-
«لەگلەك ئۇچۇرغۇچى »نى كۈردۈم - [Movie ياخشى كىنو]
2008-02-02
لەگلەك ئۇچۇرغۇچى بالا دىگەن بۇكىنونىڭ داۋرىڭى بۇلۇۋاتقىلى خېلى بۇلغان ئىدى، بۇ كىنونىڭ بىزدە كۆپراق داۋرىڭى بولۇشىدىكى سەۋەپ بۇكىنونىڭ بەك بىر ياخشى كىنو بولۇپ كەتكەنلىگى ئەمەس بەلكى بۇ كىنونىڭ قەشقەردە ئىشلەنگەنلىگى ئىدى. شۇڭا مەنمۇ مۇشۇنداق بىر كىنو ئىشلىنىدىكەن دىگەن ۋاقىتتىن تارتىپ بۇ كنو توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلدىم. كىنومۇ ئىككى ئايلار بۇرۇن ئامرىكىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە قويۇلدى، لېكىن مەن بار قىشلاققا ئەكەلمىگەچكە كۈرەلمىگەن ئىدىم. بۈگۈن كەچتە قارىسام بۇ كىنونى كىنوخانىدا قويۇلىدۇ دەپ ئىلان بىرىپتۇ، مەنمۇ دەرھال ياتاقدىشىمنى ئېلىپ، يەنە ئىككى ئۈچەيلەنگە تىز كىلىڭلار كىنو كۈرىمىز دەپ جامائەت يىغىپ، قارلىق كىچىنى ساياھەت قىلغاچ پىيادە بېرىپ كۈرۈپ كەلدۇق. بۇندىن بىر ئاي بۇرۇن مۇشۇ نامدىكى ئەسلى روماننمىمۇ سېتىۋالغان ئىدىم، لېكىن ئوقۇشقا ۋاقىت يوق تاشلاپ قويغان. كىنونىغۇ ھوللوۋىدنىڭ كىنولىرىغا سېلىشتۇرغاندا بەك ياخشى كىنو دەپ كەتكىلى بۇلمايدىكەن. ھەم ئامرىكىلىقلارمۇ شۇنداق باھا بىرىپتۇ. لېكىن بۇ كىنو نىمىشقىكىن قەشقەردە سۈرەتكە ئېلىنغان بۇلغاچقا، نۇرغۇنلىغان نەرسىلەر بىز بىلەن ئوخشاش بۇلغاچقا مەن ھوزۇرلىنىپ كۈرۈپتىمەن. قەشقەر كوچىلىرى چىقىشى بىلەن خىيالىم ۋەتەنگە ئۇچۇپ كەتتى. كوچىلار، بازارلار، ئادەملەر، ئادەملەرنىڭ ئىسىملىرى، كىنودىكى باش قەھرىمان بۇلغان ئىككى كىچىك بالا بالىلىقىمنى ئەسلەتتى. ئەمىرجان، رەھىم خان، سۈرەييا، ھەسەن، ئەلى دىگەندەك ئىسىملار خۇددى ئۇيغۇرلارنى دەۋاتقاندەك بىلىندى، ئاففانلارنىڭ تىلى بىلەنمۇ بەزى ئوخشاشلىقىمىز باركەن، مەسىلەن" تەشەككۇر" ، " سالام" دىگەندەك، جىق يەنە ئوخشاش گەپلىرىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. كوچىلار، بازارلار خوتەننىڭ چوڭ بازار، ئالتۇن كوچىسى، مۇنچا كوچىسى دىگەندەك كىچىكىمدە تولا بارىدىغان كوچىلارنى، قارىقاشنىڭ قايسى بىر يېزىلىرىنى، خوتەننىڭ قايسى بىر دالالىرىنى ئەسلەتتى. بولۇپمۇ ئىككى كىچىك بالىنىڭ كىچىك ۋاختىدىكى دوستلۇقى ۋە بىللە ئوينىشى مىنىڭمۇ قارىقاشنىڭ يېزىلىرىدىكى كىچىك ۋاختىمنى ئەسلەتتى. خۇددى بەزى يەرلىرىنى مىنى سۈزلەۋاتقاندەك ھىس قىلدىم، كىنودىكى ئەلىجانمۇ كىيىن ئامرىكىغا كەپتۇ، مەنمۇ ئامرىكىغا كەپتىمەن. ئۇنىڭمۇ يېزىدا دوستلىرى بوپتىكەن، مىنىڭمۇ شۇنداق دوستلىرىم بۇلغان. ئىشقىلىپ كىنونى كۈرگەن ھەممەيلەن كىنودىن چىقىپ دىيىشىۋالغاندەكلا بالىلىق چاغلىرىمىزنى ئەسلەشكەنلىكىمىزنى دىيىشتۇق. بىر نەچچە سائەت بالىلىقىىمىزنى ئەسلەشتۇق. بولۇپمۇ كىنۇدىكى كىچىك بالىلار ئىشلەتكەن سوزماق بىز كىچىك ۋاختىمىزدا ئوينىغان سوزماق بىلەن ئوخشاش ئىكەن. بۇ كىنونى ۋەتەندە كۈرگەنلەر قانداق ھىسياتتا بولدى بىلمىدىم، لېكىن ئىشقىلىپ ماڭا خېلى تەسىر قىلدى كىنونىڭ يازغۇچىس خالىد ھۈسەيىنمۇ بىزلەر بىلەن ئوخشاش ئارقا كۈرۇنۇشكە ئىگە ئىكەن، يورتىدىن ئايرىلىپ سەرگەردان بولۇپ نەچچە يىل ئۇ دۈلەت بۇ دۈلەتتە يۈرۈپ ئامرىكىغا كىلىپ ماكانلىشىپتۇ، مۇشۇ يەردە ئۇنۋېرسىتىت پۈتتۈرۈپ ھازىر چىش دوختۇرى بۇلۇپ ئىشلەۋېتىپتۇ، بۇ روماننى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتتا يېزىپ چىققان ئىكەن. ئامرىكىغا سەرگەردان بولۇپ كەلگەن بىرىنچى ئەۋلاد كۈچمەنلەر ئىچىدە ياۋرۇپادىكى ئىنگىلىز تىلى ئاساسى بار دۈلەتتىن كەلمىگەن بۇلسا ئىنگىلىز تىلىدا بۇنداق ياخشى سەۋىيەنى يىتىلدۈرەلىشى، ئامرىكا ئاساسى ئېقىمىغا كىرىپ مۇنداق چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشى بەك تەس. ئېشقىلىپ ئۇ ماڭا بىر خىل ئۈمىت بېغىشلىدى. توردىن ئاختۇرۇپ باقسام كىنونىڭ كۈچۈرۈلمە نوسخسى جۇڭگۇنىڭ ھەممە يىرىگە بېرىپ بولغان ئوخشايدۇ، كىتاپمۇ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلىپ بوپتۇ، قىززىقىدىغانلار كۈرۈپ قويۇڭلار. ك كىتاپ ئادىرسى: http://book.sina.com.cn/nzt/lit/zhuifengzhengderen/ كىنونىڭ ئىسمى: 追风筝的人 ئادىرىس: http://www.mtime.com/movie/67394/
收藏到:Del.icio.us
<< ئامرىكا پرېزىدېنت سايلىمى قىززىپ كەتتى American President Election Is Hot | باش بەت | ﺩﯛﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﻳﯘﺷﯘﺷﻰ >>
评论
Undin keyin yazghan patmas ming quyash dep terjime qilinghan "Thousand Splendid Suns"digenni oqudingizmikin Khalid Husseyinning yengi kitapini,shuni tewsiye qilimen,bir oqup beqing, ademni ichidin tugeshturiwetidighan azapliq hikaye.....