-
شىنجاڭدىكى يېشى ئەڭ چوڭ پۇتبۇل مەستانىسى Oldest Soccer Fan of Uyghurs - [Review نەزەر]
2008-09-11
بۈگۈن شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئاخرىدىكى مۇسابىقىسى قانداق بولغانلىغىنى بىلىش ئۈچۈن ھۇررا كۇلۇبىنى ئارىلاۋىتىپ گەرچە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ يىڭىلگەنلىگىنى بىلىپ كۆڭلۇم يېرىم بولغان بولسىمۇ لېكىن بۇ بىر پارچە رەسىمنى ئۇچرىتىپ كۈڭلۈمدە بىر خىل بۇ ئانىمىزغا بولغان ھۆرمەت تۇغۇلدى. بۇ ئانىمىز ئۆزى يالغۇز ھالدا بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ پۇتبۇل كۆرۈۋىتىپتۇ. ئەتراپىدا باللىرى ياكى نەۋرىلىمۇ باردەك ئەمەس. بۇ ئانىمىز كىمدۇ دەپ ئۆزەمچە خىيال قىلىپ قالدىم. بۇ ئانىمىز مۇنبەرگە كىرىپ پو ئېتىشنى، مىللىتىم دەپ چوڭ سۆزلەشنى بىلمەس بەلكىم. لېكىن شىنجاڭ كوماندىسى ئەڭ ناچار ئويناپ كۈڭلىمىىزنى يېرىم قىلىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتلەردىمۇ ، ھەممەيلەن 20 كويلۇق كۈرۈش بىلىتى قىممەت بولۇپ كەتتى دەپ زارلاۋاتقان ۋاقىتلاردىمۇ ئۈزى قىززىققان پۇتبۇل ئۈچۈن ئىرىنمەي نەق مەيدانغا كىلىپ پۇتبۇل كۆرۈپ شىنجاڭ كوماندىسىنى قوللاۋىتىپتۇ. بۇ بەلكىم ھەممەيلەن ئۈگىنىشكە تىگىشلىك بىر خىل روھ.
مەنبە: بۇ يەردە
(
ئوقۇغاچ بىكار قالساڭلار ئىلان چىكىڭلار، زىرىكىپ قالمايسىلەر)
评论