• Web 2.0 يىغىلىشىدا Mr Jeck at Web 2.0 Expo in SF - [Review نەزەر]

    2009-04-03

    تۈنۈگۈن بىر دوستۇم بىلەن بىللە سان فىرانسىسكو دا ئېچىلىۋاتقان web.20 كۆرگەزمىسى ۋە يىغىلىشىغا بارغان ئىدىم. بۇ يىغىلىش web 2.0  دۇنياسىدىكى تەسىرى ئەڭ يۇقىرى بولغان يىغىلىش بولۇپ مۇشۇ ساھەدىكى نۇپۇزلۇق تېخنىكىلىق شىركەتلەر يىغىلىپ پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، كۈ قاراشلىرىنى بايان قىلىدۇ، يىڭى مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىدۇ. بۇ يىغىلىشنىڭ كۆلىمى Macworld دىن سەل كىچىكرەك. لېكىن ئىنتېرنېت ئۇچۇرى بىلەن ھەپىلىشىۋاتقانلار ئۈچۈن مۇھىم ھىساپلىنىدۇ. پېقىرمۇ توغرىلىق قىسقىچە مەلۇمات بىرىپ ئۆتمەكچىمەن. ئېلىپ بارغان ئاپىراتىمغا توك قاچىلىماشنى ئۇنتۇپ قېلىپ بېرىپتىكەنمەن، شۇڭا رەسىمگە تارتالمىدىم. چىقىرىپ قويغان رەسىملەر توردىن ئېلىنغان.

    web 2.0 دىگەن ئوقۇم 2000-يىللاردىكى ئىنتېرنېت ماغزىپىدىن (internet bubble) كىيىن پەيدا بولغان. بولۇپمۇ 2003 يىللاردىن كىيىن ئىشلىتىلىشكە باشلىغان بولۇپ قىسغىنە 5 يىلللىىق تەرەققىيات ئارقىلىق ھازىر ئىنتېرنىت دۇنياسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر ئۇقۇم بۇلۇپ قالدى. Facebook, Myspace, Digg, Twitter, Flickr قاتارلىق ۋەكىل خاراكتىرلىق تور بەتلەر ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلىرىنى يىڭى بىر دۇنياغا باشلاپ كىردى.ھازىر web2.0 تېخنىكىسى ئىشلىتىلمىگەن تور بەتلەر ئۇنچە ئىلغار تور بەتلەر بولۇپمۇ ھىساپلانمايدۇ.  بۇ ئوقۇمغا قىززىققۇچىلار توردىن يەنە باشقا ماتىرىياللارنى ئاختۇرۇپ كۆرگەي.

     كۆرگەزمىگە  كىرىپ تىزىملىتىپ مەيدىمىزگە ئىسىۋالىدىغان كىنىشكىمىزگە يەنە ئۈزىمىزنىڭ نىمە ئىش قىلىدىغىمىزنى بىلدۈرۈپ قويدىغان كارتىلار بار ئىكەن. مەن شۇ كارتىنىڭ ئىچىدىن Blogger ( بلوگ يازغۇچىسى) دىگەن كارتىنى ئېلىپ ئېسىۋالدىم. ئامرىكىدا ياخشى بلوگ يازىدىغانلارنىڭ تەسىرى چوڭ( ئۇيغۇرلاردىمۇ بارغانسىرى چوڭىيۋاتىدۇ) ھەم ئۇلارنىڭ جەميەتكە تەسىرى كۈچلۇك. ھازىر ياخشى بلوگلارنىڭ تەسىرى چىقىۋاتقان ژورنال، گىزىتلەردىن ئېشىپ كىتىدۇ. ئامىرىكىدىكى ياخشى بلوگلار توغرىسىدا مەن كىيىن ئايرىم توختىلىپ ئۆتىمەن. ئويلىمىغان يەردىن بلوگىر دىگەن كارتىنىڭ پايدىسى بەك جىق بولدى. مەن ھەرقانداق بىر شىركەتنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ ئالدىغا بېرىپ كۆرۇپ بولغۇچە مەسئۇللىرى دەرھال كىلىپ« ھە،سىز بلوگىرمۇ، بىزنىڭ مۇنداق مۇنداق تېخنىكىمىزنى يىقىندا چىقاردۇق، دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، بلوگىڭىزدا بۇ توغرىلىق ئۇچۇر يېزىپ قويسڭىز باشقىلار خەۋەر تېپىپ قالسۇن» دەپ ئادەتتىن تاشقىرى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ، تەييارلاپ قويغان بىرىدىغان سوغىلىرى بولسا  ھەممىنى دىگۇدەك بىرىپ بەك ئامرىكىغا قارىتىلمىغان بۇ بلوگىمنىڭ «يۈزىنى» قىلىپ كەتتى. مەنمۇ چاندۇرماي مىنىڭ بلوگىم IT توغرىسىدا دەپ قويدۇم ( لېكىن ئۇلارنىڭ بەك ياخشى مۇئامىلىسىدىن ئۈزەمنى بىر خىل ئۇلارنى ئالداۋاتقاندەكمۇ ھىس قىلىپ قالدىم)  بەرگەن پارچە پۇرات ئىلان خاراكتىرلىق سوغىلىرى كارغا كەلمىگەندىمۇ بىر نەچچە بارماق دىسكا سومكامدا قاپتۇ.

    كۈزىتىشىمچە، كۆرگەزمىدىكى قويۇلغان ۋە پىلان قىلىنىۋاتقان، ھەر خىل دوكلات ۋە يىغىلىشلاردىكى نۇتۇق، مۇزاكىرىلەردىكى مەزمۇنلاردىن قارىغاندىكى  بۇ يىلقى بۇ كۆرگەزمىدىكى ئاساسى تىما بولۇت كومپۇتېرى ( cloud computing), ئايفون قوللانچىلىرى(iPhone Application)، ۋە Facebook, Twitter قوللانچىلىرى ئىكەن. بولۇپمۇ  بولۇت كومپۇتېرىغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلات ۋە دوكلاتلار بەك زور سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بۇ ئۇقۇم مەيدانغا كەلگىلى تېخى بىر نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ لېكىن چوڭ شىركەتلەرنىڭ كۈچلۈك قاتنىشىشى بىلەن ئۇچۇر ساھەسىدە يەنە بىر قېتىملىق ئىنقىلاپ سۈپىتىدە ئۇتتۇرغا چىقىۋاتىدۇ. ئوقۇم ۋە تېخنىكا جەھەتتىن تېخى پۈتۈنلەي پىشىپ بۇلالمىغاچقا يەنە نۇرغۇنلىغان شىركەتلەر ۋە تېخنىكلار بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قاراۋاتقان بولسىمۇ لېكىن نۇتۇق سۈزلىگۇچىلەر ئۇنىڭغا بولغان ئىھتىياج ۋە قۇلايلىق چوقۇم بازارنى قايىل قىلىدۇ دەۋاتىدۇ. قارىغاندا بۇندىن كىيىن بولۇتتىن ئايرىلالمايدىغاندەك تۇرىمىز. ئۇيغۇرلاردىكى ئۇچۇر ساھەسىدىكى شىركەت ۋە شەخىسلەرمۇ بۇنىڭغا يىقىندىن دىققەت قىلىپ تۇرغاي. ئۇندىن باشقا مەيلى بۈگۈنكى كۈرگەزمىدىن بولسۇن ياكى كىرىمى جىلغىسىدىكى بىرەر يىلدىن بۇيان سېلىنىۋاتقان تەۋەككۈل مەبلەغنىڭ نىشانىغا بولسۇن Application ياساش ساھەسى شىددەت بىلەن ئۈرلەۋاتىدۇ. قاراپ باقسام بۇنى ياساشقا ئۇنداق مۇكەممەل بىر تور بەت ياسىغاندەك مۇرەككەپ ۋە جىق ئىش كەتمەيدىكەن. لېكىن ياخشى قىلىپ ئىشلەتكۈچىلەر ياخشى كۆرسە كىرىم قىلىشنى ئاسانلا باشلىۋالالايدىكەن. دۇنياسىدا گەرچە تور ئىشلىتىدىغان ئادەم ئاز بولسىمۇ پىشقان پۇل تاپىدىغان سودا مودىلى كەم بۇلۇۋاتقان بولغاچقا Application ياساش ساھەسى بەكلا ئاسان قوللاشقا ۋە كىڭەيتىلىشقا ئىرىشىۋېتىپتۇ. قوللانچە ياساشقا قانچىلىك تېخنىكا كىتىدىغاندۇ دەپ سۈرۈشتۈرۈپ باقسام تېخنىكىمۇ يۇقىرى ئەمەس ئىكەن ھەم توردا ئۈگىتىدىغان ماتىرىياللارمۇ خېلى جىق ئىكەن. يىقىندىكى خەۋەرگە قارىغاندا ستانفورد ئۇنۋېرسىتىتى مەخسۇس iPhone Application ياساش دەپ دەرىس ئېچىپتۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلاردىن ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بالىلار بۇلارغىمۇ نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ قويغاي.

    يىغىندا مىكروسوفت چوڭ يەردىن  بىرنى ئىگەللەپ Windows Surface دەپ ئەڭ يىڭى تېخنىكىسنى كۆرگەزمە قىلدى. ئىشلىتىپ باقتىم. ناھايتى قۇلايلىق ۋە پەيزىكەن. ئۈستەلنىڭ يۈزىنى كومپيۇتېر يۈزى قىلىپ Iphone ئىشلەتكەنگە ئوخشاش بارماق بىلەنلا مەشغۇلات قىلىدىكەن. دىسكىنى ئۈستىگە تاشلاپ قويسىلا ناخشىلارنى قويىدىكەن. يەنە Windows 7 نىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنى بىردەم ئىشلىتىپ باقتىم Vista غا سېلىشتۇرغاندا بەك چوڭ پەرقىنى بايقىمىدىم.  كىچىك يىڭى ئىقتىدارلىرى خېلى باردەك قىلىدۇ. ھەقسىز دىسكىدىن بىرنى سوغا قىلدى. لېكىن قاچىلىمىدىم.
     ئۇندىن باشقا يەنە ئەڭ ياخشى كۈرگەن مەھسۇلاتىم بىر ياپۇنلۇقنىڭ شىركىتىنىڭ  شەھەر ئۈچۈن Google Earth كە ئوخشايدىغان بىر نەرسە قىپتۇ. تۇنجى بولۇپ New York شەھىرى ئۈچۈن قىپتۇ. ئۇلار شەھەردىكى بىنا ۋە يوللار قۇرۇلمىسىنى 3D قىلىپ مودىللاپ چىقىپتۇ. ئادەتتە Google Earth تا شەھەرلەرنى كۈرگەندە بىنالارنى پەرىق قىلغىلى بۇلىدۇ، لېكىن ئادەمگە بىرەر ئىككى يۈز مىتىر ئاسماندىن تارتقاندەك كۈرىنىدۇ يەنى بىنالار ۋە يوللار ئىنىق كۈرۈلمەيدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ قىلغىنىدا خۇددى ئۈزىمىز تارتىپ كەلگەن رەسىمگە ئوخشاش بىنانىڭ نەچچە قەۋىتى بارلىقى، ئۈينىڭ دەرىزىسىگىچە ناھايتى ئىنىق كۈرىنىدىكەن. پۈتۈن New York شەھىرىنى شۇنداق مودىللاپ چىقپتۇ. ھەر بىر بىنانى چەكسە شۇ بىنا يەنە ئايرىم كۈرۈنىدىكەن ۋە ئەتراپىدا نىمىلەر بارلىقى ئاستىدا چىقىدىكەن. ئۇلار بىلەن خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشتىم. ئەمدى ئايدا بىر شەھەر سۈرئىتى بىلەن ئاۋال ئامرىكىنى، ئاندىن پۈتۈن دۇنيانى مۇشۇنداق مودىللاپ چىقىمىز. بۇندىن كىيىن دۇنيادا ھىچكىم يولدىن ئېزىپ قالمايدۇ دەپ نىشانىنى دەپ بەردى. ئۇندىن باشقا يەنە Nokia, Blackberry, Palm قاتارلىق ئەقلى تېلفۇنلارنىڭ شىركەتلىرىمۇ يىقىندا مەھسۇلاتلىرىغا Application ئىقتىدارىنى ئېچىپ چوڭ تۈردە تەشۋىق قىلغىلى باشلاپتۇ. قارىغاندا بىرەر يىلغا قالماي بۇ تېلفۇنلاردىمۇ iPhone غا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان دىتاللارنى ئىشلىتەلەيدىغان ئۇخشايمىز. يەنە نۇرغۇنلىغان شىركەتلەر پۈتتۈرۇپ بولغان، لېكىن بازارغا سالمىغان مەھسۇلاتلىرىنىمۇ ئەكىلىپتۇ.
    يىغىنغا ياۋرۇپادىن بىرمۇنچە شىركەتلەر كەپتۇ، يېرىمىنى شۇلار ئىگەللىگەندەك قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە ھىندىستاننىڭ شىركەتلىرىمۇ خېلى باركەن. بولۇپمۇ Outsourcing قىلىدىغان شىركەتلەر خېلى باركەن.

    تۈۋەندىكىلەر يىغىلىشتىن رەسىملەر


    Web 2.0 نىڭ ئاتىسى ۋە بۇ يىغىننىڭ تەشكىللۇگۇچىسى Tim O'Reilly


    Windows Surface




    分享到:

    评论

  • سىزنىڭ ۋەتەن سىرتىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقانلىقىڭىزدىن ئىنتايىن سۆيۈندۈم. سىزنىڭ ھەربىر ئىشلىرڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
    چەۋەندازلار بلوگى
    http://qawandazlar.blogbus.com/
  • تور خاتېرىڭىزنى ئۇيۇش ئۇيغۇر تور ئۇيۇشمىسىغا قوشۇپ قويدۇم !
    خالىسىڭىز بېكىتىمىزنى ئۇلىنىش قىلىپ قويۇڭ !
    ئادېرىسى : http://100.uyux.cn

    تېخىمۇ قىزىق نوقتىلارنى يوللاپ بېرشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن !
  • بۇنىڭغا Google قاتناشماپتىمۇ؟
  • تېخنىكا پۇل دە بۇگۇنكى زاماندا؟تېخنىكا بولمىسا قالىدىغان گەپ جۇمۇ.........
  • ئۆتكەندە بىزنىڭ مەكتەپكە مىكروسوفتنىڭ جوڭگۇدىكى باش لىدىرى كىلىپ لىكسىيە سۆزلىگەندە Windows Surface نىڭ ئىشلىتىلىشىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەنىدى بەك پەيزىكەن . لىكىن تەننەرخى يۇقىرى بولغاچقا بازارغا سىلىپ بولالماپتۇدەك.
  • زامان نەدە بىز نەدە ھوي ؟