ئايلىق : 2011-05

15ياشتىن 17ياشقىچە بولغان مەزگىل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناچار قىلمشلىرى ئەڭ كۆپ سادىر بولىدىغان مەزگىل

يوللانغان ۋاقتى : 2011.05.29ئاپتور : روياپچىكۆرۈلۈشى : 19 viewsئىنكاس سانى : 0

بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتىتى يېقىندا ئۈچ يىل داۋام قىلغان ناچار قىلمىشتىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ نەتىجىسنى ئېلان قىلدى.تەكشۈرۈش نەتىجسىدە كۆرسىتىلىشىچە،مەكتەپتە قىلمشى ناچار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسى ئىپادىلىرى‹‹دەرس قالدۇرۇش،كەچتە ياتاققا قايىتماسلىق،››ۋە ‹‹سوقۇشۇش،مۇشتلىشىش،باشقىلارنى ھاقارەتلەش››بولۇپ،تېخىمۇ ئېغىرلىرى‹‹ئادەم توپلاپ جېدەل چىقىرىش،جەمئىيەت ئامانلىقىنى قالايمىقان قىلىش››ئىكەن.‹‹ئوقۇشتىن بىزار بولۇش ›› ئوقۇغۇچىلارنىڭ يامان قىلمىشلىرىنىڭ باشلىنىشى ئىكەن.
مائارىپ خىزمەتچىلىرى ۋە ئاتا -ئانىلارنىڭ دىققەت قىلىشىغا ئەرزىيدىغىنى شۇكى،15ياشتىن17اياشقىچە بولغان مەزگىل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناچار قىلمىشلىرى ئەڭ كۆپ سادىر بولىدىغان مەزگىلى؛بايرام،دەم ئېلىش كۈنلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئەڭ كۆپ جىنايەت سادىر قىلىدىغان ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغان مەزگىلى ئىكەن؛ئالاھىدە ئائىلىلەرنىڭ شارائىتى ۋە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىمۇ ئوقۇغۇچىلادا يامان قىلمىشلارنىڭ سادىر بولىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دەپ تونۇشتۇردى:قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت سادىر قىلىش سەۋەبى ئوقۇغۇچىلار سۇبىيېكتىدا ‹‹ئاسان ھاياجانلىنىش››،‹‹ئىرادىسى ئاجىز بولۇش››قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر بولۇشتىن سىرت،ئاتا-ئانسى ئاجىرىشىپ كېتىش،قايتا نىكاھلىنىش ،ئائىلىسىنىڭ كىرىمى تۆۋەن بولۇش،ئائىلىسىدىكلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيسى تۆۋەن بولۇش،ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئارىسىدا نورمال پىكىر ئالماشتۇرۇش كەمچىل بولۇش قاتارلىق ئۇبىيېكتىپ سەۋەپلەرمۇ بار.
قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلاردىكى ناچار قىلمىشلارنىڭ پەيدا بولىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟ مۇتەخەسىسلەر مۇنداق قارايدۇ:ئوقۇغۇچىلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان تەربىيلەش ئۇسۇلى ھەققىدە ئىزدەنگەندىلا ،كۆرىنەرلىك تەربىيلەش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.تەكشۈرۈشتىن ئىسپاتلىنىشىچە ،‹‹توردا چ چ دا سۆزلىشىش ››،‹‹ يانغۇندا ئۇچۇر يوللاش››قاتارلىق ئۇسۇللار ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوڭقۇر ئېتىراپ قىلىشغا ئېرىشكەن.

‹‹3-ياش ›› ۋە ‹‹3-ياش ئالىي مەكتىپى››

يوللانغان ۋاقتى : 2011.05.28ئاپتور : روياپچىكۆرۈلۈشى : 12 viewsئىنكاس سانى : 0

چەتئەلللەردە كىشىلەر كىشىلىك ھايات مۇساپىسىنى : بالىلىق ۋە ياشلىق مەزگىلى،كەسىپ ۋە تىرىكچىلىك مەزگىلى ،بېقىندىلىق مەزگىلىدىن ئىبارەت تۆت ياش باسقۇچىغا ئايرىيدۇ.‹‹3-ياش ››–پېنسىيە مەزگىلىنى كۆرسىتىدۇ.بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىلىشىدىكى سەۋەپ شۇكى،پېنسىيگە چىققاندىن كېيىنكى ‹‹3-ياش››كىشىلىك ھاياتنىڭ ئۈچىتىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ.بۇ مەزگىلدە ،ئادەم ئەگەر ياخشى ھالەتتە تۇرالىسىلا ،تۇرمۇشتىكى ماسلاشماسىلىقنى ئازايتىپ ،تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى ،4-ياش مەزگىلىدىكى بېقىندىلىق ۋاقتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.شۇنداقلا بۇ مەزگىلدە تۇرغان كىشلەرنىڭ تۇرمۇش بېسىمى ئازراق،ئائىلە يۈكى يەڭگىلرەك،قابىلىيتى ۋە قىزىقىشىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا خېلى چوڭ ئىمكانىيەت ۋە قولايلىقلارغا ئىگە بولىدۇ.بۇ،كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.ئۇ،كىشىلىك ھاياتنىڭ يەنە بىر ئاچقۇچلىق مەزگىلى.
‹‹3-ياش ئالىي مەكتىپى››(قىسقارتىپU3A دېيىلدۇ)ياشانغانلارنى ئۆگىنىش سورۇنى بىلەن تەمىنلەيدۇ.ئومۇمەن،ئۇنىڭ ئوقۇش سالاھىيتى جەھەتتىكى تەلىپى يوق،ئۇنۋانمۇ بەرمەيدۇ.ئۇنڭىدا ئىپادىلىنىدىغان تەلىم -تەربىيە پىرنىسپى: ھايات ۋە ئۆگىنىش نۇقتىسىنى چىقىش قىلىپ ،ياشانغانلارنى بايلىق دەپ قاراپ،ئۇلارنى ئۆمۈرلۈك ماپارىپ سېستىمىسىغا كىزگۈزۈشتىن ئىبارەت. ئۇ ياشانغانلارنىڭ جەمئىيەتكە ئارلىشىشىغا ياردەم بېرىپ،دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجتىمائى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قولايلىق يارىتىش؛ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ،زېھنىنى ئېچىپ،مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىش؛چوڭلار ۋە ئەۋلادلار بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە ئادەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
دۇنيا بويىچە تۇنجى ‹‹3-ياش ئالىي مەكتىپى››نى 1972-يىلى فىرانسىيلىك پىروفېسسور پېيل ۋىلاس تۇلۇزا ئۇنۋېرسىتىتىدابەرپا قىلغان.كېين،مائارىپ ئىدىيسى،خىزمەت تەجىرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش ئۈچۈن ،1975-يىلى ياۋرۇپادىكى بىر نەچچە ‹‹3-ياش ئالى مەكتەپ››لىرى بىرلىكتە خەلقئارا3-ياش ئالىي مەكتەپلىرى جەمئىيتىنى قۇرغان.ئۇ،دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ياشانغانلار ئۇنۋېرسىتىتىلىرى ۋە ئورگانلاردىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتى بولۇپ،ئۆگىنىش ۋە تەتقىقاتنى يۈكسەلدۈرۈش ھەمدە بارلىق 3-ياشتىكىلەر ئۈچۈن تىرىشىپ مۇلازىمەت قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.نۆۋەتتە،ياشانغانلارنىڭ تەلىم-تەربىيە تەشكىلىي شەكىللىرى جەھەتتە ،تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش شەكلى،مۇستەققىل باشقۇرۇپ،ئۆزىگە ئۆزى ياردەم بېرىش شەكلى ۋە مەھەللىۋى شەكىلدىن ئىبارەت ئۈچ خىل مۇقىم شەكلى بار.ئەنگىلىيە مۇستەققىل باشقۇرۇپ،ئۆزىگە ئۆزى ياردەم بېرىش شەكلىنىڭ تىپىك ۋەكىلى.
مەنبە: شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى2007-يىل12-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى

شەخسىيەتچىلەرنىڭ 10 ئەقىدىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2011.05.27ئاپتور : روياپچىكۆرۈلۈشى : 14 viewsئىنكاس سانى : 0

شەخسىيەتچىلەرنىڭ 10 ئەقىدىسى
1.ئاۋۋال مەسئۇلىيەتكە ئىگە بولسىڭىز ،ئاندىن ھۇزۇرلىنىش ھۇقۇقىڭىز بولىدۇ.
2.پۇلىڭىز بولمىسا بىر سىنىتنىمۇ ئىسىراپ قىلىسڭىز بولمايدۇ.
3.بىر خىل ئىقتىدارغا ئىگە بولىسڭىز جەمئىيەت ئاندىن سىزگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ،سىزمۇ ئۆز قىممىتىڭىزنى بەلگلىيەلەيسىز.
4.ئۆزىڭىزنى تەڭشىيەلىسىڭىز ،پۈتۈن دۇنيا بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كېتەلەيسىز.
5.باشقىلارغا قىلىنغان ھەرقانداق ھۇجۇم ئۆزىڭىزگە قىلىنغان ھۇجۇمغا باراۋەر،بۇ باشقىلار ئارقىلىق غەزىپىنى چىقىرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
6.ئۆزىڭىزگە نېمە لازىملىقىنى بىلىسڭىز،ھېچكىم سىزنى ئۆزى توغرا دەپ قارىغان نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىيالمايدۇ.
7.ھەر بىر ئادەمنىڭ ھۇرۇنلۇق قىلىش ھۇقۇقى بار،لېكىن باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى خورىتىش ئۈچۈن ياشىماسلىق كېرەك.
8.ناۋادا بەك ئىقتىدارلىق بولسىڭىز،بۇ ئىقتىدار ئەڭ ئاۋۋال باشقىلار ئۈچۈن ئەمەس ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئىشلىسۇن.
9.بىر ئىش ھەققىدە شۇنچە زوق -شوق بىلەن سۆزلەشكە باشلىغانلىقىڭىز شۇ ھەقتە يېتىم قىلىۋاتقانلىقىڭىزنىڭ ئىسپاتى.
10.سىزنىڭ مەلۇم نۇقتىدا بىلىدىغانلىرىڭىز شۇنچە كۆپەيسە ،ئىقرار بولۇشقا تېگىشلىك ئىشلىرىڭز شۇنچە ئاز بولىدۇ. بەزىدە مەقسەتلىك قىلىنغان سۈكۈت يۈز قۇرۇق جۈملىدىن ئەۋزەل.

سەپدىشىگە مىلتىق تەڭلىگەن قەھرىمان

يوللانغان ۋاقتى : 2011.05.27ئاپتور : روياپچىكۆرۈلۈشى : 15 viewsئىنكاس سانى : 2

ئامېرىكىدىكى بىر شىركەت مەلۇم ئاخبارات ۋاستىسى بىلەن بىرلىكتە،«قەلبىڭىزدىكى قەھىرىمان كىم؟« دېگەن تېمىدا خەلقىنىڭ رايىنى سىناپ ،خەلق قەلبىدىكى 20 قەھىرىماننى سايلاپ چىققان.بۇنىڭ ئىچىدە ۋاپات بولۇپكەتكەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى لىنكۇلىن،ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىبى پوۋل قاتارلىق داڭلىق شەخىسلەرمۇ،ئانچە نامى چىقمىغان «تۇرمۇشتىكى قەھرىمان›› لارمۇ بار.مەسىلەن،شېۋ تومپسىۇن ئىسىملىك بىرەيلەن شۇلار نىڭ قاتارىدا بولۇپ،ئېرىشكەن بىلەت سانىنىڭ كۆپلۇكى جەھەتتە ئىككىنىچى ئورۇندا تۇرغان.

ئۇنداق بولسا ،شېۋ تومپسىۇن كىم؟

بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن ،ۋېيتنام ئۇرۇشدىن سۆز ئېچىشقا توغرا كېلىدۇ.1967-يىلى،ئامېرىكا ئەسكىرى ،شېۋ تومپسىۇن بىر قېتىملىق بۆكتۈرمە جەڭدە،قورشاۋدا قالغان توققۇز نەپەر ۋېيتناملىق بىگۇناھ پۇقرانى قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن ،تۇيۇقسىز مىلتىقنى ئۆز سەپدىشىگە تەڭلەپ:«ئەگەر ئوق چىقارساڭ،مەنمۇ ساڭا ئوق چىقىرىمەن.››دېگەن.

سەپدىشى ئۇنىڭ ھەرىكىتىدىن داڭقىتىپلا قالغان.كېيىن،ھەربى سوت ،شېۋ تومپسىۇننىڭ بۇ ئىشىنى تەكشۈرگەن.

ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتكەندە ،،شېۋ تومپسىۇن مۇشۇ ئىش تۈپەيلى ئامېرىكىلىقلارنىڭ قەلبىدىكى قەھىرىمانغا ئايلانغان.

بۇنداق بولىشىنى بەزىلەر چۈشىنەلمەسلىكى مۇمكىن.دەرۋەقە،ئۇرۇش لوگىكىسى بويىچە ئېيتقاندا،،شېۋ تومپسىۇننىڭ ھەرىكىتى ھەقىقەتەن ۋەتىنىگە خائىنىلىق قىلغانلىق، ھەربى سوتنىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچىرىشى كېرەك.لېكىن،يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا،ئىش ئۇنچە ئاددىيمۇ ئەمەس.ئۇرۇش قىلىشتىن مەقسەت نېمە؟تېنىچلىق ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟جەڭچى بىلەن جەڭچى ئوخشىمايدۇ.،شېۋ تومپسىۇننىڭ ئۇلۇغلىقى شۇ يەردىكى،قىرغىنچىلىق قىلىپ كۆنۈپ قالغان بىر توپ جەڭچى ئىچىدە،ئۇ ئەڭ ئاۋۋال ھوشىنى تېپىپ،كۆز ئالدىدىكى قىرىلىپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان كىشىلەرنىڭ دۈشمەن ئەمەس،بەلكى قوغدىلىشقا تېگىشلىك بىگۇناھ پۇقرالار ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن.شۇڭا،ئۇ مىلتىق تەپكىسىنى بېسىشنى توسۇپ قالغان.

بەلكىم،كۈنلەرنىڭ بىرىدە،ئۇرۇش يەر شارىدىن غايىپ بولىشىمۇ مۇمكىن،لېكىن خېلى بىر ئۇزاق مەزگىلگىچە ئۇ يەنىلا ئىنسانلارغا ھەمراھ بولىدۇ.لېكىن،قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ،بىز رەزىللىكنى توسۇپ قالالىغان ئۇلۇغ ئادىمىيلىكنىڭ كۈچ -قۇدىرىتىگە تەشەككۈر ئېيتماي تۇرالمايمىز.

مەنبە: شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى (2007-يىل6-ئاينىڭ12-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى)

مەن ئانامنىڭ يېنىدا ياتتىم

يوللانغان ۋاقتى : 2011.05.26ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 21 viewsئىنكاس سانى : 5

مەن ئانامنىڭ يېنىدا ياتتىم

     ئانام كېسە كارۋىتىدا ياتاتتى ، مەن بولسام ئانامنىڭ كارۋىتىنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ توردا بىرنىمىلەر بىلەندۇر ھەپىلىشىپ ئولتۇراتتىم .

     بەزى ۋاقىتلاردا ئانام ئۇخلاپ قالاتتى . بىراق كۆپ قسىم ۋاقىتلاردا دېگۈدەك ئويغاق ئولتۇراتتى . ئۇ ئويغۇنۇپ بالىكوندا بىردەم ھەرىكەت قىلغاندىن سىرىت ئاساسەن دېگۈدەك كارىۋاتتا تۇرۇسقا قاراپ كۆزى ئوچۇق ھالەتتە بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە جىمجىت ياتاتتى .

     ئانام ، بەزى ۋاقىتلاردا يەنە دەرىزىدىن سىرىتقا قاراپ ئاللىقانداقتۇر بىركىملەرنى ئىزدەۋاتقاندەك ئۇ يەر بۇ يەرلەرگە قاراپ كېتەتتى . بەزى ۋاقىتلاردا ئۇ ماڭا سىناق تەرىقىسىدە ئۇزۇندىن- ئۇزۇنغا گەپ قىلىپ كېتەتتى . ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ قايسى ۋاقىتلاردا قانچىلىك ساغلام ئىكەنلىكىنى  ، بىر كۈندە نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى يالغۇز چىقىپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ كېتەتتى . مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا مەن بىزارلىق ھىس قىلغاندەك ، كومپىيوتىر ئېكرانىدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي تۇرۇپ ئۇنىڭغا :

    – ئانا ئۇ گەپلەرنى دەۋەرمىسەڭ قانداق ؟ نېمىشقا داۋاملىق ئۆزەڭنىڭ كېسىلى توغرىسىدىلا سۆزلەپ كېتىسەن ؟ دەپ كېتەتتىم .

   مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا ئانام بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمايتى . بىراق بىز ئاز ۋاقىتتىن كېيىن يەنە ئۆزى بىلىپ -بىلمەي گەپ باشلاپ كېتەتتى- دە يەنە بىردەم قاقشايتى.

   بىر قېتىم ئانام تۇيۇقسىز بىر ئۇرۇندۇقىنى  مېنىڭ يېنىمغا تارىتپ يېقىن كېلىپ ئولتۇرۇپ:

  – كومپىيوتىرنىڭ يېنىدا ئەتىدىن كەچكىچە ئولتۇرىسەن ، نېمە ئش قىلىۋاتىسەن ؟ چارچىمامسەن ؟ دەپ گەپ باشلىدى.

   – پاراڭلىشىۋاتىمەن . دېدىم مەن ئىپادىسىزلا .

    – پاراڭلىشىۋاتىمەن ؟! كىم بىلەن پاراڭلىشىۋاتىسەن ؟  ئانام يەنە يېنىشلاپ سورىدى .

    – باشقا جايلىق بىرسى بىلەن ، تۇنۇشمايمىز.

    – تۇنۇشمايمىز ؟ ئانام قىزىقىپ قالغان بولسا كېرەك ، ماڭا تېخىمۇ يېقىن ئولتۇرۇپ سوراپ كەتتى . سەل چۈشەنگەندەكمۇ قىلاتتى . نېمە توغۇرلۇق پاراڭلىشىۋاتىسىلەر ؟

  – دېيىشكىدەكمۇ گەپ يوق ، مۇنداقچە تاغدىن – باغدىن پاراڭلىشىۋاتىمىز .

  – ھە ! ئانام ئاڭقىرالمىغاندەك بىر دەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ، كىچىك ئۇلۇغ تىنىۋىتىپ يەنە كارۋىتىغا بېرىپ ياتتى .

   مەن يەنە بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئىختىيارسىزلار ئانام تەرەپكە بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قارىدىم . ئانام كارۋاتتا تۇرۇسقا قاراپ كۆزىنى بىر نۇقتىغا تىككىنىچە ياتاتتى .

   يۈرۈكۈم تۇيۇقسىز بىر خىل سوقۇپ كەتتى …

   مەن ئاتاقتا بۇ يەردە ئانامغا ھەمراھ بۇلۇپ ، ئۇنىڭغا تاماق ئېتىپ بېرىش، چاي قۇيۇپ بېرىشتىن باشقا يەنە ئۇنىڭغا نېمە قىلىپ بېرەلىدىم ؟ ئۆز ئۆزەمدىن سوراپ كەتتىم .

  ئانام مېنى تۇغقان ۋاقىتىدا كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ قاپتىكەن ، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كېسەللىك ئازابى تارتىپ كەلدى . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەنە ئۇنىڭغا نۇرغۇلىغان كېسەللەر چاپلاشتى .بەلكىم ئانام ھەر يىلى كېسەلبۇلۇپ قالغانلىقتىن بولسا كېرەك ، ئۆزىمۇ ئانچە بەك پىسەنت قىلىپ كەتمەيتتى . بىز بىر ئائىلىدىكى ئۈچ پەرزەنت ھەپتە ئاخىرىدا ئۆيگە قايتىپ كەلگەن ۋاقىتلاردا بولسا  ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ بېرىپ بىز ئاز بولسىمۇ ئىش قىلىشىپ بېرەيلى دېسەك ئۇ بىزنى يېقىن يۇلاتمايتى .  ئۆزى يالغۇز بىردەم ئۇ ئىشنى  بىردەم بۇ ئىشنى قىلىپ پايپىتەك بۇلۇپ كېتەتتى . بىزمۇ بۇنىڭغا ئادەتلىنىپ كەتكەن ئىدۇق .

   بۇ قېتىم ئانام بۇرىنقىغا قارىغاندا بەكرەك ئېغىر ئاغىرىپ قالدى . بىردەم ماڭسىلا چىرايلىرى سارغىيىپ ، بەدەنلىرى تىتىرەپ كېتەتتى . ئۇ راستىنلا ئاغىرىپ قالدى ، بىراق بىزنىڭ ھېسىداشلىقىمىزغا ، كۆيۈنىشىمىزگە ئېرىشەلمىدى . ئۇ  كىمنى كۆرسە ئاغرىنىپ يۈرۈتتى . بىزمۇ ئۇنى رەنجىتىپ يۈرۈپ ھارغۇزۇپ قويغان ئىدۇق .ئانام ھەر قېتىم ئاغىرىپ قالغان ۋاقىتلىرىدا بولسا خۇددى بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويغاندەك بىزگە بىې ئېغىزمۇ تىنىپ قويمايتتى . بىراق ئۇ نېمىنى خاتا قىلدى ؟

  مەن كومپىيوتىرنى ئۆچۈرۈپ ، ئانامغا بىر ئىستاكان چاي قۇيۇپ بەردىم . ئۇ مېنىڭ گەپ قىلىشىمنى كۈتمەيلا ماڭا قاراپ :

  – كومپىيوتىرغا قاراۋېرىپ كۆزلىرىڭىمۇ ھېرىپ كەتكەندۇ ، كاراتقا چىقىپ بىردەم ئارم ئېلىۋالغىن ، دېدى .

    مەن بېشىمنى لىڭىشتىپلا ، كارۋاتقا چىقىپ ، ئانام يېپىنغان ياتقاننىڭ بىر بۇرجىكىنى تارتىپ ئانامنىڭ يېنىدا ياتتىم . ئانا ئۆزنىڭ مامۇق چاپىنىنى ئۈستۈمگە يېپىپ قويغاچ :

    – پار توختاپ قاپتۇ ، بىرلا ياتقان بىلەن ئۇخلىساڭ توڭلاپ كېتىسەن دەپ گەپ قىستۇرۇپ قويدى .

    – مەن ئۇخلىمىدىم ، ئاپا ، سەن ماڭا ئۆزەڭنىڭ ئىلگىرىكى ئىشلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرگىنە ، مەن ھېكايە قىلىپ يازسام بۇلامدۇ – بولمامدۇ ، ئاڭلاپ باقاي دېدىم .

    ئانام ھەيراق قالغاندەك بىردەم نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالدى . مەن ئۇنىڭ گەپ قىلىشىنى سەۋىرچانلىق بىلەن ساقلاپ ، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلگىنىمچە ياتاتتىم . ئانامنىڭ يېنىدا يېتىپ مۇشۇنداق ئىللىق بىرخىل سېزىم قەلبىمنى لەرزىگە كەلتۈردى . مەن ئۆزەمنىڭ  ئاللىقاچان نەچچە يىل كەينىمگە يېنىپ كەتكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قالدىم .        

 ئاپتۇرى: ۋاڭ شىياۋ مىڭ

   تەرجىمە قىلغۇچى: ئىزتىل

مەنبە : خەنزۇچە نەشىردىكى 2007-يىللىق 22-سان «ئوقۇرمەن»ژۇرنىلى

سىزمۇ (wordpress) بلوگىڭىزغا مۇزىكا قويغۇچ ئورنىتىۋېلىڭ!

يوللانغان ۋاقتى : 2011.05.26ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 18 viewsئىنكاس سانى : 2

نۇرغۇنلىغان دوستلار مۇزىكا ئاڭلاشنى ياقتۇرسا كېرەك ، شۇنداقلا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بلوگلىرىغىمۇ مۇزىكا قويغۇچ ئورنىتىپ ، ئۆزى ياقتۇردىغان مۇزىكا ياكى ناخشىلارنى قاچىلاپ بىر تەەپتىن مۇزىكا ئاڭلىغاچ يەنە بىر تەرەپتىن بلوگ يېزىش ، بلوگلاردىكى نادىر يازمىلاردىن ھۇزۇرلىنىشنى ئويلاۋاتقان بۇلىشى مۇمكىن ، بلوگلارغا مۇزىكا قويغۇچ ئورنىتش بىر تەەپتىن سىزگە ناخشا – مۇزىكىلارنىڭ ئىستىتىك زوقىنى بەرسە يەنە بىر تەرەپتىن بىلوگىڭىزنىڭ ئوقۇرمەنلىرىگە ھۇزۇر بېغىشلاپ ، بلوگىڭىزنىڭ زىيارەت سانىنى ئاشۇرۇشى مۇمكىن . ئۇنداق بولسا قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ ئەمەلىي گەپكە كېلەيلى : سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلىدىن بىر قىسىم سەۋەنلىكلەرنى ئۆتكۈزۈپ قويغان بۇلىشم مۇمكىن ئەپۇ قىلىشىڭىلارنى سورايمەن .

بلوگىمىزغا مۇزىكا قويغۇچ ئورنىتىشنىڭ مۇنداق بىر نەچچە تۈرلۈك ئۇسۇلىنى ۋە بىر نەچچە قويغۇچ كودلىرىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي:

1. بىلوگىمىزغا ئاددىغىنە بىر مۇزىكا قويغۇچ ئورنىتىۋالايلى . بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى كودلارنى ئىشلىتىمىز . يەنى

http://muzika.muzika.cn/Aza/Nahxa/2008/12/24/Retim-Cn_13804.mp3|http://img.3bu.cn/ring/ring/200708071156984.mp3&autoplay=1″ height=“20″ width=“160″ wmode=“transparent“ type=“application/x-shockwave-flash“ />

بۇ كودىنى سىز تېكىت ئىچىگە قويسىڭىزمۇ ( html) ياكى بلوگىڭىزدىكى sidebar.php نىڭ مۇۋاپىق ئورنىغا قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ .

قويغۇچ كۆرۈنىشى تۆۋەندىكىدەك :

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئۇرۇن :mp3 كەينىدىكىسى مۇزىكىنىڭ ئادىرسى . ئەگەر سىز كۆپلىگەن ناخشىلارنى ئورناتماقچى بولسىڭىز ناخشىلارنى ئۆز ئار “|” بەلگىسى بىلەن ئايرىڭ . ئەڭ ئاخىردىكى autoplay=0 بولسا ئاپتوماتىك ۋە قولدا تاللاپ قۇيۇشنى تاللاش ئورنى .0 بولسا قولدا تاللاپ قويىمىز ، 1 بولسا مۇزىكا ئۆزى ئاپتۇماتىك قۇيۇلىدۇ ، سىز بۇلارنى ئۆز ئېھتىياجىڭىز بويىچە تاللىۋالسىڭىز بۇلىدۇ.

2. بۇ خىلدىكى قويغۇچ بولسا كۆرۈنمە يۈزى خېلى كۆركەم بۇلۇپ ئادەمگە گۈزەل تۇيغۇ بېرىدۇ ، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن سىز بىر فىلەش قويغۇچ چۈشۈرۋېلىشىڭىز كېرەك [بۇيەرنى چېكىپ چۈشۈرۈڭ] ئاندىن سىز بۇ قويغۇچ كودىنى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ مۇندەرجىسى ئىچىگە قۇيۇڭ ، ئۇۇنىڭدىن كېيىن سىز بۇ مۇندەرىجىنى functions.php ئىچىدىن تاپالايسىز ، ئىچىدە چۇقۇم function ئۇسۇلى بار . قاچىلاپ قويسىڭىزلا بۇلىدۇ ،

تۆۋەندىكىسى دەل function ئۇسۇلى شۇ :

function mp3player($atts, $content=null){
extract(shortcode_atts(array(”auto“=>’0′),$atts));
return ‘’;
}
add_shortcode(‘mp3′,’mp3player’);

ھەر قېتىم تەھرىرلەپ مۇزىكا قوشىدىغان چاغدا ئىشلىتىدىغان كود بولسا :

[m p3]http://muzika.muzika.cn/Aza/Nahxa/2008/12/24/Retim-Cn_13804.mp3[/m p3]

ئارلىقتىكىسى مۇزىكا ئادىرسى . بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى ئېلىۋىتىڭ.

قويغۇچ كۆرۈنىشى مۇنداق :

ئاخىردىكى ئۇسۇل بولسا تۆۋەندىكىچە:

بۇنىڭمۇ كۆرۈنشى چىرايلىق ، بىراق ئازراق CSS ئۆزگەرتىش تەلەپ قىلىدۇ . مەن بۇنىڭ ئۆزگەرتىپ قويدۇم ، ئەمدىكىسى سىز بۇ كودنى ئۇسلۇپ ھۆججەتلىرىڭىزنىڭ ئارىسىدىكى functions.php نىڭ مۇۋاپىق ئورنىغا قويسىڭىز بۇلىدۇ.

function music1player($atts, $content=null){
extract(shortcode_atts(array(”auto“=>’0′),$atts));
return <<

HTML;
}
add_shortcode(‘music’,'music1player’);

 ھەر قېتىم مۇزىكا ئورناتقاندا ئىشلىتىدىغان كود بولسا تۆۋەندىكىدەك :

[mu sic]http://muzika.muzika.cn/Aza/Nahxa/2008/12/24/Retim-Cn_13804.mp3[/mu sic]

ئارلىقتىكىسى مۇزىكا ئادىرسى . بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى ئېلىۋىتىڭ.

قويغۇچ كۆرۈنشى تۆۋەندىكىدەك :

ئەمدى سىزمۇ بلوگىڭىزغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مۇزىكا قويغۇچ ئورنىتىۋالدىڭىز ، مۇڭلۇق ھەم ئۆزىڭىز ياقتۇردىغان ناخشا مۇزىكىلىرىڭىزنى قاچىلاپ ئوقۇرمەنلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىڭ.

تىنچ ئوكيان تورى-تېلغۇنغا پۇل تاپشۇرۇش ئۇسۇلى (سىز پۇل تېجىيەلەيسىز)

يوللانغان ۋاقتى : 2011.05.25ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 14 viewsئىنكاس سانى : 4

تىنچ ئوكيان تورى-تېلغۇنغا پۇل تاپشۇرۇش ئۇسۇلى (سىز پۇل تېجىيەلەيسىز)

ئالدىنقى يازمىمىزدا بىز تىنچ ئوكيان تورىنى دوستلارغا قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدۇق ، بۇ قېتىم كۆپلىگەن دوستلارنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن بىز تىنچ ئوكيان تورىدا تېلفۇنغا پۇل تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز ، ئېسىڭىزدە بولسۇن سىز پۇل تاپشۇرۇشتىن ئاۋال بۇ تورغا تىزىملاتقان بولسىڭىز سىز پايدىغا ئېرىشىسىز ، سىز ئېرىشىدىغان پايدىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇراي ، مەسلەن سىز تېلفۇنىڭىزغا 50 يۇەن خەلىق پۇلى تاپشۇرماقچى بولسىڭىز بانكا كارتىڭىزدىن چىقىم بولىدىغىنى 49.25 يۈەن ، تېلفۇنىڭىزغا ئەمىلىي قاچىلىندىغىنى 50 يۈەن ، دېمەك سىز 0.75 يۈەننى تېجەپ قالدىڭىز دېگەن گەپ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە سىزنىڭ ئەزالىق نۇمۇرىڭىزغا 0.08 PV قېتىلىدۇ ، بۇPV ڭىز 1000غا يەتكەندە 200 ئامىرىكا دوللىرى يەنى 1400 يۈەن ئەتراپىدا خەلىق پۇلىغا ئېرىشىسىز ، سىز بۇ پۇلنى بانكا ھېساباتىڭىزغا ئاغدۇرۋالسىڭىزمۇ بۇلىدۇ . بۇ ھەقتە ئالدىنقى يازمىمىزدا تەپسىلى سۆزلەپ ئۆتكەن . قېنى ئەمسە تېلفۇنغا پۇل قاچىلاش ئۇسۇلى بىلەن تەپسىلىي تۇنۇشۇپ ئۆتەيلى؛

تېلغۇنغا پۇل تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەزلار مەركىزىگە تېزىملىتپ كىرىسز.باش بەت ئوڭ تەرەپ ئۈستى «تىزىملىتش(登陆) »نى بېسپ ئەزالار تىزىملىتىش رايۇنىغا كىرىسز.ھەم ئۆزىڭىزنىڭ ئەزالىق نامى ۋە مەخپى نۇمۇرىنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا كىرگۈزۇپ «تىزىملىتش (登陆)» كۇنۇپكىسنى باسىسىز.

 

تىزىملىتپ كىرگەندىن كېين ئەزالار مەركىزى باش بېتى ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى «بىر بېكەتلىك مۇلازىمەت(一站式服务)» نى چىكىپ تىنچ ئوكيان بېۋاستە سېتىۋېلىش تورى مەخسۇس ئاچقان ھەرخىل مۇلازىمەت ھەقلىرىنى تاپشۇرۇش بېتىگە كىرىسىز.

  

ھەق تاپشۇرۇش رايۇنىغا كىركەندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئۈستۈنكى قۇردىكى سىز ھەق تاپشۇرماقىچى بولغان مۇلازىمەتنى تاللايسز.(مىسال ئۈچۈن كۆچمە خەۋەرلىششكە ھەق تاپشۇرۇش جەريانى تۇنۇشتۇرلىدۇ.)

كۆچمە خەۋەرلىشىش تېلغۇنىغا ھەق تاپشۇرۇش تۈرى تاللانغاندىن كېيىن ئاستى تەرەپكە ھەق تاپشۇرماقچى بولغان تېلغۇن نۇمۇرى كىرگۈزىسىز.  

تېلغۇن نۇمۇرى ۋە ھەق تاپشۇرۇش سوممىسىنى بىكىتپ بولغاندىن كېيىن ئەگەر خاتالىق بولسا «قايتىدىن بېكىتش(重置)»  كۈنۇپكسىنى بېسپ قايتىدىن كىرگۈزسىڭىز بۇلىدۇ، ئەگەر خاتالىق بولمىسا « تاپشۇرۇش(提交) » كۇنۇپكىسىنى باسىسز.

 

 

«تاپشۇرۇش(提交) » كۇنۇپكىسنى باسقاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك بەت يۈزى كۆرىنىدۇ.

 

تېلغۇن نۇمۇرى ۋە پۇل تاپشۇرۇش سوممىسنى مۇقۇملاشتۇرغاندىن كېيىن «دەرھال ھەق تاپشۇرۇش(立即支付)» كۇنۇپكىسىنى باسىسز.

«دەرھال ھەق تاپشۇرۇش (立即支付)» نى باسقاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدە ئىككى خىل بەت يۈزى كۆرۈنۈشى مۇمكىن.

1)     ئېلىكتۇرۇنلۇق پۇل قاپچۇقتكى پۇل ھەق تۆلەشكە يەتمىگەن ئەھۋالدا:

بۇ ۋاقىتتا سىز ئاستىدا كۆرسىتىلگەن بانكىلارنى تاللاپ تور بانكىسى ئارقلىق ئېلكتۇرۇنلۇق پۇل قاپچۇققا پۇل قاچىلاپ قايتىدىن ھەق تاپشۇرسىڭىز بۇلىدۇ.

ئېلكتۇرۇنلۇق پۇل قاپچۇققا پۇل قاچىلاش ئۇسۇلى

ئالدى بىلەن ئەزالار مەركىزىگە تىزىملىتىپ كىرىسز.ئاندىن ئەزالار مەركىزى سول تەرەپ تىك قۇردىكى «شەخسى ئۇچۇر(个人信息)» تىزىملىكى ئاستىدىكى «مېنىڭ ئېلكتۇرۇنلۇق پۇل قاپچۇقۇم (我的电子钱包) »  غا كىرىسىز.

«مېنىڭ ئېلكتۇرۇنلۇق پۇل قاپچۇقۇم (我的电子钱包)» باسسڭىز توربەت سىزنىڭ توردىكى ئېلكتۇرۇنلۇق پۇل قاپچۇق رايۇنىڭىزغا ئۇلاپ بېرىدۇ. بۇيەردىن سىز مەن قىممەت تولۇقلايمەن (我要充值) دېگەننى بېسش ئارقىلق قىممەت تولۇقلاش رايۇنىغا كىرىسىز.

 

قىممەت تولۇقلاش رايۇنىغا كىگەندىن كېيىن«تولۇقلاش سوممىسى (充值金额)» نىڭ ئۇدۇلىدىكى بوشلۇققا تۇلۇقلىماقچى بولغان قىممەت سوممىسىنى كىرگۈزۈپ «تاپشۇرش (提交)» نى باسىسز.

تاپشۇرۇش(提交) نى باسقاندىن كېيىن بانكا تاللاپ تور بانكىسى ئارقىلىق ئېلكتۇرۇنلۇق پۇل قاپچۇققا پۇل تولۇقلاش بېتى ئېچىلىدۇ.               

(مىسال ئۈچۈن يېزا ئىگىلىك بانكىسىدىن ئېلكتۇرۇنلۇق پۇل قاپچۇقىغا پۇل يۆتكەش تۇنۇشتۇرلىدۇ.)

دىققەت : تور بانكىسى ئىشلەتكەندە چۇقۇم ياندا ئېلىپ يۇرىدىغان يۈدۇن بۇلۇشى شەرىت.

يېزا ئېگىلىك بانكسنى تاللىغاندىن كېيىن تور بەت يېزا ئىگىلىك بانكىسنىڭ سىزنىڭ ئېلكتۇرۇنلۇق پۇل قاپچۇقىڭىزغا پۇل تاپشۇرۇش بېتىگە يۆتكىلىدۇ. سىز ئېلكتۇرۇنلۇق پۇل قاپچۇقىڭىزغا پۇل يۆتكەش سوممىسىنى مۇقۇملاشتۇرۇپ «ئابۇنىت كېنىشكىسى ئارقىلق ھەق تاپشۇرۇش(证书客户支付)» نى تاللىغاندىن  كېىيىن « ھەق تاپشۇرۇشنى مۇقۇملاشتۇرۇش(确定付款)» كۇنۇپكىسىنى باسىسىز.ئەگەر ھەق تاپشۇرمىسىڭىز ۋاز كەچسڭىزمۇ بۇلىدۇ.

«ھەق تاپشۇرۇشنى مۇقۇملاشتۇرش(确定付款)» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز جۇڭگۇ يېزا ئىگىلىك بانكىسى سىزدىن ياندا ئېلىپ يۇرىغان يۇدۇن ھەم مەخپى نۇمۇرنى سورايدۇ.

مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزگەندىن كېيىن يېزا ئىگىلىك بانكىسى پۇل تاپشۇرۇش بېتى ئېچىلىدۇ.

سىز كارتا نۇمۇرنى تاللاش تىزىملىكىدىن ئۈزىڭىزنىڭ مۇدەن كارتا نۇمۇرنى تاللىغاندىن كېيىن ئاستىغا مائۇسى بىلەن سانلارنى چىكىش ئارقىلق مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزىسىز ھەم « پۇل تاپشۇرۇشنى مۇقۇملاشتۇرۇش(确定付款)» كۇنۇپكىسىنى باسىسز .

« پۇل تاپشۇرۇشنى مۇقۇملاشتۇرۇش(确定付款)» نى باسقاندىن كېيىن سىستىما سىزگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى چىقىرىپ بېرىدۇ، ئۇچۇرلانى مۇقۇملاشتۇرغاندىن كېيىن «جەزىملەشتۈرۈش(确定)» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ داۋاملاشتۇرسىزلا سىزنىڭ ئېلىكتۇرۇنلۇق پۇل قاپچۇقىڭىزغا تور بانكىسدىن قىممەت تولۇقلاش مۇۋاپىقيەتلىك بۇلىدۇ.

 

تۇلۇقلانغان قىممەتنى تىنچ ئوكيان ئازالار مەركىزىگە كىرىش ئارقلىق كۆرەلەيسىز.

 

2)     پۇل قاپچۇقتىكى پۇل ھەق تۆلەشكە يەتكەن ئەھۋالدا:

پۇل قاپچۇقتىكى پۇل ھەق تۆلەشكە يەتكەن ئەھۋالدا بىۋاستە «ھېسابات نۇمۇرى ئارقلىق پۇل تۆلەش (账户支付)»  كۇنۇپكىسىنى باسىسز.

«ھېسابات نۇمۇرى ئارقلىق پۇل تۆلەش (账户支付)» نى بېسپ داۋاملاشتۇرسىڭىز تۆۋەندىكىدەك بەت يۈزى ئېچىلىپ سىزدىن ئېلكتۇرۇنلۇق پۇل قاپچۇقنىڭ پۇل تۆلەش مەخپى نۇمۇرنى سورايدۇ. سىز مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزۈپ «تاپشۇرۇش(提交)» كۇنۇپكىسنى باسسىڭىزلا تېلغۇنغا ھەق تاپشۇرۇش مۇۋاپىقيەتلىك بۇلىدۇ.

سىز مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزۈپ «تاپشۇرۇش(提交)» كۇنۇپكىسنى باسسىڭىزلا تېلغۇنغا ھەق تاپشۇرۇش مۇۋاپىقيەتلىك بۇلىدۇ.

يۇرتۋازلىق

يوللانغان ۋاقتى : 2011.05.24ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 17 viewsئىنكاس سانى : 6

 

يۇرتۋازلىق – بىر مىللەت ئچىدىكى يۇرت-مەھەللىنى بىرلىك قىلغان ئاھالىدە شەكىللەنگەن مەزھەپچىلىك خاھىشى ۋە تار مەنپەئەتپەرەسلىكنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان پىسخىك ھالەت.

     يۇرتۋازلىق ھەممە مىللەتتە مەۋجۇت بولغان ئىجتىمائىي ئىللەت .مەدەنىيەت ساپاسى ئۆسكەن ، مائارىپ، پەن – تېخنىكا  ۋە كارخانا باشقۇرۇش سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن مىللەتلەردە ئىلگىرى – كېيىن تۈگىگەن ياكى ئاجىزلاشقان روھىي ئاجىزلىق.ئۇ پەقەت ئىقتىسادى گۈللەنمىگەن ، مەدەنىيەت ، مائارىپتا ئارقىدا قالغان ، ئۇششاق ئىشلەپچىقارغۇچىلار ( يەنە بىر ئاتىلىشى سودىگەر) پىسخىكىسى ئۈستۈنلىكنى ئالغان مىللەت ئىچىدە جاھىللىق بىلەن مەۋجۇت بۇلىۋاتقان مەنىۋى راك كېسەللىكى.

   يۇرتۋازلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ياشاۋاتقان چوڭ-كىچىك ، ئەر – ئايال ، ئەمەلدار – خىزمەتچى، زىيالى-ئوقۇغۇچى، سودىگەر – موللىنىڭ زور كۆپ قىسىمىنىڭ پىسخىكىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولغاچقا ، بۇخىل پىسخىك ھەرىكەت ھەر قاچان ، ھەر زامان ئوتتۇرىغا چىقىپ تۇرىدۇ.«XXلىكلەر ئولتۇرىشى»،« XX لىكلەر بەزمىسى» دېگەندەك سورۇنلارنىڭ ئۇيۇشتۇرلۇپ تۇرۇشى يۇرتۋازلىقىنىڭ زىيالىلار، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، خىزمەتچىلەر ئىچىدە خېلى بازار تاپقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.ھەقىقەتەن جەمئىيىتىمىزدە يۇرتۋازلىقىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ، ئۇنى ئالاھىدە خۇي قىلىۋانلارنىڭ بارلىقىنى ، ئۇنى ئەۋلادلىرىغا سىڭدۈرۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.

     يۇرتۋازلىق يېڭى پىسخىك ھادىسە ئەمەس ، ئۇنىڭ مەنبەسى « قەبىلىۋازلىق »تۇر. ئىپتىدائىي دەۋىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى ئاتىنى مەركەز قىلغان ئورۇقداشلىق جامائەسىدە شەخىس بىلەن ئۇرۇقنىڭ مەنپەئىتى گىرەلىشىپ كەتكەچكە ، ئۇرۇق ئەزارلىرى بىرلىكتە ئوۋ ، ئەمگەك قىلىپ ئوۋ غەنىيمەتلىرى ، ئەمگەك مېۋىلىرىدىن تەڭ بەھىرىمەن بولغان . يەنە بىر تەرەپتىن يات ئۇرۇق- كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن بىرلىكتە قوغدىنىپ ،ياشاش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرگەن . بۇ ئەينى زاماندىكى ئۆز كوللىكتىپىنى ، ئورتاق مەنپەئىتىنى ۋە ئۆز ماكانىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئېسىل خىسلەت بۇلۇپ ، ئۇنڭدا شەخسي غەرەزگە ئورۇن يوق ئىدى. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى سەۋەبلىك ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇرى مۇرەككەپلىشىپ ، ئادەملەر نىيەت ئوخشىماسلىقى كېلىپ چىققان . ئۇرۇق – قەبىلىلەردە ئۆزگىچە خۇي- مىجەزلەر شەكىللەنگەن . ئايرىم ئۇرۇقلاردا يەنە بىر ئۇرۇققا ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇنىڭ ئوۋ غەنيمەتلىرى ، مال – مۈلىكى ،ماكاننى تارتىۋېلىپ ، ئۆز ئۇرۇقىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇش ئېڭى ۋە خۇيى پەيدا بولغان . بۇخىل خۇينى تەتقىق قىلغاندا ، ئۇنىڭدىن قەبىلىۋازلىقىنىڭ دەسلەپكى بىخلىرنى تاپقىلى بۇلىدۇ.

ئىنسانلار ئۇرۇق بويىچە ئايرىلىپ ياشاپ ، تىل ، ئۆرۈپ- ئادەت ، جۇغراپىيىلىك ماكان بىرلىكى بويىچە قەبىلىلەرگە ئۇيۇشقانلىقتىن ياكى بىر قانچە ئۇرۇق قانداشلىق، تۇغقانچىلىق ئاساسىدا بىر قەبىلە بۇلۇپ توپلاشقانلىقتىن، قەبىلە ئەزالىرىدا بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان خۇي-خۇسۇسىيەتلەر بارلىققا كەلگەن؛ ئۆز مەنپەئىتىنى ئۈستۈنكى ئورۇنغا قۇيۇپ،باشقا بىر ئورۇقنىڭ مەنپەتىنى زىيانغا ئۇچىرىتىپ كۆنگەن ئۇرۇقلارنىڭ ئاقساقالىرى قەبىلىنىڭ ھۇقۇقىنى ئىگىلىگەن بولسا،بۇ قەبىلىدىكىلەر يەنىلا باشقا قەبىلىدىكىلەرنى بوزەك قىلىپ،ئۇلارنىڭ ئوتلاقلىرىنى، مال –چارۋىسىنى تارتىۋېلىش ھادىسلىرىنى دائىم سادىر قىلىپ تۇرغان. بۇ خۇسۇسىيەت ۋە ھەركەتلەر قەبىلە بىلەن قەبىلە ئوتتۇرسىدا ئۆتكۈر زىدىيەت ۋە دۈشمەنلىك كەيپىياتنى ئۇلغايتقان. ئۇرۇق ئەزالىرىدا ئوخشىمايدىغان خۇيلار ئۆسۈپ بارغان. باشقا قەبىلىگە ھۇجۇم قىلىپ تەييارغا ئىگە بۇلۇشنى كەسىپ قىلغان قەبىلە ئەزالىرىدا ئاچكۈزلۈك، شەخسيەتچىلىك ، ئۇرۇشقاقلىق، ھارامخورلۇق پىسخكىسى پەيدا بۇلۇپ كۈچەيگەن. ئۇنىڭ قارشىسىدىكى قەبىللەرنىڭ ئەزالىرىدا رەزىللىككە قارشى تۇرۇش، ئۆز قەبىلىسىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش پىسخىكىسى يىتىلگەن.

مانا بۇ بىر قاتار پىسخىك ئامىللار قەبىلە ئەزالىرىنىڭ خۇي –مىجەزىدە قەبىلۋازلىقىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇئاستا-ئاستا قانغا ئۈتۈپ، ئىرسىيەتكە ئايلانغان. ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ تارىخىدا قەبىلىۋازلىقتىن ئىبارەت بۇ ئىللەت خىلى ئۇزاق داۋام قىلغان. بەزىدە قەبىلە ئىتتپاقى،خانلىقلارنىڭ پارچىلىنىشى ۋە يۇقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. «ئۇلارنىڭ قۇشۇننىڭ يېرىمى ئوردىدىكى مال-بايلىقىنى بۇلىغىلى ماڭدى،يېرىمى ئۇرۇشقلى كەلدى…» قەبىلىۋازلىق خاھىشى قەبىلە ئەزالىرىنى شۇنداق رەزىللەشتۈرگەنكى، قوشنا قەبىلىنى يۇقىتىش ئۈچۈن يات قۇۋۇملارنى ئىشقا سالغان. بەزى قەبىللەر قەبىلىۋاز قوشنا قەبىللەرنىڭ دەستىدىن ماكاننى تاشلاپ جاپالىق جايلارنى ماكان تۇتقان. « بەگلىرىدە ، خەلىقىدە ساداقەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن،ئىنى بىلەن ئاكىنى ئۆچلەشتۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن، بەگلەر بىلەن خەلق ئارىسىغا سوغوقچىلىق سېلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ….دۆلىتىدىن ئايرىلىپتۇ….خاقاندىن ئايرىلىپ قاپتۇ….»

«قەبىلىۋازلىق»نىڭ شەكىللىنىش ۋە داۋاملىشىشى، بىرىنچىدىن، قەبىلە ئەزالىرىنىڭ پىسخىكىسىدا نادانلىق، ئىتقادسىزلىقنىڭ پەيدا بولغانلىقى، كۈچەيگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئىرسىيەتلىك داۋاملاشقانلىقى، ئىككىنچىدىن، قەبىلە ئەزالىرىنىڭ پىسخىكىسىدا ئاچكۆزلۈك، ھارامخورلۇق ئىللەتلىرىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى ئېلىپ،ئۇلارنىڭ ئىنسان تەبىئىتىدىن يىراقلاشقانلىقى، ئۈچىنچىدىن، قەبىلە ئاقسا قالىرىنىڭ ئۆز خاھىشىنى قەبىلە مەنپەئەتى قىلىپ كۆرسىتىپ ، ئۇنى ئەزالىرىغا سىڭدۈرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.بۇ ئىدىيە قەبىلىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، پىسخىك ھالەتكە ئايلانغان . شۇنىڭ بىلەن قەبىلىۋاز قەبىلىلەردە ئۆزىگە قوشنا قەبىلىنىڭ چارۋىسى ، مال – دۇنياسى ، ئوتلاقلىرىنى تارتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ؛ باشقىلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇش بىردىنبىر خاراكتىر بۇلۇپ قالغان .تار مەنپەئەتپەرەسلىكىنى چىقىش قىلغان قەبىلىۋازلىق پىسخىكىسى دەۋىر ، شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشى ، چوڭ-كىچىك يۇرتلارنىڭ بارلىققا كېلىشى ، يۇرت بىلەن يۇرتىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىلىپ ياشىشى ، يۇرت بەگلىرىنىڭ ئاھالىنى باشقا يۇرت خەلىقىنىڭ مەنپىئىتىنى  زىيانغا ئۇچىرتىشقا قۇتىرتىشى ۋە باشقا يۇرت خەلىقىنى كەمسىتىشكە ئۆگەتكەنلىكى يۇرتۋازلىقىنى پەيدا قىلغان بىر مەنبە ھېسابلىنىدۇ . لېكىن بۇ ئىچكى مەنبە ئەمەس ، قەبىلىۋازلىق پىسخىكىسىنىڭ ئۇدۇم بۇلۇپ داۋاملاشقانلىقى ، قېنىدا ئاشۇ خۇي بولغان ئاھالىلارنىڭ «يۇرت» بۇلۇپ توپلاشقانلىقى ، كونا ئىللەتنىڭ يېڭى شارائىتقا ماسلىشىپ يېڭى تۈس ئالغانلىقى ئىچىكى مەنبە بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇنىڭدىكى بىر سەۋەبنى تارىخىمىزنىڭ ئايرىم باسقۇچلىرىدا بەزى قەبىلىلەرنىڭ ھۆكۈمران قەبىلە ،ئاقسۆڭەك قەبىلە،چوپان قەبىلە،تېرىقچى قەبىلە، تۆمۈرچى قەبىلە… دېگەندەك ناملاردا ئاتالغانلىقىدىن ياكى شۇ نامنىڭ سىڭدۈرۈلگەنلىكىدىن كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدۇ . يەنە بىر سەۋەبنى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى  يۇرتلاردا خەلىقنىڭ ئۇزاق مۇددەت بۆلۈنۈپ ياشىغانلىقىدىن ؛ دىن تارقىتىش ئۇرۇشى، دىن ئوخشىماسلىقىتىن دۈشمەنلىشش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدۇ.

يۇرتۋازلىقنىڭ مەلۇم يۇرت ئاھالىسىدە تىپىك خاراكتېرلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا مىللەت قېنىدىكى شالغۇتلىشىش ئامىلىنى نەزەردىن ساقىت قىلىغىلى بولمايدۇ .ئۇيغۇرلار باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچىدا ئۆز تەركىبىگە 8-9 يات قوۋمنى سىڭدۈرۈپ كەتكەن . مۇشۇ قوشۇلغان قوۋملار بىر يۇرتتا ( بىر نەچچە يۇرتتا) توپلاشقان ياكى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئارلىشىپ ئولتۇراقلاشقان . يۇرتۋازلىقىنىڭ ئىپادىلىنىش ھالىتىگە ئاساسلانغاندا يۇقۇردىكى ئۇسۇل بويىچە توپلىشىپ شەكىللەنگەن يۇرتلاردا يۇرتۋازلىق پىسخىكىسى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ .بۇنىڭدىن قانداشلىقىنىڭ رولىنى ، شالغۇتلىششىنىڭ مۇرەككەپ خۇي- مىجەزنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇ  ئىككىسىنىڭ مىللەتنىڭ ئىتنىك تەركىبىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بۇلىدۇ .

يۇقۇرىقى ئوخشاشمىغان ھالەتتكى يۇرتۋازلىق ئامىللىرى پەيدا قىلىدىغان يۇرتۋازلىق ئىپادىلىرى بىر-بىرىدىن روشەن پەرىقلىنىدۇ ھەم مۇرەككەپ روھىي ھالەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. يۇرتۋازلىقىنىڭ خۇيىدا باشقا يۇرتلارغا بېرىپ شۇ يەردىكىلەرنى بوزەك قىلىش خۇيى ۋە ئۇدۇمى يېتىلگەن بۇلىدۇ.

قەيەردە يۇتۋازلىق بولسا ، شۇ يەردە گوروھۋازلىق ، مەزھەپچىلىك بۇلىدۇ . يۇرتۋازلىق پىسخىكىسىدىكى ئادەملەر بىر ئۇرۇنغا باش بولسا ، بىرىنجى بۇلۇپ يۇرتلۇقلىرىنى ئەتراپىغا يىغىدۇ ھەمدە شۇ ئۇرۇندىكى باشقا يۇرتلۇقلارنى چەتكە قېقىپ زەربە بېرىدۇ . شۇ ئۇرۇندا ئۆزى بىلەن تەڭ ياك چوڭراق ئەمەل تۇتقان باشقا يۇرتلۇقلارنىڭ  ئېشىدىن قۇسۇر چىقىرىپ ، ئارقىسىدىن ئېغۋا توقۇپ ئورنىنى تارتىۋېلىپ ، يۇرتداشلىرىغا تۇتقۇزۇشنى پىلانلايدۇ . باشقا يۇرتلۇقلار كىچىككىنە سەۋەنلىك سادىر قىلسا ئېسىلۋېلىپ قۇيۇپ بەرمەيدۇ ، يۇرتلۇقلىرىنىڭ يامان ئىشىنى تۆھپە ، ناچار خۇيىنى ئېسىل پەزىلەت دەپ جار سالىدۇ . ئىشقا قۇيۇشتا ئىقتىدار ، بىلىم ئەخلاقى پەزىلىتىنى كۆزدە تۇتماي ، يۇرتلۇقلىرىنى ئىزدەپ تاپمىسا كۆڭلى ئۇنمايدۇ.

يۇرتۋازلارنىڭ پىسخىكىسىدا ھەسەتخورلۇق گەۋدىلىك بۇلىدۇ ، ئۇلار باشقا يۇرتلۇقلارنىڭ بىرەر ئىشنى قىلىپ  نەتىجە قازىنىشىدىن بەك قورقىدۇ . ئۇلارنىڭ نەتىجە يارىتىش ئىمكانىيتىنى توسۇش ئۈچۈن باھانە تېپىپ توسالغۇلۇق قىلىدۇ . باشقا يۇرتلۇقلار نەتىجە قازىنىپ قالسا ، نەتىجىسىنى تۆۋەنلىتىشكە ياكى يوققا چىقىرشقا ، ھەتتا قارا چاپلاپ جىنايەتكار قىلىپ ، قۇيۇشقا ئۇرۇنىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن چېقىمچىلىق قىلىش ، تۆمەت چاپلاش ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ باشقۇرغۇچىلارنى كولدۇرلىتىدۇ .

يۇرتۋازلار نەيرەڭۋاز كېلىدۇ . ئۇلار باشقا يۇرتلۇقلارنى ئالداپ سىيلاپ ئۆزىنىڭ سىزىقىغا دەسسىتىشكە ، ئۆزى ئۈچۈن كەتمەن چاپقۇزۇشقا تىرىشىدۇ . ھىيلىسى ئاقمىسا بىر ئۆرۈلۈپلا ئۆزىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئاشكارلاپ دۈشمەنلىششىكە ئۆتىدۇ. يۇرتۋازلار كىچىككىنە بىلىم، ھۈنەرگە ئىگە بولسا ، ئۆزىنى قالتىس ئىقتىدارلىق، بىلىمى يۇقىرى قىلىپ كۆرسىتىدۇ. باشقا يۇرتلۇقلارنىڭ خېلى يۇقىرى بىلىمى، ئىقتىدارى بولسىمۇ ، ئۇنى ئېتىراپ قىلمايدۇ . كۆزگە ئىلمايدۇ.

يۇرتۋازلار ئۇرۇشقاق كېلىدۇ. باشقا يۇرتلۇق قوشنىسى ، ئىشدېشىغا ھەر دائىم ئۇششۇقلۇق قىلىدۇ. يول ماڭغاندا باشقا يۇرتلۇقلار ئارقىسىدىن ماڭمىسا ، ئۇدۇل كېلىپ قالغاندا يولنى بوشىتىپ تۇرمىسا ، ھەر كۈنى «تاۋاق» سۇنۇپ تۇرمىسا باھانە تېپىپ ئۇرۇشىدۇ. بالىلىرىنى باشقا يۇرتلۇق قوشنىلىرىنىڭ بالىلىرى بىلەن ئوينىغىلى قويمايدۇ. يولسىز قىلمىشلىرىغا پىكىر قىلسا چوڭ-كىچىك ھەممسىسى چىقىپ «يۇرتىنىڭ تايىنى يوق» ،«قەلەندەر»… دەپ تىللايدۇ، ھەتتا تاياق- توقماق كۆتۈرۈپ چىقىپ جېدەل قىلىدۇ .

يۇرتۋازلار تويلىشىشتىمۇ يۇرتۋازلىق قىلىدۇ . باشقا يۇرتلۇقلارغا قىز چىقارمايدۇ ، باشقا يۇرتلۇقلاردىن ئوغۇل ئۆيلىمەيدۇ . بىرەرسى باشقا يۇرتلۇقلاردىن ئۆيلەنسە ياكى باشقا يۇرتلۇقلارغا قىز چىقارسا ئارىغا ئالمايدۇ . ئۇنى يۇرتلۇقلار تىزىمىدىن چىقىرۋېتىدۇ.

ئومومەن ، يۇرتۋازلارنىڭ يۇرتۋازلىق پىسخىكىسى ئېرسىيەت، ئۇدۇملۇق داۋاملىشىدۇ ، ئۇلار قانداقلا جايدا بولمىسۇن ، ئەخلاق،نىيەت، ئېتىقاد، غورۇر قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىچە خاراكتىرلىنىشى بىلەن باشقا يۇرت ئادەملىرىدىن ئېنىق پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇلاردا ئېتىقادسىزلىق، كاززاپلىق،داپيۈزلۈك ، ئىككى يۈزلىمىلىك قاتارلىق پىسخىك ئىللەتلەر خۇي- ئۇدۇمغا ئايلانغان بۇلىدۇ. شۇڭا ئۇستىسىدىن شاگىرتى ئېشىپ كەتكەندەك، ئىلگىرىكى يۇرتۋازلاردىن ھازىرقى يۇرتۋازلاردا يۇرتۋازلىق تېخىمۇ ئۇلغايغان ۋە كۈچەيگەن . ئۇلار باشقىلارنىڭ يۇرتۋازلىقىدىن كۈچ ئېلىپ ئۆزىنىڭ بۇ ناچار قىلىشىنى ھېچبىر قىينالمايلا ئىشقا ئاشۇرۋاتىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنىڭ داپيۈزلىكىدىن يۇرتۋازلىقىنى « يۇرتىنى سۆيگەنلىك » دەپ چىرايلىق بېزەۋاتىدۇ ، بەزىلىرى ئەيمەنمەستىن « غورۇر » دەۋاتىدۇ.

يۇرتۋازلىق پىسخىكىسىغا يانداش يەنە بىر ئىللەت ــ يۇرت خۇيى ۋە يۇرت خۇيى ئۇدۇمى بۇلۇپ ، ئۇ ئادەتتە يۇرتۋازلىق پىسخىكىسىغا گىرەلىشىپ ۋە ئارلىشىپ كېتىدۇ . تازا دىققەت قىلغاندا يۇرتۋازلىقتىن پەرىقلىنىدۇ.

ھەر بىر يۇرتتا بىرەر ياكى بىر نەچچە  خىل تىپىك يۇرت ئىللىتى ، بىرسىدە  ئۇرۇشقاقلىق ، يەنە بىرسىدە ھەسەتخورلۇق ، كۆرەلمەسلىك ، بەزىسىدە بولسا ھۇرۇنلۇق ، پىتنىخورلۇق ياكى ئاچكۆزلۈك ، ئىناقسىزلىق ئىللەتلىرىنىڭ بىرسى ياكى ئىككىسى بۇلىدۇ. بۇنىڭ بەزىلىرى يۇرتۋازلىق بىلەن بىرىكىپ ، يۇرتۋازلىقىنىڭ ھالىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىدۇ . يۇرتۋازلارئىچىدىمۇ يۇرت بۆلەكلىرى بويىچە يۇرت خۇيى شەكىللەنگەن بولغاچقا ، يۇرتۋازلار كىچىك يۇرت بويىچە يۇرتۋازلىق قىلىشىدۇ. يۇرت خۇيى پىسخىكىسى يۇرتۋازلىق پىسخىكىسىنىڭ ئىجتىمائىي يۆلەنچۈكى بۇلۇپ رول ئوينايدۇ . ئۇ باشقا پىسىخىك ھالەتلەرگە ئوخشاشلا قانۇنىيەت بويىچە پەيدا بۇلۇش ، داۋاملىشىش خۇسۇسىيىتىگە  ئىگە .

يۇرتۋازلىق ـــ مىللەتنىڭ بىرلىكى ، ئۆملىكى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان كۈشەندە . ئۇ ئىناقسىزلىق ئۇرۇقىنى چېچىپ ، مىللەت ئەزالىرىدىكى قاششاقلىق ، چېچىلاڭغۇلۇق، روھىي چۈشكۈنلۈك، بېكىنمىچىلىك ۋە چەكلىمىلىكىنى ئۇلغايتىدۇ . مۇشۇ سەۋەبلىك ، يۇرتۋازلىق پىسخىكىسى يامرىغان ياكى باش كۆتۈرگەن مىللەتتە ئۆملۈك ۋە پىكىر بىرلىكى ئىىنتايىن ئاجىز بۇلىدۇ – دە كىشلەر قۇمدەك چېچىلىپ كېتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىللەت ئىچىدە يەنە باشقا نۇرغۇن پىسىخىك ئاجىزلىقلار پەيدا بۇلىدۇ. بۇلۇپمۇ مىللەت ئەزالىرىنىڭ باشقۇرۇش – بويسۇنۇش پىسخىكىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ، بويسۇنغۇچىلاردا ئۆزگىگە بويسۇنماسلىق ، باشقۇرغۇچىلاردا ئۆزگىگە رەھىمسىز بۇلۇشتەك پىسخىك ھالەتنى ۋە غەيرى ئىجتىمائىي ئىللەتنى يېتىشتۈرىدۇ. ئېتىقاد قۇرۇلمىسى جەھەتتە ۋەتەن ، مىللەت ۋە غايە ئېتىقادىنى تۇيۇق يولغا باشلاپ ، مىللەتنى خار – زارلىق چۆلىگە تاشلايدۇ.

«ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى .

قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى خالامسىز؟

يوللانغان ۋاقتى : 2011.05.23ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 31 viewsئىنكاس سانى : 8

قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلار توپلىنىپ تۇرۇپتۇ ، بىراق مەن كۆپ قىسىملىرىغا ئىشەنچ قىلالمىدىم ، شۇنىڭ بىلەن يەنە ئىزدىنىشكە باشلىدىم . ئالدىنقى يىلى يەنى 2010-يىلى يىلنى ئاخىرقى مەزگىللىرىدە  تىنىچ ئوكيان بىۋاستە سېتىش تورىنىڭ  جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ۋاكالەتچىلىكىنى ئالغان ۋاكالەتچى(قەشقەر شەھىرىدىن) بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى چىقىپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى كەچتە ئۇلارنىڭ لىكسىيىسىگە قاتناشتىم ،تىنىچ ئوكيان بىۋاستە سېتىش تورىنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالى بىلەن ئورتاقلاشتىم ، ھەم مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى ساقلىۋېلىپ ، شۇ يەردىلا ئۇلارنىڭ تورىغا ئەزا بۇلۇپ قايتىپ كەلدىم ، شۇندىن بۇيان مەن تىنىچ ئوكيان تورىنىڭ بىر ئابونتىغا ئايلاندىم ، ھازىرغا قەدەر ئىشلىتىش جەريانىدا نۇرغۇن جەھەتلەردە ئىقتىسادى جەھەتتىن پايدىغا ئېرىشتىم ، ئەگەر سىزمۇ توردا قۇرۇق قول ئىگلىك تىكلەش پۇرسىتىگە ئېرىشمەكچى ، مۇۋەپپەقىيەت قازانماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى تەپسىلاتلارغا كۆز يۈگۈرتۈڭ.(بىر قىسىم مەزمۇنلار ئۇچۇر تورىدىكى بىر تورداشنىڭ يوللىغان ئۇچۇرىدىن نەقىل ئېلىندى) 

داۋامى : قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى خالامسىز؟»

ئېنگىلىزتىلى ئۆگەنگەننىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟

يوللانغان ۋاقتى : 2011.05.19ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 14 viewsئىنكاس سانى : 2

ئېنگىلىزتىلى ئۆگەنگەننىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ، ھازىر چەتئەل تىلى ئۆگىنىش بىر دولقۇنغا ، مودىغا ، دەۋىر ئېھتىياجىغا ئايلاندى،،مېنىڭچە بۇ ناھايتى ياخشى ئەھۋال،جەمئيەتنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى ، بۇھەم بىز ئۇيغۇرلارنىڭ 21-ئەسىردىكى دەۋىر تەقەززاسىغا قايتۇرغان ئانچە-مۇنچە ئىنكاسىمىز بولسا كېرەك. ئانا تىلنىلا بىلىپ باشقا مىللەت تىللىرىنى بىلمەيدىغان ئادەمنىڭ كۈنى ھازىرلا ئەمەس ، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تەسلىشىدۇ.

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە چەتئەل تىلى ئۆگىنىدىغانلار ۋە ئۆگىنىۋاتقانلار ئەڭ كۆپ ساننى ئىگەللىسە كېرەك، شۇنچىۋالا تىل تەربىيلەش كۇرۇسلىرىغا قارىسىڭىز تىزىپ قويغاندەك مىغ-مىغ ئادەم . خۇددى كوچىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممسى كۇرۇسقاكىرىھالغاندەك،شۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ، يۈزدە 90% سىتۇدېنت ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىپ باقىدۇ، ئەڭ كامىدا يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىزتىلى ياكى كانبىرىج ئېنگىلىزتىلىنىڭ بىرىنجى قىسىمىنى بولسىمۇ تۈگىتىدۇ، ئەممە شۇلاردىن قانچىسى شۇ تىلنىڭ نېنىنى تېپىپ يىگۈدەك بولالايدۇ؟ شۇلاردىن نەمە زادى نېمە ئۈچۈن چەتئەل تىلى ئۆگنىسىز ؟ چەتئەل تىلى ئۆگەنگەننىڭ نىمىگە پايدىسى بار؟ دەپ سورىسىڭىز ھەر خىل جاۋاپلارنى بىرىشى مۇقەررەر. ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەنبە-يەكشەنبە،دەرستىن سىرىتقى قىممەتلىك ئارام ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ تىل ئۆگىنىشتىكى مۇدداسىنى مۇنداق بىر نەچچە سەۋەپكە يىغىنچاقلىشى مۇمكىن.

1.ھازىرقى دەۋىر ئۇچۇر دەۋىرى، ئېچىۋېتىلگەن دەۋىر. تىل ئۆگىنىش ھازىرقى زۆرۈرلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ زۆرۈرى، شۇڭا چۇقۇم مەلۇم خىل چەتئەل ئۆگىنىش كېرەك، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆرلەپ ئوقۇش ۋە خىزمەت ئېھتىياجى ئۈچۈن ئۆگىنىمەن.

2. ئۆيدىكىلەرنىڭ ، ئاتا-ئانامنىڭ زورى بىلەن ئۆگىنىمەن.

3. بىكار تۇرساممۇ تۇرىدىكەنمەن ، ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ، كۇرۇسلاردا يېڭى دوست تۇتۇش ئۈچۈن ئۆگىنىمە.

4. راستىنى ئېيتسام نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىۋاتقانلىقىمنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن ، باشقىلار ئۆگىنىۋېتىپتۇ. شۇڭا مەنمۇ ئۇلاردىن قالماي ، مودا ئۈچۈن ئۆگىنىمەن.

ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ئېيتقاندەك « ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىشنى قانداقتۇر جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىك ئەمەس ، بەلكى جەمئىيەت تەقەززاسىنى ئەمدى تۇنۇپ يەتكەنلىكىڭىز خالاس» ئېنگىلىزتىلىنى ئۆگەنگەن ئادەم ئايغا چىقىپ كەتمەيدۇ، ئۆگەنمىگەن ئادەممۇ ئاچ قېلىپ ئۆلمەيدۇ.ئەممە بۇ يەردە مۇنداق بىر مەسلە  بار ، ئۇ بولسىمۇ ، ياشاش ، ياشىغاندىن كېيىن ئوبدانراق ياشاش ، سۆرەلمە پالاسدەك سۆرۈلۈپ ئەمەس ، باشقىلارغا يېتىشىپ بىللە ياشاش ، ھەتتا ئۇلارنى باشلاپ مېڭىش ، تىل ئۆگىنىشمۇ شۇنداق ، ئۆگىنىش ، ئۆگەنگەندىن كېيىن راۋۇرۇس ئۆگىنىش، بولمىسا شۇ ئېنگىلىز تىلىنى ئۆگخنىشكە قاراتقان ۋاقىت ، سەرىپ قىلغان ئىقتىساد ۋە زېھنى كۈچنى باشقا قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى ، دەرھال ئۈنىم بېرىدىغان ، جانغا ئەسقاتىدىغان باشقا كەسىپ-ھۈنەر ئۆگىنىشكە قاراتقان تۈزۈك، چۈنكى ئۆزىنىمۇ باقالماي ئاچ يۈرۈپ ، دەۋىر بىلەن بىللە مېڭىش ئۈچۈن زادى ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىمەن دېيىش ئەخمىقانىلىق ، شۇنداقلا ۋاقىت، پۇل ۋە زېھنى كۈچنى بەرگەنگە چۇشلۇق ھاسىلاتقا ئېرىشەلمەسلىك، ئېرىشىشنىمۇ كۈتمەسلىك ئادەمنى ئېچىندۇرماي تۇرمايدۇ.

شۇڭا ھازىرقى ئېنگىلىزتىلى ( ياكى باشقا چەتئەل تىلى )( ئۆگىنىۋاتقانلارغا دەيدىغىنىمىز ، ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىڭ ، ئەممە راۋرۇس ئۆگىنىڭ ، قارغۇلارچە ئەمەس ، مەلۇم مەقسەت- مۇددىئا بىلەن ياخشى ئۆگىنىڭ، شۇندىلا ئۆگەنگىنىڭىزنىڭ نېنىنى  يېيەلەيسىز. 


تەرمە ئەسەر ، مەنبەسى تور دۇنياسى.

كىتاپ ئىشكابىمدىكى تىزىقلىق كىتاپلار

يوللانغان ۋاقتى : 2011.05.19ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 33 viewsئىنكاس سانى : 10

داۋامى : كىتاپ ئىشكابىمدىكى تىزىقلىق كىتاپلار»

ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىش ئۇسۇلۇم بىلەن ئورتاقلىشامسىز؟

يوللانغان ۋاقتى : 2011.05.18ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 19 viewsئىنكاس سانى : 2

بىلەمسىز ھازىر دۇنيا تەرەققىياتى ناھايتى تېز بۇلۇۋاتىدۇ ، مۇشۇنداق بىر دەۋىردە ياشاپ تۇرۇپمۇ يەنە دۇنيا ئەللىرى بىلەن قانداقمۇ نورمال ئالاقا ئېلىپ بارىمىز دېگەن مەسلە ئۈستىدە ئۇزۇن ئويلاندىم ، بۇنىڭ ئاساسى تىل بىلىش يەنە كېلىپ ھازىر دۇنيا تىلى دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش ئېنگىلىزتىلىنى جەزمەن بىلىش كېرەك ، ھازىر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 95 پىرسەنت ئادەم ئېنگىلىز تىلى بىلەن ئالا قە ئېلىپ بارىدۇ ، ھازىر سىز ئېنگىلىزتىلىنى بىلمىسىڭىز ساۋاتسىز ھېساپلىنىپ قالىسىز ، مەن تۆۋەندە ئۆزەمنىڭ ئېنگىلىز تىلى ئۆگىنىش ئۇسۇلۇم بىلەن كەڭ ئېنگىلىزتىلى ھەۋەسكارلىرى بىلەن ئورتاقلاشماقچى .

ئۇزۇن بوپتۇ ئۆزەممۇ ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىشنى تاشلاپ قويغىلى،ئۆگەنمىگەنسىرى ئېنگىلىزتىلى مەندىن يىراقلاپ كېتىۋاتقاندەك ، ئۆزەمنىڭ بىر قىزىقىشىمنى تاشلاپ قۇيىۋاتقاندەك ھېسىيات مەندە شەكىللىنىپ قېلىۋاتىدۇ.،بۈگۈن مەن بىر ماقالىنى ئۇقۇۋېتىپ تۇيۇقسىز ئەسلى ئۆگىنىش مۇددائىمنى تېپىۋالغاندەك ھېسىياتتا بۇلۇپ قالدىم.تۆۋەندە مەن دوستلار بىلەن ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىش ئۈستىدە بىرقىسىم ئۇسۇللار بىلەن ئورتاقلاشماقچى.

ئېنتىرنىت بولسا بىز ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى ئۆگىنىش سورۇنى (بىرقىسىم ناچار مەزمۇنلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا(نۇرغۇن دوستلار ئۆگىنىش جەريانىدا ئۆگىنىش ئۈچۈن سەرىپ قىلغانلىرى ئۆگەنگەنلىرىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق بۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ ئەڭ مۇھىمى توردا قانداق ماتىريال ئىزدەش ، قانداق  ئۆگىنىشنى بىلەلمەي قېلىۋاتىدۇ،. ئەگەر سىز ھەر كۈنى ئىككى سائەت ۋاقىت چىقىرىپ مېنىڭ دېگىنىمدەك قىلسىڭىز چۇقۇم ئۈنىمىنى كۆرەلەيسىز.

   ئاڭلاش،

ئاڭلاش ئارقىلىق بىز ئۆزىمىنىڭ ئاڭلاش چۈشىنى ئىقتىدارىمىزنى ئەڭ تىز سۈرەتتە ئىلگىرى سۈرۈلەيمىز ، تور دۇنياسىدىن ئىزدەيدىغان بولساق ئىز ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ئېنگىلىزتىلى ئاڭلاش بىلىملىرى تەييارلانغان ،مەسلەن سىز بۇ تورغا كىرسىڭىز ئامىرىكا تەلەپپۇزىدىكى

http://www.kekenet.com/broadcastمازمۇنلارنى ئاڭلىيالايسىز. 

سۆزلەش

سىز بىر تەرەپتىن ئاڭلىغاچ يەنە بىر تەرەپتىن سۆزلەپ بەرسىڭىز سىز ئۇزاق ئۆتمەي ئۆزىڭىزنىڭ تەلەپپۇزىنىڭ كۆرىنەرلىك ھالدا ياخشىلانغانلىقىنى ھىس قىلىپ يېتىسىز .

ئوقۇش

سىز يەنە قانداق مەزمۇندىكى ماتىرياللارنى ئوقۇشنى بىلەلمەيۋاتامسىز ؟ مەن سىزگە تەۋسىيە قىلاي ، «ئېنگىلىزتىلى مەيدانى» دېگەن كىتاپنى يەنە «  ئەسىر 21-» ژۇرنالنى كۆپرەك ئوقۇپ بېرىڭ ، بالىلار   ئەسەرلىرىنى ئۇقۇڭ ، يەنە بۇ تورلاردىنمۇ پايدىلىنىڭ مىقدارىڭىزنى ئاشۇرماقچى بولسىڭىز بۇ توردىن پايدىلانسىڭىزمۇ بۇلىدۇ   www.17bdc.com،سۆزلۇكwww.economist.com

يېزىش

سىز ئاڭلاش ، ئوقۇش،سۆزلەش ئارقىلىق مەلۇم سۆز بايلىقىغا ئىگە بولدىڭىز ئەمدىكى قەدەم بولسا ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش ، سىز ئۆگەنگەن سۆزلۈكلىرىڭىزنى ئىشلىتىپ دەسلەپتە ئاددى  ھالەتتكى ماقالىلەرنى ، كۈندىلىك خاتىرىلەرنى يېزىپ مەشىق قىلىڭ ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سىز خېلى سالمىقى بار ماقالىلەرنى بىمالال يازالايدىغان سەۋىيگە ئىگە بولىسىز گەپ ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق، ئېسىڭىزدە بولسۇن ئۆگىنىشنىڭ كېچىكىششى يوق.

تۆۋەندە مەنسىنىڭ پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈن ئۆزۈم يىغىپ ساقلاپ قويغان بىر قىسىم تور ئادىرىسلىرىنى سىزگە يوللاپ بىرەي سىزگە پايدىسى تىگىپ قالسا مەن قىلغان ئەمگىكىمدىن رازى بولغان بولىمەن .

1.http://www.texun.cn/addrso/index.htm:English Learning Websites

 2.http://broadcast-live.com/Live Radio and TV from Around the World

3.http://www.nxenglish.com/voa01_1.aspxVOA Special English Introduction

4.http://www.vocaboly.com/vocabulary-test/Various Vocabulary Test online
20-40 quick- medium – thorough different levels of test

5.http://www.tomx.com/listen/vocabulary/1402.htmlVOA Special English Vocabulary 1500

6.http://tv.etshow.net/If you don’t use it, you will lose it!)
http://www.adventuretv.com/
http://www.nytimes.com/
http://www.mp3raid.com/archive/archive/m/2/
http://huajun.com/juben.htm
http://www.intron.ac/study/toefl.html
http://www.icansay.com/index.php?ChannelID=12
www.icansay.com
www.wwenglish.org
www.englishtown.com

www.crazyenglish.org

www.oh100.com/huayuan/english
www.downdowndown.net
www.yysk.net

www.icanlisten.com
www.bebeyond.com.cn
www.hongen.com
http://www.englishtide.com
http://www.in2english.com.cn/
www.garfield.com
http://www.dailygrammar.com/
http://www.english.ac.cn/
http://211.147.1.40;

http://www.ielts.org/
http://www.ieltsnet.net/index.htm
http://www.rotolife.com/cgi-bin/newarticle/list.cgi?class=1&type=4

http://snowbear.3322.net/spelling/film.htm
http://www.c2000.com.cn/mov/m4.asp
http://goldnets.myrice.com/navi/50250.html
http://www.ziyue.com/downloads/s.php?type=s|http://www.21zx.net/movie/m4.htm
http://www.filmsea.com/download/_index.asp?swzm=a
http://www.babelcn.com/ebook/screen/index1.htm
http://www.english.ac.cn/movies/playwright.htm
http://www.dreamabroad.net/chinese/html/download/movie_01.html

http://zflyingbird.myetang.com/index.htm
http://www.quancheng.org/tabwork/catelist.asp?cateid=23
http://www.icanlisten.com/standard_english/index.htm
http://www.englishabc.net/ae/
http://mpfree.org/english/voamain.htm
http://edu.china.com/zh_cn/elearn/second/test/index.html
http://www.cgeng.com/memberarea/listen/listen.asp
http://www.22av.net/
http://www.xsrtvu.com/jiao/lgs/wangye/VOA1.htm
http://www.100steps.net/newsshow.php?serial=311&good
http://www.xsrtvu.com/jiao/lgs/wangye/VOA1.htm
http://www.english.ac.cn/listen/index.htm
http://putclub.6to23.com
http://www.oeol.net/

http://www.putclub.com/
http://www.ol.com.cn/class/train/english.htm
http://literacynet.org/cnnsf/
http://www.gz.supergnet.com/local_content/zhang/edu/index.html

ئەمدىكى گەپ سىزنىڭ قانداق ئۆگىنىشىڭىزگە باغلىق ، غەيرەت قىلىڭ ، سىز چۇقۇم قىلالايسىز ، قاراڭ غەلبە ئالدىڭىزدىلا تۇرۇپتۇ.

لەززەت ھەم گۈزەللىك – ئۈمىدۋارلىقتا

يوللانغان ۋاقتى : 2011.05.16ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 15 viewsئىنكاس سانى : 0

   ئادەم ياشانغاندا فىزىئولوگىيە ۋە پىسخىكا جەھەتتە نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ ، مىجەز – خارەكتىرى ۋە روھىي كەيپىياتىدا ئىلگىركىگە  ئوخشىمايدىغان خلمۇ-خىل ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ.

   بەزى ياشانغانلار « بىز ئەمدى قېرىدۇق، جەمئىيەتكەكېرىكىمىز قالمىدى، پەرزەنتلەرگە يۈك بۇلۇپ قالدۇق » دەپ قاراپ بەك مەيۈسلىنىدۇ. روھسىزلىنىدۇ، چۈشكۈنلىشىدۇ، ئەمەليەتتە بۇنداق ئۆزىنى تاشلىۋېتىشنىڭ قىلچە ئاساسى يوق ! ئادەمنىڭ ياشنىشى تەبىئەتنىڭ قانۇنىيتى ، تەبىئەت قانۇنىيتىگە بوي سۇنۇش پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ مەجبۇريىتى . مەغرۇر ياشاش ، ھاياتقا نىسپەتەن ئۈمىدۋار بۇلۇش ئۆزىگىمۇ ، ئۆزگىگىمۇ ئوخشاشلا خۇشاللىق بېغىشلايدۇ .

  ئادەمنىڭ قېرىپ كۈچ- ماغدۇردىن قېلىشى تاكى خىزمەتتىن پىنسىيىگە چىقىشى ھەرگىزمۇ شۇ ئادەمنىڭ ھايات سەپىرىنىڭ ئاخرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ . مۇشۇ ياش باسقۇچىغا كەلگەنلەر ھاياتىدا يەنە يېڭى بىر مەنزىلنىڭ باشلانغانلىقىنى ، بۇ مەنزىلنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ھۇزۇر- ھالاۋىتى ، تەم-لەززىتى بولىدىغانلىقىنى تۇنۇپ يېتىشى ، بۇ يېڭى مەنزىلنى يېڭى سەھىپىلەر بىلەن بېزەپ ، ئۆزىنىڭ ھەر  بىر كۈنى ، ھەر بىر سائىتى ، ھەتتا ھەر بىر مىنۇتىنىمۇ تېخىمۇ قەدىرلىشى كېرەكلىكىنى چۈشىنىشى ، جەمئىيەت بېسىمى ، خىزمەت جىدىيچىلىكى ھەم ئائىلە يۈكىدىن قۇتۇلغان ئەركى ھاياتنى قايتىدىن جاللاندۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك .

   ھەر بىر ئادەم بىر تارىخ ، ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ مىجەز – خارەكتىرى، تەربىيلىنىشى ، شەرت-شارائىتلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ، ئوخشاش بولىمىغان ، تارىخنى يارىتىدۇ ، ياشانغان دەۋىر ئەشە تارىخ سەھىپىسىنىڭ يەشمىسى ھېسابلىنىدۇ. ھاياتلىقىتا كىشلەر بېشىدىن  نۇرغۇن ئەگرى -توقايلىقلارنى ، ئىسسىق – سوغوقلارنى ئۆتكۈزگەن بۇلدۇ. ياشانغانلار ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن سەرگۈزەشتىلىرىنى ئەسلىگەندە ھاياتىدىكى گۈزەل ئەسلىمىلەرنى كۆڭۈل خاتىرسىدىن ئۆتكۈزۈپ ، ئاچچىق ئەسلىمىلەرنى ، ئۆچ-ئاداۋەتلىرىنى ئىمكانقەدەر ئويلىماسلىققا ياكى ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىششى ، ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلىرىنى پۈتۈن ھاياتىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ ،دەپ قارىۋالماي ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەمىشە ئۆكۈنۈپ يۈرمەي ، ھاياتنىڭ يېڭى مەنزىلىدىكى بۇ قىسىمىنى ئىمكانقەدەر خۇشال – خۇرام ، مول مەزمۇنلۇق قىلىشقا تىرىششى ، ئۆز-تەجىرىبە ساۋاقلىرى ئارقىلىق كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان نەمۇنىلەرنى قالدۇرىشى ، گۈزەل ئوبرازى ھەم ئېسىل پەزىلىتى بىلەن ھاياتىدىن ئەقىلى يەكۈن چىقىرىشقا تىرىششى لازىم .

    ياشانغانلار ، جەمئىيەتنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە كۆيۈنىشى ھەم مېھىر- شەپقىتىگە موھتاج. ياشلارنىڭ ياشانغانلارنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار، ياشانغانلار بۇنى ئۆزلىرىگە رھى بېسىم قىلىۋالماسلىقى ، جەمئىيەتنىڭ ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە كۆيۈنىشىنى ئىلگىرى سىڭدۈرگەن ئەجىر- مېھنەتلىرىنىڭ ، قوشقان تۆھپە- نەتىجىلىرنىڭ ھەققى دەپ تۇنۇشى ، ئۆزلىرىنى ياشاشقا ، بارلىق ئىمتىيازلاردىن  بەھىرىمان بۇلۇشقا ھېلىھەم ھەقلىق دەپ بىلىشى كېرەك! شۇندىلا ئۆمرىنىڭ ئەڭ شىرىن دەملىرىنى گويا ۋايىغا يېتىپ پىشقان قوغۇندەك،قىزارغان ئالمىدەك لەززەت ھەم گۈزەللىك ئىچىدە ئۆتكۈزەلەيدۇ.

   قۇياش پەقەت شەپەق نۇرىغا چۆمۈلگەن چاغدىلا تېخىمۇ يوغان ، تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم تېخىمۇ يېقىن كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشتىن لەززەت ئېلىش ، ھاياتىنى گۈزەللىك بىلەن بېزەش گويا شەپەق نۇرىغا چۆمۈلگەن قۇياشتەك ئادەمنى تېخىمۇ بۈيۈكلۈككە ، مۇكەممەللىككە ئىگە قىلدۇ.

كۆچۈرۈلمە ئەسەر.

مەنبە:«شىنجاڭ ئاياللىرى » ژۇرنىلى 2011-يىللىق 2-ساندىن ئېلىندى.

ئىزتىلدا يېڭىلىق

يوللانغان ۋاقتى : 2011.05.12ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 25 viewsئىنكاس سانى : 4

ئىزتىل بىلوگ- قۇرۇلۇپ ئۇزۇن بولماي نۇرغۇن دوستلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىتى ، گەرچە يازما سانى ئاز بولسىمۇ ، لېكىن تىرىشچانلىق ئىزتىلنىڭ ھەرىكەت قىبلىنامىسى بۇلۇپ كەلدى ، بىراق ، دەسلەپتىكى بوشلۇق چەتئەلنىڭ بولغانلىقىتن نۇرغۇن قېتىم بوشلۇق تۇيۇقسىز توختاپ قالىدىغان ، ياكى ساندان يۇقاپ كېتىدىغان ئەھۋاللارغا يۇلۇقتۇم ، بىۋاستە بوشلۇك تەمىنلىگۈچى ۋاكالەتچىلەرنى ئىزدىسەم ، مۇلازىمېتىرنى ئالماشتۇرىمىز دېگەندەك پەتىۋالارنى پىچىپ چىقتى ، ئامال قانچە دۇكاننى چەتئەلدىن ئىجارە ئالغاندىن كېيىن ، ئاخىرى بىر جۇڭگو پۇقراسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشىم  كېرەك ئەلۋەتتە ، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى مۇقىم ۋوردپرەس بوشلۇقىنى سېتىۋېلىپ تىجارەت كىنىشكىسى بىجىرىپ ، بۈگۈن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ساقلىۋالغان سانداننى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، رەسمى يۇسۇندا بىلوگ يېزىشقا كىرىشتىم ، بۇنىڭدىن كېيىن دوستلارنىڭ ھەم داڭلىق بىلوگ ئاتامانلىرىنىڭ مېنى ئۆزلىرى بىلەن تەڭ يىتەكلەپ ، ئۇيغۇر بىلوگ قۇشۇنىنى زوراتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .