• يىقىندا توردا ئىلمى ماقالە ئىزدەۋېتىپ ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار يازغان بىر نەچچە ماقالىگە كۆزۈم چۇشۇم قالدى ۋە ئۇلاردا i.e. ۋە e.g. قىسقارتىلما سۈزلىرىنىڭ خاتا ئىشلىتىلگەنلىكىنى ياكى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىلگەنلىكىنى بايقاپ قالدىم. بۇ ئىككى سۈز ئادەتتە كۆپ ئۇچرىمايدۇ، لېكىن ئىلمى ماقالىلاردا بەك جىق ئىشلىتىلىدۇ. بۇرۇن مەنمۇ دىققەت قىلماي خاتا ئىشلىتىپ قوياتتىم. كىيىن ئامرىكىدا ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن دىسىرتاسىيە يېزىۋاتقان ۋاختىمدا ئاندىن بۇ ئىككى سۈزنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بۇلغان ئىشلىتىش ئورنى بارلىقىنى بايقىدىم. ۋەتەندە ئاسپرانىت ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يازمىنى ئوقۇپ قويۇشىنى ياكى توردىن ئاختۇرۇپ قويۇشىنى سورايمەن، ماقالە يازغان ۋاختىڭلاردا ئالدىڭلارغا كىلىدۇ