• جېك تور خاتىرىسى ئەسلىگە كەلدى، بۇندىن كىيىن نورمال يىڭىلىنىدۇ. Blog Re-activated From Today

    2010-01-16

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار، ئالدى بىلەن كىچىكىپ بولسىمۇ ھەممىڭلارنىڭ يىڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. ئەسلى بۇ مۇبارەكنى يىڭى يازما بىلەن يىڭى يىلنىڭ باشلىنىشىدىلا بەرمەكچى ئىدىم، لېكىن يىڭى يىل ئالدى كەينىدە شەخسى ئىشلار بىلەن سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم، ئىككى ئۈچ كۈننى ئۆتكۇزۇۋېتىپ قارىسام بۇ تور خاتىرىسىنىڭ مۇلازىمىتىنى تەمىنلىگۇچى چوڭ تور بەت بلوگباس تاقىلىپ قاپتۇ. جۇڭگۇدا زور كۈچ بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنتېرنىتنى تازىلاش ھەركىتى گۇگۇل، BTchina دىگەندەك چوڭ تور بەتلەر بىلەن ئۆتەمدىكى دىسەم بىزدەك كىچىك تور بەتلەرگىمۇ تەسىرگە ئۇچراپتۇق. بۇ تور خاتىرىسىنىمۇ ئەمدى يۈتۈرگەن ئوخشايمەن دەپ كۆڭلۇم جىق يېرىم بولدى. قايتىدىن يىڭى بىر بىلوگ ئېچىشقا ئەمدى قانچىلىك زىھىن ۋە كۈچ كىتەر دەپ ئەنسىرەپ ئولتۇرسام تۈنۈگۈن يەنە ئۆزلۈگىدىن ئېچىلىپ قاپتۇ، "ئۈزى كەلگەن يار، ئۈزى كەتكەن يار" دەپ يەنە قايتىدىن باشلىۋالايلى دەپ ئويلىدىم. بلوگ بار لېكىن يىڭىلىمىغان ۋاقىتلاردا يوقىلاڭ ئىشلار بىلەن ئۈزەمنى زوڭتۇڭدىن ئالدىراشتەك ھىس قىلىپ بلوگقا قارىيالمىغان بىلەن يوقىىتپ قويغان ۋاقىتلاردا ئۈزەمنىڭ ھەقىقتەتەن ببلوگتىن ئايرىلىپ ياشىيالمايدىغانلىغىمنى ھىس قىلدىم.

    ئالدى بىلەن ئالتە-يەتتە ئايدىن بۇيان يوقاپ كەتكەن بولساممۇ پېقىرنى ئۇنتۇپ قالماي يوقلاپ تۇرغان ھەر بىر ئوقۇرمەن ۋە دوستلارغا چىن كۈڭلىمدىن تەشەككۈر بىلدۇرىمەن. ئەسلى ئۇنچىۋالا ئۇزاقمۇ يوقاپ كەتمەيتتىم، لېكىن بۇ 6 ئايدا بەك جىق ئىشلار بولدى، بىر مەزگىل يوقاپ كەتمەيمۇ ئامال بولمىدى. دوستلار بىلەن ئالاقىلىشىدىغان تور يوق، ئۈيدىكىلەر بىلەن مۇڭدىشىپ قۇرۇق گەپ قىلىشىدىغان تېلفۇن يولى ئىتىك، مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە تونىمايدىغان بىر كىملەر بىلەن بىر نەرسىلەرنى تالىشىپ يۈرۈيدىغان تور بەتلەرمۇ يوق. كىملەر ئامەن ئىسەن، كىملەر قايغۇدا بۇنداق ئۇچۇرلارمۇ يوق، كۈرگەن كۆرمىگەن بولۇپ نەچچە يىقىن ئۈتكەن دوست بۇرادەر، تۇنۇش-بىلىشلەرنىڭ يامان خەۋەرلىرىنى ئاڭلىدۇق، لېكىن ھىچ بولمىسا ئاتا-ئانىسىنى ئىزدەپ "بالىڭىز بىلەن يىقىن ئۈتكەن، ئىشلار نەدىن نەگىچە" دەپ بىر ئېغىز تەسەللى بىرەلمىدۇق. مەنغۇ چەتتە بولغاچقا قىلالمىدىم دەپ ئۈزەمنى ئالداپ يۈردۈم، لېكىن ۋەتەندە بولغان بولساممۇ قانچىلىك قىلالايمەن ئۈزەممۇ ئۇخمايمەن. قولىمىزدىن كىلىدىغىنى ئىچىمىزدە ئۇلارنىڭ پاتراق ئوڭۇششىزلىقتىن قۇتۇلىشىنى تىلىگەن بولدۇق. مىنىڭچە كۆپلىگەن دوستلارمۇ شۇنداق دەپ ئويلايمەن. مەن تويدىن كىيىن ۋە 7.5 دىن كىيىن بىر مەزگىل تور يوق يوقاپ كەتسەم مىنىمۇ بىرەر ئوڭۇششىزلىققا ئۇچرىغان ئوخشايدۇ دەپ دوستلار ئارىسىدا پاراڭلار بوپتۇ. لېكىن شۇ كۈنلەردە مىنى سەن بارمۇ يوقمۇ دەپ ئىزدىگەنلەر بەك ئاز بولدى. ئىز-دىرىگىمنى قىلغانلاردىن بەكمۇ مەمنۇن بولدۇم. ھازىرغۇ ھەممەيلەن بىرەر نەرسىگە ئىلىنىشپ قالارمەنمۇ دەپ بەك ئىھتىيات بىلەن ياشايدىغان بولۇپ كەتتۇق. لېكىن دوستلىرىمىز بىرەر پىشكەللىككە ئۇچىرىسا ئۇنىڭ ئىز دىرىگىنى قىلىپ، ھىچ بولمىسا ئاتا ئانىسى، ئۇرۇق تۇققانلىرىنى ئىزدەپ تەسەللى بىرىپ قويساق قانۇنغا،سىياسەتكە تاقاشماس دەپ ئويلايمەن. ھەم ھىچكىمنىڭ شۇنداق قىلىپ پىشكەللىككە ئۇچرىغىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم، شۇڭا ۋەتەندىكى دوستلارغا تەۋسىيەرىم شۇنداق دوستلىرىڭلار بولۇپ قالسا، بولۇپمۇ تورغا چىقىپ، تور بەت ئچېپ بۇرۇندىن ھەممىمىزگە ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ ھازىر گۇمان بىلەن پىشكەللىككە ئۇچراپ قالغان يىقىن دوستلىرىڭلار بولسا ئاتا ئانىسىنى ئىزدەپ تەسەللى بىرىىپ قويۇڭلار. گۇناسىزلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ياردەمدە بۇلالىساڭلار ياردەمدە بولۇڭلار. ئۇلارنىڭ كىچىك بالىلىرى بولسا ھىيت بايراملاردا يوقلاپ قويۇڭلار. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن كىچىك بالىلار نارىسىدە، ئۇلاردا ھىچقانداق گۇناھ يوق.

    ئەمدى بلوگقا كەلسەك، بېشىدا دەپ ئۆتكەندەك، بۇندىن كىيىن بلوگ ئەسلى ھالىتىگە قايتىدۇ، نورمال يىڭىلىنىپ تۇرىدۇ. يەنىلا بۇرۇنقىدەك دوستلارنىڭ مىھمان يازمىسىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. چەتكە چىقىپ ئوقۇش ئۇچۇرلىرىدا بۇندىن كىيىن مەيلى ماس كەلسۇن كەلمىسۇن قەرەللىك ھالدا ئۇچۇرلارنى بىرىپ تۇرىمەن.

    7.5 سەۋەپلىك ئۇيغۇر تور بەتلىرى ئاساسەن دىگۇدەك تاقىلىپ قالدى، شىنجاڭدا تور ئەسلىگە كەلدى دىگەندىمۇ ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ يەنە بۇرۇنقىدەك ھالەتكە كىلىشى يىقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە تەس. ئاڭغىچە ئۈزىمىز بىر توربەت ئېچىپ تۇرامدۇق قانداق ئويلىنىۋاتىمەن.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۇرسۇنجان ئاكا ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ بىلوگنىڭ ئەسلىگە كەلگىنىدىن بەك خۇشال بولدۇم.
  • سالام.
    تېنىڭىزگە سالامەتلىك،ئىشلىرىڭىزغا ئوڭۇشلۇق تىلەيمەن.
    ھەممە ئوڭشىلىپ كىتەر.
  • ئە جەپ تەستە ئېچىلدى! ساقلاپ كۆزۇم تۆت بولغان! ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ بىلوگى قاچان ئېچىلىدىكىن؟
  • يىڭىلانغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن ، ما بلوگ باس ئىنكاس خەت سانىغىمۇ چەك قويۇپتۇ مانا ،
    تور بەتنى تىزراق قۇرايلى ،تەيشادەك تور بەت قۇرالمايدىغانلىقىمىزغا ھەرگىز ئىشەنمەيمەن .
  • كەچۈرۈڭ،بلوگباس خەت سانىغا چەك قۇيۇپتىكەن،شۇڭا نەچچىگە بۆلۈپ يوللىۋەتتىم!
    http://www.hakaniya.cn/bbs/
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم،ۋەتەن ئىچىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ۋەكالىتەن ۋەتەن سىرتىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئامانلىقىنى تىلەيمەن!
    بلوگىڭىزنى پات-پات كۆرۈپ تۇرىمەن،ھەقىقەتەن ياخشى يازمىلار بار...
  • دىگەندەك،كىم بار كىم يوق،ئىزدىشىپمۇ قويمۇدۇق،ۋەتەندە خەلق قايغۇ ئىچىدە يۈرسە بىز سىرتتا بىخارام ئىشىمىزنى قىلىپ ياشىدۇق!...ھەي،ئويلىسام ئويلىسام ئىچىم ئېچىشىدۇ!...
  • يېقىندا ئىچكىردىكى ستۇدېنىتلار قۇرغان خاقانىيە دەپ بىر مۇنبەر بار ئىدى،شۇ يەرگە كىرىدىغان بولىۋالدىم مەن.خالىسىڭىز سىزمۇ كېرىپ بېقىڭ،ۋەتەن سېغىنىشىڭىز ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللەپ قالار!...
  • ماۋۇ ئېلاننى يوق قىلۋەتكىلى بولماسمۇ؟ئادەمنىڭ كۇزىگە يامان سەت كۇرىنىدىكەن.
  • مەن ماۋۇ پىكىرنى قوللايمەن.سىزگە چوڭ ياردەم قىلالماسلىقىم مۇمكىن،لىكىن شۇ كىچىك ياردەم لازىم بولسا قۇلۇم كۆكسۇمدە.سىز مىنى بىلىسىز.شۇڭا ئارتۇق چۇشەندۇرۇش قىلمىدىم....سالامەت بۇلۇشىڭىزنى تىلەيمەن.
  • 写了好多话发送后就说字数超出200字,发送失败。

    在重新写着。现在维文输入法也没能用了好像。
    关于网站, 如果我们真地认为有必要作一个交流平台那就快点决定把。我们考试这月末就结束。技术方面的东西可以一边干一边学,内容管得严格点就行。
    在联系,祝好
  • ھەممىمىز نىمىگە ئالدىراشلىقىمىزنى بىلەلمەيلا يەنە ئالدىراپلا ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىغا بىرىپ قالىدىغان ئوخشايمىز .بىز ھازىر بىر خىل بۇرۇختۇرما ھالەتكە كىلىپ قاپتۇق.
  • ئۇزۇن بولدى ، ئەھۋاللىشىپ بولالمىدۇق.
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
    ساق سالامەت ئامانلىقنى ئالدىن سورىۋالغاچ كىيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇقنىمۇ تىلەيمەن.
评论分页:共2页 第一页 上一页 1 2