• بصز توردا نصمة قصلالايمصز(1) - [Think it ئويلانمىلار]

    2007-03-13

    بىز توردا نىمە قىلالايمىز

     
    (جېك دصگةن كصمدۇ بۇ؟)

    يىقىندىن بۇيان ماڭا بەزى ئىلخەتلەر كىلىپ ئۈزلىرىنىڭ توردا ئادەتتىكى بولىسىمۇ بىر ئىش قىلىش خيالى بارلىغىنى، لېكىن  نىمە قىلىشنى،  ئۇخمىغانلىغىنى يول كۈرسىتىشىمنى سوراپتۇ. يەنە ئويلاپ باقىسام مۇشۇ توغرىسىدا سىستمىلىق بىرەر قېتىم مۇلاھىزە ئېلىپ بارماپتۇق. بۈگۈن ئىككى ئۈچ كۈنلۈك بىكار بۇلۇپ قالدىم. بىر نەرسە يازمىغىلىمۇ ئۇزۇن بۇلۇپ قاپتۇ. شۇڭا  بۇ توغرىلىق بىر يېزىپ باققۇم كەلدى. بەلكىم پاراڭلار ئىنتېرنت-كومپۇتېردىن باشقا تىمىلارغىمۇ ئانچە مۇنچە يۈتكىلىشى مۇمكىن

    ئۇيغۇرلاردىكى تور بەت تەرەققىياتى ناھايتى ئاستا بۇلدى ھەم كۈپ خىللىشالمىدى. ھازىرمۇ تېخى تور بەت دىسە كۈپىنچەيلەننىڭ كۈز ئالدىغا دەر ھال كىلىدىغىنى ناخشا مۇزىكا ۋە مۇنبەر. ئۇنىڭدىن نېرىسغا تېخى ئۈتۈپ  بۇلالمىدۇق. ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ قىززىق تور بەتلىرى دەپ دىيارىم، سەلكىنلەرنى ئاچساقمۇ مۇنبەردىن باشقا يەرلىرى ناھايتى ئاز يىڭىلىنىدۇ. بىزگە بىرەر نەرسە لازىم بۇلسا ئىزدەپ تاپقىلى بۇلمايدۇ. ئۈتكەن ئايدا بىرسى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىدىكى 11 ماددىلىق بىتىمنىڭ مەزمۇنىنى توردىن تاپالىسىڭىز تېپىپ بەرسىڭىز، بىر ماقالە يېزىۋاتاتتىم دىگەنتى، پۈتۈن ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى ئاختۇرۇپ تاپالمىدىم. تورلاردا بەزىدە "ئۇيغۇر تور بەتچىلىگىنىڭ تەرەققىياتى" " ئۇيغۇرلاردا ئىنتېرنېت زور دەرىجىدە تەرەققى قىلدى" دىگەن مۇلاھىزىلەرنى ئانچە-مۇنچە كۈرۈپ قالىمەن. مىنىڭ كۈزىتىشىمچە تېخى ئىنتېرنىتتا ئۇيغۇرتور بەتچىلىگى دەپ دەپ ئىسىم قويغۇدەك كۈلەم ۋە مەزمۇن شەكىللەنمىدى. سان ۋە سۈپەت، مەزمۇن جەھەتتىن سېلىشتۇرساقمۇ خەنزۇلارنىڭ 98-يىلىدىكى تور بەت تەرەققياتى بىزدە تېخى يوق.ئەمدىلەتىن تېخى ئەمدى شۇ يۈنۈلۇشكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ.  دىمەك بىز تېخى قىلىشقا تىگىشللىك ئىشلار جىق. ھۈكۈمەت ئۇچۇرلاشتۇرىمىز دەپ پۇل خەجلەۋاتقىلى خېلى بۇلدى، لېكىن شۇ پۇلنى ئالغانلارنىڭ نىمىلەرنى ئۇچۇرلاشتۇرۋاتقانلىغىنى بىلگىلى بۇلمايدۇ. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى تور بېتىنىڭ خالىغان فاكۇلتىتىغا كىرىپ لازىم بۇلغان ئۇچۇرنىمۇ تېخى تاپقىلى بۇلىدىغان بۇلمىدى. ئەلۋەتتە بۇلار ھۈكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن قىلغىلى بۇلىدىغان ئىشلار. بۇ يەردە بۇنى مۇھاكىمە قىلمايمىز. ئادەتتىكى تورداشلار توردا نىمىلەرنى قىلىشىمىز كىرەك، ياكى قىلالايمىز دىگەن مەسىلىلەرنى ئۇيلاپ كۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.

    1. ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن توردىن پايدىلىشنى ئۈگىنىشى كىرەك. توردىن پايدىلىنىش دىگەنلىك لازىم بۇلغان ئاممىۋى ئۇچۇرنى قەيەردىن قانداق ئىزدەپ تېپىشنى كۈرسىتىدۇ. بولۇپمۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك. ماڭا پات پات ئىلخەتلەر كىلىپ قالىدۇ، مەسىلەن: مەن ئامرىكىنىڭ پالانچى شەھىرىگە بارماقچىدىم، ئۇ يەرنىڭ ھاۋاسى قانداق، ئايلىق قانچىلىك خىراجەت كىتىدۇ؟ مەن ماۋۇ مەكتەپكە ئىلتىماس قىلاي دىگەن، ئۇ مەكتەپنىڭ مۇنداق كەسپى بارمىدۇ؟ پالانچى مەكتەپكە قانداق ئىلتىماس قىلىمەن، مەن توفىل ئىمتاھانى بەرمەكچىدىم، بۇنىڭغا قانداق تىزىملىتىمەن، مەن مۇھىت توغرىسىدا بىر ئلمى ماقالە يېزىۋاتقان، شۇ توغرىلىق ماقالە لازىم بۇلۇپ قالدى، ياردەم قىلسىڭىز..،دىگەندەك.  ئىشقىلىپ بىرەر يىلنىڭ ياقى مۇنداق ئۇچۇرلار كۈپ كەلدى. ئۇلارغا مۇۋاپىق جاۋاپ بىرىپ كەلدىم. لېكىن مەن ئەمەلىيەتتە شۇ سۇئاللارنىڭ كۈپىنچىسى ماڭا مۇناسىۋەتسىز ئىشلار. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى مەنمۇ ئۇخمايمەن. توردىن ئاختۇرۇپ ئىزدەپ جاۋاپ قايتۇرۇپ قويىمەن. ياكى ئۇلىنىشنى ئەۋەتىپ بىرىمەن. ئەسلى شۇ سۇئاللارنى ئۈزىلا توردىن ئىزدەپ تاپالايتتى. ھىچقايسىسغا ياردەم سوراپ خەت يېزىش كەتمەيتتى.ماڭا كەلگەن سۇئاللارنىڭ ھەممىسىنى توردىن ئىزدەپ تاپقىلى بۇلىدۇ. ماڭا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك، توردىن ئىزدەپ تاپقىلى بۇلمايدىغان سۇئاللار تېخى كىلىپ باقمىدى. بىلىشىمچە ئەركىن سىدىق ئەپەندىگە بۇنداق سۇئاللار ناھايتى كۈپ كىلىدۇ. ئۇ ئاكىمىز ھەممىسىگە ئىرىنمەي بىردىن بىر جاۋاپ بىرىدۇ. ئەسلى شۇ سۇئاللارنى ئۈزى توردىن ئىزدەپ تاپالىسا ، تاپالمىغان نەرسىلىرىنى ياكى مەسلەھەت خاراكتىرلىق سۇئاللارنى سۇرىغان بۇلسا بۇلاتتى. مەسىلەن" پالانچى شەھەرگە ئوقۇشقا بارماقچىدىم، ئۇ يەردېە ئۇيغۇرلار بارمىدۇ؟" ، " سىلەرنىڭ فاكولتىتتا  مۇنداق پىروفىسسور باركەن، ئۇنىڭ ھازىر تەتقىقات خىراجىتى بارمۇ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن بالىلىرى خىزمەت تېپىۋاتامدۇ" دىگەندەك. مەكتەپكە ئىلتىماس قىلغاندا شۇنداق ئۇچۇرلارمۇ بەك مۇھىم.  توفىل ئىمتاھانىغا قانداق تىزىملىتىشنى توفېل بىكىتىنىڭ تور بېتىگە چىقسىڭىزلا تاپىسىز، لازىم بۇلغان ماقالىنى مەكتەپنىڭ تور بېتىدىن ۋەنفاڭ تورىغا كىرسىڭىز، چەتئەلدە بۇلسا مەكتىۋىڭىز تەمىنلگەن سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرىدىن ئىزدىسڭىز تاپالايسىز، شۇنچىلىك ئۇچۇرلارنى تاپالماي يۈرگەن ئادەمنىڭ ئامرىكىنى تېپىپ كىلەلىشىدىن، بۇ يەردە ئۇقۇيالىشىدىنمۇ گۇمانلىنىمەن. قىسقىسى ئۇيغۇرلار لازىم بۇلغان ئۇچۇرلارنى قەيەردىن ئىزدەپ تېپىشنى ئۈگىنىش كىرەك. بولۇپمۇ FTP دىن قانداق ئۇچۇر ئىزدەشنى ئۈگىنىش كىرەك. ئۇ يەرلەردىن سىستىمىلىق نەرسىلەرنى تاپالايدۇ. بۇرۇن شۇ يەردىن چۈشۇرۋالغان چەتكە چىقىش توغرىلىق بەك جىق ماتىرىياللىرىم بار ئىدى. يۈتۈرۈپ قويدۇم.
    بۇ يەردە بىر ئىش يادىمغا كىلىپ قالدى. مەن تۇرۋاتقان شەھەردە يەنە بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ 6 ياشلىق بىر ئۇماق قىزى بار. قۇربان ھىيتقا ئاز قالغاندا "ھىيتتا سىزگە بىرەر سوۋغا ئېلىپ بىرەي، سىز نىمىنى ياخشى كۈرىسىز " دىسەم، ئالىمەن دەپ كۈڭلىگە پۈكۈپ قويغان قونچاقلىرى باركەن، ئىسمىنى دەپ بەردى، مەن ئۇخمىغاچقا "قانداق نەرسە ئۇ، تەپسىلى دەپ بىرىڭ، خاتا ئېلىپ قالىمەن" دىسەم دەرھال كومپىۇتېرنى ئېچىپ گوگىلغا كىرىپ ئېچىپ شۇ نەرسنيڭ ئىسمىنى كىرگۈزۈپ بىر مۇنچە رەسىمىمن تاپتى ۋە ماڭا كۈرسىتىپ تۇرۇپ "ئۇ بۇلمىسا بۇ بۇلسىمۇ بۇلىدۇ"  دەپ بىر قەغەزگە 5-6 تىزىملىكنى يېزىپ بەردى. يەنە ئۇنى گەپكە سالغۇم كىلىپ " بۇ نەرسىنى بىز تۇرۋاتقان شەھەردە ساتماسلىقى مۇمكىن، قەيەردە ساتىدۇ دەپ بىرىڭ" دىسەم  يەنە توردىن ئىزدەپ مۇشۇ شەھەردىكى ئىككى-ئۈچ دۇكاننى دەپ بەردى، تېخى ئۇلارنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنىمۇ ئىزدەپ تېپىپ يېزىپ بەردى. شۇنى ئۈز كۈزۈم بىلەن كۈرۈپ تۇرغاچقا ئامرىكنىڭ ئادەم تەربىيلەش مىخانىزىمىغا قول قويماي تۇرالمىدىم.

    2. ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىر ئادەمنىڭ ياكى بىرەر شىركەتنىڭ ياكى يالغۇز ھۈكۈمەتنىڭ تىرىشچانلىغى بىلەنلا قىلغىلى بۇلىدىغان ئىش ئەمەس. بۇنىڭغا تورغا چىقىۋاتقان تورداشلار قاتنىشىى كىرەك. شۇندىلا ھەر خىل مەزمۇندىكى ئۇچۇرلار توپلىنىدۇ. تور دىگەنلىك ئورتاق پايدىلنىش دىگەنلىكتۇر. ئورتاق پايدىلىنىش ئۈچۈن ھەممەيلەن ئورتاق كۈچ چىقىرىشى كىرەك. بۇنىڭغا سىز چوقۇم تور بەت قۇرۇشىڭىز كىرەك ئەمەس، ياكى ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا ماقالىنى يېزىشڭىز كىرەك ئەمەس. پەقەت ئاددى بۇلسىمۇ ئۈزىڭىز بىلگەن باشتىن كەچۈرگەن ئىشلارنى يېزىپ قويسىڭىز بۇلىدۇ. مەسىلەن پالانچى دوختۇرخانىغا بارسىڭىز مانچە پۇل ئالدى، ماۋۇ دوختۇر ياخشى داۋالىدى، ماۋۇ دوختۇر ياخشى داۋالىمىدى، ماۋۇ يەردە مۇنداق نەرسە ئەرزانكەن، ماۋۇ ئاشخانىنىڭ تامىقى ناچاركەن، ماۋۇ ئوقۇتقۇچى دەرىسنى ياخشى ئۈتىدۇ، ماۋۇ ياخشى ئۈتمەيدۇ دىگەنگە ئوخشاش ئادەتتە ئۈز ئارا دىيىشىدىغان نەرسىلەرنى يېزىپ قويسىڭىزمۇ باشقىلار پايدىلىنىدۇ.خىزمەتتە يازغان ھەرخىل دوكلاتلار، ئۈگىنىش، تەسراتلارنى چىقىرىپ قويساڭلار ياخشى. بارا  بارا شۇنداق ئۇچۇرلار توپلىنىدۇ. يەنە ھەممەيلەن ئۈزىدە بار ئىلىكتېرونلۇق نەرسىلەر بۇلسا مۇۋاپىق يەرگە چىقىرىپ قويىدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرسە، باشقىلارمۇ ئۇنى ئىشلىتىدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرسە ناھايتى ياخشى. مەن ئامرىكىغا كەلگەندە يېنىمدا خېلى جىق ماتىرىياللار بار ئىدى، 30-40 گىگالىق ناخشا-مۇزىكىلارمۇ بار ئىدى. FTP قىلىپ ئامرىكىدا خالىغانلار چۈشۈرۋىلىڭلار دەپ ئىلان بىرىپ قويساممۇ بىر ئايغىچە كىرىپ ئىشلەتكەن ئادەم 10 غا بارمىدى.شۇنىڭ بىلەن توختىۋەتتىم. ئىچكىردە ئۇقۇۋاتقانلار بىلىدۇ. مەكتەپ تورى، ياتاق بىنا تورلىرى دەپ قىلىۋالغان. بالىلارنىڭ كومپيۇتىرى ئىچىدىكى كۆپىنچە نەرسىلەر شۇ يەردىن چۈشۈرۋالغان نەرسىلەر. شىندادىكى ۋاختىمدا شەخسى ئاز بىر قىسىم ماتىرىاللىرىمدىن باشقا ھەممە نەرسىلىرىم FTP قىلىپ چىقىرىپ قويۈغلىق ئىدى. ھىچ يەرگە ئىلان بەرمىسەممۇ بىركىملەر FTP رىمنى توردىن ئىزدەپ تېپىپ نەرسىلىرىمنى چۈشۈرەتتى. تېخى بەزىدە جىق كىرىپ كىتىپ پالەچ بۇلۇپ قالاتتى.ئامرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ تېخى ھازىرغىچە بىرەرسنىڭ ئۈزىدە بار ياخشى ماتىرىياللارنى تورغا قۇيۇپ پايدىلىنىڭلار دەپ چىقىرىپ قويغىنىنى كۈرمىدىم.  قارىغاندا بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ تېخى ئورتاق ئىشلىتىش ئۇقۇمى شەكىللەنمەپتۇ. ئانچە مۇنچە سۇئاللارنى سورىغانلارنى كۈرۈپ قالىمەن، ئەسلىدە شۇ سۇئاللارغا ئامرىكىدا ياشاۋاتقان ھەممە ئۇيغۇر بىر قىتىمدىن ئۇچرىغان ئىشلار ئىدى. بۇرۇن قىلغانلار ئاددىلا بىر نىمە يېزىپ "ماۋۇ ئىشنى مۇنداق ھەل قىلدىم" دەپ يېزىپ قويغان بۇلسا كىيىنكىلەرگە كۈپ پايدىسى بۇلاتتى. قىسقىسى ھەممەيلەن ئازدۈر كۈپتۇر ئۈزىمىزدە بار نەرسىلەرنى تورغا چىقرىىپ تورساق ئۇچۇرلاشتۇرۇش دىگەن مۇشۇ. شىركەتلەرمۇ، چوڭ كىچىك دۇكانلارمۇ ئاددىلا بىر بەت قىلىپ ياكى باشقا سودا تور بىكەتلىرىگە ئۈز ئۇچۇرلىرىنى بىرىپ قويسا ئۈزىنىڭ سودىسىغا پايدىلىق. مەن تۇرۋاتقان شەھەردە ساتىراچتىن تارتىپ كىچىك بىر ئېغىزلىق دوكانغىچە ئاددىلا تور قىلىپ چىقىرىپ قويىدۇ، ساتىراشقا بارماقچى بۇلساممۇ توردىن ئىزدەپ تېپىپ قاچان ئىشلەيدۇ شۇنى كۈرۈپ، تېلفۇن ئۇرۇپ قاچان بىكار شۇنى سۇراپ دەل ۋاختىدا بارىمەن. ھۈكەمەت ئورگانلىرىدىن تارتىپ كىچىك يەككە تىجارەتچىگىچە شۇنداقكەن. شۇڭا تا ھازىرغىچە بىر يەرگە بىر ئىش قىلغىلى بېرىپ ئۇلار ئىشتىن چۈشۈپ كىتىدىغان، ياكى ساقلاپ قالىدىغان ئىش بۇلۇپ باقمىدى.

    3. مۇنبەر خاراكتىرىدىكى تورلار ھۈكۈمەتنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى بەرگەن ئۇچۇر، خەۋەرنى بەرسە تامامەن بۇلىدۇ. مەسىلەن، شىنخۇا تورى، شىنلاڭ تورىدا بىرىلگەنلىكى ھەر قانداق خەۋەرنى، شىنجاڭ گىزىتى، ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتلىرىدە بىرىلگەن ھەر قانداق خەۋەرنى مەنبەنى يېزىپ ئۇلار بەرسە بۇلىۋىرىدۇ. ئۇنىڭدىن قۇرقۇپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.

    4. ئەمدىكى مەسىلە. كۈپلىگەن مۇنبەرلەردە نىمە قىلىۋاتىمىز. نىمە قىلىشىمىز كىرەك دىگەن مەسىلە. مىنىڭ كۈزىتىشىمچە نۇرغۇنلىغان تورداشلار ئوخشاشلا  تۇرمۇشتىكى ئەمەلى مەسىلىلەر بۇلسا بەك قىززىقىدۇ ھەم قاتنىشىدۇ. مەسىلەن "پالۋان غەۋغاسى" بۇلغاندا ئىزدىنىشنىڭ كۈرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن. شۇنداقلا ئەنە شۇنداق ئەمەلى مەسىلىلەر قىلايلى دىسەك ناھايتى كۈپ. مۇنبەرلەر ئەمەلى مەسىلىلەر توغرىلىق كۈپراق مۇلاھىزە قىلىشقا مېڭىشى كىرەك. شۇنداق دىسىلا ھۈكۈمەت، سىياسى، بۇنداق ئىشلار خەتەرلىك دەپلا چۈشىدۇ. سىياسىدىن باشقىمۇ جىق ئىشلار بار ياكى قىلساق قانۇنلۇق قىلغىلى بۇلىدۇ. بۇنداق دىگەنلىك سىياسەتكە قارشى چىق، ھۈكۈمەتنىڭ ئۇنداق قىلماسلىققا زورلا دىگەن گەپ ئەمەس. چوڭ ئىشلار،چوڭ ۋەقەلەر توغرىلىق ھۈكۈمەتمۇ ئاممىنىڭ رايىنى بىلىشكە قىززىقىدۇ. ھەم خەنزۇ تور بەتلىرىگە كىرسەك شۇنداق نەرسىلەر ئەڭ جىق. بىزنىڭ تور بەتلەرگە كىرسەك قولغا چىققۇدەك تىمىدىن بىرسى يوق. مۇنبەر دىسىلا ئەدبىياتچى، شائىرلار كۈز ئالدىمىزغا كىلىدۇ. چوڭ ۋەقە، چوڭ ئىشلار توغرىسىدا بىزمۇ تەڭ مۇلاھىزە قىلىپ تۇرىشىمىز، زامان بىلەن تەڭ ئىلگىرلىشىمىز كىرەك. مەسىلەن: بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا ۋەكىللىرىمىز قانداق تەلەپ پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويدى، كىملەر شىنجاڭدىن ۋەكىل بۇلۇپ باردى. شىنجاڭنىڭ كىينكى بەش يىللىق پىلانىدا نىمىلەر بار، شىنجاڭنىڭ ئۈتكەن يىللىق تەرەققىيات كۈرسەتكۈچى قانچە، جۇڭگۇدا قانچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ھۈكۈمەت بۇ يىل نىمىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىمەكچى؛يىقىنقى مائارىپ ئىسلاھاتىدا نىمىلەر بار،ھاللىق جەميەتكە بىز قانداق قىلىپ بارماقچى، ھۈكۈمەتنىڭ پىلانى قانداق بۇلۇۋاتىدۇ،  بۇيىل شىنجاڭدا ياكى ئۈرۈمچىدە قايسى سودا ئەڭ ئېقىۋاتىدۇ، بۇ يىل قايسى كەسىپلەر ئەڭ بازارلىق بۇلۇۋاتىدۇ، ئالى مەكتەپكە ئىمتاھان بىرىدىغانلار قايسى كەسىپنى تاللىسا مۇۋاپىق، يىقىنقى مائارىپ ئىسلاھاتىدا نىمىلەر بار،داۋالاش ئىسلاھاتىدا نىمىلەر بار، ئۈتكەندە ئۈرۈمچىدە چوڭ پار توختاپ جىق ئادەم سۇغۇقتا قالدى،نىمىشقا شۇنداق بۇلىدۇ، ....دىگەنگە ئوخشاش كۈرمىڭلىغان بىز بىلەن ئەڭ مۇناسىۋەتلىك تىمىلارغا بىز ئەزەلدىن قىززىقمايمىز. مۇنبەرلىرىمىزنى تۈكى يوق تىمىلار قاپلاپ كەتكەن.  ئەسلى شۇ تىمىلار مۇنبەردە ئەڭ كۈپ بۇلۇشى كىرەك ئىدى. ياكى قولىمىزدىن كىلىدىغانلار شۇنداق يولغا يىتەكلىشى كىرەك ئىدى.


    (جېك ئاكاش، سصزنصڭ تور بېتصڭصز قةيةردة، مةن تاپالمصدصم )

    5. يۇقارقىلارنىڭ يەنە بىر سەۋەبى شۇكى بىزدە تېخى مۇتلەق كۈپ ساندىكى ھۈكۈمەت خىزمەتچىلىرى، زىيالىلار تورغا كىرمەيدۇ، نۇرغۇنلارنىڭ "مەن تورغا كىرمەيمەن" دەپ ماختانغىنىنى كۈردۈم ياكى ئاڭلىدىم. ئەسلىدە تور ئىشلىتىشنى ئۇخمايمەن دىسە توغرا بۇلاتتى. ھازىرقى دۇنيادىكى ساۋاتسىزلىقنى ئۈلچەشنىڭ يىڭى بىر ئۈلچىمى بۇلۇپ قالغان نەرسىنى " ئۇقمايمەن"  ياكى "قىلمايمەن " دەپ ماختانغان ئاخماقلارنى شىنجاڭدا كۈردۈم. ئەسلى شۇنداقلا كىرسە، بىلمىسە ئۈگەنسە ئاندىن ھەممەيلەنگە پايدىسى بار ئىدى. 98-يىلى كومپۇتېر ئومۇملىشىشقا باشلىغاندا بەزى چوڭلارنىڭ ياكى ھۈكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ كومپۇتېر ئىشلىتىشنى ئۇخماي باشقىلاردىن ماۋۇنى قانداق ئاچىمەن دەپ سوراپ يۈرگىنىنى كۈرەتتىم، شۇلارنىڭ 2005-يىلىمۇ شۇنىڭغا ئۇخشاش سۇئالنى ياكى ئاددى مەشغۇلاتلارنى يەنە باشقىلاردىن سوراپ يۈرگىنىنى كۈردۈم. ئۇلار كۈپىنچىسى ئاددى بۇلسىمۇ بۈلۈم باشلىقلىرى ياقى ئۇنىڭدىن چوڭ ئەمەلدارلار ئىدى، ئۇلار ياكى بىر ئىككى يىل ئىچىدە پىنسىيگە چىقىپ كىتىدىغان كادىرلار ئەمەس ئىدى. كومىيۇتېر، ئىنتېرنېت دىگەن تەس نەرسە بۇلمىغاندىكىن  ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئۈگىنىپ قويسا نىمە زىيىنى بار. 8 يىلدىمۇ ئۈزىگە كۈندە لازىم بۇلىدىغان نەرسىنىڭ ئاددى مەشغۇلاتىنى ئۈگەنمەي ، تورغا كىرىپ بىر پارچە ھۈججەتنى يۈكلەپ يۇقىرىغا ئىلخەت سالالمىغان باشلىق تېخى سورۇندا "مەن تورغا چىقمايمەن" دەپ كىرىلىپ ماختانسا بىز يەنە قانداق تەرەققى قىلماقچى. بۇ يىللىق ئىككى يىغىنغا ۋەكىل بۇلغانلارغا قاراڭلار، ئىچكىردىكى نۇرغۇنلىغان ۋەكىللەرنىڭ ئۈزىنىڭ بىلوگى بار، شۇلار بىلوگى ئارقىلىق بىۋاستە ئۈزى ۋەكىل بۇلغان خەلىق بىلەن پىكىرلىشەتتى.  دۈلىتىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان رەھبەرلىرىمىزنىڭ بىلوگى بار، ئۇلارمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ. شىنجاڭدىكى قايسى ۋەكىلىمىزنىڭ بلوگى بار. مىنىڭچە كۈپىنچىسى ئىلخەتتە ھۈججەت ئەۋەتەلمەسلىگى مۇمكىن.  ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرى تېخى شىنجاڭغىمۇ يەتمىگەن ئىران زوڭتۇڭى ئەھمەد نىجاتنىڭ 4 خىل تىلدا چىقىدىغان بىلوگى بار، خوشىمىز كەلسە  كىرىپ كۈرۈپ قويىمىز. ئىسىمدە قېلىشىچە، ئىچكىردە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا 98-يىلىلا بىزنىڭ مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى مەكتەپ BBS قا كىرەتتى. كىيىن بىلىشىمىزچە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىككىدىن ئىسمى باركەن، بىرسى ئۈز ئىسمى، بىرسى باشقا بىز ئۇخمايدىغان ئىسىم.شۇلارنىڭ بىرسى ئاشكارا بۇلۇپ قالغاندىن كىيىن ئاختۇرۇپ قارىساق بۇرۇن بىز قاتناشقان جىق تىمىلارغا قاتنىشىپتۇ. ئىچ ئىچىمىزدىن ئامراق بۇلۇپ كەتكەن ئىدۇق. ھازىر قارىسام قايسى بىر مىنىستىرلىككە مۇئاۋىن مىنىستىر بۇلۇپتۇ. 2004-يىلى يازدا ئۈرۈمچىدە  70 ياشتىن ئاشقان جۇڭگۇدىكى ئەڭ داڭلىق ئاكادىمىكلاردىن 4-5ئى  بىلەن بىر نەچچە كۈن بىللە بولدۇم. ئۇلار ھەر يىلى ھۈكەمەتنىڭ نەچچە مىليارد پەن تېخنىكا ياكى دۈلەت مۇداپىئە مەبلىغىنى ئۇ ياق بۇياقلىق قىلىدىغان، دۈلەت رەئىسىگە بىۋاستە  مەسلەھەت. پىلان بىرىدىغان مىنىڭ كەسپىمدىكى جۇڭگۇدىكى ئەڭ نۇپۇزلۇق  ئادەملەر ئىدى. ئۇلار ھۈكۈمەت تەرەپ ئوقۇپ قالسا ئاۋارە بۇلىدۇ دەپ ئۇلارغا خەۋەر قىلمىغاچقا 3-4 كۈن خېلى كەڭ تاشا ئۇلارغا ھەمرا بۇلغاچ كۈپ پىكىرلەشتىم. بىر ئاددى ئاشخانىدا تاماق يەپ ئولتۇرساق بىرسىگە مائارىپ مىنىستىرى جوۋجىدىن تېلفۇن كىلىپ ئۇنىڭدىن مەسلەھەت سورىدى. دىمەكچى بولغىنىم ئەنە شۇنداق يېشى 70 تىن ئاشقان قېرىلارمۇ، قاچان نىمىگە، كىمگە ھاجىتى چۈشسە دەرھال ئادەم تېپىپ قىلدۇرالايدىغان چوڭ ئادەملەرمۇ تورغا چىقىدىكەن، كومپۇتېردىن پايدىلىنالايدىكەن. شۇ ئاكادىمىك بىلەن چىڭخۇا تورىنىڭ BBS توغرىسىدا پاراڭلاشتۇق. ئۇنىڭ تور ئىسمىنى شۇ يەردە كۈرگەنكەنمەن. يەنە بىرسى ئەتىسى بىزنىڭ ئۇنۋېرسىتىتتا  چوڭ تىپتىكى دوكلات بەرمەكچىدى، كەچتە شۇنى تەييارلمىسام بۇلمايدۇ دەپ بالدۇرراق كىرىپ كەتتى. ئەتىسى تەييارلىغان PPT ئارقىلىپ دوكلات بەردى. ئۇ تەييارلىغان ئەسلى ماتىرىياللار بار دىگەندىمۇ ئۇلارنى PPT قىلىپ ئۇ تەييارلىغان سەۋىيەدە قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ناھايتى پىششىق بۇلۇش كىرەك. تېخنىكىلىق جەھەتتىن باھالىغاندىمۇ ئۇ تەييارلىغان PPT نىڭ تېخنىكا سەۋىيسى يۇقىرى ئىدى، خېلى كۈپ ۋاقىت كىتەتتى.  ئۇ شۇنى بىر ئاخشامدا قىلىپ چىقىپتۇ. ئىش ئۈنۈمىمۇ ناھايتى يۇقىرى ئىكەن. شۇ كۈنى كەچتە شۇ توغرىلىق پاراڭلىشىپ ئۈزۈڭ قانداقمۇ قىلىپ بۇلغانسەن دىسەم ، ئۇ "  كومپۇتېر بىزنىڭ كۈندىلىك ئىشلىتىدىغان قەلەمگە ئوخشاش قۇرالىمىز. باشقىلارغا بېقىنىپ قالسا نۇرغۇن نەرسىلەر ئۈزەڭ ئويلىغاندەك چىقمايدۇ. كاتىپقا ياكى تېخنىكقا تاپشۇرساڭمۇ ئۇ سىنىڭ نىمە ئويلايدىغىنىڭنى بىلمىگەچكە ماشنا ئادەمدەك قىلىپ قويىدۇ، ئۈزەم بىلگەچكە ھەم تىز قىلىمەن ھەم ئۈزۈم ئويلىغاندەك قىلىمەن " دەپ جاۋاپ بەردى.

     بۇ تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بۇلمىسىمۇ مۇرىتى كەلگەندە قىستۇرۇپ قوياي. ئۇلار ئادىمىگەرچىلىك جەھەتتىنمۇ ئادەمنى كىچىك دىمەيدىكەن. مەن كىم، ئۇلار كىم. ئۇلار تۈمۈر يولى تەرەپتىكى بىر كىچىك كوچىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدىكى مىھمانخانىدا ياتقان. بىر كۈنى چۈشتە بارسام " سەن ئىككى كۈننىڭ ياقى بىز بىلەن بۇلۇپ جىق ئىشلىرىڭنى قىلالمىدىڭ، ھەم ھېرىپ چارچىدىڭ، بۈگۈن سىاڭا رەھمەت ئېيتىىپ بىر مىھمان قىلىۋالاي، ئۈزەڭ ياخشى كۈرىدىغان بىر يەرگە باشلاپ بار " دەپ مىنى ئاچىقىپ مىھمان قىلدى. )ئەمەلىيەتتە شۇلار بىلەن بىللا بۇلۇپ تارتىنماي پىكىرلىشىش مىنىڭ ئارزۇيۇم ئىدى، ھەم مىنىڭ قىلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىممۇ يوق ئىدى(. ھەر كەچلىك تاماقتا بىرەر بۇتۇلكىدىن  پىۋا ئىچتۇق. بۇ قېتىم قايتىپ كىتىپ ئىككى ھەپتىدىن كىيىن ئۇ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە بىر قېتىم كىلىپ ماڭا تېل قىپتۇ. كەچتە  يەنە شۇ مىھمانخانىغا باردىم. بىرەر سائەت پاراڭلاشتۇق، مەن كىتىدىغان چاغدا مەن ماڭاي دىسەم مىنى ئۇزىتىپ چىقتى. پەرىزىمچە ئۇلار تۇرىدىغان مىھمانخانا بىلەن بېيجىڭ يولىغىچە بىر كىلومىتېردەك يول بار. ئۇ يەرگە پىيادە بىرىش كىرەك. ئۇ مىنى سىنى چوڭ يولغىچە ئۇزىتىپ قويىمەن دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. مۇشۇ يەردىلا خوش دەي دىسەم ئۇنىمايم ماڭىمۇ چېنىقىش بۇلىدۇ، قېرىپ قالغاندا پايدىلىق دەپ بانا كۈرسىتىپ   شۇ يولنى مەن بىلەن بىللە مېڭىپ چوڭ يولغا ئاچىقىپ خوش دەپ قويۇپ كىرىپ كەتتى. شۇلارغا قاراپ باشلىق بۇلساڭ، ئالىم بۇلساڭ سەندەك بۇلسا دەپ ئىچ ئىچىمدىن قايىل بۇلۇپ كەتتىم. مۇھىم ئىشىم بۇلمىغاچقا، ئۇنداق نۇپۇزلۇق ئادەملەر بىلەن ئاغىنىگە خەت يازغاندەك قۇرۇق گەپلەر بىلەن ئىلخەت قىلغىلى بۇلمىغاچقا مەنمۇ كىيىن ئۇنچە ئالاقە قىلىپ كەتمىدىم. 8-9 ئايلاردىن كىيىن مەن شەخسى ئىشىم بىلەن بېيجىڭغا بېرىپ چىڭخۇانىڭ ئالدىدىن ئۈتكەچ ئۇ بۇلسا بىر سالام دەپ قويۇپ ئۈتەي دەپ كىرسەم ئىشخانا بىناسىغا بىر ساقچى تۇسۇۋېلىپ كىرگۇۈزمىدى. ۋە كاتىۋىغا تېل قىلدى، ئۇ ھەم بۈگۈن يوقكەن. شۇنىڭ بىلەن كاتىۋىغا ئىسمىمنى  دەپ  " مۇشۇنداق بىرسى كەپتىكەن، سالام دىدى دەپ  يەتكۈزۈپ قويساڭ بۇلىدۇ" دەپ گەپ قالدۇرۇپ قويۇپ ئەتىسى ئايرۇپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە كىتىپ قالدىم. ياتىقىمغا كىلىپ ئىلخىتىمنى ئاچسام ئۇنىڭدىن خەت كەپتۇ،ئالدىنقى كۈنى كەچتە يېزىلغان خەت ئىكەن.   مىنى  شۇ كۈنى ئىشخانىسىغا بېرىشىمنى، چۈشلۈك تاماقنى بىللە يەيدىغانلىغىمىزنى، مىنىڭ بېيجىڭ غاز كاۋىپى بىلەن مىھمان قىلىدىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ. شۇ ۋاقىتتىكى ھىسياتىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن. بىزنىڭ فاكولتىت مۇدىرىمىزنىڭ ئىشخانىسىغا كىرسەكمۇ ئىككى پۇتىنى ئۈستەلگە ئېلىپ كىرىلىپ ئولتۇرۇپ، بەزىدە تېخى پۇتىنى ساڭا قارىتىپ تۇرۇپ گەپ قىلىدۇ. ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك مۇتەخەسسىلىرىمىز ئەمەس شىندا دەرىجىلىق مۇتەخەسسىلىرىمىزدىنمۇ ماڭا قىلمىسىمۇ ماڭا ئوخشاش باشقىلارغا ئۇنداق قىزغىن مۇئامىلىدە بۇلغانلىغىنى كۈرۈپ باقمىدىم. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قېشىغا بىر ئىش بىلەن كىرىپ ، گىپىمنىڭ بېشىنى چىقىرا چىقىرمايلا سۇغۇق مۇئامىلە قىلىپ چىقىرۋەتكەن. ئۈزلىرىنىڭ مۇشۇنداقلىغىنى بىلىپ بۇلار ئىچكىردە 98-99-يىلىلا بازاردىكى مومىدەك ئومۇملىشىپ كەتكەن BBS نى تا 2005-يلىغىچە شىندادا ئاچمىدى.) ئۇنىڭدىن كىيىن ئاچقان ئاچمىغانلىغىنى ئۇخمىدىم(  تېخى ھەممە ئوقۇتقۇچىنى يېغىپ يىغىن ئېچىپ  ئىش بىجىرىشنى تورلاشتۇرىمىز دەپ جار سالىدۇ. ھۈكۈمەتمۇ ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ 20 مىليۇندەك  مەبلەغ سالدى.لېكىن   تورغا كىرسىڭىز سىزگە لازىم بۇلغان ئۇچۇرنى كۈپىنچىسىنى تاپالمايسىز. بېيجىڭدىن مەكتەپنى باھالايمىز دەپ ئۈتكەن يىلى 9-.ئايدا كەلگەچكە، شۇنىڭدىن ئۈتىمىز دەپ مەجبۇرى ھالدا يالغانلاردىن ئانچە مۇنچە تورلاشتۇرغان بۇلدى، كۈرۈكتىن ئۈتۈۋالغاندىن كىيىن ھازىر كىرىپ قارىسىڭىز بىر ئاي بۇرۇن چىقىرىپ قويغان نەرسىسى تېخى شۇ پېتى تۇرغان، نۇرغۇن نەرسىسى يىڭىلانمىغان. ئالى مەكتەپ دىگەن ئەسلى تېخنىكا قوللىنىش دىگەندە ئەڭ ئالدىدا ئۈلگە بۇلۇپ ماڭىدىغان گەپ ئىدى. تاكى ھۈكۈمەت كەينىدىن ئىتتىرىپ  Push دىمىگىچە ئالغان نەرسىلىرى ئىشلىتىمىز دەپ ئىشلەتمەي ئامباردا توپا بېسىپ ياتقان. تاكى 2005-يىلى ئەتىيازغىچە ئوقۇتقۇچىلارغا مەكتەپ ئادىرسدىن ئىلخەت بەرمىدى. ئەسلى بۇ دىگەن ئالى مەكتەپنى ئوچۇرلاشتۇرۇش قۇرلۇشىدىكى ئەڭ بىر ئاددى تەلەپ ئىدى.  نۇرغۇنلىغان مەمۇرى خىزمەت قىلىدىغان ئۇ باشلىق، بۇ باشلىقنىڭ ئالدىدا ئەڭ نوچى كومپۇتېر، ۋوردنى ئاران ئىشلىتەلەيدۇ. capslock بېسلىپ قىلىپ بىر نەرسىسگە كىرەلمىگەن بۇلسا ئۇرۇدىغان تېلفۇنى تېخنىك بۈلۈمنىڭ باشلىقى، تېخى " ئون  مىنىۇتقىچە كىلىپ بول" دەپ بۇيرۇق سۇقۇشلىرى بار.شىندادا تېخى بۇلار قىسمەن ئەھۋاللار. ئۈرۈمچىنىڭ نۇرغۇن ئىدارە ئورگانلىرىدا ئەھۋال بۇنىڭدىن بەتتەر. كۈپىنچىسىنىڭ سەپلىۋالغىنى داڭلىق لەپتۇپلار. ياكى ئەڭ يۇقىرى سەپلىمىلىك كومپۇتېرلار. ھەممىسىنى ھۈكۈمەت ئوچۇرلاشتۇرۇش قۇرلۇشى قىلىمىز دەپ نەچچە يۇز مىليۇن پۇل خەجلەپ سەپلىگەن. كومپۇتير ئىشلىتىدىغان ئەڭ ئىھتىياجلىق بۈلۈم، ئورۇنلارغا قارىسىڭىز ئىككى ئۈچ ئادەم بىر كومپۇتىېرنى تالىشىپ ئىشلىتىۋاتقان. نىمە دىگەن زور ئىسراپچىلىق.

    ئۈرۈمچىدىكى ئادەتتىكى بىر كادىرمۇ نىسبەتەن سېلىشتۇرساق خوتەن، قەشقەر تەرەپتىكى بىر يېزىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىغا ھەرگىز مۇنداق مۇئامىلە قىلمايدۇ.ئۇ ئاكادىمىكلار ئەنە شۇنداق كىچىك پىئىل، كىبىرى بۇلمىغاچقا بىلىمى تېخىمۇ چوڭقۇر بۇلىدىكەن، تېخىمۇ ئۈسىدىكەن. بەلكىم قانچە تۈەنگە چۈشكەنسىرى ئەمەلدار، كادىرلارنىڭ كىبىرى شۇنچە يۇقىرى بۇلىدىغان ئۇخشايدۇ. بىر چاغدا قەشقەرنىڭ بىر ناھىيسىنىڭ ئەڭ نامرات بىر يېزىسىدىن بىر ئوقۇغۇچۇمنىڭ دادىسى بالىسىنىڭ مەكتەپتە قېلىپ قالغان دىپلومى ئۈچۈن چىقىپتۇ. جۇڭسەنفۇ چاپاننى دەزماللاپ كېيگەن، كاللىسىدا تەلپىكى بار، بىر قارىسڭىزلا دىھقاننىڭ ئۈزى. ئۇ قايسى باشلىقنىڭ ئىشخانىسغا كىرسە ئۇلار چاي قۇيۇپ كۈتۈپ گىپىنى تىڭشاپتۇ، باشقىلارغا مۇناسىۋەتلىك بۇلسا تېلفۇن ئۇرۇپلا سۇراپ بىرىپتۇ، خەنزۇغا مۇناسىۋەتلىك بۇلسا ئالدى بىلەن ئۇ خەنزۇغا تېل ئۇرۇپ نىمە ئىش ئىكەنلىگىنى دەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ئاندىن ئۇنى ئەۋەتىپتۇ. ئىش بىجىرىش بىناسىغا كىرسە ئالدىدا تىزىملايدىغان ئادەم ئۇنى لازىملىق ئادەمنىڭ ئىشخانىسىغا ئاچىقىپ قويۇپتۇ. مائارىپ نازارىتى بىناسىغا كىرسە لازىم بۇلغان ئادەم ئۈزى چۈشۈپ ئۇنىڭ گىپىنى تىڭشاپ ئۇنى باشقا ئىشخانىسىغا باشلاپ ئېلىپ چىقىپتۇ.يەنە قايسىدۇر بىر ئىدارىغا بىر باشلىقنى ئىزدەپ بېرىپتىكەن، چۈشلۈك تاماق ۋاختىدا ئۇ باشلىق ئۇنىىڭ تامىقىنى   ئىدارىنىىڭمۇ بىر يەرنىڭ كوللىكتىپ تاماق يەيدىغان ئاشخاناسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ. ئۇ ھەركۈنى كەچتە ماڭا تېل قىلىپ ئەھۋاللارنى دەپ تۇردى، مەن يول كۈرسىتىپ تۇردۇم. كىتىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق يىگەچ پاراڭلاشتىم. ئۇ " توۋا ھەممە كىبىرلىك، ئادەم ياراتماسلىق بىزنىڭ شۇ تۈۋەندە باركەن، مەن ھۈكۈمەتنىڭ ئادەتتىكى بىر بۈلۈم باشلىقىنى ئىزدەپ بارساممۇ ماڭا قاپىقىنىمۇ ئاچمايدۇ، سىلىگە كۈرسەتكىلى ئەكەلگەن مۇشۇ خەتنى ئېلىش ئۈچۈنمۇ بىر ھەپتە ۋاختىم كەتتى، ئۇنىڭدىن چوڭ  باشلىق بىلەن كۈرۈشۇشنى بىز ئويلاپمۇ كۈرۈشەلمەيمىز. مەنمۇ ئەسلى مەخسۇس كۇرسنى پۈتتۈرگەن ئادەم ئىدىم، تەقدىرنىڭ دىشىۋارچىلىقلىرى بىلەن مۇشۇنداق دىھقان بۇلۇپ قالغان، ئادەم دىگەن چوڭ شەھەردە ياشىسا بۇلىدىكەن" دەپ ئۈزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى.


    (ھا ھا ھا، جېك دصگةن بصزنصڭ ئاغصنكةنغۇ، ما گۇينصڭ قصپ يۈرگةن ئصشلصرصنص..)

    يەنە ئەسلى تىمىغا قايتايلى. 
     (ئاخصرص بار، تولۇق بۇلمصغۇچة باشقا تور بةتلصرصگة چاپلاشقا بۇلمايدۇ)

    (جېك تور خاتىرىسىگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا ۋە بۇ تىمىنى ئوقۇغۇنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. تور خاتىرىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن  قوللاش يۈزىسىدىن خاتىرىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كۈرۈنۇپ تۇرغان ئىلاندىكى ئولىنىشنى چىكىپ قويۇڭ. لېكىن كۈندە بىر قېتىمدىن ئارتۇق بولمىسۇن. تۇنجى قېتىم ئىلان قويۇلغاچقا بۇ ئەسكەرتىش بىرىلدى. تورداشلارغا ئۇختۇرۇپ بۇلغاندىن كىيىن بۇ ئەسكەرتىش ئۈچۈرۋېتىلىدۇ)


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مەن تور توختاپ كىتىشتىن بۇرۇن بىلوەىڭىزغا پات- پات كىرىپ تۇراتتىم ، لىكىن تور توختاپ قايتا ئىچىلغاندىن بۇيان تاپالمىغان . يەنە تىپىۋىلىپ بەك خوش بولدۇم!~~
  • [توردا نىمىلەرنى قىلالايىز؟]دىگەن ماقالىنىڭ ئىچىدە [پالىۋان غەۋغاسى]دىگەن ئاتالغۇنى ئۇچراتتىم.بۇ قانداق ۋەقە،چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز؟
  • men bu esiringizni bek yakturdum .kixi oz yiridin ayrilgandin kiyin andin ozidiki ketuklerni sizeleydigan ohxaydu .sizning xunqe aldirax bolsingizmu yene wakit qikirip makalilarni yizip turguningizga koptin-kop rehmet iytimen.