-
ﺩﯛﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﻳﯘﺷﯘﺷﻰ - [Think it ئويلانمىلار]
2008-03-13
ﺑﯘ ﺗﯩﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﻳﻼﺭ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﻪﻙ ﻛﯜﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻤﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯞﯦﻠﯩﭗ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﻛﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻳﺴﯩﺰﻟﻪﺭ
(Jeck) ﺩﯛﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﻳﯘﺷﯘﺷﻰ
http://history.163.com/06/0628/15/2KNCT5D400011MTG.html
بۇنى ئەسلى مۈمىنلەرنىڭ قېرىنداشلىقى دىگەن تىمىدىكى سىياسى مۇلاھىزىلەرگە ئىنكاس سۈپىتىدە يازغان ئىدىم. كىيىن مەزمۇن قۇشۇپ يىڭى تىما سۈپىتىدە يوللىدىم.
ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺷﻪﺭﯨﻖ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯘﺑﯩﻜﺘﯩﭗ ، ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﯞﻗﻪﺩﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭘﺘﯘ. ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺋﺎﻣﺮﯦﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ، ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ، ﺋﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺷﻪﺭﯨﻖ ﯞﻩﺯﯨﻴﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯜﺭﮔﻪﻥ، ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯜﺯﻯ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﺯﺍﺗﺘﻰ. ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺑﻮﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﻐﯩﻠﻰ، ﺑﯘﺗﯩﻤﯩﻐﺎ بىر تەسرات يېزىپ قوياي.مۇناﺳﯩﯟﻩﺗﺴﯩﺰ ﺑﯘﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻻﺭ. يىقىندا leadership دىگەندەك بىر دەرىسلەرنى ئوقۇپ پىروگراممىلىرىغا قاتنىشىۋاتىمەن. بۇنىڭ "زاكىتىنى" بىرىۋىتەي.
ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﯩﻢ، ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﭽﻰ، ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ، ﭘﻪﻳﻼﺳﯘﭖ.ﺋﯩﻨﮋﯨﻨﯩﺮ، ﺭﺍﺩﯨﻜﺎﻝ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﻮﻥ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺑﻪﻙ ئۇزۇن ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﭘﯩﻠﻪﺷﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ، ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻨﯩﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﻛﯩﺮﻩﻙ . ﺑﯘﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﻛﯩﻨﻮﻻﺭﺩﺍ " ﭘﺎﻻﻧﭽﻰ ﺋﺎﻗﺴﯘﯕﻪﻙ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ، ﺩﯛﻟﻪﺕ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ تەجرىبىسىگە ئىگە دىسە" بەك كاللامدىن ئۈتۈپ كەتمەيتتى. كىيىن بارغانسىرى تارىخ، سىياسى ئوقۇغانسىرى بۇ گەپنىڭ تىگىگە چۈشىنىۋاتىمەن. ئوزۇن يىل دۈلەت، ھاكىمىيەت باشقۇرغان مىللەت ياكى جەمەت دىسە باشقىچە قارايدىغان بولدۇم. بۇنداقلار باشقۇرۇش جەھەتتىكى كىچىك خاتالىقلارنى ئۆتكۈزسىمۇ چوڭ سىياسى قاراردا خاتالىقلارنى ئۆتكۈزمەيدىكەن. كەلگۇسىنى كۈرۈشكە ماھىر بۇلۇدىكەن، ئۈزى ئەتراپىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىنى تەڭشەپ مۇۋاپىق ۋاقىتتا ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك تاكتىكا يۈرگۈزەلەيدىكەن. " قەيسەر يۈرەك : دىگەن فىلىمدىكى ئەنگىلىيە پادىشاھى بۇنىڭ تىپىك ۋەكىلى. تارىختا يۈز بەرگەن داغدۇغىلىق دىھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ 99% تى مەغلوپ بولغان. غەلىبە قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسدە دىگۈدەك ئاساسەن جەميەتنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتلامدىكى رەھبەرلىك ئىقتىدارىغا ئىگە مۇھىم ئادەملەر قوزغىلاڭنى قوللىغان. جەميەتنىڭ شۇ قاتلامدىكى ئادەملەر تاكى قوزغىلاڭنىڭ مۇھىم ئادىمىگە ئايلانمىغۇچە قوزغىلاڭ بەك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئىگە بولۇپ كەتمىگەن. ئۈزىمىزنى ئالساق، قۇمۇلدىكى ۋاڭ بىلەن خەلىقنىڭ زىددىيتى ئۇزاق ۋاقىت مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان بۇلسىمۇ گومىنداڭچىلار ئۇيغۇر ئوتتۇرا قاتلام ھىساپلىنىدىغان ئاقساقالنىڭ قىزىنى ئۈلتۈرۋەتكەنلىگى پىلتە قىلنىپ باشلانغان. كىيىن خوجىنىياز قېتىلغاندىن كىيىن ھەقىقى تۈردە تەرەققى قىلغان. ئۈچ ۋىلايەتنىڭ دەسلەپكى ئورۇقلىرى نىلقا تاغلىرىدىكى غېنى باتۇرلار تەرىپىدىن باشلانغان بولسىمۇ ئىلىخان تۈرە رەھبەرلىك قاتلىمىنى ئالغاندىن كىيىن ھەقىقى تۈردە مۇنتىزىملاشقان.
يەھودىلار ئەسلى ئۆز دۈلىتىدىن قوغلانغاندىن كىيىن دۇنيانىڭ ھەمم يىرىگە چېچىلىپ كەتمەي يەنە بىر يەردە ئۈز دۈلىتىنى قۇرۇپ ياشىغان بۇلسا بولىتتى. بىزنىڭ قەھرىمان ئەجداتلىرىمىزمۇ مۇڭغۇل ئىگىزلىكىدىن قوغلانغاندىن كىيىن تەكلىماكانغا كىلىپ قايتا ماكانىنى قۇرۇپتىكەن. دىمەك شۇ ۋاقىتتىكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ سىياسى ساپاسى ئۈز دەۋرىدىكى يەھودىلاردىن يۇقىرى ئىكەن. كىيىن بۇ يەردە چوڭىيىپ قۇدرەت تاپقاندا يەنە ئاتا بۇۋىمىزنىڭ زىمىنىغا قايتىپ كىتىمىز دەپ قوشۇن تارتىپ مۇڭغۇل ئىگىزلىكىگە كەتمەي تەكلىماكاندا ياشاۋىرىپتۇ. غەرىپكە كۈچكەن تۈركلەرمۇ قۇدرەت تاپقاندا شەرىققە يېنىپ كەلمەي تۇرغان يىرىدە ياشاۋىرىپتۇ. يەھۈدىلارنىڭ يورتىدىن ئايرىلىپ 2000 يىل ئۈتكەندە ئاندىن ئۈزىگە لازىملىق بۇلغان، ئۈزىنىڭ مەنپەتىگە ۋەكىللىق قىلىدىغان بىر دۈلەتنىڭ، زىمىننىڭ بۇلۇشى كىرەكلىگىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىگى ماڭا بىر خىل غەلىتە تۇيۇلدى، ئەسلى بۇ بىر قەۋىم،مىللەتكە نىسبەتەن بىر ئەڭ ئاددى ئوقۇم ئىدى. دۇنيادىكى سىرلارنى چۈشىنىشكە شۇنچە ماھىر بۇ مىللەتنىڭ شۇنچىلىك بىر ئاددى ھەقىقەتنى بورۇن ھىس قىلىپ يەتمىگەنلىكىدىن ھەيرانمەن. بۇ تارىخشۇناسلار بىر تەتقىق قىلىپ بېقىشقا تىگىشلىك مەسىلە.
بىر مىللەت، بىر قەۋىمنىڭ سىياسى قارارى چوقۇم پىشقان، توختالغان سىياسىيونلار تەرىپىدىن چىقىرلىشى كىرەك. رادىكال مىللەتچىلىك بەزى جەھەتتە ئىجابى رول ئوينىغىنى بىلەن سىياسىدا سەلبى رولى چوڭ. 40-يىللىرى دۈلەت قۇرۇش ئويى دۇنيا تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىپ ۋەزىيەت يەھودىلارغا ياخشى بۇلۇشقا يۈزلىنىپتۇ. بۇ ۋەزىيەت ئۇلارنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئورۇشىدا ھايۋان ئورنىغا قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغاچقا ھىسداشلىق قىلىنىش سۈپىتىدە قۇبۇل قىلىنىپتۇ. شۇڭا بۇ ۋاقىتتا يەھۇدىلارنىڭ ئويلايدىغىنى بىر دۈلەت قۇرۇپ تىنىچ ياشاش بۇلۇشى كىرەك ئىدى. شۇڭا دۈلىتىنى ئافرىقا، شەرقى ياۋرۇپادىكى كىچىك بەزى يەرلەر، ياكى شىمالى ئامرىكا، جەنۇبى ئامرىكا، بولمىغاندا ئافرىقىنى ئويلاشسىمۇ بۇلىتتى. بولۇپمۇ جەنوبى ئامرىكىنىڭ شىمالى قىسمىدىكى بەزى ئاراللار، ياكى تىنچ ئوكياندىكى ئاراللارغا قۇرغان بۇلسا شۇنچە جىق ئورۇشلارنىمۇ بېشىدىن ئۈتكۈزمەي قۇدرەت تېپىپ ئۇلارنىڭ پەن تېخنىكا ئىقتىسا جەھەتتىكى كۈچى ۋە تەجرىبىسى بىلەن ھازىرغا كەلگەندە ئامرىكا، ياپۇنىيە بىلەن تەڭ كۈچلۈك بۇلغان قۇدرەتلىك دۈلەت بۇلۇپ قالاتتى. (بۇ بىر ئىشتىن كىيىن جۇگىلىياڭ بۇلۇپ قىلغان پەرەز خالاس ) بەك بارغۇسى كەلسە مۇسۇلمانلار مەككىگە بېرىپ ھەج قىلغاندەك ئۇلارمۇ پەلەستىنگە بېرىپ ھەج قىلىپ كەلسە بۇلىدۇ.
ئورۇشتا بەك قىرىلىپ كىتىپ قىززىپ كەتكەن يەھودى مىللەتچىلىرىنىڭ سىياسى قارار چىقىرىشتا زور سالماقنى ئىگەللەپ كەتكەنلىگى تۈپەيلىدىن پەلەستىندە دۆلەت قۇرۇشى يەھۇدىلارنىڭ سادىر قىلغان ئېغىر سىياسى خاتالىغى بولسا كىرەك. قوشنىسى بىلەن ئەپ ئۈتمىگەن ئادەم مەڭگۇ تىنىچلىقتا ئۈتەلمەيدۇ. يەھۇدى بالىلىرى بىر ئۈمۈر قايسى كوچىدا بىرسى ماڭا بومبا تاشلار دەپ دەككە دۈككە ئىچىدە ياشايدۇ. ئەرەپلەر بىر كۈنى ئازراق كۈچ ماغدۇرغا كىلىپ قالسا يەنە يەھۇدىلارنى قالايمىقان قىلىدۇ. بىر كۈنى تېخىمۇ كۈچلۈك بۇلۇپ قالسا ئۇلارنىڭ تارىختا يەنە بىر قېتىم پەلەستىندىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. ۋەزىيەت ئۇلارغا تەتۇر چۈرگىلەپ ئىسلام بىلەن خىرىستىيان كۈچلىرى بىرلىشىپ قالسا يەنە نىمە ئىشلار بار خۇدايىم بىلىدۇ. يەھۇدى بىلەن ئىسلامنىڭ زىددىيتى ھازىرقى بىر مەزگىللىك مەنپەئەت تۇقۇنىشى ئەمەس،ئۇ ئوڭشىلىپ كەتسىلا تۈگەپ كەتمەيدۇ. ئىسلام دىنى، قۇرئانلا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدىكەن ئىسلام مۇخلىسلىرى ھەر ۋاقىت ئۇلارنى دۈشمەن ئورنىدا كۈرىدۇ. چۇنكى قۇرئاندا نامى تىلغا ئېلىنىپ مۇسۇلمانلارغا دۈشمەن دەپ ئىلان قىلىنغان بىردىن بىر مىللەت يەھۇدى، ئۇنىڭدىن باشقا خىرىسىيانلارمۇ بار، لېكىن قۇرئاندىكى بايان قىلىنىش شەكلى، تەلەپپۇز جەھەتتە يەھودىلارغا قاتتىق. خىرىستىيانلارغا ئۇنچە ئەمەس. شەرىئەتتە مۇسۇلمان ئايال خىرىستىيانغا تەگسە بولمىسىمۇ، لېكىن مۇسۇلمان ئەر خىرىستىيان ئايالنى ئەمرىگە ئالسا بۇلىدۇ دەيدىكەن. (راس شۇنداقمۇ قاراپ چىققايسىلەر ). شۇڭا يەھۇدىلارنىڭ شۇنچە چوڭ جاھاندىن ئۈزىنى دۈشمەن ھىساپلايدىغانلارنىڭ قاق ئوتتۇرىغا كىرىپ ئۇلارنىڭ زىمىنىنى ئېلىۋىلىپ دۈلەت قۇرۇشى ئۈتۈپ كەتكەن بىر مىللەتچىلىك ۋە ئېغىر سىياسى خاتالىق. بۇندىن كىيىن يەھۇدىلارنىڭ مەڭگۇلۈك بىردىن بىر چىقىش يولى ھەر ۋاقىت دۈلەت كۈچى، ھەربى كۈچى جەھەتتە ئەتراپىدىكى دۈلەتلەردىن ئۈستۇن تۇرۇش، باشقىلار باش كۈتۈرگەن ھامان زەربە بىرىش، ئۇلارنىڭ ئىتىپاقلىغىنى بۇزۇش.
ئۇنداقتا ئەرەپلەر نىمىشقا بىرلىشەلمەيدۇ، تۈركلەر نىمىشقا بىرلىشەلمەيدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۈلەتلىرى نىمىشقا بىرلىشەلمەيدۇ ، ياۋرۇپا قانداق بۇلۇپ بىرلىشىپ قالدى. بۇنى ئەرەپلەر، بولۇپمۇ ئەرەپلەرنى بىرلەشتۈرىمەن دەيدىغان مىللەتچى كۈچلەر ، دۈلەتلەر بەك تەتقىق قىلىشى كىرەك. دىنىمىز بىر، مىللىتىمىز بىر دەپلا بىرلەشكىلى بۇلىدىغان ئىش بۇلسا بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى بەك ئاسان بۇلۇپ كىتىتتى. قوشنا دۈلەتكە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ ئۇنى قىتىۋىلىپ بىرلەشكىلى بۇلسا سادام ئەرەپلەرنى بىرلەشتۈرۈپ بۇلسا بۇلىتتى. بىرلىشىش دىگەن گەپ ئەسلى تارىختا مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت ئويۇشۇش، ھەمكارلىشىش دىگەن گەپلا مەۋجۇت. يەنى چوڭ بىرلىشىشنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن ئاۋال ئويۇشۇش كۈچى بۇلۇشى كىرەك. بىر يادرۇلۇق كۈچ قالغان كۈچلەرنى ئۈز ئەتراپىغا تارتىپ تۇرالايدىغان بۇلۇشى كىرەك. مۇشۇنداق بىر يادرۇلۇق كۈچ ئوتتۇرىغا چىقماي تۇرۇپ بىرلىشىش مەڭگۇ مەۋجۇت بۇلمايدۇ.
بىر يادرۇلۇق كۈچ مەيدانغا كەلگەندە بىرلەشمەيمەن دىسىمۇ بىلىپ بىلمەي شۇ يادرۇلۇق كۈچنىڭ ئەتراپىغا ئۈزلۈكىدىن ئويۇشۇپ قالىدۇ. بۇ يادرۇلۇق كۈچ ئەتراپتىكى ھەر قايسى كۈچلەرنى ئۈز ئەتراپىغا تارتىپ تېخىمۇ چوڭ كۈچ بۇلىدۇ. ئۇلار ئارىسىدا مەلۇم ئىختىلاپلار بۇلسا مۇۋاپىق يۇسۇندا تەڭشەيدۇ، بەزىدە ئادىل بۇلمىسىمۇ لېكىن ئۇ كۈچلەر يەنىلا يادرۇلۇق كۈچنىڭ قارارىغا بويسۇنىدۇ. ئەرەپلەرنىڭ ھازىرقى ھالىتىدە دەل مۇشۇنداق يادرۇلۇق كۈچ كەم. شۇڭا ئۇلار بىرلىشەلمەيدۇ، ئويۇشالمايدۇ. مەيلى قانچىلىك سىياسى شۇئارلار بولسۇن، مەيلى قانچىلىك مىللەتچىلەر چىقىپ "ئەرەپلەر بىرلىشەيلى، غەرىپكە، يەھۇدىلارغا تەڭ قارشى تۇرايلى، دىنىمىز بىر، مىللىتىمىز بىر تۇرۇپ نىمشقا بىرلىشەلمەيمىز" دىسىمۇ بىكار. يادرۇلۇق كۈچ مەۋجۇت بۇلغا ھالەتتە بىرلىشىش ئاستا ئاستا ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئامرىكىدىكى 50 نەچچە شىتاتنىڭ بىرلىشىشى ئەنە شۇنداق باشلانغان. دەسلەپتە شەرىقتىكى يادرۇلۇق كۈچ پەيدا بۇلغان، كىيىن بۇلارنىڭ تەسىرى ئاستا ئاستا غەرىپكە كىڭىيىپ بارا بارا ئۈزلۈكىدىن نۇرغۇنلىغان شىتاتلار ئۈزلۈكىدىن قېتىلغان. تەرەققياتمۇ ئاستا ئاستا شەرىقتىن غەرىپكە قاراپ كىڭەيگەن، ھازىر غەربى قىرغاقتىكى تەرەققىيات ھەرگىز شەرىقتىن كەم ئەمەس. ياۋرۇپالىقلار ئەسلىدىن بىر مىللەت، بىر دىن ئەمەس. لېكىن ئۇلاردا بىرىنچىدىن بىرلىشىشنىڭ تۈپ شەرتى بۇلغان يادرۇلۇق كۈچ بار، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، گىرمانىيە ئۈچ دۈلەت يادرۇلۇق ھالەتتە باشقا دۈلەتلەرنى ئۈز ئەتراپىغا تارتىپ تۇرىدۇ. ئىككى قېتىملىق ئورۇشتىن كىيىن بۇلار ئۇرۇشنىڭ چىقىش يولى ئەمەسلىگىنى، ئورۇش ئارقىلىق ياخشى تۇرمۇشقا ئىرىشكىلى بۇلمايدىغانلىغىنى تۇنۇپ يەتتى.شۇڭا ياۋرۇپا ئىتىپاقى جىق دە -تالاش بولمايلا بىرلەشتى. پاسپورتنى كۈتۈرۈپ خوتەندىن قەشقەرگە بارغاندەكلا بېرىپ كىلىسىز. بۇرۇنمۇ ئۇلاردا يادرۇلۇق دۈلەت بۇلغان، لېكىن چوڭ جەھەتتە بىرلىشىش ئىدىيسى بۇلمىغان. پەقەت كۈچلۈك بولۇپ ئاجىزلارنى يۇتۇۋىلىپ بۇزەك قىلىش ئىدىيسى بۇلغان.تېخى يىقىندىلا دۇنيا تارىخىدىكى مەشھۇر 00 يىللىق ئورۇشنى باشتىن كەچۈرگەن، تېخى 40 يىل بۇرۇن بىر بىرىنىڭ دۈلىتىنى قانغا بۇياشقان يادرۇلۇق دۈلەتلەرنىڭ ئۈز ئارا بىرلىشىش ئىدىيسنىڭ مەيدانغا كىلىشى ئىنسانلار سىياسى ئىدىئولوگىيسىدىكى بىر چوڭ ئىلگىرلەش. ئەگەر سىياسى ئىدىئولۇگىيدە نوبىل مۇكاپاتى بار بۇلسا ياۋرۇپا ئىتىپاقى قۇرۇش ئىدىيسىنى ئوتتۇرغا قويغان ۋە بۇنىڭغا كۈچ چىقارغا سىياسىيونلارغا چوقۇم بىرىلگەن بۇلاتتى. ھازىر بۇ يادرۇ ئەتراپىدىكى دۈلەتلەرنىڭ ئۇخلىسىمۇ كۈرىدىغان چۈشى مۇشۇ يادرۇغا قېتىلىش. تۈركىيە بۇ چۈشنى كۈرۈۋاتقىلى ئوزۇن بۇلدى. لېكىن تېخىچە كىرەلمەۋاتىدۇ. ئەسلى تۈركىيە تۇركلەرنى بىرلەشتۈرۈشى كىرەك ئىدى. لېكىن ئۇنداق كۈچ ئۇلاردا بۇلالمىدى، شۇڭا ئۈزىنىڭ يادرۇلۇق دۈلەت بۇلالمايدىغىنىغا كۈزى يەتكەندىن كىيىن باشقا بىر يادرۇغا قاراپ كىتىپ بارىدۇ. بۇنى تۇسۇۋالغىلى بۇلمايدۇ، سەن دىگەن تۈرك، سەن دىگەن مۇسۇلمان دىگەنگە ئۇلار ئاڭلىمايدۇ. مانا بۇ بىرلىشىش ئۈچۈن يادرۇلۇق كۈچ بۇلۇشى كىرەكلىگى لازىم ئىكەنلىگىنىڭ كۈچلۇق دەلىلى. ئەگەر ئوتتۇرا شەرىقتە ياكى ئوتتۇرا ئاسىيادا مەيلى ئىسلامغا ئىشىنىدىغان ئەرەپلار بۇلامدۇ، ياكى بىر مىللەتتىن بۇلغان باشقا تۈرك دۈلەتلىرى بۇلامدۇ بىر يادرۇلۇق كۈچ بولغىنىدا تۈركىيە ھەرگىز ئۇ تەرەپكە كىتىپ قالمايتتى.
يەنە ئەسلى گەپكە قايتىپ كەلسەك، ناسىر ئەرەپلەرنى بىرلەشتۈرمەكچى ئىدى،ھەتتا 60-يىللىرى سۈرىيەمۇ مىسىرغا قېتىلىپ 3 يىل بىرلىشىپتىكەن، كىيىن ناسىر ئاھ ئۇرۇپ كىتىپ قالدى. سادام ئەرەپلەرنى بىرلەشتۈرمەكچى ئىدى، كۈۋەيتتىلا بۇرنىغا يىدى. ئەسلى مىسىر ئوتتۇرا شەرىقتىكى كۈچلۈك دۈلەت ھىساپلىناتتى، لېكىن بىر نەچچە قېتىملىق ئورۇشتا باش بولۇپ ئالدىغا چىقىپ ھەممىدىن جىق زىياننى ئۈزى تارتىپ كىيىن ماغدۇرى قالمىدى، ئىراق كىيىن كۈچلىنىپ قالغانتى، ئۈزىنى بەك نوچى ھىساپلىۋىتىپ ئاۋال ئىرانغا، كىيىن كۇۋەيىتكە بېسىپ كىرىپ، ئاۋال ئىسلام دۇنياسىنى، كىيىن ئەرەپلەرنى بىرلەشتۈرمەكچى بۇلدى. كىيىن ئامرىكىنىڭ چىشىغا تىگىپ قويۇپ ئاخىرى ئورىنىڭ ئىچىدىن ئامرىكىغا دوللىرى بىلەن تۇتۇلۇپ دارغا ئېسىلدى. ئەرەپ مىللەتچىلىرىنىڭ ئىچىدە سادامنىڭ ئاقىۋىتى ئەڭ ئېچىنىشلىق بۇلسا كىرەك. ئىراق ئەسلى كۈچلۈك دۈلەت ھىساپلىناتتى، ئىقتىسادىمۇ ياخشى كىتىۋاتقان ئىدى. يەنە قوڭىنى قىسىپ 20-30 يىل چىدىغان بۇلسا بەلكىم 2010-2020 يىللىرىغا كەلگەندە ئەرەپ ئىچىدىكى يادرۇلۇق دۈلەت بولۇپ قالاتتى. ئەرەپ دۈلەتلىرى بىرلىشىمەن دەيدىكەن، ئارىسىدىكى بىرەر دۆلەت سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ ئقتىساد جەھەتتىن يۈكسىلىپ يادرۇلۇق رولىنى ئوينالايدىغان ھالەتكە كەلگەندە ئاندىن ئاشىدۇ. ئەرەپلەر بىرلىشىشى ئۈچۈن ئۇلار قايسى دۈلەت ئاجىز، قانداق ھۇجۇم قىلسام بۇلار، ماۋۇ شەرتنامىدە قانداق قىلسام 10 چىمدىم يەرنى جىق ئالىمەن دەپ باش قاتۇرۇپ زىھنىنى ئىسراپ قىلماي ياپۇنىيەنىڭ مىيجى يىلىدىكى يىڭىلىققا كۈچۈشىنى، روسىيەدىكى چار پادىشاھ پىېتىرنىڭ ئىسلاھاتىنى تەتقىق قىلىپ شۇلاردىن ئۈلگە ئېلىشى كىرەك. ئىسلام دۇنياسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسىدە بىر يىڭىلىققا كۈچۈش ھەركىتى بۇلۇشى كىرەك. بىر دۈلەت باش كۈتۈرۈپ چىقىشى كىرەك. ھەممە دۈلەت ئاۋال ئۈزىنى تەرەققىياتقا قارىتىشى كىرەك.
نامرات، كىچىك دۈلەتنىڭ تەرەققىياتى، سىياسى تۇقۇنۇشىتىكى مەنپەئەتى چوڭ دۈلەتنىڭ ياردىمى، سىزىپ بىرىشى بىلەن بۇلىدۇ. بۇلار ئالدى بىلەن رادىكال مىللەتچىلىكتىن قۇتۇلۇشى، سىياسى ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كىرەك. دىنى، مىللى ھىسياتى سىىياسى، ئىقتىسادنىڭ ئۈسىتگە قويۇلغان سىياسەت يۈرگۇزگەن كىچىك، نامرات دۈلەت تەرەققى قىلالمايدۇ، تارىختا بىر مەزگىل كۈچلەنگەن ۋاختىنى بەك تولا ئەسلەپ مىللى ھىسياتقا كۈچىمەي، چوڭ، تەرەققى قىلغان دۈلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ ئۇلاردىن ئالىدىغان پايدىنى ئېلىشى كىرەك. مىللى ئۈچمەنلىك يالغۇز ئەرەپلەرگىلا خاس نەرسە ئەمەس. فىرانسىيە بىلەن گىرمانىيە، ئەنگىلىيە ئۈچى تارىختىن بۇيان سوقۇشۇپ كەلگەن. بىر بىرىگە بولغان ئاداۋىتى يەتكۈچە بار ئىدى. سىياسى، ئىقتىسادى مەنپەئەت ئالدىغا كەلگەندە ئۇلار ئۈچمەنلىكىنى، ئاداۋىتىنى ئۇنتۇدى. 2- دۇنيا ئورۇشىدا ئامرىكىلىقلاردىن ئۈلگۈدەك دەككىسىنى يىگەن ياپۇنىيەلىكلەر 10 يىل ئۆتمەيلا ئامرىكىغا جىندەك چاپلاشتى، كۆرىيەمۇ ئامرىكىغا باشقۇرلۇشىغا ئۈتۈپلا ئۇچقانداق تەرەققى قىلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ قوشنىسى بۇلغان جۇڭگۇ كاپىتالىزىم دەپ ئامرىكىنى تىللاپ يۈرۈپ تاكى دىڭشىياۋپىڭغا كەلگۈچە ئامرىكىنى ئۇچرىغان يەردە تىللاپ يۈردى. 80-يىللاردا جۇڭگۇنىڭ تۇرمۇش سەۋىيسى ياپۇنىيەنىڭ 10 دىن بىرىگە يەتمەيتتى. كۈچلۈك مىللەتچىلىك، ئەسەبىيلىك، ئىتىقادنى، دىننى، قايسىدۇر بىر ئىزىمنى سىياسى، ئىقتىسادى مەنپەئەتنىڭ ئۈستىگە قويۇش تەرەققىياتقا پايدىلىق ھىساپلانسا ماۋزىدوڭ دەۋرىدە جۇڭگۇ ياپۇندىن ئېشىپ كەتسە ياكى تەڭ تۇرسا بۇلاتتى. ئەسلى ياپۇنىيەنىڭ ئامرىكىغا بولغان ئۈچمەنلىكى بولسا، جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئۆچمەنلىكى بۇلمىسا بۇلاتتى، چۇنكى ئامرىكا جۇڭگۇغا ئاتۇم بۇمبىسى تاشلاپ باقمىدى، تېخى ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش داۋامىدا جۇڭگۇغا كۈپ ياردەم قىلدى. لېكىن ياپۇن ئۇزۇن ئۈتمەيلا بۇ ئۈچمەنلىكنى ئۇنتۇپ ئامرىكا بىلەن سىتراگىيلىك ھەمكارلىق تۈزدى. جۇڭگۇ بۇلسا ئامرىكىغا قارشى ئورۇش قىلدى. نەدە ئورۇش بۇلسا شۇ يەردە ماراپ يۈردى. نەدە غەرىپكە، ئامرىكىغا قارشى دۈلەت بۇلسا ئىزدەپ بېرىپ ئىتىپاق تۈزدى. شۇ ۋاقىتتا جۇڭگۇ ھازىرقى ئىران، كۇبا، چاۋشىيەن دىگەندەك دۈلەتلەر بىلەن بىر قاتاردا رەزىللىك مەركىزىدىكى دۈلەت ھىساپلىناتتى. تاكى جۇڭگۇ غەرىپ بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىمىغۇچە جۇڭگۇدا يۈكسىلىش خاراكتىرلىق تەرەققىيات بۇلمىدى. ھىندىستانمۇ مۇستەقىل بۇلۇپ ئەنگىلىيەگە، ئامرىكىغا، غەرىپكە قارشى مۇقام توۋلاپ تاكى 80-يىللارنىڭ ئاخىرغىچە تىركەشتى. جۇڭگۇ بىلەن ئىككى قېتىم سۇقۇشۇپ يىڭىلدى. مىللەتچىلىك ئىدىيسى كۈچلۈك ئورۇندا بۇلۇپ كەلدى. كىيىن سىياسىتىنى ئوڭشاپ،ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ئەمدىلەتىن تەرەققى قىلىۋاتىدۇ.
شۇڭا تەرەققى قىلىش ئۈچۈن، كۈزلىگەن مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن دۈلەتلەر ، مىللەتلەر ئاۋال ئۈزىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ئۇنى تەرەققىيات ئاساسى قىلىش كىرەك. ئاندىن كۈچلۈك دۈلەت بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش كىرەك. ئۈزىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ،مەنپەئەتىنى شۇلارغا يانداشتۇرۇش كىرەك. ئۈزىنىڭ تەقدىرىنىڭ شۇلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ قالدىغانلىغىنى ئويلىشىى كىرەك. ئۇلار بىلەن قارشى ئورۇنغا تۇرۇپ قىلىشتىن ئىھتىيات قىلىشى كىرەك. بۇنىڭغا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋېمىز ياخشى مىسال بۇلالايدۇ. غېنى باتۇرلار ھەر قانچە باتۇر بۇلسىمۇ گۇمىنداڭ بىلەن تەڭ تۇرالمايتتى. روسىيەنىڭ ياردىمىدە ئۇيغۇرلار يىقىنقى 400 يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك بۇلغان مىللى ئارمىيسىنى قۇرالىدى ) لېكىن ئاران كۆپ بولغاندا 40-50 مىڭ ئادەم ( . خوجىنيازغا روسىيە 40 قويغا بىر مىلتىق سېتىپ بەرگەنىدى. مىيجى يىلىدىكى يىڭىلىققا كۈچۈش مەزگىلىدە ياپۇنىيە فىرانسىيەدىن 4 قېتىمغا بۈلۈپ مۇتەخەسس ئەكىلىپتىكەن.. يىقىندا بىر ماتىرىيال كۈرۈپ قالدىم. ئىراننى سەكرەتكەن يادرۇ ئىنىرگىيسى مۇتەخەسسىلىرىنىڭ ھەممىىسىى پەھلىۋى خانلىغى دەۋرىدە ھۈكۈمەت ئۇلارنى MIT غا يادرۇ ئىنژىنىرلىغى ئۈگىنىش ئۈچۈن ئەۋەتىپتىكەن. MIT تارىخىدا تۇنجى بۇلۇپ ھەممىس بىر دۈلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان سىنىپ شۇ ۋاقىتتا ئېچىلىپتىكەن. ھەتتا ئىراندا ھۈكۈمەت ئالماشقاندا ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى بىز دىگەن ئىنژىنىر بۇلغاندىكىن ھۈكۈمەت قارشى ئالىدۇ دەپ ئىرانغا قايتسا ھۈكۈمەت ئۇلارنى تۇرمىغا سۇلاپتىكەن، كىيىن لازىم بۇلغاندا ئۇلارنى ئاچىقىپ ئىشلىتىپتۇ، ئوقۇغۇچى تەربىيلەپتۇ. ھازىرقى ئىراننىڭ يادرو قورلۇشىغا مەسئۇل باش ئىنژىنىرمۇ شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئىران ئامرىكىغا دۈشمەن ھىساپلىنىپ قالمىغان بۇلسا ئىران بەلكىم ھىندىستاندىن بۇرۇن يادرۇ قورالىغا ئىگە بۇلۇپ بۇلاتتى. ئىران ئامرىكا بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى مەزگىلدە ئۇلارنىڭ دىنى ئىتىقادى ئۈزگىرىپ كەتمىگەن، يەنىلا كۈچلۈك مۇسۇلمان ئىدى. جۇڭگۇنىڭ يادرۇ بومبىسى ياسىغان مۇتەخەسسىلىرىمۇ گومىنداڭ مەزگىلىدە ئامرىكىغا كىلىپ تەربىيەدە بولغان ياشلار ئىدى. ھازىرمۇ جۇڭگۇنىڭ تەرەققىياتىدا ئامرىكا، ياپۇنىيە، غەرىپتە تەلىم ئالغان مۇتەخەسسىلەر بەك مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھەتتا جۇڭگۇ مۇتەخەسس، پروفىسسورلارنى ھەر بەش يىلدا بىر ئامرىكىغا، غەرىپكە بېرىپ ئۈگىنىش كىلىپ پىلانىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ.
مۇسۇلمانلار ئوتتۇرا شەرىقتە سادام، كازافى، ھۇمەينىدەك دىنى، سىياسى تەلۋە كۈچلەرنىڭ چىقىپ ئۈزىنى بىرلەشتۈرۈشىنى ئەمەس، بەلكىم ساداتتەك ئەمىلىيەتچىل رەھبەرلەرنىڭ، دىڭ شىياۋپىڭدەك سىياسىيونلارنىڭ چىقىشىنى ئاللادىن تىلىشى كىرەك. ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى، ئۈز ئارا ھەمكارلاشقاندا قۇربان بىرىشكە تىگىشلىك نەرسىنى قۇربان بىرىشنى ئۈگىنىشى كىرەك. مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇرۇشى كىرەك. سانائىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشى كىرەك. تۈركۈم تۈركۈملەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەرەققى قىلغان دۈلەتلەرگە ئەۋەتىشى، ئۇ دۈلەتلەردىن تۈر-تۈركەملەپ مۇتەخەسسىلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىشى كىرەك. سىياسى تۈزۈلمىسىنى ئۈزگەرتىشى، نىفىتقا تايىنىشتىن پەن تېخنىكىغا،مائارىپقا تايىنىشقا ئۈزگىرىشى كىرەك. شۇلارغا يىتىش ئۈچۈن ئۈچ ئاداۋەت ساقلىماسلىغى كىرەك. ئامرىكا، غەرىپنىڭ ئوتتۇرا شەرىقتە مەۋجۇت بۇلۇشىنى ئۈزىگە دۈشمەن ھىساپلىماي، ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ھەربى بىلەن تەڭ مۇتەخەسسىس ئۈمىگى ئەكىلىشنىمۇ ئويلاشسا بۇلىدۇ، ياپۇندىمۇ، كۈرىيەدىمۇ، تەيۋەندىمۇ ئامرىكا قوشۇنلىرى بار. لېكىن بۇلار بۇنى بېسىم ھىس قىلىۋالماي بۇ ھەمكارلىقنى تېخنىكا، مائارىپ ھەمكارلىقىغا ئۈزگەرتەلىدى. ئوتتۇرا شەرىق دۈلەتلىرىمۇ بۇنىڭدىن ئۈگىنىشى كىرەك.
تۈگىدى.历史上的今天:
مةن تۇنۇيدصغان ئۇيغۇر دوكتۇرلصرص(2) 2007-03-13مةن تۇنۇيدصغان ئۇيغۇر دوكتۇرلصرص(1) 2007-03-13بصز توردا نصمة قصلالايمصز(1) 2007-03-13
收藏到:Del.icio.us
评论
ئەجدادلىرىمىز موڭغۇل ئىگىزلىكىدىن كۆچۈپ كەپتكەنمۇ؟ ئەسلى تارىم ۋادىسىدىن تارتىپ موڭغۇل ئىگىلىكىگىچە ياشىغان ئەمەسمۇ ،