىچە تىزلىتىش ئۇسكۇنىسى ئارقىلىق ئىنتايىن يۇقىرى ئىنىرگىيە ھالىتىدە زەررىچىلەرنى سۇقۇشتۇرۇپ ئاندىن ئۇلارنى تەتقىق قىلالايمىز. شۇڭا بۇ يۇقىرى ئىنىرگىيە فىزىكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىنسانلار ھازىر بىلگەن زەررىچىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلچەملىك مودىل دەيدىغان بىر ئۇسۇل بۇيىچە تەسۋىرلەيمىز. ساھىپجامال مۇئەللىمنىڭ تەتقىقاتى ئاساسەن مۇشۇ مودىل ئۈستىدە بۇلىدۇ.. بو توغرىلىق شۇنچىلىق توختىلاي. بىلىشىمچە ساھىپجامال مۇئەللىم مۇشۇنداق مۇھىم مۇدىللارنىڭ بىرىنى ھەل قىلغان ھەم شۇ ئاساستا مەلۇم زەررىچە مەۋجۇت ئىكەنلىگىگە ئالدىن ھۇكۇم قىلغان. ئۇنىڭ بۇ ماقالىسى دۇنيادىكى مۇشۇ ساھەدىكى نۇپۇزلۇق ئەرباپلارنىڭ زور دىققىتىنى تارتقان، نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ئالىملارنى ئۇز ئىچىگە ئالغان ئەرباپلار ئۇنىڭ نەتىجىسىنى ئۇزىنىڭ ماقالىسدا ئىشلەتكەن ياكى شۇ تۇغرىلىق توختالغان. دۇنيادا تەسىرى ئەڭ چوڭ بۇلغان فىزىكا ژۇرنىلىنىڭ بىرى ئامرىكىدا چىقىدىغان "physics review letters"بۇلۇپ ، ساھىپجامال مۇئەللىمنىڭ ماقالىلىرى شۇنىڭدا ئىلان قىلىنغان. بۇ ژورناللارنىڭ SCIتەسىر كۇرسەتكۇچى ئىندىكىسى 8.6 دىن ئاشىدىغۇ دەيمەن. ھازىر جۇڭگۇدا SCIتەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىدىغان فىزىكىغا ئائىت ژورناللار 6-7 ئەتراپىدا، ئۇنىڭ ئىچىدە SCIتەسىر كۇرسەتكۇچى ئىندىكسى ئەڭ يۇقىرىسى 0.69 ئەتراپىدا. مۇشۇ پەرىقتىنلا ھىس قىلسىڭىز بۇلىدۇ. ئۇنى شىنجاڭدا، جوڭگۇدا جىق ئادەم بىلمەيدۇ،چەت'ئەلدە كەسىپداشلىرى چوڭ بىلىدۇ. ئۇ ئىتالىيەدىكى "ئابدۇسالام نەزىيرىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئۇرنى"نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى، ھەر يىلى شۇ يەرگە بىرىپ تەتقىقات ئېلىپ بىرىش ۋەزىپىسىمۇ بار تېخى. مەن بۇ قېتىم ئامرىكىغا كىلىشتىن بىر ئاي بۇرۇن ساھپجامال مۇئەللىم ئىتالىيگە كىتىپ قالغان، بۇرۇن خوشلاشتىم، كىلىپ ئىككى ئايلار ئۇتكەندە ئاندىن كىيىن توردا ئۇچراشتىم. ئۇنىڭ يېرىم يېلى ش ج ئۇ دا ئۇتسە ، يېرىم يىلى ئىتالىيە، گىرمان، ياپۇنىيەدىكى نەزىرىيە تەتقىقات ئۇرۇنلىرى ۋە تەجرىبىخانىلاردا ئۇتىدۇ. ئۇنىڭ ھازىرقى نەتىجىسى بىلەن دۇنيادىكى خېلى خېلى چوڭ تەتقىقات ئۇرۇنلىرى ۋە ئۇنۋىرسىتىتلاردا ئىشلىيەلەيدۇ، لېكىن ئۇ مىللىتىم ئۇچۇن دەپ ھىچنىمىگە قارىماي يېنىپ كەلدى. شۇنداق ئىسىمدە، ئۇنىڭ يىڭى ئىشخانىىسىنى رەتلەۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. قارىسام، شۇنداق جىق ئىنگىلىسچە كىتاپلارنى يەششكلەپ ئەكەپتۇ، بۇنى كىملەر كۇرەر دىسەم، "ئۇنداق دىمەڭ، ئەمدى مەن ئۇقۇغۇچى تەربىيلەيمەن، دەرىس ئۇتىمەن، ئۇقۇغۇچىلىرىم كۇرىدۇ" دەيدۇ. ئۇقۇغۇچىلىرىم كۇرسۇن دەپ شۇنچە جق ماتىرىياللارنى ئاتايىن ھەممىسىنى گىرمانىيەدىن ئېلىپ كەپتۇ. كىتاپ دىگەن شۇنداق ئېغىر بىر نىمە، ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ چەتئەلنىڭ كىتاپلىرى كىسەكتەك توم ھەم چوڭ بۇلىدىكەن. ئاشۇ كىتاپلارنى بىر نىمە قىلىپ گىرمانىيەدىن ئۇرۇمچىگە ئەكىلىپ بۇلماقنىڭ ئۇزى بىر مۇشكۇل ئىش. ئۇرۇمچى ئايريۇدۇرۇمىدا يۇك تاقىڭىز 20كىلۇدىن بىر كىلو ئىشىپ كەتسە كىلوسىغا 34 كوي تۆلەيدىكەنسىز. سىز ھىساپلاپ بېقىڭ، ساھىپجامال مۇئەللىم شۇ كىتاپلارنى گېرمانىيەدىن ئەكىلىپ بۇلغىچە مانچە يەردە ئايرۇپىلان ئالمىشىپ نەچچە دوللار تۇلىگەندۇ. ئەمىلىيەتتە ئۇ كىتاپلارنى بىزدىكى ئۇقۇغۇچىلار ئەمەس ئۇقۇتقۇچىلار ئىچىدىنمۇ پايدىلىنالايدىغانلار ساناقلىقلا. لېكىن ئۇنىڭ ئۇمىدى بەك چوڭ. قۇلۇمغا ، تىرىشچان، ئەقىللىق ئۇقۇغۇچى ئالالىساملا بىرىنچى يىلى ش ج ئۇ دا كەسپى دەرىس ئۇقۇتىمەن، ئىككىنچى يىلى بېيجىڭدا، ئۇچىنچى يىلى ئىتالىيەگە ئەۋەتىپ ئۇقۇتىمەن ، ئۇز ۋاختىدا مەن مۇشۇنداق بىر پۇرسەتنى بەكمۇ تەستە ئالغان دەيدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ھازىر بۇنىڭغا تامامەن كۇچى يىتىدۇ، قولىدا 2-3 خىل تەتقىقات فۇندىنىڭ بەرگەن پۇلى 300مىڭدىن ئاشىدۇ،ئىتالىيە، گىرمانىيەدىكى كەسىپداشلىرى ئۇ تۇنۇشتۇرغان ئادەمگە شەكسىز ئىشىنىدۇ. بۇ توغرىلىق مەن ئاخىرىدا يەنە ئايرىم توختىلىشىم مۇمكىن.
    بۇ يەردە يەنە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىكى ساھىپجامال مۇئەللىمنىڭ يولدىشى. ئۇ ساھىپجامال مۇئەللىم بىلەن بىر يورتتىن، ئۇقۇش پۇتتۇرگەندىن كىيىن بىللە ئۇرۇمچىدە قېىلىپ خىزمەت قىلىپ، كىيىن توي قىلغان. ساھىپجامال مۇئەللىم بالىسنى تۇغۇپ مانچە ئايلىق بۇلمايلا ئىرىگە تاشلاپ قۇيۇپ چەتكە چىقىپ كەتكەن. بارلىق بالا جاپاسىنى ئىرى تارتقان. ئۇ سانجىدىكى بىر ھۇكۇمەت ئۇرگىنىدا باشقارما دەرىجىلىك ، ئىشىكتىن چىقسا ماشىنىسى بار كادىر بۇلۇپ، ساھىپجامال مۇئەللىم تولا ئۇيدە بۇلماي ،ئۆي، بالا بېىقىشتا زور قىينچىلىىق تۇغۇلۇپ تۇرغاچقا، ئۇ ئۇتكەن يىلى خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىپ، ش ج ئۇ دا ئادەتتىكى بىر كىشىلىك خىزمەتچى بۇلۇپ ئۇرۇنلاشتى. ساھىپجامال مۇئەللىمنىڭ يەنە مەكتەپ ئىچىدە ماتىرىيال يۇتكەيدىغان، رەسمىيەت بىجىرىدىغان، پول تەستىقلىتىدىغان دىگەندەك پارچە پۇرات ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھازىر شۇ قىلىدۇ.
    ساھىپجامال مۇئەللىم ئۇزى كىچىك پىئېىل، چىقىشقاق، قەتئى تەكەببۇرى يوق ئايال. باشقىلارغا بەك كۇيىنىدۇ، بۇلۇپمۇ ياشلارنىڭ مائارىپىغا بەك كۆڭۈل بۈلىدۇ. مىنىڭ ئۇقۇيدىغان ئىشىمغىمۇ جىق كۇچىدى، مەن بىلەن تۇنۇشقان كۇندىن باشلاپ ئۇقۇش توغرىلىق نەسىھەت قىلىدۇ، يول كۇرسىتىدۇ، بۇ بۇلمىسا ئۇنى قىلىڭ ، ئۇ بۇلمىسا ماۋۇ نى قىلىڭ دەپ توختىماي كۇرسىتىپ تۇرىدۇ. بىكار قالغان ئادەمگە بەك ئۆچ. ھەر قېتىم چەتكە ماڭغاندا مىنىڭ ئۇقۇشقا ئىلتىماس قىلىش ماتىريالىمنى ئېلىپ ماڭدى. مەن پالاكەت ئۇلگۇرتۇپ بۇلالمىسام تېخى ئۇزى مىنى ئىزدەپ، تەق قىلغۇزۇپ ئېلىپ ماڭىدۇ. لېكىن ئاخىرىدا مەن يەنىلا ئۇزەمنىڭ كەسپىنى تاللاپ ئامرىكىغا كەلدىم. شۇنداقتىمۇ ساھىپجامال مۇئەللىمنىڭ بۇ چىن كۆڭلىدىن قىلغان ياردەملىرىنى مەن ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن.
    ش ج ئۇ فىزىكا فاكۇلتىتى مەن كەلگەندە دەۋىر ئالمىشىۋاتقان ۋاقىتلار ئىكەن. مەن كىلىپ يىل ئۇتمەيلا نەچچە تەجرىبىلىك ئۇيغۇر پىروفىىسسور بىراقلا پىنسىيگە چىقتى. ساھىپجامال دوكتۇر دەۋىر ئالماشقاندىن كىيىنكى فىزىكا فاكۇلتىتىنىڭ ئۇيغۇرلىرى ئىچىدىكى ھازىرچە بىردىنبىررەسمى پىروفىسسور. ئۇزىنىڭ خەنزۇلىرىنىڭ گىپىنىمۇ تاشلىۋەتكەن سېسىق پايپىقىغا تەڭ قىلمايدىغان فاكۇلتىت مۇدىرىمىزمۇ ساھىپجامال مۇئەللىمنىڭ گىپىنى يىرمايدۇ. نۇرغۇنلىغان ئادەملەر پىنسىيگە چىققىچە ئاران بۇلالايدىغان پىروفىسسورلۇقنى ئۇ 30 نەچچە يېشىدىلا ئالدى.

    (قۇلۇم تېلىپ كەتتى، بۇگۇن مۇشۇنچىلىك يازاي، داۋامىدا تېخى يەنە بىر مۇنچە دوكتۇرلار بار.).

    4.مەدىنە ئابلىكىم. مەدىنە ھەدىمىز توغرىسدا ئىزدىنىشتا خىلى يازمىلار يوللاندى. يىقىندا يوللانغان بىر تىما تۇۋەندىكىسى:http://www.izdinix.com/munbar/ShowPost.asp?topage=1&id=8484 ، بۇنىڭدا قىسقىلا يېزىپتۇ، 3-4-ئايلاردا يېزىلغان بىر يازما بۇلىدىغان، ئۇنىڭدا بەك تەپسىلى يېزىپتىكەن.تېىپىپ ئادىرسىنى بىرەي دىسەم، ئىزدىنىشنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارى ئىشلىمەۋاتىدۇ. 2004-يىلى ش ج ئۇ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلىگەندە، بىزمۇ فىزىكا فاكۇلتىتىنىڭ مانچە يىللىقىنى تەبرىكلىگەنىدۇق. شۇ ۋاقىتتا مەدىنە ھەدىمىز كەپتىكەن. پائالىيتىمىزگە قاتناشتى.

    5.ئايجامال ئابدۇراھمان. ساھىپجامال، مەدىنە ھەدىمىزلەر بىلەن تەڭ ياشلاردا. مەن بۇ ھەدىمىزنى كۇرۇپ باقمىغان. لېكىن فاكۇلتىتتىكى ئۇقۇتقۇچىلاردىن، ساھىپجامال ھەدىمىزدىن گىپىنى كۆپ ئاڭلىغا.، يۇنۇلۇشى ئاساسەن بىئۇ خېمىيە، ماتىريىيال فىزىكىسى تەرەپلەردە ئۇخشايدۇ. توردىن ئىزدەپ باقسام مۇنۇ ئادىرسىنى چىقىرىپ بەردى.(http://www.chemie.fu-berlin.de/cgi-bin/personen_en?Ayjamal+Abdurahman) ، ھازىر بىرلىندا ئىكەن.
    دوكتۇر ئاشتىلىقنى ئۇقۇۋاتامدۇ، ياكى پۈتتۈرۈپ بۇلۇپ شۇ يەردە ئىشلەپ قالدىمۇ، بۇنى سۇرىماپتىمەن.
    ئىلاۋە:فاكۇلتىتتىكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ دەپ بىرىشىچە، ساھىپجامال، مەدىنە، ئايجاماللار بىللە ئۇقۇغانلار ئىكەن. 80-يىللارنىڭ ئاخىرى،90-يىللارنىڭ بېشىدا تېخى شىنجاڭدا ئاسپىرانىت دىگەن ئۇقۇم ئەمدى پەيدا بۇلۇۋاتقان ۋاقىتلار ئىكەندۇق. ئۇ ۋاقىتتا فىزىكا فاكۇلتىتىدا ئاران 3تەك ئاسپىرانت ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ھۇقۇقى بار يىتەكچى ئۇقۇتقۇچى باركەندۇق. 90يىلىرى پۇتۇن ش ج ئۇ دا ئۇيغۇر خىەنزۇ بۇلۇپ ئاسپىرانت ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سانى 15لەردىن ئاشمايدىكەندۇق. ئەنە شۇ ۋاقىتتا ، بۇ ئۇچەيلەن بىراقلا ئاسپىرانىتلىققا قۇبۇل قىلىنىپ، ش ج ئۇ دا خېلى غۇلغۇلا بوپتىكەندۇق.ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۈچىلىسى ئۇيغۇر قىز. ھازىرمۇ فاكىۇلتىتتىكى خەنزۇلار "لىياڭ گى جيامالى " دەپ پات پات تىلغا ئالىدۇ. 2000يىللار ئۇپچۇرىسدە بۇلار ئارقا ئارقىدىن نە تىجە بىلەن ئۇقۇش پۇتتۇردى، ئۇلارنىڭ يىراق بۇلمىغان كەلگۇسىدە ، شىنجاڭدا ئەمەس ، پۈتۈن جوڭگۇدا ، دۇنيادا غۇلغۇلا قوزغىشىغا تىلەكداشمەن.

    6. ئابدۇشۇكۇر ئابدۇرىشىت. يورتى كۇچادىن. ساھىپجاماللاردىن بىرەر يىل پەرىق قىلىدىغۇ دەيمەن . ئۇمۇ 90-يىللارنىڭ بىشىدا ئاسپىرانتلىققا ئۇقۇشقا كىرگەن. ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ دەپ بىرىشىچە، كاللىسى ئەركىن سىدىقنىىڭكىدەڭ ئۇتكۇركەن. ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتلاردە بېيجىڭدا ئەزەلدىن كومپىيۇتېر پروەگراممىسى ئۇگىنىپ باقمىغان ھالەتتە باشتىن باشلاپ ئۈگىنىپ ، سىنىپ بۇيىچە ھېچكىم ھەل قىلالمىغان مەسىلىنى ھەل قىلىپ پەنلەر ئاكادىميسىدىكى خەنزۇلارنى ھاڭ تاڭ قالدۇرغان ئىش ئىزلىرى بار.ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۇرگەنلەرنىڭ دەپ بىرېشىچە، ئۇ ئۇزەلدىن فىزىكا، ماتىماتىكىدىكى فورمۇلالارنى ئاساسى فۇرمۇلىدىن باشقىلارنى ئىسىدە تۇتمايدىكەن، لازىم بۇلغاند ئۇزى تۈرلەندۈرۈپ ماڭىدىكەن.
    ئابدۈشۈكۈر 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا ش ج ئۇ فىزىكا فاكۇلتىتىدا ماستېر (ماگىستېر) ئاسپىرانتلىق ئۇقۇپتىكەن، ئاسپىرانتلىقنى تۇگەتكەنكەندىن كىين، ئۇمۇ ئىتالىيە ئابدۇسالام نەزىريۋى فىزىكا تەتقىقات ئۇرنىغا بىر يىللىق تەتقىقاتچى ئۇقۇغۇچىلىققا بارغان.، ئۇ يەردىكى ئۇقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تۇگەتكەندىن كىيىن شىۋىتسارييدىكى بىر داڭلىق ئۇنۋىرسىتىتتىن ئۇقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشىپ دوكتۇر ئۇقۇپتۇ، 2000-2001-يىللار ئۇپچۇرىسدە ئۇقۇشى پۇتتىغۇ دەيمەن. ئۇ بىر مەزگىل شۇ ئۇنۋىرسىتىتتىمۇ بىر يەردە ئۇقۇتقۇچى بۇلۇپ ئىشلىگەن، ئاڭلىسام ھازىر بىر يۇقىرى پەن تېخنىكا شىركىتىدە ئىنجىنىر بۇلۇپ ئىشلەۋىتىپتۇ. توردىن ئىزدەپ باقسام، ئۇنىڭ ئىلان قىلغان تۇۋەندىكى ماقالىسىنى كۇردىم: http://www.snf.ch/nfp/nfp36/progress/baratoff.html. بۇ مولۇكۇلا دىنامىكىسى توغرىلىق يېزىلغان ماقالە ئىكەن. ئۇنى ئامرىكىدىكى LLNL دۇلەتلىك تەجرىبىخانىسىدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن بىرلىشپ يېزىپتۇ. LLNLئۇ ئامرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق بىر نەچچە دۇلەت تەجرىبخانىسىنىڭ بىرى. نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن فىزىكا ئالىملىرىدىن مانچىسى بار.
    تۇۋەندىكىسى ئىسيان ئىسىملىك بىر تۇردىشىمىزنىڭ ئابدۈشۈكۈر توغرىلىق بايانى(بۇ توردىشىمىزنىڭ بايانىدىن قارىغاندا ئۇ ئالدى بىلەن مالايسىياغا بېرىپ 6ئايدەك تىل ئۇقۇپتۇ، ئۇنىڭدىن كىيىن شىۋىتسارييدىن بىر مەكتەپنىڭ ئاسپىرانتلىقىغا قۇبۇل قىلىنىپ شىۋىتساريگە كەپتۇ. ئۇز ۋاختىدىكى ماكانىم چايخانىسدا ئابدۈشۈكۈر بىلەن تۇنۇشقانىكەن). :" بىر كۇنى ئىنتىرنىت تۇرىدىكى ئۇيغۇرلار دائىم پاراڭلىشىدىغان چايخانىدا (مىنىڭچە ماكانىم چايخانىسىنى كۆرسىتىدۇ) ۋەتەندىن ئۇقۇشقا چىقىپ ، شىۋىتسارىيەدىكى داڭلىق ئالى مەكتەپلەردىن بىرى بۇلغان باسېل ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ فىزىكا كەسپىدا دوكتۇرلۇك ئۈنۋانى ئېلىپ ھازىر شىۋىتسارىينىڭ پايتەختى بېرندىكى بىر داڭلىق كومپىيۇتېر شىركىتىدە ئېيىغا 5-6مىڭ ياۋرۇ مائاش بىلەن ئىشلەۋاتقان ئابدۈشۈكۈر ئابدۇرىشىت بىلەن تۇنۇشۇشقا مۇيەسسەر بۇلدۇم. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن ئۆيىگە مىھمانغا باردىم. ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبتا چىرايلىق گىلەملەر بىلەن بىزەلگەن 4 ئېغىزلىق ئازادە ئۈيىدە ئۇزۇنغۇچە پاراڭلىشىپ ئۇلتۇردۇق. ئابدۇشۇكۇر ش ج ئۇ فىزىكا فاكۇلتىتى دا ماستىرلىقنى پۇتتۇرگەندىن كىيىن ئىتالىيەدە ئۇقۇغان، كىيىن ئۇ يەردىن شىۋىتسارىيە باسېل ئۇنۋىېرسىتىغا كىلىپ ماتىرييال فىزىكىسى بۇيىچە دوكتۇرلۇكتد ئۇقۇغان. ئۇقۇغاندىمۇ ئالامەت ئۇقۇپ، باشقا نورمال ئۇقۇغۇچى نورمال بۇلسا 4 يىلدا ئاران پۇتتۇرەلەيدىغان ئۇقۇشنى ئۇ ئىككى يېرىم يىلدا پۇتتۇرۇپ، مەكتەپ تارىخىدا دوكتۇرلۇق ئۇقۇشنى ئەڭ قىسقا مۇدەتتە تاماملىغان ئۇقۇغۇچى دىگەن رىكورتنى ياراتقان. مەكتەپ تەرەپ ئۇنىڭ ئۇتۇقلىرىنى قۇتلۇقلاش يۇزىسىدىن مەكتەپ تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ شەرىپىگە ئاتاپ قۇتلۇقلاش زىياپىتى بەرگەن. ئەمدىلا 30ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئابدۈشۈكۈر ئۇزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئۇقۇش تارىخىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دىدى:' مەن بىر ئاددى ئۇيغۇر ياش، گەرچە كىچىكمدىن ياخشى ئۇقۇپ كەلگەن بۇلساممۇ، لېكىن قېرىنداشلىرىمىنىڭ ئارىسىدا ئالاھىدە ئەقىللىق، توغما قابىلىيەتلىك ھىساپلىنىپ كەتمەيتتىم. پەقەت مىنىڭ ئىزچىل ھارماي تىرىشپ ئىشلەش روھىم ماڭا ھەمرا بۇلدى خالاس. مەن ياخشى ئۇقۇش پۈرسىتىگە ئىرىشەلىدىم، ئەمما يۇرتۇمدا، ماڭا ئۇخشاش ئۇقۇش پۈرسىتىگە ئىرىشەلەيدىغانلار قانچىلىك دەيسىز. كىسىپ ئېيتالايمەنكى ، مىنىڭ ئۇرنۇمدا ھۇش كاللىسى جايىدا بۇلغان ھەرقانداق ئۇيغۇر ياش مۇشۇ ئۇقۇش پۇرسىتىگە ئىرىششسە، تىرىشىپ بەرسىلا ئۇمۇ جەزمەن ئۇتۇپ چىقىدۇ. ماڭا ئۇخشاش دوكتۇرلۇك ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن ئۇيغۇرلاردىن بارمىقىمنى كۇتۇرۇپلا 200نى ساناپ بىرەلەيمەن. ئۇلارمۇ ماڭا ئۇخشاش ئۇقۇش پۈرسىتىگە ئىرىشەلىگەنلەردۇر'. ئارىمىزدا بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە خەنزۇلارنىڭ كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنى 'مەدىنيەتىسىز، مەينەت، ئەقىلسىز'دەپ قاراپ ئۇلارنى كەمسىتىدىغانلىغى، بىر كىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەتتا پۇتۇن ئەس يادىنىڭ بىر نىمىلەرنى قىلىپ چەتئەلگە چىقىپ شۇ يەرنىڭ پۇقراسى بۇلۇپ، ئۇيغۇر دىگەن مىللەتنى ئىككىنچى كۇرمىسەم دەپ ئۇيلايدىغانلىغىنى، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققى قىلالماسلىقىدىكى سەۋەبى دەپ قاراپ مەكتەپلەرنى خەنزۇچىلاشتۇرۇشنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىغىنى دىسەم، ئابدۈشۈكۈر غەزەپتىن چىكى تۇمۇرلىرى تومپىيىپ ، ئۇرنىدىن غەزەپ بىلەن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى ۋە خۇددى مەن ئاشۇنداق ئىدىيدىكى ئادەمدەك كۆزۇمگە بىگىز قولىنى سانجىپ تۇرۇپ ۋارقىراپ كەتتى: 'تۈفى!!، ئۇيغۇر ئەقىلسىز ، مەدىنيەتسز دىگەنلەرنىڭ ئۇزى مەينەت، مەدىنيەتسىز، نىيتى باشقا. مانا مەن گەرچە كۇچادىكى بىر توپا باسقان نامرات يېزىدا ، كىچىگىمدىن ئۇيغۇرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدىنىيتى تەسىرى ئاستىدا، ئۇيغۇرچە مەكتەپتە چوڭ بۇلغان بۇلساممۇ، لكېن ياۋرۇپادىكى يۇكسەك مەدىينيەتكە ئىگە شىۋىتسارييدە چېنىپ قالغىنىم، كىچىكىمدە ئۇيغۇرچە ئۇقۇغۇنۇم ھىچ چېنىپ قالغىنىم يوق. تېخى مىنىڭ ئالدىمدا مۇشۇ خەق چانىدۇ. ئەركىن سىدىق دىسە،ئامرىكىدىكى نۇرغۇنلىغان ئوپتىكا ساھەسىدىكى ئىنجىنىلار ۋاي دەپ كىتدۇ. ئۇمۇ ئاقسۇدىكى بىر توپىلاڭ مەكتەپتە ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئۇقۇغان. ئەجەپ ئۇنىڭغا ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر بوپ قالغانلىغى پۇتلاشماپتىغۇ. ئۇز ۋاختىدا ئۇ مەملىكەتلىك ئۇقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئسى بۇلۇپ ئىشلىگەندىمۇ بۇلار ئۇنىڭغا پۇتلاشمىغانغۇ...ئاشۇنداق دىگەنلەرنىڭ ئۇزى چاتاق، نىيتى يامان، بۇنىڭغا ھەرگىز ئالدىنىپ قالساڭ بۇلمايدۇ...' . ئۇ يەنە بىر مۇنچە مۇشۇ توغرىلىق سۇزلىدى، سۇھبىتىمىز يېرىم كىچىگىچە سۇزۇلدى، ئاخىرى بەك كەچ بوپ كەتكەچكە ، مەن خىجىل بۇلۇپ، ئۇنىڭ شۇنچە چىڭ تۇتقىنىغا ئۈزرىخالىق ئىيتىپ ياندىم. "
    يۇقارقىلار تۇردىشىمىز ئىسياننىڭ بايانى، ئۇ بۇنى 2001- ىللار ئوپچۇرىسىدە يازغان بۇلسا كىرەك. ئابدۈشۈكۈر ئۈز ۋاختىدىكى ماكانىمنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى ئىدى، مەن ئۇنىڭ بىلەن شۇ يەردە تۇنۇشقان. مەنمۇ فىزىكىغا مۇناسىۋەتىلىك نەرسە ئۇقۇغاچقا ئۇنىڭغا ئالاھىدە قىززىقاتتىم. ئەم ئىچكىرگە كىلىشتىن بۇرۇن ئۇن تۇغرىلىق كۆپ ئاڭلىغانتم. ئۇ بىكار بۇلسىلا ماكانىم چايخانىسىغا كىرەتتى. linux, unix دىگەندەك نەرسىلەرنى ئۇ ماڭا شۇندا ئۇبرازلىق قىلىىپ چۈشەندۇرۇپ قۇيغانىدى. بىر كۇنلەردا خىلى ئۇزۇن يوقاپ كىتىپ پەيدا بۇلدى، چايخانىدا ئۇچرىشىپلا "ھەي Jeck, ئاجايىپ قىززىق ئىش "دىدى. مەن قىززىقىپ، ئالدىراپلا نىمە ئىش بۇلدى دەپ سورىسام " مەن ئالدىنقى ھەپتە گىرمانغا بىر خەلقارالىق فىزىكا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ ماقالەمنى ئۇقۇش ئۈچۈن بارغانىدىم، يىغىن زالىدا بىرسى ماڭا شۇنداق بىر يېقىشلىق تۇيۇلۇپ كەتتى، چىرايىدىن قارىسام ياۋرۇپالىقتەك قىلىدۇ. لېكىن نىمىشقىدۇ ئۇنىڭ بىلەن شۇندا پاراڭلاشقۇم كىلىپ كىتىپ پاراڭلاشسام ، ئۇ كىمكەن بىلەمسەن، ئۇمۇ ئۇيغۇركەن!! توۋا دەۋەتتىم ئىچىمدە، بىر بىرسىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىگىمىزنى بىلىپ تاس قالدۇق سەكرەپ كەتكىلى. ئۇ ياپۇندا دوكتۇرلۇق ئۇقۇشنى پۇتتۇرەي دەپ قالغان ئۇقۇغۇچىكەن، مۇشۇنداق بىر مۇھىم خەلقارالىق يىغىنغا ئىككى ئۇيغۇر قاتنىشىپتىمىز. ئۇزەمنى شۇنداق پەخىرلىك ھىس قىپ كەتتىم. مۇشۇ كۇنلەردە 6-سىزىم دىگەننىمۇ راس بار نەرسە ئۇخشايدۇ دەپ ئۇيلاپ قېلىۋاتىمەن.." ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مەنمۇ بىر خىل ھاياجانلىنىش ھىسياتىغا چۇمۇلدۇم. كىيىن ماكانمۇ تۇيۇقىسىز تاقىلىپ قالدى، ئۇنىڭ بىلەنمۇ ئالاقە ئۇزۇلۇپ قالدى. ئىسىمدە قىلىشىچە شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۇزى ياسىۋالغان ئاددىلا بىر تور بېتى بۇلىدىغان ، ھازىر ئىزدەپ تاپالمىدىم.

    (داۋامى بار)

    7. ماخمۇتجان. ئۇقۇغان يىلى ساھىپجامال،مەدىنە لار بىلەن بىرەر ئىككى يىل پەرىقلىنىدۇ دەپ ئۇيلايمەن. چۇنكى پاراڭلاشقاندا نۇپۇس تىزىملايدىغاندەك ياكى مۇخبىردەك قاچان تۇغۇلدىىڭز، قاچان نىمە ئىش قىلدىڭىز دەپ سۇرىغىلى بۇلمايدىكەن. ئۇ 90-يىللارنىڭ كىينكى يېرىمىغىچە ش ج ئۇ فىزىكا فاكۇلتىتىنڭ غۇللۇق ئۇقۇتقۇچىلىرىدىن بىرىكەندۇق. ئۇنىڭدىن كىين 98-يىلى ئەتراپىدا ئامرىكا بوستۇندىكى بىر ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئۇقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشىپ، ئامرىكىغا ئۇقۇشقا كەپتىكەن. 2005يىلنىىڭ بېشىدا ئۇقۇش تۇگەپ، 5-ئايلار ئەتراپىدا يېنىپ كەلگەن. ئامرىكىدا 7يىلدىن ئارتۇق ئۇقۇپتۇ. خىزمەتداشلارنىڭ دىيىشىچە خىلى سەمىرىپ كاپتۇ. ئۇ قايتىپ كەلگەن ۋاقىت مەن ئامرىكىدىن ئۇقۇشقا ئىلتىماس قىلىپ نەتىجىسىنى 4 كۇزۇم بىلەن بىلەن ساقلاۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. شۇ كۇنلەردە ماخمۇتجان قايتىپ كەلپتۇ دىگەن گەپلەر بۇلدى. بىر كۈنى ئاتايەن بىر ئىزدەپ كۇرۇشۇپ ئەھۋال ئۇقۇشۇپ باقاي دەپ خىيال قىلىپ ئۇلتۇرسام تۇيۇقسىز ئىشخانامنىڭ ئىشىكى چىكىلدى. شۇ ۋاقىتتا مەن ئامرىكىدىكى پروفىسسوردىن كەلگەن خەتنى ئېچىپ تېخى ئۇقىمىغانىدىم. ئىشىكنى ئاچسام تەمبەل كەلگەن بىرسى تۇرۇپتۇ . پەرھاد مالىم بارمۇ دىدى، مەن "يوق'دەپلا ئۇزەمنىڭ خېتىنى كۇرۇشكە ئالدىرىدىىم، بەك قىزغىنمۇ مۇئامىلە قىلماپتىمەن. ھازىر ئۇيلىسام خىجىل بۇلىمەن. ئۇ بىردەم تۇرۇپ قالدى دە، بوپتۇ ئەمىسە دەپ ماڭاي دەپ تۇرۇشۇغا يەنە بىر چوڭ مالىم كەپ قالدى دە؟ "ۋوي ، ماخمۇتجان " كىرمەي بۇ يەردە تۇرۇپ قاپسىزغۇ، ئىچىدىكىسىمۇ بىزنىڭ ياش ئۇقۇتقۇچىمىز، سىزقايتىپ كەپسىز، ئەمدى سىزنىڭ ئۇرنىڭزغا ئۇنى ئەۋەتمىسەك بۇلمايدۇ " دەپ ئۇنى ئىشخانىغا باشلىدى. شۇ ۋاقىتتلا مەن ئۇنىڭ مەن ئىزدەپ بېرىپ كۇرۇشەي دەپ ئۇيلاپ يۇرگەن ماخمۇتجان ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇم. ناھايتى قىزغىن پاراڭغا چۇشۇپ كەتتۇق، ئۇمىنىڭ مەكتەپ ئىلتىماس قىلىۋاتقانلىغىمنى بىلىپ مەندىن نىمىلەرگە دىققەت قىلىش تۇغرىلىق بىر مۇنچە مەسلەت بەردى.، مەن ئىلتىماس سۇنغان ھەر قايسى مەكتەپلەر توغرىلىق بىلىدىغانلىرىنى دەپ بەردى. شۇ ئارىلىقتا، پەرھاد مۇئەللىم، ساھىپجامال مۇئەللىملەرمۇ پەيدا بۇلۇپ ئۇ سۇرۇن شۇنداق قىززىپ كەتتى. ئىشخانىمىز كىچىك كەپ قالدى. پەرھاد مۇئەللىممۇ دەرھاللا كافى دەملەم ئۇلگۇردى، كافى ئىچكەچ،ئۈرە تۇرۇپلا شۇنداڭ ئۇزۇن فىزىكا توغرىلىق چوڭقۇر سۇھبەتكە چۇشۇپ كەتتۇق. شۇ سۇھبەت ھازىرمۇ ئاشۇ پېتى يادىمدابار. تېخى ساھىپجامال ھەدە فاكۇلتىتتقا دەپ بىر ئېغىز ئۆي تەييارلىتىپ پاكىىزقىلىپ چارچىغاندا دىككىدە كىرىپ كافى، چاھ ئىچكەچ ئۇلتۇرۇپ چىقىدىغان يەر قىلايلى دەپ تەكلىپمۇ بەردى. كىيىن شۇ ھەپتىنىڭ ئاخرىدا ماخمۇتجاننىڭ ئامرىكىدىن ئۇقۇشنى غەلبىلىىك تاماملاپ قايتىپ كەلگەن شەرىپىگە بارلىق مىللى ئۇقۇتقۇچىلار يىغىلىپ بىر يىغىلىىشمۇ ئۇرۇنلاشتۇردۇق. مىللى ئۇقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ كۇچى تېخىمۇ زورىيىدىغان بۇلدى دەپ خوش بۇلدۇق. باشقىلارنىڭ دىيىشىچە، ماخمۇتجاننىڭ دەرىس ئۇتۇش مىتودى بەك ياخشى ئىكەن.
    لېكىن ئىشلارنىڭ كەينى ئۇنچە جايىغا چۈشمىدى.ش ج ئۇ نىڭ قائىدىسى بۇيىچە ، ئۇلار ئۇقۇش پۇتتۇرۇپ خىزمەت قىلماقچى بۇلغانلارنىڭ دىپلۇمىنى پۇتۇنلەي تەكشۇرەيدىكەن. ئۇ ئامرىكىدىن دىپلوم ئالغان بۇلغاچقا ، جۇڭگۇنىڭ ئامرىكدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەخسۇس مۇشۇ ئىشنى قىلىغان يىرىگە دىپلوم تەكشۇرۇپ كۇرۇشنى ھاۋالە قىلىپ ،
    ئۇلار تەكشۇرۇپ كۇرۇپ، ئىسپات چىقىرىپ ش ج ئۇ غا ئەۋەتىپ بۇلغۇچە بىرەر-ئىككى ئاي كىتىپ قالدىغان ئۇخشايدۇ. ئۇ ھە بوپتۇ ئەمىسە تەكشۇرۇپ كۇرۇڭلار، دەپ ئۆي بىرىدىغان يەرگە بارسا، سەن تېخى بىزنىڭ رەسمى ئۇقۇتقۇچىمىز بۇلمىساڭ ئۆي بىرەلمەيمىز، بىزمەكتەپنىڭ رەسمى ھۆججىتىنى كۇرگەندىن كىيىين ئاندىن ئۇي بىرىمىز دەپ يولغا ساپتۇ. مەكتەپنىڭ باشقا مەمۇرى خادىملىرىنىڭ ئىش بىجىرىش پۇزىتسىيمۇ كۆڭلىنى يېرىم قىپتۇ. ئايالى، بالىسى بار ماخمۇتجانغا ئۇي ماكانسىز ئۇرۇمچىدە 2-3ئاي بىكار لاغايلاپ يۇرۇش ئېغىر كەلدىمۇ، دەل شۇ ۋاقىتلاردا سىفەن داشۆ فىزىكا فاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئاڭلاپ ۋاي ماخمۇتجان ، ش ج ئۇ ساڭا نەچچە پۇل بىرىمىز دىگەن بۇلسا بىزمۇ ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ بىرىلى، تەتقىقات خىراجىتىڭنى ئۇزەم ئىگە بۇلۇپ ش ج ئۇ قانچىلىك بىرىمەن دىگەن بۇلسا مەن شۇنچىلىك ساڭا ھەل قىپ بىرىمەن، دىپلومىڭنىمۇ تەكشۇرمەيمىز، يا كىيىن تەكشۇرۋالايلى دەپتىكەن ، ماخمۇتجانغا موكلا خوش يېقىپ پىشىنى قاققنىچە شۇيەرگە كىتىپ قاپتۇ. ئىختىساسلىقلار رىقابىتى دىگەن مانا شۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بىزنىڭ جىق كۆڭلىمىز يېرىم بۇلدى. ساھىپجامال مالىم ئاچچىغىدا شۇجاڭلارنىڭ قىشىغا بېىرىپ بىرمۇنچە قاينىدىغۇ دەيمەن.

    8. مەمىتىىمىن ئابباس. ش ج ئۇ پەن تېخنىكا سىنىپنىڭ تۇنجى بەرگەن مىۋىلىرىنىڭ بىرى. 93-يىللىق پەن تېخنىكا سىنىپىدا ئۇقۇغان، 2 يىل ئەلا نەتىجە بىلەن پۇتتۇرگەندىن كىيىن ، ش ج ئۇ بىلەن بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتى مەلۇم كىلىشىم ھاسىل قىلىپ مەمىتىمىننى ئۇقۇتۇپ باقماقچى بۇلغان. چۇنكى ئۇ ۋاقىتلارغىچە، بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى (ب ئۇ ) ئۇيغۇرلاردىن ئاز ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىكەن مۇھىمى قۇبۇل قىلىدىغىنى ھەممىسى ئاساسەن مىنكاۋخەن. لېكىن مەمىتىمىن مەكتەپنى ئۇيغۇرچىدا ئۇقۇغان. مۇشۇنداق بىر شارائىت ئاستىدا ئۇ ش ج ئۇ پەن تىخنىكا سىنىپىنىڭ ئۇتلۇق ئارزۇ ئارمانلىرىنى زىممىسىگە يۇكلەپ 95-يىلى ب ئۇ غا ئۇقۇشقا كەلگەن. ئۇ بۇ ئۇقۇشنى ناھايتىمۇ ياخشى ئۇقۇپ، بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرىنى بەكمۇ رازى قىلىۋەتكەچكە،ئۇلار 94-يىللىق پەن تىخنىكا سىنىپىدىن بىراقلا 4 ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىنى قۇبۇل قىلغان شۇنداق قىلىپ مەمىتىمىن يىقىنقى 10-20 يىللار مابەينىدە بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىنىڭ دەرۋازىسىنى ئۇيغۇرچە ئۇقۇغان ئۇقۇغۇچىلار ئۇچۇن ئۇزىنىڭ كۇچى ئارقىلىق ئاچقۇزدى. ئۇنىڭ بۇ تۇھپىسىگە سەل قارىماسلىق كىرەك.
    99-يىلى تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيسىگە ئىمتاھانسىز ئاسپىرانىتلىققا قۇبۇل قىلىنغان. 2004- يىلى ماگىستر ۋە دوكتۇر ئوقۇشنى بىراقلا ئوقۇپ شۇ يىلى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن.
     
    مەمىتىمىن ئۇ مەن بىلگەن ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ياش دوكتۇر!!. سورىسام ئۇنىڭ يېشى مەن بىلەن تەڭ ئىكەن. ئۇ مەكتەپكە بىزدىن بۇرۇن كىرىۋاپتىكەن ھەم ئاتلاپ ئۇقۇپتىكەن. تولۇق كۇرسنىمۇ بىر يىل قسقارتىپ ئۇقۇدى، شۇنداق قىلىپ يۇرۇپ ئۇ 26 يېشىدا دوكتۇرلۇقنى ئالدىغۇ دەيمەن. قايسڭلار تېخى بىر ئۇيغۇرنىڭ 26يېشىدا دوكتۇر بۇلغانغىنى ئاڭلىغان. شۇنداقلار بۇلسا خەۋەر قىلىپ قويۇڭلار. مەمىتىمىن ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ ياش دوكتۇرلۇق رىكورتىنى ياراتتى، ئۇنىڭ بۇ رېكورتى يىقىنقى زامان ئۇيغۇر پەن تېخنىكا تارىخىغا يېزىلىش كىرەك. مەن ئۇنىڭ بىلەن ياش جەھەتتە تەڭ ئىكەنمەن، لېكىن مەن ئۇقۇشنى ئەمدى باشلىدىم، 6-7 يىلاردىن كىين دوكتۇرلۇقنى ئالدىم دىگەندىمۇ مەمىتىمندىن ئالاھەزەل 10 يىل كىيىن ئالغان بۇلىدىكەنمەن. مۇشۇنى ئۇيلىساممۇ بىر خىل بوپ قالىمەن. لېكىن تەن بەرمەي بۇلمايدۇ . ھەركىم ئۇزى تىرىشىپ قىپ بۇلالمىغان ئىشنى بىرسى بەك چىرايلىق قىلىۋەتسە ئۇنىڭغا بىر خىل ھۇرمىتى كىلىدۇ . مىنىڭ مەمىتىمغا شۇنداق ھۇرمىتىم بار. مەمىتىمىننڭ ئىستىقبالى تىخى ئالدىمىزدا.
    يەنە بىر يىرى مەمىتىمىن ناھايتى پائالىيەتچان. بېيجىڭدىكى كونا بالىلار ئاساسەن تۇنۇيدىغۇ دەيمەن. بىر يىلى ئۇ خوتەن بىلەن ئالاقىلىشپ نامرات ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپنى يىغىپ، سەبىلەر دىگەن بىر بەتنى ئىشلىگەن. قارىسام 200 تىن ئارتۇق نامرات بالىنىڭ تەپسىلى ئەھۋالى تۇنۇشتۇرلۇپتىكەن. بىر مەزگىل بۇ ئىشلارمۇ خېلى ئۇبدان ماڭدى، لېىكىن ئۇنىڭ گۇرۇپپسىدا Hello Lifeتەك يامان تەشۋىقاتچى بۇلمىغىنى ئۇچۇن قارىسام جەميەتتە ئۇنچە تەسىر قوزغۇغاندەك ئەمەس.
    مەمىتىمىن ئارلىقتا ياپۇنغا، فىرانسىيگە بىېرىپ تەجرىبە ئىشلەپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدى، مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا ئەمدى بېرىپ ئىشلەي دەپ ش ج ئۇ غا يېنىپ كەلگەن، لېكىن بىر مەزگىل تۇرۇپ ئەڭ ياخشىسى دوكتۇر ئاشتىلىقنىمۇ تۇگىتەي دىگەن ئۇيغا كىلىپ يەنە بېيجڭغا كىتىپ قالدى. 6 ئايدا مەن ئامرىكا ئەلچىخانىسىدىن ۋىزا ئېلىپ ب ئۇ غا بارسام مەمتمىىن تازا مىھمان قىلغانتى. ئۇ ئۇزى پەلسەپە، تارىخ، سىياسى دىگەنلەرگەئالامەت قىززىقىدۇ، ئۈزىنىڭ بىر يۈرۈش مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى بار. مەندەك كىتاپ خالتىسى ئەمەس، تۇرمۇشتىنمۇ ھۇزۇرلىنىشنى بىلىدۇ. ساياھەت قىلىشقا ئامراق. 
    ( ئۇ ھازىر ئىتالىيەدە دوكتۇر ئاشتىلىقتا تەتقىقاتچى بۇلۇپ ئىشلەۋاتىدۇ)

    9. ئەخمەتجان. ئۇزىنى بىۋاستە تۇنۇمايمەن، كۈرۇپ باقمىغان. لېكىن پەرھات مۇئەللىم ، مەمىتىمىنلەر بىلەن ياخشى تۇنۇشىدىكەن. ماڭا شۇلار گىپىنى قىپ بەرگەن. ئۇزى سىفەن داشۇ دائۇقۇپتىكەن، ھەم ئۇقۇش پۇتتۇرۇپ شۇ يەردە قېپ قىلىپ ، كيىين پەنلەر ئاكادىمىيسىگە دوكتۇرلۇق ئۇقۇشقا كەپتىكەن. ماڭا ئۇنىڭ گىىپىنى قىلىىپ بەرگەن ۋاقىت 2002-يىللار ئەتراپى ئىدى
    ( بۇ توغرىلىق بېيجىڭدىكى دوكتۇرلار دىگەن تىمىنى كۈرۈڭ)

    10. كۇرەش ئىبراھىم. ئۇيغۇردىكى بىرىنچى ئەۋلاد دوكتۇرلارنىڭ بىرى. بىز تۇلۇق ئۇتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان چاغلاردا ئۇنى گىزىت ژورناللار تولا تەشۋىق قىلاتتى. ھازىر ناخشا ئۇسۇلغا دۇم چۇشۇپ ئۇنتۇپ قالدى. تۇنجى قېتىم ئۇنىىڭ تۇنۇشتۇرلۇشىنى ئۇقۇپ ئۇزەمدە قانچىلىق ھاياجان تۇيغۇسى بۇلغانلىغىنى بىلمەيمەن. تۇنجى قېتىم دوكتۇر دىگەن سۈزنىڭ كەينىدىكى ئاشتى دىگەن گەپنى ئۇقۇپ نىمە دىگەن گەپ بۇلغىتتى چۇشىنەلمەي خېلى ئادەملەردىن سورىسام شۇ ۋاقىتتا بىرسىمۇ ئۇقمايدىكەندۇق، كىيىن ئۇرۇمچىگە كەلگەندىن كىيىن مالىملىرىمدىن سوراپ بىلدىم. توردا تۇنۇشتۇرلىىشى بۇلسا قىستۇرۇپ قوياي دىسىەم تاپالمىدىم، لېكىن ئامرىكىدا بىر ئۇنۋېرسىتتا ئۇنىڭ ئالاقىلىىىشىش ئادىرسى چىقىۋاتىدۇ، شۇڭا ئۇھازىر ئامرىكىدا ئۇخشايدۇ. ئۇنىڭ تەپسىلى تۇنۇشتۇرلۇشىنى مۇناسىۋەتلىك ژورناللاردىن كۇرگەيسىلەر.

    11.غىېنى غۇپۇر. ش ج ئۇ ماتىماتىكا فاكۇلتىتىنىڭ پروفىسسورى، دوكتۇر ئاشتى، ئاسپىرانىت يىتەكچىسى. ماتىماتىكا 89 يا 90 -يىللىق سىنىپنىڭ ئۇقۇغۇچىسىغۇ دەيمەن. مەن پەن -تېخنىكا سىنىپىدا ئۇقۇۋاتقان ۋاخىتىملىرىمدا ئۇنىڭ ماستىرلىقتا ئۇقۇۋاتقان ۋاقىتلىرى ئىكەندۇق. ئۇنى يوللاردا كۆرگەن. شۇ ۋاقىتتا ماتىماتىكا فاكۇلتىتىدا يەنە غېنى ۋە ھەسەنجان دەپ ئىككى ئاسپىرانىت بالا بار ئىدى. بۇ ئىككىسى ئۆز ۋاختىدا ئۇقۇۋاتقاندا بەك تېرىشپ ياخشى ئۇقۇپتىكەندۇق، پەن تىېخنىكا سىنپىمۇ باشقۇرۇش جەھەتتىن ماتىماتىكا فاكۇلتىتىغا قارايدىغان بۇلغاچقا، ئۇ ئىككەيلەننى ئانچە مۇنچە كۇرەتتۇق. بۇلۇپمۇ ھەسەنجاننى تولا كۇرەتتىم، كىيىملىرى كونا، لېكىن پاكىز. كىيىن مەن ئىچكىرگە كىتىپ ئۇقۇپ كەلگەندە قارىسام ھەسەنجان ئامرىكىدا ئۇقۇغىلى چىقىپ كىتىپتۇ. ئۇمۇ ھازىر دوكتۇرلۇقنى پۇتتۇرۇپ بىرەر يەردە ئىشلەۋاتقاندۇ. غېنى ماستېرلىقنى پۇتتۇرگەندىن كىيىن پەنلەر ئاكېدىميسىدە دوكتۇرلۇقنى ئۇقۇپتۇ. ئاڭلىشىمچە، ئۇنىڭ دوكتۇر يىتەكچى ئۇقۇتقۇچىسى جۇڭگۇدا ناھايتى نەسىرى بار ماتىماتىك ئىكەن.ئۇنىڭ قۇلىدا غېنىمۇ ناھايتى قابىل تەتقىقاتچى بوپ يىتىشىپ چىقىپتۇ. ئۇقۇش پۇتتۇرگەندە تېخى ئەنگىلىيدە بىر كىتاپ چىقىرىپتۇ. مەن ئەنگىلىيدە غېنى كىتاپ چىقىرپتۇ دەپ ئاڭلىغاندە تېخى ئۇنى ئەنگىلىيدە دوكتۇر ئۇقۇغان ئۇخشايدۇ دەپ ئۇيلاپتىكەنمەن. كىيىن يەنە ئامرىكىدىمۇ بىر كىتاپ چىقىرپتۇ. 2001-يىلى ش ج ئۇ ماتىماتىكا فاكۇلتىتىدىكى دوكتۇر ئاشتى خىزمەت پۇنكىتىغا كىرىپ 2003 يىلى پۇتتۇرۇپ، ئۇ شىنجاڭ ئۇزى تەربىيلەپ چىققان تۇنجى دوكتۇر ئاشتى بولدى. بۇ توغرىلىق تۇۋەندىكى ئۇلانمىنى كۇرۇڭ: http://campus.cer.net/20030604/3086047.shtml.
    ماتىماتىدىكى خىزمەتداشلاردىن ئاڭلىشىمچە، غېنىنىڭ كىتابى ۋە يازغان ماقالىلىرىنىڭ ئىلمى سەۋىيسى ئىنتايىن يۇقىرىكەن. شۇنداك بۇلۇشىغا قارىماي ئۇ يەنە يۇقىرى سەۋىيلىك ئىلمى  ماقالىنى خۇددى سالام خەت يازغانداك يازىدۇ. ھەر يىلى ئاخرىدىكى ش ج ئۇ نىڭ SCI سانبلىق مەلۇمات ئامبىرىدا ساقلاشقا تاللانغان ماقالىلەر تىېزىملىگىدا غېنىنىڭ ئىسمىنى تولا كۇرىسىز. مۇشۇ نەتىجىلىرى بىلەن ئۇ پروفىسسورلۇقنى 30يېشىدا ئالدىغۇ دەيمەن. مىنىڭچە ئۇ ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ ياش پروفىسسورلۇقنى ئالغان. 2004-يىلى ئۇ شىنجاڭ بۇيىچە مەشھۇر 10 ياشنىڭ بىرى بول


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • aldinky kitimda 30naqqini tonuxturgan kalganliri yokma manbularni okuguqilirimga tunuxturattim.