-
مەن مالايىسيادا قانداق ئوقۇدۇم(2) what made me to study in Malaysia - [Study ئۈگىنىش]
2009-02-24
(بۇ تىمىنىڭ بېشىنى ئالدىدىكى تىمىدىن كۆرۈڭ)
تۇرمۇشۇم
ئوقۇش، ئوقۇش دەۋەرسەم ،مېنى تاڭسىڭمىكىن دەپ قالماڭلار ( چاقچاق!!!)،،، بۇرۇندىنلا مۇۋاپىق بىرى چىقىسا ياخىشى ئائىلە قۇرغۇم بار ئىدى،،، مەن مەلۇم بىر مەكتەپتە ئۇقۇيدىغان بىر ئۇيغۇر قىزىنى تونۇيتتۇم،،، ئۆزىمۇ خېلى چىرايلىق، ئەدەپ - ئەخلاقى ياخشى، دىيانەتلىك قىز ئىدى،، ئۇنى ھەر قېتىم ئۇچراتقىنىمدا ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارالمايتتىم،،، ھېيىت-بايراملاردا، يىغىلىشلاردا ئۇ قىزنى دائىم ئۇچرىتاتتىم،،،، دېمىسىمۇ بۇ كەمسۆز قىز مېنى جەلىپ قىلىۋالغانىدى،، لېكىن مېنى رەت قېلىۋېتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم.....ئۆتمەس دەپ نامىم چىقىپ قېلىشىدىن قورقاتتىم... شەرقى شىنجاڭدىن بولغانلىقىم ئۈچۈن، ( گەپنىڭ راستى،، شەرقى شىنجاڭلىقلار خەنزو چىراي كېلىدۇ ئەمەسمۇ !)، گەپ كىلىشتىن قورقاتتىم..... ئۇ ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغان ، شنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىدىكى 40 نەچچە يىللىق بىر مائارىپچىنىڭ قىزى ئىدى......ئۆزىمۇ بۇ ئۇنىۋېرسىتتا ئوقۇغان...
ئاللاھ ئورۇنلارتۇرغىنىنى كۆرەرمەن ؟؟؟ قېنى توي تەكلىپى قويۇپ باقاي... شۇنداق قىلىپ تەڭرىدىن كەلگەن ئىلھام بىلەن ئىغىز ئاچتىم،،، ئائىلە قۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈردۈم... نەچچە قېتىملار يۈز كۆرۈشۈشــتىن كېيىن، ئارلىشىپ باقايلى دېدى،،، لېكىن مەن بىزنىڭ 18 ياش ۋاقىت ئەمەسلىكىمىزنى، بالىلىق دەۋرىمىزنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئاران تەسلىكتە توي قىلىش قارارىغا كەلتۈردۈم....
ئاتا-ئانامغا بىلدۈردۇم... ئۇمۇ ئاتا-ئانىسىغا بىلدۈردى،،، بۇ مائارىپىچى دادام ( قېيىنئاتام) يېزىلىقكەن دىمەي، تويىمىزغا قوشۇلدى،،،، ماڭا 2008 -يىلى 5 - ئايدا تەتىل بولاتتى،، ھەمدە شىركەتتىكى يىللىق ھاردۇقىممۇ يىغىلىپ قالغانىدى... لېكىن بۇ ۋاقىتتا ۋەزىيەت جىددى بولغاچقا ئاتا-ئانام ئولىمپىكتىن كېيىن بولسا ياخشاراق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى،، لېكىن ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ ھە دىگۈزدۈم...
بېشىمغا كەلگەننى كۆرەرمەن؟؟!!!!
بۇ قىزنىڭ ( ھازىرقى ئايالىم ) دەرسى بالدۇر تۈگىگەنلىكى ئۈچۈن مەندىن بالدۇر قايتتى،،، چوڭلار مەسلىھەتلىشىپ توينى بېكىتكەندىن كېيىن، تويدىن بىر ھەپتە بۇرۇن، بۇ ئۆمۈرلۈك ئىش ئۈچۈن ئاتلاندىم...
ۋاقتم قىسقا بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تويى ئۈرۈمچىدە ئىسلامى يوسۇندا بولدى... ئايالىم ئەتلەس كۆڭلەكتە، ئاق رومالدا ئورالدى،،،،، بۇ مائارىپچى داداممۇ زىيادە گەپ قىلمىدى،،، يەنە بىر ھەپتە ئىچىدىلا مالايسىياغا قايتاتتۇق،،،،،
ئايالىمنى ئېلىپ مەن تۇغۇلۇپ ئۈسكەن سەھراغا باردۇق..... 4 ئەتراپى سايلىق بىلەن ئورالغان بۇ يېزىنى كۆرگىنىدە، نىكاھنىڭ غايىب ئىكەنلىكىگە ھەقىقى تۈردە ئىشەندى،،،،ئاتا-ئانىمىز بىلەن خوشلىشىپ يەنە مۇساپىرلىق ھاياتى ئۈچۈن يول ئالدۇق،،،
مانا ئەمدى مەن ئائىلەمىنى، ئۇقۇشۇمنى ،خىزمىتىمنى ياخىشى باشقۇرۇشۇم كېرەك ئىدى،،،، ماگىستىرلىق ئوقۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەۋسۈمىنى ياخشى نەتىجە بىلەن تاماملىشىم كېرەك ئىدى،،،
ئائىلەمگە كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىشىم كېرەك ئىدى....
خىىزمەتتە ئۇتۇپ چىقىپ، بۇ شىركەتنىڭ مۇقىم ئەزاسى بولۇشىم كېرەك ئىدى،،،، !!!!!
ئايالىم ئوقۇمۇشلۇق ئايال بولغاچقا مېنى قاتتىق قوللىدى،،، ئۇقۇشىمنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئەلا نەتىجە بىلەن مەكتەپ پۇتتۇرۇشىمگە ماسلىسىدىغانلىقىنى ئېيتتى،،، خىزمەتتىن قايتىپ كېلىشىمگە، ئۈستەلدە تاماق تەييار ئىدى،،،، يەپ بولۇپلا مەكتەپكە ماڭاتتىم،،،،،،
كۈنلەر مۇشۇنداق داۋاملاشتى،،،، مەكتەپ پۇتتۇرۇش ماقالەم جىق ۋاقىت تەلەپ قىلاتتى،،، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىـتەكچى ئوقۇتقۇچۇممۇ قاتتىق قول ئىدى،،،زالىمدىن ئالىم چىقار دىگەن نىيەت بىلەن بوشانماي ئۆگەندىم،،، ئايالىم مەن بىلەن كارىڭ بولمىدى دەپمۇ ۋايساپ كەتمىدى،،،
نەتىجىلىرىم چىققاندا ئايالىم بىلەن ئىككىمىز جاپايىمىزنىڭ نەلەرگە كەتكەنلىكىنىمۇ بىلەلمەي قالدۇق.. ھەممە پەنلەردىن A دەرىجە بولۇپ تۇلۇق نومۇر بىلەن ئۆتكەنىدىم،،،، 2 يىللىق ئومۇمى نومۇرۇم 3.7 نەتىجە بىلەن ( ئومومى نومۇر 4.0) ئەلا پۇتكۈزگەن ئوقۇغۇچى بولۇپ ماگىستىرلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردۇم....
خىزمەت تەرپتىنمۇ يەنە بىر خوش خەۋەر كەلگەنىدى،،،، خىزمەتتىكى تىرىشچانلىقىم ، ئەستىيايىدىللىقىم بىلەن بۇ شىركەتننىڭ رەسمى ئىشچىسىگە ئايلانغانىدىم،،، 12 ئايلار گەرچە ئىقتىسادى كىرزس مەزگىلى بولسىمۇ، ئىشتىن بوشىتىۋەتمەي، مېنى بۇ شىركەتننىڭ رەسمىي ئىشچىسىغا ئايلانغانىدىم..................
بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئايالىم رەسمى ئوقۇشقا قەدەم تاشلىدى،،، ئۇ ھازىر مائارىپ باشقۇرۇش ماگىستىرلىقىدا ئوقۇۋاتىدۇ.........
مانا بۇ 21 يىللىق جاپالىق ئوقۇشنىڭ نەتىجىسى ئىدى،،، 21 يىللىق جاپا مۇشەقەتتنىڭ غەلبىسى ئىدى،،،،،،، مانا بۇ بىر ئاددى دېھقان پەرزەنتىنىڭ ھەقىقى سەرگۈزشتىلىرى ئىدى !!!
مالايسىيادا ئوقۇش توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىم
ئەمدى سىلەرگە مالايسىيادا ئوقۇش توغرىلىق مەسلىھەت بېرەي:
مالايسىيادا دۆلىتىمىز ئىتراب قىلغان 10 دەك دۆلەت ئىگىلىگىدىكى مەكتەپ ۋە 30 دەك شەخسى مەكتەپلەر بار.بۇ ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ: http://www.jsj.edu.cn/mingdan_other.php?id=154
مالايسىيا مەكتەپلىرىنىڭ ئۇقۇش پۇلى ئەرزان، ۋىزىسىنى ئېلىش ئاسان بولغانلىقى ئۈچۈن، خېلى بالىلار مالايسىيانى تاللايدۇ.... مالايسىيا ئورمان بىلەن پۈركەلگەن، بۈك-باراقسان، 4 پەسلى ياز بولغان تىروپىك بەلباغ دۆلىتى، ئىسلام دىنىنى ئاساس قىلىدۇ.
بۇ دۆلەتتە ئۇقۇماقچى بولغانلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك:
1) چەتئەل دىگەنلىك ھەممە نەرسە ھەل بولدى دىگەنلىك ئەمەس،،، نۇرغۇنلىغان قۇربانلىقلارنى بېرىشكە، زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ... چىقماقچى بولغان كاندىدات چوقوم كىچىكىدىمۇ ياخشى ئوقۇغان، تىرىشچان بولۇشى لازىم،،، باشلانغۇچ.، تولۇقسىز،، تولۇق دىگەندەك،،، ئەگەر كىچىكىدە ياخشى ئوقۇغان بولسا، ھەر قانداق يەردە ياخشى ئوقۇپ كېتەلەيدۇ،، ئەگەر كىچىكىدە ياخشى ئوقۇماي، چەتئەلدە ياخىشى ئوقۇيمەن دىيىش خام خىيال،،، ۋاقىت ۋە پۇلنى ئىسراپ قىلىشىتىن باشقا نەرسە ئەمەس.....مەن تۇرىۋاتقان دۆلەتتتىمۇ خېلى جىق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى بار،،، لېكىن قانچىسى ياخشى ئۇقۇۋاتىدۇ،، ؟؟ كىم تىرىشىۋاتىدۇ؟؟ بارماق بىلەن سانىۋالغىلى بولىدۇ،،، بۇ ياخشى ئوقۇۋاتقانلار بۇرۇنمۇ ياخشى ئوقۇغلار،،،، كۆپىنچىلىرى ئالىي مەكتەپ پۇتتۇرۇپ چىققانلار....مەن بىلىدىغان ساناقلىقلا ياخشى ئۇقۇيدىغان ئۇيغۇر بالىلىرى بار.
تولۇقنى پۇتتۈرۇپ چىقىسىمۇ، يوقىرىدا دىگەندەك كىچىكىدىمۇ ياخشى ئۇقۇغان بولۇشى لازىم. بۇ يەردىمۇ نەچچە يىل يېڭى ئۇقۇم ئىنگىلىزتىلىنى قۇچاقلاپ يۇرگەنلەرمۇ بار...
2) چەتئەلدە ئاسان پۇل تاپقىلى بولىدۇ،،،؟؟؟ ئالدامچىلىق.... ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت،،،، چەتئەلنىڭ كوچىلىرى ئالتۇن ئەمەس،،، پۇل دىگەن بۇ نەرسە ھەممە كىمگە مۇھىم...... چەتئەلگە چىقىشىتىكى مەقسەت ئايدىڭ بولۇش لازىم... ئوقۇشمۇ ياكى پۇل تېپىشمۇ؟؟؟؟ پۇل تاپىمەن دەپ ئويلايدىغانلار، نىمىگە تايىنىپ پۇل تاپىمىز؟؟ ئاز تولا ئىنگىلىز تىلى بىلسەك پۇل تاپالەيمەن دەپ ئويلامسىز؟؟؟ ئنگىلىز تىلىنى بىز چوڭ بىلىمىز،،،، ئەمىلىيەتتە چەتئەلدە تازلىق ئىشچىلىرىدىن تارتىپ تاكسى شوپۇرلىرىغىچە بىلىدۇ،،، ئۇلارنىڭ باي بولۇپ كەتكىنى يوق،،،،،،،،،، ئوقۇيمەن دەمسىز؟؟؟ بىر تەرەپتىن ئىشلەپ بىر تەرەپتىن ئوقۇيمەن دەمسىز؟؟؟ ئىش بار،،، لېكىن ئۆز يۇرتىڭىدا قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىسىز،،، نىمە ئىش قىلىسىز؟؟؟ تاماقخانىلاردا تاماق توشۇيسىز،،، قاچا يۇيىسىز،،،، بۇ پۇل نىمىگە يېتىدۇ،،؟؟؟ شۇ سىزنىڭ ئاز تولا تۇرمۇش ئېھتىياجىڭىزدىن چىقىدۇ،،، شۇنىڭ بىلەن سىزگە بېسىم ۋە غېرىپچىلىق ھەمرا بولىدۇ.... ئوقۇي دىسىڭىز، ئىقتقسادى بېسىم، ئىشلەي دىسىڭىز ، ئوقۇش بېسىمى،،،،،،، ئۇنىڭ ئۈستىگە مالايسىيا ھۆكۆمىتى قانونى جەھەتتىن ئۇقۇغۇچىلىق ۋىزىسى بىلەن ئىشلەشكە يول قويمايدۇ..
پۇلى بارلارمۇ بار،،، لېكىن ئۇلار پۇلنىڭ كۈچى بىلەن چىققان،،، بۇرۇنمۇ ياخىشى ئوقۇمىغانلار،،،، بۇ يەرگە چىقىپ تېخىمۇ ئوقۇش خوشياقمىغان،،، ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلىنى بىر قانچە يىل خەجلەپ، ئىنگىلىز تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتەمەيۋاتقانلار جىق،،،،،،مەن خېلى جىق كۆرگەن.....
3) شۇڭا سىزدە 2 ئامىل بولۇشى كېرەك،،،، تىرىشچان، كىچىكىدىن ياخشى ئوقۇغان،،، جاپا چىدايدىغان،،،،، ئوقۇشنىڭ قەدرىگە يەتكەن بولۇشى لازىم،،، بۇ ھەممىدىن مۇھىم... ئىقتىسادى ئەھۋالى بەك ياخشى بولمىسىمۇ،، لېكىن قىيلىنىپ قالغاندا ئائىلىسى پۇل ئەۋەتىپ بېرەيدىغان دەرىجىدە بولۇشى كېرەك.... بەك غېرىپسىنىپ كەتمەيسىز،،، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىش بەك تەس، باكلاۋۇرلىق كەسپىدە ئۇقۇيدىغانلارغا مۇمكىن ئەمەس دىسەكمۇ بولىدۇ، ماگىستىر ۋە دوكتۇرلۇق كەسىپلىرىگە بولسا سىزنىڭ بىڭسىڭىزغا ۋە تاللىغان كەسپىڭىزگە باغلىق،،، ئىنژنىرلىق كەسىپلىرىگە ئىلتىماس قىلغىلى بولىدۇ،، لېكىن سانى بەك چەكلىك، ئىلتىماس قىلماق تەس....
4) مېنىڭ تەكلىپىم: جوڭگودىكى مەكتەپلەردە ئالدى بىلەن باكلاۋۇرلىقنى تۈگىتىش،،، بەزىلەر تۈگەتمەك تەس، جوڭگودا ئوقۇماق تەس دىيىشى مۇنكىن،،، ئۇقۇش ھىچ يەردە ئاسان ئەمەس،،، يۇرتتا ئوقۇيالمىسىڭىز بۇ يەردىمۇ ئوقۇيالمايسىز،،، بەزىلەر جوڭگو ئوقۇتۇش تۈزۈمىنى ياراتماسلىقى مۇنكىن،،، ھەرقانداق ئوقۇش سىستىمىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بولىدۇ... مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ شاكىلىنى چىقىرۋەتسەك بولىدۇ..... باكلاۋىرلىقنى تۇگىتىش جەريانىدا، ئىنگىلىز تىلىدىن ئاساس سالغىلى بولىدۇ.... بەزىلەر چەتئەلدە ئاسان ، تىز تۈگەتكىلى بولىدۇ دەيدۇ،، قۇرۇق گەپ،،،، توغرا، 3-4 يىلدا تۈگەتكىلى بولىدۇ،، لېكن سىزدە شۇنداق قابىلىيەت بارمۇ؟؟؟ سىز ئىنگىلىز تىلىدا دەرھال دەرس ئالالامسىز؟؟ مۇنداق قابىلىيەت، تولۇق ئوتتۇرىنى پۇتتۇرۈپلا ھازىرلاش بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى تەس،، ھەتتا يوق دىيەرلىك،،، بۇ يەرگە چىقىپ ئىنگىلىز ئۆگىنىش ئۈچۈن 2 يىل ئەتىراپىدا (ئاز دىگەندە،،، تىرىشچان بولسىڭىز) ، كەسىپ ئوقۇش ئۈچۈن3-4 يىل كەتسە (ئوقوپ كېتەلىسىڭىز تېخى)،، ئاز دىگەندىمۇ 5-6 يىل كېتىدۇ،،،،،، دۇنيادا ئاسان ئوقۇش ۋە قىسقا يول يوق...
5) تورداشلار دىگەندەك، پاسپورتنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئاسان ئالغىلى بولىدۇ،،،، ئالىي مەكتەپنى ئۇ يەرلەردە ئوقوپ پاسپورت ئالساقمۇ بولىدۇ،،، بۇ جەرياندا ئوقۇشنىڭ قەدرىگە يەتكىلى بولىدۇ،، ئوقۇش قەدرىگە يەتكەندە ئوقۇساقمۇ كېچىكمەيمىز،،،،، پاسپورتى بار بولغان، ئوقۇش قىزغىنلىقى بولغان، ئالىي مەكتەپ پۇتتۇرگەنلار بولسا، مەن دىگەندەك 2 ئامىل بار بولسا، مالالسىيادىكى مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ......
ئەڭ ئاخىرىدا تورداشلارغا دەيدىغىنىم: نىشان ئېنىق بولۇشى كېرەك، نىمە كەسىپ ئۇقۇش، كەلگۈسىدە نىمە ئىش قىلىش دىگەندەك، تور بەتلىرىگە كىرىپ، ئۆزى قىزىققان كەسىپلەرنى تاللىشى كېرەك.. مۇنۇ ئىنگىلىز تىلى گەپنى سىلەرگە سوۋغا قىلاي:
There is no short cut for success !
دۇنيادا مۇۋاپىقىيەت ئۈچۈن قىسقا يول يوق !دالىيەندىكى ۋاقىتلار. دالىيەندە بىللە ئوقۇغان مەكتەپداشلار.
دالىيەن سۇ مەھسۇلاتلىرى ئۇنۋېرستىتى
مەن بېشىېدا تىلغا ئالغان ھېلىقى مالايسىياغا يىڭى كەلگەندە ئوقۇغان تىل مەكتەپ مۇشۇ بىنادامالايسيا ئۇنۋېرسىتىتى
مەن دەرىستىن سىرتقى ۋاقىتتا ئىشلىگەن پۇترا دۇنيا سودا مەركىزى بىناسى
شىركەتكە بىللە قۇبۇل قىلىنغان 29 خىزمەتچىلەر.تۈگىدى.
.بىرىلگەن رەسىملەر ھەممىسى شەخسى رەسىملەر بولغاچقا باشقا يەرلەرگە كۈچۈرۈپ چاپلاشقا قەتئى بولمايدۇ
(مالايسىياغا چىقىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلارنىڭ سۇئالى بولسا مۇشۇ تىما ئاستىغا يېزىپ قويساڭلار تىمىنى يازغۇچى كۆرىدۇ)
评论
دولقۇن
dolkunt@gmail.com
hi brother and sisterrs how are you ?...
I am student ni the kuqa xin jiang
تېزرەك يېڭى تېمىلارنى يازساڭلار بولاتتى
您的电子油箱?
مەن بېيجىڭدىكى بىر نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى....
(بۇڭنكاسنى يازغۇچىنىڭ ئۆزى كۆرەمدۇ ياكى كۆرمەمدۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم.....)
بۇيەردە سىزنىڭ يازمىڭىزنى كورۇپ بەك خوشال بولدۇم....مەن ھازىر بېيجىڭدا ئوقۇيمەن مېنىڭ بىرتۇققان سىڭلىممۇ مۇشۇ شەھەردە تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇيدۇ....ئۇ بۇيىل 6-ئايدا ئالىي مەكتەپ ئېمتىھانىغا قاتناشماقچى....ئۇ ھازىرقى تىرىشچانلىقى بىلەن چوقۇم(ئۇلۇغ ئاللا بۇيرىسا...) جۈڭگودىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە كېرەلىشىدە گەپيوق....
لېكىن مېنىڭ سىڭلىمنى چەتئەللەردە ئوقۇسۇنمىكىن دېگەن خىيالىم بار....ئاشۇنداق تولۇق ئوتتۇرىنى پۇتتۇرۇپ بولۇپلا چەتئەللەرگە چىقىپكېتىپ قالغان ئوقۇشىنى ئاشۇيەرلەردە تاماملىسا بولامدۇ؟؟؟؟؟ئ
ئاخىرىدا ئۆزىڭىزنىڭ ،ئائىلىڭىزنىڭ.... يۇرتتىكى بارلىق ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرىڭىزنىڭ تېنىچ-ئامان بولىشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن.....ئۇلۇغ ئاللا سىزدىن ۋە بارلىق مۇسۇلمانلاردىن مېھنىتىنى ئايىمىسۇن...ئامىن!!!
چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش پۇرسىتى ماڭىمۇ كەلگەن ئىدى،كېيىن بۇ يولنى تاللىمىدىم.سەۋەب،بۇ مېنىڭ ھايات يولۇمدىكى نىشانىمغا توغرا كەلمىدى.بەزىلەر مېنى ئەخمەق دېيىشتى،ئۆزەممۇ مۇشۇنىڭدەك يازمىلارنى كۆرگەندە سەل پۇشايماندا بولىمەن.ئەمما ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇياق-بۇياقلارغا مېڭىپ نۇرغۇن خىياللارنى قىلىمەن.ئاخىرىدا ھازىر تۇتقان يولۇمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئۆزەمگە بىلدۈرىمەن.مەن بارلىق چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش نىيىتىدە بولىۋاتقانلارغا شۇنى دېمەكچىمەنكى،سىلەر چوقۇم يىراقنى ئويلاڭلار،نېمىنى ئۆگىنىپ نېمە ئىش قىلىسىلەر؟بۇنىڭغا قانچىلىك بەدەل تۆلەيسىلەر؟ئەگەر شۇ تىرىشچانلىقنى ئۆز دىيارىڭلاردا كۆرسەتسەڭلار ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئۇتۇق قازانغىلى بولامدۇ يوق؟ئويلىشىڭلار.ئاخىرىدا چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرۇمنىڭ ئىشلىرىغا چىن دىلىمدىن ئاسانلىق تىلەيمەن.قېيىن ئۆتكەلدە سىز يالغۇز ئەمەس،ئۇلۇغ ئاللاھ سىزگە ھەمراھ....سەۋەب قىلىڭ!