-
ئامرىكىدا كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇش ئۇچۇرى، تولۇق ياردەم پۇلى بار Information: A master program with full financial aid for computer science studdents - [America ئامرىكا]
2009-03-27
ئامرىكىدا نۇرغۇنلىغان كىچىك تىپتىكى ئۇنۋېرستىتلار بار. بۇلارنىڭ گەرچە بەك داڭقى بولمىسىمۇ لېكىن ئۇلار بىر ياكى ئىككى پروگرامغىلا كۈچەپ باشقىلارغا ھەم ئۈزىگە بىۋاستە پايدا ئەكىلەلەيدىغان يۇنۇلۇشتە ماڭدۇرغان بولغاچقا مۇشۇنداق ئۇنۋېرسىتىتقا كىرىدىغانلارمۇ نۇرغۇن. بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش چەتئەللىكلەر ئۈچۈن. بىر نەچچە ئاي بۇرۇن كىرىمنى جىلغىسىدا ئىشلەۋاتقان بىر ياش ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالدۇق ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئارلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ ئامرىكىغا كىلىپلا 8 ئايدىن كىيىن خىزمەت تېپىپ ئىشلەۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. كىيىن سۇرۇشتۈرۈپ بىلدىمكى ئۇنىڭ كەلگەن ئوقۇش پروگراممىسى سەل ئالاھىدىراق پروگرامما ئىكەن. بىزنىڭ ئۇيغۇر بالىلار ئۈچۈن بەكمۇ ماس كىلىدىكەن. بۇلار ئاۋال قەرىز ھىساۋىدا تولۇق ئوقۇش ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەيدىكەن( 100% ھەممە ئوقۇغۇچىلارغا)، ئامرىكىدىن خىزمەت تېپىشقا ياردەملىشىدىكەن. ئاندىن ئوقۇغۇچى خىزمەت قىلىش جەريانىدا مائاشىدىن ھەر ئايدا قەرىز پۇلىنى قايتۇرىدىكەن. دىمەك بۇ مەكتەپكىمۇ ئوقۇغۇچىغىمۇ پايدلىق بولغان پروگرامما ئىكەن. بولۇپمۇ ئالدىمدا مۇشۇن جەرياننى باشتىن ئاخىر بېشىدىن كەچۈرگەن قېرىندىشىمىز بولغاچقا ھەم ئەھۋالىنى كۆرۇپ تۇرغاچقا بۇ پروگرامغا ئشەندىم. بۇ يالغان مەكتەپ ئەمەس.
بۇ ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئىسمى ماخارىشى باشقۇرۇش ئۇنۋېرسىتىتى.
ئوقۇتۇش پىروگرامما چۈشەندۈرلۇشى بۇ يەردە: http://www.mum.edu/compro/
بۈگۈن بۇ ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزدىن تور ئادېرسىنى ئېلىپ تەپسىلى كۈرۈپ چىقتىم ھەم تور بەتتە چۈشەندۈ رلىشى بىلەن ئاغىنىمىزنىڭ دىگىنى ئاساسەن ئوخشاش چىقتى. تۈۋەندە قىسقارتىپ تەپسىلىلا چۈشەندۈرەي. قىززىققانلار ئۈزەڭلار تەپسىلى كۆرگەيسىلەر.
1. بۇ ئىككى يىرىم يىلدىن 3 يىلغىچە بولغان ماگىستىرلىق ئوقۇتۇش پروگراممىسى. ئوقۇتۇش پىروگراممىسى بويىچە تەلەپنى ئورۇندىغانلار مۇشۇ مەكتەپنىڭ ماگىسىترلىق دىپلومىنى ئالىدۇ.
2. ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىنغانلار ئاۋال مەكتەپكە كىلىپ 7ئايدىن 8 ئايغىچە پۈتۈن كۈنلۇك دەرىس ئوقۇيدىكەن. ئۇندىن كىيىن مەكتەپ ئۈزىنىڭ ئامرىكىدىكى يۇمشاق دىتال شىركەتلىرى بىلەن بولغان كۈچلۈك ئالاقىسىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارغا خىزمەت تېپىشىپ بىرىدىكەن. ئوقۇغۇچىلار ئۈزى خىزمەت تاپسىمۇ بۇلىدىكەن. بۇ خىزمەت ئوقۇتۇش پىروگراممىسىدا پاراكتىكا ھىساۋىدا ماڭىدىكەن ۋە ئوقۇش نۇمۇرى بىرىلىدىكەن. بۇ ئىككى يىل داۋاملىشىدىكەن. بۇ ئىككى يىل ئىچىدە ئوقۇغۇچى يەنە يىراقتىن ئوقۇتۇش ئارقىلىق دەرىس ئوقۇپ مېڭىپ ئىككى يىل ئىچىدە تۈگىتىدىكەن.
3. ئىلىتماس قىلغۇچىلار باكلاۋۇر پۈتتۈرگەن بولۇشى، ئىلاجى بار 1-2 يىللىق پروگرامما تۈزۈش تارىخى بولغان بولسا ياخشىكەن. مەكتەپكە كىرىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار ئاۋال توردا ئىلتىماس تاپشۇرىدىكەن. ئىلتىماس ھەققى ئېلىنمايدىكەن. ئۇندىن كىيىن مەكتەپ توردا ئاۋال كەسپى جەھەتتىن ئىمتاھان ئالىدىكەن. بۇ ئىمتاھاندىن ئۆتسە ئاساسەن قۇبۇل قىلىنىدىكەن. ئوقۇغۇچى مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىن 3 كۈن ئىچىدە ئوقۇشنى باشلاشتىن بۇرۇن يەنە بىر قىتىم ئىمتاھان ئالىدىكەن. بۇ ئىمتاھاندىن ئۆتسە ئاندىن ئوقۇش رەسمى باشلنىدىكەن. ئەگەر ئۆتەلمىسە قايتۇرۋىتىدىكەن.
ئۇنداقتا نىمىلەردىن ئىمتاھان ئالىدۇ، ئىمتاھاننىڭ قىيىنلىق دەرىجىىسى قانداق دىگەن سۇئالغا ئاغىنىمىزنىڭ دىيىشىچە بۇ ئىمتاھانلار ئاساسەن كومپيۇتېر كەسپىدىكى ئاساس خاراكتىرلىق بىلىملەر بولۇپ نۇرمال دەرىس ئوقۇغان ۋە ئۆزى ئازراق ئۈز ئالدىغان پروگرامما تۈزۈپ باققان بولسا ياكى قاتنىشىپ باققان بولسە تەس ئەمەس ئىكەن.
تور بەتتە يېزىلغان ئاساسلىق تەلەپ قىلىدىغان مەزمۇنلار تۈۋەندىكىچە:
Computer Programming and Software Design
Object Oriented Programming
Fundamentals of programming: variables, loops, conditionals, blocks, functions, arrays, pointers/references.
Programming Languages or Compilers
Basic concepts and definitions of programming languages, Binding, scope, lifetime, argument passing
Pointers, references, values, expressions, declarations
Data Structures
Stacks & queues
Linked lists, trees & graphs
Hash tables
4. تىل جەھەتتىن TOEFL, GRE نەتىجىسى بولسا ياخشىكەن. بولمىسا تەلەپ قىلىنمايدىكەن. لېكىن ئىلتىماس قىلغۇچى بۇرۇن ئىنگىلىس تىلى دەرىس ئوقۇپ باققان بولۇشى، ئادەتتىكى نورمال پاراڭلىشىپ ئۈزىنى ئۇقتۇرالىشى، كومپيۇتېر كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك پروگرامما يازىدىغان ئىشلاردا ھاجىتىدىن چىقالايدىغان بولۇشى كىرەك ئىكەن.
يۇقارقى چۈشەندۈرۈشلەر تور بەتنىڭ Requirements دىگەن يىرىدە ئىنىق يېزىقلىق.
5. ئەڭ مۇھىم بولغان ئىقتىساد قىسمىدا مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇنداق ئىكەن. بۇ پروگرامنىڭ ھەققى 30مىڭ دوللاردىن سەل ئارتۇق. ئوقۇغۇچى مەكتەپكە كىلىپ تىزىملاتقاندا ئالغان ئىككى قېتىملىق ئىمتاھان نەتىجىسى ياكى ئۈزىنىڭ ئىقتىساد ئەھۋالىغا ئاساسەن 3000 دوللاردىن 8000 دوللارغىچە تۈلەيدىكەن. قالغان قىسمىنى مەكتەپ قەرىز بەرگەن ھىساۋىدە چىقىرىپ تۇرىدىكەن. باشقا ئوقۇش پۇلى ئېلىنمايدىكەن. مەكتەپ ياتاق، تاماق ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. 7 ئاي ئوقۇپ ئوقۇغۇچى ئىش تېپىپ ئىشلەشنى باشلىغاندىن كىيىن ئېشىپ قالغان پۇلنى مەكتەپ مائاشتىن تۇتۇۋالىدىكەن. 30مىڭ دوللاردىن ئوقۇغۇچى مەكتەپكە دەسلەپ تاپشۇرغان پۇلنى چىقىرۋېتىپ ئىشىپ قالغان قىسمىنى 22 ئاي ئەتراپىدا تۈلەيدىكەن. بۇ پۇل ھەر ئايغا 1200-1500 ئەتراپىغا توغرا كىلىدىكەن. خىزمەت تاپالمىسا خىزمەت تاپقىچە ساقلايدىكەن ھەم خىزمەت تاپقۇچە يەنە دەرىس ئوقۇتۇپ تۇرىدىكەن. بۇ پىلاننىڭ تەپسىلى چۈشەندۇرلىشى ئادىرسى بۇ يەردە: http://www.mum.edu/compro/financial.html
ئاغىنىمىزنىڭ دىيىشچە مەكتەپتىن چىقىپ ئىشلەۋاتقان بالىلارنىڭ ئېلىۋاتقان مائاشى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 67مىڭ دوللار. ھەر ئايغا 5000 دوللاردىن كۈپراق توغرا كىلىدۇ. مەكتەپكە 1500 دوللارنى تاپشۇرۋېتىپ ئېشىپ قالغان پۇل يەنە بىر ئائىلە 3 جان ئادەمگە ئازادە يىتىدۇ. مەكتەپ ئۈتكەن 6 ئايدا 800 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى ئىشقا ئۇزاتقان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش تىپىشى ياخشى.
يەنە مەكتەپ ئوقۇغۇچىنى قۇبۇل قىلىپ ئامرىكىغا كىلىش رەسمىيەتلىرىنى ئەۋەتكەن ماتىرىيالغا ئوقۇغۇچىغا تولۇق ئوقۇش ياردەم پۇلى بىرىلگەن دەپ يازىدىكەن. شۇڭا ئەلچىخانىدىن ۋىزا ئالغاندىمۇ تەس بولمايدىكەن.
ئاغىنىمىز كەلگەندە 80 دەك ئوقۇغۇچىلار بىللە ئوقۇش باشلاپتىكەن. ھازىر ئۇلاردىن 70 نەچچىسى خىزمەت قىلىۋېتىپتۇ. ئەڭ تۈۋەن مائاش ئالغىنى 54مىڭ، ئەڭ يۇقىرىسى 90نەچچە مىڭ. يېرىمدىن كۆپراقى ئوقۇغۇچى Microsoft تا ئىشلەۋېتىپتۇ. ئاغىنىمىزدىن سەن قانچىلىك ئېلىۋاتىسەن دەپ سوراشقا خىجىل بولغان بولساممۇ لېكىن پەرەز قىلىشىمچە 70 مىڭ دوللار ئەتراپىدا مائاش ئېلىۋاتىدۇ.
ئاغىنىمىز 25 ياشلار ئەتراپىدا. ئىككى يىللار بۇرۇن دالىيەن تېخنلوگىيە ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ (大连理工大学)كومپيۇتېر كەسپدە ئوقۇغان. ئوقۇشنىڭ ئاخىرقى يىلىدىن تارتىپ شاڭخەيدىكى citi bank نىڭ ئۇچۇر بۈلۈمىدە يۇمشاق دىتال ئىنجىنىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئوقۇش پۈتتۈرۇشتىن بۇرۇنقى 10 ئايدەك ۋاقىتتا پاراكتىكا ھىساۋىدە، كىيىن رەسمى خىزمەتچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئوقۇش پۈتتۈرۇشتىن بۇرۇنلا ئامرىكىدا ئوقۇشقا قىززىپ تەييارلىق قىلغان بولسىمۇ لېكىن خىزمەت بەك ئالدىراش بولۇپ كىتىپ TOEFL, GREئىمتاھانلىرىنى بىرىشكە ۋاقىت چىقىرالمىغان. كىيىن شاڭخەيدىكى بىر يىغىلىشتا دوسلىرىدىن بۇ مەكتەپنىڭ ئۇچۇرىنى ئۇچۇپ سىناپ باقايچۇ قېنى دىگەن مەقسەت بىلەن مەكتەپكە ئىلتىماس سۇنغان. ئويلىمىغان يەردىن مەكتەپتىن ئىمتاھان ئالىدىغان ئۇختۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ شۇنىڭ بىلەن ئەستايىدىل بولۇپ كىيىنكى ئىشلار پروگرامنىڭ قائىدىسى بويىچە بولغان. ئۇزۇن ئۈتمەيلا مەكتەپنىڭ رەسمىيەتلىرى كىلىپ ئەلچىخانىدىن ۋىزا ئىلىپ ئامرىكىغا كىلىپ يەنە بىر قېتىم ئىمتاھان بىرىپ ئوقۇشنى باشلىغان. ئۇ مەكتەپكە 3000 دوللار ئەتراپىدا تۈلەپتۇ. 7 ئاي ئوقۇش تۈگىگەندىن كىيىن ئۆتكەن يىلنىڭ 8-ئاي ئەتراپىدا ساۋاقداشلىرى 7-8 بالا ئۇدۇللا كالىفورنىيەدىكى كىرىمنى جىلغىسىغا كىلىپ خىزمەت ئىزدەپتۇ.ئۇنىڭغا 20 كۈندە خىزمەت چىقىپ ئىشلەشنى باشلاپتۇ. خىزمەت چىقىپ بىر ئايغا قالماي ئايالىمۇ كەپتۇ ( ئامرىكىغا كىلىشتىن بۇرۇن توي قىلىپ بولغان ئىكەن) . ھازىر خىزمىتى مۇقىم، كۈنلىرى ياخشى كىتىۋاتىدۇ ۋە بۇ پروگرامنى ئۇيغۇر بالىلارغا تەۋسىيە قىلىشىمنى تاپلىدى.
ئاغىنىمىزنىڭ دىيىشىچە بۇ پروگرامنىڭ مۇھىم مەقسىتى چەتئەلدىكى ئوقۇغۇچىلارنى قسقا مەزگىللىك تەربىيلەپ ئامرىكىدا خىزمەت تېپىپ بىرىش بولغاچقا قۇبۇل قىلغاندا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ كەسپى قابىلىيتىگە مۇھىم قارايدىكەن. شۇڭا ئەمدىلا مەكتەپ پۈتتۈرگەن ھىچقانداق يۇمشاق دىتال تەجرىبىسى بولمىغانلارنى ئالمايدىكەن. ئەڭ ياخشىسى 1-2 يىل تەجرىبىسى بولسا شۇنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئىلتىماس قىلغۇچى مەكتەپكە كىلىپ 7-8 ئايدىلا ئۈتكەن 3-4 دەرىس ئارقىلىق كەسپى قابىلىيتىدە ئۇچقاندەك ئىلگىرلەش بۇلمايدىغان بولغاچقا مەكتەپ ئىمتاھان ئېلىپ بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئامرىكىدا ئىشلەش قابىلىيتى قانچىلىك شۇنى كۈزىتىپ ئامرىكىدىمۇ ھازىرقى قابىلىيتى بىلەن نورمال ئىشلەپ كىتەلەيدۇ دەپ قارىسا ئاندىن ئالىدىكەن. ئەمىلىيەتتە ئامرىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ خىزمەت تەلىۋىمۇ ئۇنچىۋالا يۇقىرى بولمىغاچقا جۇڭگۇدا نۇرمال يۇمشاق دىتال شىركەتلىرىدە ئىشلەپ 1-2 يىل پروگرامما يېزىپ باققانلار بولسا ئامرىكىدىمۇ ئوخشاشلا ئىش تاپالايدىكەن.
بۇ مەكتەپ ئامرىكىنىڭ Iowa شىتاتىدىكى بىر كىچىك يەرگە جايلاشقان. مەكتەپ بەك چوڭ ئەمەس. بۇ مەكتەپنى قۇرغۇچى ھىندىستانلىق بولۇپ مەكتەپتىمۇ ھىندىستانلىق ۋە ئوتتۇرا شەرىق، ئافرىقىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار جىققكەن . يىقىندا جۇڭگۇدىنمۇ ئوقۇغۇچىلار تىز كۆپيىشىكە باشلاپتۇ. مەكتەپتە ھىندىستانلىقلار كۆپ بولغاچقا ۋە قۇرغۇچىسىمۇ ھىندىستاندىن بولغاچقا ھىندىستان مەدىنىيتى ۋە دىنىغا ئائىت نەرسىلەرمۇ جىقكەن.مىنىڭ كۆزىتىشىمچە بۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر پروگراممىر بالىلارغا بەكمۇ ماس كىلىدىغان ئوقۇش ئىكەن. ماڭا ماس كىلىدىكەن دەپ قارىغان بالىلارنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ ئىلتىماس قىلىشىنى سورايمەن. ئاللا خالىسا كىرىمنى جىلغىسدا يەنە 4-5 يىلدىن كىيىن 10-20 ئۇيغۇر يۇمشاق دىتال ئىنجىنىرلىرى يىغىلپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. ئەمما ئىنگىلىز تىلىنى ئادەتتىكى ئالاقە قىلىش سەۋىيسىگە تېخى بارمىغانلار،تور بېتىنى كۆرۈپ چۈشىنەلمىگەنلەر، 1-2 يىل پروگرامما يېزىپ باقمىغانلار ئاۋال شۇ شەرتنى ھازىرلاپ ئاندىن ئىلتىماش قىلغايسىلەر. بولمىسا بىرسى كىلىپ ئىشنى بۇزۇپ قويساڭلار كەينىدىكلەرگە تەسىرى بۇلىدۇ. بۇ مەكتەپ بىر يىلدا 3 قېتىم ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىكەن. شۇڭا قاچان شۇ تەلەپنى ھازىرلاپ بولغاندا شۇ ۋاقىتتا ئىلتىماس قىلساڭلار بۇلىۋىرىدۇ.
بۇ مەكتەپنىڭ كومپيۇتېر كەسپىدىن سىرت يەنە بوغالتىرلىق ئۈچۈن يەنە ئوخشاش پروگرامما بار ئىكەن. بوغالتىرلىق ئوقۇيدىغانلارمۇ سىناپ باقساڭلار بۇلىدۇ. بوغالتىرلىقمۇ ئامرىكىدا خىزمەت تېپىش ئەڭ ئاسان بولغان كەسىپلەرنىڭ بىرسى.
مەن بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزدۇم، لېكىن سۇئاللارغا جاۋاپ بىرەلمەيمەن. سۇئالى بارلار بىۋاستە مەكتەپ تور بېتىنى تەپسىلى كۆرسەڭلار ھەممە سۇئالغا ئاساسەن جاۋاپ بار. ئۇ يەردىنمۇ جاۋاپ چىقمىسا بىۋاستە خەت يازساڭلار بۇلىدۇ. بۇ يەردە يوق ئۇچۇرلار بولسا مەنمۇ جاۋاپ بىرەلمەيمەن. پىلان قىلش خاراكتىرلىق سۇئاللار بولسا مەيلى.
评论
مەن ھازىر بىر 大专مەكتەپتە ئوقۇۋاتىمەن.ئامىركىغا چىقىپ 3DMAXنى شۇنداقمۇ ئۆگەنگىم بار...大专دىن 本科غا ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان مەكتەپمۇ بارمۇ؟بولسا خەۋەر قىلىۋەتسىڭىز...مېنىڭ مەكتىپىم ئاللاھ خالىسا بۇيىل پۈتىدۇ...بۇ مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ئىدى...چ چ نۇمۇرۇم297433731 سىزنىڭ خوش خەۋىتىڭىزنى كۈتىمەن ئەمسە!
-----------------------------------------------------------------------------------
مۇشۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزگىنىڭزنىڭ ئۆزىلا يىتىپ ئاشىدۇ ، ئاغىنىلىرىمگە يەتكۈزۈپ قوياي ، رەھمەت