-
بلوگ بېسىمى بۇلۇپ قالغان جېك Jeck Under Blog Pressure - [Random پارچە-پۇرات]
2009-04-24
ئۇنى بۇنى دەپ بلوگ يېزىپ يۈرگىلى ھەش پەش دىگۇچە 3 يىل بۇلاي دەپ قاپتۇ. دوستلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، بلوگنى دەسلەپتە مۇنبەرلەردە يېزىپ قويغان ئوزۇنراق ئىنكاسلىرىمنى كۆچۈرۈپ قويۇشتىن باشلىغان، كىيىنچە تىمىلىرىمنى كۆچۈرۈم قويۇشتىن باشلىدىم، كەينىدىن ئىنكاس ئۆچۈرۋېتىپ تىمىلارنىلا ساقلاپ بارا رەسمى بلوگ شەكلىدە يېزىشقا باشلىدىم. دەسلەپ باشلىغان ۋاقىتلىرىم كۈڭلۇم خاتىرجەم، ئىشلىرىم ياخشى كىتىپ بارغان ۋاقىتلار بولسا كىرەك.بلوگ يېزىشقا ۋە ئۇيغۇرۋە مۇنبەرلەرنى ئويناشقا خېلى ۋاختىم چىقاتتى. ھازىر شۇ ۋاقىتلاردا يېزىۋەتكەن تىمىلارنى ئۆزۈم كۆرسەممۇ قانداقمۇ يېزىپ بولغاندىمەن دەپ ئويلاپ قالىمەن. ئۇ ۋاقىتلاردا تورداشلار بلوگ ئىشلىتىپ كۆنمىگەن بولغاچقا مەنمۇ پەقەت مۇنبەرلەرگە يازغان تىمىلىرىمنى كۆچۈرۈپ قويغاندىن باشقا ئۈزەم تۇرمۇشتا ئۇچرىغان قىززىق ئىشلارنى، كۇندىلىك ھاياتىمنى جىقراق يېزىپ قوياتتىم. رەسىملەرنى چىقىرىپ قوياتتىم. چوڭقۇر تىمىلارمۇ بار لېكىن ئاز ئىدى ياكى بۇرۇن مۇنبەرلەرگە يېزىپ بولغان ئىدىم. دەسلەپتە بلوگنىڭ زىيارەتچىلىرىمۇ يىقىن تۇنۇشلىرىم ۋە دوستلىرىم ئىدى. كۈندە كىرىدىغان ئادەم سانى ئۇدا بىر ئاي مۇقىم 100 دىن ئاشقاندا يەر شارىدا كۈندە مىنى ئەسلەپ تۇرىدىغان كەم دىگەندە 100 ئادەم باركەن دەپ ئويلاپ كەتكەن ئىدىم. بىر كۈنلەردە كۈندىلىك ھاياتىمنى ئازراق يازاي، رەسىملەرنى جىقراق چىقىراي، بىكارغا تورداشلارنى ئاۋارە قىلماي دەپ ئويلاپ كۈندىلىك ھاياتتىكى نەرسىلەرنى يازماي سەل كەسپىراق يېزىشقا تىرىشتىم. كەسپىراق يازغاندىكىن كىيىن ئۆزەمگە خاس بولغان تىمىلار ئازلاشتى، تىمىلار سەل ئېغىرراق بولدى. لېكىن بۇنداق ئېغىر تىمىلارغا ۋاقىت چىقارماق ۋە يازماق تەسكەن، بۇنى ئىزجىل قىلىش تەسكەن. لېكىن ئارلىقتا ئامرىكا توغرىلىق ئۇچۇرلار ئۈزۈلۈپ قالمىدى. ئەڭ مۇھىمى بلوگنىڭ كۈندىلىك زىيارەتچىلىرى مۇقىم ئېشىپ باردى. زىيارەتچى ئاشقانسىرى مەنمۇ بلوگقا ئالدىراپ بىر نەرسە يازالمايدىغان بولدۇم. بۇرۇنقىدەك بۈگۈن لەغمەن يىگەنتىم پەقەت ئوخشىماپتۇ دەپ لەغمەننىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ قويۇشقا كۈڭلۇم ئۇنىمىدى. ياخشى، تورداشلارنى قايىل ۋە خوش قىلدىغان تىمىلارنى يېزىشقا مەن جىق ۋاقىت سەرىپ قىلسام، بىر مۇنچە تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارسام ئاندىن بىر تىما چىقىدىكەن. چۇنكى مەن تىما يازغاندا ئاساسنى مۇھىم ئورۇندا قويىمەن، شۇڭا ئاۋال ئاساس ۋە لوگىكا كاللامدا شەكىللىنىشى ئۈچۈنلا خېلى ۋاقىت كىتىدىكەن. بۇ جەرياندا بلوگ قۇرۇق قالىدىكەن. بلوگنى قۇرۇق قويماسلىق ئۈچۈن ئۈزەم ياخشى تۇنۇشۇدىغان ۋە ئىدىيە، كۆز قارىشىغا، تەپەككۇر ئۇسۇلىغان مەن بىر قەدەر قوشۇلىدىغان دوستلاردىن تەكلىپ قىلدىم. مەقسىتىم مەن بۇ بلوگنى قانداق كۆرگەن بولسام شۇلارمۇ ئۈزىنىڭكىدەك كۆرۈپ يىڭى كۆز قاراشلارنى يېزىپ تۇرسا، بىر تۈركۈم ئادەملەر بىرلىشىپ ئىدىيە كۆز قاراش جەھەتتە ئۆزگىچىلىكى بولغان ۋە جەميەتكە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر قىلالايدىغان بىر بلوگنى قۇرۇپ چىقساق دىگەن ئۈمىتتە ئىدىم. لېكىن بومۇ بەك ياخشى مېڭىپ كەتمىدى. پەقەت كولتىگىن ئەپەندىلا ۋاقىت چىقىرىپ تىما يېزىپ تۇردى. بۇنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن خېلى ۋاقىت كىتىدىغاندەك قىلىدۇ.
يەنە بىر جەھەتتىن ئويلىغاندا بلوگ يازغۇچى ياكى بەك كەسپى يېزىۋەتمەي خالىغاندا يېزىپ قويسا ياكى مۇقىم يازىمەن دىسە ئۈزى قىلىۋاتقان كەسپىگە بىرلەشتۈرۈپ يازسا ئۈزىنىڭ قىلدىغان ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك يازسا ئەڭ ياخشى ماڭىدىكەن. دۇنيادىكى داڭلىق بلوگلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن شۇنداق. ئۇيغۇرلاردىمۇ ئالدىدا مېڭىۋاتقان 80 خالتا بلوگى يازغۇچىسىنىڭ ئۈز كەسپى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بولغاچقا ياخشى كىتىۋاتىدۇ. گەرچە مۇنداق بلوگلار مەلۇم ساھەدە كىتىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن مۇقىم، ئىزچىل بىر خىل تىمىدا يېزىلىۋاتقان بولغاچقا شۇ ساھەگە قىززىقىۋاتقان كىشىلەرنى مۇقىم ئۈزىگە تارتالايدىكەن. مەنمۇ بەزىدە شۇنداق قىلاي، فىزىكا توغرىلىقلا يازاي دەيمەن. لېكىن بۇ توغرىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ مەزمۇنلىرىنى يېزىش خوشياقمايدۇ. بىۋاستە ھازىرقى ئوقۇۋاتقان سەۋىيەدە يازاي دىسەم بۇنى ئوقۇپ چۈشەنەلەيدىغانلار ئاز ، .ئۈزەمگە ئۈزەپ يېزىپ بىرىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر نەرسە يازسا خەقلەر جىق ئوقۇپ جىق ئىنكاس يازسا( ياخشى، يامان ھەر قانداق ئىنكاس بولسىمۇ) ئاندىن يازغۇسى كىلىدىكەن.
نىمىشقا ئۇنى يازايمۇ، بۇنى يازايمۇ دەپ ئويلىشىم كىرەك دەپ ئويلاپ قالىمەن ئاندىن. يا مەن سودىگەر بولمىسام خەقلەر نىمىنى ياخشى كۆرسە شۇنى يازىدىغان. يا مىنىڭ چوقۇم بلوگ يازىدىغان ۋەزىپەم بولمىسا دەپ ئويلاپ قالىمەن. لېكىن يېزىپ كۆنۇپ قاپتىمەن. يازغاندا ئۈزەمگە بېسىم قىلماي نىمىنى خالىسام شۇنى يېزىشنى خالايدىكەنمەن. خالىسام بىر ئايدا بىر مۇنچە تىما يېزىۋەتسەم خالىمىسام بىرەر ئىككى ئاي قورۇق تۇرسا.
ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە يەنە ئويلاپ قالدىم، مەن نىمىشقا بلوگ توغرىلىق ئويلايدىغاندىمەن. ئويلايدىغان ئىش جىق ئىدىغۇ. كىسەل بۇلاپ قالدىممۇ يا؟ بورۇن ھاۋا بېسىمى، قان بېسىمى، خان بېسىمى، ئۈي بېسىمى، ماشىنا بېسىمى، خوتۇن بېسىمى، توي بېسىمى، قاتارلىق ھەر خىل بېسىملارنى ئاڭلىغان. ئەھۋالدىن قارىغاندا مەن بلوگ بېسىمى بولۇپ قاپتىمەن. بلوگنىڭ بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىغىنى بەلكىم مەن تۇنجى قېتىم بايقىدىم. چۇنكى گوگىلدىن بلوگ بېسىمى بولغانلار بارمىدۇ دەپ ئىزلەپ باقسام باردەك ئەمەس. لېكىن مەن بېسىمغا كۆنۈپ كەتكەن. بەزىدە ئادەمگە بېسىم بولمىسا بۇ دۇنيا قانداق بۇلار دەپ ئويلاپ قالىمەن. ئەقلىمگە كەلگەندىن تارتىپ بۇنداق بېسىملار بار ئىكەندۇق. كىچىگىمىزدە باشقىلاردەك ياخشى ئويناش ئۈچۈن بېسىم بۇلاتتى. مەكتەپتە ياخشى ئوقۇش ئۈچۈن بېسىم بۇلاتتى. ياخشى ئوقۇيالماي ئادەم ياراتماي قالسا بۇ ئەڭ چوڭ بېسىم ئىدى. چوڭراق بولغاندىن كىيىن ياخشى ئالى مەكتەپكە ئۆتۈش بېسىمى، ئالى مەكتەپكە ئۆتكەندىن كىيىن ئىچكىردىكى مەكتەپكە ئۆتۈش بېسىمى، ئۇ يەرگە ئۆتكەندىن كىيىن سىنىپتىكى بالىلارغا يىتىشىپ ئوقۇش بېسىمى.ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئەمدى ئۇھ دەمدىمىزكى دىسەم بېسىملار ئەمدى باشلىنىپتۇ. ياخشى خىزمەت قىلىش بېسىمى، ياخشى دەرىس ئۆتۈش بېسىمى، خەقنىڭ تېپىۋالغان قۇرۇق گەپلىرىندىن قۇتۇلۇش ياكى ئاڭلىماسلىق بېسىمى، ئەمدى قانداق قىلىپ تەرەققى قىلىش بېسىمى، چەتكە چىقىش ئىمتاھانلىرىنى بىرىش بېسىمى، چەتكە چىققاندىن كىيىن يەنە ئوقۇش بېسىمى. بۇ جەرياندا تېخى ياخشى قىز بالا بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش بېسىمى، پۇل تېپىش بېسىمى. ئەگەر موشۇ بېسىملار بولمىغىنىدا بەلكىم ھازىرقى جېكمۇ بۇلمىغان بۇلاتتى. بېسىملار ئادەمنى تەربىيلەيدىكەن، شۇنداقلا ئادەمنى ھەم تۈگەشتۈرىدىكەن. جەمىيەتتە ھەر قانداق بېسىملار بۇلىدىكەن. بۇ بېسىملار خۇددى كەررىفوردەك تاللا بازارغا ئوخشايدىكەن. ھەممە ئادەم ئۈزى شۇ بازارغا كىرىپ ھەر خىل بېسىملارنى تاللىۋىلىپ چىقىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە پات پات كونىراپ قالغان بېسىملارنى تاشلىۋىتىپ، بازارغا كىرىپ يىڭى بېسىملارنى تاللىۋىلىپ چىقىدىكەن. قايسى بېسىمنى ئۈزىگە تاللىۋىلىش ئادەمنىڭ ئۈزىگە باغلىق ئىكەن. ئۈزىگە ماس كەلگەن، ھەم توغرا بولغان بېسىمنى تاللىۋالغانلار تەرەققى قىلىدىكەن، ماس كەلمىگەن بېسىمنى تاللىۋالغانلار ئۈزىگە ماس كەلمىگەن خاتا نەرسە ئۈچۈن تىرىشىپ ئۈزىنى بىكار ئاۋارە قىلىدىكەن. شۇڭا جەميەتتىكى بۇ بېسىملار توغرىلىق توغرا يولغا يىتەكلەيدىغان مەسلەھەتچىلەر، يول كۆرسەتكۈچىلەر، داۋالىغۇچىلار، بېسىمنى ئالماشتۇرۇپ بەرگۈچىلەر، ئوكۇل سېلىپ خاتا چۈشۈپ قالغان بېسىمنى ئۆلتۈرۋىتىدىغان دوختۇرلار بۇلۇشى كىرەك ئىكەن. جەميەتتىكى ئادەملەر ئارا بولغان مۇناسىۋەت توختىماي شۇنداق بېسىملارنى پەيدا قىلىپ تۇرىدىكەن. بۇ بېسىملار ھەرخىل تاراتقۇلار( تېلىۋىزىيە، ژورنال، گىزىت،ئىنتېرنىت)، ئۈز ئارا ئۇچرىشىشلار ئارقىلىق تارقىلىدىكەن. ساغلام بولغان جەميەتتە ساغلام بولغان بېسىم ئاساسى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ساغلام بولمىغان جەميەتتە ساغلام بولمىغان بېسىم كۆپ بۇلىدىكەن. ئۇيغۇر سورۇنلىرىدىكى ھاراق بېسىمى، توي تۆكۇن، چەكتىن ئاشقان ئادىمىگەرچىلىك بېسىمى مىنىڭچە شۇنداق ساغلام بولمىغان بېسىم بولسا كىرەك.ئۇنداقتا سىز ئۈزىڭىز توغرىلىق ياخشى ئويلىنىپ بېقىڭ. سىزگە ھازىر قانداق بېسىملار بار، قانچىلىكى سىزگە بولغان توغرا بېسىم، قانچىلىكى توغرا بولمىغان بېسىم. توغرا بولغان بېسىمنى تاللىۋېلىپ، توغرا بولمىغان بېسىمنى دەرھال تاشلىۋىتىڭ.
تۈگەپتۇ.
评论
مەنمۇ سىزنىڭ بىلوگىڭىز دائىم كۈرىمەن.سىز ھەرخىل مەزمۇندىكى ياخشى بىلوگلارنى يېزىپ كىلىۋاتىسىز،داۋاملاشتۇرپ كىتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن ھەم شۇنۇڭغا ئىشىنىمەن.
دەيدىغىنىم جېك ئەپەندىمنىڭ ۋاختى چەكلىك، ئارىمىزدا تالانتلىق،پىكرى ئۇچۇق قېرىنداشلىرىمز مۇ ئاز ئەمەس شۇڭا قابىليىتى ۋە تاقىتى بارلار جېك ئەپەندىگە ياردەملەشسە.
تىنىڭىزگە سالامەتچىلىك ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
بلۇگىڭىزنى ئۇلىنىش قىلىۋالدىم، خالىسىڭىز سىزمۇ ھەم...
نامى: ئابدۇرېشىت ئېلى بلۇگى
خاراكتېرى: ئەدەبىيات
مەنزىلى: http://abdurxiteli.blogbus.com
ھازىر يامغۇر كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز بولۇپ قالدى. مەن ئامراق بۇلاپ قالدىم
باشقىلارنى بىلمىدىم. ماڭا شۇ لەڭمەننى يازغان تىمىلىرىڭىزمۇ بەك يارايدۇ. ئەركىن پىكىرنى يىزىشقا جۈرئەت قىلىشمۇ چوڭ گەپ.
بېسىمنى بانا قىلىپ قاچىدىغان بولسىڭىز ئۇۋالىمىزغا قالىسىز.
بۇ گەپنى بەك توغرا دەپسىز ،مىنىڭ بولسا شارائىت يار بەرسە ئۇيغۇر لار ئارىسدا blog weekly دەك ھەپتىلىك جورنالدىن بىرنى چىقارغۇم بار ئىدى ،مۇمكىن بۇلۇپ قالار بۇ ئىشلارمۇ -ھە .....خىزمەتكە كۆنىۋېلىپ ،بۇنىمۇ سىناپ باقسام بولغىدەك
لېكىن قانداقلا بولمىسۇن، سىزگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، يازمىلىرىڭىز ماڭا ئىلھام ۋە مەدەت ئاتاقىلدى .يازمىلىرىڭىز توختاپ قالمىغاي، قەلىمىڭىز ھارمىغاي، سىزگە سالامەتلىك ، ئۇتۇق، بەخت-ئامەت تىلەيمەن!ئاللا ھەممىمىزگە نۇسرەت ئاتا قىلغاي!
بەلكىم ئىز باسىدىغانلار بار دەيسىز،ئىز باسىدىغانلار بۇ يەرگە كىلىپ بولغۇچە بىز توزۇپ بولىمىز........مۇشۇ تور دۇنياسىداھەرخىل ياخشى پىكىر ،مەسلھەتلەرنى بەرگەنلەر ۋە ماڭا ۋە مەندەكلەرگە يول كۆرسەتكەنلەر ياشىسۇن ....
لىكىن بۇ ماقالىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم،،بەك ئەركىن پىكىر قىلىدىكەنسىز........
بۇ تىمىنى ئوقۇپ ماڭىمۇ ئىنكاس قايتۇرۇپ قۇيۇشقا بېسىم كەلدى..
ئامان بۇلۇڭ.
بىلوگ يىزىۋاتقانلار ئىچىدە پەقەت سىز رەسمى ئىچ- قارنىڭىزنى سۆكۈپ تۇرۇپ بىر نەرسە يازىسىز . شۇڭا كۆرگەنلەر بىرخىل تەبىيلىك، يىقىنلىق ھىس قىلىدۇ. ئوخشاش پىكىردىكىلەر تىخىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىدۇ ، ئازتولا بىرنەرسە يۇقىدۇ .قارشى پىكىردىكىلەر ئۆزىدىن قايتا بىر سۇئال جاۋاب ئالىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن سىزنىڭ تىمىلىرىڭىز ھەر تەرەپكە چىتىلىدۇ. كىچىكى قىززىق تىما بولغان چەتكە چىقىشتىن باشلاپ دۆلەت رايۇنلار ئىقتىسادى-ئىجتىمائىي تەھلىللەرگىچە يىزىپ كەلدىڭىز ، شۇڭا كۆپ سانلىق بىلىمخۇمارلار ئوڭايلا بۇ بىلوگنى كۆرۈش ئوبىيكىتى قىلىپ تاللايدۇ. بۇ سەۋەبلەر بىلوگ كۆرۈلۈش قىتىم سانىنى ئاشۇرۇشتا بەك مۇھىم .
كۆرگۈچىلەر ئاشقاندىن كىيىن سىزگىمۇ بىسىم بولىشى ئىنىق. ئەڭ كۆپ ساندىكى ئوقۇرمەننىڭ قوبۇل قىلاللىشى ئۈچۈن ئەسەر ماۋزۇ، باش تىما ، ئىددىيە ، لوگىكىلىق باغلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە چوقۇم تىخىمۇ يۇقىرى تەلەپ تەلەپ قىلىدۇ(بۇ ئەلۋەتتە سىزنىڭ ئىڭىزدىكى بىسىم تۇيغۇسى). ھەربىر ئادەمنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ئوخشىمىغاچ بىر ماقالىدىن 10 ئدەمنىڭ ئالغان تەسىرى 10 خىل بولىدۇ. شۇنداقلا ، ھەرخىل مەقسەت- نىيەت تۈپەيلى ئىنىقلا توغرا دەپ قارالغان ئىددىيە تەككۇر باشقىلار تەرىپىدىن رەت قىلىنىدىغان ئىشلارمۇ كۆپ ، بۇمۇ سىزدىكى شۇ بىسىمنىڭ بىر تەرىپى بولسا كىرەك.
يۇقارقى تىمىڭىزدىن سىزدىن بۇ بىسىمدىن زىرىكىش -ئۆكۈنۈش كەيپىياتىدا ئەمەسلىكىڭىزنى بىلىپ سۆيۈندۈم.
باشتا دەپ ئۆتكەندەك ، ئۇيغۇرلار ئارسىدا سىزدىن بىلىملىك ، ھەر تەرەپلىمە ساپالىقلار بەلكىم كۆپتۇ. لىكىن باشقىلارغا ھەقىقى يۈرىكى بىلەن يۈزلىنىپ بىر نەرسە يازىدىغانلار پەقەت ئەركىن سىدىق ئەپەندى ۋە سىز قاتارلىق بىر نەچچە .
ئادەم ئۆزىنىڭ ئىددىيسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قانچە كۈچچىسە ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى شۇنچە بايقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر ئۈگىنىش ۋاستىسى بولغان بىسىم شەكىللىنىدۇ دە تىخىمۇ ئالغا ئىلگىرلەيدۇ. مانا بۇنىڭ ئۆزى ئۈگىتىشتىن ئۈگىنىش دەپ ئاتالسا كىرەك.
تەكلىپ ، بىسىمدىن قورقماڭ، بىسىمنى ھەر ۋاقىت كۈتۈۋىلىشقا تەييار تۇرۇڭ . كىچىككىنە ھالىمغا سىزگە بۇنداق سۆزلەرنى قىلىشىم ھەقىقەتەن سەل ھالقىپ كەتكەنلىك بولۇپ قالدى. ئەمما مەنمۇ سىزدەكلا بىسىمغا ئىرىشىش ئۈچۈن ئۆزۈمنى چوڭقۇر قىزىپ كۆرۈپ بىقىش مەقسىتىدە يىزىۋاتىمەن . بۇ جەرياندا مەنمۇ ئۆزۈمنى تىخىمۇ چۈشىنىمەن ، ئۈگىنىمەن دەپ قارايمەن.
لىكىن ھەر قېتىم كۈندە دىگۈدەك blogنى بېر قېتىم ئاچىمەن ھازىر كومپپيوتېرنى قوزغتىپلا سىزنىڭ مۇنۇ تېمىڭىزغا ئىنكاس يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن . راسىت گەپنى قىلسام بىرەر يېڭى تېما يوللانغان بولسا ناھايىتى خوش بولۇپ كىتمەن ،يەنە شۇ بۇرۇنقى تېمىلارنى كۆرگەن ۋاقتىمدا كۆڭلۈم بىر قسىم بولۇپ ،ھەتتا سىزنى تىللغىم كىلىپ
بۇ jeck تېما يازماي نىمىش قىلۋاتقاندۇ دەپ ئىچمدە ئۆزۈمگە كوتۇلداپ قويمەن دە كونا تېمىلارغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ قويۇپ jeck ئەپەندى ئالدىراش بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ يەنە ساقلاپ باقاپ ۋاقتى چىققاندا تېما يوللا دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللىي ئىزدەپ چىقىپ كىتمەن . مۇشۇ ۋاقىتلاردا سىزگە ياردەم قىلالىسام ،ئاز- تولا ياردەم قىلپ يېڭى تېمىلارنى يوللىشىپ بەرسەم دەپ ئويلاپ قالمەن لىكىن شۇ بېسىملار ........ مىنىڭچە سىزنىڭ كىشلىك قارشىڭىز ئاساسەن شەكىللىنىپ بولغان ئادەم بۇنداق بېسىملارغا بەرداشلىق بىرەلەيسىز ۋە توغرا ھەل قىلالايسىز ..ھەم بىزنىڭ بۇنداق بېسىملارنى قانداق ھەل قىلىش ئۈمۈدسىزلىك ئىچدىن قانداق ئۈمىد تېپىش توغرىسدا يول كۆرسىتىپ بىرەلەيسىز ،تىرشىڭ jeck ئەپەندى ... سىزنى ئۈلگە قىلپ تۇرۇپ بىز تېخمۇ تىرشىمىز ،بىر چاغلاردا بىر كىتاپتىىن مۇنداق بىر جۈملىنى كۆرۈپ قالغان ئىدىم. what came to us as seed may go.
to the next generation as blossom,and what came to us blossom may go to them as fruit. دىمەكچى بولغۇنۇم سىز ھازىر مۇشۇنچىۋالا بېسىملار ئۈستىن غالىپ كىلپ بىزگە ئۈلگە بولۇپ كىلۋاتسىز كەلگۈسدە بىز ئۇچرايدىغان بېسىم بەلكىم سىزنىڭكىدىنمۇ نەچچە ھەسسە كۆپ بولۇشى مۇمكىن شۇڭا blog داش دوسىتلار ۋە ھەممىىمىز jeck ئەپەندى دەپ ئۆتكەندەك ئۆزمىز توغرۇلۇق كۆپ ئويلىنايلى ،توغرا بولغان بېسىملارنى ئېلىپ قېلىپ توغرا بولمىغانلىرنى دەرھال تاشلىۋېتەيلى ،كەلگۈسى بىزنى كۈتۋاتدۇ،ۋاقىت بىزنى ساقلاپ تۇرمايدۇ !!