• ئامرىكا غايىسى American Dream - [America ئامرىكا]

    2008-03-18

     

    ئامرىكا غايىسى American Dream توغرىسىدا كىرىش سۆز مەن بۇ توغرۇلۇق بىر نەرسە يېزىشنى ئويلاپ كەلگىلى خېلى ئۇزۇن بولدى،ئىنگىلىز تىلى ئۈگىنىپ باققانلارنىڭ كۆپ قىسمى كىنو ياكى تىكسىتلەردە ئازدۇر كۆپتۇر بۇ ئامرىكا قۇرۇقلۇقىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدىغان ئاتالغۇنى ئۇچرىتىپ باققانغۇ دەيمەن.بۇ قېتىم مىنىڭ يازماقچى بولغىنىم ئامرىكىلىقلارنىڭ ئىدىلوگىيىسى ۋە ئامرىكا ئىدىلوگىيىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولغان ئامرىكا غايىسىAmerican Dream نى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش.بۇ خىل ئىدىلوگىيە ئامرىكىنىڭ سىياسى ،ئىقتىسادى تۈزۈلمىلىرىنىڭ ھەممە قىسمىغا سىڭىپ كەتكەن.بۇ بىزنىڭ ئامرىكىنى تېخىمۇ ياخىشى چۈشىنىشىمىزگە چوڭ ياردىمى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققى قىلغان دۆلەت ئامرىكىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلىرىنىڭ ياشاش ئىدولوگىيىسى بولغان ئامرىكا غايىسى بىلەن تونۇشقىنىمغا تۆت-بەش يىل بولۇپ قاپتۇ.ئالى مەكتەپنىڭ بىرىنجى يىلى مەن كىرىپ قالغان ئىنگىلىزتىلى يۇقىرى دەرىجىلىك سىنىپقا ئالى مەكتەپ ئىنگىلىز تىلى دىگەن دەرسلىكلەر ئۆتۈلمەيتى،ئوقۇتقۇچىمىز ئۆزى ھەرخىل ماتىرىياللارنى تېپىپ كۆپەيتىپ تارقىتىپ سىنىپتا ئىنگلىز تىلىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باراتتۇق.بىر قېتىم ئوقۇتقۇچىمىز ئامرىكا غايىسى توغرىسىدا مەخسۇس ئىككى سائەت تونۇشتۇرۇش ئېلىپ باردى. بۇ مىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ ئاتالغۇنى ئاڭلىغىنىم، بولدى.بىراق ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمەپتىمەن.ئوقۇتقۇچىنىڭ شۇنداق بىر ئاتالغۇنى تونۇشتۇرغىنى ھەم مۇئەللىمنىڭ بۇنى ئامرىكا مەدىنيىتىنى چۈشىنىشتە بەك موھىم دىگەن سۆزى يادىمدا قاپتۇ.ئالى مەكتەپنىڭ بىرىنجى يىلىدىن ئۈچىنجى يىلىغىچە ھەرخىل ئىدىيە توقۇنۇشلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ ئالى مەكتەپنىڭ ئۈچىنجى يىلىغا كەلگەندە مەندە ئۆزۈمنىڭ مۇكەممەل بولغان ياشاش ئىدولۇگيىىسى شەكىللەندى. يېقىندا تاساددىپى پۇرسەتتە ئامرىكا غايىسى توغرىسىدا تەپسىلى تونۇشۇپ قالدىم،ئامرىكىلىقلار ۋە ئامرىكا مەدىنيىتىگە بولغان چۈشەنچەم باشقىچە يېڭىلاندى.بۈگۈن بۇ توغرۇلۇق تەپسىلى تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بىرىشنى نىيەت قىلىپ قالدىم.گەرچە ئۆزۈم ئامرىكا غايىسىنى قوللاش تەرەپدارى بولساممۇ،ئىلمىلىكنى نەزەردە تۇتۇپ ماقالىنى ئامال بار ئوتتۇرۇھال مەيداندا تۇرۇپ يېزىشقا تىرىشتىم.توغرىراق قىلىپ ئېيتسام شۇنداق ماتىرىياللارنى تېپىپ ئىنگلىسچىدىن رەتلەپ تەرجىمە قىلىپ چىقتىم دىسەم توغرا بولىدۇ. ئامرىكا غايىسىنىڭ ئېنىقلىمىسى توغرىسىدا ھازىرمۇ تالاش تارتىش مەۋجۇت.ئومومەن قىلىپ ئېيتقاندا ئامرىكا غايىسىنىڭ ئىنىقلىمىسى تۆۋەندىكىدەك": ئامرىكىدا ، بارلىق پۇقرالارنىڭ ئۆز ئۆمرىدە قاتتىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق ئۆز ئارزۇ-نىشانىغا يىتىش ئەركىنلىكى بار." گەرچە بۇ ئاتالغۇنىڭ ئېنىقلىمىسى تارىختىن بۇيان ئۆزگىرىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ بۈگۈنكى كۈندە يەنە" ئامرىكىدىكى بىر ئادەمنىڭ مۇۋاپپىقيىتى ئۇنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى ۋە ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ،ئۇنىڭ كىلىپ چىقىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز" دىگەن ئىدىيەنى كۆرسىتىدۇ.بەزىلەر ئۈچۈن بۇ ئۆز دۆلىتىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەس بولغان مۇۋاپپىقيەتنى قولغا كەلتۈرشتىكى پۇرسەت بولسا، بەزىلەر ئۈچۈن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ياخشى مائارىپ تەربىيىسىنى قۇبۇل قىلىش،ياخشى خىزمەتكە ئىرىشىشىدىكى پۇرسەت،يەنە بەزىلەر ئۈچۈن بولسا سىنىپ،سالاھىيەت،ئىرىق،مىللەتنىڭ توسىقى بولمىغان بىر جەمئىيەتتە ئۆز ئالاھىدىلىكى بىلەن ياششىدىكى پۇرسەت. جەمئىيەتشۇناسلار ئيتقان ئامرىكا غايىسى ئىتقادى،چۈشەنچىسى،ھەركەت شەكلى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ لوگىكىلىقى نوقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بىرىنجى،شەخسنىڭ ئۆز ھايات شەكلىنى تاللاشتىكى ئەركىنلىك،ئىككىنجى،ئىقتىسادى مەنپەئەتكە ئېرىشىشتىكى باراۋەرلىك،ئۈچىنجى،ئوبىكتىپ ئومومى نەرسىلەرنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەت تەرىپىدىن ئورتاق پايدىلىنىشنى قوغلىشىش. گەرچە ئامرىكا غايىسى بۇرۇن ئاساسەن ئامرىكىدىكى كۆچمەنلەر بىلەن باغلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ،بۈگۈنكى كۈندە ئامرىكىدا تۇغۇلغان يەرلىك ئامرىكىلقلارمۇ بۇ ئاتالغۇنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلەتمەكتە. تارىخى ئارقا كۆرىنىشى ئامرىكىغا كەلگەن كۆپ قىسىم كۆچمەنلەرنىڭ ئامرىكىغا كىلىپ بىرىنجى بولۇپ كۆرىدىغىنى ئەركىنلىك ئىلاھى ھەيكىلى،ئۇ شەخسى ئەركىنلىك ۋە ئازاتلىقىنىڭ سىمۋولى شۇنداقلا ئامرىكا غايىسىنىڭمۇ سىمۋولى. ئامرىكا غايىسىنىڭ تۇنجى ئېنىقلىمىسى James Truslow Adams نىڭ 'ئامرىكا تارىخى' The Epic of America 1931 دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. " ئەگەر مەن ئېيتسام ،مەن خاتىرىلىگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىز ئەسلىدىن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار،ئامرىكا ئىنسانلار ئۈچۈن ئامرىكا غايىسىدىن باشقا كۆزگە كۆرۈنەرلىك،ئالاھىدە موھىم تۆھپە قوشقىنى يوق. بۇ غايە بىلەن تولغان تۇپراقتا ھەر بىر ئادەم ئۆز ئالاھىدىلىك ۋە ئىقتىدارىغا تايىنىپ باياشات،ياخشى،مەزمۇنلۇق ياشايدۇ." 404-بەت. ئامرىكا غايىسىنىڭ تارىخىنى16-ئەسىرگە بېرىپ سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ.چۈنكى 16-،17-ئەسىرلەردە ئەنگىلىيىلىك ئاچقۇچىلار پۇقرالارنى مۇستەملىكە رايۇنىغا كۆچۈشكە دەۋەت قىلغاندا مۇستەملىكە رايۇنى توغرىسىدا ھەرخىل ۋەدىلەرنى بىرىشكەن: ئامرىكا بايلىق بىلەن تولغان،ئامرىكا پۇرسەت بىلەن تولغان،ئامرىكا ئىسىل تەقدىر بىلەن تولغان دىگەندەك. "ئامرىكا بايلىق بىلەن تولغان" دىيىش 18-،19-ئەسىردە تېخىمۇ ئەۋج ئالغان.مۇشۇ "ۋەدىلەر" كىيىنچە ئامرىكا غايىسىنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى شەكىللەندۈردى. دەسلەپكى كۆچمەنلەر دەسلەپكى كۆچمەنلەرنىڭ كەلگىنى بولسا ئادىمى شالاڭ،تەرەققى قىلمىغان بىر قۇرۇقلۇقتۇر.تاكى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە كۆپ مىقداردىكى بوز يەر ،يەر ئىگەللىگەن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كەم بولىشى ۋە دۆلەتنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە كۆچمەنلەر ئامرىكىدا يەرگە ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشكەن. مول زىمىن بايلىقى يەنە تۆمۈر يول ماگناتلىرى ۋە بىر قىسىم چوڭ بايلارنى يىتىشتۈرگەن. 19-ئەسىردە ،چوڭ قۇرۇقلۇقنى كىسىپ ئۆتىدىغان تۆمۈر يولنىڭ قۇرۇلۇشى غەربنى سودا ۋە ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن ئېچىشقا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.كۆپ مىقداردىكى سانائەتلىشىش مەھسۇلاتلىرى ۋە كۆپ مىقداردىكى نىفىتنىڭ بايقىلىشى ئىشچىلار ۋە سودا_سانائەتچىلەرنىڭ بىيىش پۇرسىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى،شۇنداقلا ئامرىكلىقلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈردى.19-ئەسىردىكى تۇيۇقسىز بىيىغان بايلارنىڭ ھىكايىلىرى مەسىلەن،Andrew Carnegie ، John D. Rockefeller ،شۇنداقلا داڭلىق ھىكايە يازغۇچىسى Horatio Alger قاتارلىقلار كىشىلەرنىڭ تالانت ۋە تىرىشچانلىق بىلەن باي بولغىلى بولىدۇ دىگەن ئىتقادىنى كۈچەيتىۋەتتى. ئىرلاندىيىدىكى "ياڭيۇ قەھەتچىلىكى"،شوتلاندىيىدىكى " ئىگىزلىك تازىلاش" ۋە ناپالىئون ئۇرۇشىدىن كىيىنكى نامرات غەربى ياۋرۇپالىقلار تۈركۈملەپ ئامرىكىغا كۆچمەن بولۇشتى.19-ئەسىرنىىڭ ئوتتۇرىلرىدىكى شىمالى ياۋرۇپالىق ۋە گىرمان كۆچمەنلىرى ئامرىكىنىڭ ئوتتۇرا غەربىدە دىھقانچىلىق قىلىشتى.19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا جەنۇبى ۋە شەرقى ياۋرۇپالىق كۆچمەنلەر كۆپلەپ ئامرىكىنىڭ يېڭى سانائىتنىڭ ئىشچىلىرى بولۇشتى. يەھۇدىلار بەزىلىرى دىنى زىياكەشلىكتىن قېچىپ كەلسە بەزىلىرى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى چارروسسيەنىڭ مەجبۇرى ئەسكەرلىككە تۇتۇشىدىن قېچىپ كىلىشتى.بۈگۈنكى كۈندە جەنۇبى ئاسىيالىق ،لاتىن ئامرىكىلىق ۋە سەبىق سوۋىت ئىتپاقىلىق كۆچمەنلەر ئامرىكىغا ئۆزلىرىنىڭ ئامرىكا غايىسىنى ئىزدەپ كۆچمەن بولۇشۇپ كىلىشمەكتە. پۇرسەت بىلەن تولغان قۇرۇقلۇق ئامرىكا غايىسىنى ئىپادىلەشتىكى " ئامرىكا پۇرسەت بىلەن تولغان دۆلەت"دىگەن سۆز نۇرغۇن نۇرغۇن يازغۇچى-مەشھۇر شەخسلەر تەرىپىدىن قوللىنىلغان.مەسىلەن، William Bradford, Walt Whitman, Crevecour, Thomas Jefferson ، Benjamin Franklin قاتارلىق ئىسمى جاراڭلىق كىشىلەر. .ئامرىكا پۇرسەت بىلەن تولغان قۇرۇقلۇق دىگەن مەزمۇن ئككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىنG.I. Bill تەرىپىدىن تازا كۆپتۈرۈلگەن. G.I. Bill دىگىنىمىز دۆلەت تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك جەمئىيەت پاراۋانلىق پروگىراممىسى.بۇ پروگىرامما كونا ئەسكەرلەرنىڭ ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇش چىقىمىنى تۆلەيدۇ ھەم ئۇلارنىڭ قەرز ئېلىشىغا كىپىللىك قىلىدۇ.بۇنىڭ نەتىجىسى بولسا ئوتتۇراھال سىنىپنىڭ زور دەرىجىدە كۆپىيىشى. گەرچە ئامرىكا ئامرىكىدىكى بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن "پۇرسەت بىلەن تولغان تۇپراق" بولسىمۇ ،ئەمما ئەھۋال داۋاملىق ئۇنداق بولمايدۇ.نىگىرلار تاكى 1870-يىلى ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزگۈچە سايلام ھوقوقى بولمىغان،ئاياللار تاكى 1920-يىلى ئاندىن سايلام ھوقوقىغا ئىرىشكەن.19-ئەسىرىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى WASP (White Anglo-Saxon Protestant) ئاق ئانگلو ساكسون يېڭى خىرىسىيان دىنى مۇرىتلىرى خىزمەت تېپىشتا چەكلىمىگە ئۇچرىغان.1960-،1970-يىللاردىكى ئاياللار باراۋەرلىك ھەركىتىنىڭ دولقۇنى ئۇزۇن داۋاملاشقان ئاياللارنى ئىقتىساددىكى باراۋەرلىكىنى چەكلەيدىغان قانۇن بەلگىلىمىلەرنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان. ئېرق ۋە ئامرىكا غايىسى ئامرىكا ئۆز ئختىيارلىقى بىلەن ياكى مەجبۇرى كۆچۈرۈلۈپ كىلىنگەن كۆچمەنلەر بىلەن بىر كۆپ ئېرقلىق ،كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلىكە ئايلاندى.نۇرغۇنلىغان كۆچمەنلەر ئامرىكىغا ئۆز ئامرىكا غايىسىنى ئىزدەپ كلىشىدۇ.ئامرىكىنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسىدە " ھەر بىر ئامرىكىلىقنىڭ ھاياتلىق ئەركىنلىكى ۋە بەختىنى قوغلىشىش ھوقوقى بولىدۇ". دەپ بەلگىلەنگەن.بۇ خىل ھوقوق ۋە ئەركىنلىك ئادەتتە بەزى كۆچمەنلەرنىڭ دۆلىتىدە چەكلەنگەن بولىدۇ.ئەمما ھەر قانچە ئامرىكىغا قەدەم قويغان تەقدىردىمۇ ئامرىكا غايىسى ئۇنداق ئاسان ئەمەلگە ئاشمايدۇ. تۆۋەندىكى نامەلۇم ئىتالىيىلىك كۆچمەننىڭ بايانىغا قاراڭ. " مەن ئامرىكىغا كەلگۈچە ئامرىكىنىڭ كوچىلىرىنى ئالتۇن بىلەن تۈزلەنگەن دەپ ئويلىغان،مەن بۇ يەرگە كىلىپ ئۈچ ئىشنى بىلىۋالدىم.بىرىنجى،كوچىلار ئالتۇن بىلەن تۈزلەنمىگەن،ئىككىنجى،كوچىلار ھەتتا تۈزلەنمىگەنكەن.،ئۈچىنجى،مەن ئۇنى تۈزلىمەكچى." بۈگۈنكى ئامرىكىدا،نۇرغۇن مىللەت ۋە ئتنىك گورۇپپىلار نىسپى مۇۋاپپىقيەتكە ئىرىشىش ئۈچۈن توختىماستىن ئامرىكا غايىسى ئىدولوگىيىسىنى قوللىنىدۇ.ھەر بىر ئادەمنىڭ چۈشەنچىسىدىكى ئامرىكا غايىسى ئادەمگە قاراپ ئوخشىمايدۇ.ئەمما ھەرقايسى ئېرقلار ئارىسىدىكى سىتاستىكىلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى ،بىر ئادەمنىڭ ئېرق مىللىتى ئۇلارنىڭ ئامرىكا غايىسى ۋە قانداق قىلىپ ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. Josh Sidesنىڭ بايانى بويىچە بولغاندا ئافرىقا-ئامرىكىلقلار نىڭ ئامرىكا غايىسى بولسا نامرات نىگىرلار رايۇنىدىن قېچىپ چىقىش.ئۇلار زوراۋانلىق ۋە جىنايەت بىلەن تولغان رايۇندىن تىنچ شەھەر سىرتىىغا كۆچۈپ كىتىشنى .ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۇيەردە ياخشى مائارىپ تەربىيىسىگە ئىرىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىشىدۇ.بۇ دەل نامرات ئافرىقا-ئامرىكىلقلار ئىشىنىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان ئامرىكا غايىسى. The National Community for Leadership دۆلەتلىك باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا لاتىن ئامرىكىلىقلارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئامرىكا غايىسى توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى بولغان.ئۇلار ئۈچۈن ،ئۆزلىرىنىڭ ياخشى تۇرمۇشى ۋە بالىلىرىنى ياخشراق پۇرسەتلەر بىلەن تەمىن ئىتىش ئۇلارنىڭ ئامرىكا غايىسىنىڭ مەزمۇنى بولغان.ئۇلار كەلگۈسى باراۋەرلىك ۋە بارلىق لاتىنلىقلارنىڭ كەلگۈسىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئارزۇ قىلىشقان. جەمئىيەت تەبىقىسى ۋە ئامرىكا غايىسى ئامرىكىلىقلار ئامرىكىنى شەخسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلغان جەمئىيەت ،بۇيەردە شەخىسنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئىقتىدارى ئۇنىڭ ھاياتىدا قانداق مۇۋاپپىقيەتلەرنى قازىنىشىنى بەلگىلەيدۇ دەپ قاراشنى خالايدۇ.نۇرغۇن ئامرىلىكىقلار يەنە شەخسلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش ۋە تاللاش ئىقتىدارى بولىدۇ دەپ ئىشىنىدۇ.گەرچە ئامرىكا غايىسى شەخىسنى مەركەز قىلىپ بەلگىلىك ماددى،ئىقتىسادى ۋە مائارىپ تەربىيە جەھەتتىكى بايلىقنى قولغا كەلتۈرسىمۇ،پاكىتلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى پەقەت جاپالىق تىرىشچانلىق يالغۇز مۇۋاپپىقيەتكە كىپىللىك قىلالمايدۇ.ئوخشاشلا يالغۇز شەخسى ئالاھىدىلىك ئوخشاشلا شەخىسنىڭ ھاياتىدىكى ئورنىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ. تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى جەمئىيەتتكى تەبىقە شەخىسنىڭ ھاياتىدىكى ئالاھىدە ھوقوق ۋە مەنپەئەتلەرگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ."تەبىقە كىشىنىڭ بىلىم ئىلىش ۋە ئىپادىلەش،ئىتقادى،پوزىتسىيە،مەقسەت ۋە خارەكتىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ،چەكلەيدۇ ياكى تەڭپۇڭلاشتۇرۇدۇ".(Aries and Seider 2007: 138) قارا بودۇنلارنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا بىر ئادەم قانچە كۆپ پۇل ،بايلىق ياكى ئىقتىسادى قىممەت ئۇنىڭ جەمئىيەتتكى تەبىقىسىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.جەمئىيەتتىكى تەبىقىسى كىشىلەر دۇچ كەلمەكچى بولغان ھەرخىل ئىھتىماللىقلارنى چەكلەيدۇ.جەمئىيەت تەبىقىسى كىشىلەرنى خىلمۇ-خىل ئورۇنلارغا قويۇپ بەزىلەرنىڭ ئامرىكا غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا پايدا ئېلىپ كەلسە ،يەنە بەزىلىرىنى چەكلەيدۇ.نامراتلىق ھەرخىل پۇرسەتلەرنى ئازايتىدۇ ۋە مۇۋاپپىقيەت قازىنىش پۇرسىتىنى چەكلەيدۇ.شۇڭا تەبىقە كىشىلەرنىڭ ئامرىكا غايىسىنى چۈشىنىش ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇشىدا زور رول ئوينايدۇ. بايلىق ۋە ئامرىكا غايىسى ئامرىكا ئۆزىنى خاراكتىر-ئالاھىدىلىكنى ئاساس قىلغان دۆلەت دەپ پەخىرلىنىدۇ،يەنى" بارلىق پۇقرالارغا ،مەيلى ئۇ قەيەدە قانداق شارائىتتا تۇغۇلغان بولسۇن،ئۇنىڭ قاتتىق تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلىشى ۋە قەتئىي ئىرادىسى بىلەن باراۋەر ھاياتلىق پۇرسەتلىرى بىلەن تەمىن ئىتىشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ" (Johnson 2006:102). بۇ خاراكتىر ئالاھىدىلىكنى ئاساس قىلغان سىستىمىدا ،بارلىق كىشىلەر ئامرىكا غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا باراۋەر مەيداندا رىقابەتلىشىشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.ھىچقايسى گورۇپپا باشقا بىر گورۇپپنىڭ ئالدىدا ياكى كەينىدە بولمايدۇ.كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك پائالىيەت ۋە ھەركىتى ئۇنىڭ ئۇنىڭ مۇكاپات-پايدىسى ۋە جازالىرىنى بىۋاستە بەلگىلەيدۇ.ئەمما ئەھۋال ھەمىشە شۇنداق بولامدۇ؟جونسوننىڭ "ئامرىكا غايىسى ۋە بايلىقنىڭ كۈچ قۇدرىتى" دىگەن كىتابىدا بەزى بايلىققا ئىرىشىشتىكى يوللار،بايلىقنىڭ تەقسىملىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى بىۋاستە "خارەكتىر ئالاھىدىلىكنى ئاساس قىلغان جەمئىيەت " نىڭ روھىغا خىلاپ .ئىقتىسادى ياردەم،ئەجدادلىرىدىن مىراس قېلىش ۋە ئائىلىسىنىڭ كاپالىتى ئارقىلىق ئىرىشكەن بايلىق شەخسنىڭ خارەكتىر-ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھەم شەخسىنىڭ تىرىشىچانلىقى بىلەن قولغا كەلمىگەن.ئىقتىدار-ئالاھىدىلىكنى ئاساس قىلىدىغان ئامرىكا غايىسى بىلەن ئەجدات-ئەۋلاد ئوتتىرىسىدىكى بايلىق جەھەتتىكى باراۋەرسىزىلىك ئۆزئارا تۈپتىن خىلاپ بولىدۇ". مائارىپ ۋە ئامرىكا غايىسى ئامرىكا قۇرۇلغاندىن تارتىپ ،مائارىپ ئامرىكىلىقلارنىڭ مۇۋاپپىقيەت قازىنىشىدىكى شوتا بولۇپ كەلدى.Hochschild "ئامرىكا غايىسى بىلەن تونۇشۇش:دۆلەتتىكى ئېرق،سىنىپ ھەم روھ" دىگەن كىتابىدا " ئامرىكا غايىسى بارلىق ئامرىكىدا ياشاۋاتقانلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆز چۈشەنچىسىدىكى )ماددى جەھەتتىن ياكى باشقا جەھەتتىن( مۇۋاپپىقيەتكە ئۆز تىرىشچانلىقى ۋە ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈش پۇرسىتىنىڭ كاپالىتى." نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆز ئامرىكا غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ موھىم يولى مائارىپ دەپ ئىشىنىدۇ.مائارىپ كۆپ ھاللاردا بىر كىشىنىڭ خىزمەت پۇرسىتى ۋە كېرىم سەۋىيىسىنى بەلگىلەيدۇ.مائارىپ بولمىسا ئامرىكا غايىسى قارىماققا ئەمەلگە ئاشمايدۇ.مائارىپ ئامرىكا غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مەركىزى ھالقىغا ئايلاندى." مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى يىتەرلىك تەربىيلەپ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ نەزىرىدىكى مۇۋاپپىقيەت كارتىنىسىنى تاللىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىدۇ،شۇنداقلا شۇ مۇۋاپپىقيەت كارتىنىسىنى قوغلىشىشتىكى يىتەرلىك ماھارەت ۋە بىلىملەرنى ئۈگىتىدۇ." ئەمما ئامرىكىدىكى بارلىق مەكتەپلەر مائارىپ سەۋىيىسىدە تەڭپۇڭ ئەمەس.بۇ بىر قىسىم چەت رايۇن ياكى تۆۋەن كېرىملىك ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ پۇرسەت جەھەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن،Jennifer Hochschild نىڭ Public Schools and the American Dream (2001) جامائەت مەكتەپلىرى ۋە ئامرىكا غايىسى دىگەن ماقالىسى ۋە Heather Johnson نىڭ The American Dream and the Power of Wealth: Choosing Schools and Inheriting Inequality in the Land of Opportunity (2006) "ئامرىكا غايىسى ۋە بايلىقنىڭ كۈچ قۇدرىتى : مەكتەپ تاللاش ۋە پۇرسەت بىلەن تولغان تۇپراقتىكى تەڭسىزلىك" دىگەن كىتابىلىرىدا ھەر ئىككەيلەن مائارىپنى پۇرسەتنىڭ تەڭسىزلىكىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچى دەپ كۆرسەتتى.ھەر ئىككى يازغۇچى يەنە ئىقتىسادى تەڭپۇڭسىزلىق ،ئېرقى پەرق ھەم بايلىققا ۋارىسلىق قىلىشتىىن كىلىپ چىققان پەرق جامائەت مەكتەپلىرىدىكى ئايرىمچىلىق ۋە تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.بۇ ھەم بۇدۆلەتتىكى ئىقتىدارىزىملىقmeritocracy روھىغا بىۋاستە خىلاپ دەپ كۆرسەتتى. Hochschild ئامرىكا غايىسىگە يىتىشتىكى بۇ خىل تەڭپۇڭسىزلىقنى ئېرقى كەمسىتىشنى تۈگىتىش،مەكتەپ تاللاش ،مەكتەپ ئوقۇش ياردەم ئىسلاھاتى،ئۆلچەم ئاساسىدىكى ئىسلاھات قاتارلىق ئىسلاھاتلار ئارقىلىق تۈگەتكىلى بولىدۇ دەپ ئىشىنىدۇ.ئەلۋەتتە بۇ خىل سىياسەت جەزمەن دۆلەتنىڭ سىياسەت تۈزگۈچىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىشى كىرەك.گەرچە بۇ خىل ئسلاھاتنىڭ پايدىسى ئىنتايىن زور بولسىمۇ ،ھوقوق تۇتۇۋاتقان بايلار بۇ خىل مائارىپ ئىسلاھاتىنى زۆرۈر دەپ قارىمايدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل تەڭپۇڭسىزلىق جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدا يەنىلا مەۋجۇت بولىدۇ. ئامرىكا غايىسى ئىدىلوگىيىسى مەيلى كىشىلەرنىڭ ئامرىكا غايىسى توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى مەيلى قانچىلىك ھەرخىل بولسۇن ئۇ ھامان مەلۇم مىقداردىكى ياكى مەلۇم سۈپەتتىكى مۇۋاپپىقيەتكە ئىرىشىش پۇرسىتىنىڭ بارلىقىغا بولغان ئىشەنچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ھەر كىشىنىڭ ئامرىكا غايىسىس توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى خىلمۇ-خىل بولغاچقا،كىشىلىك مۇۋاپپىقيەتنى ئۆلچەيدىغان بەزى ئۇسۇل ۋە ئۆلچەملەرنى بىكىتىشنىڭ ھەر خىل ئامرىكا غايىسىنى چۈشىنىشتە رولى چوڭ دەپ ئويلايمەن.Jennifer Hochschild نىڭ ئامرىكا غايىسى بىلەن تونۇشۇش:دۆلەتتىكى ئېرق،سىنىپ ھەم روھ دىگەن كىتابىدا مۇۋاپپىقيەتنىڭ ئېنىقلىمىسى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆلچىمى توغرىسىدا تەپسىلى توختالغان. ئۇ مۇۋاپپىقيەتنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ مەزمۇنغا بۆلگەن. مۇتلەق مۇۋاپپىقيەت-- بۇ خىل ئەھۋالدا بىرەيلەننىڭ ئامرىكا غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۇنىڭ ماددى جەھەتتە بۇرۇنقىدىن ياخشىراق سەۋىيىگە يىتىشنىنى كۆرسىتىدۇ،ئەمما ھەشەمەتلىك بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق. رىقابەتتىكى مۇۋاپپىقيەت-- مەلۇم رىقابەتچى ئۈستىدىن غالىب كىلىشنى كۆرسىتىدۇ.مىنىڭ مۇۋاپپىقيەت قازىنىشىم سىزنىڭ ياكى باشقا بىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى يوشۇرۇن كۆرسىتىدۇ.رىقابەتچى بەزىدە ئېنىق ،كونكىرت ئادەم بولسا )تىننىس توپ مۇسابىقىسىدىكى رەقىبلەر(،بەزىدە نائېنىق،ئابىستراكىت بولىدۇ) مەلۇم خىزمەت ئورنىنى ئىلتىماس قىلغان سىزدىن باشقا ھەممىسى( نىسبى مۇۋاپپىقيەت-- بۇ يەردىكى ئامرىكا غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەلۇم بىر سىلىشتۇرۇش نوقتىسىغا قارىغاندا ياخشىراق شارائىت ياكى نەتىجىگە ئىرىشىشنى كۆرسىتىدۇ.سىلىشتۇرۇش نوقتىسى دىگەندە بىرەيلەننىڭ بالىلىق چاغلىرى،بۇرۇنقى دۆلىتىدىكى كىشىلەر،قوشنىسى،كىتابتىكى مەلۈم پىرسۇناژ،ئېرق-جىنىس دىگەندەك.نىسبى مۇۋاپپقيەت ياخشىراق ماددى تۇرمۇشقا يىتىشنى كۆرسىتەلمەيدۇ.ئەگەر بىرەيلەن ئۆزى بەلگىلىگەن مەلۇم نەتىجىگە ئىرىشكەندە ئۇنىڭ سىلىشتۇرۇش نوقتىسىنى ئۆزگەرتىپ ئالماشتۇرۇشىنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدۇ. گەرچە بەزى ئامرىكىلىقلار ئامرىكا ئادالەتسىز دۆلەت، ئېرقى،جىنىسى،سىنىپى،ئائىلە كىلىپ چىقىشى كىشىنىڭ ھاياتلىقتىكى موھىم پۇرسەتلەرنى تۇتۇشتا ئىنتايىن موھىم رول ئوينايدۇ دەپ قاراشسىمۇ مۇتلەق كۆپ قىسىم ئامرىكىلىقلار ئامرىكا غايىسىگە بولغان ئىشەنچىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. Hochschild تەمىنلىگەن تۆۋەندىكى سوئال -جاۋابلارنىڭ بىزنىڭ ئامرىكا غايىسى ۋە ئۇنىڭدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىمىزگە ياردىمى بولىدۇ.ئۇ ئامرىكا غايىسىنى مۇۋاپپىقيەتنىڭ تۆت پىرىنسىپى بىلەن چۈشەندۈرگەن. سوئال:كىم مۇۋاپپىقيەتنى قوغلىشىدۇ؟ جاۋاپ: ھەر قانداق ئادەم ،ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ،ئائىلە كىلىپ چىقىشى ياكى شەخسى تارىخىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر. كەمچىلىكى-ئېرق ۋە جىنىس جەھەتتىكى ئۇچرايدىغان تەڭسىزلىكنى چۈشەندۈرەلمەيدۇ. سوئال: نىمىنى قوغلىشىدۇ؟ مۇۋاپپىقيەت قازىنىشتىكى يىتەرلىك ئھتىماللىق ۋە ئۇچۇر ،گەرچە مۇۋاپپىقيەتكە تولۇق كاپالەتلىك قىلالمىسىمۇ. كەمچىلىكى- بىرەيلەننىڭ مەنبە ۋە پۇرسەت كەمچىللىكتىن ئۆزى ئارزۇ قىلغان نەتىجىگە ئىرىشىىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولۇشنى ئىتراپ قىلالمايدۇ. سوئال:بىرى مۇۋاپپىقيەتنى قانداق قوغلىشىدۇ؟ جاۋاب:بىرەيلەننىڭ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق. كەمچىلىكى-بىرەيلەننىڭ مۇۋاپپىقيەت قازىنىشتىكى سەۋەبى جەزمەن يەنە بىرىنىڭ مەغلۇب بولىشىنىڭمۇ سەۋەبى.ئۇنداقتا مەغلۇپ بولغانلارنىڭ ھەممىسى تالانتى يوق ياكى ئىرادىسىز دەپ قارىلىدۇ. سوئال:نىمىشقا مۇۋاپپىقيەت قوغلىشىشقا ئەرزىيدۇ؟ جاۋاب: ھەقىقى مۇۋاپپىقيەت ياخشى پەزىلەت بىلەن باغلانغان بولىدۇ. كەمچىلىكى-مەغلۇبىيەت پەزىلەتسىزلىكنى كۆرسىتىدۇ. ھەر قايسى پرىنسىپلاردىكى كەمچىلىكلەردىن باشقا Hochschild يەنە ئامرىكا غايىسى ئىدىلوگىيىسىىنىڭ ئوموميۈزلۈك كەمچىلىكى شەخسنىڭ پائالىيىتىنىڭ جەمئيەتتىكى رولىنى زىيادە مۇبالىغىلەشتۈرىۋىتىش،ئىقتىسادى جەريان،موھىت ئامىلى ،سىياسى قۇرۇلمىنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىغا سەل قاراش دەپ كۆرسىتىدۇ.ئۇ يەنە "مەيلى شەخس قانچىلىك تىرىشسۇن مەغلۇبىيەتچى ھامان مەۋجۇد بولىدۇ،چۈنكى بىزنىڭ جەمئيەت قۇرۇلمىمىز شۇنداق لاھىيەلەنگەن.ئامرىكا غايىسى ئىدىلوگىيىسى بۇ نوقتىدا ۋە بۇ نوقتىنى ئىتراپ قىلىشتا ياردەم قىلالمايدۇ." دەپ ئېيتتى. ئاخىرقى سۆز شۇنداق قىلىپ ئاساسلىق يازىدىغان گەپلەرنى ئاخىرى يېزىپ بولدۇم ،ئاخىرىدا تەكىتلەپ قويىدىغىنىم مەن بۇ يەدە بىر خىل ئىدىيىنى تەرغىپ قىلىۋاتقىنىم يوق پەقەت ئوتتۇراھال مەيداندا تۇرۇپ پەقەت ئامرىكىلىقلارنىڭ ئىدولوگىيىسى توغرىسىدا تەھلىل ئېلىپ بىرىلدى.يۇقىرىدا يازغىنىمنىڭ ھەممىسى ئامرىكىلىقلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىرى بولسا تۆۋەندىكىس ئۆزۈمنىڭ تەسىراتىم : مىنىڭچە ئامرىكىلىقلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك بىر ئادەمنىڭ ئېرق-مىللىتى ،ئائىلە كىلىپ چىقىشى،تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شارائىتىنىڭ بىر ئادەمنىىڭ مۇۋاپپىقيەت قازىنىشىدا ئازدۇر كۆپتۇر رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.ئەمما مەيلى كىشىلەرنىڭ كىلىپ چىقىشى ئۇنىڭ ئامرىكا غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا قانچىلىك رول ئوينىسۇن مۇتلەق كۆپ قىسىم ئامرىكىلىقلار شەخسىنىڭ ئىقتىدار-ئالاھىدىلىكى ۋە قاتتىق تىرىشچانلىقنى مۇۋاپپىقيەت قازىنىشتىكى ئەڭ موھىم ئامىل دەپ ئىشىنىدۇ.چۈنكى سىز كىلىپ چىقىشىڭىز ، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شارائىتىڭىزنىڭ ناچارلىقىدىن مەيلى قانچىلىك قاقشاڭ ئۇنى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمايسىز.ئەمما مەيلى قەيەردىلا بولسۇن ئۆز ئىقتىدارىڭىز ۋە تىرىشچانلىقىڭىز ئارقىلىق ئۆزىڭىز ۋە ئەۋلادلىرىڭىزنىڭ كەلگۈسىنى ئۆزگەرتەلىشىڭىزنىڭ ئىھتىماللىقى نۆل ئەمەس.ئەلۋەتتە بۇ خىل ئۆز ئىقتىدارى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئىھتىماللىقى ئەڭ چوڭ بولغان جاي ناھايتى روشەنكى ئامرىكىدۇر.مۇۋاپپىقيەت قازىنىشتىكى ئەڭ موھىم ئامىل شەخىسنىڭ تالانت ئىقتىدارى ۋە تىرىشچانلىقى دەپ قارالغان ئىكەن تەبئىي ھالدا مۇشۇ خىل ئامىلنىڭ رولىنى چوڭايتىش خاھىشى بولىدۇ.ھازىرقى دەۋىردىكى ئامرىكا غايىسى مانا مۇشۇنداق شەكىللەنگەن دەپ ئويلايمەن. Andrew Carnegie ، John D. Rockefeller لار ئالدىنقى ئەسىردىكى ئامرىكا غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ۋەكىللىرى بولسا ،بۈگۈنكى كۈندە مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گېيتىىس،ئالما كومپيوتىرىنىڭ قورغۇچىسى سىتىۋ جوب،دېلنىڭ قۇرغۇچىسى مايكول دېل ،ياخۇنىڭ قۇرغۇچىسى ياڭ جىيۇەن. قاتارلىقلار قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەپ ئۆز ئامرىكا غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلارنىڭ ۋەكىلى. دىيارىمىزدا ئۆسۈپ يىتىلگەن ئۆز تالانتى ۋە قاتتىق تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئامرىكىدا ئىلىپ پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق ئاكىمىزمۇ ئامرىكا غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلارنىڭ ۋەكىلى بولالايدۇ. يۇقىرىدا ئامرىكا غايىسىنى تونۇشتۇرغاندا ئۇنىڭ ھەر بىر ھالقىسىدىكى كەمچىلىكلەرمۇ كۆرسىتىلىپ ئۆتتى،ئەلۋەتتە ئۇلارنى ئامرىكىلىقلارنىڭ ئۆزلىرى ئوتتۇرىغا قويغان.بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى مىنىڭچە بۇندىن كىيىن ئۇلارنىڭ بارا-بارا تۈگەيدىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ. بىل گەيتىس قاتارلىق چوڭ بايلارنىڭ ئۆزىنىڭ پۈتۈن مال دۇنياسىنى ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرماستىن مەلۇم بىر پاراۋانلىق ئورنىغا ئىئانە قىلىۋىتىشى،چوڭ بايلارنىڭ باللىرىنى ھەرخىل جاپالىق شارائىتلاردا چىنىقتۇرۇشى ئۇلار ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ باشقىلار بىلەن باراۋەر شارائىتتا ئۆز ئامرىكا غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىغانلىقىدا. The Pew Charitable Trusts نىڭ تەتقىقاتىغا ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ئەجدادىدىن ئەۋلادقا مىراس قالدۇرش نىسبىتى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر ئارىسىدا ئامرىكىدا بىر قەدەر تۆۋەن.بۇ خىل نىسبەت فىرانسىيەدە ئامرىكىنىڭ 1.2 ھەسسىسى ،گىرمانىيەدە 1.5 ھەسسسى،كانادادا 2.5 ھەسسە،دانىيەدە 3.2 ھەسسە يۇقىرى.مائارىپ جەھەتتىكى باراۋەرسىزلىكمۇ مىنىڭچە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بارغانسىرى تۈگەيدۇ.ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﻪﻣﺌﻴﻪﺕ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﯜﺳﻰ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ .ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺴﯩﻤﮕﻪ ﻛﻪﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ،80-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺟﯘﯕﮕﯘﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﭘﺮﺍﻓﯩﺴﻮﺭﻧﯩﯔﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ "ﺋﯚﻣﯩﻠﻪﭖ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ !'ﺩﻩﭖ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﺴﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﺱ.ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﺌﺎﻝ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪﻣﻪﻳﻠﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ،ﻣﻪﻳﻠﻰ ﮔﺎﺩﺍﻱ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻙ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦﺑﻮﻟﺴﯘﻥ،ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻧﯩﮕﯩﺮ ،ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻟﯩﻖ ،ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ،ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥﺑﻮﻟﺴﯘﻥ،ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﻪﺭ ،ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﮕﻪ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﺘﺎ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯗ.ﺳﯩﺰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰ ،ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﻏﺎﻳﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻜﻰﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺋﯘﻧﻰ ﺭﯨﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﺳﯩﯖﯩﺰﻻ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

     

    ------------ﺑﯘ ﺗﯩﻤﯩﻨﻰ nasin ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺗﻮﺭﺩﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯜﭼﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ. ﺩﻭﺳﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﯩﮕﻪ ﻛﯜﭖ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ. ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﺎﺩﯨﺮﯨﺲ: http://www.izdinix.com/munbar/ShowPost.asp?ThreadID=32106


    收藏到:Del.icio.us