-
Jeck ئىلاۋىسى:مالايسىياغا چىقىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ ماقالىنى ھازىر مالايسىيادا تۇرۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ئالاھىدە تەييارلىدى. ئۈزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقانلىغى ئۈچۈن بۇ قېرىندىشىمىزغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
ئالدىمدا پەقەت بىرلا بىنا،، ئاستىنقى قەۋىتى تاللا بازىرى ئىدى... پەقەت 2-3 قەۋەتلا ئوقۇتۇش رايونى ئىدى... تەسەۋۇرۇمدىكى مەكتەپ بىلەن ئاسمان-زېمىن پەرقلىنەتتى.... ئۇ ئاكاش مېنى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپلا، كېتىپ قالدى..( خەقنىڭ يامان گېپىنى قىلغۇم يوق).... بۇنى بىر مەكتەپ دەپ ئىقرار قىلغۇم كەلمەيتتى،،، پەقەت بىر تۆۋەن دەرىجىدىكى تىل تەربىلەش مەركىزى ئىدى.... ئۇرۇمچىدىكى تىل تەربىلەش مەركەزلىرى بۇنىڭدىن كۆپ ياخشى،،،،، ئامال قانچە چىداش كېرەك،