بىر يەكشەنبە كۈنى ئاپام ،ئۇكام ئۈچىمىز نەرسە كېرەك سېتىۋالغىلى بازارغا چىقتۇق . نەرسىلەرنى ئېلىپ بولغىچە چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يىمەكچى بولدۇق . ئاپام ئاشخانىقغا كىرىگەندىن كىيىن ئىككى كىشىلىك تاماق بۇيرۇتتى . بۇنىڭدىن ئۇكام ئىككىلىمىز ھەيران قالدۇق _تە؛
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
_ ئاپا، نىمىشقا ئىككى كىشلىك تاماق بۇيرۇتىسىز ؟_ دېدۇق .ئاپام ؛
_ سىلەر يەۋىرىڭلار ،مېنىڭ ئاشخاننىڭ تامىقى بىلەن خوشۇم يوق ،_ دېدى . تاماق چىقتى . ئەمما تاماقىنى ئاپامنى قارىتىپ قۇيۇپ يىگۈم كەلمىدى.ئاپامنىڭ زادى نىمە ئۇچۈن تاماق يىمەيدىغانلىقىنى ئويلاندىم .<< توۋا ئاپام ناشتىنى بىزدىن بۇرۇن قىلغان تۇرسا ، قۇرسىقى ئاچماسلىقى مۇمكىنمۇ ؟>> تۇيۇقسىز كاللامم ئېچىلىپ كەتكەندەك بولدى . << توغرا ھازىر ئاي ئاخىرى، ئۆيدە پۇل ئاز قالغان بولىشى مۇمكىن. ئەسلىدە ئاپام پۇلىنى تىجەش ئۇچۈن تاماق يىمەپتىكەن ئەمەسمۇ ؟! >> مۇشۇلارنى ئويلاۋاتقان ۋاقتىمدا تۇيۇقسىز قورساقىنىڭ غۇرۇلدىغان ئاۋازى ئاڭلاندى . بۇ ئاۋاز ئاپامنىڭ قورسىقىدىن چىققان ئاۋاز ئىدى . بۇ ئاپامنىڭ قورسىقىنىڭ قاتتىق ئىچىپ كەتكىنى بولماي نىمە ؟!مۇشۇ چاغدا ئاپامنىڭ بىز ئۇچۈن قانچىلىك جاپالارنى چىكىپ كىلىۋاتقانىلىقىنى بىلىپ يەتتىم . دادام بولمىغاچقا ،ئاپام بىزگە ھەم ئانا ،ھەم دادا بولۇپ نەقەدەر جاپا چىكىۋاتقانلىقىنى مانا بۈگۈن ھىس قىلىپ يەتتىم . ئۆزۈمنىڭ ئىلىگىرى قىلغان ئەسكىلىكلىرىمنى ئويلاپ يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ كەتتىم _ دە ؛
_ ئاپا ، بۇ ئاش بەك جىق ئىكەن ، يەپ بولالمىغۇدەكمەن،_ دېدىم _ دە ، قاچچىدىن بىرىنى ئەكېلىپ ،ئاپامنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارماي ، ئېشىمدىن بۆلۈپ بەردىم .
ئاشخانىدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىم تازا ئېسىمدە يوق .ئۆيىگە كىلىپ ئاپامنىڭ بويىنىغا ئىسىلىپ قاتتىق يىغلاپ كەتتىم .ئاپام نىمە بولغانلىقىن ئاڭقىرالماي تۇرۇپلا قالىدى . مانا مۇشۇ ئىشىتىن كىيىن ئاپامغا بولىغان ھۆرمىتىم ھەسىسىلەپ ئاشىتى . ھازىر ھەممىنى چۈشەندىم .ئاپامنىڭ بىزىنى ئوينىغىلى قويماسىلىقىدكى سەۋەپ ،بىزنى ئويۇن خۇمار بولۇپ ،تاپتىن چىقىپ كەتمىسۇن دەپ ئەندىشە قىلىشى ئىكەن . ياخىشى نەرسىلەرنى بىزگە ئىلىپ بەرگۈسى بولىسىمۇ ،ئەمما ئائىلىمىزنىڭ پۈتۈن ئىقىتىسادىنى ئاپام يالغۇز قانداپ كىلۋاتقان بولىغاچقا قۇربى يەتمەي ئىلىپ بەرمىگەن ئىكەن . مانا ئوقۇشۇم بۇرۇنقىدىن ياخىشى ،ئاپام مۇشۇنداق زور بەدەللەرنى تۆلىمىگەن بولسا ، مەن بەلكىم كوچىدا ؛لاغايلاپ يۇرىيدىغان بالىلاردىن پەرقىم يوق بىر ناچار ئوقۇغۇچى بولۇپ قىلىشىم مۇمكىن ئىدى . ئاپام ئۆز ھەركىتى بىلەن ،مىنىڭ كەلگۈسۈمنى ئۆزگەرتتى .
مەنبە ؛<<پەن ۋە تۇرمۇش >>ناملىق ژورنالدىن ئىلىندى .