• جېك تور خاتىرىسى ئەسلىگە كەلدى، بۇندىن كىيىن نورمال يىڭىلىنىدۇ. Blog Re-activated From Today

    2010-01-16

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار، ئالدى بىلەن كىچىكىپ بولسىمۇ ھەممىڭلارنىڭ يىڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. ئەسلى بۇ مۇبارەكنى يىڭى يازما بىلەن يىڭى يىلنىڭ باشلىنىشىدىلا بەرمەكچى ئىدىم، لېكىن يىڭى يىل ئالدى كەينىدە شەخسى ئىشلار بىلەن سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم، ئىككى ئۈچ كۈننى ئۆتكۇزۇۋېتىپ قارىسام بۇ تور خاتىرىسىنىڭ مۇلازىمىتىنى تەمىنلىگۇچى چوڭ تور بەت بلوگباس تاقىلىپ قاپتۇ. جۇڭگۇدا زور كۈچ بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنتېرنىتنى تازىلاش ھەركىتى گۇگۇل، BTchina دىگەندەك چوڭ تور بەتلەر بىلەن ئۆتەمدىكى دىسەم بىزدەك كىچىك تور بەتلەرگىمۇ تەسىرگە ئۇچراپتۇق. بۇ تور خاتىرىسىنىمۇ ئەمدى يۈتۈرگەن ئوخشايمەن دەپ كۆڭلۇم جىق يېرىم بولدى. قايتىدىن يىڭى بىر بىلوگ ئېچىشقا ئەمدى قانچىلىك زىھىن ۋە كۈچ كىتەر دەپ ئەنسىرەپ ئولتۇرسام تۈنۈگۈن يەنە ئۆزلۈگىدىن ئېچىلىپ قاپتۇ، "ئۈزى كەلگەن يار، ئۈزى كەتكەن يار" دەپ يەنە قايتىدىن باشلىۋالايلى دەپ ئويلىدىم. بلوگ بار لېكىن يىڭىلىمىغان ۋاقىتلاردا يوقىلاڭ ئىشلار بىلەن ئۈزەمنى زوڭتۇڭدىن ئالدىراشتەك ھىس قىلىپ بلوگقا قارىيالمىغان بىلەن يوقىىتپ قويغان ۋاقىتلاردا ئۈزەمنىڭ ھەقىقتەتەن ببلوگتىن ئايرىلىپ ياشىيالمايدىغانلىغىمنى ھىس قىلدىم.

    ئالدى بىلەن ئالتە-يەتتە ئايدىن بۇيان يوقاپ كەتكەن بولساممۇ پېقىرنى ئۇنتۇپ قالماي يوقلاپ تۇرغان ھەر بىر ئوقۇرمەن ۋە دوستلارغا چىن كۈڭلىمدىن تەشەككۈر بىلدۇرىمەن. ئەسلى ئۇنچىۋالا ئۇزاقمۇ يوقاپ كەتمەيتتىم، لېكىن بۇ 6 ئايدا بەك جىق ئىشلار بولدى، بىر مەزگىل يوقاپ كەتمەيمۇ ئامال بولمىدى. دوستلار بىلەن ئالاقىلىشىدىغان تور يوق، ئۈيدىكىلەر بىلەن مۇڭدىشىپ قۇرۇق گەپ قىلىشىدىغان تېلفۇن يولى ئىتىك، مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە تونىمايدىغان بىر كىملەر بىلەن بىر نەرسىلەرنى تالىشىپ يۈرۈيدىغان تور بەتلەرمۇ يوق. كىملەر ئامەن ئىسەن، كىملەر قايغۇدا بۇنداق ئۇچۇرلارمۇ يوق، كۈرگەن كۆرمىگەن بولۇپ نەچچە يىقىن ئۈتكەن دوست بۇرادەر، تۇنۇش-بىلىشلەرنىڭ يامان خەۋەرلىرىنى ئاڭلىدۇق، لېكىن ھىچ بولمىسا ئاتا-ئانىسىنى ئىزدەپ "بالىڭىز بىلەن يىقىن ئۈتكەن، ئىشلار نەدىن نەگىچە" دەپ بىر ئېغىز تەسەللى بىرەلمىدۇق. مەنغۇ چەتتە بولغاچقا قىلالمىدىم دەپ ئۈزەمنى ئالداپ يۈردۈم، لېكىن ۋەتەندە بولغان بولساممۇ قانچىلىك قىلالايمەن ئۈزەممۇ ئۇخمايمەن. قولىمىزدىن كىلىدىغىنى ئىچىمىزدە ئۇلارنىڭ پاتراق ئوڭۇششىزلىقتىن قۇتۇلىشىنى تىلىگەن بولدۇق. مىنىڭچە كۆپلىگەن دوستلارمۇ شۇنداق دەپ ئويلايمەن. مەن تويدىن كىيىن ۋە 7.5 دىن كىيىن بىر مەزگىل تور يوق يوقاپ كەتسەم مىنىمۇ بىرەر ئوڭۇششىزلىققا ئۇچرىغان ئوخشايدۇ دەپ دوستلار ئارىسىدا پاراڭلار بوپتۇ. لېكىن شۇ كۈنلەردە مىنى سەن بارمۇ يوقمۇ دەپ ئىزدىگەنلەر بەك ئاز بولدى. ئىز-دىرىگىمنى قىلغانلاردىن بەكمۇ مەمنۇن بولدۇم. ھازىرغۇ ھەممەيلەن بىرەر نەرسىگە ئىلىنىشپ قالارمەنمۇ دەپ بەك ئىھتىيات بىلەن ياشايدىغان بولۇپ كەتتۇق. لېكىن دوستلىرىمىز بىرەر پىشكەللىككە ئۇچىرىسا ئۇنىڭ ئىز دىرىگىنى قىلىپ، ھىچ بولمىسا ئاتا ئانىسى، ئۇرۇق تۇققانلىرىنى ئىزدەپ تەسەللى بىرىپ قويساق قانۇنغا،سىياسەتكە تاقاشماس دەپ ئويلايمەن. ھەم ھىچكىمنىڭ شۇنداق قىلىپ پىشكەللىككە ئۇچرىغىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم، شۇڭا ۋەتەندىكى دوستلارغا تەۋسىيەرىم شۇنداق دوستلىرىڭلار بولۇپ قالسا، بولۇپمۇ تورغا چىقىپ، تور بەت ئچېپ بۇرۇندىن ھەممىمىزگە ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ ھازىر گۇمان بىلەن پىشكەللىككە ئۇچراپ قالغان يىقىن دوستلىرىڭلار بولسا ئاتا ئانىسىنى ئىزدەپ تەسەللى بىرىىپ قويۇڭلار. گۇناسىزلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ياردەمدە بۇلالىساڭلار ياردەمدە بولۇڭلار. ئۇلارنىڭ كىچىك بالىلىرى بولسا ھىيت بايراملاردا يوقلاپ قويۇڭلار. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن كىچىك بالىلار نارىسىدە، ئۇلاردا ھىچقانداق گۇناھ يوق.

    ئەمدى بلوگقا كەلسەك، بېشىدا دەپ ئۆتكەندەك، بۇندىن كىيىن بلوگ ئەسلى ھالىتىگە قايتىدۇ، نورمال يىڭىلىنىپ تۇرىدۇ. يەنىلا بۇرۇنقىدەك دوستلارنىڭ مىھمان يازمىسىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. چەتكە چىقىپ ئوقۇش ئۇچۇرلىرىدا بۇندىن كىيىن مەيلى ماس كەلسۇن كەلمىسۇن قەرەللىك ھالدا ئۇچۇرلارنى بىرىپ تۇرىمەن.

    7.5 سەۋەپلىك ئۇيغۇر تور بەتلىرى ئاساسەن دىگۇدەك تاقىلىپ قالدى، شىنجاڭدا تور ئەسلىگە كەلدى دىگەندىمۇ ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ يەنە بۇرۇنقىدەك ھالەتكە كىلىشى يىقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە تەس. ئاڭغىچە ئۈزىمىز بىر توربەت ئېچىپ تۇرامدۇق قانداق ئويلىنىۋاتىمەن.

    分享到:

    评论

  • يۇقارقى تېمىغا ئىنكاس يازغىلى بولمىدى،شۇ
  • يۇقارقى تېمىغا ئىنكاس يازغىلى بولمىدى،شۇڭا مۇشۇمۇ جىك بىلوگىنىڭ ئىچى بولغاندىكىدەپ يىزىلىۋەردىم، بىلوگ ئەسلىگە كىلىپ ناھايىتى بەلەن ئىش بوپتۇ، خوتۇن دەپلا يۈرىۋەرمەي بىلوگ دەپمۇ يۈرۈپ قويارسىز
  • ئەسسىلاممۇ ئەلەيكوم،قەسقىلا سۆزلەي ،ئادەم دېگەن لەۋزىدە تۇرۇش كېرەك،سىز <بۇدىن كىيىن نورمال يېڭىلىنىدۇ >دېگىلى يېرىم يىل بولاي دېدى.لېكىن ھېچ سادايوق،
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئامان بولۇڭ، بۇ پاراكەندىچىلىك ھەممىمىزگە بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئامانچىلىقىنى تىلەيمىز. سىزنىڭمۇ ئوقۇشىڭىز كۆڭۈللۈك بولغاي....
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئامان بولۇڭ، بۇ پاراكەندىچىلىك ھەممىمىزگە بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئامانچىلىقىنى تىلەيمىز. سىزنىڭمۇ ئوقۇشىڭىز كۆڭۈللۈك بولغاي....
  • بىلوگىمىزنى ئۇلىنىش قىلساق``
    ھەمكارلاشقىنىڭزغا رەھمەت



    تور ئادرىسى :http://tashqin.blogbus.com

    logo ئادرىسى:http://filer.blogbus.com/5938239/593823912750740968.gif

  • يوقاپ كەتمەڭ بىرەر ئەھمىيەتلىك ماقالە يىزىپ قويمامسىىز . بىزنىڭ جايلارغىمۇ ئۇتۇپ قۇيۇڭلار مەرھەمەت
  • <مەن بار> دەپمۇ بولسا خەت يېزپ قويۇڭ ،تور ئېچىلغىلمۇ نەچچە كۈن بولدى.
  • http://bbs.danglik.com/
    http://oghlan.net/munber/
    مەن مۇشۇ ئىككىنى بىلىدىكەنمەن. ئىككىلىسى ئىچكىرىدە ئوقۇيدىغان باللا قۇرغان، ئەزالىرىمۇ ئاساسەن ئوقۇغۇچىلار.
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم
    سىز دېگەندەك تور بەت، مۇنبەرمۇ ئېچىلغان، سىزنى كۆرمۇدۇق. دىيارىمىزدا تورمۇ ئېچىلدى، بلوگىڭىز يەنىلا جايىدا....
    Jeck回复mumtehine说:
    qaysi tor betler mesilen?
    2010-05-25 10:06:46
  • نۆۋەتىكى ئادرىسى : http://dilkax613.blogbus.com سىزنى ئۇلۇنىش قىلىۋالدىم!
    تۇغ ئادرىسى:
    http://filer.blogbus.com/5910642/resource_59106421274382356w.bmp
  • تور ئېچىلغىلى نەچچە كۈن بولدى.... بىراق سىزدىن ھىچ سادا يوق....
  • تور ئېچىلغىلى نەچچە كۈن بولدى.... بىراق سىزدىن ھىچ سادا يوق....
  • ئۇلارنىڭ دىيىشىچە بۇ ئادرىسىنى ئىشلىتىشتىن توختىتىپتۇ! بىراق بلوگ باشقۇرۇش بىتىگە كىرگىلى بولدىكەن!
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! ياخشىمۇ سىز jeckئەپەندى! بۈگۈن ىنجاڭدا تور ئېچىلدى. بىراق مىنىڭ ماۋۇ بلوگۇم ئېچىلمىدى: dilax613.blogbus.com ھەي!
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم!! ئالدى بىلەن سىزنى كىچىكىپ تونۇغانلىقىمدىن ئەپۇ سورايمەن.
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    بلوگ سېپىگە قايتىپ كەلگىنىڭىزنى قۇتلۇقلايمىز ،بەلەن يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي...
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بلوگ سېپىگە قايتىپ كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز ،بەلەن يازمىلىرىڭىز ئۈزۇلمىگەي...
  • today is the first time i saw this blog ,sorry ,,,,didn't discover it earlier. you know i kind of admire you and want to be friends with you .
  • بەك يوقاپ كەتمەڭ، ئەسلىدىن قۇرۇقدىلىپ قالغان تور بېكەت دۇنياسى تېخىمۇ چۆلدەرەپ قالىدىكەن. مۇبارەك تېنىڭىز ئامان، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغۇسى!
  • جىك تور خاتىرىسى ەسلىگە كەلدىمۇ يا يەنە توت بەش اي دەم الامدۇ
  • مېنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان سىز بىلەن تۇنۇشۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرغۇم بار ئىدى ، بولسا ئالاقىلىشىپ تۇرساق .مېنىڭ ئېلخەت ئادرىسىم : nawat3@gmail.com . خېتىمنى ئامال يوق بۆلىۋەتتىم ، كەچۈرگەيسىز .
  • گەرچە مەن ئىلگىرى سىزگە خەت قالدۇرۇپ باقمىغان بولساممۇ خېلىدىن بېرى بلوگىڭىزغا كىېلىپ تۇراتتىم ، بلوگىڭىزدىكى نۇرغۇن ياخشى ئۇچۇرلار ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدە بىلىم
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تۇرسۇنجان ئاكا . ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ ؟ مەن فۇدەن ئونۋىرستىتىنىڭ فىزىكا كەسپىدە ئوقۇۋاتقان بىر ئوقوغۇچى .
  • شۇنداقتىمۇ ئىچكىرىدىكى ئوقوغۇچىلار پات-پات كېلىپ تۇرۇپتىمىز ، بولسا بىز ئىچكىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئاز كۆرمەي بلوگىڭىزنى يىڭىلاپ تۇرسىڭىز .
  • ئاشۇرۇش ئىشلىرىغا تولىمۇ كۆپ پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى . بىراق يېقىندىن بۇيان تورنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش سەۋەبىدىن شىنجاڭدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بلوگىڭىزغا كىرىشى مومكىن بولمىدى .
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    قانداق ئەھۋالىڭىز؟ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇقتۇ؟
  • ھەممىڭلارغا يۈرەكتىن سالام!
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
  • چەت ئەللەردە ئوقۇۋاتقانلار،ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن بىر تور بەت بولسا بەك ياخشى بولاتتى. ئامان بولۇڭ،ھەممە ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن!
评论分页:共2页 1 2 下一页 最后一页